yasinjan0997 يوللانغان ۋاقتى 2012-9-9 15:43:11

مىنكاۋخەن بالىلارنىڭ ئۇيغۇرچە ئۆگۈنۈشى ئۈچۈن ماتىرىيال تەۋسىيە قىلساڭلار

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئىزدىنىش ئەھلى،



بۇ يىل تۇلۇق بىرىنچى يىللىققا قوبۇل قىلىنغان مىنكاۋخەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ
ئۇيغۇرچە ئۆگۈنۈشى ئۈچۈن ئۇيغۇرچە ماتىرىيال لازىم بولۇپ قالدى. ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ
ئۇيغۇرتىلى سەۋىيىسى ناھايىتى تۆۋەن بولغانلىقتىن تۇلۇق ئوتتۇرا تىل-ئەدەبىيات
دەرسىنى ئۆگۈنۈشتە زور قىيىنچىلىققا ئۇچرىدى. شۇڭا ئوقۇغۇچىلىرىمغا ئۇيغۇر تىلى
ئۆگۈتۈش ئۈچۈن بالىلارنى قىزىقتۇرالايدىغان چۆچەك، ھىكايە، يۇمۇر، لەتىپە،
تېپىشماق، يەنە تۇلۇقسىز ئوتتۇرىدا ئۆگۈنۈپ بولۇشقا تېگىشلىك تىل ۋە ئەدەبىيات
بىلىملىرى، مەدەنيەت، تارىخ، پەن-تېخنىكا قاتارلىق ھەر ساھەگە چېتىلىدىغان پەننى
ئومۇملاشتۇرۇش بىلىملىرى دېگەندەك نەرسىلەرنى تارقىتىپ ، ئوقۇپ چۈشىنىش سۇئالى
شەكلىدە بالىلارنى مەشىقلەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ تىل بايلىقىنى كۆپەيتمەكچى ۋە ئۇيغۇرچە
تەپەككۇرىنى كۈچەيتمەكچى ئىدىم.



لىكىن ئىشنىڭ جىقلىقىدا يېتەرلىك ماتېرىياللارنى ئىزدەپ تېپىپ ئۇنى بىردىن
كومپيوتېردا ئۇرۇپ بولۇش ئۈچۈن جىق ۋاقىت كېتىدىكەن، شۇڭا تورداشلارنىڭ تور يۈزىدە
يۇقىرىقىدەك ماتېرىياللار بولسا تەۋسىيە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.



ماتىرىيالنىڭ تىلى ئاددى، ئوقۇغۇچىلارنى جەلىپ قىلىدىغان، تەربىيىۋى ئەھمىيىتى
بار بولسا تېخىمۇ ياخشى.


ئېلىكىتاپ بولسا 860688046@qq.com غا يوللاپ بەرسەڭلار بولىدۇ.


كىتاپخانىلاردا سېتىلىۋاتقان ياخشى كىتاپلار بولسا تەۋسىيە قىلساڭلارمۇ بولىدۇ.



ياردەم قىلماقچى بولغانلارغا رەھمەت!

bendora يوللانغان ۋاقتى 2012-9-9 23:27:56

ئايرىم تۈزۈلگەن گرامماتىكا كىتابىدىن بىرسى مەندە بار، بۇرۇنقىسى. ئۇندىن باشقا مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنۋىرسىتىتى تۈزگەن گرامماتىكا ئوقۇشلۇقىمۇ باغۇ دەيمەن، توردىن چۈشۈرۋالغان ئۇنى...

atiyan يوللانغان ۋاقتى 2012-9-10 06:52:43

15- قەۋەتتىكى Ulanbayنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

14- قەۋەتتىكى atiyanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

12- قەۋەتتىكى Ulanbayنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئۈچ يىل بولدى، مەنمۇ ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىدىغان تولۇق ئۈچىنچى يىللىقتىكى خەن تىللىق ئوقۇغۇچىلارغا ئىشتىن سىرت دەرس بېرىپ يېتەكلەۋاتىمەن.

ئەگەر ئۇلارنىڭ ساۋادى چىقىپ بولغان بولسا، سىز بىۋاستىلا ئۇيغۇر تىلىنىڭ فونېتىكا، لېكسىكا، گرامماتىكا قاتارلىق ئۈچ تەركىبى قىسمىنى ئۆتۈشنى باشلاڭ. ئەگەردە ئۇيغۇر تىلىنىڭ بۇ ئۈچ قىسمىغا نىسبەتەن تونۇشىڭىز يېتەرلىك بولمىسا، (ئۆزىڭىزمۇ دەپسىز، مەن تىل-ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇمىغان دەپ) شۇڭا، پەقەتلا ئۇلارنى قىسقا ھېكايىلەرنى، مەسەللەرنى، يۇمۇرلارنى تېز ئوقۇپ،  تېز چۈشىنىش قاتارلىق جەھەتلەردىن يېتەكلىسىڭىز بولىدۇ.

گرامماتىكا قىسمىنى مەخسۇس ئەدەبىيات ئوقۇغان ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى يېتەكلىگەن ياخشى.  



مىنىڭچە ئۇيغۇرغا فونتىكا ، لىكسىكا ، گىرامماتىكا دىگەندەكلەرنى ئۈگىتىشنىڭ ھاجىتى يوق ، مانا مەنمۇ بۇلارنى ھازىرغىچە چۈشەنمەيمەن ، بىراق ئەينى چاغدا ئالى مەكتەپ ئەدەبىيات ئىمتىھانىدا 132 نۇمۇر ئىلىپ ئۆتكەن ، بۇلارنى ئىنچىكىلەپ ئۈگىنىمەن دىسە ۋاقىت كۆپ كىتىدۇ ،  تومۇرىدا ئىقىۋاتقان قاننىڭ ئۆزىلا كۇپايە ، ئۇلار ھەرقانچە خەن زۇۋان بولسىمۇ كىچىك ۋاختىدا <ئانا ، دادا ، مەممە> دەپ تىل چىققان بولغىيتى ؟.... دىمەك ئۇلارغا پەقەت ئۇيغۇرچە سۆزلىشىدىغان مۇھىت ، ئۇيغۇرچە ئۈگىنىدىغان مۇھىتلا كەمچىل ، ئەگەر ساۋادى چىقىپ بولغان بولسا ئۇيغۇرچە كىتاب كۆچۈرسۇن ،ئۇيغۇرچە كىتاب ئوقۇسۇن ، ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق ئەسەرلەرنى ئاڭلىسۇن ، بىر قىسىم رومان پوۋىسىتلارنىڭ ئاۋازلىق نۇسخىسى بىلەن يىزىقىنى ماس قەدەمدە ئاڭلاپ ۋە يىزىپ ئۈگەنسۇن . ئاشۇ ئىنگىلىز تىلى ، روس، نىمىس ،ياپون ، فىرانسۇس تىللىرىنى بىر يىلغا قالماي ئۈگىنىپ بولالايدىغان ئۇيغۇرلىرىمىز ئەجىبا ئۆزىنىڭ ئانا تىلىنى ئۈگىنەلمەسما ؟....


قىز دوستۇممۇ ئاشۇنداق خەن زۇۋان ، ئەمما ئۇيغۇرچىنى ئۆزى ئۈگىنىشنى باشلىۋەتتى، ئۇنىڭغا بىر قانچە رومان كىتاپ ئىلىپ بەردىم ، قىشلىق تەتىلغىچە قويۇلىدىغان تەلەپ رومان كىتاپتىن بىرنى كۆچۈرۈپ تۈگىتىش ، رومان كىتابتىن بىرنى راۋان ئوقۇشنى بىلىش ، بىر رومان كىتابنىڭ ئاۋازلىق نۇسخىسىنى كەم دىگەندە 5 قىتىم ئاڭلاپ تۈگىتىش ... دەسلىپىدە ئۇنىڭغا سەل ئىغىر كەلدى ،ئۇنىڭغا ئىدىيىۋى خىزمەتنىمۇ خىلى ئىشلىدىم ،  بولمىدى ، ئاخىرى بىرىپ  قاپاقنى بولۇشىغا تۈرۈپ كۆزىنىڭ ئىچكىرىسىگە يوغان بىر قاراپتىم شۈمشەرەپ ماقۇللا دىدى ، بايقۇشنىڭ ئاشۇ چاغدىكى تۇرقىغا قاراپ يۈرىكىمنىڭ بىر يەرلىرى پىژژىدە قىپ قالدى، قانداق قىلىمىز دەيسىز ؟  ئەمدى سەل قاتتىق قول بولمىسا بولمايدىكەن بەزىدە .


  



ئۇيغۇر بالىلارغا ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسىنى ئۆتۈش ھاجەتسىز دەڭ.

80-يىللارنىڭ ئاخىرى 90-يىللارنىڭ باشلىرى بىز ئوقۇۋاتقان چاغلاردا، ئۇيغۇر تىلى ئۈچ قىسىم كىتاب بار ئىدى. ئۇيغۇر تىلى دەرس ئايرىم دەرس قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلاتتى.

مانا ھازىر ئۇ ئۇيغۇر تىلى كىتابلىرى يوقاپ، ئۇيغۇر تىلى بىلىملىرى ئەدەبىيات بىلىملىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈۋېتىلدى. ھەتتا ئۇيغۇر تىلىغىمۇ ئايرىم دەرس ۋاقتى بېرىلمەيدىغان بولدى. ئەسلى سىزدەك ئويلايدىغان كىشىلەر كۆپەيگەنسېرى بولۇۋاتقان ئىشلار ئىكەن-دە بۇ. ئەپسۇس!




ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا، ئۈگەنسىلا ئالالايدىغان نومۇر دەل، ئۇيغۇر تىلى بىلىملىرىدىن، كلاسسىك ئەدەبىيات قىسمىدىن، ئەدەبىياتتىكى تېكىستتىن چىقىرىلغان بىر قىسىم سوئاللاردىن ۋە ماقالە قىسمىدىن ئالىدىغان نومۇردۇر.

كىتابتىن سىرتقى تەھلىل سوئاللىرىغا ھېچكىم ھۆددە قىلالمايدۇ. چۈنكى، ئوقۇپ چۈشىنىش، تەھلىل قىلىش بىر ئىككى يىلدا يېتىلىدىغان قابىلىيەت ئەمەس.

ئۇيغۇر تىلى بىلىملىرى ھەر بىر ئۇيغۇر بىلىشكە تېگىشلىك، سەل قاراشقا بولمايدىغان مۇھىم ئىش.

ساۋادى چىقىپ بولغان ھەرقانداق ئادەمگە دەسلەپتىلا،

سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ۋە ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىش قانۇنىيىتى، سوزۇق تاۋۇشلاردىكى چۈشۈپ قېلىش، قوشۇلۇپ قېلىش قاتارلىق بىلىملەرنى ئۆگىتىش زۆرۈردۇر. مانا مۇشۇ بىلىملەرنى بىلگەن ئادەم ئىملا خاتالىقى يۈز بەرمەسلىككە ئەھمىيەت بېرىدىغان بولىدۇ.




بۇنداق ئىتتىك ئەپسۇسلىنىپ كەتمەڭ ، بەلكىم سىز ھىس قىلغاننى مەن ھىس قىلالمىغان ، مەن ھىس قىلغاننى سىز ھىس قىلالمىغان بولىشىڭىز مۇمكىن ، ھەممە ئىشقا بۇنداق پىرىنسىپ ، قائىدە تۈزۈم سۆزلىگەن ئاقمايدۇ .

atiyan يوللانغان ۋاقتى 2012-9-10 06:53:32

19- قەۋەتتىكى kantirنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

14- قەۋەتتىكى atiyanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

12- قەۋەتتىكى Ulanbayنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئۈچ يىل بولدى، مەنمۇ ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىدىغان تولۇق ئۈچىنچى يىللىقتىكى خەن تىللىق ئوقۇغۇچىلارغا ئىشتىن سىرت دەرس بېرىپ يېتەكلەۋاتىمەن.

ئەگەر ئۇلارنىڭ ساۋادى چىقىپ بولغان بولسا، سىز بىۋاستىلا ئۇيغۇر تىلىنىڭ فونېتىكا، لېكسىكا، گرامماتىكا قاتارلىق ئۈچ تەركىبى قىسمىنى ئۆتۈشنى باشلاڭ. ئەگەردە ئۇيغۇر تىلىنىڭ بۇ ئۈچ قىسمىغا نىسبەتەن تونۇشىڭىز يېتەرلىك بولمىسا، (ئۆزىڭىزمۇ دەپسىز، مەن تىل-ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇمىغان دەپ) شۇڭا، پەقەتلا ئۇلارنى قىسقا ھېكايىلەرنى، مەسەللەرنى، يۇمۇرلارنى تېز ئوقۇپ،  تېز چۈشىنىش قاتارلىق جەھەتلەردىن يېتەكلىسىڭىز بولىدۇ.

گرامماتىكا قىسمىنى مەخسۇس ئەدەبىيات ئوقۇغان ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى يېتەكلىگەن ياخشى.  



مىنىڭچە ئۇيغۇرغا فونتىكا ، لىكسىكا ، گىرامماتىكا دىگەندەكلەرنى ئۈگىتىشنىڭ ھاجىتى يوق ، .


  



كاللىڭىزنىڭ بىر قىسمى ئارتۇقكەن.  



مەن سىزنى بىر قىسمى كەمدەكلا ھىس قىلدىم . بۇ گىپىڭىزنى ئۈستىكىدىكى   Ulanbayغا دىسىڭىز ماس كىلەكەن ئەسلى !.....

atiyan يوللانغان ۋاقتى 2012-9-10 07:12:48

20- قەۋەتتىكى ozturk123نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئاتىيان ئۇكام بىر يەرلىرىڭىز ماڭا سەل ئوخشاپ قالىدىكەن جۇمۇ( قىز دوستۇم دىگەن بايانىڭىزغا قاراپ ئۇكام دەۋەردىم،2-سى ئەمەستۇ-ھە؟چاقچاق قىلىپ قويدۇم)

مەنغۇ ئوغلۇمنى ئۇيغۇرچىغا بەرگەن،كىچىكىدە يولدا ئىت يېتىلەپ كېتىۋاتقان يولداشلارنى كۆرسە،دادا ئاۋۇ كۈچۈك ،يېتىلىۋالغان داداشنىڭمۇ؟دەپ سورىغانتى شۇنداق ئاچچىغىم كېلىپ،ھەئە ئاشۇ ئادەمنىڭ بالىسى،دەپتىمەن،بالام خېلى كۈنلەرگىچە كوچىدا ئىت يېتىلىۋالغان يولداشلارنى كۆرسىلا:دادا ئاۋۇ ئادەمنىڭ بالىسى چىرايلىقكەن..ئاۋۇ ئادەمنىڭ بالىسى سەتكەن دەپ يۈردى.تازا چاتاق يېرى بالام يولداشلارنى تازا ياراتمايدىغان چىقىپ قالدى(ئۆزىنىڭغۇ ئوقۇشى چاغلىق بولمىسا) \"\"  



مەيلى ئۇكام دەۋىرىڭ ، چوڭلارنى ھۆرمەتلەش ، كىچىكلەرنى ئىززەتلەش كىرەك ، تىل چىقىپ تاتلىق گەپ قىلىپ بىرىدىغان بالىڭىزمۇ باركەن ، قارىغاندا  مەن سىزدىن جىق كىچىك ئوخشايمەن .  ئوماق بالىڭىزنى تەربىلىشىڭىزدىن ئەڭ ئاددى ئۈمىدىم : مۇشۇ يىقىننىڭزى خىنىم مىجەز ئوغۇللارنى بەك كۆپ ئۇچرىتىپ كەتتىم (بۇرۇنلاردا ‹ئەينو› دەپ قويىتۇق ، ھازىر زاماندىن قاپتۇ بۇ گەپلەر)، ئوغۇل مىجەز ئادەم بولسۇن ،ساقال بۇرۇت قويۇپ بىر چىشلەم گۆشى ئارتۇق بولسىلا ئوغۇل بالا بولمايدۇ ، ياۋلارنىڭ يۈرىكىنى تىترىتىپ دوسلىرىنىڭ كۆڭلىنى ئالالىسا ھىساب ، نىمە دىسە ‹ماقۇل › دەيدىغان گوش باش خاشۇ كاللا بولۇپ قالمىسۇن .  كەپسىزرەك چوڭ بولسا بولسۇنكى ھەرگىز ئىككى ئىغىز گەپ قىلسا يىغلىۋىتىدىغان بولۇپ قالمىسۇن . ھازىرقى بىرقىسىم ئوغۇللارغۇ كۇسۇك ئىتتەك قىزلارنىڭ قولتۇقىدىن چىقالماي ،  سومكىسىنى كۆتۈرۈپ جاھاندارچىلىق قىلىدىغان بولۇپ كەتتى .

tahir17 يوللانغان ۋاقتى 2012-9-9 16:30:06

نېمە دېگەن ئېچىنىشلىق ھە ؟

مۇشۇ بىچارە بالىلارنىڭ ئاتا- ئانىسى بولمىش   الارنىڭ باللىرىنىڭ مۇشۇ كۈنگە قېلىشىنى بالدۇرراق ئويلاپ يەتكەن بولسا...

tahir17 يوللانغان ۋاقتى 2012-9-9 16:31:43

ئۆزىڭىزگە ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا قائىدىسى دېگەن كىتابنى تەۋسىيە قىلاي.

misiran يوللانغان ۋاقتى 2012-9-9 16:41:56

تۈۋەدىكى تور بەتنى كۆرۈپ بېقىڭ:

http://www.misiran.com/Learn-ug.aspx

xaptulqiqiki يوللانغان ۋاقتى 2012-9-9 16:46:31

ئۇلار ئۇيغۇرچە سىنىپقا ئالماشقانلارما؟

nurfiya يوللانغان ۋاقتى 2012-9-9 16:51:51

مۇشۇ

ك

( منىكاۋخەن )دىگەنمۇ بولمايدىغان ئىشكەن ،ئاكاملارنىڭ قىزى دەل شۇنداقلاردىن .ھازىرچە ئويغۇرچىنى ئۆيدە مەجبۇرى ئۆگىنىۋاتىدۇ   {:106:}

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2012-9-9 16:54:27

بىكار ۋاقىتتا بالىلارغا ئۇيغۇرلار تارىخىدىكى ئۈلگىلىك شەخىس-ۋەقەلەرنى، شان-شۆھرەتلىرىنى جەلب قىلارلىق ھالدا سۆزلەپ بېرىڭ، ئاندىن شۇنىڭ ماتېرىيالىنى تارقىتىپ بېرىڭ، ياكى تەپسىلاتىنى قايسى كىتابلارنى تاپالايدىغانلىقىنى دەپ بېرىڭ، ئۆزىنى ئىزەپ ئوقۇشقا قىزىقتۇرۇڭ. تارىخنى ئوقۇشقا خوش ياقمايدىغان بالىلارمۇ ئاڭلاشقا ئامراق. ھازىر ئۇ بالىلارغا «تېكىستنىڭ ئاساسى مەزمۇنى»، ئۇيغۇر تىلىنىڭ گرامماتىكىلى قۇرۇلمىسى... دېگەندەك نەزىرىيىۋى نەرسىلەر خوش ياقمايدۇ.

ئۇيغۇر تىلىنى ئاڭلاپ چۈشىنلەيدىغان بولغاندىكىن، يېزىققا كۆندۈرۈشنىڭ ئۇسۇلى كۆپلەپ كىتاب ئوقۇشقا مايىل قىلىش، لېكىن تولۇق ئوتتۇرىنىڭ ئوقوغۇچىلىرىنىڭ ئۆگىنىش بېسىمى سەل ئېغىر، كىتاب ئوقۇغىسى بارلارنىڭمۇ ئوقۇپ كېتىشى ناتايىن.

bendora يوللانغان ۋاقتى 2012-9-9 17:18:46

ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەركىبىقىسىم لىرىقايسىلار؟

مانا ئۇلارنىڭ يازغان ئۇيغۇرچىسى، ئېسىمدە تازا قالماپتۇ تېخى...

yasinjan0997 يوللانغان ۋاقتى 2012-9-9 17:18:57

ئوقۇغۇچىلىرىم باشلانغۇچ ۋە تۇلۇقسىزنى خەنزۇچە ئوقۇپ ئۇيغۇر تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مىنكاۋخەن سىنىپىغا قۇبۇل قىلىنغان. تىل-ئەدەبىياتتىن باشقىسى خەنزۇچە ئۆتۈلىدۇ. ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىدا تىل-ئەدەبىياتتىمۇ ئوتتۇراھال نومۇر ئېلىش ئۈچۈن  ھازىردىن باشلاپ ئۇلارغا ئۇيغۇر تىلىنى سىستىمىلىق ئۆگۈتۈشنى ئويلىغان. شەخسەن ئۆزۈم تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ئەمەس. تۇلۇق ئوتتۇرىنىمۇ خەنزۇ مەكتەپتە ئوقۇغان. لىكىن تۇلۇقسىزدا تىل ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىمىز مىنى ئەدەبىياتقا بەك قىزىقتۇرىۋېتىپتىكەن. شۇڭىلاشقا كىيىن 10-20 پارچىدەك رومان ئوقۇپتىمەن.



ھازىر ئۇيغۇر تىلى ئۆگىتىشنى ھەر كۈنلۈك خىزمەتنىڭ مۇھىم بىر قىسىمى قاتارىدا ئېلىپ بارماقچى. بۇ ئىشلارنى مەكتەپ رەھبەرلىرىمۇ قوللىدى. لىكىن ئۆزەم سەل يىتىشىپ بولالمايۋاتىمەن. ماتىرىيال كەمچىل.



كۆپچىلىكنىڭ ماتىرىيال تەۋسىيە قىلىشىنى  ئۈمىد قىلىمەن. 32 ھەرىپنى بالىلار ئاساسەن ئۆگۈنۈپ بولدى. يۇقىرىدا ئېيتىلغان چۆچەك، لەتىپە، ھىكايە، تارىخ ۋە باشقا ساھەلەرگە مۇناسىۋەتلىك تىلى ئاددى، ئوقۇغۇچىلارنى جەلىپ قىلىدىغان ماتىرىياللار بولسا بولىدۇ.

رەھمەت.

gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2012-9-9 17:47:41

مىنكاۋخەن ئەمەس خەنزۇۋان.

Ulanbay يوللانغان ۋاقتى 2012-9-9 17:50:19

ئۈچ يىل بولدى، مەنمۇ ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىدىغان تولۇق ئۈچىنچى يىللىقتىكى خەن تىللىق ئوقۇغۇچىلارغا ئىشتىن سىرت دەرس بېرىپ يېتەكلەۋاتىمەن.

ئەگەر ئۇلارنىڭ ساۋادى چىقىپ بولغان بولسا، سىز بىۋاستىلا ئۇيغۇر تىلىنىڭ فونېتىكا، لېكسىكا، گرامماتىكا قاتارلىق ئۈچ تەركىبى قىسمىنى ئۆتۈشنى باشلاڭ. ئەگەردە ئۇيغۇر تىلىنىڭ بۇ ئۈچ قىسمىغا نىسبەتەن تونۇشىڭىز يېتەرلىك بولمىسا، (ئۆزىڭىزمۇ دەپسىز، مەن تىل-ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇمىغان دەپ) شۇڭا، پەقەتلا ئۇلارنى قىسقا ھېكايىلەرنى، مەسەللەرنى، يۇمۇرلارنى تېز ئوقۇپ،  تېز چۈشىنىش قاتارلىق جەھەتلەردىن يېتەكلىسىڭىز بولىدۇ.

گرامماتىكا قىسمىنى مەخسۇس ئەدەبىيات ئوقۇغان ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى يېتەكلىگەن ياخشى.

yarzat يوللانغان ۋاقتى 2012-9-9 18:17:05

مېنىڭ قىززىممۇ خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقۇيدۇ.لېكىن مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇنلا ئۇيغۇرچە ساۋادىنى ئۆزۈم چىقارغان.كىتابنى راۋان ئوقۇيالايدۇ.مەن ئوقۇپ بەرسەم

ناھايىتى ياخشى يازىدۇ.گىرامماتىكىسىمۇ ياخشى.مەكتەپتىن باشقا يەرلەردە خەنزۇچە سۆزلىمەيدۇ.ئۆيدە سۆزلەپ قالسىغۇ تەستەك بار.

atiyan يوللانغان ۋاقتى 2012-9-9 19:09:09

12- قەۋەتتىكى Ulanbayنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئۈچ يىل بولدى، مەنمۇ ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىدىغان تولۇق ئۈچىنچى يىللىقتىكى خەن تىللىق ئوقۇغۇچىلارغا ئىشتىن سىرت دەرس بېرىپ يېتەكلەۋاتىمەن.

ئەگەر ئۇلارنىڭ ساۋادى چىقىپ بولغان بولسا، سىز بىۋاستىلا ئۇيغۇر تىلىنىڭ فونېتىكا، لېكسىكا، گرامماتىكا قاتارلىق ئۈچ تەركىبى قىسمىنى ئۆتۈشنى باشلاڭ. ئەگەردە ئۇيغۇر تىلىنىڭ بۇ ئۈچ قىسمىغا نىسبەتەن تونۇشىڭىز يېتەرلىك بولمىسا، (ئۆزىڭىزمۇ دەپسىز، مەن تىل-ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇمىغان دەپ) شۇڭا، پەقەتلا ئۇلارنى قىسقا ھېكايىلەرنى، مەسەللەرنى، يۇمۇرلارنى تېز ئوقۇپ،  تېز چۈشىنىش قاتارلىق جەھەتلەردىن يېتەكلىسىڭىز بولىدۇ.

گرامماتىكا قىسمىنى مەخسۇس ئەدەبىيات ئوقۇغان ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى يېتەكلىگەن ياخشى.  



مىنىڭچە ئۇيغۇرغا فونتىكا ، لىكسىكا ، گىرامماتىكا دىگەندەكلەرنى ئۈگىتىشنىڭ ھاجىتى يوق ، مانا مەنمۇ بۇلارنى ھازىرغىچە چۈشەنمەيمەن ، بىراق ئەينى چاغدا ئالى مەكتەپ ئەدەبىيات ئىمتىھانىدا 132 نۇمۇر ئىلىپ ئۆتكەن ، بۇلارنى ئىنچىكىلەپ ئۈگىنىمەن دىسە ۋاقىت كۆپ كىتىدۇ ،  تومۇرىدا ئىقىۋاتقان قاننىڭ ئۆزىلا كۇپايە ، ئۇلار ھەرقانچە خەن زۇۋان بولسىمۇ كىچىك ۋاختىدا <ئانا ، دادا ، مەممە> دەپ تىل چىققان بولغىيتى ؟.... دىمەك ئۇلارغا پەقەت ئۇيغۇرچە سۆزلىشىدىغان مۇھىت ، ئۇيغۇرچە ئۈگىنىدىغان مۇھىتلا كەمچىل ، ئەگەر ساۋادى چىقىپ بولغان بولسا ئۇيغۇرچە كىتاب كۆچۈرسۇن ،ئۇيغۇرچە كىتاب ئوقۇسۇن ، ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق ئەسەرلەرنى ئاڭلىسۇن ، بىر قىسىم رومان پوۋىسىتلارنىڭ ئاۋازلىق نۇسخىسى بىلەن يىزىقىنى ماس قەدەمدە ئاڭلاپ ۋە يىزىپ ئۈگەنسۇن . ئاشۇ ئىنگىلىز تىلى ، روس، نىمىس ،ياپون ، فىرانسۇس تىللىرىنى بىر يىلغا قالماي ئۈگىنىپ بولالايدىغان ئۇيغۇرلىرىمىز ئەجىبا ئۆزىنىڭ ئانا تىلىنى ئۈگىنەلمەسما ؟....


قىز دوستۇممۇ ئاشۇنداق خەن زۇۋان ، ئەمما ئۇيغۇرچىنى ئۆزى ئۈگىنىشنى باشلىۋەتتى، ئۇنىڭغا بىر قانچە رومان كىتاپ ئىلىپ بەردىم ، قىشلىق تەتىلغىچە قويۇلىدىغان تەلەپ رومان كىتاپتىن بىرنى كۆچۈرۈپ تۈگىتىش ، رومان كىتابتىن بىرنى راۋان ئوقۇشنى بىلىش ، بىر رومان كىتابنىڭ ئاۋازلىق نۇسخىسىنى كەم دىگەندە 5 قىتىم ئاڭلاپ تۈگىتىش ... دەسلىپىدە ئۇنىڭغا سەل ئىغىر كەلدى ،ئۇنىڭغا ئىدىيىۋى خىزمەتنىمۇ خىلى ئىشلىدىم ،  بولمىدى ، ئاخىرى بىرىپ  قاپاقنى بولۇشىغا تۈرۈپ كۆزىنىڭ ئىچكىرىسىگە يوغان بىر قاراپتىم شۈمشەرەپ ماقۇللا دىدى ، بايقۇشنىڭ ئاشۇ چاغدىكى تۇرقىغا قاراپ يۈرىكىمنىڭ بىر يەرلىرى پىژژىدە قىپ قالدى، قانداق قىلىمىز دەيسىز ؟  ئەمدى سەل قاتتىق قول بولمىسا بولمايدىكەن بەزىدە .


  

Ulanbay يوللانغان ۋاقتى 2012-9-9 19:59:04

14- قەۋەتتىكى atiyanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

12- قەۋەتتىكى Ulanbayنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئۈچ يىل بولدى، مەنمۇ ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىدىغان تولۇق ئۈچىنچى يىللىقتىكى خەن تىللىق ئوقۇغۇچىلارغا ئىشتىن سىرت دەرس بېرىپ يېتەكلەۋاتىمەن.

ئەگەر ئۇلارنىڭ ساۋادى چىقىپ بولغان بولسا، سىز بىۋاستىلا ئۇيغۇر تىلىنىڭ فونېتىكا، لېكسىكا، گرامماتىكا قاتارلىق ئۈچ تەركىبى قىسمىنى ئۆتۈشنى باشلاڭ. ئەگەردە ئۇيغۇر تىلىنىڭ بۇ ئۈچ قىسمىغا نىسبەتەن تونۇشىڭىز يېتەرلىك بولمىسا، (ئۆزىڭىزمۇ دەپسىز، مەن تىل-ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇمىغان دەپ) شۇڭا، پەقەتلا ئۇلارنى قىسقا ھېكايىلەرنى، مەسەللەرنى، يۇمۇرلارنى تېز ئوقۇپ،  تېز چۈشىنىش قاتارلىق جەھەتلەردىن يېتەكلىسىڭىز بولىدۇ.

گرامماتىكا قىسمىنى مەخسۇس ئەدەبىيات ئوقۇغان ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى يېتەكلىگەن ياخشى.  



مىنىڭچە ئۇيغۇرغا فونتىكا ، لىكسىكا ، گىرامماتىكا دىگەندەكلەرنى ئۈگىتىشنىڭ ھاجىتى يوق ، مانا مەنمۇ بۇلارنى ھازىرغىچە چۈشەنمەيمەن ، بىراق ئەينى چاغدا ئالى مەكتەپ ئەدەبىيات ئىمتىھانىدا 132 نۇمۇر ئىلىپ ئۆتكەن ، بۇلارنى ئىنچىكىلەپ ئۈگىنىمەن دىسە ۋاقىت كۆپ كىتىدۇ ،  تومۇرىدا ئىقىۋاتقان قاننىڭ ئۆزىلا كۇپايە ، ئۇلار ھەرقانچە خەن زۇۋان بولسىمۇ كىچىك ۋاختىدا <ئانا ، دادا ، مەممە> دەپ تىل چىققان بولغىيتى ؟.... دىمەك ئۇلارغا پەقەت ئۇيغۇرچە سۆزلىشىدىغان مۇھىت ، ئۇيغۇرچە ئۈگىنىدىغان مۇھىتلا كەمچىل ، ئەگەر ساۋادى چىقىپ بولغان بولسا ئۇيغۇرچە كىتاب كۆچۈرسۇن ،ئۇيغۇرچە كىتاب ئوقۇسۇن ، ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق ئەسەرلەرنى ئاڭلىسۇن ، بىر قىسىم رومان پوۋىسىتلارنىڭ ئاۋازلىق نۇسخىسى بىلەن يىزىقىنى ماس قەدەمدە ئاڭلاپ ۋە يىزىپ ئۈگەنسۇن . ئاشۇ ئىنگىلىز تىلى ، روس، نىمىس ،ياپون ، فىرانسۇس تىللىرىنى بىر يىلغا قالماي ئۈگىنىپ بولالايدىغان ئۇيغۇرلىرىمىز ئەجىبا ئۆزىنىڭ ئانا تىلىنى ئۈگىنەلمەسما ؟....


قىز دوستۇممۇ ئاشۇنداق خەن زۇۋان ، ئەمما ئۇيغۇرچىنى ئۆزى ئۈگىنىشنى باشلىۋەتتى، ئۇنىڭغا بىر قانچە رومان كىتاپ ئىلىپ بەردىم ، قىشلىق تەتىلغىچە قويۇلىدىغان تەلەپ رومان كىتاپتىن بىرنى كۆچۈرۈپ تۈگىتىش ، رومان كىتابتىن بىرنى راۋان ئوقۇشنى بىلىش ، بىر رومان كىتابنىڭ ئاۋازلىق نۇسخىسىنى كەم دىگەندە 5 قىتىم ئاڭلاپ تۈگىتىش ... دەسلىپىدە ئۇنىڭغا سەل ئىغىر كەلدى ،ئۇنىڭغا ئىدىيىۋى خىزمەتنىمۇ خىلى ئىشلىدىم ،  بولمىدى ، ئاخىرى بىرىپ  قاپاقنى بولۇشىغا تۈرۈپ كۆزىنىڭ ئىچكىرىسىگە يوغان بىر قاراپتىم شۈمشەرەپ ماقۇللا دىدى ، بايقۇشنىڭ ئاشۇ چاغدىكى تۇرقىغا قاراپ يۈرىكىمنىڭ بىر يەرلىرى پىژژىدە قىپ قالدى، قانداق قىلىمىز دەيسىز ؟  ئەمدى سەل قاتتىق قول بولمىسا بولمايدىكەن بەزىدە .


  



ئۇيغۇر بالىلارغا ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسىنى ئۆتۈش ھاجەتسىز دەڭ.

80-يىللارنىڭ ئاخىرى 90-يىللارنىڭ باشلىرى بىز ئوقۇۋاتقان چاغلاردا، ئۇيغۇر تىلى ئۈچ قىسىم كىتاب بار ئىدى. ئۇيغۇر تىلى دەرس ئايرىم دەرس قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلاتتى.

مانا ھازىر ئۇ ئۇيغۇر تىلى كىتابلىرى يوقاپ، ئۇيغۇر تىلى بىلىملىرى ئەدەبىيات بىلىملىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈۋېتىلدى. ھەتتا ئۇيغۇر تىلىغىمۇ ئايرىم دەرس ۋاقتى بېرىلمەيدىغان بولدى. ئەسلى سىزدەك ئويلايدىغان كىشىلەر كۆپەيگەنسېرى بولۇۋاتقان ئىشلار ئىكەن-دە بۇ. ئەپسۇس!




ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا، ئۈگەنسىلا ئالالايدىغان نومۇر دەل، ئۇيغۇر تىلى بىلىملىرىدىن، كلاسسىك ئەدەبىيات قىسمىدىن، ئەدەبىياتتىكى تېكىستتىن چىقىرىلغان بىر قىسىم سوئاللاردىن ۋە ماقالە قىسمىدىن ئالىدىغان نومۇردۇر.

كىتابتىن سىرتقى تەھلىل سوئاللىرىغا ھېچكىم ھۆددە قىلالمايدۇ. چۈنكى، ئوقۇپ چۈشىنىش، تەھلىل قىلىش بىر ئىككى يىلدا يېتىلىدىغان قابىلىيەت ئەمەس.

ئۇيغۇر تىلى بىلىملىرى ھەر بىر ئۇيغۇر بىلىشكە تېگىشلىك، سەل قاراشقا بولمايدىغان مۇھىم ئىش.

ساۋادى چىقىپ بولغان ھەرقانداق ئادەمگە دەسلەپتىلا،

سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ۋە ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىش قانۇنىيىتى، سوزۇق تاۋۇشلاردىكى چۈشۈپ قېلىش، قوشۇلۇپ قېلىش قاتارلىق بىلىملەرنى ئۆگىتىش زۆرۈردۇر. مانا مۇشۇ بىلىملەرنى بىلگەن ئادەم ئىملا خاتالىقى يۈز بەرمەسلىككە ئەھمىيەت بېرىدىغان بولىدۇ.

koqahawiri1 يوللانغان ۋاقتى 2012-9-9 20:26:27

دااااااات!! بالىنى خەنسۇچىدا ئوقۇتقانغا!! مانا مەن باشلانغۇچتا خەنسۇچەدا ئوقۇتۇپ ،كىچىكىپ ،ئەقلىمنى تىپىپ بۇ مەۋسۇم تولۇقسىزنى قوش تىلدا ئوقۇشقا بەردىم .مەندىن ئىبرەت ،پەرزەنتىڭلار چوڭ بولۇپ دىۋانە بولۇش قىسمىتىگە دۇچار بولۇش ئىھتىمالى بولسىمۇ ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىنىڭ تەربىيسى ئاستىدا ئوقۇسۇن !!!

Buduxkak يوللانغان ۋاقتى 2012-9-9 20:27:41

بۇرۇنقى مىنكاۋخەن بىلەن ھازىرقى مىنكاۋخەننىڭ پەرقى بەكلا چوڭ ئىكەن.

ئاددىيسى، مېنىڭ دادام ئۆزى مىڭكاۋخەن. ئەمما خەنزۇلار بىلەن پاراڭلاشسا خەنزۇچە گەپ قىلىدۇ. ئۇيغۇرلار بىلەن پاراڭلاشسا بىر ئېغىزمۇ خەنزۇچە گەپ قىلمايدۇ. ئۆيدىمۇ شۇ، بىر ئېغىز خەنزۇچە گەپ قىلمايدۇ. ئۇيغۇرچە يېزىقنى ئوقۇيالايدۇ ھەم يازالايدۇ. ئۇيغۇرچىنى ئۆزى ئۆگەنگەن. سېتىۋالغان لەتىپە-چۆچەك ھەم رومان كىتاپلىرى بار. \"\"

تېخى بەزىدە ئۆيگە كېلىپ ‹‹ بۈگۈن يولدا خەنزۇچە گەپ قىلىپ كېتىپ بارغان ئىككى ئۇيغۇر بالىنى كۆردۈم›› دەپ قاخشاپ سۆزلەپ كېتىدۇ.

مەن ئۇيغۇر تۇرۇپ خەنزۇچە پاراڭلىشىپ كېتىپ بارغانلارنى جىق ئۇچۇرتىمەن. بەزىدە گەپ قىلىمەن. بەزىدە بولدىلا دەپلا ئۆتكۈزىۋېتىمەن.

تېخى ئالدىنقى ھەپتىلا ئاپتوبۇستا كېتىپ بارسام جىق بولسا تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇيدىغان ئىككى قىز بالا 98% خەنزۇچە، ئىككى پىرسەنت ئۇيغۇرچە پاراڭلىشىپ ماڭدى. ئىككىسىنىڭ كەينىدە تۇرۇپ قاپتىكەنمەن. ئىچىم يامان سىقىلدى. ئاخىرى چىدىماي ‹‹ سىلەر ئۇيغۇرما؟›› دەپ سورىدىم. ئىككىسى ئىزامۇ تارتماي ‹‹ شۇنداق›› دەپ جاۋاپ بەردى. شۇنىڭ بىلەنلا گەپنى باشلاپ كەتتىم. بۇ يەردە دېگەن گېپىمنى دەپ ئولتۇرسام بەكلا جىق نەرسە يېزىۋەتكۈدەكمەن. سۆزلىگەندىمۇ دەھشەت سۆزلىۋەتتىم. ھېلىقى ئىككىسى ‹‹غىڭ›› قىلماي تۇردى. دەيدىغىنىمنى دەپ چۈشۈپ كەتتىم.

ئۇنىڭ ئالدىدا 7-ئايدا قەشقەرگە ساياھەتكە باردىم. ئايالىم ئىككىمىز ھەرەمباغدا تاماق يېدۇق. تاماقنى يەۋاتساق ياندىكى بىر ئايرىمخانىدا بەش قىز بالىنىڭ خەنزۇچە پاراڭلاشقىنى ئاڭلاندى. مەن تېخى يولداشلارمىكىن دەپتىمەن. بىردەمدىن كېيىن ئىچىدىن بىرسى پەردىنى قايرىپلا چىقتى. قارىسام ھەممىسى ئۇيغۇر قىزلار ئىكەن. مەن شۇ يەردىلا ‹‹ بىر گەپ قىلىپ باقايمۇ›› دېيىشىمگە ئايالىم ‹‹ بولدى قىلىڭ، بۇنداق ئادەملەرگە گەپ ئۆتمەيدۇ. نېمە چاتىقىڭ دېسە قانداق قىلىسىز. سىز بىر ئادەمنىڭ كۈچىشى بىلەن ئۆزگەرگەن بولسىدى، ئاللا بۇرۇن ئۆزگەرگەن بولاتتى.›› دېدى. ئويلاپ باقسام توغرا. گەپ قىلمىدىم.

ئابروي دەپ بىلەمدىغاندۇ بۇلار.
بەت: [1] 2
: مىنكاۋخەن بالىلارنىڭ ئۇيغۇرچە ئۆگۈنۈشى ئۈچۈن ماتىرىيال تەۋسىيە قىلساڭلار