تېلېۋىزىيە تىياتىرى: ‹ئەرۋاھ›
تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئىسمى: ئەرۋاھ
دۆلىتى: كورىيە:
يىلى: 2012
ئۇزۇنلۇقى: 20 قىسىم
نەچچە يىلنىڭ ياقى، يانفۇن، كىيۇ- كىيۇ تورلىرىدا، مۇكاپات چىققانلىق مەزمۇنىدىكى ئالدامچىلىق ئۇچۇرلىرى ناھايىتى كۆپ تارقىلىپ، كۆپ قىسىم كىشىلەر بىر- بىرىگە يانفۇندىكى ئۇچۇرنى كۆرسىتىپ «راستمۇ؟.. ، قانداق قىلاي؟..» دەپ سورىشىپ يۈردى. 2010- يىلدىن بېرى، ئالدامچىلىقىنىڭ تېخىمۇ كۆپ تۈرلىرى تور، يانفۇن بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىدى، ئەلۋەتتە، جىنايەتچىلەرنىڭ مەقسىتى، سىزنىڭ ساددا، ھاماقەتلەرچە ئاجىزلىقىڭىزدىن پايدىلىنىپ، مىڭنىڭ ئىچىدە ئوننى ئالدىيالىسا مەقسىتىگە يەتكەن بولدى.
ئادەتتىكى، ئاددىي پۇقرالار زىيان تارتسا، يەككە جەھەتتىن ئەجەللىك زىيان تارتمايدۇ، شۇڭا بىز يانفۇن، تورغا مۇناسىۋەتلىك ئالدامچىلىقنىڭ ئەڭ يوقىرى دەرىجىسىگە بىۋاستە ئۇچرىشالمايمىز، ئەگەر سىزنىڭ نەچچە يۈزدىن نەچچە مىڭغىچە خادىمىڭىز بار شىركەت زىيان تارتسا، بۇ ئەجەللىك بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى بۇ بىراقلا نۇرغۇن ئائىلىنىڭ ياشاشتىكى ئىقتىسادىي مەنپەئەتىدىن تارتىپ، تۇرمۇش خاتىرجەملىكى ھەتتا ھاياتىغىچە تەسىر قىلىدۇ. قولىدا 50 ئادەمنىڭ تۇرمۇشى ۋە ھاياتى ئامانەت قويۇلغان كىشىلەر بىلەن ئاددىي پۇقرالارنىڭ بىۋاستە ئۇچرىشىشى يوق دىيەرلىك بولغاچقا، ئاددىي پۇقرالاردا مۇداپىيە ئېڭى ھەرگىزمۇ كۆتىرىلىپ مەلۇم چەكتىن ئېشىپ كېتەلمەيدۇ.
بىراق، ھېچكىم ياغاچ چىلەكنىڭ ئەڭ قىسقا تاختىيى بولۇشنى ئارزۇلاپ كەتمەيدۇ.
كومپيۇتېر، يانفۇن، تور قاتارلىقلارنىڭ تۇرمۇشىمىزدىكى ئورتاقلىقى كۆپىيىپ، چىگراسى قىسقىراپ كېتىۋاتقان چاغدا، ھەر بىر ئادەمنىڭ ئەقەللىي ساۋات، زۆرۈر ساۋاتلارنى بىلىۋېلىشى تولىمۇ مۇھىم. مەيلى ئىقتىساد، مەيلى شەخسىي ئۇچۇر بىخەتەرلىكى، مەيلى سىياسىي بىخەتەرلىك جەھەتتىن ئېيىتقاندا، بىر قىسىم ساۋاتلارنى يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا پىيادە سەيلە قىلماسلىقنى بىلگەندەك بىلىۋېلىشى يەنىلا مۇھىم.
كورىيىنىڭ مەزكور كىنوسى، كورىيىنىڭ ھازىرقى ئۇچۇرلىشىش دەرىجىسى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنىپ ئىشلەنگەن كۆرۈش قىممىتى ھەقىقەتەن يۇقىرى فىلىم، تىلى كورىيىچە، ئېكران خېتى خەنچە. ئارتىستلارنىڭ تاللىنىشى ۋە رول ئېلىش ماھارىتى جەھەتتىن، ھەقىقەتەن ھوزورلىنىش دەرىجىسىدىكى سېلېشتۇرما بولالايدۇ، بولۇپمۇ، پىسىخىدىكى چىراي ئىپادىسى، مىكرو چىراي ئىپادىسى جەھەتتىن، رول ئېلىشى يۇقىرى پەللىگە يەتكەن دېيىشكە بولىدۇ. كىنودىكى مۇھىت ئارقىلىق، كورىيىنىڭ زامانىۋىلىشىش دەرىجىسىنىمۇ چۈشىنىشكە بولىدۇ، ئۆزىمىزنىڭ تۇرمۇشى بىلەن سېلېشتۇرما قىلىپ كۆرۈش قىممىتى بار، بولۇپمۇ، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۆز پىسىخىكىسىنى تۇراقلاشتۇرۇش باسقۇچىدا، ئىختىيارسىز ھالدا چىراي ۋە مىجەزنى دوراش يۈز بېرىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ سۈپىتى يۇقىرى فىلىملەرنى كۆرۈپ تۇرۇشى ناھايىتى زۆرۈر، ئۇلارنىڭ ئېھتىياجى يالغۇز كىتاپتىنلا ھەل بولمايدۇ، ئۇلار تۇرمۇشنى، ئادەم بولۇشنى ئۆگىتىشى كېرەك، ئۆزىدىن يۇقىرى دەرىجىدىكى جەمىيەت ۋە ئادەملەردىن ئۈلگە ئېلىپ، ئۆزىنى قۇراشتۇرۇشى كېرەك.
مەزكور كىنو ئېكرانىدا، كومپىيۇتېرچىلارغا تۇنۇش ئاتالغۇ، يۇمشاق دېتاللار ئۇچرايدۇ، مەسىلەن: كومپيۇتېر سىستېمىسدىكى ئاجىز ئېغىزلار ئارقىلىق ھۇجۇم قىلىش، Ddos ھۇجۇمى، سىستېما ئىشلىتىش ئىزىنى تەكشۈرۈش يۇمشاق دېتالى Encase دىگەندەك،.. مەسىلەن، Encase قۇرالىنى پۈتۈن دۇنيادا نۇرغۇن تارماقلار، شىركەتلەر بىخەتەرلىك خىزمىتىدە ئىشلىتىدۇ. بۇ كىنونىڭ تەۋسىيە دەرىجىسىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، Encase (ئىنكېيس) نىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسىنى تەمىنلىدىم، قىزىققۇچىلار ئىشلىتىپ كۆرسەڭلار بولىدۇ.
(باشقا ئىسپات ئېلىش قۇراللىرىدىن: tcpdump,Argus,NFR,EnCase,tcpwrapper,sniffers,honeypot,Tripwires,Network monitor)
ئىشلىگەن شىركەت: Guidance Software, Inc
چۈشۈرۈش ئادرىسى: https://skydrive.live.com/redir?resid=737A4E7CAC140448!236
كىنونىڭ كۆرۈش ئادرىسى:
سۈزۈك ئادرىسى: http://www.letv.com/ptv/pplay/77836/1.html
زاپاس ئادرىسى: http://www.iqiyi.com/dianshiju/youling.html?src=alddsj
2- قەۋەتتىكى jesurmenنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مۇشۇ ياپۇن كورىيە، ئاندىن ماۋۇ چوڭ قۇرۇلۇقنىڭ كۆپ قىسىم ئەر ئارتىسلىرى كۆزۈمگە غىتمەكتەك كۆرۈنىدۇ، كىنولىرىنى كۆرۈشتىن شۇنداق سەسكىنىمەن
ياشلارنىڭ ئەرلىك تۇيغۇسىنى ئۆلتۈرىدۇ، بۇلارنىڭ كىنۇلىرىدىكى ئاتالمىش ئەرلەرنىڭ زەيپانە ئوبرازلىرى !
كورىيە تېلېۋىزىيە فىلىملىرىدا ئەرلەر ئاياللارغا قارىغاندا جىق ئاجىز، يېغىلاڭغۇ كۆرىنىدۇ 033.gif
3- قەۋەتتىكى dadashنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
2- قەۋەتتىكى jesurmenنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مۇشۇ ياپۇن كورىيە، ئاندىن ماۋۇ چوڭ قۇرۇلۇقنىڭ كۆپ قىسىم ئەر ئارتىسلىرى كۆزۈمگە غىتمەكتەك كۆرۈنىدۇ، كىنولىرىنى كۆرۈشتىن شۇنداق سەسكىنىمەن
ياشلارنىڭ ئەرلىك تۇيغۇسىنى ئۆلتۈرىدۇ، بۇلارنىڭ كىنۇلىرىدىكى ئاتالمىش ئەرلەرنىڭ زەيپانە ئوبرازلىرى !
كورىيە تېلېۋىزىيە فىلىملىرىدا ئەرلەر ئاياللارغا قارىغاندا جىق ئاجىز، يېغىلاڭغۇ كۆرىنىدۇ 033.gif
دۇنيادىكى ئەڭ ئەخمىقانە ئىش كۆرمەي تۇرۇپ بىلمەي تۇرۇپ باھا بىرىشمىكىن . خۇددى خەنزۇ يولداشلار ئىچكىردىكى بىر ئوغرىنى كۆرۈپ پۈتۈن ئۇيغۇر ئوغرى دەپلا چۈشەنگەندەك بىزمۇ بىر ئىككى كىنوسىنى كۆرۈپلا ئۇلارغا ئالدىراپ باھا بەرمەيلى،ماۋۇ كىنو ھەقىقەتەن ياخشى ئىشلىگەن ئۇنداق ئاياللارغا خاس غىتمەك ئوبراز يوق. ئۇنداقتاencaseكومپىيوتېرىمىزنىڭ باشقىلارتەرپىدىن نازارەت قىلىنىشىدىنمۇ ساقلىيالامدۇ؟ 4-قىسمىنى ھازىر كۆرۈپ تۈگەتتىم.راسلا ياخشى ئىشلىگەن فىلىمكەن.
مۇشۇ بەزى خەق قانداق كىرىدىغاندۇ دەيمەن خەقنىڭ كومپىيوتېرىغا.بىر چاغلاردا باشقىلاردىن خەقنىڭ كامىراسىنى بىلدۈرمەي كۆرگىلى بولىدىكەن دېسە مەنمۇ
خېلى ئۇزۇن ئىزدىنىپ باققان.ئەمدى مۇشۇ فىلىمدە شۇنداق قىلغىننى كۆردۈم. بىكار ۋاقىتتا ئىچ پۇشۇقىغا كۆرۈپ قويغۇلۇق بۇمەن كۆرگەن ئەڭ نوچى كىنو!
ئەزەلدىن كىنونى ئىز قوغلاپ كۆرمەيتىم. بۇكىنونى ھەرھەپتىسى ئىككى قىسىمدىن كۆرۈپ 10 ھەپتىدە تولۇق كۆرۈپ بولدۇم!
توربىلەن كۆمپىيۇتېر بىلەن تولا ئېتىشىدىغانلار بىركۆرۈپ قويسا بولىدىغان نادىر فىلىم!
ھازىر تولۇقىنى چۈشۈرۈپ قويدۇم. بەزىدە ئىچىم پۇشۇپقالسا ئۇيەر بۇيەردىن ئارىلاپ كۆرۈپ قويىمەن،
زىرىككندى بىر كۆرۈپ قويۇڭلار! ماۋۇ ۋەھشەت تېلىۋىزىيە تىياتىرىكەن. 24 سائەتتىن كېيىن تۈزۈكرەك تېلىۋىزىيە تىياتىرى كۆرمىگەنتىم.

«دېڭلۇجىرى» نى كۆرۈڭلار.
10- قەۋەتتىكى muzatdنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئەجەپ ماختاپ كەتتىڭلار،كۆرۈپ باقاي.
«دېڭلۇجىرى» نى كۆرۈڭلار.
خەنزۇچە ئىسمىنى نېمە؟
11- قەۋەتتىكى yarzatنىڭ يازمىسىدىن نەقىلكورىيە كىنولېرى بەك ئۇزۇن ئايىقى چىقماس ۋەقەلىكلەر كۆپ بولغانلىقتىن كۆرمەيدىغان بولۇپ كەتكەنتىم،ماۋۇ كىنونىڭ ۋەقەلىكى ياخشى قىسىم سانىمۇ ئارانلا20ئىكەن،قارىغاندا كۆرۈپ قويىدىغان كىنوكەن.
10- قەۋەتتىكى muzatdنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئەجەپ ماختاپ كەتتىڭلار،كۆرۈپ باقاي.
«دېڭلۇجىرى» نى كۆرۈڭلار.
خەنزۇچە ئىسمىنى نېمە؟
登陆之日
خەنزۇچە ئاۋازلىقى چىقمىدىمىكىنا بۇ تېلىۋىزىيە تىياتىرىنىڭ؟ سامسوڭ بىلەن 4Gلىق تورنى ماختاپ چىقىدۇ بۇنڭىدا...قولىدا ھەممىسىنىڭ ئوخشاشلا تېلفۇن... ماۋۇ كېنو بوپ قالغۇدەك.
4- قەۋەتتىكى loitumaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
3- قەۋەتتىكى dadashنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
2- قەۋەتتىكى jesurmenنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مۇشۇ ياپۇن كورىيە، ئاندىن ماۋۇ چوڭ قۇرۇلۇقنىڭ كۆپ قىسىم ئەر ئارتىسلىرى كۆزۈمگە غىتمەكتەك كۆرۈنىدۇ، كىنولىرىنى كۆرۈشتىن شۇنداق سەسكىنىمەن
ياشلارنىڭ ئەرلىك تۇيغۇسىنى ئۆلتۈرىدۇ، بۇلارنىڭ كىنۇلىرىدىكى ئاتالمىش ئەرلەرنىڭ زەيپانە ئوبرازلىرى !
كورىيە تېلېۋىزىيە فىلىملىرىدا ئەرلەر ئاياللارغا قارىغاندا جىق ئاجىز، يېغىلاڭغۇ كۆرىنىدۇ 033.gif
دۇنيادىكى ئەڭ ئەخمىقانە ئىش كۆرمەي تۇرۇپ بىلمەي تۇرۇپ باھا بىرىشمىكىن . خۇددى خەنزۇ يولداشلار ئىچكىردىكى بىر ئوغرىنى كۆرۈپ پۈتۈن ئۇيغۇر ئوغرى دەپلا چۈشەنگەندەك بىزمۇ بىر ئىككى كىنوسىنى كۆرۈپلا ئۇلارغا ئالدىراپ باھا بەرمەيلى،ماۋۇ كىنو ھەقىقەتەن ياخشى ئىشلىگەن ئۇنداق ئاياللارغا خاس غىتمەك ئوبراز يوق.
قىززقچىمۇ سىز ئوغۇل بالا چىقىپ 1 كىنو ئىشلىگىنىنى كۆمىدەم @baqka بۇرادەر، Encase ماۋۇ نەرسىنى چۈشۈرۈپ بۇلاپ نېمە قىلىشىمنى بىلەلمىدىم. قانداق دېتال بۇ ؟ بولسا مۇشۇ دېتال توغۇرلۇق ئازراق توختالغان بولسىڭىز. تۇيۇقسىز قىزىقىپ قالدىم، بۇ دېتال ئارقىلىق نېمىلەرنى قىلغىلى، نېمىلەردىن ساقلانغىلى بۇلىدۇ؟ مەن تېخى بۈگۈن كۆرۈپ تۇرانىمغا يوللاپ تۇراتتىم ..ئەسلى بۇرۇنلام كۆرگەنلەر باركەندە ...ئىشقىلىپ ئېسىل كىنوكەنغۇ بۇ ..

@baqka بۇرادەر، Encase ماۋۇ نەرسىنى چۈشۈرۈپ بۇلاپ نېمە قىلىشىمنى بىلەلمىدىم. قانداق دېتال بۇ ؟ بولسا مۇشۇ دېتال توغۇرلۇق ئازراق توختالغان بولسىڭىز. تۇيۇقسىز قىزىقىپ قالدىم، بۇ دېتال ئارقىلىق نېمىلەرنى قىلغىلى، نېمىلەردىن ساقلانغىلى بۇلىدۇ؟
ئىنكاسىم ئوخشاش.