yarzat يوللانغان ۋاقتى 2012-9-12 23:43:58

17- قەۋەتتىكى ansariyنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

@baqka بۇرادەر، Encase ماۋۇ نەرسىنى چۈشۈرۈپ بۇلاپ نېمە قىلىشىمنى بىلەلمىدىم. قانداق دېتال بۇ ؟ بولسا مۇشۇ دېتال توغۇرلۇق ئازراق توختالغان بولسىڭىز. تۇيۇقسىز قىزىقىپ قالدىم، بۇ دېتال ئارقىلىق نېمىلەرنى قىلغىلى، نېمىلەردىن ساقلانغىلى بۇلىدۇ؟



ئېلىكتىرونلۇق ماتېرياللارنى ئىزدەش،تەكشۈرۈش،تەھلىل قىلىش قاتارلىق ئىشلارغا ئىشلىتەمدىكى بۇ نەرسىنى.


بىر چاغلاردا بىر ئاكىمىز شۇنداقراق گەپلەرنى قىلغانتى تازا دىققەت قىلماپتىكەنمەن.



باچكا بۇرادەر.مۇشۇ كىنودىكى يادرو ئېلىكتېر ئىستانسىسىغا خاككېرلار ھۇجۇم قىلغاندا ھېلىقى خادېسى دېگەن


ئاداش قايسى خىل ئۇسۇلدا ھېلىقى كىشىلەرنىڭ IP ئادېرسىنى تېپىپ چىقتى.مۇشۇ توغرىسىدا بىلسىڭىز بىر


سۆزلەپ باقسىڭىز.تىلى كورىيانچە بولغاچقا چۈشەنگىلى بولمايدىكەن.خېتىنى ئوقۇپ بولغۇچە ئۇ يېرى ئۆتۈپ كېتىۋاتقان.يېرىم چۈشىنىپ،يېرىم چۈشەنمەي قالدىكەن كىشى.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2012-9-13 22:38:11

Encase توغرىسىدا، ھازىرچە ئاددىيلا توختىلاي:

ئاۋال مۇنداق ئىشلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشقا توغرا كېلىدۇ، يەنى كومپيۇتېردا مەشغۇلاتنىڭ قانداق ئىزلىرى قالىدۇ، بىز قايسىلىرىنى كۆرەلەيمىز؟

جىنايى دىلو رازىۋېتكىسىدا، نەق مەيدان ئانالىزى ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ، ئاياق ئىزى ئېلىش، قان دېغى ئېلىش، بارماق ئىزى ئېلىش، چاچ، ئۆلگەن تېرىلەرنى تەكشۈرۈش، نەق مەيدان ھالىتىگە ئاساسەن، توقۇنۇش جەريانىنى پەرەز قىلىش، گۇماندارنىڭ پائالىيەت ئىزى بىلەن دىلونىڭ ماسلىقىدىكى ئىسپاتلارنى تېپىش... قاتارلىق مۇھىم يىپ ئۇچىلىرىغا قارىتا، يۇقىرى تېخنىكا ۋە ئەستايىدىل كىشىلەرگە تاينىپ ئىزدەش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

دۇنياغا تارالغان مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئامېرىكىلىقلار پەقەت ئىشلەتكۈچىنىڭ ئىشلىتىشىگە يىتەرلىك قىلىپلا ياساپ قويمىغان. ئىز خاتىرىسى Log تۈرىدىكى نەرسىلەر سىستېما ۋە پروگرامما، ساندان قاتارلىقلارنىڭ ھەممە جايىنى قاپلىغان.

ئىشلەتكۈچى بىلەلەيدىغان ۋە تازىلىيالايدىغان تۈرلەرگە مىسال كەلتۈرسەك، سىزنىڭ ھەپتىنىڭ ياقى چىققان تور بەت ئادرىسلىرىڭىز ۋە Temprary Internet Files قا چۈشكەن ھۆججەتلەرنى تازىلىيالايسىز. لېكىن سىز ھەممە ئىز ئۆچۈپ بولدى، دەپ قارامسىز؟


System Volume Information دىگەن بۇ مۇندەرىجە ھەممە دېسكىنىڭ ئاستىدا بار، بىۋاستە كىرەلمەيسىز! كومپيۇتېر سىزنىڭ، Administrator دا تۇرۇپمۇ سىز كىرەلمەيدىغان مۇندەرىجە بولۇشقا تېگىشلىكمۇ؟ بۇنىڭغا ئايرىم ھوقۇق بېرىپ كىرىشكە، كۆرۈشكە، ئۆچۈرۈشكە بولدۇ، لېكىن ھېچكىم دىققەت قىلمايدۇ، قىلسىمۇ ۋاقىت كېتىدۇ. C دىسكىدىكى سىستېما ھۆججەتلىرى ئىچىدە يەنە قانچىلىك خاتىرە ھۆججەتلىرى بولۇشى مۇمكىن؟

سىز Windows تەمىنلىگەن تازىلاش بۇيرۇقلىرىدا قىلالايدىغان مەشغۇلات، پەقەت سىزنىڭ كۆرۈشىڭىز ئۈچۈنلا تەمىنلەنگەن، لېكىن، نېگىزلىك ئىز خاتىرىلىرى قىلچىمۇ تەسىرگە ئۇچرىمايدۇ! مەسىلەن، سىز چىققان تور ئادرىسلىرى ۋە مىنۇت- سىكۇنتلىرى، سىز سالغان بارماق دېسكىلارنىڭ ماركسى، چاتقان مىنۇت- سىكونت، كۆچۈرگەن ھۆججەتلەرنىڭ ئىسىملىرى، پىرىنتېرغا يولىغان ھۆججەتنىڭ ئىسىم ۋە مىنۇت- سىكونتى قاتارلىقلار يوقاپ كەتمەيدۇ، مەشغۇلات سىستېمىسىغا تاينىپ بۇلارنى تازىلاش قۇلىڭىزدىن كەلمەيدۇ، پەقەت كەسپىي ئىز يۇيۇش قورالى ئىشلەتكەندىلا ئاندىن مۇمكىن. لېكىن ۋاقىت كېتىدۇ، ۋاقىتنىڭ ئۇزۇنلۇقى دېسكا سىغىمىغا قارىتا، نەچچە سائەتتىن بىرەر سوتكىغا سوزۇلىشى مۇمكىن، تۇتۇلۇپ قالغان جىنايەتچىگە بۇنداق پۇرسەت نەدە؟ ئەڭ ياخشى ئامال شۇكى، قاتتىق دېسكىنى ماشىنا ساندۇقىنىڭ سىرتىغا قويۇپ ئىشلىتىش، ئىش چىققان ھامان، قاتتىق دېسكىنىڭ يىننىغا قويۇلغان بولقا بىلەن كۈچەپ ئۇرۇپ، ئىچىدىكى ماگىنىتلىق تەخسىسىنى پارە- پارە قىلىۋېتىش..


مەن بۇنداق تەكشۈرۈش قورالىدا نۇرغۇن ئىدارىلەرنىڭ كومپيۇتېر ئىزلىرىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئىشلەپ باققان، (لېكىن ئۇ encase ئەمەس) ئەلۋەتتە، سىستېما تەمىنلىگەن بارلىق تازىلاش ئۇنىڭ ئالدىدا كارغا كەلمەيدۇ، ماڭا ئىشىنىڭلار، سىستېمىدىكى مەشغۇلات ئىزى ئۆز ئەينى چىقىدۇ، مەن سىناپ باققان، خۇددى تازىلىمىغاندەكلا..

مەن دېسكا يۇيۇش قوراللىرىنىمۇ ئىشلىتىپ باققان، مەسىلەن، Wipe, Dban قاتارلىقلار، بۇنى سىناشنىڭ ئالدىنقى شەرتى، مۇھىملارنىڭ ھەممىسىنى باشقا قاتتىق دېسكا ياكى نۇر دېسكىغا زاپاسلاپ قويۇش.


ئۈستىدىكى بىر سۇئالنىڭ جاۋابى، بۇ قورالدا قىلغىلى بولىدىغان ئىش، مەشغۇلات ئىزى تېپىش؛ ساقلانغىلى بولىدىغان ئىش، مەشغۇلات ئىزىنىڭ يوقاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، سىستېمىنى توڭلىتىش، زاپاسلاش.





مەن، كومپيۇتېردا ساقلىغان ھۆججەت، قىلغان ئىشنى ئۈزۈل- كېسىل يۇقىتىۋەتكىلى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن، ئەمما، شۇنداق قىلىشتىن بۇرۇن، ھەتتا توردىن ئۈزۈۋەتكەن تەقدىردىمۇ، توكقا چېتىلغانلا بولسا، نىمە بار ۋە نىمە قىلغانلىقنى تۇيدۇرماي ئېلىۋېلىشنىڭمۇ پۈتۈنلەي مۇمكىنلىكىگە ئىشىنىمەن. ئانا تاختىدا، نۇرغۇن زەرەتدان ۋە سىم ئورام بار، ئورام سانىنىڭ ئازلىقىدىنلا چىقىپ تۇرىدۇ، بۇ، يوقىرى چاستوتا ھاسىل قىلىشتا ئىشلىتىدىغان نەرسە، شۇنداقلا، يۇقىرى چاستوتىدا ئېلېكتىر ماگىنىت دۇلقۇنى تارقىتىش ۋەزىپىسىگىمۇ ماس كېلىدۇ، ئەگەر شۇنداق قىلالىسا، قۇرۇپ كەتسۇن، سىمسىز تور كارتىسى ياكى كۆك چىش يوق بولسىمۇ كىمنىڭ چاتىغى؟ سېنىڭ كومپيۇتېرىڭ ياسىغان ئىگىسىگە تازىم قىلىپ تۇرۇپ قوش قوللاپ ئىچىدىكىنى بېرىۋىتىشى تامامەن مۇمكىن..


قول يەتمەيدىغان يەر تېخى ئالدىڭلاردا، ئىزدىنىشتا قايسى ئىنكاسنى قايسى شەھەردە يازغىنىڭلار ساقلىنىپ تۇرىدۇ، تەكشۈرۈش دائىرىسىدىكى ھۆججەت، تور ئادرىسى، سەزگۈر سۆزلەرگە دائىر ئۇچۇرۇڭلار، كومپيۇتېر تىپى، سىستېما نامى بىلەن خەۋىپسىزلىكنىڭ مۇلازىمېتىرىدا ساقلاقلىق بولسا، ئۇنى ئىنكاسىڭلارنى بىزگە ئۆچۈرگۈزگەندەك ئۆچۈرۈۋېتەلمەيسىلەر. كارخانا دەرىجىلىك، www دەرىجىلىك ئالماشتۇرغۇچ، يول ئايرىغۇچ، مۇداپىيە تېمى.. قاتارلىقلارنىڭ ئىچىدىكى مۇرەككەپ ئىقتىدار ۋە بۇيرۇقلار ئالدىدا، شەخىسنىڭ كومپيۇتېرى خۇددى ئۆمۈچۈك تورىدىكى پاشىغىلا ئوخشايدۇ.



ئازغىنە كومپيۇتېر بىلىمى بىلەنلا، كۆزنى ئېتىۋېلىپ خەق مىنى كۆرمىدى، دەپ يۈرىۋېرىش بولسا، كۈلكىلىك ۋە بىچارە بىر ئىش. ئىسپات ئېلىش قۇرالى مەخپىيەتلىكىڭلارنى ياپىدىغان ئەمەس، ئاچىدىغان نەرسە.


...



ئاخىرقى سۇئالغا كەلسەك، بەك كەسپىي ماتېرىيال توپلاپ، ئىنچىكە جاۋاپ بېرىش ئۈچۈن، بەك كۆپ ۋاقىت كېتىدۇ، نۇرغۇن تەرجىمە كېتىدۇ، شۇڭا بۈگۈنچە ئاددىي ئۇقۇم خاراكتېرلىق كۆرسەتمىدە چۈشەندۈرۈپ تۇرايلى. تور كارتىسى، تورلىشىشنىڭ قاتتىق دېتالى، دۇنيادا ھەر بىر تور كارتىسىغا ئايرىم MAC ئادرىسى بېرىلىدۇ، GPRS, WIFI دا ئۇلىنىۋاتقان يانفۇنلارمۇ مۇستەسنا ئەمەس.

يەتتە قەۋەت تور كېلىشىمى (يوقىرىدىن تۈۋەنگە قارىتا):

1. ئىشلىتىش قەۋىتى

2. ئىپادىلەش قەۋىتى

3. سۆزلىشىش قەۋىتى

4. يوللاش قەۋىتى

5. تور قەۋىتى

6. سانلىق مەلۇمات ئۇلىنىش يولى قەۋىتى

7. فىزىكىلىق قەۋەت


بۇ قەۋەتلەرنىڭ ھەر بىرىنىڭ رولىنى تەپسىلىي يازالمىدىم، لېكىن ئىسمىدىن ئايان. مەيلى تور بەت كۆرۈش، ھۆججەت يوللاش، تور ئەپ ئىجرا بولۇش، خاككېرلارنىڭ ھۇجۇمى ۋە ھۇجۇمنى رەت قىلىش قاتارلىقلاردا، بۇلار ئوخشىمىغان روللىرىنى ئادا قىلىدۇ، تۈۋەندە ئۈچ پارچە سۈرەتلا سۆزلىۋەتسۇن:


ئاددىسى:


\"\"


مۇرەكككىپى:


\"\"


\"\"



بىز، پەقەت ئىشلەتسەكلا بولدى، لېكىن ئەسلى ئىش مۇشۇنداق مۇرەككەپ، شۇڭا، دۆلەت ياپۇننىڭ ماللىرىغا تاينىپ ئاخبارات خىزمىتى قىلىۋاتسا پۇقرالار ياپۇننى تىللاش، ئامېرىكىنىڭ كومپيۇتېرىنى ئىشلىتىپ تۇرۇپ ئامېرىكىنى كۆرەلمەسلىك، دىيىشلەر كۆزنى يوغان ئېچىپ قايتا ئويلىنىشنى تەلەپ قىلىدىغان بىر ئىش.



DDos ھۇجۇمى دىگەندەكلەر توغرىسىدا ئۇزۇن گەپ قىلغۇدەك ئۇمىچىم يوق، ھۇجۇمنىڭ ئەسلى يولىنى ئىزدەشنىڭ ئەسلى مۇمكىن بولىدىغان بىر ئىش ئىكەنلىكى، يوقىرىدىكى يەتتە قەۋەت تور كېلىشىمىنىڭ 6- قەۋىتىدىنلا ئايان بولۇپ تۇرۇپتۇ، خۇددى يانفۇنلاشساڭ ئىككى نومۇر تەڭ خىزمەت قىلغاندەكلا. قوشۇمچىسىغا، ئەڭ كىچىك ساقلاش بىرلىكى بىت، بۇ 8 كاتەككە ئۇچۇر ساقلايدۇ، لېكىن 8 نىڭ ھەممىسىلا ئۇچۇر ئەمەس، ئاخىرقى كاتەكچىلىرىدە، ئۇچۇرنىڭ تۈزىتىش كودى بولىدۇ. يەنە، (سانلىق) مەلۇمات بولىقى دىگەن نەرسە توردا يوللانسا، ئەۋەتكۈچى ئۈسكۈنە چوقۇم قوبۇللىغان ئۈسكۈنە بىلەن يوللىشىپ بولۇپلا بىللە سېلىشتۇرىشىدۇ، پۈتۈنلەي سېلىشتۇرۇپ بولالمىسىمۇ، تۈزىتىش كودىنى سېلىشتۇرۇشسىلا، ئەۋەتكەننى توغرا قۇبۇل قىلغانلىقى دەلىللىنىدۇ، شۇڭا، ھۇجۇم قىلغۇچىنى تاپقىلى بولىدۇ، پەقەت ۋاقىت كېتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە، كىنولاردىكى نۇرغۇن يوللارنى ئۇلاپ.. دىگەن ئىشنى ھازىرچە مەن چۈشەنمەيمەن.


DDOS ھۇجۇمچى IP سىغا ئەگىشىش ۋە ھۇجۇم ئورنىنى ئېنىقلاشنىڭ تۈرلىرى جىقمىش، تۈۋەندىكىدەك ماقالىلەرنى ئىزدىيەلەيسىلەر، ۋاقتىڭلار يەتسە كۆز يۈگرىتىپ قويارسىلەر.


http://wenku.baidu.com/view/c20e8a0f76c66137ee0619f8.html


http://wenku.baidu.com/view/2c2135b765ce05087632135d.html

ansariy يوللانغان ۋاقتى 2012-9-14 00:42:27

رەھمەت بۇرادەر، مەن ئويلىغاندىنمۇ تەپسىلى جاۋاپلارنى بىرىپسىز. تېما، ئىنكاسلاردىكى ئەستايىدىللىقىڭىزغا بەكمۇ قايىللىقىم بار. ئىنكاسىڭىزدىن نۇرغۇن نەرسىلەرگە ئىگە بولدۇم. بىز باشقۇرىۋاتقان بۇ تور ئەمەلىيەتتە باشقىلارنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە ئىكەن، ھەتتا بۇ تەۋەلىك مەن ئويلىغاندىنمۇ نەچچە ھەسسە يۇقىرى ئىكەن. ئەمدى ئۈستىدىكىدەك ئۇزۇن ئىنكاس يازالمىسىڭىزمۇ ۋاقتىڭىز يار بەرگەندە قىسقا- قىسقا ئىنكاسلار ئارقىلىق تېخىمۇ مۇھىم، ياخشى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەپ تۇرغايسىز. ئېنتىرنىت ئىشلىرىدەك بۇنداق مۇرەككەپ ئىشلارنى سىزدەك كەسىپ ئىگىلىرى چۈشەندۈرۈپ قويمىسا بۇنىڭغا تىل بىلگەنمۇ بىكار زادى. تېمىنى تېخىمۇ بېيىتقايسىز.

   

   ئۈستىدىكى ئىنكاسىڭىزنى ساقلىۋالسام بۇلامدۇ ؟

peshpayi يوللانغان ۋاقتى 2012-9-25 13:17:02

مەنغۇ كۇرىيە .تۇركىيە ،دىگەنلەرنىڭ مارافۇنچە كىنولىرىنى كۆرۇپ \"\" بۇلۇپ كەتكەن .ھازىر كورمەيمەن .

peshpayi يوللانغان ۋاقتى 2012-9-25 13:31:02

مەنغۇ كۇرىيە .تۇركىيە ،دىگەنلەرنىڭ مارافۇنچە كىنولىرىنى كۆرۇپ \"\" بۇلۇپ كەتكەن .ھازىر كورمەيمەن .

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2015-1-7 21:18:33

قاچانلاردا مۇشۇنداق يازغۇدەك بوش ۋاقتىم بولغان بولغايدى..:(

yusran يوللانغان ۋاقتى 2015-1-7 21:25:03

لەيزى شىڭشىڭ دې نى نى كۆرۈڭلار
ماڭا بەك يارىدى بۇ كىنو

emiran يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 11:08:47

ماڭا بەك يارىدى بۇ كىنو
بەت: 1 [2]
: تېلېۋىزىيە تىياتىرى: ‹ئەرۋاھ›