matimatika يوللانغان ۋاقتى 2012-7-3 14:16:22

يۈسۈپ خاس ھاجىپ تىلغا ئالغان ماتېماتىك

10- ، 11- ئەسىرلەردە بىزنىڭ ھازىرقى بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك ۋەتىنىمىزدە بىر قانچە ھاكىمىيەت تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ئىدى . شىمالى جۇڭگۇدا كىدان ( قىتان ) لار ھاكىمىيتى ، جەنۇبى جۇڭگۇدا سۇڭ سۇلالىسى ، غەربىي شىمال ئېگىزلىكىنىڭ بىر قىسمىدا تاڭغۇتلار ھاكىمىيتى ، خېشى كارىدورىدا گەنجۇ ئۇيغۇر ھاكىمىيتى ، تۇرپان ئويمانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بىر قىسىم جايلاردا قۇجۇ ( ئېدىقۇت ) ئۇيغۇر ھاكىمىيتى ، كۇچارنىڭ غەربىدىن تارتىپ بۇخاراغىچە ۋە شىمالدا ئىسسىق كۆلدىن تارتىپ جەنۇپتا خوتەنگىچە بولغان كەڭ زېمىندا قارا خانىيلار ھاكىمىيتى مەۋجۇت ئىدى . دەسلەپ بالاساغۇن شەھرىنى ، ئاندىن قەشقەر ( ئوردا كەنت ) نى پايتەخت قىلغان قارا خانىيلار ھاكىمىيتىمۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەجدادلىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان بىر سۇلالە بولۇپ ، بۇ سۇلالە مىلادى 9 – ئەسىردىن 13- ئەسرنىڭ باشلىرىغىچە دەۋر سۈرگەن ۋە پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنڭ ئىقتىساد ھەم مەدىنىيەت تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئوينىغان ئىدى . قارا خانىيلار سۇلالىسى بولۇپمۇ 11- ئەسىردە زور گۈللىنىش دەۋرىگە كىردى . بۇ دەۋىردە بىر تەرەپتىن ، ئاللىقاچان باشلىنىپ كەتكەن يېزائىگىلىك ۋە قول ھۈنەر سانائىتى ئىجدىمائى ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنىڭ ئاساسى قىسمى بولۇپ قېلىش نەتىجىسىدە ، ئولتۇرراقلىشىش ۋە شەھەرلىشىش ئومۇملشىپ كەتتى . قەشقەر ، بارچۇق ( مارالۋېشى ) ، بالاساغۇن ، ئوترار، سەمەر قەنت ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش يىرىك ئىقتىسات ، سودا ۋە مەدىنىيەت مەركەزلىرى مەيدانغاكەلدى؛ يەنە بىر تەرەپتىن ، ئۇزۇن تارىخقا ئىگە مىللى ئەنئەنىۋى مەدىنىيەت ئاساسىدا ، ئىسلام مەدىنىيتى ۋە مەملىكىتىمىزنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىگى مەدىنىيتىنىڭ مۇنەۋەر ئامىللىرىنى قوبۇل قىلىش بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدىنىيەت تارىخىدا يېڭى بىر دەۋر باشلاندى . بۇ خىل ئىلىم قوبۇل قىلىشنىڭ تەشۋىقاتچىلىرى ۋە يوللىرى كۆپ تەرەپمىلىك بولغان بولسا ، بۇنىڭغا   ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 11- ئەسىردە ياشىغان بۈيۈك ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرى ۋە دانىشمەن شائىرى يۈسۈپ خاس ھاجىپنى ۋە ئۇنىڭ ئۆلمەس ئەسىرى «قۇتادغۇبىلىك » داستانىنى مىسال قىلىش مۇمكىن.





داستاندا مۇنداق بىر بېيىت بار :







4382 . تىلىسەڭ يەنە سەن ئالگېبىرانى ئۇق ،

        يەنە ئوقلىدىسىنىڭ ئىشىكىنى سوق .




...........


(يەنە ئۆگىنەي دېسەڭ ئالگېبىرانىمۇ ئۆگىنىپ قوي، ئىېۋكىلىدنى ئۇستاز تۇتۇپ ئۇنىڭ گېئومىتېرىيىسىنىمۇ  ئۇگەن )


بۇ يەردە تېلغا ئىلىنغان" ئوقلىدىس" بولسا ماتېماتىك ئىېۋكىلىدنىڭ ئىسمىنىڭ ئەرەپچە ئىيتىلىشى ئىدى.مانا بۇ پۇتۇن كىتابتا تىلغا ئىلىنغان بىردىن - بىر ماتېماتىكا ئالىمىنىڭ ئىسمى بولسا كىرەك .


بۈيۈك يۇنانىستان ماتېماتىكى ئېۋكلىد ئۆزىنىڭ گىگانت ئەسىرى «گېئومېتىرىيە ئاساسلىرى» بىلەن دۇنيادا شۆھرەت قازانغان. بۇ ئەسەر دۇنيادا ئەڭ مەشھۇر، ئەڭ مۇكەممەل ۋە ئەڭ كەڭ تارالغان ماتېماتىكا ئەسىرى بولۇپ،2000  يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بېرى ئىزچىل ھالدا پۈتۈن دۇنيادىكى ماتېماتىكا ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ مۇھىم دەرسلىكى بولۇپ كەلمەكتە، كوپېرنىك، گالىلېي، دېكارت، نيۇتون قاتارلىق نۇرغۇن داڭلىق ئالىملار «گېئومېتىرىيە ئاساسلىرى» نى ئۆگەنگەن، ئۇنىڭدىن مول ئوزۇق ئېلىپ، بۈيۈك نەتىجىلەرنى ياراتقان. ئېۋكلىد ئۆمرىدە نۇرغۇن ماتېماتىكا ئەسەرلىرىنى يازغان، «گېئومېتىرىيە ئاساسلىرى» شۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ قىممەتلىكى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ قەدىمكى دەۋردىكى ئەمگەكچى خەلقنىڭ ئەمەلىيەت جەريانىدا ئېرىشكەن گېئومېتىرىيە بىلىملىرىنى يەكۈنلەپ، ئومۇم ئېتىراب قىلغان بەزى پاكىتلارنى ئېنىقلىما ۋە ئاكسىئومىغا ئايلاندۇرۇپ، فورمال لوگىكا ئۇسۇلىنى ئاساس قىلغان ھالدا بۇ ئېنىقلىما ۋە ئاكسىئومىلاردىن پايدىلىنىپ ھەر خىل گېئومېتىرىيىلىك شەكىللەرنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنى تەتقىق قىلدى ۋە بۇ ئارقىلىق بىر يۈرۈش ئاكسىئوما، ئېنىقلىمىنى چىقىش قىلغان، ھۆكۈملۈكلەرنى ئىسپاتلاپ تېئورېمىلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىر يۈرۈش گېئومېتىرىيىلىك ئىسپاتلاش ئۇسۇلىنى بەرپا قىلىپ، بىر مۇكەممەل لوگىكىلىق سىستېما − گېئومېتىرىيىنى شەكىللەندۈرگەن. «گېئومېتىرىيە ئاساسلىرى» دا23  ئېنىقلىما،5  پوستولات،5  ئاكسىئوما،467  ھۆكۈملۈك بار.





ماتېماتىك ئېۋكلىد









بىز يۇقارقى چۇشەنچىلىرىمىزدىن مۇنداق بىر نەچچە نوقتىنى يىغىنچاقلىيالايمىز:



(1) " قۇاتادغۇ بىلىك" يالغۇزلا بىر داستان بولۇپلا قالماي، ئۇ يەنە تۇرلۇك ئىلىملەرنى، جۇملىدىن تەبىئى پەن ۋە ماتېماتىكىنى ياخشى ئۆگىنىشنىڭمۇ قامۇس خاراكتىرلىك چاقىرىقنامىسى بولغان.مۇشۇنداق بىر "خانغا تەقدىم قىلىنغان"چاقىرىقنامىلەرنىڭ تۇرۇتكىسىدە قارىخانىلار سۇلالىسى دائىرسىدە نۇرغۇن ئىلىم ئەھلىلىرى مەيدانغا كەلگەن ، ئەبۇ ئابباس پەرغانى ، ئەبۇ نەسىر ارابى ، ئەبۇ رەيھان بىرونى ، نەسىرىدىن تۇشى ، مەھمۇت قەشقىرى قاتارلىق ئۇلۇغ ئالىم ، مۇتەپەككۇر بۇلار جۇملىسىدىندۇر. بەلكىم نامى بىزگە ھازىرچە مەلۇم بولمىغان باشقا ماتېماتىك ۋە مۇتىپەككۇرلارمۇ بار بولىشى مۇمكىن.


(2) يۇسۇپ خاس ھاجىپ ئۆز دەۋېرداشلىرى تىلغا ئالالمىغان مۇشۇنداق بىر داڭلىق ماتېماتىكنى تىلغا ئالغان بۇيۇك ئالىم بولۇش سۇپىتى بىلەن ئېۋكىلىدنىڭ بىر يۇرۇش ماتېماتىكىلىق نەزەرىيىلىرى بىلەن چوقۇم تونۇشلۇق - دەپ ئىيتالايمىز.ھىچ بولمىغاندا ئېۋكىلىد نەزەرىيىلىرىنى پۇختا ئىگىلىگەن ، ئۆزىگە ئوخشاش ئالىملاردىن سۆھبەتدىشى بار بولىشى كىرەك.، بولمىسا سۆيۇنۇپ تىلغا ئالغان بۇ ماتېماتىك ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى ئۇ بىلمەس ئىدى.شۇڭا بىز قەتئى قىلىپ " ئۇيغۇرلار ئىېۋكىلىد ماتېماتىكىسى بىلەن ئەڭ دەسلەپ ئۇچراشقان مەدەنىيەتلىك مىللەتلەرنىڭ بىرى" دېيەلەيمىز.


(3) ئېۋكىلىدنىڭ"گېئومىتېرىيە ئاساسلىرى"دېگەن كىتابىنىڭ ئوتتۇرا تۇزلەڭلىك خەنزۇ رايۇنلىرىغا تۇنجى كىرگەن ۋاقتى مىڭ سۇلالىسىنىڭ 1607 -يىللىرى بولۇپ ،ئۇنىڭدىن ئىلگىركى تارىخى يازمىلاردا ئېۋكىلىدنىڭ ئىسمى تىلغا ئىلىنغان پاكىتنى تاپقىلى بولمايدۇ. دېمەك ئۇيغۇرلارنىڭ مۇشۇنداق ئىلغار ماتېماتىكا ئەسىرى بىلەن ئۇچراشقان تارىخى ئىلىمىزنىڭ ئوتتۇرا تۇزلەڭلىك رايۇنلىرىدىن تولۇق 5 ئەسىر ئىلگىرى بولغان، بەلكىم ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ بولىشى مۇمكىن. شۇڭا جۇڭگۇ ماتېماتىكا تارىخىنى يازغاندا يۇسۇپ خاس ھەجىب تىلغا ئالغان بۇ بايانلارنى ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ.




.......................


تېمىغا قارىتا قىممەتلىك پىكىر ۋە تۇزۇتۇشنى قوبۇل قىلىمەن !


                    ھۆرمەت بىلەن: ماتېماتىكا




jaziyra يوللانغان ۋاقتى 2012-7-3 16:30:23

ناھايىتى قىممەتلىك تارىخىي ئۇچۇر ئىكەن ، رەھمەت .  \"\"

dawanqi يوللانغان ۋاقتى 2012-7-3 16:37:04

ماۋۇ بايانلارنى كۈرۈپ مەن بەزى كىتاپلارنى يەنە بىر قېتىم قايتىلاپ ئوقۇپ چىقىشنىڭ زۈرۈرلىكىنى ھىس قىلدىم.

rock يوللانغان ۋاقتى 2012-7-3 16:48:36

ئالگېبىرا دېگەن بۇ سۆز قۇتادغۇبىلىكتە باما؟ ياكى تەرجىمىسىمۇ ئاۋۇ؟ بۇ سۆز ئىشقىلىپ ئۇيغۇرچە سۆز ئەمەسلىكى ئېنىققۇ.

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2012-7-3 17:05:54

ئالگىبرا دىگەن بىر ئەرەپ ئالىمنىڭ ئىسمىغۇ دەيمەن.

tarim222 يوللانغان ۋاقتى 2012-7-3 17:54:16

4- قەۋەتتىكى kuyaxoghliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئالگىبرا دىگەن بىر ئەرەپ ئالىمنىڭ ئىسمىغۇ دەيمەن.

بەلكىم يۇنانچە گەپتۇ

jaziyra يوللانغان ۋاقتى 2012-7-3 18:02:26

ئالگېبىرا دىگەن بۇ سۆز مەيلى تەرجىمە ياكى ‹قۇتادغۇ بىلىگ› دىكى ئەسلى سۆز بولسۇن ، بۇ يەردە تەھلىل ۋە مۇلاھىزە - مۇنازىرە قىلىدىغىنىمىز ، ‹قۇتادغۇ بىلىگ› يېزىلغان شۇ دەۋىردە ، بىز ئۇيغۇرلاردا  ئالگىبىرا  ئۇقۇمىنىڭ بار ئىكەنلىگى ، ئېۋكىلىد (ئوقلىدىس) نىڭ يۈسۈپ خاس ھاجىپ نى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇر زىيالىلىرىغا ناتونۇش ئەمەسلىگى ، ئېۋكىلىدنىڭ ‹گېئومىتېرىيە ئاساسلىرى› دېگەن كىتابىنىڭ  ئوتتۇرا تۇزلەڭلىك خەنزۇ رايۇنلىرىغا تۇنجى كىرگەن ۋاقتى مىڭ سۇلالىسىنىڭ 1607 -يىللىرى بولۇپ ،ئۇنىڭدىن ئىلگىركى تارىخى يازمىلاردا ئېۋكىلىدنىڭ ئىسمى تىلغا ئىلىنغان پاكىتنى تاپقىلى بولمايدىغانلىغى ، دېمەك ، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇشۇنداق ئىلغار ماتېماتىكا ئەسىرى بىلەن ئۇچراشقان تارىخى ئىلىمىزنىڭ ئوتتۇرا تۇزلەڭلىك رايۇنلىرىدىن تولۇق 5 ئەسىر ئىلگىرى ئىكەنلىگى ....  نى بىلىپ قويۇشتۇر  .  

  مەزكۈر تېمىدا بۇنىڭدىن ئارتۇق نەرسىلەرنى مۇلاھىزە قىلىش ياكى ئېنىقلاشقا ئۇرۇنۇش = بىھۇدەچىلىكتۇر .

birhon يوللانغان ۋاقتى 2012-7-3 18:10:14

3- قەۋەتتىكى rockنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئالگېبىرا دېگەن بۇ سۆز قۇتادغۇبىلىكتە باما؟ ياكى تەرجىمىسىمۇ ئاۋۇ؟ بۇ سۆز ئىشقىلىپ ئۇيغۇرچە سۆز ئەمەسلىكى ئېنىققۇ.



ئالگېبرا  (ئەسلى: ئەلجەبرە ... جەبرى - جاپالىق پەن)

الجبرە (ئالگېبرا) دېگەن بۇ پەن ئىراق ئالىملىرى تەرىپىدى كەشىپ قىلىنغان.

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2012-7-3 18:14:19

ماتېماتىكىغا ساقىش(ساق+ئىش) دەپ قويغان ئىسىمنىڭ ئۆزىدىنلا ئەينى چاغدا ماتېماتىكا ئاساسىمىزنىڭ چۇڭقۇرلىقىنى چۈشۈنىشكە بولىدۇ، «بىر تۈز سىزىق ئۈستىدە بولمىغان ئۈچ نۇقتا بىر تەكشىلىكنى بەلەىلەيدۇ» دېگەن ئاكسىۇما يۈسۈپخاس ھاجىپنىڭ ئۈچ پۇتلۇق ئورۇندۇق ھەققىدىكى بايانلىرىدا ئەكس ئېتىدۇ دەپ ئاڭلىغانتىم.

forever يوللانغان ۋاقتى 2012-7-3 19:10:01

7- قەۋەتتىكى birhonنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

3- قەۋەتتىكى rockنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئالگېبىرا دېگەن بۇ سۆز قۇتادغۇبىلىكتە باما؟ ياكى تەرجىمىسىمۇ ئاۋۇ؟ بۇ سۆز ئىشقىلىپ ئۇيغۇرچە سۆز ئەمەسلىكى ئېنىققۇ.



ئالگېبرا  (ئەسلى: ئەلجەبرە ... جەبرى - جاپالىق پەن)

الجبرە (ئالگېبرا) دېگەن بۇ پەن ئىراق ئالىملىرى تەرىپىدى كەشىپ قىلىنغان.




ياخشى چۈشەندۈرۈپسىز!  بۇئىسىمنى ئەل خارازىمى قويغان.

joshua يوللانغان ۋاقتى 2012-7-3 20:50:01

بىز خەق ئاۋۋال «ئەل كىميا، ئەل جەبىر، مۇسىق» دەپ قوبۇل قىلىپ، كېيىن يەنە قايتىدىن «خىمىيە، ئالگېبرا، مۇزىكا» دەپ غەربچىسىنى قوبۇل قىپتۇق قارىغاندا.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2012-7-3 21:26:41

7- قەۋەتتىكى birhonنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

3- قەۋەتتىكى rockنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئالگېبىرا دېگەن بۇ سۆز قۇتادغۇبىلىكتە باما؟ ياكى تەرجىمىسىمۇ ئاۋۇ؟ بۇ سۆز ئىشقىلىپ ئۇيغۇرچە سۆز ئەمەسلىكى ئېنىققۇ.



ئالگېبرا  (ئەسلى: ئەلجەبرە ... جەبرى - جاپالىق پەن)

الجبرە (ئالگېبرا) دېگەن بۇ پەن ئىراق ئالىملىرى تەرىپىدى كەشىپ قىلىنغان.

ئاڭلىغان گەپ


matimatika يوللانغان ۋاقتى 2012-7-3 23:08:19

1- جۇڭگۇ ماتېماتىكا تارىخىدا ئېۋكىلىدنىڭ\"گېئومىتېرىيە ئاساسلىرى\"دېگەن كىتابىنىڭ ئوتتۇرا تۇزلەڭلىك خەنزۇ رايۇنلىرىغا تۇنجى كىرگەن ۋاقتى مىڭ سۇلالىسىنىڭ 1607 -يىللىرى دېيىلىدۇ، مۇنداقچە ئىيىتقاندا جۇڭگۇلۇقلارنىىڭ بۇ ئەسەر بىلەن دەسلەپ ئۇچراشقان ۋاقتى مۇشۇنداق بىكىتىلىدۇ.

قۇتاتقۇ بىلىكنىڭ قىممەتلىك يىرى شۇكى ، ئەگەر قۇتاتقۇ بىلىكنىڭ ئاپتۇرى يۇسۇپ خاس ھاجىپمۇ جۇڭگۇلۇق ھېسابلانسا جۇڭگۇ ماتېماتىكا تارىخىدىكى ئاشۇ بۆلەكنى تۇزۇتۇش كىرەك بولىدۇ.

2- «ئالگىبىرا» دېگەن ئىلىم نامى ئۇيغۇر ماتېماتىكا ئالىمى مۇسا ئەل خارازىمىنىڭ ئەسىرىنىڭ نامىدىن كەلگەن ، پەن نامى قىلىپ قوللىنىش ياۋرۇپالىقلارنىڭ ئەرەپچە يىزىلغان مۇسا ىارازىمى ئەسىرىنىڭ ئىسمىنى لاتىنچىغا قىسقارتىپ تەرجىمە قىلىشتىن كەلگەن، بەزىلەر ئىيىتقاندەك ئەرەپ ياكى پارىس(ئىران)لارنىڭ ئىجادىيىتى ئەمەس. «قۇتاتقۇ بىىلىك»نىڭ نەسرىي يەشمىسىدە بۇ ئىسىم ئەرەپچە «ئەلجەبر»دەپ ئىلىنغان. شۇنۇڭدىن بىلىشكە بولىدۇكى ، بۇ پەن نامى يۇسۇپ خاس ھاجىپ دەۋرىدە ئاللا بۇرۇن مۇشۇنداق قىلىپلىشىپ بولغان .

matimatika يوللانغان ۋاقتى 2012-7-3 23:12:08

10- قەۋەتتىكى joshuaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بىز خەق ئاۋۋال «ئەل كىميا، ئەل جەبىر، مۇسىق» دەپ قوبۇل قىلىپ، كېيىن يەنە قايتىدىن «خىمىيە، ئالگېبرا، مۇزىكا» دەپ غەربچىسىنى قوبۇل قىپتۇق قارىغاندا.



پەن ئاتالغۇلىرىنىڭ نۇرغۇنلىرى دەل سىز دېگەندەك بولغان.دەسلەپ ئەرەپچە \"ھەندىسە\"  ئاتالغان پەن كىيىن (گېئومىتىرىيە)دەپ ئىلىندى، مۇساھەت دەپ ئاتالغان پەن كىيىن تىرىگونومىتېرىيە دەپ ئاتالدى ...ۋە باشقىلار.

matimatika يوللانغان ۋاقتى 2012-7-3 23:15:21

8- قەۋەتتىكى Bidar-Qutlanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ماتېماتىكىغا ساقىش(ساق+ئىش) دەپ قويغان ئىسىمنىڭ ئۆزىدىنلا ئەينى چاغدا ماتېماتىكا ئاساسىمىزنىڭ چۇڭقۇرلىقىنى چۈشۈنىشكە بولىدۇ، «بىر تۈز سىزىق ئۈستىدە بولمىغان ئۈچ نۇقتا بىر تەكشىلىكنى بەلەىلەيدۇ» دېگەن ئاكسىۇما يۈسۈپخاس ھاجىپنىڭ ئۈچ پۇتلۇق ئورۇندۇق ھەققىدىكى بايانلىرىدا ئەكس ئېتىدۇ دەپ ئاڭلىغانتىم.



شۇنداق، ماتېماتىكىنى يۇسۇپ خاس ھاجىپ قۇتاتقۇ بىلىكتە \"ساقىش\"دەپ ئاتىغان، ھازىر بىز پەرەڭلەردىن ماتېماتىكا دېگەن ئىسىمنى قايتا قوبۇل قىلدۇق.


ماتېماتىكا = ساقىش (ساق +ئىش)


بۇ ئۇيغۇرچە ئىسىم نىمە دېگەن پاساھەتلىك قويۇلغان ھە!!!

Tepekkurchi يوللانغان ۋاقتى 2012-7-4 05:55:12

ئالگىبرا دىگەن سۆز ئەلجەبىر دىگەن سۆزدىن ئۆزگەرگەن. ئەلجەبىر دىگەنلىك بۇزۇلغان يەرلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قۇراشتۇرۇش، بىر نەرسىنى پۈتۈنلەش دىگەن مەنانى بىلدۈردىدۇ دەپ ۋىكىپىدىيا ۋە باشقا مەنبەلەردە چۈشەندۈرۈپتۇ.

بۇ سۆزنى ئەڭ دەسلەپ ماتىماتىكا ساھەسىدىكى بۈيۈك شەخىس مۇسا ئىبىن ئەل خارەزىمىنىڭ ئەسىرى «ilm al-jebr wa\"l-muqabala» دىگەن كىتابتا ئىشلەتكەنكەن.



ئۇندىن باشقا ئەل خارەزىمى پارىس، ئۇيغۇر ئەمەس.

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2012-7-4 08:38:24

14- قەۋەتتىكى matimatikaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ماتېماتىكا = ساقىش (ساق +ئىش)


بۇ ئۇيغۇرچە ئىسىم نىمە دېگەن پاساھەتلىك قويۇلغان ھە!!!



پاساھەتلا ئەمەس، ماتېمتىكانىڭ ساقتىپەزلىكنى ئۆزىگە سىغدۇرالمايدىغانلىقىنى ئەجدادلىرىمىزنىڭ مىڭ يىللار بۇرۇن بىلگەنلىكىنىڭ كۈچلۈك دەلىلى. ماتېماتىكىغا بولغان تونۇشۇنىڭ بۇرۇندىن چۇڭقۇرلىقىنىڭ كۈچلۈك پاكىتى.

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2012-7-4 08:58:03

15- قەۋەتتىكى tepekkurchiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئۇندىن باشقا ئەل خارەزىمى پارىس، ئۇيغۇر ئەمەس.


ئۇيغۇر ماتېماتىكلىرى دېگەن بىر يازمىدا خارەزىمىنىڭ بىر تەقلىدى سۈرىتى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇرلىقى ھەققىدە مەلۇمات كۆرگەن ئىدىم، بۇ مەلۇمات يالغان بولغىيمىتى.


\"\"


تۆۋەندىكى ماقالىلاردا ئۇيغۇر دېيىلگەن.


ئۇيغۇر ماتېماتىك مۇھەممەت مۇسا خارازىمى

ئۇيغۇر ماتېماتىكلىرى (1-توپلام)


بۇ ماقالىلارنى يازغۇچىمۇ مەزكۇر تېمانى يوللىغۇچى ماتېماتىكا ئىنىمىز بولسا كېرەك.

dawanqi يوللانغان ۋاقتى 2012-7-4 09:02:49


15- قەۋەتتىكى tepekkurchiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل



ئۇندىن باشقا ئەل خارەزىمى پارىس، ئۇيغۇر ئەمەس.


                                                                                                        


ياۋروپا ئەللىردە \"ئالگارتمۇس\"دىگەن نام بىلەن مەشھۇر بولغان مۇنەۋۋەر تۈرك پەرزەندى ئىنسىكلوپدىك ئالىم ۋە ئالىملار پىشۋاسى ئىبنى مۇسا خارەزەمى مىلادى780-يىلى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ گۈللەنگەن قەدىمىي شەھەرلەرنىڭ بىرى خارەزىمدا تۇغۇلۇپ(ھازىرقى تۈركمەنىستان بىلەن ئۆزبىكىستاننىڭ چېگراسىدىكى،ئامۇ دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى)847-يىلى ۋاپات بولغان،ياۋروپالىقلار ئۇزاق ئەسىرلەردىن بۇيان ئالىمنىڭ \"ئالگارتمۇس\"دىگەن لاتىنچىلاشتۇرۇلغان نامىغا قاراپ ئۇنى ئەرەپ ياكى پارس دەپ خاتا تۇنۇپ كەلگەن،كىيىنكى ئىلمىي تەتقاتلار \"ئالگارتمۇس\"نىڭ مۇھەممەت ئىبنى مۇسا خارەزەمى ئىكەنلىگىنى بىلدۈرگەندىن كىيىن،ئىسمىنىڭ ئاخىرغا قۇشۇلغان يۇتىنىڭ نامىغا قاراپ،ئۇنىڭ تۈرك مىللىتىدىن كىلىپ چىققان ئوتتۇرا ئاسىيالىق ئالىم ئىكەنلىگىنى مۇقىملاشتۇردى.




Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2012-7-4 10:02:15

مىسرانىمدىكى خارازەمىنى ئىزدەۋىتىپ، كۈتۈلمىگەندە ھەممىمىزگە تونۇش بولۇپ كەتكەن جىەنبوزەننىڭ ئاتىسى،   ئۇيغۇر ماتېماتىكا مائارىپچىسى جىيەن كۇيۋۇ نى ئۇچرۇتۇپ قالدىم. بۇنىمۇ كۆرۈپ قويۇڭلار.

بەت: [1] 2
: يۈسۈپ خاس ھاجىپ تىلغا ئالغان ماتېماتىك