rock يوللانغان ۋاقتى 2012-7-4 10:42:15

19- قەۋەتتىكى Bidar-Qutlanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مىسرانىمدىكى خارازەمىنى ئىزدەۋىتىپ، كۈتۈلمىگەندە ھەممىمىزگە تونۇش بولۇپ كەتكەن جىەنبوزەننىڭ ئاتىسى،   ئۇيغۇر ماتېماتىكا مائارىپچىسى جىيەن كۇيۋۇ نى ئۇچرۇتۇپ قالدىم. بۇنىمۇ كۆرۈپ قويۇڭلار.





گەرچە شۇنچە ئېسىل ئادەم بولسىمۇ، پۇتۈنلەي ئاسمىلاتسىيە بولۇپ كەتكەن بۇ كىشىنى تالىشىپ ھەم پەخىرلىنىشنىڭ ھېچ بىر ئېھــتىياجىنى بىلمىدىم. مىيىتىنى كۆيدۈرۈپ، كۈلىنى قۇتىغا سېلىپ ... دېگەندەك يەرلىرى كۆرۈپ دەيمىنا.

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2012-7-4 15:06:11

20- قەۋەتتىكى rockنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

گەرچە شۇنچە ئېسىل ئادەم بولسىمۇ، پۇتۈنلەي ئاسمىلاتسىيە بولۇپ كەتكەن بۇ كىشىنى تالىشىپ ھەم پەخىرلىنىشنىڭ ھېچ بىر ئېھــتىياجىنى بىلمىدىم. مىيىتىنى كۆيدۈرۈپ، كۈلىنى قۇتىغا سېلىپ ... دېگەندەك يەرلىرى كۆرۈپ دەيمىنا.

مەن بىرەرسىنىڭ بۇ ئادەمنى بىزدىن تالشقىنىنى ئاڭلىمىدىم، ئەمما ئۇنىڭ مۇسۇلمانسىز ئۇيغۇرلىقىنى ئاڭلىدىم.

matimatika يوللانغان ۋاقتى 2012-7-4 16:09:24

18- قەۋەتتىكى dawanqiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل


15- قەۋەتتىكى tepekkurchiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل



ئۇندىن باشقا ئەل خارەزىمى پارىس، ئۇيغۇر ئەمەس.


                                                                                                        


ياۋروپا ئەللىردە \"ئالگارتمۇس\"دىگەن نام بىلەن مەشھۇر بولغان مۇنەۋۋەر تۈرك پەرزەندى ئىنسىكلوپدىك ئالىم ۋە ئالىملار پىشۋاسى ئىبنى مۇسا خارەزەمى مىلادى780-يىلى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ گۈللەنگەن قەدىمىي شەھەرلەرنىڭ بىرى خارەزىمدا تۇغۇلۇپ(ھازىرقى تۈركمەنىستان بىلەن ئۆزبىكىستاننىڭ چېگراسىدىكى،ئامۇ دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى)847-يىلى ۋاپات بولغان،ياۋروپالىقلار ئۇزاق ئەسىرلەردىن بۇيان ئالىمنىڭ \"ئالگارتمۇس\"دىگەن لاتىنچىلاشتۇرۇلغان نامىغا قاراپ ئۇنى ئەرەپ ياكى پارس دەپ خاتا تۇنۇپ كەلگەن،كىيىنكى ئىلمىي تەتقاتلار \"ئالگارتمۇس\"نىڭ مۇھەممەت ئىبنى مۇسا خارەزەمى ئىكەنلىگىنى بىلدۈرگەندىن كىيىن،ئىسمىنىڭ ئاخىرغا قۇشۇلغان يۇتىنىڭ نامىغا قاراپ،ئۇنىڭ تۈرك مىللىتىدىن كىلىپ چىققان ئوتتۇرا ئاسىيالىق ئالىم  ئىكەنلىگىنى مۇقىملاشتۇردى.



ئابلىز مۇھەممەت سايرامى يازغان \"يۇەن سۇلالىسىدا ئۆتكەن مەشھۇر ئۇيغۇرلار\"دېگەن كىتاپتىكى


نەقىل، مۇسا خارازىمىنىڭ ئۇيغۇرلەقىغا دائىر پاكىتلار يەنە كۆپ.


matimatika يوللانغان ۋاقتى 2012-7-4 16:15:45

15- قەۋەتتىكى tepekkurchiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئالگىبرا دىگەن سۆز ئەلجەبىر دىگەن سۆزدىن ئۆزگەرگەن. ئەلجەبىر دىگەنلىك بۇزۇلغان يەرلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قۇراشتۇرۇش، بىر نەرسىنى پۈتۈنلەش دىگەن مەنانى بىلدۈردىدۇ دەپ ۋىكىپىدىيا ۋە باشقا مەنبەلەردە چۈشەندۈرۈپتۇ.

بۇ سۆزنى ئەڭ دەسلەپ ماتىماتىكا ساھەسىدىكى بۈيۈك شەخىس مۇسا ئىبىن ئەل خارەزىمىنىڭ ئەسىرى «ilm al-jebr wa\"l-muqabala» دىگەن كىتابتا ئىشلەتكەنكەن.



ئۇندىن باشقا ئەل خارەزىمى پارىس، ئۇيغۇر ئەمەس.




مۇسا خارازىمى ئۇيغۇر!


بۇنىڭغا قاراڭ: http://bbs.misranim.com/thread-45277-1-1.html

Tepekkurchi يوللانغان ۋاقتى 2012-7-4 17:46:11

23- قەۋەتتىكى matimatikaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

15- قەۋەتتىكى tepekkurchiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئالگىبرا دىگەن سۆز ئەلجەبىر دىگەن سۆزدىن ئۆزگەرگەن. ئەلجەبىر دىگەنلىك بۇزۇلغان يەرلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قۇراشتۇرۇش، بىر نەرسىنى پۈتۈنلەش دىگەن مەنانى بىلدۈردىدۇ دەپ ۋىكىپىدىيا ۋە باشقا مەنبەلەردە چۈشەندۈرۈپتۇ.

بۇ سۆزنى ئەڭ دەسلەپ ماتىماتىكا ساھەسىدىكى بۈيۈك شەخىس مۇسا ئىبىن ئەل خارەزىمىنىڭ ئەسىرى «ilm al-jebr wa\"l-muqabala» دىگەن كىتابتا ئىشلەتكەنكەن.



ئۇندىن باشقا ئەل خارەزىمى پارىس، ئۇيغۇر ئەمەس.




مۇسا خارازىمى ئۇيغۇر!


بۇنىڭغا قاراڭ: http://bbs.misranim.com/thread-45277-1-1.html





مۇسا خارەزىمىگە ئائىت ئۇچۇرلار ئىنتايىن ئاز.  ھازىرغىچە بىزنىڭ بىلدىغىنىمىز ئۇنىڭ پەقەت خارەزىم شەھرىدە تۇغۇلغانلىقى. مۇشۇنىڭدىن باشقا  ئۇ قايسى تىلدا سۆزلەشكەن، قايسى خەلىققە تەۋە ئىدى دىگەندەك ئۇچۇرلار يوق.  شۇڭلاشقا خارەزىمىنىڭ ئەرەب - پارىسلىق جىدىلى تا ھازىرغىچە سوزۇلۇپ كىلۋاتىدۇ.


ئەمدى بۇنىڭغا قىتىلىپ ئۇنىڭ تۈركلىك جىدىلىنى قىلىش ئۈچۈن ئىشەنىچلىك پاكىت بولىشى كىرەك. خارەزىم شەھرىدە تۈركلەرنىڭ كۆپ ساندا ياشىغانلىقى، خارەزىمىنىڭ تۈركلەرگە باغلىنىشلىق بىرەر ئۇچۇرى دىگەندەكلەر بولىشى كىرەك. بۇ بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئۇنى تۈرك ياكى ئۇيغۇر دىيىش ئاساسسىز بولۇپ قالىدۇ.



سىز قالدۇرغان بەتنى كۆردۈم. خارەزىمىنىڭ ئوتۇرا ئاسىيادىن چىققان داڭلىق ماتىماتىكا ئالىملىقى، ئۇنىڭ بۈگۈنكى ئۆزبىكىستان خىۋە رايونىدا ياشىغانلىقى، ماتىماتىكا قوشقان تۆھپىلىرى دىگەندەك بايانلار ھەممە ئىتراپ قىلغان پاكىتلار. بىراق ئۇنىڭ ئۇيغۇرلىقىغا ئائىت چىقرىلغان ھۆكۈملارنىڭ ئاساسى ياكى پاكىىتى كۆرسىتىلمىگەن. پەرەزلەر، شەخسى قاراشلار كۆپكەن. بۇنىڭ بىلەن خارەزىمىنى ئۇيغۇر دەپ ھۆكۈم قىلىش بالدۇر.



خارەزىمنىڭ پارىس دەپ قارىلىشىنىڭمۇ بىۋاستە پاكىتى يوق، پەقەت شۇ خارەزىم شەھرىنىڭ سوغدى قاتارلىق پارىس تىللىق خەلىقلەرنىڭ ئانا يۇرتى بولغانلىقى ئۈچۈن كەلتۈرۈلۈپ چىقىرىلغان ھۆكۈم. بىراق بۇ ھۆكۈم ئۇنىڭ ئەرەب ياكى تۈركلىكگە قارىتا چىقرىلغان ھۆكۈمگە قارىغاندا كۈچلۈكرەك. شۇڭا ھازىرچە ئۇنى ئىلىم ساھەسىدە پارىس دەپ قارايدىكەن.  




koktash يوللانغان ۋاقتى 2012-7-5 07:02:31

خاقانىيە تۈرك تىلىدا «ئالگبرا»نى ئالگىبىرا دەمدىكەندۇق؟

matimatika يوللانغان ۋاقتى 2012-7-5 15:37:05

25- قەۋەتتىكى koktashنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

خاقانىيە تۈرك تىلىدا «ئالگبرا»نى ئالگىبىرا دەمدىكەندۇق؟



ئىزدىنىپ باقساق بولغۇدەك.
بەت: 1 [2]
: يۈسۈپ خاس ھاجىپ تىلغا ئالغان ماتېماتىك