مەرھابا ئوغلۇم
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ئىزدىنىشنىڭ مۆھتىرەم ئىشتىراكچىللىرى،ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە ئىلتىپاتى بلەن دۈشەنبە كۈنى كەچ سائەت 10:05 مىنۇت ئۆتكەندە ئايالىمنىڭ كۆزى يورۇپ "ئاتا"دېگەن مۇبارەك نامغا نائىل بولدۇم،ئاتا بولۇشنىڭ ئادەم ھاياتدىكى نەقەدەر زور بەخت ئىكەنلكىنى بوۋقىڭىز "ئىڭە، ئىڭە"لەپ يورۇق دۇنياغا كۆز ئاچقاندا ئۇنڭىغا تۇنجى قېتىم قارىغان ۋاقتىڭىزدا ئاندىن ھېس قىلدىكەنسىز.مەن شۇ چاغدىكى تەسىراتىمنى سۆزلىسەم بالامنى تۇنجى كۆرگەندە خۇددى ئۆزەمنىڭ ئەڭ دەسلەپكى تۇغۇلغان ھالىتىمنى يەنى ئۆزۈمنڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخامنى كۆرگەندەك بولدۇم...
مېنڭ ئاتا بولۇش جەريانىم تولىمۇ زور سىناقلارغا دۇچ كەلدى، يەنى تۇنجى پەرزەتىم پاتىمە(ئاللاھ مەرھۇمە قىزىمنى ئامان قلىسۇن)نىڭ يىغا ئاۋازىنى ئاڭلىمايلا ئۇنىڭدىن ئايىرلدىم.
ئايالىم ئىككىنچى بالامغا ھامىلدار بولۇپ 5 ئايغا قەدەم قوياي دېگەندە تۇيۇقىسز بويدىن ئاجىراپ كېتىش يۈز بەردى، سەۋەپ ئۈستىدە ئىزدەندۇق. مەن غەيرى قان تىپلىق بولغاچ ھامىلنىڭ يېتىلىشگە تەسر كۆرستىدىغان ئامىللار بارمىش...دوختۇرلارنىڭ ئېيتىشچە ئۈرۈمچىدىكى چوڭراق دوختۇرخانىلارغا بېرىپ تەكشۈرتىشىمىز،زۆرۈر بولغاندا پەرزەنت كۆرۈش ئىستگىمىز ئۈچۈن ئەر-ئايال ئىككمىز ئايرىلىپ كېتىشمىز كېرەككەن،بۇ ئائىلەمگە چۈشكەن زور سىناق ئىدى،بىز بۇ ئىشقا كەلگەندە تولىمۇ سەۋرىلىك بولدۇق،شۈكىرى قىلدۇق،ئۆز ئارا بىر-بىرىمىزنىڭ كۆڭلىنى ئەمىن تاپقۇزۇشتۇق،...
ئايالىم مەلۇم مەزگىل ئارام ئالغاندىن ھازىرقى بالامغا (ئۈچىنچىسى )گە ھامىلدار بولدى،كىين رۇخسەت سوراپ ئۈرۈمچىگە بېرىپ تەكشۈرتۈپ كەلمەكچى بولدۇق.دەل شۇ ئارلىقتا ئانامنڭ رېماتىزىم كېسلى قوزغۇلۇپ قالدى،شۇ ئارلىقتا ئانامنى خوتەنگە ئۇيغۇر تېبابىتى بلەن داۋالاشقا ئېلىپ بېرىپ بىرئاي ئەتىراپىدا داۋالىتپ قايتىپ كەلدىم.
كىين ھەر ئىش بولسا ئاللاھنىڭ پىشانەمگە پۈتكىننى كۆرەي،ئاللاھ نېسب ئەتسە رىسقى بلەن بېرەر دېدىم،....
مانا بۈگۈن سىلەرگە بۇ خوشاللقىمنى بايان ئەيلەپ ئولتۇرۇپتىمەن...
ئەمدىكى ئىش ياخشى بىر ئىسم تاللاپ قويۇش،ئەقىقىسنى ئۆتكۈزۈش...
مۇتەللىپ سىدىق قاھىرى تۈزگەن «ئۇيغۇركىشى ئىسملىرى قامۇسى» ۋە ئابدۇرەشىد جەلىل قارلۇق تۈزگەن «كۆپ قوللنىلدىغان تۈركچە ئىسم-فامىللەر ۋە ئۇنىڭ مەنىللىرى» دېگەن كىتابلاردىن مەن تاللىغان ئىسملار تۆۋەندىكىچە:
1.ئوغۇز-ساپ،ساغلام،چىداملىق،كۈچلۈك
2. ئەلتۇغ- سەممىي سادىق
3. ئەرقۇت- تەقدىر پىشانىسى ئوچۇق، بەخىتلىك ئەر
4. ئەر تۇغ- قەھرىمان ئەسكەر
5.مۇخلىس- سەممىي،سادىق
6. ئىلتەرىش- ئەلنى دۆلەتنى توپلاپ بىرلەشتۈرگەن،
7. بىلگىزاد- بىلىملىك ئەۋلاد
8. پەخرىزاد- پەخىرلىك ئوغۇل
9. غەيۇر- غەيرەتلىك،باتۇر
10. غەيرۇللاھ - ئاللاھنىڭ باتۇرى
11. غەيرۇل- ئاللاھنىڭ باتۇرى
12. زۇلئىكرام - ھۆرمەتلىك،ھۆرمەت ئىگىسى
13. مۇجاھىد - ئاللاھنىڭ جەڭچىسى
14. ئۇيقۇت- ئۇيغۇرنىڭ بەختى
15. ئىقبال- تەلىي كەلگۈچى،كەلگۈسى بەخىت تەلەي...
ھازىرچە مۇشۇ ئىسملاردىن قايسنى قويسام بولا دەپ ئويلىنپ ئولتۇرۇپتىمەن،ھەم تۆۋەندىكى گەپلەر ئۈستىدە ئىزدىنش ئەھلىنڭ پىكىرىنى ئاڭلاپ باققۇم بار...
بالا تۇغۇلۇپ يەتتىنچى كۈنى بالىنڭ چېچى چۈشۈرىلىپ«ئەقىقە» سىى ئۆتكۈزلدىكەن، بىر قىسملارنىڭ دىيشچە يەتىنچى كۈنى بالنىڭ باش سۆڭكى تېخى قېتىپ بولمىغاچقا چېچىنى چۈشۈرمەي كىينرەك چۈشۈرۈپ ئاندىن ئەقىقىسنى ئۆتكۈزۈپ بەرسىمۇ بولدۇ،دەيدىغان گەپلەر بارئىكەن... مۇشۇنداق قىلساقمۇ توغرا بولامدۇ...؟
ئىزدىنشتىكىلەرنىڭ مەسلىھەتىگە مۇھتاجمەن،
ئەڭ ياخشىسى توردىكى ئىسمىڭىزنى قويۇڭ، يەنى ئاتىللا. مۇبارەك بولسۇن بۇرادەر ، ئاللاھ بالاڭلىغا مەڭگۈلۈك بەخت ، تاغدەك غەيرەت شىجائەت بەرسۇن . مەنچە بولسا ئەر تۇغ دىگەن ئىسىم بولىدىكەن . ھاماقەت بۇرادەرنىڭ تەۋسىيەسنىمۇ ئويلىشىپ بېقىڭلار . ئامال بار ئۇيغۇرچە ئىسىم قويۇڭلار . باشقا گەپنى باشقا تېمىلاردا دىيىشەيلى بۇ خوشاللىق تېمىسىدا كۆڭۈلسىز پاراڭ چىقىپ قالمىسۇن . مۇبارەك بولسۇن! سىز تاللىغان ھەممە ئىسىم شۇنداق مەنىلىك،سەرخىل ئىسىملاركەن،بولسا جىق بالىسى بارلار مۇشۇ ئىسىملارنى ئىككىلەنمەيلا قويسا بولىدىكەن. ئىسىم قويغاندا ھەقاچان چوڭلارمۇ بار،ئۇلارمۇ نەۋرىسىگە ئىسىم قويۇشنى چوڭ بىلىدۇ.شۇڭا سىزمۇ شۇلارنى ئويلاشقاچ،مۇشۇ ئىسىملار ئىچىدىن بىرنى تاللاڭ.مەنچىغۇ بىلگىزاد،ئەلتۇغ مۇ بولىدىكەن. بەرىبىر دېگەن بىلەن يەنىلا ئۆزىڭىز ياقتۇرغاننى قويىسىز ھەقاچان
مانا ھازىر ئوقۇپ، ئۆزەمنى ئوغلى بولغاندەك ھىس قىلىۋاتىمەن. رەسۇلىمىز سەللەلاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئوغلى ئىبراھىمنىڭ ئورنىغا ئۈممەتلىرىگە سالىھ ئوغۇل پەرزەنتلەرنى بېرىشنى تىلەپ دۇئا قىلغانىدى. . .
مۇبارەك بولسۇن!
ماڭا 13- ئىسىم يارىدى. تاللاش ھوقۇقى سېلىدە.
پەرزەنت - ئاللاھنىڭ ئاتا- ئانىغا بەرگەن ئامانىتى.
ئاللاھنىڭ رەھمەت نەزىرى بىلەن سالىھ، ساغلام چوڭ قىلىش نېسىپ بولغاي!
3- قەۋەتتىكى yapraqنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مۇبارەك بولسۇن! بەرىبىر دېگەن بىلەن يەنىلا ئۆزىڭىز ياقتۇرغاننى قويىسىز ھەقاچان.
رەھمەت، مەنچغۇ ئاللاھ نېسب ئەتسە يۇقارقى ئىسملارنى قويغۇدەك ئوغۇللىرىم بولسا بىرنمۇ قالدۇرماي ھەممىنى قوياتتىم.
يەنىلا يۇقارىقى ئىسىملار ئۈستىدە كۆپچىللىكىنڭ پىكىرى ئاڭلاپ باققۇم، ئىزدىنشتە كۆرگەن بىلگەن باللار جىق...
@Pinhan سىلىگە كۆپ رەھمەت...ئۇ پىكىرلەرمۇ نەزەردىن يىراق ئەمەس...ئاتىللا قوياي دېسەم چوڭلار قەتئىي قوشالمدى...
ئەقىقە توغرىسدا قېرنىدىشىمىز ئەۋار@avar ياخشى مەسلھەتلەرنى بەردى، تېمامدىكى ئۇ مەزمۇنى ئۆچۈرۋىتەي دىسەم قايتا تەستىقلىنىپ چىققۇچە ۋاقىت يار بەرمىگۈدەك..سەل ئالدىراپ قالدىم..
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم، مۇبارەك بولسۇن.سىزنى ھەم پەرزەنتىڭىزنى ئاللاھ ياخشى كۆرسۇن. مەنمۇ ئۇيغۇرنى بارچىدىن ئىسىل كۆرىدىغان ئۇيغۇر. بىز ئۇيغۇر شۇنداقلا مۇسۇلمان. ئەلۋەتتە قىيامەتتە ئاللاھ نەسىب ئەتسە مۇسۇلمان بىز ئېنشائاللاھ. شۇڭا توغرا كۆرسىڭىز شۇ پەرزەنتنىڭ ئىسمىنى ئاللاھقا يارايدىغان ئىسىم قاتاردىن قىلىڭ. قۇرئان كەرىمدىكى ئىسىملار ئەلۋەتتە ئاللاھ ئۆزى ئاتىغان ئىسىمدۇر. ئۇيغۇرلىقىمز بىلەن مۇسۇلمانلىقىمىزنى زىت قىلىپ قويساق ئەلىۋەتتە بىز ئازغان بولىمىز. مىللەتنى سۆيۈشنى ئاللاھنى سۆيۈشنىڭ ئالدىغا قويمايلى، مىللەتنى ھەم شۇ تەرزىدە سۆيگىلى بولىدۇ، ئېنشائاللاھ. 13. مۇجاھىد - ئاللاھنىڭ جەڭچىسى
خوتەندە ماندا ئاڭلىدىميا......... بىرەر يىلنىڭ ياقى مۇجاھىد دىگەن ئىسسىمنى نوپۇسقا تىزىملىماپتا ئاينا. ئۇقۇش يېشىدىكى مۇجاھىد ئىسسىملىك باللارنىڭ ئىسسىملىرىنى ئۆزگەررتكۈزۋەتكەننىڭ گېپى باررر.
ساپ ئۇيغۇرچە ئىىسم قويىتمەن دىسىڭزى سولتان سۇتۇق بۇغراخان دىگەن نامدىكى خالىغان ئىككى ئىسسىمنى تاللاۋىلىڭ خوتەنلىكلار قوش ئىسسىم قويمىسا بومايىتتا ئاينا. مەتتۇختى،مەترەجەپ، تۇسسۇن توختى دىگەندەك

http://bbs.meripetyoli.com/forum.php?mod=redirect&goto=findpost&ptid=917&pid=6188&fromuid=883 ئالدى بىلەن ئوغۇللۇق بولغىنىڭىزغا مۇبارەك!. «ئۇيقۇت» دېگەن ئىسىمنى ئويلىشىپ بېقىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. ھەم مەنىسى ياخشى ئىسىمكەن. ھەم ئارىمىزدا ئۇنداق ئىسىم يوق دىيەرلىك. ئۆزگىچە بولىدۇ دەپ ئويلاريمەن. مۇبارەك بولسۇن!!! ئاللاھ پەرزەنتىڭلارنى ئىمانلىق مۇئمىنلەردىن قىلغاي! خاتىرجەملىك بەرىكەت يار بولغاي!!! مۇبارەك بولسۇن !
مۇھەممەد، ئەلى، مۇجاھىد، جىھاد، ھەمزە،ئىبراھىم ۋە سىز تاللىغان ئسىملار..... مۇبارەك بولسۇن! ئاللاھ تىنى ساق، ئۆمرىنى ئۇزۇن، ئاتا-ئانىسىغا ۋاپادار، قەۋمىگە سادىق، ئىتقادى مۇستەھكەم چوڭ بولىشقا نىسىپ قىلسۇن، بەك غايىۋى ئىسىممۇ بوپ كەتمىسۇن، ئىلتەرىش، بىلەن غەيۇر نى ئويلىشىپ بېقىڭ ئۇندىن باشقا پاكسۆي دېگەن ئىسىمنى ئۆيلىشىپ بېقىڭ... ئۆيدىكىلەرگە سىلىق گەپلەر بىلەن ئىسىمنىڭ مەنىسى چۈشەندۈرۈڭ... ئۇندىن باشقا ئايالىڭىزنىڭ پىكىرىنىمۇ ئېلىپ بېقىڭ، مېنىڭچە ئايالىڭىزغا ياققان ئىسىمنى قويۇڭ. ۋاھ، مۇبارەك بولسۇن، ئوغۇلنىڭ رىزقىي پىشانىسىنى كەڭ قىلسۇن، ئىنسابىنى بەرسۇن!
ئۇيقۇت دېگەن ئىسىمدىن باشقا ئىسملارنى قويساڭلار بولىدىكەن. ھەممىسى ناھايىتى ئۇز مەنىلىك ئېسىل ئىسىملاركەن.
ئۇيقۇت سۆزىنى ئويلاشماڭلار. ئەسلىدە يوق سۆز بولۇپ، ناباب كىشى تەرىپىدىن ياسالغان ئىكەن. ئۇي+قۇت= كالا +بەخت ... دېگەن گەپ. ئۇي ھەرگىزمۇ ئۇيغۇرغا تەڭداش سۆز ئەمەس.
قويۇش توغرا كەلسە، ئۇيغۇرقۇت دەپ قويۇش كېرەك. ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام
غەيۇرنى قويىڭە.مىنىڭ نەۋرە ئىنىمنىڭ ئىسمى غەيۇر لىكىن جىق خەق تۇنجى ئاڭلىغاندا قايتا سورايدۇ غەلىتە ئاڭلىنىپ
14- قەۋەتتىكى yukselنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ۋاھ، مۇبارەك بولسۇن، ئوغۇلنىڭ رىزقىي پىشانىسىنى كەڭ قىلسۇن، ئىنسابىنى بەرسۇن!
ئۇيقۇت دېگەن ئىسىمدىن باشقا ئىسملارنى قويساڭلار بولىدىكەن. ھەممىسى ناھايىتى ئۇز مەنىلىك ئېسىل ئىسىملاركەن.
ئۇيقۇت سۆزىنى ئويلاشماڭلار. ئەسلىدە يوق سۆز بولۇپ، ناباب كىشى تەرىپىدىن ياسالغان ئىكەن. ئۇي+قۇت= كالا +بەخت ... دېگەن گەپ. ئۇي ھەرگىزمۇ ئۇيغۇرغا تەڭداش سۆز ئەمەس.
قويۇش توغرا كەلسە، ئۇيغۇرقۇت دەپ قويۇش كېرەك.
ئەگەر «ئۇيقۇت»نى «ئۇيغۇرنىڭ بەختى» دىگەن مەنىدە دەپ، بالىڭىزنىڭ ئىسمىغا تاللىماقچى بولسىڭىز، يۈكسەل دىگەندەك «ئۇيغۇرقۇت» دەپ قويۇڭ.
لېكىن، «ئۇيقۇت»نى «ئۇي+قۇت= كالا +بەخت ... دېگەن گەپ» دېيىش بىلەنلا چۈشەندۈرۈپ بولغىلى بولمايدۇ.
ئۇي+قۇت=بىرلىك+بەخت=بىرلەشمەك بەخت، دىگەن گەپ.
ئۇي+قۇت=ئۇيقۇ+بەخت=ئۇخلىماق بەخت، دىگەن گەپ.
ئۇي+قۇت=قېتىش+بەخت=جايىدىن مىدىرلىماي قېتىپ قالماق بەخت دىگەن، گەپ
مۇبارەك بولسۇن!ئەرقۇت يېقىملىق ئاڭلاندى ماڭا..16- قەۋەتتىكى ketmenbayنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
14- قەۋەتتىكى yukselنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ۋاھ، مۇبارەك بولسۇن، ئوغۇلنىڭ رىزقىي پىشانىسىنى كەڭ قىلسۇن، ئىنسابىنى بەرسۇن!
ئۇيقۇت دېگەن ئىسىمدىن باشقا ئىسملارنى قويساڭلار بولىدىكەن. ھەممىسى ناھايىتى ئۇز مەنىلىك ئېسىل ئىسىملاركەن.
ئۇيقۇت سۆزىنى ئويلاشماڭلار. ئەسلىدە يوق سۆز بولۇپ، ناباب كىشى تەرىپىدىن ياسالغان ئىكەن. ئۇي+قۇت= كالا +بەخت ... دېگەن گەپ. ئۇي ھەرگىزمۇ ئۇيغۇرغا تەڭداش سۆز ئەمەس.
قويۇش توغرا كەلسە، ئۇيغۇرقۇت دەپ قويۇش كېرەك.
ئەگەر «ئۇيقۇت»نى «ئۇيغۇرنىڭ بەختى» دىگەن مەنىدە دەپ، بالىڭىزنىڭ ئىسمىغا تاللىماقچى بولسىڭىز، يۈكسەل دىگەندەك «ئۇيغۇرقۇت» دەپ قويۇڭ.
لېكىن، «ئۇيقۇت»نى «ئۇي+قۇت= كالا +بەخت ... دېگەن گەپ» دېيىش بىلەنلا چۈشەندۈرۈپ بولغىلى بولمايدۇ.
ئۇي+قۇت=بىرلىك+بەخت=بىرلەشمەك بەخت، دىگەن گەپ.
ئۇي+قۇت=ئۇيقۇ+بەخت=ئۇخلىماق بەخت، دىگەن گەپ.
ئۇي+قۇت=قېتىش+بەخت=جايىدىن مىدىرلىماي قېتىپ قالماق بەخت دىگەن، گەپ
مەنمۇ سىز كەتمەنباي ئويلىغاندەك ئويلىغان ئىدىم. ھەقىقەتەن قايسى ياققا ئويلىسا شۇنىڭغا بولىدىغان ئىسىمكەن بۇ. لېكىن، ئىسىم قويغۇچى ھەرقانچە بولسىمۇ ئۇيقۇت دېگەننى كالا قۇت مەنىسىدە ئويلاپ قويماس. ۋۇي بىر دەمدە دادا بولۋالدىڭزما؟
مۇبارەك بولسۇن، ئاللاھ سالىھ پەرزەنتلەردىن قىلسۇن.
