4. ئەر تۇغ نى تاللىدىم.
5.مۇخلىس نى پەقەت ياقتۇرمايمەن. مۇبارەك بولسۇن! پەرزەنتىڭىزگە ۋە ئائىلىڭىزگە ئىككى دۇنيالىق بەخت-سائادەت تىلەيمەن. (@tashademنىڭ دۇئاسىنى تەكرارلىدىم)
ئوغلىڭىزنىڭ ئانىسى قايسى ئىسىمنى تاللىغان بولسا، مەنمۇ شۇ ئىسىمنى مۇۋاپىق كۆردۈم.

يۇقۇرىدىكىسى ئاتايەن مۇشۇ تىما ئۈچۈن يېزىلغان ئىنكاس ئەمەس، كاللامدا ئۇزۇندىن بىرى تۈگۈن بولۇپ تۇرغان سۇئال ئىدى، نۆۋىتى كىلىپ قىلىپ، بۇ يەردە سوراپ قالدىم، ئاتىللا ئۇكام، بۇ سۇئالنى پەقەت بىر ئويلۇنۇش سۇئالى دەپلا بىلىڭ. مۇبارەك بولسۇن ئاتىللاجان
ئاللاھ بالىڭىزغا ئىنساپ ئاتا قىلسۇن!
بويتاق ئاشتىلارمۇ ئاللاھ نىسىپ قىلسا بىر كۈنلەردە مۇنبەرگە «مەن دادا بولدۇم» دەپ تېما يېزىپ كەتسەك ھە بولسا مۇجاھىد قويسىلا ماڭامۇشۇ يېقىملىق ئاڭلاندى . بۇندىن كىيىنتۇرغۇن ،تۇرسۇن،كۈرەش،ئابلىز، پولات.....دىگەندەك ئىسىملىرىمىزنىڭ نەسلى قۇرۇيدىكەندە.... بارچە ئەزىز ئاكا-ھەدىلەرگە رەھمەت،
@ Bidar-Qutlan ئاكا،ئۆزۈم تېخى كىچىك،بىلىم يېتەرلىك ئەمەس، ئىسىم قويۇش ئىشىدا بەك ئىككىلەندىم، شۇڭا بۇ تېمىنى يوللاپ باققان ئىدىم،(يوللاپ قويغان بىلەنغۇ دوختۇرخاندا يا تور يوق،سىرتقا چىقالماي ئەمدى كۆرۈپ ئولتۇرۇپتىمەن) بىراق پۈتۈن ئىسيادىم، مەقسدىم مەيلى ئەرەپچە بولسۇن ۋە ياكى تۈركچە بولسۇن، باشقىلار ئاڭلسا ۋە چاقىرسا كۆڭلىدە خۇرسەن بولدىغان، مەنسنى بىر ئاڭلاپلا چۈشەنگلى بولدىغان،كىين چاقىرغاندىمۇ سۇندۇرلمايدىغان، ياخشى مەنلىك ئىسم قوياي دەپ ئويلدۇم،
@Kanji ئۇنداق بولمايدۇ، دادامنىڭ ئىسمى تۇرسۇن، ئاكامنىڭ ئىسمى تۇرغۇن،بىزدە ئاتا-بوۋىلارنىڭ ئىسمنى نەۋرە-چەۋرىلەرگە قويدىغان ئادەت بار ئەمەسمۇ ؟
23- قەۋەتتىكى bapkarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مۇبارەك بولسۇن ئاتىللاجان
ئاللاھ بالىڭىزغا ئىنساپ ئاتا قىلسۇن!
بويتاق ئاشتىلارمۇ ئاللاھ نىسىپ قىلسا بىر كۈنلەردە مۇنبەرگە «مەن دادا بولدۇم» دەپ تېما يېزىپ كەتسەك ھە
رەھمەت،باپكار،(ئاللاھ سېلگىمۇ پاك-دىيانەتلىك،مۇسىلمە،تەقۋادار ئايالدىن بىرنى ھەمراھ قىلىپ بەرگەي)
يەرنىڭ تېگدىن قاراپ،جىم يۈرىۋەرمەي ئىزدەڭلار ماندا،ياخشى قىزلار يۈگرەپ ئالدىڭلارغا كېلىپ پۇتىڭلغا دەسسىۋەتسىمۇ كەچۈرۈم سوراپ يۈرىدىكەنسلە
ئىشقىلىپ ئوغلۇمنىڭ خەتنە توينى قىلشتىن بۇرۇن قىلۋىتڭىلار جۇمۇ ؟ تويۇڭلىغا ئوغلۇمنى ئەگەشتۈرۈپ بېرىپ قالسام ئۇيات ...
مۇبارەك بولسۇن بۇرادەر ،ئەلتۇغ دېگەن ئىسىم ھەجەپ ئسسىق كۆرۈندىيا كۆزۈمگە ! شۇنداق قىلىپ قايسى ئىسىمنى قويدىڭىز؟29- قەۋەتتىكى gulahmalikنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
شۇنداق قىلىپ قايسى ئىسىمنى قويدىڭىز؟
ئەلقۇد دەپ قويدۇم...
30- قەۋەتتىكى atellaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
29- قەۋەتتىكى gulahmalikنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
شۇنداق قىلىپ قايسى ئىسىمنى قويدىڭىز؟
ئەلقۇد دەپ قويدۇم...
ئىملاسى خاتا قويۇلۇپ قالمىغاندۇ-ھە؟
توغرىسى ئەلقۇت بولۇشى كېرەك ئىدى.
@yukselخاتا بوپ قاپتۇ، ئۆزگەرتتىم، ئەزان ۋە تەكبىر توۋلىغاندا ئەلقۇت دەپ قويدۇم... يەنە بىر قېتىم تەبرىكلەي:
مۇبارەك بولسۇن!
بەت:
1
[2]