muzdala يوللانغان ۋاقتى 2012-5-4 17:02:39

چەتئەلدە ئوقۇۋاتقانلاردىن ياردەم سورايمەن

ئەسسالامۇئەلەيكۇم


چەتئەللەردە ئوقۇۋاتقان قېرىنداشلارنىڭ ياردىمى لازىم بولۇپ قالدى.


بۇ يىل ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان ئىنىم ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرمەكچى ئىدى. ھازىر ئارزۇ تولدۇرۇشنى باشلاپتۇ. ئوقۇشى ياخشى، چوڭ جەھەتتىن فىزىكىغا بەكرەك قىزىقىدىكەن. داڭلىق مەكتەپلەردە ئۆزى قىزىقىپ ئوقۇماقچى بولغان كەسىپنىڭ بەكلا ئاز بولۇشى سەۋەبلىك ئارزۇ تولدۇرۇشتا سەل قىينالدۇق. خۇدايىم بۇيرىسا، پۈتۈن ئۆيدىكىلەرنىڭ ئىنىمنى تولۇق كۇرستىن كېيىن چەتئەلدە ئوقۇتۇش نىيىتىمىز بار، ئۆزىنىڭمۇ ئوقۇشقا قىزىقشى، ئىرادىسى خېلى كۈچلۈك. شۇڭا، ھەممە ئىشنى ئامال بار پىلانلىق، پۇختا قىلايلى، دەپ ئويلىغان.


نەق گەپكە كەلسەك، تولۇق كۇرستىن كېيىن چەتئەلگە چىقىپ يۇقىرىلاپ ئوقۇشنى ئىلتىماس قىلىشتا، دۆلىتىمىزدىكى 211 قۇرۇلۇشى ۋە 985 قۇرۇلۇشى تۈرىدىكى مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەنلەرنىڭ پەرقىلىق ئەۋزەللىكى بارمۇ(985تىكى مەكتەپلەرنىڭ ھەممسى 211 دا بارلىقنى ھەممىمىز بىلىمىز)؟ بىر دۆلەتكە نىسبەتەن، ئوخشاش كەسىپتىكى ھەرقايسى نەتىجىسى باراۋەر ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە  985 قۇرۇلۇشىدىكى مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەنلەرنىڭ قوبۇل قىلىنىش نىسبىتى(ياكى ئوقۇش مۇكاپات  پۇلىنىڭ نىسبىتى) پەقەتلا 211 قۇرۇلۇشىدىكى مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەنلەرنىڭكىدىن يۇقىرىراق بولامدۇ؟ شۇنداق بولسا، بۇ يەردىكى پەرقنى مۆلچەرلەشكە بولامدۇ؟ ئوخشىمىغان رايون ۋە دۆلەتلەرنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن، مۇشۇ ھەقتە بېشىڭلاردىن ئۆتكەن ياكى ئەتراپىڭلاردا بولغان ئىشلار ئاساسىدا بىر يول كۆرسەتسەڭلار بوپتىكەن.



ئاساسلىقى شىمالىي ئامېرىكا، ياۋروپا، ياپونىيە قاتارلىق رايون ۋە دۆلەتلەردىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئەھۋالى كۆزدە تۇتۇلسا. كومپىيۇتېر، ئېلىكتىرون، ئۇچۇر، ئېلىكتىرغا مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەرنىڭ يۇقىرى ھوسۇللۇقلىرىدىن تونۇشتۇرساڭلار تېخىمۇ ياخشى.



قوشۇمچە: ھازىر 985 قۇرۇلۇشىدىكى مەكتەپتىن 39ى، 211دىكىسىدىن 112سى باركەن.

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2012-5-4 18:19:42

@jeck نىڭ خېلى تەجرىبىسى بار.

namsez يوللانغان ۋاقتى 2012-5-4 18:25:01

چەتئەلدە ئۇقۇۋاتقانلار مۇنۇ ۋاقىتتا ھازىر يا سەھرالىغا بېرىپ ئالما تېرىۋاتىدۇ يا ***نىڭ دۇكانلىرىدا ئاياغ سېتىۋاتىدۇ ...كەچىرەك كېرىپ قالىدۇ ئۇ بالىلارمۇ                  ۋەتەن          نى سېغىنىپ !

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2012-5-4 18:26:12

بېرىلگەن بىر قىسىم كەسىپلەر:


كومپىيۇتېر ئىلمى ۋە تېخنىكىسى


ئېلىكتىرون ئۇچۇر قۇرۇلۇشى


ئېلىكتىرون ئىلمى ۋە تېخنىكىسى


ئاپتوماتلاشتۇرۇش


ئېلىكتىر قۇرۇلۇشى ۋە ئاپتوماتلاشتۇرۇش



osmanjan37 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-4 18:49:34

http://jeckblog.com/camirino-physics-scholarship/  بۇ جىكنىڭ توربېكىتى، سىز ئۆزىڭىز بېرىپ كۆرۈپ بېقىڭ! مەنمۇ 211 دىكى ئالىي مەكتەپنىڭ فىزىكا كەسپىنى پۈتتۈرگەن.  فىزىكىدا ئوقۇسا ئىتالىيە، گىرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئوقۇسا ياخشى...

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2012-5-4 19:38:46

4- قەۋەتتىكى osmanjan37نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

http://jeckblog.com/camirino-physics-scholarship/  بۇ جىكنىڭ توربېكىتى، سىز ئۆزىڭىز بېرىپ كۆرۈپ بېقىڭ! مەنمۇ 211 دىكى ئالىي مەكتەپنىڭ فىزىكا كەسپىنى پۈتتۈرگەن.  فىزىكىدا ئوقۇسا ئىتالىيە، گىرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئوقۇسا ياخشى...

رەھمەت، ئۇ يەرنى كۆردۈم. فىزىكىنىڭ ئۆزىنى باشقا ئېنژىنېرلىق كەسىپلىرىنى تاللايتتى.

erkuyghur يوللانغان ۋاقتى 2012-5-4 20:06:15

ھازىر تۈركىيىدە 100 دىن ئارتۇق دۆلەتتىن كەلگەن ئوقۇغۇچى ھەرخىل ئۇنىۋېرسىتېتلاردا خاندەلىك (ئوقۇش ياردەم پۇلى) ئېلىپ ئوقۇۋاتىدۇ.

بۇ يىلغىچە، ئوقۇغۇچىلار ت ك س دەپ ئاتىلىدىغان ئىمتىھان ئارقىلىق ياكى ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەت تەرىپىدىن تاللىنىپ (تۈركىيىدە ئوقۇش ئۈچۈن) ئەۋەتىلىۋاتاتتى. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تەرىپىدىن چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا بېرىلىۋاتقان خاندەلىك پروگراممىسى 2012-يىل 1-ئاينىڭ 11-كۈنى «تۈركىيە خاندەلىكى» نامى بىلەن قايتىدىن تۈزۈپ چىقىلدى. يېڭى سىستېمىدا تۈركىيىدە ئوقۇش ئۈچۈن تىزىملىتىش، تاللاش، سان ۋە كەسىپلەرگە مۇناسىۋەتلىك ماددىلارغىمۇ ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلدى.

تۈركىيە خاندەلىكلىرى:



باكالاۋرلىقتا ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلغۇچىلار ئۈچۈن خاندەلىك قانداق ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدۇ؟

تۈركىيە خاندەلىكى بىلەن تۈركىيىدە ئوقۇيدىغان (ئوقۇۋاتقان) ئوقۇغۇچىلارغا نۇرغۇن ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىلىدۇ. تۈركىيە خاندەلىكىگە ئېرىشەلىسىڭىز، ئۇنىۋېرسىتېتقا ھېچقانداق ئوقۇش پۇلى تۆلىمەيسىز، ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ سالامەتلىك خىزمەتلىرىدىن پايدىلىنالايسىز. ئۇنىڭدىن سىرت، بانكا ھېسابىڭىزغا ھەر ئاي مەلۇم مىقداردا پۇل ئەۋەتىپ بېرىلىدۇ. بۇ مەلۇم مىقدار پۇل تۈركىيىدىكى ئوقۇشىڭىزنى خاتىرجەم داۋاملاشتۇرۇپلا قالماي، ئىجتىمائىي پائالىيەتلەردىن تولۇق پايدىلىنىشىڭىز ئۈچۈنمۇ يېتىدۇ. ياتاق، تۇرمۇش ۋە قاتناش راسخوتىڭىز ئۈچۈنمۇ قۇلايلىق يارىتىپ بېرىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، تۈركچە ئۆگىنىشكە باشلىغان ۋاقتىڭىزدىن تارتىپ، مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ چىققۇچە بولغان ئارىلىقتا دۆلىتىڭىزگە بېرىپ-كېلىش ئايروپىلان بېلەتلىرىمۇ خاندەلىك ئىچىدە بولىدۇ.



كىملەر تىزىملىتالايدۇ؟



برازىلىيە، جۇڭگو (ئۇيغۇرلار)، كورىيە، ھىندىستان، ياپونىيە، مېكسىكا، سەئۇدى ئەرەبىستان، كۇۋەيت، بەھرەين، قاتار، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە سىنگاپور گراژدانى بولۇشى ياكى ئوتتۇرا مەكتەپنى تۈركىيىدە پۈتتۈرگەن بولۇشى (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى گراژدانى ياكى ھەرقانداق سەۋەبتىن تۈركىيە گراژدانلىقىدىن مەھرۇم بولغانلار تىزىملىتالمايدۇ).

تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ياكى بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان بولۇشى؛

1991-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن كېيىن تۇغۇلغان بولۇشى؛

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەرقانداق بىر دۆلەت ئورگىنىدىن باكالاۋرلىق ئۇنۋانى ئۈچۈن خاندەلىكى ئالمىغان ياكى ئالمايۋاتقان بولۇشى؛

تۈركىيىدىكى كەسپىي تېخنىكوم ياكى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ تىزىملىكىدە ئىسمى بولماسلىقى؛

تۆۋەندىكى نەتىجە شەرتلەردىن ئەڭ ئاز دېگەندە بىرىنى تەمىنلىشى ۋە نومۇرى 60تىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك.



نەتىجە شەرتلىرى (بۇلاردىن ئەڭ ئاز دېگەندە بىرنى كۆرسەتسىڭىز بولىدۇ):



دىپلوم نەتىجىسى؛

ئاخىرقى مەۋسۇمگىچە ئېلىنغان ئىمتىھان نەتىجىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە نومۇرى؛

ئۇنىۋېرسىتېتقا كىرىش ئىمتىھان نەتىجىسى؛

تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈش ئىمتىھان نەتىجىسى؛

خەلقئارالىق ئىمتىھان نەتىجىسى (ئەگەر بار بولسا)؛

ياكى باشقىلار.



قانداق تىزىملىتىمەن؟



ئىلتىماسىڭىزنى: www.Ytb.Gov.Tr ياكى www.Turkiyeburslari.Gov.Tr دېگەن تور بەتلەرگە ياكى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلىتىڭىزدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا يوللىسىڭىز بولىدۇ. ئىنتېرنېت ئارقىلىق تىزىملىتىدىغان ئوقۇغۇچىلار تەلەپ قىلىنغان ماتېرىياللارنى رەسىم شەكلىدە يوللاپ بەرسىلا بولىدۇ. ئەلچىخانىغا تىزىملىتىدىغان ئوقۇغۇچىلار ماتېرىياللىرىنى تىزىملىتىش ۋاقتى ئاخىرلاشقۇچە بىۋاسىتە ئاپىرىپ بەرسە ياكى پوچتا ئارقىلىق يوللاپ بەرسە بولىدۇ.



تەلەپ قىلىنىدىغان ماتېرىياللار نېمىلەر؟



تىزىملىتىش جەدۋىلى (www.Ytb.Gov.Tr ياكى www.Turkiyeburslari.Gov.Tr دېگەن تور بەتلەردىن چۈشۈرۈۋالسىڭىز ياكى ئەلچىخانىدىن تەلەپ قىلسىڭىز بولىدۇ).

تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئاخىرقى يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان ئىسپاتى ياكى تولۇق ئوتتۇرا دىپلومى.

تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان دەرسلەر ۋە نەتىجە كۆرسەتكۈچىنىڭ مائارىپ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەستىقلانغان نۇسخىسى.

ئىناۋەتكە ئىگە كىملىك نۇسخىسى (پاسپورت، كىملىك قاتارلىقلار).

بىر پارچە رەسىم.



باكالاۋرلىققا ئىلتىماس قىلغۇچىلار ئۈچۈن:



    تىزىملىتىش جەدۋىلى (www.Ytb.Gov.Tr ياكى www.Turkiyeburslari.Gov.Tr دېگەن تور بەتلەردىن چۈشۈرۈۋالسىڭىز ياكى ئەلچىخانىدىن تەلەپ قىلسىڭىز بولىدۇ)؛

    تىزىملىتىش جەدۋىلى (مۇناسىۋەتلىك ماددىلاردىكى شەرتلەرنى ئورۇنلايدىغانلىقىغا دائىر بايان ۋە ئارزۇلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)؛

    تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئاخىرقى يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان ئىسپاتى ياكى تولۇق ئوتتۇرا دىپلومى.

    تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان دەرسلەر ۋە نەتىجە كۆرسەتكۈچىنىڭ مائارىپ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەستىقلانغان نۇسخىسى.

    ئىناۋەتكە ئىگە كىملىك نۇسخىسى (پاسپورت).

    بىر پارچە رەسىم.

puresherrif يوللانغان ۋاقتى 2012-5-4 20:43:34

بىزنىڭ 211 قۇرۇلۇشى بىلەن 985 قۇرۇلۇشى پەقەت دۆلەت ئىچىدە مۇئەييەن رول ئوينىغىنى بىلەن، چەتئەللەردە بىرەرسىنىڭ ئۇنىڭغا قارىغىنىنى ئاڭلىماپتىمەن. مەسىلەن بىزنىڭ مەكتەپ 985نىڭ مەكتىپى ئىدى، يېنىمىزدا بىر تېخنىكومدەك مەكتەپ بولۇپ 211 مۇ ئەمەس ئىدى، لېكىن ياپوننىڭ ئىشقا ئالسا، ئىككى مەكتەپكە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىدىكەن.

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2012-5-4 20:54:06

تەبىئى پەنلەر ھەممىسى دىگۈدەك بولۇپ قالىدۇ.

بولسا ئالىي مەكتەپنى ياخشى مەكتەپلەردە ئوقىسۇن

ئوقۇشتىن سىرىت،ھەممىدىن مۇھىمى نەزەر دائىرىسى كېڭىيىدۇ.

ئەمەلىيەتتە ئالىي مەكتەپتە ئوقىغان كەسىپ بىلەن كىيىنكى ئاسپىرانىتلىقتا ئوقۇيدىغان ئوقۇش بەك يېقىن بولۇپ كىتىشمۇ ناتايىن.

مەلۇم دەرىجىدە ئاساسى بولسا،چوڭ كەسىپتىن يۆلىنىشنى تاللاپ كىچىك ئۆزگەرتىش ئۇنچە تەسمۇ ئەمەس

ئۇنىڭدىن كىيىنكىسى،ئىنگىلىز تىلىنىمۇ چىڭ تۇتۇپ ئۆگەنسۇن.

قالغان گەپلەرنى ئىنىڭىز ئوقىغاچ دىيىشسەكمۇ بولىدۇ.

jack يوللانغان ۋاقتى 2012-5-4 22:31:37

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم، مەن بۇ يىل ئوقۇش پۇتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغان، چەتكە چىقىشقا تەييارلىق قىلىش ۋە خىزمەت ئىزدەشنى باشتىن كەچۈرۈپ باققان بىر ئوقۇغۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن سىزگە تۆۋەندىكىلەرنى تەۋسىيە قىلىمەن.

1-مىنىڭ ھىس قىلىشىمچە 211985 قۇرلۇش تۈرىگە تەۋە ئالى مەكتەپ بىلەن تەۋە ئەمەس ئالى مەكتەپنىڭ پەرقى يۇرتقا قايتىپ ئەمەلدا بولوش ئۈچۈنلا ئوقۇيدىغانلار ئۈچۈن نۆلگە تەڭ.

2-بەزى بىر ياخشىراق دەپ ھىسابلانغان شىركەتلەر ئاساسەن خىزمەتچى قوبۇل قىلغاندا 211985 قۇرلۇش تۇرىگە تەۋە ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئاۋۋال ئويلىشىدۇ، ھەمدە مائاشى 211985 قۇرلىشىغا تەۋە ئەمەس ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارغا قارىغاندا 500يۇەندىن 1000يۇەنگىچە يۇقىرى بولىدۇ. يەنە بىر گەپ 211985 قۇرلۇش تۈرىگە تەۋە مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئاسپىرانىتلىق ئىنتىھانىغا قاتناشقاندا بۇ تۈرگە تەۋە ئەمەس مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغا قارىغاندا كۆپ ئارتۇقچىلىقى بولىدۇ. چۈنكى بەزى ياخشىراق مەكتەپلەر گەرچە بۇ تۇرگە تەۋە ئەمەس مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بەك يۇقىرى نومۇر ئالسىمۇ ئاساسەن قوبۇل قىلمايدۇ.

3-چەتئەللەردىكى مائارىپ ئورگانلىرى ۋە مائارىپقا مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ دۆلىتىمىزدىكى 211985 قۇرلۇش تۈرىگە تەۋە مەكتەپلەرگە بولغان كۆز-قارىشى ماڭا نامەلۇم، لىكىن شۇنىسى ئىنىقكى بۇ قۇرلۇش تۈرىگە تەۋە مەكتەپلەرنىڭ كۆپىنچىسى دۆلىتىمىزدىكى بىر قەدەر ياخشى مەكتەپلەر ھىسابلىنىدۇ. بولۇپمۇ بۇ قۇرلۇش تۈرىگە تەۋە چېڭخۇا ئۈنۋىرىستىتى، بېيجىڭ ئۈنۋىرىستىتى، فۇدەن ئۈنۋىرىستىتى، شاڭخەي قاتناش ئۈنۋىرىستىتى، جوڭگۇ پەن-تېخنىكا ئۈنۋىرىستىتى، نەنجىڭ ئۈنۋىرىستىتى، جوڭگۇ ئېلىكتىرون پەن-تېخنىكا ئۈنۋىرىستىتى(چېڭدۇ) قاتارلىق مەكتەپلەرنىڭ چەتئەللەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى بىر ئاز ياخشى.

خۇلاسىلەپ ئىيتقاندا، ھۆكۈمەتنىڭ 211985 قۇرلۇش تۇرىگە تەۋە مەكتەپلەرگە سالغان مەبلەغ كۆپ بولغاچقا بۇ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچى قوشۇنلىرى ۋە ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى تولۇق ۋە ياخشى ھەتتا بەزى تەجىربەخانا ۋە تەجىربە ئۈسكۇنىلىرى بۇ تۈرگە تەۋە ئەمەس مەكتەپلەردە يوق دىيەرلىك.

چەتكە چىقىش ئۈچۈن يۇقارقى 211985 قۇرلۇش تۈرىگە تەۋە مەكتەپلەرنىڭ ماتىماتىكا، فىزىكا، خىمىيە،  بىئولوگىيە دىگەندەك  ئاساسلىق تەبئى پەنلەردە تىرىشىپ ياخشى ئوقۇسا كىيىنچە پۇرسەت جىقراق بولىدۇ

ئاخرىدا دەيدىغىنىم يۇقارقى بايانلار مىنىڭ ھىس قىلغانلىرىم، ئەگەر خاتا سۆزلەپ قويغان جايلا بولسا تورداشلانىڭ تۈزىتىپ قويىشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن ۋە تىما ئىگىسىنىڭ ئىنىسىنىڭ ھەمدە ئالى مەكتەپ ئىنتىھان بىرىش ئالدىدا تۇرغان بارلىق ئىنىلىرىمىزنىڭ ياخشى مەكتەپنىڭ ياخشى كەسپىگە ئۆتۈپ تىرىشىپ ئوقۇپ ئۆز ئارزۇ-ئارمانلىرىنى رىئاللىققا ئايللاندۇرىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن. ئاتا-ئانىڭىزنىڭ بالامنى چەتئەلدە ئوقۇتىمەن دىگەن غەيرىتىگە بارىكاللا \"\"

facebooks يوللانغان ۋاقتى 2012-5-5 00:01:28





  ئېنگىلىزچىنى ،ماتىماتىكىنى ياخشى ئۆگەنسۇن  ،مەن كۆرگەنلەر ئىچىدە فىزىكىدا ئوقۇپ مۇكاپات بىلەن ئوقۇشقا كەتكەنلار ناھايىتى كۆپ .ئوقۇغان مەكتىپى 3-مەسىلە.

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2012-5-5 06:15:15

ئۈستىدە ئىنكاس يازغانلارنىڭ ھەممىسىگە رەھمەت  \"\"



سۇئالىمغا جاۋاب چىقسا ياخشى بولاتتى.

@jeck قا يەنە بىر سۇئال:

دۆلەت ئىچىدە يۇمشاق دېتال قۇرۇلىشىدىن باشقا قايسى كەسىپلەردە ئوقۇسا، ئامېرىكىدىكى مەكتەپلەرنىڭ يۇمشاق دېتال ئېنژىنېرلىقىنىڭ ماستېرلىقىغا ئىلتىماس قىلغىلى بولىدۇ؟

دۆلەت ئىچىدىكى يۇمشاق دېتال كەسپىنىڭ يىللىق ئوقۇش پۇلى 16 مىڭ ئەتراپىدا، قىممەتچىلىك.



ۋاقتىڭىز بولسا مۇشۇ سۇئاللىرىمىغا قىسقىچە جاۋاب بەرسىڭىز سىزدىن تولىمۇ خۇرسەن بولاتتىم.

بەيدۇلاپ بىر ئىشەنچلىك گەپ تاپالمىدىم. ۋاستىچى شىركەتلەرمۇ ئالدىراپ بىكارغا راست ئۇچۇرلارنى دەپ بەرمەيدىكەن.

رەھمەت سىزگە  \"\"

Aziz يوللانغان ۋاقتى 2012-5-5 09:30:54

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،



ئوقۇش مۇكاپاتى ئېلىشقا 211، 985 دىگەن گەپلەر ئەسقاتمايدۇ. ئاساسەن رولى يوق. ئوقۇغان ئالى مەكتەپنىڭ نوپۇزى پايدا قىلامىكى دەيدىغان ئوي-خىيال بولسا

,北京大学,清华大学,中国科技大学,复旦大学

قاتارلىق جۇڭگۇدىكى ئالدىنقى 5-10 ئالى مەكتەپلەرنىڭ نام-ئاتىقى ئەس قاتىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىنكىلىرىنىڭ ئاساسەن رولى يوق.



ھازىرقى مەكتەپ تاللاش ھەققىدە تەۋسىيە:

(1) ئامال بار جۇڭگۇدىكى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئالى مەكتەپلەرنى تاللاش.

(2) ئامال بار بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق چوڭ، داڭلىق شەھەرلەردىكى ئالى مەكتەپلەرنى تاللاش.

سەۋەبى، داڭلىق ئالى مەكتەپلەر، چوڭ شەھەرلەردىكى كەيپىيات، پۇرسەت، قولايلىقلار باشقىلارغا قارىغاندا ئالاھىدە.

(3) باكلاۋۇرلۇق ئوقۇشتا، ئۆزى ئەڭ قىزىققان كەسپنى تاللاپ ئوقۇش. (ئارزۇ تولدۇرۇش)



كەلگۈسىدىكى ئوقۇش ھەققىدە تەۋسىيە:

(1) كەلگۈسىدە كومپيۇتېر كەسپىدە ئوقۇش ئارزۇسى بولسا، ئەڭ ئاۋال ئامېرىكىنى نىشان قىلىش. باشقا ياۋروپا، ياپونىيە قاتارلىقلارنى ئويلاشماسلىق. ئامېرىكا--كومپيۇتېر ساھەسىنىڭ ئالتۇن بۆشۈكى. بۇ ساھەدىكى 100 يېڭىلىقنىڭ 98 ى ئامېرىكىدا، ئېلىپ بېرىلىۋاتقان 100 تەتقىقات ئىشلىرىنىڭ 99 ى ئامېرىكىدا، كومپيۇتېر ساھەسىدىكى 100 داڭلىق ئالىملار، تەتقىقاتچىلار، يېڭىلىقلار، كارخانىچىلار، كارخانىلارنىڭ 98 ى دىگۈدەك ئامېرىكىدا.

(2) ئىنگىلىز تىلى زامانىمىزدىكى كومپيۇتېر كەسپىنىڭلا ئەمەس، تەبىئى پەن، سانائەت-ئىنژېنېرلىق پەنلىرى، مېدىتسىنا پەنلىرىنىڭ تىلى بولۇپ قالدى. شۇڭا باشقا چەتئەل تىللىرىغا باش قاتۇرماي، مۇشۇ 1 تىلغىلا كۈچىسە كۇپايە.

(3) ئوقۇش مۇكاپاتى ئېلىشنى بەلگىلەيدىغان ئەڭ ئاساسلىق ئامىل، ئالى مەكتەپتىكى باكلاۋۇرلۇق ئوقۇش جەريانىدىكى 5-4 يىللىق بارلىق دەرسلەردىكى نەتىجە، بولۇپمۇ ئاخىرقى 2 يىل ۋەياكى تەبىئى پەن ساھەسىدىكى ئاساسلىق دەرسلەردە ئالغان نەتىجىلىرى بىلەن TOEFLGRE قاتارلىق چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشتىكى ئىمتىھانلاردا ئالغان نەتىجىسىدۇر. يەنە جۇڭگۇدىكى ئالدىنقى 5-10 ئالى مەكتەپتە ئوقۇغان بولسا، بۇنىڭمۇ بەلگىلىك رولى بار. قالدى 211، 985 دىگەن گەپلەرنىڭ %1 مۇ رولى يوق دىيەرلىك.

(4) كومپيۇتېر ساھەسىدەك ئەقلىي، لوگىكىلىك تەپەككۈر ئىقتىدارى بەكمۇ مۇھىم رول ئوينايدىغان ساھەلەردە، خەنزۇچە مائارىپ ياكى خەنزۇلارنىڭ تەپەككۈر ئەندىزىسى ئانچە ئەس قاتمايدۇ. ھازىر بىر گەپ بار، «شەرقلىقلەر ئاددى ئىشنى مۇرەككەپ ئويلايدۇ، قىلىۋېتىدۇ، غەرپلىكلەر مۇرەككەپ ئىشنى ئاددى ئويلايدۇ، قىلىۋېتىدۇ» دەيدىغان. (بولۇپمۇ تەبىئى پەن، سانائەت-ئىنژېنېرلىق پەنلىرى ساھەسىدە. كومپيۇتېر ئىلمىنىڭ تەرەققىياتىغا دۇنيادىكى 5 ئادەمنىڭ 1 ى بولمىش خەنزۇلارنىڭ قانچىلىك تۆھپە قوشقانلىقىقوشالىغانلىقىنى ئەسلەپ كۆرسىڭىز، بۇ گەپنىڭ تېگىگە يېتىسىز.) شۇڭا خەنزۇچە مائارىپ ئەندىزىسى، تەپەككۈرىدىن ئامال بار يىراق تۇرۇپ، غەرپلىكلەرنىڭ، ئۇيغۇرلارنىڭ تەپەككۈر ئۇسۇلىغا يېقىنلىشىش كېرەك. شۇڭا خەنزۇچە مائارىپ تەربىيىسى ئالغان ئىنىڭىز، ئۇيغۇرلار بىلەن كۆپرەك ئۇچراشسۇن، ئارىلاشسۇن. ئىشلارنى خەنزۇچە تەپەككۈر بىلەن ئەمەس، ئۇيغۇرچە تەپەككۈردە ئويلايدىغان بولسۇن. كومپيۇتېر كەسپىگە دائىر كىتاپلاردىن خەنزۇچىسىنى كۆرمەي، چەتئەللىكلەر يازغان، تۈزىگەن ئىنگىلىزچە نۇسقىلىرىنى كۆرسۈن، پايدىلانسۇن.

(5) ئوقۇش جەريانىدا، باكلاۋۇرلۇق ئوقۇشنى پۈتتۈرۈپ، جۇڭگۇنىڭ چوڭ شەھەرلىرىدىكى ئامېرىكا ياكى چەتئەلنىڭ داڭلىق كومپيۇتېر شىركەتلىرىدە ئىش تاپالىغۇدەك ساپا-سەۋىيەنى ھازىرلاشنى نىشان قىلىپ ئوقۇش. ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، ناۋادا دەرھال چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش ئىمكانىيىتى بولماي قالسا، ئاشۇ چوڭ شەھەرلەردىكى چەتئەل شىركەتلىرىدە ۋاقىتلىق ئىشلەپ چېنىقىشمۇ، كەلگۈسى ئۈچۈن بەكمۇ پايدىلىق.

Jeck يوللانغان ۋاقتى 2012-5-5 12:05:18

1. ئاۋال ئۇمۇملاشتۇرۇپ جاۋاپ بەرسەم مەيلى كىينكى نىشان نىمە بولسۇن مەكتەپ قانچە داڭلىق، كەسىپ قانچە داڭلىق بولسا شۇنچە ياخشى. بۇنى چۈشەندۈرۈشنىڭمۇ ھاجىتى يوق دەپ ئويلايمەن. قانچە ياخشى مەكتەپتىن چىقسا ئوقۇش پۈتتۈرگەندە ئىرىشىدىغان ئۇچۇر ۋە پۈرسەتلەر كۆپ بۇلىدۇ.



2. چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇغاندا 211مۇ 985 مۇ قايسىىدا بولۇش تىزىملىك مۇھىم ئەمەس، لېكىن مەكتەپلەر ياخشى بولسا شۇنىڭ ئىسمى ئەسقاتىدۇ.  ئۇنداق داڭلىق مەكتەپلەر بولماي نورمال مەكتەپلەر بولسا ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش قاتاردا تۇرىدۇ. چەتئەلدىكى ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ئورۇنلىرىدىمۇ جۇڭگۇدىكى ئالدىنقى قاتاردىك مەكتەپلەرنىڭ تىزىملىكى ۋە ئەھۋالى بۇلىدۇ. بېيدا، چىڭخۇا بىرىنچى ئېقىم، قالغان 10 دەك مەكتەپ ئىككىنچى ئېقىم، يەنە كەينىدىكى 40-50 مەكتەپ ئۈچۈنچى ئېقىم، ئۇنىڭ كەينىدىكى يەنە 40-50 مەكتەپ تۆتىنچى ئېقىم، قالغانلىرى ھەممىسى 5-ئېقىم دىگەندەك. شۇلارنىڭ ئارىسىدا قولىدىن كەلگىنىچە قانچە يۇقىرى ئېقىمغا ئۆتەلىسى شۇنچە ياخشى. ھەر بىر ئېقىمنىڭ ئىچىدىكى مەكتەپلەر كۆپ پەرىقلەنمەيدۇ.



3. تۇلۇق كۇرستا كەسىپلەرنىڭ ئۇششاق تاللىشىغا بەك ئېسىلىۋالمىسىمۇ بۇلىدۇ. ئامرىكىدا ئۇنداق ئۇششاق ئارىمايدۇ. جۇڭگۇدا ئۇششاق ئارىيدۇ. مەسىلەن فىزىكىنى ئوپتىكا، نەزىرىيە فىزىكىسى، ماتىرىيال پىزىكىسى دىگەندەك. ئەمەلىيەتتە ئۆتىدىغان دەرىسلەر ئاساسەن ئوخشاش بۇلىدۇ. قايسىسىغا بارمىسۇن ھەممىسىدە مەن فىزىكا ئوقۇيدىكەنمەن دەپ قارىسا بۇلىدۇ. كەسىپلەرنىڭ ئۇششاق ئىسمىغا قاراپ ئارزۇ تولدۇرش چوڭ خاتالىق.  مەن بۇرۇن باشقىلارنىڭ «پالانچى مەكتەپتە ئوقۇغۇم بار ئىدى، لېكىن ماتىرىيال فىزىكا كەسپى يوقكەن، ماتىرىيال ئىنژىنىرلىق كەسپى دەپتۇ، شۇڭا ناچارراق مەكتەپتە  ماتىرىيال فىزىكا كەسپى ئوقۇدۇم » دىگەندەك گەپلىرىنى ئاڭلىغان.



ھەر بىر ئېقىمدىكى مەكتەپلەردە چەتكە چىقىش نىسبىتى يوقىرى بولغان ۋە شۇ جەھەتتە مەكتەپمۇ نۇپۇز تىكلىگەن مەكتەپلەر بۇلىدۇ. مەسىلەن ئەنخۇيدىكى جۇڭگۇ پەن تېخنىكا داشۇسى، بۇ مەكتەپ ھازىر بەك ئالدىقى قاتاردا تۇرمىغان بىلەن لېكىن فىزىكا، خېمىيە، بىولوگىيە دىگەندەك پەنلەردە ئامرىكىغا چىقىش نىسبىتى جۇڭگۇدا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئامرىكىدىكى مەكتەپلەرمۇ ئۇلارنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنى ياخشى كۆرىدۇ. مىنىڭ ھازىرقى فاكولتىتىمغا نەنجىڭ ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ باللىرى جىق كىلىدۇ ۋە كەلگەنلىرى ھەممىسى A ئېلىپ ئوقۇۋاتىدۇ. چەتكە چىقىش مەقسەت بولسا شۇنداق ئۇچۇرلارغا ياخشى ئىرىشىش، شۇنداق مۇھىت بولغان مەكتەپكە بېرىش كىرەك.



بېشىدا فىزىكا ئوقۇغۇسى بار دەپسىز، كىينن ئىلكتىر، ئۇچۇر دەپسىز، ئاخىرىدا يەنە كومپۇتېر،يۇمشاق دىتال دەپسىز، بۇلار بىر بىرىدىن بەك پەرىقلىق كەسىپلەر.



ئامرىكىدا يومشاق دىتال كەسپىدە ماستىر ئوقۇش ئۈچۈن كومپۇتېر ئىلمى، كومپيتېر ئىنژىنىرلىقى، ئىلىكتېر ئىنژىنىرلىقى دىگەندەك كەسىپلەردە ئوقۇسا كىرگىلى بۇلىدۇ. لېكىن ئوقۇغان كەسىپتىن باشقا ئوقۇش جەريانىدا قىلغان ئىشلىرى بۇلۇشى، تۈزگەن نوچى پروگرامملىرى بۇلۇشى كىرەك.



مەيلى قايسى مەكتەپكە بارسۇن ئوقۇش جەريانىدا چوقۇم GPA ني 3.5 تىن يۇقىرى ساقلىسۇن. 3.0 دىن چۈشۈپ كەتسە بولمايدۇ. چىڭخۇادا ئوقۇدۇم دەپ 2.5 نەتىجە يوللىسا خەق قاراپمۇ قويمايدۇ. ئوقۇشقا بېرىپ كەسپى دەرىسلەرنى ياخشى ئوقۇپ GPA ساقلاشتىن باشقا يەنە 4-يىل 10-ئايدىن بۇرۇن ئىنگىلىز تىلى TOEFL ۋە GRE دىن ئۆتۈپ بۇلۇشى كىرەك. شۇنداق بولغاندىلا ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئۇدۇللا ئامرىكىغا كىلىپ داۋاملىق ئوقۇشقا ئۈلگۈرەلەيدۇ. شۇنداق قىلماق سەل تەسرەك، لېكىن قىلىۋاتقانلار بار، مىنىڭ بىلوگىمدىكى «تەبرىكلەر» دىگەن يەرگە قاراڭ. قىلىمەن دىسە قىلغىلى بۇلىدۇ.


muzdala يوللانغان ۋاقتى 2012-5-5 13:38:32

@Aziz يەنە بىر قېتىم رەھمەت سىزگە، ئىلگىرى سورىغان بىر سۇئالىمغىمۇ شۇنداق ئەتراپلىق جاۋاب بەرگەن ئىدىڭىز.  

\"\"

نۇرغۇن پايدىلىق ئۇچۇرلارغا ئېرىشتىم. «كەلگۈسىدىكى ئوقۇش ھەققىدە تەۋسىيە»قىسمى، بولۇپمۇ تەپەكككۇر ئەندىزىسى قىسمىغا بەكرەك كۆڭۈل بۆلۈشنى نىيەت قىلدىم.

ئوقۇشىڭىزغا ئۇتۇق، تېنىڭىزگە ساقلىق يار بولسۇن!

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2012-5-5 14:01:16

جەك، سىزنىڭ جاۋابلىرىڭىزدىنمۇ شۇنداق خۇرسەن بولدۇم. رەھمەت سىزگە   \"\"

ئىنىمنىڭ ئۆگىنىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، سىز دەۋاتقان 2-ئېقمدىكى ئوندەك مەكتەپلەرنىڭ بىرەسىگە ئۆتەلىگۈدەك خۇدايىم بۇيرىسا. HIT، DLUT، USTC مۇشۇ مەكتەپلەرنىڭ بىرەسىنى يېزىشنى ئويلىشىۋاتىمىز.

«چوڭ جەھەتتىن فىزىكىغا قىزىقىدۇ» دىگەن، فىزىكىغا بەكرەك مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەرنى كۆزدە تۇتقان. خىمىيە، بىئولوگىيە پەنلىرىگە بەكلا ئۆچكەن. «ئېلىكتىر، ئېلىكتىرون، ئۇچۇر»لارنى تاللاش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن مەكتەپلەرنىڭ بەرگەن كەسىپلىرىگە ئاساسەن يازغان. ماستېرلىقتا ئەگەر «كومپىيۇتېر، يۇمشاق دىتال» دىگەنلەردە ئوقۇشنى ئويلاپ قالسا، باكلاۋېرلىقتا  «ئېلىكتىر، ئېلىكتىرون، ئۇچۇر»دىگەندەك كەسىپلەردە ئوقۇسىمۇ بولامدىغاندۇ، دىگەننى بىلىش ئۈچۈن شۇنداق يازغان ئىدىم.

----

ئامرىكىدا يومشاق دىتال كەسپىدە ماستىر ئوقۇش ئۈچۈن كومپۇتېر ئىلمى، كومپيتېر ئىنژىنىرلىقى، ئىلىكتېر ئىنژىنىرلىقى دىگەندەك كەسىپلەردە ئوقۇسا كىرگىلى بۇلىدۇ. لېكىن ئوقۇغان كەسىپتىن باشقا ئوقۇش جەريانىدا قىلغان ئىشلىرى بۇلۇشى، تۈزگەن نوچى پروگرامملىرى بۇلۇشى كىرەك.

-----

بىلىۋالدىم.



puresherrif يوللانغان ۋاقتى 2012-5-5 14:42:19

15- قەۋەتتىكى _Imkanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

@jeck سىزنىڭ جاۋابلىرىڭىزدىنمۇ شۇنداق خۇرسەن بولدۇم. رەھمەت سىزگە \"\"

ئىنىمنىڭ ئۆگىنىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، سىز دەۋاتقان 2-ئېقمدىكى ئوندەك مەكتەپلەرنىڭ بىرەسىگە ئۆتەلىگۈدەك خۇدايىم بۇيرىسا. HIT، DLUT، USTC مۇشۇ مەكتەپلەرنىڭ بىرەسىنى يېزىشنى ئويلىشىۋاتىمىز.

«چوڭ جەھەتتىن فىزىكىغا قىزىقىدۇ» دىگەن، فىزىكىغا بەكرەك مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەرنى كۆزدە تۇتقان. خىمىيە، بىئولوگىيە پەنلىرىگە بەكلا ئۆچكەن. «ئېلىكتىر، ئېلىكتىرون، ئۇچۇر»لارنى تاللاش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن مەكتەپلەرنىڭ بەرگەن كەسىپلىرىگە ئاساسەن يازغان. ماستېرلىقتا ئەگەر «كومپىيۇتېر، يۇمشاق دىتال» دىگەنلەردە ئوقۇشنى ئويلاپ قالسا، باكلاۋېرلىقتا «ئېلىكتىر، ئېلىكتىرون، ئۇچۇر»دىگەندەك كەسىپلەردە ئوقۇسىمۇ بولامدىغاندۇ، دىگەننى بىلىش ئۈچۈن شۇنداق يازغان ئىدىم.

----

ئامرىكىدا يومشاق دىتال كەسپىدە ماستىر ئوقۇش ئۈچۈن كومپۇتېر ئىلمى، كومپيتېر ئىنژىنىرلىقى، ئىلىكتېر ئىنژىنىرلىقى دىگەندەك كەسىپلەردە ئوقۇسا كىرگىلى بۇلىدۇ. لېكىن ئوقۇغان كەسىپتىن باشقا ئوقۇش جەريانىدا قىلغان ئىشلىرى بۇلۇشى، تۈزگەن نوچى پروگرامملىرى بۇلۇشى كىرەك.

-----

«. تۇلۇق كۇرستا كەسىپلەرنىڭ ئۇششاق تاللىشىغا بەك ئېسىلىۋالمىسىمۇ بۇلىدۇ. ئامرىكىدا ئۇنداق ئۇششاق ئارىمايدۇ. » ماۋۇ گەپكە ئاساسەن، يۇقىرىقى ھۆكۈمنىڭ داۋامىغا «ئېلىكتىرون ئۇچۇر ئېنژېنىرلىقى، ئېلىكتىرون ئىلمى ۋە تېخنىكىسى» دىگن كەسىپلەرنىمۇ قوشۇشقا بولامدۇ؟  



مەن DLUT دا ئوقۇغان، ئىنىم بولسا HIT دا ئوقۇغان، ھازىر ئىككىلىمىز پۈتتۈرۈپ كېلىپ ئىشلەۋاتىمىز، مەنچە بىزنىڭ مەكتەپنىڭ سىز دېگەن كەسپلىرى تازا دېگەندەك نوچى ئەمەس، مەن شۇ ئېلېكتر ئېنجىنىرلىقى ۋە قوللىنىشچان ئېلېكترون تېخنىكىسى فاكۇلتىتىدا ئوقۇغان، نۇرغۇن مەكتەپلەرنىڭ مۇشۇ كەسپى بىزنىڭكىدىن ياخشى، نوقۇل ئىقتىساس ئىگىلىرىدىن ئېلىپ ئېيتساق مەن ئۆزۈمنىڭ مۇئەللىملىرىدىن گۇڭشۆيۈەننىڭ مۇئەللىملىرىنى چوڭ بىلەتتىم.


ئىنىمنىڭ مەكتىپىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى تازا ئۇقمايدىكەنمەن، ئەگەر خالىسىڭىز مۇناسىۋەتلىك كەسلپەرنى سوراپ باقسام بولىدۇ.


مەنچە USTC نىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتى بەكلا نوچى، لېكىن ئەمەلىي قوللىنىشچانلىقىدىن كۆرە نەزەرىيە تەتقىقاتىغا بەكرەك كۈچەمدىكىن دېگەن گۇمانىم بار.


ئالدىرىماي يەنە ئويلىنىپ باقسىڭىز، بولمىسا مەندەك مەكتەپكە بېرىپ بولۇپ پۇشايمان قىلىدىغان ئىش چىقمىسۇن.

uyghurnisa54 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-5 15:56:57

مىنىڭ سىڭلىم ئىچكىرى تۇللۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇغان ،ئوقۇشى ئىزچىل بەك ياخشى ئىدى ،ئۆزىمۇ بەك تىرىشچان قىز ئىدى ،ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن كىيىن مەنمۇ ئارزۇ تولدۇرىشىغا  ياردەملەشتىم ،قارىسام تۈزۇك كەسىپ ۋە مەكتەپلەر يوق ،بەك تەستە تاللىدۇق .ئۆتكىنى نەنجىڭ يېزا ئىگلىك ئونۋىرسىتىتى بولدى.

ئىنىم تۇللۇق ئوتتۇرىنى ئۈرۈمچىدە ئوقۇدى ،ئۇنىڭ ئوقۇشى ئىزچىل ئاچىسىنىڭكىگە يەتمەيتى ،ئۇنى قانداقراق مەكتەپكە ئۆتەلەر؟دەپ ئەندىشە قىلاتتىم ،ئاخىرى نەنجىڭ ئونۋىرسىتىتىغا ئۆتتى ،ئۇنىڭ ئارزۇ تولدۇرىشىغىمۇ مەن ياردەملەشكەن ،ئىككى جەدۋەلدىن شۇنى ھىس قىلدىمكى مەكتەپ تاللاش ئىمكانىيىتى ئوخشاش ئەمەسكەن ،شۇڭا ئىمكانىيەت بولسا بالىلارنى شىنجاڭدا ئىمتاھان بەرگۈزسە بولىدىكەن .

amanpahri يوللانغان ۋاقتى 2012-5-5 16:51:16

...

Aziz يوللانغان ۋاقتى 2012-5-5 16:53:00

15- قەۋەتتىكى _Imkanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل



ئىنىمنىڭ ئۆگىنىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، سىز دەۋاتقان 2-ئېقمدىكى ئوندەك مەكتەپلەرنىڭ بىرەسىگە ئۆتەلىگۈدەك خۇدايىم بۇيرىسا. HIT، DLUT، USTC مۇشۇ مەكتەپلەرنىڭ بىرەسىنى يېزىشنى ئويلىشىۋاتىمىز.




بۇ مەكتەپلەرنىڭ ھىچقايسىسى بېيجىڭ-شاڭخەيدە ئەمەسكەنغۇ؟ بۇ 3 ىدىن USTC نوچى بولغان بىلەن، ئاساسى نەزىرىيىۋى پەنلەرنىڭ نەزىرىيىۋى تەتقىقاتىغا بەكرەك كۈچەيدىغۇ دەيمەن. مەقسەت كەلگۈسىدە كومپيۇتېر ئىلىمى بولسا، بۇ مەكتەپمۇ تازا ماس كەلمەيدىغاندەك. قالغان 2 سى مۇ ئادەتتىكىچە ۋە ئورنى سەۋەبىدىن بەك ۋاي دىگۈچىلىكى يوقكەن. 上海交大 يوقمىكەن تىزىملىتىدىغانغا؟ پەقەت مەكتەپنىڭ نام-ئابرويىغىلا قاراپ قالماڭ. چەت يەردىكى 2-تۈركۈمدىن كۆرە چوڭ شەھەردىكى 3-تۈركۈمنىمۇ ئويلىشىپ كۆرۈڭ.


يەنە بىرى، ھازىر ئېلېكتىر ئوقۇپ، كەلگۈسىدە كومپيۇتېر ئوقۇش دىگەن خىيالنى مۇمكىن قەدەر قىلماڭ. كەلگۈسىدىكى نىشان ئېنىق بولسا، ھازىرلا شۇ نىشانغا ماڭغان تۈزۈك. ئېلېكتىر ئىنژېنېرلىقى ۋە كومپيۇتېر ئىلىمى دىگەن كەسپلەر يېقىن كەلسىمۇ، لېكىن نۇرغۇن دەرسلىرى، مەقسەت-نىشانلىرى پۈتۈنلەي ئۆزگىچە. بىكار قىينىلىپ ئاۋارە بولغانچىلىك ئىش يوق. كېيىن بەرىبىر ئازدۇر-كۆپتۈر ئاۋارىچىلىق، قىيىنچىلىقى چىقىدۇ. ئېلېكتىرغا قارىغاندا، ئۇچۇر ئىلمى ۋە ئىنژېنېرلىقىنىڭ كومپيۇتېر ئىلىمى بىلەن ئالاقىسى بىر قەدەر يېقىن.

بەت: [1] 2
: چەتئەلدە ئوقۇۋاتقانلاردىن ياردەم سورايمەن