muzdala يوللانغان ۋاقتى 2012-5-5 17:31:23

19- قەۋەتتىكى Azizنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

15- قەۋەتتىكى _Imkanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇ مەكتەپلەرنىڭ ھىچقايسىسى بېيجىڭ-شاڭخەيدە ئەمەسكەنغۇ؟... 上海交大 يوقمىكەن تىزىملىتىدىغانغا؟

بېيجىڭ-شاڭخەيدىكى ياخشى مەكتەپلەرنىڭ ئارزۇلىغان كەسىپلىرنى بەرمەپتۇ. شاڭخەي قاتناش بار، بەرگەن كەسىپلىرى: ئاممىۋى باشقۇرۇش، مۇھىت ئېكولوگىيىسى، دورىگەرلىك، رادىئو فىلىم تەھرىرلىكى. فۇدەن: جەمىيەت ئىلمى، مېدىتسىنا، تارىخ. بېيجىڭدىكى 3-تۈركۈم مەكتەپلىرىنىڭ بار.

------

پەقەت مەكتەپنىڭ نام-ئابرويىغىلا قاراپ قالماڭ. چەت يەردىكى 2-تۈركۈمدىن كۆرە چوڭ شەھەردىكى 3-تۈركۈمنىمۇ ئويلىشىپ كۆرۈڭ.

يەنە بىرى، ھازىر ئېلېكتىر ئوقۇپ، كەلگۈسىدە كومپيۇتېر ئوقۇش دىگەن خىيالنى مۇمكىن قەدەر قىلماڭ. كەلگۈسىدىكى نىشان ئېنىق بولسا، ھازىرلا شۇ نىشانغا ماڭغان تۈزۈك. ئېلېكتىر ئىنژېنېرلىقى ۋە كومپيۇتېر ئىلىمى دىگەن كەسپلەر يېقىن كەلسىمۇ، لېكىن نۇرغۇن دەرسلىرى، مەقسەت-نىشانلىرى پۈتۈنلەي ئۆزگىچە. بىكار قىينىلىپ ئاۋارە بولغانچىلىك ئىش يوق. كېيىن بەرىبىر ئازدۇر-كۆپتۈر ئاۋارىچىلىق، قىيىنچىلىقى چىقىدۇ. ئېلېكتىرغا قارىغاندا، ئۇچۇر ئىلمى ۋە ئىنژېنېرلىقىنىڭ كومپيۇتېر ئىلىمى بىلەن ئالاقىسى بىر قەدەر يېقىن.

توغرا ئېيتتىڭىز، نىشان قانچە ئېنىق بولسا شۇنچە ياخشىى، چۈشەندۈرىۋاتىمەن، ئىنىمغا نىشاننى تېخىمۇ ئېنىق قىلىشنى تاپىلىدىم. قالغىنىنى ئەتە ئنىمنىڭ يېنىغا بېرىپ، دەرقەمتە ئولتۇرۇپ دېيشمەكچى. يەنە بىرى بېيجىڭ-شاڭخەيدىكى مەكتەپلەرنى باللا ھازىر كەسىپكىمۇ قارىماي، شەھەرنى دەپلا يازىدىغان بولۇپ قاپتۇ. شۇ سەۋەب رىقابەت بەك كەسكىنكەن. ئىمتىھاندىن بۇرۇن ئارزۇ تولدۇرىدىغان بولغاچقا، ئېنىقسىز ئامىللارنى ئويلىشىشقا توغرا كەلدى. يەنە بىرى شۇ مەكتەپتىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش كەيپىياتىمۇ بەك مۇھىمكەن، ئۇيغۇر باللا دائىم توپلۇشۇپ پائالىيەت قىلغاچقا، ئومۇمىي كەيپىياتنىڭ بەزىدە ئوبدانلا تەسىرى بولىدىكەن.

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2012-5-5 17:36:29

@puresherrif رەھمەت سىزگە. ئىنىم ئۆزى DLUT دىن ۋاز كېچپ بوپتۇ. يەنە ئىككىسىدىكى باللا بىلەن ئالاقىلىشىۋاتىمەن، ئىنىڭىزنىڭ مەكتىپىگە ئائىت ئۇچۇرلارنىمۇ ئاساسەن توپلاپ بولدۇم.

puresherrif يوللانغان ۋاقتى 2012-5-5 17:48:11

رەھمەت دېيىش كەتمەيدۇ، ھەممىمىزنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ئەمەسما.

xaqan يوللانغان ۋاقتى 2012-5-6 11:44:52

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئىمكان!

مەن ئەسلىي بۇ ئىنكاسىمنى تۆنۈگۈنلا يازماقچى ئىدىم. ۋاقىت يار بەرمىدى. مەن سىز يازغان تېمىنى 2009-يىلى مۇشۇ ۋاقىتتا يازغان. بىلىكتىكى بۈركۈت ۋە كۈمۈش ئوق ئەپەندىملەر بەك ياخشى مەسلىھەت بەرگەن ئىدى. دېمەكچى بولغىنىم مېنىڭ ئىنىممۇ سىز دېگەندەك فىزىكىغا ئوتتەك ئىشتىياقى بار ئىدى. ھەم ئىچكىرى تۇلۇق ئوتتۇردا شۇنداق ياخشى ئوقۇدى. دەسلەپ مەكتىپىگە يېڭى بارغاندا ئەڭ كەينىدە ئوقىغان كېيىن سىنىپنىڭ ئالدى بولۇپ ئوقۇدى. 2009-يىلى مانۋېر ئىمتىھانىدا (ئىنىم تۇلۇق ئوتتۇنى گۇڭجۇدا ئوقۇغان) 515 ئېلىپ مەكتەپتىكى شىنجاڭدىن كەلگەن بالىلار ئىچىدە 3-بۇلۇپتىكەن. مەن ئىنىم بىلەن كۆپ پىكىرلىشىپ، ئاخىرى ئۆزىنىڭ قىزىقىشى بويىچە خاربىن سانائەت پەنلىرى ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ ئېلېكترون ئىلمىي ۋە تېخنىكىسى كەسپىنى بىرىنچى ئازۇغا تاللىغان ئىدى. ئاخىر رەسمىي ئىمتىھاندا 525 نومۇر بىلەن ئۆزى قىزىققان مەكتەپ ۋە كەسىپكە ئوقۇشقا كەتتى. كىلەر يىلى ئوقۇش پۈتتۈردۇ. ئىنگىلىز تىلى 4-دەرىجە ۋە 6- دەرىجىدىن ئۆتۈپ بولدى. ئۆزىنىڭ كەسپىي دەرسلىرىدىمۇ ياخشى كىتىپ بارىدۇ. خۇدا خالىسا 6-ئايدا TOEFL بېرىدۇ. ئىنىمنىڭ ياخشىراق نەتىجە بىلەن TOEFL دىن يۇقىرى نومۇر ئېلىشىنى تىلەيمەن. جەك دېگەندەك 10-ئايلاردا GRE بېرىمەن دەيدۇ.

ئەمدى نەق گەپكە كەلسەم، ئىنىمنىڭ دېيىشچە خاربىن سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتىنىڭ ئاۋئاتسىيە ئىنىستىتۇتىنىڭ كەسىپلىرى ياخشىكەن. كۆپۈنچە ۋاقتىنى تەجرىبە بىلەن ئۆتكۈزىدىكەن. ھەر يىلى چەت ئەلگە ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئېلىپ چىقىپ كەتكەنلەرنىڭ ھەممىسى مۇشۇ ئىنستىتۇتنىڭ كەسپىلىرىدە ئوقۇغان بالىلار ئىكەن. ئۆزىڭىزمۇ جېكنىڭ بىلوگىنى كۆرگەن بۇلۇشىڭىز مۇمكىن، مۇشۇ مەكتەپتىن ئۇقۇش مۇكاپات پۇلى ئېلىپ چىقىپ كەتكەنلەر خېلى جىق ئىكەن.

باشقىسىنى ئىنىڭىز بىلەن ئوبدان مەسلىھەتلىشىپ ئاندىن ئىنىڭىزگە مەسلىھەت بەرسىڭىزمۇ بۇلىدۇ.

ئاخىرىدا ئىنىڭىزنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ياخشى نەتىجە ئېلىشىغا ھەم ئۆزى قىزىققان كەسىپكە بېرىشىغا تىلەكداشمەن

forever يوللانغان ۋاقتى 2012-5-6 16:28:53

خەتكۈچ

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2012-5-7 21:06:59

23- قەۋەتتىكى karwan11نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، كارۋان!

ۋاقىت چىقىرىپ بۇ ئىنكاسنى يازغىنىڭىزغا رەھمەت. ئۆزەم قىزىقمىغان كەسىپتە ئوقۇپ قالغانننىڭ ئازابىنى جىق تارتقاچقا، ئىنىمغا كەلگەندە بەكرەك ئەستايىدىل بولۇشقا توغرا كەلدى. ئەسلى ئىنىمنىڭ كومپىيۇتېر ئىلمىگە ئائىت كەسىلەردە ئوقۇشىنى ئۈمىد قىلاتتىم. ئېلىكتىر ئېنژېنىرلىقىنىڭ ئاساسىي دەرسلىرىنى، چېتىشلىق ساھەلىرىنى كۆرگەندىن كېيىن ئۇنىڭدىن باشقىسىغا قارىغۇسى كەلمىدى. يېنىغا بېرىپ ئوبدان مەسىلەھەتلەشكەندىن كېيىن، ئىنىممۇ خاربىن سانائەت ئۇنۋېرستېتىنىڭ ئېلىكتىر ئېنژىىنىرلىقىنى تاللىدى. قايتىپ كېلىپ بۇ ئىنكاسىڭىزنى كۆرۈشۈم. ئىنىممۇ خۇدايىم بۇيرىسا 550 ئەتراپىدا نومۇر ئالالايدۇ، ئۆتۈپ كېتىشىنى تىلەيمەن.

ئاخىرىدا ئىنىڭىزنىڭ تىل ئىمتىھانلىرىدا يۇقىرى نومۇر ئېلىشنى ئۈمىد قىلىمەن. كېلەر يىلى ئىنىڭىزنىڭ نۇسرەت بىلەن چەتئەلگە ئوقۇشقا ماڭغانلىق تەبرىكىنى جەكنىڭ بلوگىدىن كۆرسەك، ھەممىمىز خوشال بولىمىز. خۇدايىم بۇيرىسا، تېخىمۇ كۆپ ئىنى-سىڭىللار بۇ ئىزنى داۋاملاشتۇرغۇسى!

forever يوللانغان ۋاقتى 2014-6-12 21:00:29

ھە راست دوسلار،ئىككى ئۈچ يىلنىڭ ئالدىدا سەئۇدىدىكى پادىشاھ ئابدۇللا قۇرغان جىددەدىكى مەكتەپنىڭ قوبۇل قىلىش شەرتلىرى ۋە كەسىپلىرى توغرىسىدا بىر تېما يوللانغانتى ئىزدەپ ھېچ تاپالمايمەن بىر تېپىشىپ بەرساڭلا،ياكى بولمىسا شۇ مەكتەپنىڭ قوبۇل قىلىدىغان كەسپى ۋە باشقا ئۇچۇرلىرىدىن خەۋەرداار قىلساڭلارمۇ بولىدۇ.

paliwan يوللانغان ۋاقتى 2014-6-12 21:48:40

تىما ئىگسى قېرىندىشىم .بۇ ئىنكاسىم ئارقىلىقبۇ تىمىنى ساقلىۋالدىم. :handshake

destiny يوللانغان ۋاقتى 2014-6-12 22:10:23

forever يوللىغان ۋاقتى2014-6-12 21:00 static/image/common/back.gif
ھە راست دوسلار،ئىككى ئۈچ يىلنىڭ ئالدىدا سەئۇدىدىكى پا ...

مەكتەپ تورىدىن بىۋاستە كۆرۇڭ.
http://www.kaust.edu.sa

aplapsaplap يوللانغان ۋاقتى 2014-6-13 07:52:29

ئالدىنقى 15نىڭ ئىچىدىكى مەكتەپكە كىرەلىسە ماتىماتكا، فىزىكا دىگەندەك چوڭ پەنلەرنى ،، ئۇنىڭغا كىرەلمىسە كىچىك ئۇنېېرستىتلانىڭ مەكتەپ ئىسمىگە يېقىن كەسىپلەرنى تاللىسا بۇلۇدۇ. مەسلەن نېفىت ئۇنېېرستتى نېفىت، خىمىيە، گىئولوگىيە;توك ئۇنۋېرستىتى توك، كومپۇتېر، ئىلىكتىرون، ماشىنلاستۇرۇش;تەبىي سانائەت مەكتەپلىرىگە خىمىيە، مۇھىت، ماشنلاشتۇرۇش دىگەندەك.بۇنداق مەكتەپلەر نومۇر سىزىقى بەك يۇقرىمۇ ئەمەس، لىكىن شۇ كەسىپلەر دۆلەت بۇيىچە ئالدىنقى بەشكە چوقۇم كىرىدۇ، يەنە كىلىپ نۇقتىلىق كەسىپلەر،،، چەت مەكتەپلىرى بىلەن ئالاقە قۇيۇق بۇلۇدۇ.
يەنە كىلىپ ياۋروپاغا چىقسا 211/985بەكرەك ئىشلەيدۇ، ھەتتا گوللاندىيە قاتارلىقلار چوقۇم 211/985بۇلۇشى كىرەك دەيدىغان بەلگۈلمىسى بار ئىكەن. ئەگەر ئامېرىكا بولسا مەن يۇقىردا دىگەندەك قىلسا زىيان تارتمايدۇ.

forever يوللانغان ۋاقتى 2014-6-13 18:34:11

destiny يوللىغان ۋاقتى2014-6-12 22:10 static/image/common/back.gif
مەكتەپ تورىدىن بىۋاستە كۆرۇڭ.
http://www.kaust.edu.sa

رەھمەت!!!
بەت: 1 [2]
: چەتئەلدە ئوقۇۋاتقانلاردىن ياردەم سورايمەن