dilara يوللانغان ۋاقتى 2012-4-26 19:08:14

پوپايكا توقۇش ماشىنىسى ھەققىدە ساۋات

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!


بىر قانچە توردىشىمىزنىڭ تەلىۋى بىلەن بۇ تېمىنى يېزىۋاتىمەن. قولدا پوپايكا توقۇشقا ئۇستا خانىم قىزلىرىمىزغا ئەسقېتىشىنى تىلەيمەن. بۇ تېما بىر قانچە بۆلەك بويىچە داۋاملىشىدۇ. ۋاقتىم چىققاندا داۋاملاشتۇرۇپ يازىمەن. قىسقىچە مۇندەرىجىسى مۇنداق:


مۇقەددىمە


1. ماشنىدا پوپايكا توقۇش شەرتى: چوقۇم قولدا زىخ بىلەن توقۇشنى بىلىش كېرەك


2. ماشىنا تاللاپ سېتىۋېلىش: ماشىنىنىڭ تۈرلىرى


3. يىپ توپلاش ماشىنىسى绕线机 ئىشلىتىش


4. نۇسخا چىقىرىش كارتى: تۈشۈك قەغەز


5.  يىپ تاللاش، تەڭشەش


6. توقۇشنى باشلاش


7. ئۆلچەش ۋە ھېسابلاش: ھەر كۇۋادىرات سانتېمىتېرغا توغرا كېلىدىغان يىڭنە سانىنى ھېسابلاش


8. توقۇپ چىقارغاننى تىكىش، دەزماللاش


9. خېرىدارغا بېرىش


10. خاتىمە: دىققەت قىلىدىغان ئىشلار


مۇقەددىمە


ئېسىمنى بىلسەم، مەكتەپكە كىرمىگەن كىچىك چاغلىرىمدىن باشلاپ قولدا پوپايكا توقۇشقا قىزىقاتتىم. باشلانغۇچنىڭ 3-يىللىقىدا ئوقۇيدىغان چاغدا پارچە-پۇرات يىپلاردىن بىر جىلىتكە توقۇپ پۈتتۈرگەنتىم. ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندىن كېيىن كېيىن چوڭراق پوپايكا توقۇشقا باشلىدىم. 5-سىنىپتا ئوقۇيدىغان چېغىمدا يازلىق تەتىلدە ئۆيدىكىلەر مېنى سەيپۇڭغا، ياق تىككۈچىگە شاگىرتلىققا ئاپىرىپ بەردى، ئۇ يەردە ماشىنىدا تىكىشنى ئۆگەندىم. تولۇقسىز 2-يىللىقتا ئوقۇيدىغان چاغدا ئانام ئۆيدىكى قىزلارغا كۆينەك تىكىپ بېرىمەن دەپ 7 مېتىر رەخت ئاپتىكەن، شۇ رەختلەرنى مەن "تەجرىبە قىلىپ"، ئاران ئۆزەمگە بىر كۆينەك تىكىپ، سىڭىللىرىمغا پارچە پارچە رەختلەرنى ئاشۇرۇپ قويسام، ئانام قولىقىمنى يولغىنى ئېسىمدە. رەختلەرنى كېسىپ كېسىپ پارچە قىلىۋەتسەك چاندۇرماي ئۇلاپ پۈتۈنلىگىلى بولمىغان بىلەن، پوپايكا توقۇيدىغان يىپلار ئۈزۈلۈپ كەتسە، چاندۇرماي ئۇلاپ، يىپ-يېڭى بىر پوپايكا توقۇپ چىققىلى بولىدۇ. شۇڭا، تىككۈچىلىقتىن قول ئۈزۈپ، پوپايكا توقۇشقا بېرىلىپ كەتتىم. ئۆيدىكىلەر بىلەن پاراڭلاشقاچ، تېلېۋىزور كۆرگەچ، مەكتەپتىكى بوش ۋاقىتلاردا قولۇمدىن يىپ بىلەن زىخ چۈشمەيتتى، ھەپتە ئون كۈندىن كېيىن بىر چىرايلىق پوپايكا پۈتۈپ چىقاتتى. ئۆيدىكىلەر ھەممىسى مېنىڭ توقىغانلىرىمدىن بىر قۇر كەيدى. دادامغا بەش كۈندە بىر جىلىتكە تۇقۇپ بەرسەم، خىزمەتداشلىرىغا بەك ياراپتىكەن، دادامنىڭ ماڭا بىر ماشىنا ئېلىپ بەرگۈسى كېلىپ قالدى، دادامنىڭ ئېغىزىدىن بۇ گەپ چىقىشى بىلەنلا مەنمۇ چىڭ تۇرۇۋالدىم. شۇنداق قىلىپ ماڭا ئائىلىدە پوپايكا توقۇيدىغان بىر ماشىنا ئېلىپ بەردى. بۇ ماشىنىنىڭ 1997-يىلدىكى باھاسى 3400 يۈئەن بولۇپ، ئۈرۈمچىدىن سېتىۋالغان.


ماركىسى申凤، شاڭخەيدە ئىشلەنگەن ماشىنا. بۇ ماشىنىنىڭ ئوخشىشىنىڭ ياپوندا ئىشلەنگىنى شۇ چاغدا 5000 يۈەن ئەتراپىدا ئىدى، ياپۇندا ئىشلەنگىنىننىڭ ماركىسى 兄弟牌. ماشىنىنىڭ ئىسمى: 动提花编织横机


بۇنى ئۇيغۇچىغا تەرجىمە قىلساق:  قولدا ھەرىكەتلەندۈرۈپ گۈل چىقىرىپ توقۇيدىغان ماشىنا دېسەك بولامدۇ؟


پوپايكا توقۇش مەن ئۆزەم ياخشى كۆرىدىغان بىر ئىش بولغاچقا مەن ماشىنىدا توقۇشنى بەش كۈندە ئۆگىنىۋالدىم. خەنزۇچە پايدىلىنىش ماتىرىياللىرىمۇ كەڭرى ئىدى، خەنزۇچە 编织 ژورنىلىغا مۇشتىرى بولۇپ، يېڭى نۇسخا، تېخنىكىلاردىن خەۋەردار بولۇپ تۇردۇم. ئەسلى تەتىلدىكى بىكارچىلىقتا توقۇشنى مەخسەت قىلىپ ماشىنا ئالغان، لېكىن ئويلىمىغان يەردىن خېرىدار بەك كۆپ چىقىپ كەتتى.  پوپايكا، شارپا، يوپكا، جىلىتكە، كىچىك قىزلارنىڭ كۆينىكىنى توقىتىدىغانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى. بازاردا 20 يۈئەنگە ئالغىلى بولىدىغاننى مەن يىپى بىلەن قوشۇپ 40 يۈئەن دېسەممۇ خەقلەر بىر ئاي نۆۋەت ساقلاشقا رازى بولۇپ توقۇتتى. مەن ئاخىرى ھېرىپ قالدىم، تاپقان پۇللارنى خەجلىگىلى يەر تاپالماي، بۇنچە ئىشلەپ نېمە قىلارمەن؟! ئاڭلىسام باج ئىدارىسى تېخى..... دەپ ئاخىرى ماشىنامنى ساندۇقىغا قۇلۇپلاپ سېلىۋېتىپلا يىراققا ئوقۇشقا كەتتىم. (ماددى جەھەتتىن باي بولغان بىلەن، مەنىۋى جەھەتتىن قاغجىراپ تۇرسا يەنىلا كۆڭۈل ھۇزۇرىغا ئېرىشكىلى بولمايدىكەن.)


شۇنداق قىلىپ بۇ تېمىدا ئۆزەم ئىلگىرى ئىشلەتكەن ماشىنىدىن پايدىلىنىپ پوپايكا توقۇش ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇرىمەن. ھەر خىل نۇسخىلاردا توقۇيالايدىغان، مول تەجرىبىلىك خانىم-قىزلار رەسىملەرنى ئەكىلىپ تېمىنى ئاۋاتلاشتۇرساڭلار، مەرھەمەت!


1. ماشىنادا پوپايكا توقۇش شەرتى: چوقۇم قولدا زىخ (چەنزە) بىلەن توقۇشنى پۇختا بىلىشى كېرەك.


چۈنكى، بۇ ماشىنا توك ئىشلەتمەيدۇ، پۈتۈنلەي قولدا توقۇش لوگىكىسىنى ئاسان قىلىپ ياسالغان بىر ماشىنا. بۇ ماشىنا بەزىدە گەپ ئاڭلىماي، تۈشۈك توقۇپ قويسا، سىز قولدا توقۇش تەجرىبىڭىز بويىچە "ياماپ" تۈشۈكنى ئېتىسىز. قولدا پوپايكا توقۇشنى بىلمىگەنلەر ماشىنا ئېلىپ پۇلنى ئىسراپ قىلغاننىڭ پايدىسى يوق.





قولدا توقۇشنى بىلىدىغان خانىم قىزلار يېڭى يېڭى نۇسخىلار بولسا رەسىملىك تۇنۇشتۇرۇڭلار. قولدا توقۇشنى بىلمەيدىغانلار تۆۋەندىكى فىلىمگە قاراپ قولدا تۇقۇشنى ئۆگەنگەچ تۇرۇڭلار.



http://v.youku.com/v_show/id_XMjM0NzAxMTc2.html


بۇ تېمىنىڭ داۋامى يۇقىرىدىكى مۇندەرىجە بويىچە داۋاملىشىدۇ. داۋامىنى ۋاقتىم چىققاندا يازىمەن.

ay~chiwar يوللانغان ۋاقتى 2012-4-27 09:47:29

قىزىم  كىچىك ۋاقتىدا مەن بەك توقۇيتتۇم . ئۇ چاغلاردا خىزمىتىم سىرتتا بولغاچ ، بىكار ۋاقتىممۇ كۆپ ئىدى . شۇنىڭ بىلەن پوپايكا توقۇشنى خەنزۇ ياتاقداشلىرىم ، خىزمەتداشلىرىمدىن ئۆگەندىم . دوپپىسى بار پوپايكا ، كۆينەكلەرنى رەسىملىك كىتابقا قاراپلا توقۇيتتۇم . كېيىن يول كىرايىم بولسىمۇ چىقسۇن دەپ ،  1ياشتىن 3 ياشقىچە بالىلارنىڭ يۇڭ ئىشتىنىنى (موكۇ دەيمىزغۇ ھە ) ھەر خىل نۇسخىدا توقۇپ ، بىر ياشلىق بالىلارنىڭكىنى بولسا  ئېغى ئوچۇق قىلىپ  پاختىلىق ئىشتاندەكلا توقۇپ ، ساتتىم  \"\"  .  مېنى ئىزدەپ كەلگەنلەر كۆپەيدى ... .ىشقىلىپ قولدىن كەلسە قىز - ئاياللارغا قىلىدىغان ئىش جىق . ئۆزۈڭنى خار قىلغۇچە كۈچۈڭنى خار قىل دەيدىغۇ شۇڭا كونىلار . بۇ  توقۇمىچىلىقنىمۇ قىلىۋەرسە زېرىكىدىكەن ئادەم . دىلارە سىز 550312537 نى قېتىۋېلىڭە .سىزگە بەزى رەسىملىك ئۈلگىلەرنى يوللاپ بېرەي، ئاندىن سىز يوللاپ قويۇڭ(مەن  مۇنبەرگە رەسىم يوللاشنىمۇ ئۇنتۇپ قاپتىمەن ) .

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2012-4-26 22:01:48

كىچىكىمدە نۇرغۇن خانىم- قىزلارنىڭ قولىدا (كەررە دەمتۇقكى)  ياكى رىشىلىيە ماشىنىسىدا گۈل ئىشلىۋاتقىنىنى كۆرەتتىم.

ھازىر شۇ ياشتىكى ئاياللار «دىباۋچى» بولۇپ كەتتى.

dilara يوللانغان ۋاقتى 2012-4-26 22:16:44

مەن ئىلگىرى قولدا پوپايكا توقۇشقا خەنلەر ئۇستىمىكىن دەپ ئويلايتتىم، ئەمما ھازىر قاراپ باقسام تۈرك ئاياللار بەك ئۇستىكەن. تۈرك خوشنىلىرىم قولىدا كىچىك سومكىسى، گەپلىشىپ ئولتۇرساقمۇ قولى بىكار تۇرمايدۇ، يا چىلتەك توقۇيدۇ، ياكى بوۋاقلارغا پايپاق، چوڭلارغا ساپما كەش، .... ئىشقىلىپ جىم تۇرغان قولنى كۆرمىدىم.

«دىباۋ» دېگەن تەييارتاپ دېگەنلىكمۇ؟  {:106:}

dilara يوللانغان ۋاقتى 2012-4-26 22:17:51

يەنە تەكرار دېسەك، يەنە شۇ گەپ: قولدا توقۇشنى ياخشى بىلمىگەن كىشى ماشىنىدا توقۇيالمايدۇ. چۈنكى، بۇ ماشىنا پۇتۇنلەي شۇ قولدا توقۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن ياسالغان. ماشىنىدا چالا توقۇلغان يەرنى قولدا پۈتۈنلەيمىز. قولدا مۇكەممەل توقىغىلى بولىدۇ، پەقەت تېز بولمايدۇ. ماشىنا تېز توقۇيدۇ، ئەمما مۇكەممەل ئەمەس. ماشىنىنىڭ كەمچىلىكىنى پەقەت قولدا تولۇقلايمىز.


قولدا ئەڭ ئاسان ھەم تېز پۈتكۈزگىلى بولىدىغان نەرسە پايپاق.  ھازىر كىشىلەر بىنا ئۆيدە ئولتۇرىدىغان بولغاچقا، ئۆينىڭ تېگىگە ئاساسەن گېلەم سېلىپ، سىرتتا كىيگەن ئاياغنى ئۆي ئىچىدە كىيمەيدۇ. بولۇپمۇ تۈركىيەدە ئاساسەن شۇنداق. بۇ يەردە ئاياللار ئۆي ئىچىدە پۇتىغا كىيىدىغان نەرسىلەرنى ئۆزى قولدا توقۇپ كىيىدۇ، (توقۇشنى بىلمەيدىغانلار بازاردىن ئالىدۇ). ئاياللار ئۆز ئارا مۇشۇنداق قولدا توقىغان پايپاقنى سوۋغا قىلىشىدۇ. ئىزدىنشىنىڭ خانىم قىزلىرى، تېمامغا دىققەت قىلىۋاتقانلار، سىلەرمۇ مۇنداق پايپاقلاردىن توقۇپ بېقىڭلار:


\"\"



\"\"


\"\"



\"\"



\"\"


\"\"



\"\"



\"\"


\"\"


\"\"


\"\"

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2012-4-26 22:26:03

ھازىرقى قىزلار پوپايكا توقۇشنى بىلەمدىغاندۇ؟ تاماقنىمۇ جايلاپ ئېتەلمىگەن بەزىلىرى  \"\"  \"\"  \"\"  \"\"  \"\"

atella يوللانغان ۋاقتى 2012-4-26 22:35:40

ئەجرىڭزىگە رەھمەت، ئاچام ئۈچۈن بۇ تېمنى ساقلاپ قوياي....دەرسنى ياخشى سۆزلىسڭىز ئاچامنى شاگىرتلىققا بېرىمەن،ئاچام خېلى نامى بار تىككۈچى...ئۆزى ئۆگنۋالغان...

دىلئارا قستۇرغان فىلىم مانا


فائىزە034 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-26 22:43:20

مېنىڭ ئاپام بەك ئۇستا بۇنداق نەرسىلەرگە... ھەر قانداق بىر ئىشتىن گۈل كەلتۈرۈۋېتىدۇ... ئاپامدىن ئۆگىنىۋالىدىغان نەرسىلىرىم بەك جىقتى ئەسلى ھېچبىر تۈزۈك ھەمراھ بولالمىدىم ئاپامغا ھازىرغىچە... كىچىك قونچاققا بىر پايپاق توقۇغانتىم، تۆۋىنىدىن باشلاپ توقۇپ چىقىپ ئۈستىگە كەلگەندە قەتئىي قىلالماي ئاپام قىپ تۈگىتىپ بەرگەن، ئىشقىلىپ ھېسابتا بىر پايپاقنى بولسىمۇ توقۇپتىمەن \"\"  \"\"

yapraq يوللانغان ۋاقتى 2012-4-27 00:14:45

مەن شارپا توقۇشنى بىلىمەن \"\" ،تولۇقسىزدا ئۆگۈنۋاپتىكەنمەن..ئەمەلىيەتتە ھورۇنلۇق قىلمىسا پوپايكا،شارپا  توقۇش دېگەن بەكمۇ تەس ئەمەس. \"\"

halik_puli يوللانغان ۋاقتى 2012-4-27 03:19:21

بازاردىن تەييارنى ئالغانغا قارىغاندا مۇشۇنداق قولدا توقىغان نەرسىلەرنى بەكرەك ياقتۇرىمەن دېسە. قېرىشقاندەك توقۇيدىغان ئادەم يوق   {:107:}

gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2012-4-27 07:45:22

ۋاي ئىسىت! بولىدىغان ئىشكەن ئەمەسمۇ! بىراق، مېنىڭ خوتۇنۇم توقۇپ بەرگەننى كېيىشنىلا بىلىدۇ دىسە  {:92:}  



ئەگەر ئۆگەتسەم قانچىلىك ۋاقىتتا ئۆگىنىپ بولار؟



مەنمۇ پوپايكامنى خوتۇنۇم توقۇپ بەرگەن دەپ ئاۋايلاپ كەيسەم \"\"

tirkax يوللانغان ۋاقتى 2012-4-27 08:24:46

ئاخىرىنى ساقلاۋاتىمەن       ،       رەھمەت سىزگە مۇشۇنداق تىمىلار جەۋھەر بولۇشقا ھەقىقەتەن لايىق .

taklimakan10 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-27 08:53:05

ئايالىم بىلەن مۇھەببەتلىشىۋاتقان مەزگىللېرىمدە ماڭا شارپا توقۇپ بەرگەن.  {:92:}

gulhekim يوللانغان ۋاقتى 2012-4-27 10:41:33

ناھايىتى توغرا يوللاپسىز، ھارماڭ! بولسا بارلىق قىز- ئاياللار، بارلىق ئەرلەر بىكار ۋاقىتلىرىدا ئاز دېگەندە ئىككى-ئۈچ خىل، شارائىت بولسا بەش -ئون خىل ھۈنەرنىڭ ئىگىسى بولغاي، بىرگە قادىر، كۆپكە ماھىر ھۈنەرۋەن، كەسىپ ئەھلىلىرىدىن ئېسىل كەشپىياتچىلار، لوگىكىلىق پىكىر قىلىدىغانلار، سەۋىرچان، ئەمگەكنى قەدىرلەيدىغان، قۇرۇق گەپنى ئاز، ئەمەلىي ئىشنى كۆپرەك قىلىدىغان، غورۇرلۇق ...ئادەملەر كۆپلەپ يېتىشىپ چىقىپ جەمئىيىتىمىز تېخىمۇ گۈزەل بولغاي...

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2012-4-27 12:17:11

2- قەۋەتتىكى dilaraنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

«دىباۋ» دېگەن تەييارتاپ دېگەنلىكمۇ؟ \"\"



تۈۋەن كاپالەت پۇلى ئالىدىغانلارنى كۆرسىتىدۇ. ئاساسەن ئەجدادىنىڭ ئىقتىسادىي سەۋەنلىكى ئۈچۈن تەييارتاپ بولۇشقا مەجىبۇر بولغانلار ياكى تۇيۇقسىز ۋەقەلەردىن سۇنۇپ تۇرالمايۋاتقانلار..

يوللانغان ۋاقتى 2012-4-27 19:18:42

پىنسىيىگە چىققاندا مۇشۇ كەسپنى قىلىپ باقىدىغان ئىشمىكىن؟ ئەركىشىگە بۇنداق تەكرار ئىش ماس كەلمەيمۇ قالامدۇ يا؟

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2012-4-27 19:20:07

پىنسىيىگە چىققاندا مۇشۇ كەسپنى قىلىپ باقىدىغان ئىشمىكىن؟ ئەركىشىگە بۇنداق تەكرار ئىش ماس كەلمەيمۇ قالامدۇ يا؟

tarimi يوللانغان ۋاقتى 2012-4-27 20:50:26

مەن گىەلم توقۇشنى بىلىدىكەنمەن،بۇنى ئۆگىنىپ قويمىسام.خەپ.

tirkax يوللانغان ۋاقتى 2012-4-28 10:24:10

ئاخىرى ھىچ چىقمايدىغۇ ، يىزىڭە تىزراق  \"\"

Qunek يوللانغان ۋاقتى 2012-4-28 10:39:01

15- قەۋەتتىكى Bidar-Qutlanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

پىنسىيىگە چىققاندا مۇشۇ كەسپنى قىلىپ باقىدىغان ئىشمىكىن؟ ئەركىشىگە بۇنداق تەكرار ئىش ماس كەلمەيمۇ قالامدۇ يا؟

گەپ توقۇسىلا قېرىندىشىم ، قوللىرىدىن كەلگەندىكىن .
بەت: [1] 2 3
: پوپايكا توقۇش ماشىنىسى ھەققىدە ساۋات