Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2012-4-28 11:02:04

18- قەۋەتتىكى Qunaxunنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

گەپ توقۇسىلا قېرىندىشىم ، قوللىرىدىن كەلگەندىكىن .


ماڭقىمىزنى ئېقىتىپ قويۇپ، مۈگدەپ ئولتۇرۇپ  لەڭپۇڭچىلىق قىلارمىز بولمىسا.

dilara يوللانغان ۋاقتى 2012-4-28 11:45:39

17- قەۋەتتىكى tirkaxنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئاخىرى ھىچ چىقمايدىغۇ ، يىزىڭە تىزراق  \"\"  



3-قەۋەتكە قاراپ قولدا توقۇشنى كۆپرەك مەشىق قىلىۋالسۇن دېدىمغۇ.


lenovo1 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-28 11:46:35

19- قەۋەتتىكى Bidar-Qutlanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

18- قەۋەتتىكى Qunaxunنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

گەپ توقۇسىلا قېرىندىشىم ، قوللىرىدىن كەلگەندىكىن .


ماڭقىمىزنى ئېقىتىپ قويۇپ، مۈگدەپ ئولتۇرۇپ  لەڭپۇڭچىلىق قىلارمىز بولمىسا.


ئۇ ماڭقا ئەمەس باشقىلارنىڭ مۇشتى.

lenovo1 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-28 11:53:34

خانقىز تېزراق پۈتتۈرۈڭ بۇنى بىرسىمىز بىر ئېلكىتاب قىلىلى.

فائىزە034 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-28 12:11:15

راستىمنى دېسەم بەكلا ئوماقكەن سىز يوللىغان رەسىملەردىكى پايپاقلار \"\"

berna يوللانغان ۋاقتى 2012-4-28 12:16:08

كىچىك چاغلىرىمدا قولياغلىق ئىشلىگىلى بەك ئامراق ئىدىم، ئاپام ئۇنىمىسا يىغلاپ يۈرۈپ .  چوڭ بولغانسىرى خوش ياقماس بولدى مۇشۇ ئىشلارنى قىلىش \"\"

dilara يوللانغان ۋاقتى 2012-4-28 12:42:52

قولدا توقۇشقا ئۇستا بولغاندا  ماشىنىنى ئىشلىتىش تەسكە چۈشمەيدۇ.  ماۋۇلارنى قولدا راھەت توقۇشقا كۆزىڭىز ئىلسە، ماشىنا ئېلىڭ. بولمىسا، ماشىنا ئالماڭ. (ئۆيىڭىزگە كارغا كەلمەيدىغان تۈمۈر تەستەك يىغقاننىڭ پايدىسى يوق) قولدا توقۇش ئەڭ تېز بولغىنى بوۋاق بالىلارنىڭ پوسمىسى بىلەن پايپىقى.


\"\"



\"\"



تېز قېرىپ سەتلىشىپ كەتمەي دېگەن ئايال زاتى پۇتىنى ئىسسىق توتمىسا قەتئىي بولمايتمىش. شۇڭا، ئاياللارنىڭ پايپىقىنى كۆپرەك يوللاپ سالدىم، رەنجىمىگەيسىلە. تۈركىيەدە قولدا پايپاق توقۇپ ساتىدىغان ئاياللارنىڭ كىرىمى ئوبدان. بۇنى تۈركچە patik دەيدۇ. ئەڭ ئەرزىنى 5 لىرا (17 كوي ئەتراپىدا)، ئەڭ قىممىتى 10 نەچچە لىرا (40 نەچچە كوي) ئەتراپىدا ساتىدۇ.  يېقىن-يۇرۇق دوستلىرىڭىزغا بېرىدىغان ياخشى سوۋغات بۇ.



\"\"


\"\"



\"\"


\"\"


\"\"


\"\"



\"\"


\"\"


كىچىك بالىلارنىڭ كىيىملىرىنىمۇ تېز توقۇغىلى بولىدۇ.


\"\"


\"\"


\"\"


\"\"



\"\"


\"\"


\"\"


\"\"



atella يوللانغان ۋاقتى 2012-4-28 12:51:03

ياخشى نۇسخىلار بولسا تېخمۇ كۆپرەك يوللاپ قويساق بولغۇدەك...

ئەرلەرگە ماس كېلدىغىنى يوقمىكىنە،

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2012-4-28 13:08:42

26- قەۋەتتىكى atellaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ياخشى نۇسخىلار بولسا تېخمۇ كۆپرەك يوللاپ قويساق بولغۇدەك...

ئەرلەرگە ماس كېلدىغىنى يوقمىكىنە،


er kishi bu ishni qilsa taqqa chiqip kitidu\"\"


ayallardn talashmayli

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2012-4-28 13:10:25

22- قەۋەتتىكى lenovo1نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

خانقىز تېزراق پۈتتۈرۈڭ بۇنى بىرسىمىز بىر ئېلكىتاب قىلىلى.  

@dilara  غەيرەت قىلىڭ، ئېلكىتابنى مەن چىقىرىتەي.

dilara يوللانغان ۋاقتى 2012-4-28 14:02:02

قولدا توقۇشقا ئۇستا بولغاندىن كېيىن، ئىش ئۆنۈمىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتىرىشنى ئويلىغاندا، (ئۆيلەر كەڭرى ئازادە بولۇپ، 5 كوۋادىرات مېتىر ئارتۇق بوشلۇق بولغاندا) ماشىنا سېتىۋېلىشنى ئويلاشساق بولىدۇ.


2. ماشىنا تاللاپ سېتىۋېلىش: ماشىنىنىڭ تۈرلىرى


بۇ ماشىنىنىڭ خەنزۇچە ئىسمى: 编织机،  ئېنگلىزچە ئىسىمى: knitting machine، تۈركچە ئىسىمى: Örgü Makinasi


ئەگەر توقۇمىچىلىق زاۋۇتى قۇرۇشنى ئويلاشسىڭىز، بۇنى مەخسۇس زاۋۇت بىلەن ئالاقىلىشىپ، توك ئارقىلىق ئىشلەيدىغان چوڭ ماشىنىلاردىن سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ. ياق، ماڭا ئوخشاش ھەۋەس ئۈچۈن ئۆيدە توقۇپ، يېقىن يۇرۇقلارغا پوپايكا، يوپكا، شارپا سوۋغا قىلىشنى ئويلىسىڭىز، توك ئىشلەتمەيدىغان قولدا ھەرىكەتلەندۈرۈپ توقۇيدىغان ماشىنا سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ. مېنىڭ ماشىنام شۇنداق قولدا ھەرىكەتلەندۈرۈپ توقۇيدىغان ماشىنا ئىدى.


قولدا توقۇيدىغان ماشىنىنىڭ خەنچە ئىسمى 手动编织机، ئېنگلىزچە ئىسمى hand knitting machine


مېنىڭ 1997-يىلدىكى ساۋادىم بويىچە ئېيتقاندا، قولدا توقۇيدىغان ماشنىلار ئادەتتە 3 تۈرلۈك بولۇپ،


1. توم يىپ ماشىنىسى 粗线机


2. ئوتتۇراھال يىپ ماشىنىسى 中线机


3. ئىنچىكە يىپ ماشىنىسى 细线机


بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئەرزىنى توم يىپ ماشىنىسى بىلەن ئىنچىكە يىپ ماشىنىسى. 1997-يىلدىكى باھادا بۇلارنى مىڭ يۈئەن ئەتراپىدا ئالغىلى بولاتتى.  ئەمما ئوتتۇراھال يىپ ماشىنىسى قىممەترەك ئىدى. مەن نېمىشقا ئوتتۇراھال يىپ ماشىنىسى ئالدىم دېگەندە، بۇنىڭ سەۋەبى:


1) توم يىپ ماشىنىسىدا پەقەت توم يىپنىلا تۇقۇغىلى بولىدۇ. ئۈرۈمچىدە شۇ چاغلاردا سېۋىتنىڭ ياغلىقى (تىۋىتشال ياغلىق) دەپ تۈكلۈك بىر خىل马海毛 يىپتا توقۇيدىغان قىشلىق ياغلىقلارنى مۇشۇ توم يىپ ماشىنىسىدا توقۇيتتى.  \"\"


يەنە قوپال، قېلىن يوپايكا ۋە يۇڭ ئىشتانلارنىمۇ مۇشۇ توم يىپ ماشىنىسىدا توقۇيتتى. \"\"


بۇ ماشىنىدا مۇرەككەپ گۈل نۇسخىلىرىنى چىقارغىلى بولمايتتى، سىدام توقۇشقىلا بولاتتى. شۇڭا مەن توم يىپ ماشىنىسى ئالمىغانتىم.


2) ئىنچىكە يىپ ماشىنىسى ئىنتايىن سىپتا توقۇيدىغان بولۇپ، بۇنىڭدىمۇ مۇرەككەپ گۈل نۇسخىلىرىنى چىقارغىلى بولمايتتى، پەقەتلا ئىنچىكە يىپلاردا نىپىز توغۇغىلى بولاتتى. بولۇپمۇ شۇ چاغدا جەنۇپتا مودا بولغان غولجىنىڭ ئالابالداق يۇڭ شارپىلىرىنى مۇشۇ ماشىنىدا توقۇيتتى. \"\"


گەرچە ئىنچىكە يىپنى بىر قانچە قات قىلىپ توم يىپ ماشىنىسىدا توقۇغىلى بولغان بىلەن، ئەمما توم ۋە ئوتتۇراھال يىپلارنى بۇ ماشىنىدا توقۇغىلى بولمايتتى. شۇڭا، مەن ئىنچىكە يىپ ماشىنىسىغىمۇ يېقىن كەلمىگەنتىم.


3) مېنىڭ گەرچە سەل قىممەترەك بولسىمۇ ئوتتۇراھال يىپ ماشىنىسى ئېلىشىمدىكى سەۋەپ: بۇ ماشىنىدا توم يىپ، ئىنچىكە يىپلارنىڭ ھەممىسىدە توقۇغىلى، مۇرەككەپ گۈل نۇسخىلىرىنى چىقارغىلى، ھەر قانداق شەكىل ياكى رەڭنى خالىغانچە تەڭشەپ ئىشلەتكىلى بولىدىغانلىقى، ئەڭ مۇھىمى بىر قەغەز كارتقا ئۆزىمىز خالاپ يېزىپ ياكى سىزىپ چىققاننى بىر ئىككى خىل رەڭدە تەڭشەپ توقۇپ چىققىلى بولىدىغانلىقى ئۈچۈندۇر. (مەن بەزى بالىلارنىڭ پوپايكىسىغا ئىسمىنى ئۇيغۇرچە كونا يېزىقتا ئاپتۇماتىك يېزىپ توقۇپ بەرسەم، بۇ ئوماق تاتلىقلار بەك خوش بولۇشۇپ كەتكەن\"\")


خوش، مەن ئوتتۇراھال يىپ ماشىنىسى ئالغان ئىكەنمەن، ئەمدى بۇ يەردە شۇ ماشىنىنى تونۇشتۇراي.


ماشىنىنى ئۈرۈمچىدىن سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ. سىزگە ساتقان شىركەت ئىككى ھەپتە ھەقسىز ئۆگىتىپ قويىدۇ. مەن ئۇلارنىڭ كۇرسىدا 5 كۈن ئوقىغانتىم. ئۇلارنىڭ كۇرسىدا ئوقىماي ئۆزەم ئۆگىنەتتىم دېسىڭىز، خەنزۇچە سەۋىيىڭىز ئالامەت پۇختا بولسا، كىتاپ ۋە ۋىدىئوغا قاراپ ئۆگەنسىڭىزمۇ بولىدۇ. لېكىن، ئەڭ ئاقىلانە ئۇسۇل شۇلارنىڭ كۇرسىدا بىر ھەپتە بولسىمۇ ئوقۇپ ئۆگىنىش. كۇرستا ئوقىماي ئۆزلىگىمدىن ئۆگىنىمەن دەپ ماشىنىنى خاتا مەشغۇلات بىلەن بوزۇپ قويسىڭىز، ياپما قاپاقلار سىزدىن پۇل ئۈندۈرگىلى بەك ئۇستا. ئىككى يىللىق ھەقسىز رېمۇنىت دېگەن گېپى بۇ يەردە ئاقمايدۇ، سىزدىن رېمۇنىت ھەققى، سايمان ئالماشتۇرۇش ھەققى دەپ پۇل ئۈندۈرۈشكە ئاران تۇرىدۇ. شۇڭا، ماشىنا سېتىۋالغان ھامان، بىر ھەپتە كۇرستا ئوقۇشقا ھەرگىز سەل قارىماڭ.


مەن ئالغان ماشىنىنىڭ كۆرۈنۈشى مۇنداقتى:


\"\"


ماشىنىنى ئادەتتە ئۆزىنىڭ چامىدانغا ئوخشايدىغان سومكىسىغا قاچىلىغىلى، قولدا كۆتۈرگىلى بولىدۇ. ئاستىدىكى تۈمۈر پاچاقلىرى كېيىن قۇراشتۇرۇلغان ھالىتى. بۇنى بىر ئۈستەلگە مۇقىملاشتۈرسىڭىزمۇ بولىدۇ. ماشىنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 1.25 ~ 1.50 مېتىر ئەتراپىدا.  پۈتۈنلەي قولدا ھەركەتلەندۈرىمىز. توك كەتمەيدۇ.


\"\"


\"\"



(ماشىنىدا توقۇشقا ئالدىراپ كەتكەنلەر، ماۋۇ يەردىن ئۆگەنگەچ تۇرۇڭلار، http://www.superbaknitting.com/


داۋامىنى ئالدىرىماي يازىمەن)



dilara يوللانغان ۋاقتى 2012-4-28 14:41:57

پوپايكا توقۇش ماشىنىسىنى چىداپ سېتىۋالغاندىن كېيىن، بەزى ئۇششاق چۈششەك نەرسىلەرنىمۇ بىللە ئېلىشقا مەجبۇر بولىمىز. چۈنكى، قولدا توقىغاندا يىپنى قانداق تۇتساق بولىۋىرىدۇ، ئەپچىل قولىمىزدا ئوڭشاپ تۇقۇۋېرىمىز. ئەمما ھىسىياتسىز تۆمۈر-تەسەك بولغان بۇ ماشىنا گەرچە بىزدىن تېز توقىغاندەك قىلغان بىلەن، يىپلار راۋان كەلمىسە، توقۇيالماي توختاپ قالىدۇ، ھەتتا يىپلارنى ئۈزۈۋېتىشى مۇمكىن. شۇڭا، يىپنىڭ ماشىنىغا راۋان كېلىشى ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟ يىپلار ئىچىدىن راۋان چىقىدىغان، قالايمىقان يۆگىشىپ  توختاپ قالمايدىغان ھالەتتە بولۇشى كېرەك.  چۈنكى، قولدا يۆگىگەن يىپىمىزنى ماشىنىنىڭ ياراتمايدىغان خۇيى بار.


3. يىپ يۆگەش ماشىنىسى绕线机 ئىشلىتىش


مومىلىرىمىزنىڭ پاختا يىپ ياكى يوڭ يىپ ئىگىرگىنىنى كۆرگەنلەر بارمۇ؟  مانا مۇشۇ ئىگىرىكنىڭ ئىشلەش پىرىنسىپىغا ئاساسەن ياسالغان ھەر خىل يىپ ئىگىرىش ۋە يۆگەش ماشىنىلىرى بار. دىققەت: خام ماتىرىيال (پاختا، يۇڭ،... قاتارلىقلاردىن) يىپ ئىگىرىدىغان ماشىنىنى دېمەيۋاتىمىز. پەقەت، بازاردىن سېتىۋالغان تەييار يىپنى ماشىنىغا مۇۋاپىق ھالەتتە قايتا  يۆگەپ توپلاپ بېرىدىغان ماشىنىنىڭ گېپىنى قىلىۋاتىمىز. مەن قولدا چۆرۈپ يىپ يۆگەيدىغان بۇ ئوقەتنى 1997-يىلى ئۈرۈمچىدىن 100 يۈەنگە ئالغانتىم. بۇنىڭ ھازىر تېخىمۇ ئىلغار ۋە ئەرزانلىرى چىققان بولۇشى مۇمكىن. پۈتۈن مەقسەت مۇنداق يىپلارنى


\"\"



ئاۋۇ ئۈستەلنىڭ ئۈستىدە تۇرغان (ماشىنىغا لايىق توپلانغان) ھالەتكە ئەكىلىشتىن ئىبارەت.


\"\"


dilara يوللانغان ۋاقتى 2012-4-28 15:18:55

ماشىنا ئالدۇق، يىپ توپلايدىغان ئوقەتنىمۇ ئالدۇق. ئەمدى  يەنە نېمە كەم قالدى؟


4. نۇسخا چىقىرىش كارتى: تۈشۈك قەغەز


ئوتتۇراھال يىپتا توقۇيدىغان ماشىنىنىڭ ھەر خىل شەكىل، نۇسخا چىقىرىش ئالاھىدىلىكى بار دېگەن ئىدۇق. شۇنداق، بۇ ماشىنا گەرچە توك ئىشلەتمىسىمۇ، تۈشۈكلۈك قاتتىق قەغەز كارت ئارقىلىق ئاپتۇماتىك ھالدا يىڭنىلەرنى ئالدىغان چىقىرىش، ئىككى خىل رەڭلىك يىپ كىرگۈزۈش ئارقىلىق بەزى نۇسخىلارنى چىقىرالايدۇ. مەسىلەن: مۇشۇ ئۇسۇلدا توقۇلغان ئەڭ ئاددى بىر پوپايكا مۇنداق:


\"\"


\"\"



ماۋۇ ماشىنىدىكى تۈشۈك قەغەزنى كۆردىڭىزمۇ؟ \"\"شۇ قەغەزگە نۇسخا شەكلىنى (خەرىتىسىنى) تۈشۈك قىلىپ ئاچىمىز. قەغەزنى ماشىنىغا سېلىپ قويۇپ، تەرتىپ بويىچە يىپ رەڭگىنى ئالماشتۇرۇپ توقۇشقا باشلىساق، يۇقارقىدەك پوپايكىلارنى تۇقىغىلى بولىدۇ.  (مەن خېلى كۆپ توقىغانتىم. بولۇپمۇ ياش ئاياللارغا پوپايكا، يوپكا بىر يۈرۈش قىلىپ لايىھىلەپ، پوپايكىدىكى گۆلنى يوپكىغىمۇ ئىشلەپ خېلى توقىغان. شۇ چاغدا ھېساپلاپ باقسام، پوپايكا بىلەن يوپكىغا بىر كىلوغا يېقىن يىپ كېتەتتى.  پەقەت ئىش ھەققى 50 يۈئەنگە توقۇپ بەرسەممۇ، ئاياللار بەس-بەستە توقۇتاتتى...)


1997-يىلى 1 ۋاراق قەغەز 1 يۈئەن، ئۇنىڭغا تۈشۈك ئاچىدىغان نەرسە 打卡机نى 90 يۈئەنگە سېتىۋالغانتىم. مېنىڭ كىچىك ۋە ساددىلىقىمدىن پايدىلانغان خەن ماڭا لازىم بولمايدىغان تۈشۈكلۈك قەغەزلەرنىمۇ خېلى كۆپ سېتىپتىكەن، بۇنى كېيىن ئىشلەتمەي ئىسراپ بولغانتى. سىز قەغەز ئالغاندا ئالدىرىماي ئويلاپ ئالارسىز.


كېيىنچە بەك ئۇستىلىشىپ كەتكەندە، قەغەز ئىشلەتمەيمۇ قولدا يىڭنىنى تەڭشەش ئارقىلىق گۈل نۇسخىسى چىقارغىلى بولىدۇ.

dilara يوللانغان ۋاقتى 2012-4-28 16:06:06

5. يىپ تاللاش


پوپايكا توقۇشقا ئىشلىتىدىغان يىپلارنىڭ تۈرى بەك كۆپ. خام ئەشياسى، توم ئىنچىلىكىلى، يۆگىلىشى قاتارلىقلارغا ئاساسەن پەرقلىق بولىدۇ.


\"\"


مەسىلەن: توم يىپتا يىگىرمە نەچچە ياشلىق بىر ئەر كىشىگە يوپايكا توقۇسىڭىز تەخمىنەن بىر كىلوگرام يىپ كېتىدۇ. ئوتتۇراھال يىپتا 600 گرام ئەتراپىدا يىپ كېتىدۇ. ئوتتۇراھال يىپتا ئاياللارنىڭ پوپايكا ۋە يوپكا بىر تو كىيىمى ئۈچۈن بىر كىلوگىرام يىپ يېتىدۇ.


خام ئەشياسىغا ئاساسەن يىپلار ساپ يوڭ يىپ 纯羊毛،  ئارىلاشما يىپ 混纺، تۈكلۈك يىپ 马海毛، نىلۇن  يىپ دېگەندەك تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ.


1. ئەڭ سۈپەتلىك يۇڭ يىپ ئاۋستىرالىيەنىڭ ئىنچىكە يۇڭلۇق قويلىرىنىڭ يىپى 细羊毛، بۇنى ئىككى قات قىلىپ ماشىنىدا توقىسا بولىدۇ. 400 گىرام  يىپتا بىر ئەرەنچە پوپايكا پۈتۈپ چىقىدۇ. يەنە 恒源祥 ماركىلىق يۇڭ يىپلارنىڭمۇ سۈپىتى ياخشى. بىراق، ساپ يۇڭ يىپ بىرىنچىدىن بەك قىممەت، ئىككىنچىدىن، يۇيغاندا رەڭگى ئاسان ئۆڭىدۇ، بەزىدە ئۇزىراپ قالىدۇ. شۇڭا، ساپ يۇڭ يىپتا بۇيرۇتمىلارنى تۇقۇغان ياخشى. يەنە خەق سىزگە مۇشۇ ئېسىل يىپتىن ئەكىلىپ پوپايكا توقۇپ بېرىڭ دەپ تەلەپ قىلسا، توقۇپ بەرسىڭىز بولىدۇ. ئۆزىڭىز يىپ ئېلىپ توقىسىڭىز، قىممەت چىقىپ قالىدۇ.


2. باھاسى مۇۋاپىق، رەڭگى ئاسان ئۆڭمەيدىغان ئەڭ ياخشى يىپ ئارىلاشما يىپ. بۇ يىپتا توقۇلغان نەرسىلەر سۈپەتلىك چىقىدۇ. مۇشۇ يىپتىن ئېلىپ توقۇسىڭىز بولىدۇ.


3. نىلۇڭ يىپنىڭ رەڭگى بەك چىرايلىق، قارىماققا كىشىنى جەلپ قىلىدۇ، باھاسىمۇ ئەڭ ئەرزان. لېكىن توقۇلغان پوپايكا سۈپەتلىك چىقمايدۇ، ئىسسىغى يوق. بىر دەزمال سېلىش بىلەنلا نىپىزلىشىپ كېتىدۇ. شۇڭا، بۇ يىپتىن ماشىندا توقۇپ ئاۋارە بولمىغان ياخشى. ماڭا ئىلگىرى كىشىلەر مۇشۇ يىپتىن ئېلىپ كەلسە توقۇپ بېرەتتىم، ئەمما ئۆزەم يىپ ئېلىپ ساتىدىغانغا بۇنى ئىشلەتمەيتتىم.


4. تۈكلۈك يىپ: بۇ يىپ بىر قەدەر قىممەت. ئاساسەن قىشلىق شارپا، ياكى ياغلىق توقۇشقا ئىشلىتىدۇ. بەك ئىسسىق تۇتىدۇ. بىراق، زىققا كېسىلى بار ئادەملەرگە ئاسانلا رېئاكسىيە قىلىدۇ.


بىزنىڭ شىنجاڭدا چارۋىچىلىق تەرەققىي قىلغان بولسىمۇ، ئەمما يۇڭ يىپ ئىشلەپچىقىرىشىمىز بەك تەرەققىي قىلمىغان بولغاچقا، خەق بىزدىن ئەرزان ئالغان  يۇڭدا قىممەت يىپ ئىگىرىپ بىزگە ساتىدۇ.  گەرچە قوينى بىز ئەڭ كۆپ باقساقمۇ، بىزنىڭ ئۆزىمىزنىڭ داڭلىق ماركىلىق سۈپەتلىك يۇڭ يىپلىرىمىز بەك يوق. ئەگەر قويلىرىمىزنىڭ يۇڭلىرىدىن سۈپەتلىك يىپ ئىگىرىدىغان ئۆزىمىزنىڭ زاۋۇتلىرى قۇرۇلسا،\"\" مۇشۇ يىپتا پوپايكا تۇقۇساق، بەك بەلەن بولاتتى!


(1998-يىلى مەن بىر كىلو ساپ ئىنچىكە يۇڭ يىپنى  ماگىزىندىن 110 يۈئەندىن سېتىۋالغانتىم. شۇ چاغدا خوتەندىكى دىخانلار بىر كىلو قوي يۇڭىنى 3 يۈەندىن ساتىدىكەن. ئويلاپ باقايلى: خام ئەشيا بولغان يۇڭ يىپ زاۋۇتقا بارغاندىن كېيىن بىر قۇر تازىلىنىدۇ، بۇيىلىدۇ ۋە ئىگىرىلىدۇ. تازىلىنىش جەريانىدا كۆپ بولغاندا 10% يۇقالدى دەپ قارىساقمۇ، ئەمما بۇياش ۋە ئىگىرىش جەريانى شۇنچە مۇرەككەپ جەريان ئەمەس. قوينى بىز باقمىغان بولساق، رايۇنىمىزدىن قوي يۇڭى چىقمىغان بولسا، خەق ماڭا يۇڭ يىپنى بۇنداق قىممەت ساتسا قۇرسىقىم ئاغرىمايتتى. ئەمما 3 يۈەنلىك يۇڭنى ماڭا ئىگىرىپ ۋە بۇياپ 110 يۈئەنگە ساتقاندا \"\"غۇدىرىغان پېتىم ئالغانتىم.)


دېققەت: مېنىڭ قىممەت ئالدىم دېگىنىم ئىنچىكە يۇڭ يىپ. توم يۇڭ يىپنى كىلوسىنى ئەللىك ئاتمىش يۈئەندىن ئالغىلى بولىدۇ، ئەمما سۈپەتلىك ئەمەس.


yolyar يوللانغان ۋاقتى 2012-4-30 09:11:23

تىۋىتلىق يىپ دەيدىغاندۇ؟

( داۋامى ئۇنتۇلۇپ قالمىسۇن)

tirkax يوللانغان ۋاقتى 2012-4-30 10:33:32

بەك تەپسىلى يىزىپسىز ، رەھمەت سىزگە  \"\"

atella يوللانغان ۋاقتى 2012-5-8 00:52:30

داۋامى يەنە بارمۇ يا ؟

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2012-5-13 17:07:53

35- قەۋەتتىكى atellaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

داۋامى يەنە بارمۇ يا ؟

بۇلارنىمۇ يوللىۋەتسە بولىتى


6. توقۇشنى باشلاش


7. ئۆلچەش ۋە ھېسابلاش: ھەر كۇۋادىرات سانتېمىتېرغا توغرا كېلىدىغان يىڭنە سانىنى ھېسابلاش


8. توقۇپ چىقارغاننى تىكىش، دەزماللاش


9. خېرىدارغا بېرىش


10. خاتىمە: دىققەت قىلىدىغان ئىشلار


Baqka يوللانغان ۋاقتى 2012-5-13 18:07:02

بەك ئوبدان يېزىپسىز، بىر قىسىم ئائىلە ئاياللىرى كۆرۈپ پايدىلانسا بولىدىكەن.

بەزى سۈرەتلەر ئۈزۈلۈپ كېتىپتۇ.

dilara يوللانغان ۋاقتى 2012-5-16 15:54:16

6. توقۇشنى باشلاش


1[  ماشىنىنى ساندۇقتىن چىقىرىپ، 70 ~ 80 سانتىمېتىر ياكى بىر مېتىر ئېگىزلىكتە (ئۆزىمىزگە قانداق راھەت بولسا، ئۆرە تۇرۇپ ياكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ توقۇشقا قانچىلىك ئېگىزلىك مۇۋاپىق بولسا، شۇنچىلىك ئېگىزلىكتە) بىرەر ئۈستەل ياكى تۆت تال تۆمۈر پاچاققا مۇقىملاشتۇرىمىز.


\"\"


ئۈستەلگە مۇقىملاشتۇرساقمۇ بولىدۇ


\"\"


2[ يىپ يۆگەش ماشىنىسى بىلەن ئۆلچەملىك يۆگىگەن يىپلارنى ماشىنىنىڭ تۈشۈكىگە ئۆتكۈزىمىز.


3[ ماشىنىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدىن 0 نى مەركەز قىلىپ تۇرۇپ ئوڭدىن 25، سولدىن 25 يىڭنىنى ئالدىغا چىقىرىپ (جەمئىي 50 يىڭنە)،   مانا مۇنداق يىڭنە


\"\"


50 قۇر تۇقۇيمىز. توقۇشتا پەقەت ماشىنىنىڭ بېشىنى (机头)نى بىز باياتتىن ساناپ تۇرۇپ  ئالدىغا چىقارغان يىڭنىلەرنىڭ ئۈستىدە ئوڭغا بىر نۆۋەت، سولغا بىر نۆۋەت سۈركىسەكلا بولىدۇ. ئىشتانغا دەزمال سالغاننى بىلىسىزغۇ؟! دەزمالنى رەختنىڭ ئۈستىدە قانداق ماڭدۇرغان بولساق، ماشىنىنىڭ بېشىنىمۇ شۇنىڭدىن تېز سۈرئەتتە ئالدى كەينىگە تېز تېز ماڭدۇرساق، يىپلا توقۇلۇپ چىقىدۇ. بىر ماڭدۇرغىنىمىز بىر قۇر توقىغانلىق بولىدۇ.  بىزنىڭ قانچە قۇر تۇقىغانلىقىمىزنى ماشىنىنىڭ ھېسابلاش سائىتى ئاپتۇماتىك ھېسابلاپ ساناپ تۇرىدۇ.


\"\"


4[ ماشىنىنىڭ بېشى 机头 نى ماشىنىغا يەرلەشتۈرۈپ تەڭشەشنى كۇرستا تەپسىلىي ئۆگىتىدىغان بولغاچقا يازمىدىم. بۇنى تەڭشەشمۇ بەك ئاسان. يىپ توم بولسا 1~2 گە تەڭشەيسىز.  يىپ ئوتتۇراھال بولسا 5 كە تەڭشىسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر يىپىڭىز بەك ئىنچىكە بولسا، زىچ توقۇماقچى بولسىڭىز، 8~9 غا تەڭشىسىڭىز بولىدۇ.  پۈتكۈل تەڭشەش ئارىلىقى 0~9 ئارىلىقىدا.  تىۋىتلىق يىپلارنى شالاڭ، يۇمشاق  توقۇلسۇن دېسىڭىز 1 ياكى 2گە تەڭشىسىڭىز بولىدۇ.

بەت: 1 [2] 3
: پوپايكا توقۇش ماشىنىسى ھەققىدە ساۋات