نۇرۇللا دەپ تەگئات قويسام بۇلارمۇ ؟
نۇرۇللا دەپ تەگئات قويسام بۇلارمۇ ؟
دۇنيادىكى ئەڭ قىسقا تېما ، جىننس رېكورتى قامۇسىغا چىگۈزۈلسۇن {:92:}
نۇرۇللا دەپ ئىسىم قوياش جائىز ئەمەس دەپتۇ ئالىملار، شۇنىڭغا قارىغاندىمۇ تەگئات قىلىشقىمۇ بولمىغۇدەك . بىر تۇققىنىمىزنىڭ ئاتىسى خىلى چوڭ دەھ موللا

راس گەپما بۇ؟ نەدىن كۆردىڭىز دېمەكچى مىنىڭ تولۇغ ئوتتۇردىكى سىنىپ مەسئۇلۇمنىڭ ئىسمىغۇ بۇ


3- قەۋەتتىكى sodigar99نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
بىر تۇققىنىمىزنىڭ ئاتىسى خىلى چوڭ دەھ موللانەۋرىسىگە نۇرۇللا دېگەن ئىسىمنى شۇ ئادەم قويغان ئىدى ،
راس گەپما بۇ؟ نەدىن كۆردىڭىز دېمەكچى
راس گەپ قوشنام، ئەرەبچە بىلەمسىلە مەنبەسىنى بېرەي ؟

6- قەۋەتتىكى Bidar-Qutlanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
يەنە بىرسى ھازىرقى نوپۇستىكى، كىملىكتىكى خەتلەرنىڭ خەنزۇچە يېزىلمىقى سەۋەپلىك 2، 3 خەتتىن ئاشمىغان ناھايىتى ئىخچام سۆزلەرنى ئىشلىتىشكە مەجبۇرسىز. ئۇنداق بولمىغاندا كېيىنكى ئەۋلاتلىرىڭىز ئۇزۇنراق ئىسىم قويۇشقا ئىھتىياجلىق بولغاندا ئۆز ئىسمى+دادىسىنىڭ ئىسمى+كىملىكى بىلەن كىملىك ئالالماي قالىدۇ. مېنىڭ ئۆز پەرزەنتلىرىم، چوڭ ئىنىم، كىچىك ئىنىم ۋە بارلىق جىيەنلىرىمنىڭ تەگئاتى بىلەن نوپۇسلانغان بولسىمۇ، چوڭ ئىنىملا بىر خەتنىڭ ئارتىپ كىتىش بىلەن كىملىك ئالالماي، بىر يىلدىن كېيىن تەگئاتنى قالدۇرۇشقا مەجبۇر بولدى.
بۇنىڭغا ھە دەپبەرسەك، ئەتە ئۆگۈن تەگئېتىڭلار بىر خەتلىك، ئىسمىڭلار ئىككى خەتلىكتىن ئېشىپ كەتمىسۇن دېگەن سىياسەت چىقمىسۇن.....
10- قەۋەتتىكى sodigar99نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ھە راس باللا مۇنبەرگە چىقىرىدىغانغا باش سۈرەت ئادرىسى بىلەن تەمىنلەيدىغان تور بەت تەۋسىيە قىلساڭلارچۇ؟
www.500images.com مەيەگە رەسىم چىقاساڭلا بولىدا .
مەن ئارىف دەپ ئىشلىتەي دەپ يۈرۈپتىمەن. ئاللانىڭ نۇرى ، ئاللا بەرگەن ئۇغۇل دىگەن مەنادا ئىكەن .....
11- قەۋەتتىكى YELKENنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
بۇنىڭغا ھە دەپبەرسەك، ئەتە ئۆگۈن تەگئېتىڭلار بىر خەتلىك، ئىسمىڭلار ئىككى خەتلىكتىن ئېشىپ كەتمىسۇن دېگەن سىياسەت چىقمىسۇن.....
بىزنىڭمۇ ھە دېگىمىز كەلمەي، رەئىس خەتدانىغا قەدەر خەت يازغان بولدۇق، ھىچقانداق سادا كەلمىگەندىن كېيىن، سودا بىلەن تىرىكچىلىك قىلىدىغان ئىنىم بىر يىل كىملىكسىز سەپەرگە چىقالماي قىيلىنىپ يۈردى، نوپۇسقا 18 خەتكىچەت بولسا بولىدىكەن، كىملىككە چىكىت بىلەن قوشۇپ 15 خەتكىچە بولسا بولىدىكەن، ئىنىمنىڭ ئىسمى چىكىت بىلەن قوشۇپ 16 خەت بولۇپ كىتىپتىكەن، نوپۇسقا نورمالنى ئولتارغان بولسىمۇ، كىملىكى 3 قېتىم رەسىمگە چۈشۈپمۇ كەلمەي، تەگئاتنى ئېلىۋەتكەندىن كېيىنلا پۇقرالىق كىملىكىگە ئىرىشتى.
بۇ سۆز تۈركچە (ئۇيغۇرچە) ئەمەس ئىكەن. ناۋادا جەمەتىڭلار چوڭلاپ، دۇنياغا داڭ قازىنىپ قالسا، ئەرەبلەر «نۇرۇللاھ دىگەن ئەرەبچە سۆز، بۇلار چوقۇم جۇڭگودا ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئەرەبلەرنىڭ پۇشتى» دەپ تالىشىپ قېلىشى مۇمكىن. ئەگەر جەمەتىڭلاردا ھەقىقەتەن ئەرەب قېنى بولسا، قويىۋەرسەڭلار بولىدۇ.
لېكىن يىلتىزىڭلار ئۇيغۇر بولسا، چوقۇم ئۇيغۇرچە قويۇڭلار. ئەۋلادىڭلار دۇنياغا چېچىلىپ كەتكەن تەغدىردىمۇ، ئىسمىڭلاردىن سىلەرنى تېپىۋالىمىز. ھازىر كاشغەرى، ئۇيغۇر، يەركەندى دىگەندەك جەمەتلەر دۇنيانىڭ بۇلۇڭ- پۇشقاقلىرىدا ياشاۋاتىدۇ، ھەتتا بەزەنلىرى شۇ دۆلەتتىكى داڭلىق ئەرباب ياكى داڭلىق جەمەت ھېساپلىنىدۇ. ئامېرىكىنىڭ مالىيەسىنى تۇتىۋاتقىنىمۇ كاشغەرى فامىلىلىك بىر ئاداشكەن، ئامېرىكىدا يەنە ئۇيغۇر تەگئاتلىق بىر داڭلىق رىياسەتچىنى ئاڭلىغان ئىدىم. سەئۇدى ئەرەبىستانى مەككە خان جەمەتى دوختۇرخانىسىنىڭ باش دوختۇرخانا باشلىقىمۇ ئابدۇلۋاققاس ئەل يەركەندى دىگەن كىشى ئىكەن.
ناۋادا، 100 يىللاردىن كېيىن، دۇنيانىڭ مەلۇم جەھەتتىكى چوڭ ھۇقۇقى «نۇرۇللاھ» تەگئاتلىق بىرسىنىڭ قولىدا بولۇپ قالسا، ئېنىقكى دۇنيا جەمائەتچىلىكى ئۇنى ئەرەب پۇشتى دەپ تونۇيدۇ. مىنىڭ تولۇغ ئوتتۇردىكى سىنىپ مەسئۇلۇمنىڭ ئىسمىغۇ بۇ ، مۇنبەردىمۇ بارغۇ دەيمەن ئۆگدۈلمىش ئەپەندى
سىنىپ مەسئۇلىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماپسىز تاھىر بەگ . مۇنبەرلەرگە كىرمىگىلىمۇ ىېلى ئۇزاق بولغان ئىكەن ،ئەمدى ئانچە-مۇنچە كىرىپ تۇرسام بولغۇدەك . كەشپۇللا دەپ،تەگ ئات قويۇشنى ئويلۇشۇپ بىقىڭ.
16- قەۋەتتىكى koktashنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
بۇ سۆز تۈركچە (ئۇيغۇرچە) ئەمەس ئىكەن. ناۋادا جەمەتىڭلار چوڭلاپ، دۇنياغا داڭ قازىنىپ قالسا، ئەرەبلەر «نۇرۇللاھ دىگەن ئەرەبچە سۆز، بۇلار چوقۇم جۇڭگودا ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئەرەبلەرنىڭ پۇشتى» دەپ تالىشىپ قېلىشى مۇمكىن. ئەگەر جەمەتىڭلاردا ھەقىقەتەن ئەرەب قېنى بولسا، قويىۋەرسەڭلار بولىدۇ.
لېكىن يىلتىزىڭلار ئۇيغۇر بولسا، چوقۇم ئۇيغۇرچە قويۇڭلار. ئەۋلادىڭلار دۇنياغا چېچىلىپ كەتكەن تەغدىردىمۇ، ئىسمىڭلاردىن سىلەرنى تېپىۋالىمىز. ھازىر كاشغەرى، ئۇيغۇر، يەركەندى دىگەندەك جەمەتلەر دۇنيانىڭ بۇلۇڭ- پۇشقاقلىرىدا ياشاۋاتىدۇ، ھەتتا بەزەنلىرى شۇ دۆلەتتىكى داڭلىق ئەرباب ياكى داڭلىق جەمەت ھېساپلىنىدۇ. ئامېرىكىنىڭ مالىيەسىنى تۇتىۋاتقىنىمۇ كاشغەرى فامىلىلىك بىر ئاداشكەن، ئامېرىكىدا يەنە ئۇيغۇر تەگئاتلىق بىر داڭلىق رىياسەتچىنى ئاڭلىغان ئىدىم. سەئۇدى ئەرەبىستانى مەككە خان جەمەتى دوختۇرخانىسىنىڭ باش دوختۇرخانا باشلىقىمۇ ئابدۇلۋاققاس ئەل يەركەندى دىگەن كىشى ئىكەن.
ناۋادا، 100 يىللاردىن كېيىن، دۇنيانىڭ مەلۇم جەھەتتىكى چوڭ ھۇقۇقى «نۇرۇللاھ» تەگئاتلىق بىرسىنىڭ قولىدا بولۇپ قالسا، ئېنىقكى دۇنيا جەمائەتچىلىكى ئۇنى ئەرەب پۇشتى دەپ تونۇيدۇ.
بۇ توردىشىمىز زىيادە سېزىمچان بولۇپ كەتكەندەك تۇرىدۇ. ئالدى بىلەن ئۇيغۇر تىلىدا قوللىنىۋاتقان سۆزلەرنىڭ زادى قانچىلىكى ئەرەپ ۋە پارىس تىلىدىن كىرگەنلىكىگە قاراپ باقايلى .ئىشلىتىۋاتقان جۈملىلەرنىڭ تەركىبىدىكى سۆزلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئەرەپچە ياكى پارىسچە .مىللىتىمىزنىڭ ئۆزىنى تونۇشى ، ئۆزلۈك ئېڭىنىڭ كۈچىيىشى يېقىنقى ھادىسە . ئەرەبچە ئىسىم قويۇش ئۇيغۇرلارغا مىڭ يىللاردىن بېرى ھەمرا بولۇپ كەلدى .پەقەت ئەرەبچە ئىسىم تۈپەيلى < < ئەرەب قانلىق >> بولۇش شۇنچىلىك ئاددى مەسىلە بولسا جەمەتىڭىزدىكى ئىسىمنى ئېنىقلاپ بېقىڭ . قانچىلىكى ئەرەب قان سېستىمىسىدىن چىقىدىكىن ؟