halik_puli يوللانغان ۋاقتى 2012-4-23 01:21:07

ساپ ئۇيغۇرچە تەگئات ئىشلىتىشنى قوللايمەن.

قارىسام @koktash بۇرادەر تەگئات توغرىلىق گەپ قىپتۇ، ئىسىمنى ئەرەپچە قويسىمۇ، ئۇيغۇرچە قويسىمۇ ئوخشاش، (مۇشۇنداق چۈشەندىمغۇ \"\" )

koktash يوللانغان ۋاقتى 2012-4-25 10:14:23

19- قەۋەتتىكى ugdulmishنىڭ يازمىسىدىن نەقىل


16- قەۋەتتىكى koktashنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇ سۆز تۈركچە (ئۇيغۇرچە) ئەمەس ئىكەن. ناۋادا جەمەتىڭلار چوڭلاپ، دۇنياغا داڭ قازىنىپ قالسا، ئەرەبلەر «نۇرۇللاھ دىگەن ئەرەبچە سۆز، بۇلار چوقۇم جۇڭگودا ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئەرەبلەرنىڭ پۇشتى» دەپ تالىشىپ قېلىشى مۇمكىن. ئەگەر جەمەتىڭلاردا ھەقىقەتەن ئەرەب قېنى بولسا، قويىۋەرسەڭلار بولىدۇ.

لېكىن يىلتىزىڭلار ئۇيغۇر بولسا، چوقۇم ئۇيغۇرچە قويۇڭلار. ئەۋلادىڭلار دۇنياغا چېچىلىپ كەتكەن تەغدىردىمۇ، ئىسمىڭلاردىن سىلەرنى تېپىۋالىمىز. ھازىر كاشغەرى، ئۇيغۇر، يەركەندى دىگەندەك جەمەتلەر دۇنيانىڭ بۇلۇڭ- پۇشقاقلىرىدا ياشاۋاتىدۇ، ھەتتا بەزەنلىرى شۇ دۆلەتتىكى داڭلىق ئەرباب ياكى داڭلىق جەمەت ھېساپلىنىدۇ. ئامېرىكىنىڭ مالىيەسىنى تۇتىۋاتقىنىمۇ كاشغەرى فامىلىلىك بىر ئاداشكەن، ئامېرىكىدا يەنە ئۇيغۇر تەگئاتلىق بىر داڭلىق رىياسەتچىنى ئاڭلىغان ئىدىم. سەئۇدى ئەرەبىستانى مەككە خان جەمەتى دوختۇرخانىسىنىڭ باش دوختۇرخانا باشلىقىمۇ ئابدۇلۋاققاس ئەل يەركەندى دىگەن كىشى ئىكەن.

ناۋادا، 100 يىللاردىن كېيىن، دۇنيانىڭ مەلۇم جەھەتتىكى چوڭ ھۇقۇقى «نۇرۇللاھ» تەگئاتلىق بىرسىنىڭ قولىدا بولۇپ قالسا، ئېنىقكى دۇنيا جەمائەتچىلىكى ئۇنى ئەرەب پۇشتى دەپ تونۇيدۇ.



بۇ توردىشىمىز زىيادە سېزىمچان بولۇپ كەتكەندەك تۇرىدۇ. ئالدى بىلەن ئۇيغۇر تىلىدا قوللىنىۋاتقان سۆزلەرنىڭ زادى قانچىلىكى ئەرەپ ۋە پارىس تىلىدىن كىرگەنلىكىگە قاراپ باقايلى .ئىشلىتىۋاتقان جۈملىلەرنىڭ تەركىبىدىكى سۆزلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئەرەپچە ياكى پارىسچە .مىللىتىمىزنىڭ ئۆزىنى تونۇشى ، ئۆزلۈك ئېڭىنىڭ كۈچىيىشى يېقىنقى ھادىسە . ئەرەبچە ئىسىم قويۇش ئۇيغۇرلارغا مىڭ يىللاردىن بېرى ھەمرا بولۇپ كەلدى .پەقەت ئەرەبچە ئىسىم تۈپەيلى < < ئەرەب قانلىق >> بولۇش شۇنچىلىك ئاددى مەسىلە بولسا جەمەتىڭىزدىكى ئىسىمنى ئېنىقلاپ بېقىڭ . قانچىلىكى ئەرەب قان سېستىمىسىدىن چىقىدىكىن ؟






شۇنداق، تىل- يېزىققا نىسبەتەن سېزىمچانلىقىم ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇشى مۇمكىن. ئەرەب، پارس تىللىرى، خەنزۇ تىلى دىگەندەكلەر ماڭا رېكسىيە قىلىدۇ. ئەرەب ئىسىملارنى مىڭ يىللاردىن بۇيان قوللىنىپ كەلدۇق دىگەن باھانە بىلەن، مۇشۇ ئادەتنى داۋاملاشتۇرۇشىمىز كېرەكمۇ؟ ئەجىبا سىز ئىسىمنىڭ ئىسىمنىڭ تىگى-تەكتىنى سۈرۈشتۈرمەي قويىۋېرەمسىز!؟

qutghur يوللانغان ۋاقتى 2012-4-25 19:31:00

مۇشۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسىم لۇغىتىنى تۇزگەن كىشى ئۆزنى مۇتەللىپ سىددىق قاھىرى دەپ يېزىپتۇ .دىمەك \"\"قاھىرى\"\" تەگئاتى بولسا كېرەك .مېنىڭچە \"\"نۇرۇللا\"\" سۆزى ئەرەبچىدەك كۆرۈنگىنى بىلەن ئەرەبلەر بۇ سۆزنى ھەتتا ئىسىم ئورنىدا ئىشلەتمەسلىگى مۈمكىن .\"\"نۇر\"\" سكزىنىڭ يىلتىزى فارىسچىمىكى تېخى .بىزدىكى نۇر مۇھەممەت ،نۇرئەخمەت دىگەن ئىسىملار ئۇيغۇرغىلا خاس بىلىشىمچە .لۇغەت مۇئەللىپىمۇ \"\"قاھىر\"\" دىگەن ئەرەبچە سۆزگە \"\"ئى\"\"نى قوشۇپ ئۇيغۇرچە \"\"تەگئات ياساپتۇ .شۇنداق بولغاندا \"\"نۇرۇللا\"\"نى تەگئات قىلىشقا بولامىكى .ھازىرلىقچە قىلىپ باقسۇن بولمىسا ،رايىنى قايتۇمايلى .

ئەرەبلەرگە ئارىلىشىپ كېتىش مۈمكىنچىلىگى ئاساسەن يوق .ئۇسامە ،سەئۇدى دىگەندەك سۆزلەرنى ئىشلەتمىسەكلا ئارىلىشىپ قالمايمىز.

لىكىن ساپ ئۇيغۇرچە سۆز تاللاشنى تەشەببۇس قىلىمىز بىزمۇ

ugdulmish يوللانغان ۋاقتى 2012-4-27 11:20:16

مەن ئەرەبچە ، پارسچە ئىسىم قويۇشنى تەشەببۇس قىلمايمەن . ھېلىھەم بولسىمۇ ئۆز ئانا تىلىمىز ئادىتى بويىچە ئۆزىمىزنى قانچىكى بۇرۇن تونۇۋالساق شۇ ياخشى . ئەمما نۇرغۇن ئىسىم ئاتا- بوۋىلار تەرىپىدىن بۇرۇن مۇشۇ يوسۇن بويىچە قويۇلۇپ بولغانلىقى ئۈچۈن ھازىر ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىش تولىمۇ تەس . بىز ئىمكان بار ئۇيغۇرچە ئىسىم بايلىقىنى كۆپرەك قېزىپ مۇئەييەن پايدىلىنىش ئىمكانىيتىگە ئىگە قىلساق بۇ ھەقتە تالاش-تارتىش قىلغاندىن كۆپ ياخشى . بىز پايدىلىنىۋاتقان شەيئىدىكى يېتەرسىزلىكنى قېزىپ چىقىش بىلەن بىرگە ئۇنىڭ ئورنىغا دەسىتىش مۈمكىنچىلىكى بولغان شەيئىنىمۇ ئويلىشىپ كۆرىشىمىز كېرەك . مەن ھەر بىر جۈملە خەت يازغاندا « ساپ ئۇيغۇرچە سۆز قانچىلىكتۇ ؟» دەپ ئويلاپ كېتىمەن . بىر قېتىم بىر قانچە جۈملە سۆز تەركىبىدىكى سۆزلەرنىڭ تەۋەلىكىنى لۇغەت ئىزدەپ كۆرگىنىمدە ئۆزەممۇ ھەيران قالدىم . زادى سۆزلۈكىمىز تەركىبىدىكى ئەبجەشلىكنى يوقۇتىۇشنىڭ زۆرۈرىيتى ۋە مۈمكىنچىلىكى بارمۇ-يوق ؟ بار بولسا قانچىلىك ؟ مۇشۇ ھەقتە پىكىر يۈرگۈزۈپ باقساق بولىدۇ .
بەت: 1 [2]
: نۇرۇللا دەپ تەگئات قويسام بۇلارمۇ ؟