Dilruba يوللانغان ۋاقتى 2012-1-13 04:25:45

بانان ۋە سەۋزە تورت پىشۇرۇش


تۈنۈگۈن قىزىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئۈچۈن ئائىلىمىزدىكىلەر ئامراق بانان
تورتنى پىشۇرىۋېتىپ، ئۇزۇن زامانلار ئىلگىرى سىڭلىمغا «مۇشۇ تورتنى پىشۇرۇش
رېتسىپىنى ئېيتىپ بېرىمەن» دەپ ۋەدە قىلغىنىم ئېسىمگە كېلىپ قالدى.  
سىڭلىم مەندىن ئىزدىنىشقىلا يېزىپ قويۇشۇمنى سورىغان ئىدى، ئەمدى بولسىمۇ
يېزىپ قوياي، بارلىق سىڭىللار- ھەمشىرىلەر سىناپ باقار. چۈنكى بۇنى ئېتىش
ئاسان ھەم يېيىشلىك.


رېتىسىپتىكى خۇرۇچلارنىڭ مىقدار بىرلىكى ئۈچۈن «ئىستاكان» نى ئىشلەتتىم. لىق بىر ئىستاكان ئادەتتە 250 مىللىلېتىرلىق بولىدۇ.


لازىملىق ماتېرىياللار:


1. ئۆزلىكىدىن كۆپىدىغان ئۇن 1.25 (بىر پۈتۈن، بىر چارەك) ئىستاكان


2. ئىككى تۇخۇم


3. ئوبدان پىشقان، بولسا پوستى قارىداشقا باشلىغان باناندىن چوڭراق بولسا ئىككى، بولمىسا ئۈچ


4. سېرىقماي (butter)دىن  125 گرام


5. يېمەكلىك سودا چاي قوشۇقىدا بىر قوشۇق


6. يۇمشاق شېكەردىن 0.75 ئىستاكان


7. ئىككى چوڭ قوشۇق (20 گرام) سۈت   


8. سوقۇلغان ئازراق بادام ياكى ياڭاق مېغىزى (چوقۇم قوشۇش شەرت ئەمەس، ياخشى كۆرۈشىڭىزگە ئاساسەن قوشسىڭىزمۇ، قوشمىسىڭىزمۇ بولىدۇ)



مۇشۇنچىلىك، بەك جىق ماتېرىيال ۋە ئىش كەتمەيدۇ. تۇخۇم ۋە بانان (سەۋزە)
نىڭ تېمپىراتۇرىسى مۆتىدىل بولۇشى كېرەك. يەنى، بۇلارنى توڭلاتقۇدىن بىر
نەچچە سائەت بالدۇرراق چىقىرىپ، ئۆي تېمپراتۇرىسىدا ساقلىشىڭىز كېرەك.
چۈنكى بۇ خۇرۇچلارنى توڭلاتقۇدىن چىققان پېتى سوغۇقلا ئىشلەتسىڭىز،
تورتىڭىز ئوبدان كۆپمەيدۇ.



تەييارلاش جەريانى:


1. چوڭراق بىر قاچىغا شېكەرنى سالىمىز، سېرىقماينى ئېرىتىپ ئۇنىڭ
ئۈستىگە قۇيىمىز ۋە ئوبدان چالىمىز. شېكەر مايدا تەلتۆكۈس ئېرىگەندىن
كېيىن، تۇخۇمدىن بىرنى ئۈستىگە چاقىمىز ۋە يەنە چالىمىز. بۇلار تولۇق
ئارىلىشىپ بولغاندا يەنە بىر تۇخۇمنى چاقىمىز ۋە ئوخشاش يوسۇندا
ئارىلاشتۇرىمىز.


2. بۇ ئىشنى تاماملاپ بولغاندىن كېيىن دوخۇپكىنى 150 گرادۇسقا تەڭشەپ
ئالدىنئالا قىزدۇرۇشنى باشلايمىز. لېسنى مايلاپ تەييار قىلىپ قويىمىز. مەن
دېئامېتىرى 20 سانتىمېتىر ئەتراپىدىكى يۇمىلاق، پۇرژىنلىق ئېچىلىدىغان لېس
ئىشلىتىمەن. بۇ بولمىسا چاسا لېس بولسىمۇ بولىدۇ، لېكىن چوڭقۇرلۇقى 10
سانتىمىردىن كەم بولمىغان بولۇشى كېرەك.


3. بانانلارنى سويماي تۇرۇپلا، بارماقلىرىمىز بىلەن يۇمشىتىپ
مىجىۋالغاندىن كېيىن، پوستىدىن ئاجرىتىپ، بايا تەييارلىۋالغان قاچىدىكى
ئ‍ارىلاشمىغا تۆكىمىز. ئاندىن ئوبدان ئارىلاشتۇرىمىز.


4. سودانى قاينىغان سۈتكە سېلىپ ئېرىتىمىز. ( بۇنچىلىك سۈتنى قاينىتىشنى
ئاۋارىچىلىق كۆرسىڭىز، ئوخشاش مىقداردا قايناقسۇ ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ.)
ئاندىن بۇ ئېرىتمىنى قاچىغا تۆكىمىز.


5. ئاخىرىدا ئۇننى تاسقاپ تۇرۇپ قاچىدىكى ئارىلاشمىغا تۆكىمىز، راۋۇرۇس ئېلەشتۇرىمىز. مېغىز تەييارلىغان بولساق ئۇنىمۇ قوشىمىز.


6. بۇ چاغدا دوخۇپكىمۇ قىزىپ تەييار بولغان بولىدۇ. تورت ئارىلاشمىسىنى
لېسقا تۆكۈپ، دوخۇپكىغا سالىمىز. تېمپىراتۇرىنى 180 گرادۇسقا كۆتۈرۈپ،
ۋاقتنى 40 مىنۇتقا تەڭشەپ قويساق بولىدۇ.


7. ۋاقت توشقاندا پىشقان- پىشمىغاننى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن، بىر چوكىنى
تورتنىڭ مەركىزىگە پاتۇرۇپ قاراپ بېقىڭ.  ئ‍ەگەر چوكىغا بىر نەرسە يېپىشماي
قۇرۇق چىقسا تورت پىشقان بولىدۇ، بولمىسا يەنە 5-10 مىنۇت ئارتۇق پىشۇرۇڭ.



يۇقىرىقىسى بانان تورتنى پىشۇرۇش ئۇسۇلى، سەۋزە تورت ئۈچۈن، يۇقىرىقى
رېتىسىپتىكى باناننىنڭ ئورنىغا ئوتتۇراھال چوڭلۇقتىكى تاتلىق سەۋزىدىن
ئۈچنى ئىشلەتسەك بولىدۇ.


سەۋزىنى ئۇششاق قىرىپ، چاناپ ئىشلىتىمىز. بولسا سەۋزە قىرغۇچ بىلەنلا.


بۇندىن باشقا، بىر تال بانان، ئىككى سەۋزىنى قوشۇپ، بانان- سەۋزە تورت
ياساشقىمۇ بولىدۇ. قايسىلا تەمنى كۆڭلىڭىز تارتسا سىناپ بېقىڭ، مەيچۈئېرنىڭ
تورتلىرىدىن قېلىشمىغۇدەك تورت چىقىدۇ، يەنە كېلىپ ئائىلىدە پىشۇرۇلغىنى
بازارنىڭكىدىن كۆپ ساغلام ۋە پاكىز.


ئەمدى تورتنىڭ ئۈستىدىكى قايمىقى قالدى. ئۇمۇ بىر مۇنچە شېكەر بىلەن
پۈتىدىغان نەرسە. زىلۋالىقنى ۋە گۈزەللىكنى ساقلاش ئۈچۈن (كۆزىنى قىسىپ،
تىلىنى چىقارغان چىراي ئىپادىسى)، بېكىتىۋالغان كۈندىلىك شېكەر مىقدارىم
پەقەت بىر قوشۇق. شۇڭا ئادەتتە قايمىقىنى ياسىمايمەن. ئوزۇقلۇق ۋە سالامەتلىك نۇقتىسىدىن، سىزگىمۇ شېكەرنى، تويۇنغان ماينى جىق ئىستېمال قىلماسلىقنى تەۋسىيە قىلىمەن.
تەملىك تورتنى ئوبدان دەملەنگەن چاي ياكى قەھۋە بىلەن يەۋېتىپ (تورتنىڭ
ھەممىسىنى ئەمەس جۇمۇ، خېلى يوغان 8 كېسىم چىقىدىغان تورت ماۋۇ.)  خۇش
كەيپىياتىڭىز بىلەن ئوماق بالىڭىزنىڭ مەڭزىگە 5- 10 نى سۆيۈۋەتسىڭىز،
جاھاندىكى ئەڭ تاتلىق قايماق دېگەن شۇ.

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2012-1-13 07:08:50

«ئۆزلۈكىدىن كۆپىدىغان ئۇن» قانداق ئۇن بولغىيتتى؟ ھە راست، سېرىقماينىڭ ئىشەنچىلىكلىرىنى نەدىن تاپالايمىز؟

ماۋۇ بىرقەدەر ئاسانكەن، ئۆگىنىۋالسام بولغۇدەك. بويتاقچىلىقتا قايسى ئاسان بولسا شۇنى ئېتىدىغان گەپكەن، ئېتەلەيدىغان تاماقلىرىمنى تولا ئېتىپ ئۇستام بوپ كەتتىم ھازىر  \"\"

لېكىن مەن تۇغۇلغان كۈنىدە تورت يەپ تەبرىكلەشكە قارشى، بىز يات دىندىكىلەردىن پەرقلىق بولغىنىمىز ئەۋزەل.

yawuzbag يوللانغان ۋاقتى 2012-1-13 07:13:29

تورت دىسە قانداقتۇر خۇرۇچلىرى شۆبھىلىك بىلىنەتتى ماڭا.ئۇنداق ئەمەسكەنغۇ،ئۆيدە ئىتىپ باقساق بولغۇدەك....

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2012-1-13 07:48:14

2- قەۋەتتىكى yawuzbagنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

تورت دىسە قانداقتۇر خۇرۇچلىرى شۆبھىلىك بىلىنەتتى ماڭا.ئۇنداق ئەمەسكەنغۇ،ئۆيدە ئىتىپ باقساق بولغۇدەك....



بۇ رېتسىپتىكى خۇرۇچلاردا ئەتسىڭىز ئەلۋەتتە ئىشەنچىلىك(سېرىمايدا مەسىلە بولمىسىلا)، لېكىن بازاردا سېتىلىۋاتقانلىرىغا بىر نىمە دېگىلى بولمايدۇ. قايمىقىغا ئىشلىتىدىغان ئاقماي)奶油(ئاساسەن پىشىقلاپ ئىشلەشتىن ئۆتكەن سۈنئىي ئاقمايلار، ئۇنىڭغا قوشىدىغان بەزى تەركىبلەر ئىشەنچىسىز. دىققەت قىلغان ئەۋزەل.

Dilruba يوللانغان ۋاقتى 2012-1-13 07:49:51

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Dilruba تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-30 02:52  

ئۇ تورت مەخسۇس تۇغۇلغان كۈن ئۈچۈن پىشۇرۇلغان ئەمەس، تاتلىق- تۈرۈم ئورنىدا پىشۇرۇلغان. مەنمۇ تۇغۇلغان كۈنلەرنى ئالاھىدە تەبرىكلەپ كەتمەيمەن. لېكىن ئەستە تۇتۇلۇشى كېرەك دەپ ئويلايمەن.
ئۈرۈمچىدە سېرىقماي تاپقىلى بولىدىغۇ دەيمەن. ھالال دەپ يېزىلغانلىرىدىن بار.

«ئۆزلۈكىدىن كۆپىدىغان ئۇن» نىڭ خەزۇچە نامى 自发粉. ئادەتتىكى ئۇندىمۇ بولارمىش، لېكىن مەن سىناپ باقمىغان. تورت پىشۇرۇشنىڭ قانۇنىيەتلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئادەتتىكى ئۇن ئىشلەتسىڭىز، خېمىرتۇرۇچ (baking powder) قوشۇش كېرەكتۇر دەيمەن.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2012-1-13 08:09:29

بانان تورتنى پىشۇرۇشنى بۇ يەردىمۇ كۆرۈپ خوش بوپ كەتتىم \"\"  \"\"

freebird يوللانغان ۋاقتى 2012-1-13 08:19:14

مەن تېخى تورت قايمىقىنىڭ زىلۋالىقى بىلەن گۈزەللىكىنى ساقلامدىكىن دەپتىمەن ...

قايمىقىنىمۇ ياسىغىلى بولارمۇ؟

دوخۇپكىنىڭ ئىككى قەۋىتى بارغۇ ، لىسنى ئۈستىنكى قەۋەتكە سالامدۇق ئاستىنقى قەۋەتكىمۇ؟

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2012-1-13 08:30:21

4- قەۋەتتىكى Dilrubaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئۇ تورت مەخسۇس تۇغۇلغان كۈن ئۈچۈن پىشۇرۇلغان ئەمەس، تاتلىق- تۈرۈم ئورنىدا پىشۇرۇلغان. ئاساسلىق تاماق ئەلۋەتتە توخۇ قوردىقى ۋە بىر ياشقا كىرگەن قىزىم يېيەلىگۈدەك قىلىپ نېپىز سوزۇلغان ياپىلاق لەغمەن بولدى.

ئۈرۈمچىدە سېرىقماي تاپقىلى بولىدىغۇ دەيمەن. ھالال دەپ يېزىلغانلىرىدىن بار.

«ئۆزلۈكىدىن كۆپىدىغان ئۇن» نىڭ خەزۇچە نامى 自发粉. ئادەتتىكى ئۇندىمۇ بولارمىش، لېكىن مەن سىناپ باقمىغان. تورت پىشۇرۇشنىڭ قانۇنىيەتلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئادەتتىكى ئۇن ئىشلەتسىڭىز، خېمىرتۇرۇچ (baking powder) قوشۇش كېرەكتۇر دەيمەن.




رەھمەت سىزگە، ۋاقىت چقىقىرىپ سىناپ باقىمەن.

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2012-1-13 09:20:42

مەنمۇ بىر رېتىسىپ دەپ بېرەي

باناننىڭ ئورنىغا چامغۇرئىشلەتسىڭىز چامغۇر تورت،ياڭيو ئىشلەتسىڭىز ياڭيو تورت بولىدۇ \"\"



چاقچاق قىپ قويدۇم

ئەمما قىلىدىغانلار قىلىپ باقساڭلار بولىدۇ.قىپ بولۇپ تەمى قانداق بولىدىكەن،تەجرىبەڭلەرنى دەپ قويۇشنى ئۇنتىماڭلار ھە  {:92:}  



شىكەرنى بىر ئىستاكانغا يېقىنلا قۇيىمىزما؟خاتا بوپ قالمىغاندۇ

Comeon يوللانغان ۋاقتى 2012-1-13 11:22:51

سىناپ باقاي ...

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2012-1-13 11:35:17

چامغۇر تورىتنىما? \"\"

durak يوللانغان ۋاقتى 2012-1-13 11:39:34

ياخشى رېتسىپ ئىكەن ، بىز تورت- پىرەنىك ۋە قەھۋە ھەۋەسكارى ، ئۈلكەرنىڭكىدىن باشقىسىنى ئاساسەن ئۆزىمىز  پىشۇرىمىز ۋە  ئېشىنغىنىنى خېرىدارلارغا سېتىپ  بېرىمىز  ، ھازىر خەنزۇ يولداشلار مومىدىن نانغا ، ناندىن تورت- پىرەنىككە  كۆچتى ، بولۇپمۇ  ئاساسەن  بىزنىڭكىگە ئوخشاش ئىپتىدائى ئۇسۇلدا ياسايدىغانلارنىڭكىگە ...



  سېرىقماي ، قايماق   قاتارلىق خۇرۇچلارنىڭ كۆپ قىسمىنى ھىندونوزىيەنىڭ ئىخۋان ماركىلىغىنى سېتىۋالىمىز ، ئاز قىسمىنى قازاق قېرىنداشلاردىن سېتىۋالىمىز ، ئالدىنقى ھالال  ماركىلىقىنىڭ ئۈرۈمچىدە  مەخسۇس سېتىش ئورنى  بار .

Comeon يوللانغان ۋاقتى 2012-1-13 11:47:52

چامغۇر تورىتنىما?  

============================

چامغۇردا ياخشى چىقمايدۇ ... بەرەڭگىنى سىناپ بېقىشقا بولىدۇ .





@durak      سىز نەدىن ؟  نەدە ئىشلەيسىز ؟

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2012-1-13 12:01:00

ئۇنداقتا كاۋىچۇ \"\"

يامان ئېرىپ كىتەرمۇيا؟

Dilruba يوللانغان ۋاقتى 2012-1-13 12:08:57

6- قەۋەتتىكى freebirdنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەن تېخى تورت قايمىقىنىڭ زىلۋالىقى بىلەن گۈزەللىكىنى ساقلامدىكىن دەپتىمەن ...

قايمىقىنىمۇ ياسىغىلى بولارمۇ؟

دوخۇپكىنىڭ ئىككى قەۋىتى بارغۇ ، لىسنى ئۈستىنكى قەۋەتكە سالامدۇق ئاستىنقى قەۋەتكىمۇ؟   

قايماقنىمۇ ياسىغىلى بولىدۇ، يەنە شۇ سېرىقماي، تۇخۇم، شېكەرلەر بىلەن. كەچقۇرۇن ۋاقت چىقىرىپ ئۆلچىمى بىلەن يېزىپ قوياي.


دوخۇپكىڭىز ئىككى قەۋەت بولسا، لېسنى تۆۋەن قەۋەتكە قويسىڭىز ياخشىراق. بولمىسا ھارارەتكە بەك يېقىن بولۇپ قېلىپ، ئىچى پىشىپ بولغۇچە سىرتقى يۈزى كۆيۈپ كېتىدۇ. تورت قاپقارا بولۇپ، چىرايلىق چىقمايدۇ.

freebird يوللانغان ۋاقتى 2012-1-13 12:24:17

14- قەۋەتتىكى Dilrubaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

6- قەۋەتتىكى freebirdنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەن تېخى تورت قايمىقىنىڭ زىلۋالىقى بىلەن گۈزەللىكىنى ساقلامدىكىن دەپتىمەن ...

قايمىقىنىمۇ ياسىغىلى بولارمۇ؟

دوخۇپكىنىڭ ئىككى قەۋىتى بارغۇ ، لىسنى ئۈستىنكى قەۋەتكە سالامدۇق ئاستىنقى قەۋەتكىمۇ؟

قايماقنىمۇ ياسىغىلى بولىدۇ، يەنە شۇ سېرىقماي، تۇخۇم، شېكەرلەر بىلەن. كەچقۇرۇن ۋاقت چىقىرىپ ئۆلچىمى بىلەن يېزىپ قوياي.


دوخۇپكىڭىز ئىككى قەۋەت بولسا، لېسنى تۆۋەن قەۋەتكە قويسىڭىز ياخشىراق. بولمىسا ھارارەتكە بەك يېقىن بولۇپ قېلىپ، ئىچى پىشىپ بولغۇچە سىرتقى يۈزى كۆيۈپ كېتىدۇ. تورت قاپقارا بولۇپ، چىرايلىق چىقمايدۇ.



رەھمەت ، تەلىمىڭىزگە تەشنامەن !

\"\"

kamandaz يوللانغان ۋاقتى 2012-1-13 12:39:22

ئاۋۇ رەسىمدىكىسى تورتما؟ مەن قارىسام نېمانداق باقالىغا ئوخشايدۇ.

gulhekim يوللانغان ۋاقتى 2012-1-13 15:22:51

ئۈرۈمچىنىڭ ئۈچتاشقا يېقىن يېرىدە يەنى بۇرۇنقى ھايۋاناتلار باغچىسىنىڭ ئەتراپىدا بار يۇقىرىقى خۇرۇچلار. سېرىق مايغا ئۆزىمىزنىڭ يەرلىك سېرىقمايمۇ ياكى ئېرىتىلگەن قوي مېيىمۇ تازا ئوبدان بولىۋېرىدۇ.

دىلرۇباغا رەھمەت. تۈنۈگۈن مېنىڭ ئوغلۇمنىڭمۇ 8 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنى.

Dilruba يوللانغان ۋاقتى 2012-1-13 16:06:55

ئېرىتىلگەن قوي مېيى ماڭا بەك كۈچلۈك تېتىيدۇ، ئۇ تەمنى مەن ئانچە ياخشى كۆرمەيدىكەنمەن. شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ قېنىنى قويۇلدۇرىۋاتقان «ئاساسلىق جىنايەتكار»لارنىڭ بىرى شۇ قوي مېيى، ئىمكان بار ئاز ئىشلىتىش كېرەك. غەرب ساغلاملىق مۇتەخەسىسلىرىغۇ «ھايۋانات مېيى دېگەنگە يېقىن كەلمەڭ» دەيدىكەن.

بىر ئوبدان گەپ قىلىپ بەرسىڭىز ئېغىز غېرىچلىغاندەك بولۇپ قالدىممۇ- ھە، گۈلھەكىم؟ كەچۈرىۋېتىڭ مېنى.  

تۆۋەندىكىسى تورتنىڭ قايمىقىنى ياساش ئۇسۇلى:

خۇرۇچلار:

1. بىر يېرىم ئىستاكان ئوبدان سوقۇلغان شېكەر

2. ئىككى تۇخۇمنىڭ ئېقى

3. ئېرىتكەن سېرىقمايدىن ئۈچ ئاش قوشۇقى

4. بىر قوشۇق سۈت ياكى سۇ

5. تېخىمۇ تاتلىق قىلىشنى خالىسىڭىز  vanilla extract香草精 دىن بىر چاي قوشۇقى (ئۇيغۇرچە نېمە دەيدىغانلىقىنى پەقەتلا بىلمەيدىكەنمەن).



مۇشۇ نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى بىر قاچىغا تۆكۈپ ئارىلاشتۇرىۋالغاندىن كېيىن، تېز سۈرئەتتە 5-10 مىنۇت چالىسىز، قولدا قىلىپ جان توشىمايدۇ، توكلۇق ئېلەشتۈرگۈچ ئىشلەتسىڭىز ياخشىراق، ھەم ئوبدان كۆپۈشىدۇ. قايماق بەك قويۇق بولۇپ قالسا يەنە ئازراق سۇ قوشىسىز، بەك سۇيۇق ھېس قىلسىڭىز شېكەر قوشىسىز. ئىشقىلىپ قويۇق- سۇيۇقلۇقىنى تەڭشەشكە دىققەت قىلىڭ.

تورت سەل سوۋۇغاندا، ئاندىن يۇقىرىقى قايماقنى تورتنىڭ يۈزىگە تەكشى سۈركەيسىز.   

تېخىمۇ چىرايلىق چىقىرىشنى ئويلىسىڭىز، قايماققا يېمەكلىككە قوشۇلىدىغان رەڭ قوشۇپ، سۇلياۋ خالتىغا قاچىلاپ، ئاندىن خالتىنىڭ بىر بۇرجىكىنى ئازراق تېشىپ، قايماقنى شۇ يەردىن ئاستا- ئاستا سىقىپ چىقىرىش ئارقىلىق شەكىل چىقارسىڭىز، خەت يازسىڭىزمۇ بولىدۇ. تورتىڭىز ئوبدان زىننەتلىنىدۇ.

تورتلىرىڭلار ئۇتۇقلۇق بولغاي.    \"\"

durak يوللانغان ۋاقتى 2012-1-13 17:14:44

ئۇيغۇرلارنىڭ قېنىنى  قۇيۇلدۇرغان ئاشۇ قوي  مېيى دىسەك  سەل  ئەمىلىيەتتىن  چەتنىگەن بولىدۇ Dilruba قىزچاق ، ئۇيغۇرلارنىڭ قېنىنى  قۇيۇلدۇرغان نەرسە  ھاراق ۋە ئۇنىڭدىن  كېلىپ چىققان ھورۇنلۇق ۋە ئاچكۆزلۈك . قوي  مېيىنىڭ ( چاۋا مايدىن باشقا ) ئىنسانىيەتكە ناھايىتى ئاكتىپ پايدىسى  بارلىغى ھازىر  ئوزۇقشۇناسلار تەرىپىدىن ئىسپاتلىنىۋېتىپتۇ . ھىھى  ، قىزىق  ئىش ، كۆپىنچە  خەنزۇلار  ھازىر  مەخسۇس قوي  مېيىدا ئەتكەن  پىرەنىك  بارمۇ دەپ  سورايدۇ  ياكى  بۇيرىتىدۇ ، بۇمۇ  بىر ئايرىم  قىزىقىش بولسا  كېرەك .  بىز  ئۇيغۇرلار  بەزى  ئۇچۇرلاردا دائىم باشقىلارنىڭ  سەل  كەينىدە  قالىمىزمۇ  قانداق ، ئۇچۇر  سىممېتىرىكسىزلىغى دىگەندەك



  يازمىڭىزنىڭ باشقا  قىسمىنى  داۋاملىق  ئۈگىنىۋاتىمەن ، تەشەككۈر .
بەت: [1] 2
: بانان ۋە سەۋزە تورت پىشۇرۇش