ماۋۇ بانان تورتنى خۇدايىم بۇيرۇسا ئۆگۈنلۈككە پىشۇرۇپ باقىمەن دۇراچوك:
ھورۇنلۇق ۋە ئاچكۆزلۈك... ھا....ھا....، ئەلۋەتتە، قوي مېيىنىلا ئەمەس، ھەر قانداق ئېسىل يېمەكلىكنىمۇ قورساقنىڭ بوش يېرى قالمىغۇدەك يەۋېلىپ، يېتەرلىك ھەرىكەت قىلمىسا، «ئامراق تامىقىم» دەپ ئوخشاش يېمەكلىكنى تەكرار يەۋەرسە، ھاراق، تاماكا دېگەندەك زەھەردىن ئۆزىنى تارتمىسا زىيان قىلىدۇ. مەن ئۇيغۇرلارنىڭ گۆشنىڭ مېيىنى جىق يەۋالىدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتتۇم، ھەم شۇنىڭغا «جىنايەتچىنىڭ بىرى» دېدىم.
شەخسىي قىزىقىشىم ۋە ئاياللىق، ئانىلىق مەجبۇرىيىتىم تۈپەيلى ئوزۇقلۇقشۇناسلىقنى ئۆگىنىپ، تەتقىق قىلىپ كەلگىلى بىر نەچچە يىل بولۇپ قالدى. مەن كۆرۈۋاتقان ماتېرىياللاردا شۇنداقراق گەپلەر بار ئىدى، دوختۇرلار، ئوزۇقلۇقشۇناسلار، ساغلاملىق مۇتەخەسىسلىرى ھېلىھەم ھايۋانات مېيىنىڭ (بېلىق مېيىدىن باشقا) ئېنىرگىيە مىقدارى زىيادە يۇقىرى، پايدىسىدىن زىيىنى كۆپ، يېمەسلىك كېرەك دەپ قارايدىكەن، سىز دېگەندەك، پايدىلىق تەرەپلىرى ھەققىدە سۆزلەيدىغانلىرىمۇ چىقىۋاتىدۇ. لېكىن ھەممە ئادەم بىردەك قاراشتا ئەمەس. مېنىڭچە ھايۋانات مېيىنى قانداق ئىستېمال قىلىش، قانچىلىك ئىستېمال قىلىشتا ھەر ئادەم ئۆز ئەھۋالىغا ئاساسەن ئىش تۇتۇشى، يەنى جۇغراپىيىلىك مۇھىت، شەخسى بەدەن ئەھۋالى، كونكىرىت تەلىپى دېگەندەكلەرگە ئاساسلىنىشى كېرەك.
ماۋۇ ھەر ئۈچ ئادەمنىڭ ئىچىدىكى بىرىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى 150 كىلودىن كەم بولمايدىغان ئامېرىكىلىق، ياۋروپالىقلارغا تويۇنغان ھايۋانات مېيى ياقماسلىقى مۇمكىن، لېكىن خەنزۇلارغا، بولۇپمۇ سوغۇق رايونلاردا ياشايدىغانلارغا قوي مېيى ئەلۋەتتە دورىلىق بولىدۇ.
ئۇيغۇرلارغا كەلسەك، ئەگەر ھازىر «ئۇيغۇرلار يېمەك- ئىچمەكتە ئىلمىيلىشىشى كېرەك ئىدى» دەپ يازسام، ئاتا- بوۋىمىزنىڭ تائام مەدەنىيىتىمىز ھەققىدە ئېيتقان- يازغانلىرى بىلەن مېنى كالتەكلەيدىغانلاردىن كەم دېگەندە ئونى چىقىدۇ. گەپ شۇ «ئاتا- بوۋىمىز نېمە دېگەن، بىز نېمە قىلىۋاتىمىز؟ » دېگەن يەردە ئىدى. خەير، بەرىبىر، ساغلاملىق، ئىلمىي ئوزۇقلىنىش دېگەنلەر دەۋر يۈزلىنىشى بولۇپ قالدى. بۇ ھەقتە يەنىمۇ تەپسىلىي مۇزاكىرىلىشىشكە نېسىپ بولۇپمۇ قالار. تەرەققىيات مۇساپىمىزدە ھەممىمىزنىڭ ئالدىدا تۇرغان بىر مىس تام بارمىش ، توپا ئىتتىرىش ماشىنىسىدەك رودىپايلارچە ئالغا ئىلگىرىلەپ شۇ تامغا ئۈسمىگىچە بىلەرمەنلىك خاھىشىمىزدىن يانمايمىشمىز ، دىلرۇبا ئايلوچكا ، بەخت ۋە يول ۋە ياكى تۇرمۇش تەجرىبىسى ( پەيلاسوپلىرى ، ئۆلىمالىرى ، ئەقىلدارلىرى ۋە جاپاكەشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ) ئۇيغۇرلارنىڭ مىڭيىللاردىن بېرىقى توغرا تاللىشىدا ، سىناپ كۆرگەيسىز .
ئۇيغۇرلارنىڭ قېنىدا ماي تەركىبىنىڭ ئېغىرلاپ كېتىشىدە ، قۇلىڭىزغا ئاستا دەي ، ھەقىقەتەن ھاراقنىڭ تەسىرى بەك كۈچلۈك ، ھازىر خەلقارادا ئىنسانىيەتنىڭ بىرىنچى چوڭ قاتىلى ئىسپىرت دەپ كۆرسىتىلىدۇ ، بولۇپمۇ بىزدەك ئەخمەق ، كەيپخۇمار ۋە ھاياجانلىنىشنى ياخشى كۆرىدىغان مىللەتكە تېخىمۇ شۇنداق .
قوي مېيىدا ھەقىقەتەن پايدا بار ( چاۋا مايدىن باشقا ) ، 亲身体验的, 嘻嘻... ئىگىمىز تەرىپىدىن ئىنسانىيەتكە ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسى قوي باققان ، چۈنكى ئۇنىڭ سۈتىدىن مايىغىغىچە ئىنسانىيەتكە پايدىسى بار ، ئۇ شۇنچىلىك بىر ھىكمەت بىلەن يارىتىلغان مەخلۇقكى ...
مانا ، سىرتقا رېتسىۋىڭىزدىكى خۇرۇچلارنى ئەكىرگىلى ماڭدىم ، ماڭا مۇۋەپپەقىيەت تىلىگەيسىز ، بانان تورت ... قىزىمغا ئۆز ھۈنىرىمنى كۆرسىتىدىغان پۇرسەت كەلدى !
قوينى ئاز ماختاڭلار ھەي، كۆپ ئادەم بىلىپ كەتسە يەپ تۈگەيدۇ ھازىر ئازغىنا قوينى، ھەر قىشتا يېڭى تۇغۇلۇپ توڭلاپ قېلىۋاتقان قوزىلارمۇ ئاز ئەمەس، قوي گۆشىنىڭ باھاسى ئۆسكىنىدىن بىرەر ئىشنى بىلمىدىڭلارمىكىن. {:134:} .. ئارتۇق پاراڭ قۇلىقىڭىزغا بىلەرمەنلىك قىلىۋاتقاندەك ئاڭلانغان بولسا، بولدى، تورتتىن باشقىنىڭ گېپىنى قىلماي، دۇراك. لېكىن، قېنىغا ماي يىغىلىپ قويۇقلاشقان مېنىڭ ئاپامنىڭ، شۇنداقلا دېئابىت قاتارلىق كېسەللەر بىلەن ئاغرىۋاتقان باشقا ئۇيغۇرنىڭ ئانىلىرىنىڭ ھاراق- ئىسپىرىتقا يېقىن يولىماي ئۆتكەنلەردىن ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ قويغۇم كەلدى. «كېسەلنى يوشۇرساڭ ئۆلۈم ئاشكارە». ئىلمى ئوزۇقلىنىشنى ئاساس قىلمىسا، يېيىش بىلەن ھەرىكەت ماسلاشمىسا قوي گۆشىدەك تۇتىيا- گۆھەرمۇ ئادەمنى ئاغرىتىدۇ.
تورتىڭىزغا مۇۋاپىقىيەت تىلەيمەن، قىزىڭىزنى خۇش قىلىۋەتكەيسىز.
ھە، توغرا- توغرا، ھاراق- ئىسپىرىتتىن يىراق تۇراتتۇق يەنە، بولۇپمۇ ئاياللار. ھازىر بىر قىسىملارنى ئويلىسا.. خۇرۇچلار تەييارلاندى ، ياساش باسقۇچىنىڭ يىپتىن يىڭنىسىگىچە چۈشەندۈرۈلدى ، بەزى ئىنچىكە تەرەپلىرى قول ئىشارىتى ئارقىلىق تېخىمۇ كونكرت تەكىتلەندى ، ئەمدى ئوخشىغان تورت تەييارلانمىسا بۇ سەۋەنلىكنى يەنىلا شۇ ئايال كىشىلەرنىڭ چۈشىنىش ئىقتىدارىدىن كۆرۈش كېرەك ھىھى... ، تورت تەييارلىنىۋاتىدۇ .
تىجىمەللىك ئاخىرلاشتى ، گەرچە ئۇيغۇر ( ياكى باشقا مىللەت) ئاياللىرىدىكى سېمىزلىك ، قان قويۇقلۇقلارنىڭ سەۋەبى ، بىرىنچى ئامىلى تۇرمۇش بېسىمى ، روھى بېسىم بولسىمۇ ، بۇ يەنە كېلىپ ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ توي قىلىپلا تۇيۇقسىز سەمرىپ كېتىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرسىمۇ ، ئۇيغۇر ( ياكى باشقا مىللەت) ئاياللىرىدىكى تۇرمۇش بېسىمى ، روھى بېسىمنىڭ سەۋەبى ئۇيغۇر( ياكى باشقا مىللەت) ئەرلىرىدىكى ھاراقخۇمارلىق ، قىمارۋازلىق ، زىناخورلۇق ، ھورۇنلۇق.. قاتارلىق بىر قاتار روھىيەتتىكى ئېتىقاتسىزلىق ، تۇرمۇشتىكى بەختسىزلىكنىڭ تەسىرى ئىكەنلىگى جەمىيەتشۇناسلارنىڭ ئورتاق ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىۋاتقان بولسىمۇ ، ئەڭ ئاخىرى : بۇرۇنقى قەدىمىي مەدىنىيەتلىك ئۇيغۇرلارنى ئۇيغۇر قىلغان روھىي جەھەتتىن ئېتىقات ۋە جىسمانىي جەھەتتىن قوي يىمەكلىگى ئىكەنلىگى ، ھازىرقى ئۇيغۇرلارنى ئۇيغۇر قىلىپ تونۇتىۋاتقان ناخشا ئۇسۇل ۋە ھاراق ۋە شۇنىڭدىن كېلىپ چىققان بىرقاتار ئىللەتلەر ئىكەنلىگى بىلىنىۋاتسىمۇ ، ... بۇ ئۇچۇرلارنى ئىچىمگە يۈتىۋىتەي .
تەمكىن ، مۇزىكا ئاڭلىغاچ تورتنىڭ پىشىشى كۈتىلىۋاتىدۇ {:92:}
بانان تورتنى گۈللۈگدىكىلەر يېڭى يىلدا ئاللىبۇرۇن يەپ بوپتۇ! سۈرەتلىرى بىلەن قوشۇپ يوللاپتۇ، ۋەھشى جۇمۇ ئۇلار!..
مەن نەكەم ئايالىمغا جىدەل قىلغىلى، يا سىز پىشۇرۇڭ، يا مەن پىشۇرۇپ بېرەي دەپ..
گۈللۈگ ئادرىسى: http://www.gullug.com/viewthread.php?tid=5621&extra=&page=1
ۋاھ
قىل قالدىم رەسىمنى كۆرۈپ ياسىغان ئادەمگە ماڭا تىگىڭە دەپ تەلەپ قويۋەتكىلى
تىكەنقۇش ئايلامكەنغۇ
سىڭلىڭىز بارمۇ؟ زىيالى ئاۋۇ تورتنىڭ رەسىمىنى كۆتۈرۈپ «سەمىمى بولمىسىڭىز ئاۋارە قىلماڭ»非诚勿扰 غا ئەمەس، «تورت پىشۇرالمىسىڭىز ئاۋارە قىلماڭ» دېگەن پروگرامما بولسا
قاتنىشىپ باقسا قانداق بولار؟ {:90:} مەن پۇشۇرۇپ باقتىم، تەمى خېلى ياخشى چىقتى، باناندىن ئىككىنى قوشقان، يەنە بىرنى قوشقان بولسام تېخىمۇ ياخشى بولاتتىكەن. دوستلار ، ئۆتكەندۈ ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيىسىدە تورت پىشۇرۇشنى ئۆگەتتى . مەن شۇ بۇيىچە پىشۇردۇم ، لېكىن تورتنىڭ قايمىقىنى ياساش بەك تەسكەن . خۇددى مىرىنكا ياسىغاندەك قىلىدىغان گەپكەن ،يەنى تۇخۇمنىڭ ئېقىنى ئاق شىكەر بىلەن ئۇزاق ئىلەشتۈرىدىكەنمىز . بەك ئۇزاق ئىلەشتۈرسەكمۇ تازا ياخشى چىقمىغاندەك ھىس قىلدىم . قارىغاندا شىكەرنى ئازراق ئىزىۋالساق ياخشى بۇلىدىغان ئوخشايدۇ . دوستلار ، شىكەرنى ئائىلىدە ئىزىشنىڭ قانداق ئۇسۇلى بار ؟ مەن تازا بىلەلمىدىم .
يەنە بىر گەپ ، بازارلاردىكى تورت ، پىچىنە ، پرەنىكلەرنى ئامال بار يىمەيلى ! مەن ئادەتتە ئۆيدە قىلىمەن . پەقەت دوخوپكا بولسىلا ياساپ يىگىلى بۇلىدىكەن . بازاردىكىلەرگە ئىشلەتكەن خۇرۇچلارنىڭ نەدىن كىلىدىغىنى ئېنىق ئەمەسكەن . تورتنىڭ قايمىقىنى تەييارنى سېتىۋېلىپ ياسايدىكەن . مەنبەسى قانداق بىلگىلى بولمايدىكەن . شۇڭا بەك دىققەت قىلايلى ! مەنمۇ سىناپ باققانتىم ،لېكىن خېمىرىم سۇيۇق بولۇپ قاپتۇ ،قېلىپتىن تۆككۈچە ئۇۋۇلۇپ كەتتى .
@faeza1
شېكەرنىڭ 精细白砂糖 نى سىناپ باقتىڭىزمۇ ؟ ئادەتتىكى شېكەردىن تېزرەك ئېزىلىدۇ .
بەت:
1
[2]