yuksel يوللانغان ۋاقتى 2011-12-1 10:23:05

ئەلداۋا ئەيدىزدىن زېھىن سىناش (مۇكاپاتلىق) پائالىيىتى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار!

بۈگۈن 12 – ئاينىڭ 1- كۈنى، 24- نۆۋەتلىك
دۇنيا ئەيدىز كۈنىدۇر. بۈگۈنكى دۇنياۋىي شۇئارىمىز «0 ئەيدىز ئۈچۈن ئالغا!» . يەنى،
يېڭىدىن كۆپىيىۋاتقان ئەيدىز يۇقۇمىنى 0 گە، ئەيدىز تۈپەيلى قازا قىلغۇچىلار سانىنى
0 گە، ئەيدىز بىمارلىرىنى كەمسىتىشنى 0 گە يۈزلەندۈرۇش ئۈچۈن بارچە جەمئىيەت ئورتاق
كۈرەش قىلىشتۇر!




«ئەسىر ۋاباسى» دېگەن نام بىلەن كۆڭۈللەرنى شۈركەندۈرگۈچى ئەيدىز دۇنيا
مىقياسىدا ئاللىقاچان مىليۇنلىغان كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى. ئىنسانىيەت ئەيدىز
خىرس قىلغان تۇنجى كۈندىن باشلاپ ئۇنى بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن جان جەھلى بىلەن تىرىشىپ
كەلدى. ئەمما ھازىرغىچە، نە ئەيدىزنىڭ شىپاسى، نە ئەيدىزنىڭ ۋاكسىنىسى يوق.
دىيارىمىز جۇڭگودىكى ئەيدىز يۇقۇمى بىرقەدەر ئېغىر بولغان رايون. شۇ تاپتا،
دىيارىمىزدىكى ئۇيغۇرلار ئەيدىزنىڭ ئەڭ كەسكىن خىرسىغا دۇچ كەلمەكتە. بىزدە «ئۆزىنى
ۋە ئۆزگىنى بىلگەن قايسى جەڭدە يېڭىلگەن؟» دېگەن گەپ بار. دەرھەقىقەت! ئەيدىز
ئۈستىدىن غالىب كېلىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك يولى يەنىلا ئۇنى بىلىش، ئۇنى چۈشىنىش، شۇ
ئارقىلىق ئەيدىزدىن مۇداپىئە كۆرۈشتۇر.





ئەلداۋا ساغلاملىق تورى دۇنيا ئەيدىز كۈنىنى ئۆزگىچىراق خاتىرىلەش،
تورداشلارنىڭ دىققىتىنى ئەيدىز مەسىلىسىگە بۇراش ۋە ئەيدىز ساۋاتلىرىنى تونۇشتۇرۇش
مەقسىتىدە تور دۇنياسىدا تۇنجى نۆۋەتلىك «ئەلداۋا ئەيدىزدىن زېھىن سىناش پائالىيىتى» نى
ئۇيۇشتۇردى.

پائالىيەت
ئورۇنلاشتۇرۇلمىسى:

1. ئورنى:
ئەيدىزدىن زېھىن سىناش پائالىيىتى ئەلداۋا ساغلاملىق تورى «ئەلداۋا
ئەيدىزدىن زېھىن سىناش پائالىيىتى»
مەخسۇس بېتىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ. قېنى بۇ يەرنى
بېسىڭ
!

2.  ۋاقتى: پائالىيەت
2011 – يىلى 12 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن 12- ئاينىڭ 4- كۈنى كەچ سائەت 0 گىچە داۋام
قىلىدۇ. 12 – ئاينىڭ 5- كۈنى نەتىجە ئېلان قىلىنىپ، تېگىشلىك مۇكاپات
ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ.

3. سوئال شەكلى: ئەيدىز ساۋاتلىرىغا دائىر جەمئىي 50 پارچە يەككە تاللاش سۇئالى بولۇپ،
بېرىلگەن جاۋابنىڭ پەقەت بىرىلا توغرا. تورداشلار توغرا دەپ قارىغان جاۋابنى
تاللاپ، ئەڭ ئاخىرىدا سوئال ئىشلەشنى تاماملاپ جاۋابنى تاپشۇرسا بولىدۇ. جاۋاب
تاپشۇرۇلغاندىن كېيىن سىستېما شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئاپتوماتىك نومۇر قويۇپ
بېرىدۇ.

4. مۇكاپاتلاش: مەزكۇر سۇئالنى
تولۇق ئىشلەپ نومۇرى 90 دىن يۇقىرى بولغان تورداشلار ئارىسىدىن، سوئال ئىشلىگەن
ۋاقىتنىڭ ئىلگىرى – كېيىنلىك تەرتىپى ۋە نومۇرىنىڭ يۇقىرى – تۆۋەنلىك قاتارى بويىچە
20 نەپەر تورداش تاللاپ چىقىلىپ، ھەربىرى ئۈچۈن 50 يۈەندىن
سۆزلىشىش ھەققى مۇكاپات سۈپىتىدە بېرىلىدۇ.

دىققەت
قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتىلار:

تورداشلار سۇئالنى ئىشلەشتىن بۇرۇن ئاۋۋال
ئىسمى ياكى تور ئىسمىنى، ئىشلىتىۋاتقان يانفون نومۇرىنى مۇناسىپ رامكىغا توغرا
تولدۇرۇشى كېرەك. بولۇپمۇ، ئاخىرقى مۇكاپات يانفون نومۇرىغا ئاساسەن نەقلىشىدىغان
بولغاچقا، يانفون نومۇرى چوقۇم چىن، توغرا بولۇشى كېرەك (سەمىڭىزدە بولسۇنكى،
ئەلداۋا خۇسۇسىي مەخپىيەتلىكىڭىزنى قەتئىي ساقلايدۇ) . نومۇر توغرا بولماسلىق
تۈپەيلى مۇكاپات نەقلەشتۈرۈشكە ئىمكان بولمىسا، بۇ ئىشقا ئەلداۋا ساغلاملىق تورى
مەسئۇل بولمايدۇ.

ئاخىرىدا، گەرچە مۇكاپاتلىنىدىغانلار ۋە مۇكاپات سومما سانىنىڭ
ئېغىزغا ئالغۇچىلىكى بولمىسىمۇ، تورداشلارنىڭ مەزكۇر پائالىيەتكە ئاكتىپ ئىشتراك
قىلىشىنى، ھېچ بولمىغاندا ئۆزىنىڭ ئەيدىز ھەققىدىكى بىلىمىنى بىر دەڭسەپ كۆرۈشىنى
سەمىمىي ئۈمىد قىلىمىز.



ئەلداۋا ساغلاملىق تورى


2011 – يىلى 12 – ئاينىڭ 1 - كۈنى

yuksel يوللانغان ۋاقتى 2011-12-1 10:43:20

ئىزدىنىشتىكى ئەزىزلەرنى شىركەت ۋە شەخسىي نامىمدىن مەزكۇر پائالىيەتكە قاتنىشىپ بېرىشلىرىنى تەكلىپ قىلىمەن!

مۇكاپات مۇھىم ئەمەس، مۇھىمى قورساقتىكى ئەيدىز ھەققىدىكى ئۇمىچىڭلارنى بىر جىڭلاپ بېقىڭلار   {:92:}  .

xaqan يوللانغان ۋاقتى 2011-12-1 14:30:42

مەن «ئەيدىزدىن زېھىن سىناش پائالىيىتىگە» قاتنىشىپ 70 نومۇر ئالدىم. راستىنى ئېيتقاندا ھېچقانداق ماتېرىيال كۆرمەي پەقەت تاراتقۇلارنىڭ قۇلىقىمغا كىرىپ قالغان گەپلىرى بىلەن مۇشۇ نومۇرغا ئېرىشىپتىمەن.

bilgyar يوللانغان ۋاقتى 2011-12-1 16:25:54

شۇنچە كۆپ ئەجىر-مېھنەت بىلەن تەييارلانغان ماقالىغا چۈشكەن ئىنكاسنىڭ ئازلىقى مېنى ھەيران قالدۇردى. ئەگەر باشقا تېمىلاردا بولغان بولسا ئاز دېگەندە 10 غا يېقىن ئىنكاس يېزىلار ئىدى. شۇنىڭغا قارىغاندا بۇ تېما ھەققىدە تورداشلار ئانچە قىزىقمىغان بولسا كېرەك.  {:107:}

muzatd يوللانغان ۋاقتى 2011-12-1 16:31:07

بايا ئىشلەپ باقتىم. سېستىماڭلارنىڭ كاشىلىسىمۇ،ئاران يەتمىش ئالتە.

ئىمتىھانغىمۇ چۈشۈپتىكەن بۈگۈن يۇقۇم مەنبەسى ۋە يوللىرى دەپ.

tilmix يوللانغان ۋاقتى 2011-12-1 16:37:33

5- قەۋەتتىكى tilmixنىڭ يازمىسىدىن نەقىل


2- قەۋەتتىكى karwan11نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەن «ئەيدىزدىن زېھىن سىناش پائالىيىتىگە» قاتنىشىپ 70 نومۇر ئالدىم. راستىنى ئېيتقاندا ھېچقانداق ماتېرىيال كۆرمەي پەقەت تاراتقۇلارنىڭ قۇلىقىمغا كىرىپ قالغان گەپلىرى بىلەن مۇشۇ نومۇرغا ئېرىشىپتىمەن.













مەنمۇ 70 نۇمۇر ئاپتىمەن، يۈكسەل بىر قاراپ بېقىڭا كارۋان بىلەن ئىككىمىزدىن قايسىمىز تىز جاۋاپ بېرىپتىمىز؟\"\")تېل ئاخرىقى نۇمۇر 8814(

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2011-12-1 16:52:41

قىزىق ئىش،مەنمۇ 70نومۇر ئالدىم.

taklimakan10 يوللانغان ۋاقتى 2011-12-1 17:05:51

باشتا خېلى ئەستايىدىل ئىشلىگەنتىم،كەينىگە بېرىپ بىرسى ئىزلەپ كىرىپتىكەن تېزراق تۈگىتەي دەپ ئالدىراپ ئىشلەپ ساپتىمەن،ئاخىرىدا ئاران 60نۇمۇرغا ئېرىشتىم.


\"\"

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2011-12-1 17:06:31

مېنىڭ ئالغان نومۇرۇم 70  {:92:}

selma يوللانغان ۋاقتى 2011-12-1 18:30:52

مەن 72 ئالدىم...............90 دىن يۇقىرى  ئالارمەن دەپ ئويلىغان،ئوقۇغان كەسپىم بولغاندىكىن،لېكىن سانلارنى ئېىنق بىلمىدىم،

selma يوللانغان ۋاقتى 2011-12-1 18:30:54

مەن 72 ئالدىم...............90 دىن يۇقىرى  ئالارمەن دەپ ئويلىغان،ئوقۇغان كەسپىم بولغاندىكىن،لېكىن سانلارنى ئېىنق بىلمىدىم،

Hechkim يوللانغان ۋاقتى 2011-12-1 19:03:04

80 ئاپتىمىشمەن.

rakita يوللانغان ۋاقتى 2011-12-1 19:17:51

72 نومۇر ئالدىم ئاران

yigana.yigit يوللانغان ۋاقتى 2011-12-1 19:40:17

مەنمۇ 70 ئەتراپىدا ئاپتىمەن..  جاۋاب بەرگەننىڭ ھەممىسىدە توغرا بەلگىسى چىقسا تىخى ھەممە سۇئالغا توغرا جاۋاب بەرگەن ئوخشايمەن دەپتىمەن....  {:107:}

Erzat يوللانغان ۋاقتى 2011-12-1 19:42:21

ئاران 86 ئالدىم، ھەقاچان سان سىپىرلاردا كەتتىم.

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2011-12-1 20:42:40

خۇداغا شۈكرى،  64 نومۇر بىلەن ئۆتۈپ كەتتىم.

radiofan يوللانغان ۋاقتى 2011-12-1 20:51:28

مەنمۇ ئاران 64 نۇمۇر ئاپتىمەن ، قارىغاندا بۇ ھەقتىكى بىلىملىرىم ئارانلا يەتكۈدەك ،بىلىم تولۇقلاپ تۇرسام بولغۇدەك  \"\"

tilmix يوللانغان ۋاقتى 2011-12-1 21:07:09

يۈكسەل 70 ئالغانلار جىقكەن، مۇكاپات تارقىتىڭە؟ \"\"

senewer يوللانغان ۋاقتى 2011-12-1 21:07:49

مەن 74 ئاپتىمەن ، بەزى سوئاللارنى تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈم ، سان - سىفىرلارغا ئەھمىيەت بېرىپ قويمىساق بولمىغۇدەك ...

borayar يوللانغان ۋاقتى 2011-12-1 21:10:44

چۈشتە ئىشلىگەن، 78 ئاپتىمەن. \"\"  قايتا بىر ئىشلەپ بىلمىگەن يەرنى ئىزدەپ تولۇق نومۇرلۇق قىلىۋىتەيمۇ دېدىم، لېكىن خوشياقماي قالدى، ئاشۇنداق گۇيلاردىن چىقمىسا بولىتىغۇ  {:92:}
بەت: [1] 2 3
: ئەلداۋا ئەيدىزدىن زېھىن سىناش (مۇكاپاتلىق) پائالىيىتى