بۈگۈن ئەيدىزدىن ساقلىنش كۈنى ئىكەنلىگىنى پەقەت كالىندارغىلا ئېسىپ قويامدىغاندۇق...مەھەللە ،كوممتىت،ناھيىلەردە ھېچبر سادا يوققۇ؟
ھەي جوڭگوچىلىق 80دىن يۇقىرى ئالىدىغاندەك تاپشۇرسام 60 دەيدا
13- قەۋەتتىكى yigana.yigitنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مەنمۇ 70 ئەتراپىدا ئاپتىمەن.. جاۋاب بەرگەننىڭ ھەممىسىدە توغرا بەلگىسى چىقسا تىخى ھەممە سۇئالغا توغرا جاۋاب بەرگەن ئوخشايمەن دەپتىمەن....
سۇئاللارنىڭ كەينىدە توغرا بەلگىسى چىققانلىقى بۇ سىزنىڭ شۇ سۇئالنى ئىشلەپ بولغانلىقىڭىزنى بىلدۈرىدۇ ھەرگىزمۇ سىزنىڭ توغرا جاۋاب بەرگەن ياكى خاتا جاۋاب بەرگەنلىڭىزنىگە ھۆكۈم قىلمايدۇ.... بىز ئالدىرىماي ئىزدىنىپ ئىشلىسۇن دەپ 4 كۈن ۋاقىت بەرسەك، بەزى تورداشلار 1 مىنۇتتا ئىشلەپ تۈگەتكەنلىكىنى ئېيتىشتى. دېمەك بۇنداق تورداشلىرىمىز سىكونتىغا بىر سۇئال ئىشلىدى دېگەن گەپ... {:107:} مەن ئەسلىدە 98 نومۇرلۇق بەرگەنتىم ،ما كەينىمدىكىلەر 24 نومۇرلۇق سۇئالنى كۆچۈرۈپ ئاپئاق قىلىۋېتىپتۇ ...شۇنىڭ بىلەن 74 نومۇر ئېلىپلاياقەتلىك بولدۇم... 80 نومۇر ئالدىم 68 ئاپتىمەن ، ئەيدىز بولۇپ قالماسمەن ھە .... ئەيدىز توغىرلىق سۇئال سوراپ كىلىۋېتىپ ماتىماتكىغا كىتىپسىلەر ھەي ئادەمنى قايدۇرۇپ @Pinhan ، مەن 64 ئېلىپ ئەنسىرىمىسەم، سىز 68 ئېلىپ نېمىدىن ئەنسىرەيسىز؟ ئۆتەلمىگەنلەر يوقما ؟ ئۆتەلمىگەنلەرمۇ بار. ئۇلار شۇ ئۆزىنى ئاشكارىلىمىغان گەپ...{:136:} {:106:} ھازىرغىچە مەزكۇر زېھنى سىناش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، سۇئال ئىشلىگەن تورداش 170 كە يېتىپتۇ. ئەمما، تەلەپ قىلىنغان 90 نومۇر ئالغۇچىلار ئاران 1 نەپەر بولۇپتۇ (خۇداغا شۈكۈرى!).
كۆپىنچە تورداشلار 60 - 70 ئەتراپىدا نومۇر ئاپتۇ، ئاز ساندىكى تورداشلار 80 دىن يۇقىرى، خېلى ساندىكى تورداشلار ھەتتا 60 نومۇرمۇ ئالالماپتۇ.{:107:}
تېخى جىڭغا چۈشۈپ باقمىغانلار چاققان ئۆزەڭلارنى جىڭلاپ بېقىڭلارمۇنبەرنى قويۇپ بەرسە بىلەرمەنلىك قىلىپ بېشىڭلارغا كېيىسىلەر، مانا مۇشۇنداق ئەقەللىي ساۋاتلاردىن چىقىرىلغان 50 سۇئالغا جايلاپ جاۋاب بېرەلمەي، 90 نومۇرنىمۇ ئالالماي يۈرسەڭلار سىلەر خېجىل بولمىغان بىلەن، سىلى بىلەن تەڭ مۇنبەر ئويناپ يۈرگەن بىزنىڭ يۈزىمىز قىزىرىدىكەن دەيمەن
ئاراڭلاردا ماۋۇ ئىزدىنىشنىڭ يۈزىنى يورۇق قىلىدىغانلار يوقمۇ زادى؟!...{:92:} ماڭىمۇ مۇكاپات بېرىڭلا ۋە يۈكسەلباي ، نۇمۇرى تۆۋەن ئوقۇغۇچىلارنى مۇكاپاتلاپ رىغبەتلەندۈردىغان ئىش يوقما ؟ بەزى سۇئاللارنىڭ جاۋابىنى ئۆزەڭلار خاتا تەڭشىۋالغان ئوخشايسىلەر...
31- قەۋەتتىكى yukselنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ھازىرغىچە مەزكۇر زېھنى سىناش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، سۇئال ئىشلىگەن تورداش 170 كە يېتىپتۇ. ئەمما، تەلەپ قىلىنغان 90 نومۇر ئالغۇچىلار ئاران 1 نەپەر بولۇپتۇ (خۇداغا شۈكۈرى!).
كۆپىنچە تورداشلار 60 - 70 ئەتراپىدا نومۇر ئاپتۇ، ئاز ساندىكى تورداشلار 80 دىن يۇقىرى، خېلى ساندىكى تورداشلار ھەتتا 60 نومۇرمۇ ئالالماپتۇ.
تېخى جىڭغا چۈشۈپ باقمىغانلار چاققان ئۆزەڭلارنى جىڭلاپ بېقىڭلار مۇنبەرنى قويۇپ بەرسە بىلەرمەنلىك قىلىپ بېشىڭلارغا كېيىسىلەر، مانا مۇشۇنداق ئەقەللىي ساۋاتلاردىن چىقىرىلغان 50 سۇئالغا جايلاپ جاۋاب بېرەلمەي، 90 نومۇرنىمۇ ئالالماي يۈرسەڭلار سىلەر خېجىل بولمىغان بىلەن، سىلى بىلەن تەڭ مۇنبەر ئويناپ يۈرگەن بىزنىڭ يۈزىمىز قىزىرىدىكەن دەيمەن
ئاراڭلاردا ماۋۇ ئىزدىنىشنىڭ يۈزىنى يورۇق قىلىدىغانلار يوقمۇ زادى؟!...
مەن 60ئالغانتىم،قارىسام يۇقۇرىدا ئىنكاس يازغانلارنىڭ ھەممىسىلا مەندىن يۇقۇرى ئېلىپتىكەندۇق.مەن تېخى60دىن تۆۋەن ئالغانلار قەتئىي يوق ئوخشايدۇ دەپتىمەن.قارىغاندا ئۆتەلمىگەنلەر ئۆزىنى ئاشكارلىمايۋېتىپتۇدە.
33- قەۋەتتىكى kuyaxoghliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
بەزى سۇئاللارنىڭ جاۋابىنى ئۆزەڭلار خاتا تەڭشىۋالغان ئوخشايسىلەر...
ھەي، كۈننىڭ ئوغلى! ئوسۇرغاققا ئارپا نېنى بانا، دېگەندەك. سۇئالنى جايلاپ ئىشلىيەلمەي،ئەيىپنى بىزدىن ئىزدەيدىغان گەپما ئەمدى؟!...
چىقىرىلغان سۇئاللار ۋە سۇئاللارنىڭ جاۋابىدا مەسىلە يوق. بۇ قېتىمقى سۇئاللارنى ناھايىتى ئىنچىكىلىك بىلەن، قايتا- قايتا تەكشۈرۈپ ،مەخسۇس ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خادىملارنىڭ قايتا تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزۈپ چىقاردۇ. تورداشلار خاتىرىسىنى جەم قىلىپ، سۇئاللارنى ئەستايىدىل ئىشلىسە بولىدۇ.بىلەلمىگەن سۇئاللارنىڭ جاۋابىنى ماتېرىيال كۆرۈش، توردىن ئىزدەش، ھېچبولمىغاندا ئەلداۋا ئەيدىز بېتىنى ۋاراقلاپ بېقىش ئارقىلىقمۇ تاپقىلى بولىدۇ ( بېشىڭلىدا بىز قاراپ تۇرمىغاندىن كېيىن ).
ئەمسە قايتا بەرسەكمۇ بولامدۇ ؟؟مەنغۇ خىلى تورلاردىن ماتىرىيال كۆرۈپ تاللىغانتىم.. بەزىسىنى ئەلداۋانىڭ ئۆزىدىن كۆرۈپ تاللىغان... ھاھا...مەن 62 ئاپتىمەن 80 نۇمۇر ئىلىپ ئاغرىنىپتىمەن ئۆزۈمدىن،ئۈستۈمدىكىلەرگە قاراپ ئۇھ دىسەممۇ بولغىدەك ھازىرغىچە مەزكۇر پائالىيەتكە قاتناشقان تورداش جەمئىي 230 نەپەر، نومۇرى 90 دىن ئاشقانلار ئاران 3 نەپەر . قارىغاندا تورداشلار ئۈچۈن تەييارلىغان مۇكاپات ئۆزىمىزگە ئېشىپ قالىدىغان ئوخشايدۇ.ئەمەلىيەتتە ئۇنچە مۇرەككەپ سۇئاللارمۇ ئەمەس ئىدى، ئىزدىنىش ئەھلى ئۈچۈن بىر نومۇسلۇق ئىش بولىدىغان بولدى - دە بۇ!{:92:}