بىرسىقىم توپا بىلەن بىر ئادەمنى كۆمۈش
تولا ڧىزىكىلىق تېپىشماق يوللاپ كەتتى باللا. قىنى باشقا خىل تېپىشماقنىمۇ ئويناپ باقىلى:بىر سىقىم توپا بىلەن بىر ئادەمنى ھەقىقى، تولۇق كۆمگىلى بولامدۇ؟ بولسا نىمە ئۈچۈن؟ بۇ تېپىشماقنى مۇنبەردىكى Faith بىلىدۇ، گەپ قىلماي تۇرسۇن!
تۇپا ئۇسسۇش ماشىنىسىنىڭ بىر سىقىم توپىسىدا خېلى چوڭ ئادەم بولسىمۇ كۈمۈلۈپ كىتىدۇ.
بىر سىقىم توپىدا ( بىر ئادەم ) دىگەن خەتنى تولۇق كۆمگىلى بولىدۇ !
چۈنكى سۇئالدا جەزمەن ، ھەقىقى ئادەمنى كۆمىسىز دىمەپتۇ !
ئامىتانىڭ بىر سىقىم توپىسىدىن چىقالماي سۇن مايمۇن 500 يىل ياتقان. بۇغۇ ئاۋۇ خەقنىڭ رىۋايىتى ئەمدى. بىر سىقىم توپىنى ناھايتىمۇ ئاۋايلاپ ئىشلەتسە كۆمگىلى بولىدۇ. ئادەممۇ شۇ نىپىز ئادەم تېرىسىنىڭ ئىچىدە ئەمەسمۇ.1-مەسلە:ئالقان قانچىلىك چوڭلۇقتا،بارماقلىرى قانچىلىك ئۇزۇنلۇقتا؟ شۇنى بىر دەپ بېرىڭ
2-مەسلە:تۇپىنىڭ سۇ مىقتارى،يېپىشقاقلىق دەرىجىسى،دىئامىتىرى دىگەندەك پارامىتىرلار بىلەن تەمىنلەڭ
3-مەسلە:ئادەمنىڭ بوت ئىگىزلىكى،ئېغىرلىقى،ئۈستى ئاستى بەدەننىڭ ماسسا،ئۇزۇنلۇق نىسپىتى،باشتىن يۇقىرى قىسمىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىدا ئىگەللىگەن نىسپىتى قاتارلىق پارامىتىرلارنى دەپ بەرمىسڭىز ئادەم قىيناپ قويىسىز.
4-مەسلە:بۇ ئادەمگە كەلسەك،بۇ ئادەم ساق ئادەممۇ ياكى ئۆلگەن ئادەممۇ؟ساق بولسا بۇ ئادەمنى نىمىشقا كۈمىمىز؟بۇ قانۇنغا خىلاپقۇ.سىز ئادەم ئۆلتۈرۈش مەقسدى بار،مەقسىدىگە يەتمىگەن دىگەن جىنايەت بىلەن ئەيىپلىنىشكە تەييارلىق كۆرۈپ قويۇڭ
ئەگەرئۆلگەن ئادەم بولسا نىمىشقا بىرلا سىقىم تۇپا بىلەن كۈمۈش زۆرۆرىيىتى بولۇپ قالدى؟مۇسۇلمانلارنىڭ دەپنە مۇراسىمىنىڭ قائىدىلىنى بىلمەمتىڭىز؟سىز نىمە قىلماپچى؟نىمە مەقسىدىڭىز بار؟
5-مەسلە:تۇلۇق كۈمۈش ئۇقۇمىنى بىر چۈشەندۈرۈپ قويامسىز؟
ھەممىنى ئۇچۇق دەڭ
جاۋابى
ئەگەر شۇنداق قىلىش مەقسەت بولسا
تۇپىغا سۇ قۇيۇپ(بىر چىلەك) ئوبدان ئىلەشتۈرۈپ،ئۆي ھاكلىغاندەك ھاكلىۋەتسىلا بولىدۇ
ياۋ زىيالى،،بەك كۈلدۈرۈۋەتتىڭىز....
گەپ ئوينىتىشقا ئۇستا بولغان بولسام مىللەتنىڭ خائىنى،ئىنسانىيەتنىڭ دۈشمىنى بولۇپ كىتەتتى
زىيالى ئوبدان يېتىشىپ قاپسىز جۇمۇ~~~ ئادەتتىكى بىر ئادەمنىڭ ئالقىنى، بارماقلارمۇ سىزنىڭ بارمىقىڭىز بىلەن تەڭ.توپىنىڭ سۇ مىقدارى تۇرپاننىڭ توپىسى بىلەن ئوخشاش، ئىشقىلىپ ۋەتەننىڭ توپىسى...
ئادەمنىڭ بوي ئېگىزلىكى نورمال.
بۇ ئادەم ئۆلگەن بولىشىمۇ مۇمكىن ساق بولىشىمۇ مۇمكىن، ئىشقىلىپ شۇ بىر سىقىم توپا(ئادەمنىڭ بىر سىقىمى) بىلەن ئۇنى(ئۆلگەن ياكى ساق ئادەمنى) تولۇق، مۇكەممەل كۆمىمىز.
تولۇق كۆمۈش دىگەن،توپتولۇق ، بىر يەرلىرى كۆرۈنۈپ قالمىغۇدەك كۆمۈش دىگەن گەپ...
ئەمدى تېپىپ بېقىڭلا

قۇشقاچ سانايدىغان ئۇششاق بالىلاردىن ئۆگىنىپ دەڭلا..

جاۋابىنى دەپ بوپتىمەن
تۇپىغا سۇ قۇيۇپ(بىر چىلەك) ئوبدان ئىلەشتۈرۈپ(يەتكۈچە)،ئۆي ھاكلىغاندەك ھاكلاپ توقسۇننىڭ بورىنىدا بىر كۈن ئېسىپ قويسا قۇرىغاندا كۈمۈلۈپ بولغان بولىدۇ
ئاۋال دەڭە
بۇمۇ فىزىكىلىق تېپىشماقمۇ؟
قارا تېپىشماق بولسا مەن تاپالمىغىدەكمەن.
7-8 ياشلىق بالىسى بارلار ،بالاڭلاردىن سوراپ باقساڭلار،جاۋابى ئەقلىڭلارغا سىغمىسىمۇ يېزىپ قويۇپ باقساڭلار بەلكىم توغرا چىقىپ قالىدۇ

ياسىن 88 تاپقان جاۋاپمۇ ئەمەس؟
ب ى ر س ى ق ى م ت ۇ پ ا
-
ئا د ە م
=
د ە
مۇنداق ھىساپلىسام جاۋابى دە دەپ چىقتى
كۆمگىلى بۇلىدۇ. ئالدى بىلەن دىئامېتىرىنى 23-30 سانتىمر، چوڭقۇرلۇقىنى كۆمۈلىدىغان ئادەمنىڭ بوي ئېگىزلىكى بىلەن تەڭ قىلىپ ئورەك كولايمىز، ئورەكنى تەييار قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئادەمنى ئورەككە ئۆرىسىگە سالىمىز، ئاندىن بېشىغا بىر سىقىم توپا تاشلىساق تۇلۇق كۆمۈلىدۇ. خاتا بولۇپ قاپتۇ، بىر سىقىم (ياكى بىر چىمدىم) توپا بىلەن رەسمى دەپنە قىلغاندەك كۆمىمىز.
بارغانسېرى ئازلايدىغۇ
ئادەمنى دەپنە قىلىمىزمۇ يوقمۇ
سېسىپ كەتمىسۇن قانداق دەپنە قىلىشنى دىيىشىپ بولغىچە
ئۆلگەن ئادەم بوسا دەپنە قىلىمىز، تىرىك ئادەم بولسا كۆمۈپ بولغاندىن كىيىن چىقىرىۋالىمىز
