Galaxy يوللانغان ۋاقتى 2010-11-1 08:27:02

ئاسپىرانت ئوقۇپ يېتىشىپسىز زىيالى. ئاۋۇ سوئاللىرىڭزغا قاراپ ئويلۇنۇپ ئولتۇرۇپ كېتىپتىمەن .

Faith يوللانغان ۋاقتى 2010-11-1 09:04:06

خې خې ....جاۋابى ھازىرغىچە ئېنىق ئېسىمدە قاپتۇ مېنىڭ. مۇز تېپىشماقمۇ ئەمەس ، فىزىكىلىقمۇ ئەمەس، خېمىيلىكمۇ ئەمەس ،خۇغراپىلىكمۇ ئەمەس، ماتىماتىكىلىق تېخىمۇ ئەمەس شۇنداق بىر ئەدەبىي تېپىشماقكى ئەيھانناز جاۋابىنى ئاڭلىغاندا ئۆزۈڭلىنىڭ ئالىي مەكتەپتە مانچە يىل ئۇقۇغانلىقىڭلىغا ئېچىنپ كېتىسلەر.

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2010-11-1 09:13:03

Galaxy:
ئاسپىرانت ئوقۇپ يېتىشىپسىز زىيالى. ئاۋۇ سوئاللىرىڭزغا قاراپ ئويلۇنۇپ ئولتۇرۇپ كېتىپتىمەن .

ئاخشام ئۇيقۇم كەلمەي چاقچاققا زورلاپ يېزىپ قويغان ئىنكاستى،مازاق قىلمىسىڭىز

ئۇزاق بوپتۇ ئالاقىلاشمىغىلى،ھەممە ئىشلار جايىدىمۇ؟

mastura يوللانغان ۋاقتى 2010-11-1 09:23:11

كۆمگىلى بولامدۇ؟
بولمايدۇ.

Galaxy يوللانغان ۋاقتى 2010-11-1 09:25:19

مازاق قىلغىنىم ئەمەس.  مەنمۇ 4-ئايدىن باشلاپ M1 بولۇپ سىزگە ئوخشاش مۇشۇنداق جىق سوئاللارنىڭ جاۋابىنى ئىزدەپ ئۆتۈۋاتىمەنغۇ

تەتقىقات ئىشخانىسىدا ئوقۇغۇچى بەك جىق بولۇپ كەتسىمۇ بولمامدۇ قانداق، بىر قېتىملىق دوكىلات بېرىش يىغىنىدا قىرىق، ئەللىك مىنۇت ۋاقىت كېتىدۇ مۇشۇنداق جىق سوئاللارنىڭ دەستىدىن.

ھەممە ئىشلار جايىدا كېتىپ بارىدۇ، مەنمۇ خىزمەت ئىزدەشكە چۈشكىلى تۇردۇم. سىزچۇ؟ داۋاملىق دوكتۇر ئوقۇي دەمسىز ياكى سىزمۇ خىزمەت ئىزدەمسىز؟

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2010-11-1 09:51:38

مەن ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ كەلگەن.ھازىر د 2 دە

lay_su يوللانغان ۋاقتى 2010-11-1 11:06:10

يىللار بولۇپتىكەن كەلمىگىلى،زىيالى تېخى يۈگىرەۋېتىپتۇ،ھارماڭ

tashkent يوللانغان ۋاقتى 2010-11-1 11:22:00

بىر چىمدىم توپا تاشلىساق كۆمۈلدىغان قىلىپ ئاندىن بىر چىمدىم توپا تاشلىساق ھەققى ھەم تۇللۇق كۆمگەن بولىمىز.

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2010-11-1 11:30:12

كوممەيلى بولدى توپا يىتىشمىدى ،

Yaruq يوللانغان ۋاقتى 2010-11-1 12:49:50

Bilig:
بىر سىقىم توپا بىلەن بىر ئادەمنى ھەقىقى، تولۇق كۆمگىلى بولامدۇ؟ بولسا نىمە ئۈچۈن؟

كۆمگىلى بولمايدۇ، چۈنكى تۇپا يېتىشمەيدۇ!

weyrani يوللانغان ۋاقتى 2010-11-1 12:57:33

قىلنى قىرق يېرىپتۇ زىيالى...

ilterish يوللانغان ۋاقتى 2010-11-1 14:00:53

جاۋابىنى دېمەمسىلەر، شەھەر ئالامسىلەر يا...................

kuxkach يوللانغان ۋاقتى 2010-11-1 14:15:33

一,土,人 = 夫

بىر سىقىم توپا ئاستىدا ئادەمنى قويدۇم، 夫 بولدى. (完全瞎猜)

توغرىمۇ؟

uygurziba يوللانغان ۋاقتى 2010-11-1 14:23:46

ziyali:

ياسىن 88 تاپقان جاۋاپمۇ ئەمەس؟

ب ى ر س ى ق ى م ت ۇ پ ا

-

ئا د ە م

   =

د ە

مۇنداق ھىساپلىسام جاۋابى دە دەپ چىقتى

يۈگىرىۋەمەي توختاپ قالىلى ئەمدى. ئارام ئالىدىغان ئىشمۇ با

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2010-11-1 17:30:07

kuxkach:

一,土,人 = 夫

بىر سىقىم توپا ئاستىدا ئادەمنى قويدۇم، 夫 بولدى. (完全瞎猜)

توغرىمۇ؟


خەنزۇچە تېپىشماقمۇ ئەمەس، ئەدەبىياتلىق تېپىشماق. ئۇيغۇر تىلى ھەقىقىدىمۇ ئازىرق ئويلانسىڭىز چوقۇم تېپىۋالىسىز.

ilterish يوللانغان ۋاقتى 2010-11-1 17:38:37

يا بۇ تېپىشماقتا لوگىكىلىق خاتالىق بار....

تېپىشماقلارنىڭ جاۋابى ھامان ئاددىي بولىدۇ، بەك يىراقنى ئويلاپ كەتمەيلى!

saharkuyi يوللانغان ۋاقتى 2010-11-1 20:40:51

ئادەمنى بىر سىقىم تۇپا بىلەن تولۇق كۆمدۈم.

Faith يوللانغان ۋاقتى 2010-11-2 08:25:58

ئادەم كۆمۈلمەي ماۋۇ تېما كۆمۈلۈپ قاپتىغۇ

suzuk يوللانغان ۋاقتى 2010-11-2 08:48:27

ۋاي ۋۇي، جاۋابىنى دەۋېتىڭلار بولدى، يەنە سوزساڭلار مەززىسى قالمايدۇ ئەمدى....

Faith يوللانغان ۋاقتى 2010-11-2 09:58:12

جاۋابى كۆمگىلى بولىدۇ.

بىر سىقىم توپا بىلەن بىر ئادەمنى  تولۇق كۆمگىلى بولىدۇ. بۇ يەردىكى بىلەن دېگەن سۆز ئىككى مەنانى بىلدۇرىدۇ.  بىرىنچى مەنىسى بىر سىقى توپا ئارقىلىق بىر ئادەمنى كۆمۈش، يەنە بىر مەنسى بۇ يەردىكى \"بىلەن \"سۆزى ئۇيغۇرچىدىكى \"ۋە\" سۆزى بىلەن ئوخشاش مەنىدە . يەنى بىر سىقىم توپا ۋە بىر ئادەمنى تولۇق كۆمگىلى بولىدۇ. نىمىشقا بولمايدىكەن. بىر دانە كاربون ئاتومى بىلەن بىر ئادەمنىمۇ تولۇق كۆمگىلى بولىدۇ. بۇ يەرندىكى \" بىلەن\" ئېنگلىزچىدىكى and دېگەن مەنىدە.

خې خې خې

بەت: 1 [2] 3
: بىرسىقىم توپا بىلەن بىر ئادەمنى كۆمۈش