• 2009-02-10

    تېلېۋىزىيە تىلىدىكى نۇقسانلار - [كومپيۇتېر بىلىملىرى]

    نۇرمۇھەممەت مەمتىمىن پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن كېيىن كىنو-تېلېۋىزىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى تېز بولدى. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كىنو- تېلېۋىزىيە تەرجىمە ئىشلىرىمۇ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى. كىنو- تېلېۋىزىيە فىلىملىرى كىشىلەرنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى بولۇپ قالدى. ئاپتونوم رايونىمىزدا شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تېلېۋىزىيە تەرجىمە مەركىزىنى چۆرىدىگەن ھالدا ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك رادىئو- تېلېۋىزىيە ئىدارىلىرىدە تەرجىمە بۆلۈملىرى قۇرۇلۇپ، نۇرغۇن فىلىم تەرجىمە قىلىنىپ، كۆرۈرمەنلەرنىڭ تەشنالىقىنى قاندۇرۇپ كەلدى. بۇنىڭغا پاكىستاننىڭ «مىراسخور»، سابىق دېموكراتىك گېرمانىيىنىڭ «ھالاكەت ئارخىپى»، ئېلىمىزنىڭ «ئاخىرقى پادىشاھ»، «دوك ۋەزىر ليۇ يۇڭ» قاتارلىق نادىر تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنى مىسال قىلىپ كۆرسىتىشكە بولىدۇ. بۇ فىلىملەر شۇ مىللەتنىڭ مەدەنىيەت، تۇرمۇش پسىخىكىسىنى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش، تىل ئادىتىگە ماسلاشتۇرۇپ تەرجىمە قىلغاچقا، ھەر ساھەدىكىلەر بۇ فىلىملەرگە بىردەك ياخشى باھا بەردى. بىراق سان قوغلىشىپ سۈپەتكە سەل قارالغانلىقتىن، بەزى تەرجىمە فىلىملىرى ۋە كىنولاردا تىل ئىشلىتىش، تەلەپپۇز قاتارلىقلاردا تىل ئادىتىمىزگە يات، ئورتاق تەلەپپۇز نورمىسىغا چۈشمەيدىغان غەيرىي ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلدى ۋە كۆرۈلمەكتە، ھەتتا بەزى جۈملە شەكىللىرى ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسىغا خېلىلا يات بولۇپ، كۆرۈرمەنلەردە ناچار كەيپىيات پەيدا قىلىپ قويۇۋاتىدۇ. شۈبھىسىزكى، كىنو- تېلېۋىزىيە فىلىملىرىنىڭ تاماشىبىنلارغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى باشقا سەنئەت شەكلىگە قارىغاندا كەڭ بولىدۇ، يېڭى ئۇچۇرلار، جۈملىدىن يېڭى سۆز- ئىبارىلەر كىنو- تېلېۋىزىيە ۋاسىتىسى ئارقىلىق جەمئىيەتكە تارقىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن كىنو- تېلېۋىزىيە فىلىمىنىڭ مەزمۇنى ساغلام ۋە قىزىقارلىق بولغاندىن باشقا، ئۇنىڭ تەرجىمە ئۇسۇلى ۋە باشقا جەھەتلەردىمۇ توغرا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. كىنو- تېلېۋىزىيە فىلىملىرى تەرجىمىسى ژانىر جەھەتتىن ئەدەبىي تەرجىمە كاتېگورىيىسىگە كىرسىمۇ، لېكىن ئۇ دىئالوگ تەرجىمىسىنى ئاساس قىلىدىغان ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە ، شۇڭا ئۇنىڭدا سۆز- جۈملىلەرنى ئادەتتىكى ئەدەبىي ئەسەرلەرگە ئوخشاش ئەركىن تەرجىمە قىلىشقا بولمايدۇ، چۈنكى كىنو- تېلېۋىزىيە فىلىملىرى تەرجىمىسى ئېغىز ھەرىكىتىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ. شۇڭا ئىمكان قەدەر ئەسلى ئەسەردىكى ئوي- پىكىر تىلىمىزدىكى ئەڭ قىسقا، مەنىلىك، ئوبرازلىق ئىبارىلەر بىلەن توغرا، جايىدا ئىپادىلىنىشى كېرەك. يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، تېلېۋىزىيە فىلىملىرىدىكى نۇقسان خېلىلا كۆپ بولۇپ، تۆۋەندە ئۇلارنى بىر بىرلەپ كۆرسىتىپ ئۆتمەكچى ۋە ئۆزۈمنىڭ بەزى پىكىرلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتمەكچىمەن. 1. فىلىم نامى تەرجىمىسىدىكى سەۋەنلىكلەر شىنجاڭ تىنچ ئازاد بولۇپ، 50 يىلغا يېقىن ۋاقىتتا ئاپتونوم رايونىمىزدا قويۇلغان جۇڭگو ۋە چەت ئەل كىنو- تېلېۋىزىيە فىلىم ئىسىملىرى ئاساسەن ئىخچام، چۈشىنىشلىك، مەزمۇنى بىلەن باب كېلىدىغان، ھەر ساھەدىكىلەر قوبۇل قىلالايدىغان دەرىجىدىكى يۇقىرى ماھارەت، يۇقىرى سەۋىيە بىلەن تەرجىمە قىلىندى.   مەسىلەن: «دېدەك ئىزورا» فىلىمىنىڭ خەنزۇچە نامى«奴女»(دېدەك) دەپ ئېلىنغان. ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدە ئەسلىي ئەسەرنىڭ مەزمۇنى بىلەن خەنزۇچە تەرجىمىسىدىن پايدىلىنىپ، «دېدەك ئىزورا» دەپ ئېلىنغان. بۇنىڭدا مەزمۇنى ئوبدان ئىپادىلەنگەن، شەكلىمۇ ياخشى چىققان. ئەمما بەزىبىر فىلىملەردە فىلىم مەزمۇنى بىلەن ئۇيغۇرچە فىلىم نامى ماس كەلمەسلىك، ھەتتا زىت كېلىشتەك سەۋەنلىكلەرمۇ كۆرۈلدى. مەسىلەن: ئېلىمىزدە ئىشلەنگەن «奇传国梨» دەسلەپتە «نەشپۈتلۈك باغدىكى لەتىپە» دەپ خاتا تەرجىمە قىلىنغان. بۇنىڭدا تەرجىمان «国梨» سۆزىنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى چۈشەنمىگەن، ئۇنى ئۇدۇل «نەشپۈتلۈك باغ» دەپ خاتا تەرجىمە قىلىپ قويغان. خەنزۇچە ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا ، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە پادىشاھ سازەندە ۋە كېنىزەكلىرىگە «نەشپۈتلۈك باغ»دا ئويۇن قويغۇزىدىكەن. يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ سۆز خەلق ئارىسىدا «ئويۇنچىلار»، «ئويۇن قويۇش مەيدانى» قاتارلىق مەنىلەرنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ قالغان. ئۈرۈمچىدە ئىشلەنگەن ھېكايە فىلىم «士战的服官校穿» نىڭ نامى «ھەربىي كىيىم كىيگەن جەڭچىلەر» دەپ تەرجىمە قىلىپ قويۇلدى. بىز بۇ يەردە تەرجىماندىن شۇنى سورىماي تۇرالمايمىزكى، ھەربىيلەر ھەربىي كىيىم كىيمەي، يەنە قانداق كىيىم كىيمەكچى؟ ئۇ ھەربىيلەر كىيىدىغانلىقى، كاكار، پاگونلىرى بولغانلىقى ئۈچۈنلا «ھەربىي كىيىم» دەپ ئاتالمامدۇ؟ بەلكىم تەرجىمان ۋە مۇھەررىر «官校» دېگەن ھەربىي ئاتالغۇنىڭ نەق ئۇيغۇرچىسى بولمىغانلىقتىن، مۇنداقچە ئېيتقاندا، مۇۋاپىق سۆز تاپالمىغانلىقتىن، خەنزۇچە ئالاي دېسە، خەق چۈشەنمەي قېلىشىدىن ئەنسىرىگەن، خەلقئاراچە ئالاي دېسە، كۆڭلى ئۇنىمىغان بولۇشى مۇمكىن. ئەسلىدە «官校» −−− ھەربىي ئوفىتسېرلىك ئۇنۋانلىرىنىڭ بىر قاتلىمى بولۇپ، بۇ فىلىمدىكى «服官校» ئوفىتسېرلار كىيىمى دېگەننى بىلدۈرىدۇ. شۇڭا كىنو- تېلېۋىزىيە فىلىملىرىنىڭ نامىنى تەرجىمە قىلغاندا، ئەڭ ياخشىسى، ئۇنىڭ خەنزۇچە ئىسمى ۋە ئەسلىي فىلىم مەزمۇنىغا قاراپ ئۇدۇل تەرجىمە ھەم سېلىشتۇرما تەرجىمە ئۇسۇلىنى قوللىنىش كېرەك. بۇنداق قىلغاندا فىلىم نامىنىڭ ئوبرازلىق چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلالايمىز. 2. سۆزنى جايىدا ئىشلەتمەسلىك مەسىلىسى جۈملىدىكى سۆزلەرنىڭ توغرا، جايىدا، ئورۇنلۇق ئىشلىتىلگەن- ئىشلىتىلمىگەنلىكى ئۇنىڭ تەشۋىقات ئۈنۈمىگە چېتىلىدۇ، بولۇپمۇ كىنو- تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىكى خاتا ئىشلىتىلگەن سۆز- جۈملىلەر شۇ فىلىمدىكى شۇ كۆرۈنۈش ياكى دەقىقىدىكى مەزمۇنغا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەلۋەتتە ، بىر سۆز يەككە تۇرغاندا ئۇنىڭدا توغرا ياكى ناتوغرىلىق، مۇۋاپىق ياكى نامۇۋاپىقلىق مەسىلىسى مەۋجۇت بولمايدۇ. ئۇ كونتېكىستنىڭ ئىختىيارىغا ئۆتۈپ، بەلگىلىك قائىدىگە ئاساسەن بىر- بىرى بىلەن بىرىكىپ جۈملە بولۇپ، مۇئەييەن ئوي- پىكىرنى ئىپادىلىگەن چاغدىلا، ئۇنىڭ توغرا ياكى ناتوغرا، مۇۋاپىق ياكى نامۇۋاپىقلىق مەسىلىسى كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭا سۆزدىن پايدىلىنىشتا سۆز مەنىسىنى كونتېكىستنىڭ تەلىپى بويىچە توغرا، جايىدا ئىشلىتىش كېرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن، ئاسانلا خاتالىق چىقىدۇ. مەسىلەن: «ئايال باش ئەلچى» دېگەن فىلىمدە، تانسا كېچىلىكىدە ئايال رەئىس ئېرىگە ئايال باش ئەلچىنى تونۇشتۇرىدۇ. بۇ چاغدا ئايال رەئىسنىڭ ئېرى خۇشال بولۇپ، ئايال باش ئەلچىگە «مەن سىزنىڭ چاكىرىڭىز» دەيدۇ. بۇ يەردىكى «چاكىرىڭىز» دېگەن سۆز مۇۋاپىق ئىشلىتىلمىگەن. يۇقىرىقى شارائىتتا ئايال رەئىسنىڭ ئېرى ئايال باش ئەلچىگە «مەن سىزنىڭ چاكىرىڭىز» دېگەندەك گەپنى قىلىشى ناتايىن. ئۇنداق گەپنى قىلىش ئۆزىنىڭ سالاپىتىگە ماس كەلمەيدۇ. شۇڭا بۇ جۈملە «خىزمىتىڭىزدە بولىمەن»، «سىز بىلەن كۆرۈشكىنىمگە خۇشالمەن» دەپ تەرجىمە قىلىنسا مۇۋاپىق بولاتتى. 3. زىت مەنىلىك سۆزلەرنى توغرا ئىشلەتمەسلىك مەسىلىسى زىت مەنىلىك سۆزلەر (قارىمۇ- قارشى سۆزلەر) لۇغەت فوندىنى تەشكىل قىلىدىغان مۇھىم لېكسىكىلىق تەركىب بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئوي- پىكىرنى تېخىمۇ جانلىق، مەزمۇنلۇق چوڭقۇر ئىپادىلەشتىكى رولىغا سەل قارىغىلى بولمايدۇ. يەنە شۇنىمۇ ئېيتىپ ئۆتۈش زۆرۈركى، زىت مەنىلىك سۆزلەرنى خالىغان رەۋىشتە ياساشقا ياكى لېكسىكىلىق تەركىبىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. بۇ قانۇنىيەت ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا شەكىللەنگەن بولۇپ، مۇئەييەن پرىنسىپقا ۋە قانۇنىيەتكە ئىگە. مەسىلەن: «ئېگىز- پەس، ئاق- قارا، چوڭ - كىچىك» قاتارلىقلارنى«ئۈستۈن- پەس، ئاقۇچ- قارا، يوغان- كىچىك» دەپ ئۆزگەرتىپ ئېيتىشقا ياكى «پەس- ئېگىز، قارا- ئاق، كىچىك- چوڭ» دەپ ئورنىنى ئالماشتۇرۇپ قوللىنىشقىمۇ بولمايدۇ. دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن «ئۇزۇن سەپەر» ناملىق تېلېۋىزىيە فىلىمىدە «قىزىل ئارمىيە سول- ئوڭ ئىككى يولغا بۆلۈنۈپ يۈرۈش قىلغان» دېگەن جۈملىنى ئاڭلايمىز. بۇ جۈملىدىكى «سول- ئوڭ» دېگەن سۆز «ئوڭ- سول»دەپ ئېلىنىشى كېرەك ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا «ئاق چاچلىق قىز» فىلىمىدە «كىچىك-چوڭ ھەممىسىنى يەپ بولدۇم» دېگەن جۈملە ئۇچرايدۇ. بۇ جۈملىدىكى «كىچىك- چوڭ» دېگەن لېكسىكىلىق تەركىبمۇ خاتا ئىشلىتىلگەن، ئەسلىدە «چوڭ- كىچىك» دەپ ئېلىنسا بولاتتى. 4. مەنىداش سۆزلەرنى توغرا ئىشلەتمەسلىك مەسىلىسى ھەربىر سۆزنىڭ مەنىداش سۆزلىرىنىڭ ئۆزىگە خاس ئىشلىتىلىش ئۇسۇلى، مەنە كاتېگورىيىسى بولىدۇ. ئەگەر بۇلار ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىلسە ئىپادىلىمەكچى بولغان مەنە جايىدا بولماي قالىدۇ. كىنو- تېلېۋىزىيە فىلىملىرىدىمۇ بۇ خىل نۇقسان خېلى كۆپ. مەسىلەن: «ئۇچار بۆرە» فىلىمىدە «人的独孤个是你来看» دېگەن جۈملە«سەن بىر يېتىم ئادەم ئىكەنسەن» دەپ تەرجىمە قىلىنغان. بۇ جۈملىدىكى «独孤» سۆزى «يالغۇز، غېرىب، يېگانە، تەنھا» دېگەن مەنىلەردە بولۇپ، ھەرگىزمۇ «يېتىم» دېگەن مەنىنى بىلدۈرمەيدۇ. ئۇيغۇر تىلىدىكى «يېتىم» ئاتا- ئانىسى ئۆلۈپ كېتىپ، ئىگە- چاقىسىز قالغان، دېگەن مەنىدە كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە «يېتىم» سۆزىگە «ئادەم»نى قوشمىسىمۇ، ئۇنىڭ يېتىم قالغان ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ. شۇڭا بۇ جۈملە كونتېكىستتىكى مەنىسى بويىچە «يالغۇز قاپسەن» ياكى «تەنھا ئىكەنسەن» دەپ ئېلىنغان بولسا توغرا بولاتتى. «ئېرەمباغقا قايتىش» فىلىمىدە «شاھىتچى» دېگەن سۆزنى ئاڭلايمىز. تىلىمىزدا «شاھىت» ياكى «گۇۋاھچى» دەپ ئىشلىتىمىز، «شاھىتچى» دەپ ئىشلەتمەيمىز. «دوك ۋەزىر ليۇ يۇڭ» دېگەن تېلېۋىزىيە فىلىمىدە «خې شېننىڭ مال دۇنياسى بىھېسابسىزدۇر» دېگەن جۈملە ئۇچرايدۇ. تىلىمىزدىكى «سىز» قوشۇمچىسى ئىسىملارغا قوشۇلۇپ، شۇ ئىسىم ئىپادىلىگەن شەيئىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈرىدۇ. مەسىلەن: «چەكسىز ، ھېسابسىز» دېگەندەك. شۇنىڭدەك، يەنە پارسچە، ئەرەبچىدىن كىرگەن سۆزلەرگە«بى» قوشۇپ، شۇ ئىسىم ئىپادىلىگەن شەيئىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈرىدىغان سۈپەتلەرنى ياسايمىز، مەسىلەن:«بىھايا، بىئەدەپ، بىۋاسىتە ، بىھېساب» دېگەندەك. يۇقىرىقى قائىدىگە ئاساسلانغىنىمىزدا، تىلىمىزدا بىر سۆزنىڭ ئالدىغا«بى»، كەينىگە «سىز» قوشۇمچىسىنى تەڭلا قوشۇپ سۈپەت ياسايدىغان ئەھۋال يوق، شۇڭا يۇقىرىقى جۈملىدىكى «بىھېسابسىز» دېگەن سۆزنى «ھېسابسىز» ياكى «بىھېساب» دەپ ئېلىش كېرەك. 5. تۇراقلىق تەركىبلەرنى بۇزۇپ ئىشلىتىش مەسىلىسى تۇراقلىق تەركىبلەر ئوي- پىكىرنى ئىپادىلەشتە ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ. تۇراقلىق ئىبارىلەر يەنە مەلۇم بىر تىلنىڭ مىللىيلىكىنى ئىپادىلەيدىغان تەركىب ھېسابلىنىدۇ ھەمدە شۇ مىللەتنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە ياشىغان جۇغراپىيىلىك ئورنى بىلەن زىچ باغلانغان بولىدۇ. شۇڭا تەرجىمىدە تىلنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكىنى ئەينەن ئىپادىلەشكە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىش زۆرۈر. شىنجاڭ سىملىق تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەرجىمە قىلغان ئامېرىكىنىڭ مەلۇم تېلېۋىزىيە فىلىمىدە ئىككى پېرسوناژنىڭ «بۇ ئۆلگەندىن كېيىن ياسىن ئوقۇغاندەك ئىش ئەمەسمۇ» دېگەن سۆزى ئۇچرايدۇ. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنى ئۆرپ- ئادەتلىرىنى ئاساس قىلغان ماقال بولۇپ، ئادەتتە تۈگىگەن ئىشقا بىھۇدە ئاۋارە بولۇش مەنىسىدە قوللىنىدۇ. يات دىندىكى ئىككى ئىنگلىز دىئالوگدا مۇشۇنداق ماقال- تەمسىلنى ئىشلەتسە، كىشىلەردە باشقا دىنلاردىمۇ مۇشۇنداق ئادەت بار ئوخشايدۇ، دېگەن خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىپ قويىدۇ. شۇڭا تەرجىمان تەرجىمە قىلىۋاتقان ئەسەرلەرنىڭ قايسى دۆلەت، قايسى مىللەت ۋە قايسى دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچىلار ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىپ ، تەرجىمە تىلىدا بۇ ئالاھىدىلىكلەرنى ئەينەن گەۋدىلەندۈرۈشى، ئەسەرنىڭ مىللىي خۇسۇسىيىتىنى روشەن ئىپادىلەپ بېرىش ئۈچۈن ئەتراپلىق ئىزدىنىش زۆرۈر. ئۇنىڭدىن باشقا ماقال- تەمسىلدىكى سۆزلەرنى ئالماشتۇرۇۋېتىدىغان، ماقال- تەمسىل تەركىبىدىكى سۆزلەرنىڭ ئورنىنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىدىغان ئەھۋال ئۇچرايدۇ. مەسىلەن: دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن «ھەمشىرىلەر» فىلىمىدە«قويدەك يۈز يىل ياشىغۇچە، يولۋاستەك بىر كۈن ياشا» دېگەن ماقالنى، «پۇقراچە كىيىنگەن ساقچى» فىلىمىدە«پالتا چۈشكىچە ياغاچ ئارام ئاپتۇ» دېگەن تەمسىلنى ئۇچرىتىمىز. يۇقىرىقى مىساللاردىكى «قويدەك»، «ياغاچ» دېگەن ئىبارىلەر خاتا ئىشلىتىلگەن بولۇپ ، ئەسلىدە «توشقاندەك»، «كۆتەك» دەپ ئېلىنىشى كېرەك ئىدى. 6. جۈملىلەرنى توغرا ئىشلەتمەسلىك مەسىلىسى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىۋاتقان فىلىملەردە بەزى ھاللاردا جۈملىنى جايىدا ئىشلەتمەسلىك، گرامماتىكىلىق خاتالىق كەلتۈرۈپ چىقىرىشتەك ئەھۋاللار خېلى كۆرۈلمەكتە. مەسىلەن: كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە فىلىمى «دېھقان ئوغلى»دا «سىزگە ساقلاۋاتىمەن»، «كىمگە ساقلاۋاتىسىز»، «ئۇنىڭغا ساقلايمەن» دېگەندەك بىنورمال جۈملىلەرنى ئاڭلايمىز. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا ئىسىملارنىڭ كېلىش كاتېگورىيىسىدە يۆنىلىش كېلىش يۇقىرىقى جۈملىدىكىدەك ئىسىم ئورنىغا كەلگەن ئالماشلار بىلەن تۈرلەنمەيدۇ. ئەسلىدە چۈشۈم كېلىشتە تۈرلىنىپ كەلگەن بولسا ياخشى بولاتتى. يەنى بۇ جۈملىلەرنى «سىزنى ساقلاۋاتىمەن»، «كىمنى ساقلاۋاتىسىز»، «ئۇنى ساقلاۋاتىمەن» دەپ ئۇيغۇر تىلىنىڭ كېلىش كاتېگورىيىسىنىڭ تەلىپى بويىچە ئالغان بولسا ياخشى بولاتتى. « خەتەرلىك مىراسخور» دېگەن فىلىمدە يىگىتنىڭ خەتەردىن قورقۇپ كەتكەن ئايالغا تەسەللى بېرىش مەنىسىدە ئېيتقان «的好会都切一»دېگەن سۆزىنى تەرجىمان خەت مەنىسى بويىچە «ھەممىسى جايىدا» دەپ ئۆلۈك تەرجىمە قىلىپ قويغاچقا، ئۇيغۇرچىدا بۇ جۈملىدىن قورقۇپ كەتكەن ھېلىقى ئايالغا تەسەللى بېرىش، ئۇنى خاتىرجەم قىلىش مەنىسى زادى چىقمىغان. ئەسلىي بۇ جۈملە قائىدە بويىچە «بۇ ئىشلارمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ» ياكى«ئىشلار ئوڭشىلىپ كېتىدۇ» دەپ تەرجىمە قىلىنغان بولسا، كونتېكىستتىكى مەنە توغرا ئىپادىلىنىپ، قورقۇپ كەتكەن ئايال خاتىرجەم بولاتتى. ئۇيغۇر خەلق چۆچىكىگە ئاساسەن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن «ئەقىللىق شاۋدۇن» فىلىمىدە شاۋدۇن ئوۋچىنىڭ ئېتىنى يېشىۋېتىپ، تۈلكىنى قۇتقۇزۇۋالىدىغان بىر كۆرۈنۈش بار. ئوۋچى قېچىپ كېتىۋاتقان ئېتىنىڭ كەينىدىن «مېنىڭ ئېتىم» دەپ توۋلاپ كېتىدۇ، بىزدە ئات- ئۇلاغ قېچىپ كەتسە، «مېنىڭ ئېتىم . . . مېنىڭ كالام . . . » دەپ توۋلايدىغان ئادەت يوق. بەلكى «ئېتىم قاچتى، ئېتىم . . . . »، «ۋاي ئېتىم . . .»، «ئېتىمنى تۇتۇۋېلىڭلار» دەپ ئىپادىلەيمىز. تەرجىمان بۇ جۈملىنى «马的我» دېگەن جۈملىگە ئاساسەن ئۇدۇل تەرجىمە قىلىپ قويغان. «ئۇچار بۆرە» دېگەن تېلېۋىزىيە فىلىمىدە «着活还哥哥觉直我凭» دېگەن جۈملە «ھېس قىلىشىمچە، ئاكام تېخى ھايات» دەپ تەرجىمە قىلىنغان. خەنزۇچىدىكى «觉直» سۆزى پسىخولوگىيە ئاتالغۇسى بولۇپ، تەبىئەت دۇنياسىنى لوگىكىلىق تەپەككۇر يۈرگۈزمەيلا، بىۋاسىتە بىلىش ئىقتىدارىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇيغۇر تىلىدىكى «كۆڭۈل تۇيماق» دېگەن سۆزمۇ تەپەككۇر يۈرگۈزمەستىن، پەقەت بىۋاسىتە سېزىم ئارقىلىق مەلۇم ھادىسىنى ئالدىن بىلىش، دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئەكسىچە «ھېس قىلىش» بولسا، مەلۇم ھادىسىنى تەپەككۇر قىلىپ بىلىشنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا بۇ جۈملە «ھېس قىلىشىمچە» ئەمەس، بەلكى «كۆڭلۈم تۇيۇپ تۇرۇپتۇ، ئاكام تېخى ھاياتتەك قىلىدۇ» دەپ تەرجىمە قىلىنسا توغرا بولاتتى. 7. شېۋە سۆزلىرىگە توغرا مۇئامىلە قىلىش مەسىلىسى شېۋە سۆزلىرى ئەدەبىي ئورتاق تىلغا تەۋە بولمىغان، مۇنداقچە ئېيتقاندا بىر مىللەتنىڭ ھەممە كىشىلىرى ئورتاق چۈشىنىدىغان ئاساسىي لۇغەت تەركىبىدىن تاشقىرى ئايرىم رايون دائىرىسىدىلا قوللىنىلىدىغان سۆزلەر بولۇپ، كۈچلۈك جۇغراپىيىلىك چەكلىمىلىككە ۋە يەرلىك خاراكتېرگە ئىگە. شۇنداق بولغان ئىكەن، بۇنداق سۆزلەرنىڭ تېلېۋىزىيە تىللىرىغا ياكى رادىئو، ئېلان، تەشۋىقات ساھەلىرىگە سىڭىپ كىرىشى كىشىلەردە ئاسانلا چۈشىنىش جەھەتتىكى قالايمىقانچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنداقلا رادىئو- تېلېۋىزىيە ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئومۇملىشىۋاتقان ئەدەبىي تىلنىڭ قېلىپلاشتۇرۇلۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. بىر قىسىم تەرجىمە فىلىملىرىدە بۇنداق ئەھۋاللار يەنىلا ئۇچراپ تۇرماقتا. مەسىلەن:«يولۋاس ئاغزىدىن قۇتۇلۇش» دېگەن فىلىمدە «بېتىنگىنىڭ يىپى» دېگەن ئىبارىنى ئاڭلايمىز. تىلىمىزدا «بوغقۇچ» دېگەن ئىسىم بار تۇرۇقلۇق، ئۇنى قوللانماي، «ئاياغنىڭ يىپى»، «ئاياغنىڭ شوينىسى» دەپ ئاتاش توغرا ئەمەس. 8. سۆزلەرنى توغرا تەلەپپۇز قىلماسلىق مەسىلىسى تېلېۋىزىيە تەرجىمە فىلىملىرىدىكى دىئالوگلار ئەدەبىي تىل تەلەپپۇزى نورمىسى بويىچە تەلەپپۇز قىلىنىشى كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا دىئالوگدىكى ئوي- پىكىر ئېنىق ئىپادىلەنمەيلا قالماستىن، بەلكى ئۇقۇم پۈتۈنلەي بۇرمىلىنىپ كېتىشىمۇ مۇمكىن. تېلېۋىزىيە فىلىملىرىدە توغرا تەلەپپۇز قىلىنماسلىق ۋە بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان مەسىلىلەر خېلى كۆپ. مەسىلەن: « سىزىپ (توغرىسى: سېزىپ) قالدىم»، «بېرىپ (توغرىسى: بېرىپ) تۇر»، سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ بۇنداق ئالماشتۇرۇۋېتىلىشى بىر جەھەتتىن، سۆزلەرنىڭ توغرا تەلەپپۇز قىلىنىشىغا تەسىر يەتكۈزسە، يەنە بىر تەرەپتىن سۆزنىڭ مەنىسىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ. «ئايال باش ئەلچى» دېگەن تېلېۋىزىيە فىلىمىدىكى ئىككى پېرسوناژنىڭ دىئالوگىدا A پېرسوناژ «مەن قىمارغا ئىمپېرىيىنى تىكىمەن » دېسە، B پېرسوناژ «ئۇنداقتا سىزنىڭ دورىڭىز بەك قىممەت ئىكەن» دەيدۇ. ئىككىنچى جۈملىدىكى «دورىڭىز» دېگەن سۆز بىرلىك قوشۇمچىسى «يىڭىز»بىلەن تۈرلەنگەندە «دويىڭىز» بولۇشى كېرەك ئىدى. ئاۋاز ئارتىسى«دورىڭىز» دەپ خاتا تەلەپپۇز قىلغانلىقتىن قىماردىكى«دو» كېسەللەر ئىچىدىغان «دورا» بولۇپ قېلىپ، مەزمۇن جەھەتتىن چوڭ مەسىلە كۆرۈلگەن، شۇنىڭغا ئوخشاش مىساللار يەنە خېلىلا كۆپ. دېمەك، تېلېۋىزىيە فىلىملىرى ۋە ئۇنىڭ تىلى، ئورتاق ئەدەبىي تىلنى ئومۇملاشتۇرۇشتىكى ئەڭ ياخشى ۋاسىتە بولۇپ، تىلىمىزنىڭ تېخىمۇ قېلىپلىشىشى ، مۇكەممەللىشىشى ئۈچۈن يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن خاتالىقلارنى ۋاقتىدا تۈزىتىپ، كىنو- تېلېۋىزىيە فىلىملىرىنىڭ تەرجىمىسىنى ئىشلىگەندە سۆزنى ماسلاشتۇرۇپ، جايىدا، ئورۇنلۇق ئىشلىتىشىمىز، ئاممىباب، چۈشىنىشلىك قىلىشىمىز، خەلقنىڭ ئادىتى ۋە پسىخىكىسىغا ماسلاشتۇرۇشىمىز ۋە شۇ ئارقىلىق ئانا تىلىمىزنى قوغداشقا كۈچ چىقىرىشىمىز كېرەك.