• 2009-02-04

    تېنىڭىزدىكى مەخپىيەتلىك يۈزىڭىزدىن مەلۇم.چوقۇم كۆرۈڭ!

     تېنىڭىزدىكى مەخپىيەتلىك يۈزىڭىزدىن مەلۇم!

    تېنىڭىزدىكى مەخپىيەتلىك يۈزىڭىزدىن مەلۇم


    جىددىي خىزمەت قىلىۋېتىپ،بىئاراملىق ھېس قىلغان ۋاقتىڭىزدا ،يۈزىڭىزنى كۆزىتىپ باققىنىڭىزنىڭ زىيىنى يوق،يۈزىڭىز ئارقىلىق تېنىڭىزنىڭ ساغلاملىق ئەھۋالىنى بايقىۋالالايسىز.

    قۇلاق بۆرەكنىڭ ئەھۋالىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.قۇلىقىڭىز قىزىل ياكى بېنەپشە رەڭدە بولسا،بۇ قان ئايلىنىشىڭىزنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. دېققەت:ھاراقنى ئاز ئىچىڭ،ئېسىل تاماقلارنى،شېكەرنى ئاز يەڭ،كۆپ ھەرىكەت قىلىپ،قان ئايلىنىش ئىقتىدارىڭزىنى ياخشىلاڭ.

      تۆۋەنكى قاپىقىڭىز قان ئايلىنىش سېستىمىسىنىڭ ئەھۋالىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. نورمال ئەھۋال ئاستىدا تۆۋەنكى قاپاق ئەترەڭ بولىدۇ،تۆۋەنكى قاپىقىڭىز ئاق بولسا،بۇ قان ئازلىقنىڭ تىپىك ئالامىتىدۇر.دېققەت:تەركىبىدە تۆمۈر ماددىسى بولغان يىمەكلىكلەرنى كۆپرەك يەڭ.

       مەڭزىڭىز ئۆپكىڭىزنىڭ ئەھۋالىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ناۋادا مەڭزىڭىز سۇس يېشىل رەڭدە بولسا ، ئۆپكە راكىغا گىرىپدار بولۇش خەۋىپىنىڭ بارلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ؛جىگەررەڭ بولسا،يوقۇرى قان بېسىمنىڭ بىشارىتىدۇر.دېققەت:تاماكىنى ئاز چېكىڭ ياكا تاماكا تاشلاڭ، دائىم قان بېسىمىڭىزنى ئۆلچەپ تۇرۇڭ.

       پېشانە ئۈچەي ۋە دوۋساقنىڭ ئەھۋالىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. داغ ۋە چوڭقۇر قورۇقلىرىڭىز تاماقنى كۆپ يەيدىغانلىقىڭىزنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. دېققەت:بېلىق،قۇش تۈرىدىكىلەرنى يەڭ،قايمىقى ئايرىۋېلىنغان سۈت ئىچىڭ.

       ئېغىز ھەزىم قىلىش سېستىمىسىنىڭ ئەھۋالىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. يوقۇرقى كالپۇكىڭىز ئاشقازىنىڭىزغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،تۆۋەنكى كالپۇكىڭىزنىڭ ئىششىشى قەۋزىيەتنىڭ ئالامىتى بارلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.دېققەت:سۇنى كۆپرەك ئىچىڭ،چاي،قەھۋە ۋە ئىسپىرىتلىق ئىچىملىكلەرنى ئاز ئىچىڭ،كۆپ ھەرىكەت قىلىڭ.

       قوشۇمىڭىز جىگەر ۋە ئۆتنىڭ ئەھۋالىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.ئىككى قېشىڭىزنىڭ ئوتتۇرسىدا تىك قورۇق بولسامبۇ ماينىڭ قوبۇل قىلىنىشىنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.دېققەت:گۆش تۈرىدىكىلەرنى،ياغ تەركىبى يوقۇرى ۋە كاۋاب قىلىنغان يېمەكلىكلەرنى ئاز يەڭ.

       قاڭشار تال،ئاشقازان،ئۇيقۇلۇقنىڭ ئەھۋالىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئەگەر قاڭشىرىڭىزنىڭ ئۈستىدە ئۈزۈلگەن ھالەتتىكى ۋىنا كۆرۈلسە،تېنىڭزىنىڭ قان شېكىرى سەۋىيىسىنىڭ تۇراقسىزلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.دېققەت:ئېسىل يىمەكلىكلەر،شېكەر،قەھۋە ۋە ئىسپىرىتلىق ئىچىملىكلەرنى ئازراق ئىستېمال قىلىڭ،بۇ نەرسىلەر قان شېكىرى سەۋىيىسىدە داۋالغۇش كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

       بۇرۇننىڭ ئۇچى يۈرەكنىڭ ئەھۋالىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. بۇرىنىڭىزنىڭ ئۇچىنىڭ قىزىل ياكى بېنەپشە رەڭدە بولۇشى قان بېسىمىڭىزنىڭ يوقۇرى بولۇش ئېھتىماللىقى بارلىقى ياكى يېمەكلىكتىكى تۇز ۋى ئىسپىرىتنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنىڭ ھەددىدىن زىيادە يوقۇرى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. دېققەت:قان بېسىمىڭىزنى دائىم ئۆلچىتىپ تۇرۇڭ،ئىسپىرىتلىق ئىچىملىكلەرنى ئاز ئىچىڭ، تۇزنى ئاز يەڭ.