• 2009-02-02

    سۆيۈشۇش ئېنقىلابى

     

    بىر قېتىملىق قىزغىن سۆيۈشۈش 29پارچە مۇسكۇلنى ئۇسۇلغا سالالايدۇ.سۆيۈشۈش بىر خىل ئۈنۈملۈك چېنىقىش بولۇپ،ئۇ تېرىنى سىلىقلاشتۇرۇپ قورۇق چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.قان ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇپ،ئىچكى ئاجراتما فۇنكىسيىسىنى تەڭشەپ بالدۇر قېرىشقا قارشى تۇرىدۇ.(مەن ھالال جۈپتى بىلەن سۆيۈشۈشنى تەشەببۇس قىلىمەن).

    2.سۆيۈشۈش ئارقىلىق چىش كېسەللىكىدىن ساقلانغىنى بولىدۇ.چۈنكى سۆيۈشكەندە،چوڭ مېڭە پوستىلاق قەۋىتى غىدىقلىنىپ كۆپ مىقداردا شۆلگەي سۆيۈقلىقى ئاجىرتىپ چىقىرىدۇ.ئۇنىڭ كىسلاتا-ئىشقارلىق كۆرسەتكۈچى نىتىرال ھالەتتە بولۇپ،ئېغىز بوشلىقىغا نىسبەتەن ناھايىتى پايدىلىق.چىش سارغىيىش،چىشقا قۇرىت چۈشۈش،چىش مىلىكى ياللۇغى قاتارلىق كېسەللەر سىزنى ئىسرائىلىيە پەلەستىننى بوزەك قىلغاندەك بوزەك قىلالمايدۇ.

    3.ئىستاستىكا قىلىنىشچە،%66ئادەم سۆيۈشكەندە كۆزىنى يۇمىۋالىدىكەن،قالغانلىرى بەخىرامان كۆزىنى ئېچىۋېلىپ قارشى تەرەپنى كۆزىتىدىكەن.(كېيىنكىسى رومانتىكىنى چۈشەنمەيدىغانلار بولسا كېرەك.)

    4.ئېيتىلىشىچە،ئامېركىلىقلار توق قىلىشتىن بورۇن ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 80چە يات جىنىسلىق كىشى بىلەن سۆيۈشەرمىش.(ئاغزىنىڭ يوغانلىقى بىكار ئەمەسكەن).

    5.بىر قېتىملىق قىزغىن سۆيۈشۈشتە بەدەندىن 3كالورىيە ئېنىرگىيە خورايدىكەن،ئۇزۇنراق ۋاقىت تەلەپ قىلىدىغان فىرانسوزچە سۆيۈشىشتە ھەتتا 5كالورىيىگە يېتىدىكەن.ھەركۈنى 20سىكونىت ئەتراپىدا سۆيۈشۈشنى ئۇزاق داۋاملاشتۇرغاندا ساغلام ئورۇقلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولغۇدەك.

    6.لەنىڭ سىزىمچانلىقى بارماقنىڭكىدىن 200ھەسسە يۇقىرى بولارمىش.

    7.ئېيتىلىشىچە،داۋاملىق سۆيۈشۈپ تۇرىدىغان ئەر-ئاياللارنىڭ ئۆمرى باشقىلارنىڭكىگە قارغاندا 5يىل ئۇزۇن بولىدىكەن.

    8.بىر قېتىملىق سۆيۈشۈش ۋاقتى 90سىكونىتتىن ئېشىپ كەتكەندە قان بېسىمى ئۆرلەپ،يۈرەكنىڭ سوقۇشنى تىزلەشتۇرۋېتىدىكەن،بۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ئاسانلا قان تومۇر كىسەللىكىگە ھاجەتمەن بوپ قالىدىكەن. شۇڭا ۋاقىتنى مۇۋاپىق تەڭشەشمۇ موھىم بولسا كېرەك.

    9.بىر قېتملىق سۆيۈشۈشتە ھاسىل بولغان ھورمۇن ئاغرىق توختىتىدىغان مورفىنغا قارغاندا 150ھەسسە كۈچلۇك بولىدىكەن. ھەم بەلگىلىك ھالدا ئىممونىتنى كۈچەيتىش رولى بولىدىكەن.

    10.سۆيۈشۈش كىشىنى يەڭگىل ،ئازادە قىلالايدىكەن.

    11.بىر ئادەم ئۆز ئۆمرىنىڭ تەخمىنەن 20160مىنۇتىنى (ئىككى ھەپتە) سۆيۈشۈشكە سەرىپ قىلارمىش.

    12.ئىنتايى جاھىل بولغان سولغايمۇ سۆيۈشكەندە بېشىنى ئىختىيارسىز ھالدا ئوڭغا قىيسايتىدىكەن. .





    评论

  • بلوگىڭىزغا يوللانغان بەزى رەسىملەر سەل چوڭ بولغاچقا، بلوگ ئۇسلۇبى ئازراق بۇزۇلۇپ كېتىپتۇ. رەسىملەرنى تەھرىرلەپ كىچىكلىتىپ قويسىڭىز بۇزۇلۇپ كەتكەن يەرلەر ئوڭشىلىدۇ.