• 2009-01-22

    ئەپلاتوننىڭ دەھشەت ھېكمەتلىرى

     ياخشى ئادەم بىرلا ۋاقىتتا نامراتلىق ، قېرىلىققا بەرداشلىق بېرەلەيدۇ ، ئەلۋەتتە ، بۇ ئاسانغا چۈشمەيدۇ ، ناچار ئادەم پۇلى تۇرۇقلۇقمۇ قانائەتسىزلىك ۋە خاتىرجەمسىزلىك ھېس قىلىدۇ .

    ( 2 )

       مېنىڭچە بىر نۇقتا ناھايىتى ئېنىقكى ، بىراۋ مەيلى نېمە ئىش قىلسۇن ، پايدىلىق پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويسا ، قازانماقچى بولغان مۇۋەپپەقىيىتىدىن ۋاز كەچكەن بولىدۇ .

    ( 3 )

       ئەخلاق – پەزىلەت ۋە ئەقىل – پاراسەت كىشىلىك ھاياتتىكى ھەقىقىي بەخىتتۇر .

    ( 4 )

       ئادالەت ھەمىشە بەخت بىلەن باغلانغان بولىدۇ . ئادالەتنى ياقلاش بەخت ، ئادالەتسىزلىك قىلىش بەخىتسىزلىكتۇر .

    ( 5 )

        پەقەت ئاز ساندىكى كىشىلەر —  ئاشۇ تۇغما قابىليىتى ئەڭ ياخشى بولغان ، ئەڭ ياخشى تەربىيە كۆرگەن كىشىلەر ئارىسىدىنلا ئاددىي ، لايىقىدا بولغان ئۈمىدنىڭ ئەقىل – ئىدراك ۋە توغرا ئەقىدىنىڭ ياردىمىدە ئادەمنىڭ تەپەككۇرىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان نەرسە ئىكەنلىكىنى كۆرگىلى بولىدۇ .

    ( 6 )

       ھەر قانداق ئادەمنىڭ خۇسۇسىي تۇرمۇشى ياكى ئاممىۋى تۇرمۇشتىكى ئىش – ھەرىكەتلىرى ئەقلىيلىككە ئۇيغۇن بولۇشى ، ئۇنىڭدىن جەزمەن ياخشىلىق ئۇقۇمىنى كۆرگىلى بولۇشى كېرەك .

    ( 7 )

       جىسمانىي ئەۋزەللىككە بولغان ھۆرمەت لايىقىدا بولۇشى كېرەك . چۈنكى ، چەكتىن ئاشۇرىۋېتىش ھەم پۇل ، بايلىق تىپىدىكى نەرسىلەر روھنى مەنمەنچى قىلىپ قويىدۇ .

     ( 8 )

        چەكتىن ئېشىپ كەتكەن خوشاللىق خۇددى چەكتىن ئاشقان ئازابتەك ئادەمنى قىلىقسىز قىلىپ قويىدۇ .

    ( 9 )

       بىر ئادەم شان – شەرەپ ، غەلبە ياكى مىجەز – خاراكتېر توغرىسىدا ئەقلىي رەۋىشتە ئويلانمىسا ئۇنىڭ شان – شەرەپ ، غەلبە ، ۋە مىجەز – خاراكتېرنى سۆيۈشتىكى قانائەتچانلىقى ئىچى تارلىق ، زورلۇق ۋە نەپرەت پەيدا قىلىدۇ .

    ( 10 )

       شان – شەرەپ مەسىلىسىدە ئادەم تۆۋەندىكى پرىنسىپقا ھۆرمەت قىلىشى لازىم : شان – شەرەپ ئۇنىڭ خاراكتېرىنى ياخشىلىسا ئۇنى خوشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىشى كېرەك . شان – شەرەپنىڭ ئۇ يېتىلدۈرگەن توغرا ئادەتنى بۇزۇش ئېھتىماللىقى بولسا ، ئاۋامنىڭ ياكى ئۆزىنىڭ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بۇنداق شان – شەرەپتىن يىراق تۇرۇش كېرەك .

    ( 11 )

       ياخشى سۆز ، ياخشى ئىستىل ، ياخشى رېتىم ، ياخشى روھىي ھالەتتىن كېلىدۇ ، ياخشى روھىي ھالەت دېگىنىمىز بىزنىڭ نەپىسىمىزنى قىسىپ تۇرۇپ ياۋاشلىق بىلەن تۇرۇشىمىزنى  كۆرسەتمەستىن ، ئەقىل – ئىدراكلىق ، پەزىلەتلىك ياخشى كىشىلەرنىڭ ھەقىقىي ياخشى روھىي ھالىتىنى كۆرسىتىدۇ .

    ( 12 )

        ئاۋام ياخشىلىق خوشاللىقتۇر ، دەپ قارايدۇ ، دانىشمەنلەر ياخشىلىق بىلىمدۇر ، دەپ قارايدۇ .

    ( 13 )

       ياخشىلىق ئۇقۇمى بىلىم مەسىلىسىدۇر ، ھەقىقەت قاتارلىقلار توغرىسىدىكى بىلىم پەقەت ئۇنىڭدىن مەنتىقىي يوللار ئارقىلىق خۇلاسىلىنىپ چىققان كېرەكلىك ۋە پايدىلىق نەرسىدۇر .

    ( 14 )

       ياخشى تەلىم – تەربىيە ياخشى تەن ساپاسىنى شەكىللەندۈرىدۇ ، ياخشى تەن ساپاسى يەنە ياخشى تەلىم – تەربىيە قوبۇل قىلسا ، ئەسلىدىكىدىمۇ ساپالىق تەن ۋۇجۇدقا چىقىدۇ ، بۇ شەخسنىڭ مەقسىتىگە پايدىلىق بولغاندىن سىرت يەنە  ئۇنىڭ ئىلگىرىلىشىگىمۇ پايدىلىق بولىدۇ ، خۇددى باشقا بارلىق جانلىقلارغا ئوخشاش .

    ( 15 )

       شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى ، تەننىڭ مۇكەممەللىكى پەزىلەتنى مۇكەممەللەشتۇرەلمەيدۇ ، بىراق ئالىيجاناپ پەزىلەت تەننى مۇكەممەللەشتۈرەلەيدۇ .

    ( 16 )

       ئەگەر نامۇۋاپىق تەربىيىنى قوبۇل قىلىدىغان بولسا ، ئەڭ ياخشى تۇغما تالانتمۇ ناچار تۇغما تالانت ئېرىشكەندىنمۇ يامان نەتىجىگە ئېرىشىدۇ .

      ( 17 )

       گۈزەل ئەخلاقنىڭ يېتىشىپ چىقىشى ئۈچۈن بالىلار دەسلەپتە چوقۇم ئەڭ ئالىيجاناپ پەزىلەتلەر سۆزلەنگەن ھېكايىلەرنى ئاڭلىشى لازىم .

    ( 18 )

      جىسمانىي جەھەتتىكى مەجبۇرلىنىش تەنگە زىيانسىز ، بىراق ، مەجبۇرلىنىش ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان ئۆگىنىش ئادەمنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتالمايدۇ .