• 2009-01-21

    مىجەز – خاراكتېر ۋە ساغلاملىق - [تەرمىلەر]

    مىجەز – خاراكتېر ۋە ساغلاملىق

    غېرىپلىق—قان بېسىمىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ . بىر تەتقىقاتتىن بايقىلىشچە ، 50 ياشتىن ئاشقان ئوتتۇرا ياش ، ياشانغانلار تەنھالىق ھېس قىلسا ، ئۇلارنىڭ يۇقۇرى قان بېسىمىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىمۇ  مۇناسسىپ ئاشىدىكەن .  ئامېرىكا چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە ، تەكشۈرۈلگەن كىشىلەر ئىچىدە زىيادە غېرىپلىق ھېس قىلىدىغانلارنىڭ قان بېسىمىنى ئۆلچىگەندىكى سان ، غېرىپلىق ھىس قىلمايدىغانلارنىڭكىدىن %30يۇقۇرى بولغان.  بۇ يېڭى تەتقىقات ، غېرىپلىقنى ئازايتقاندا  كىشىلەردىكى يۇقۇرى قان بېسىمنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان بولۇپ،  ئۇنىڭ ئەھمىيىىتى ناھايىتى زور بولىدىكەن.  

      ھاياجانلىنىش— ئاسانلا ئاشقازان يارىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . ئاسان ھاياجانلىنىدىغان كىشىلەر ئاسانلا ئاشقازان يارىسى كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.  فىنلاندىيە كەسپىي ساغلاملىق ئورنىدىكى تەتقىقاتچىلار 4000 كىشىنى تەتقىقات ئوبېكىتى قىلىش ئارقىلىق ، ئاسان ھاياجانلىنىدىغان كىشىلەرنىڭ ئاشقازان يارىسىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنىڭ باشقىلارغا قارىغاندا 24 ھەسسە يۇقۇرى بولىدىغانلىقىنى بايقىغان.

    زىيادە ئۈمىدۋارلىق بىلەن ئۆمۈرنىڭ مۇناسىۋىتى
    كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى تەتقىقاتچىلار ئىلگىرى زىيادە ئۈنىتۋار كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمۈرىنىڭ ئادەتتىكى ئادەملەرگە قارىغاندا 7.5 ياش ئۇزۇن بولىدىغانلىقىنى بايقىغان ئىدى. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە بۇنداق  كىشىلەرنىڭ روھىي بېسىمى ئاز بولغاچقا، ئۇلار ئورگانىك كېسەل ئۆزگىرىشى ۋە سوزۇلما خارەكتىرلىك كېسەللەرگە ئازراق گىرىپتار بولىدىكەن.  ئەمما كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يەنە بىر تۈرلۈك تەتقىقات نەتىجىسى كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرغان. لېكىن ، شاد–خورام يۈرىدىغان ئۈمىدۋار كىشىلەر تۇرمۇشتىكى خىيىم–خەتەرلەرنى بەك تۆۋەن مۆلچەرلىگەچكە، تاساددىپىي ئەھۋاللارغا دۇچ كەلگەندە ئاجىزلىق قىلىدىكەن.

    ئوچۇق– يورۇق كىشىلەر ئاسان سەمىرىپ كېتىدىكەن . ئىتالىيە مىلان ئۇنىۋېرىسىتېتدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە، ئوچۇق–يورۇق كىشىلەرنىڭ يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئادەتتىكى كىشىلەردىن%15 تۆۋەن بولىدىكەن. ئاسان يۇقۇملىنىپ قالمايدىكەن ، كېسەل بولغاندىن كېيىن ساقىيىشىمۇ تېز بولىدىكەن . ئەمما بۇنداق كىشىلەر ئاسانلا سەمىرىپ كېتىدىكەن.
    بىتاقەتلىك بىلەن قاندىكى ياغ تەركىۋى يۇقۇرى بولۇش مۇناسىۋەتلىك .  بىتاقەتلىك يۇقۇرى قان بېسىم كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئۈچ ھەسسە ئۆرلىتىۋېتىدىكەن. ئامېرىكا شىمالى ئارىزونا ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ بىر تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇنداق بولۇش سېزىمچانلىق گورمونى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك  بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا ئېگىزلىكتىن قورقۇش قاتارلىق بىتاقەتلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئاياللارنىڭ يۈرەك كېسىلى، يۇقۇرى قان بېسىمى ۋە قاندا ياغ تەركىۋى يۇقۇرى بولۇش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى تېخىمۇ يۇقۇرى بولىدىكەن.

    قايغۇ –ھەسرەت بىلەن كېسەللىكنىڭ مۇناسىۋىتى . قايغۇرۇپلا يۈرىدىغان كىشىلەردە ئاسانلا ھېسىيات مەسىلىسى كۆرۈلىدىكەن. ئەمما ئۇلار ئۆز ھېسىياتىنى بېسىۋالالمايدىكەن ، شۇ سەۋەپتىن ئاسانلا راك كېسىلى ۋە يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالىدىكەن. خارۋارت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتىدىن بايقىلىشىچە، قايغۇرۇش خاراكتىدىكى كىشىلەرنىڭ تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىدىن ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى تېخىمۇ يۇقۇرى بولىدىكەن.

    ئۈمىدسىز كىشىلەر ئاسانلا پاكىنسون كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالىدىكەن. بۇنداق مىجەز ئەزەلدىن سالامەتلىككە پايدىسىز دەپ قارىلىپ كەلگەن. ئۈمىدۋار كىشىلەرگە سېلىشتۇرغاندا، ئۈمىدسىزلىنىپ يۈرىدىغان كىشىلەرنىڭ بالدۇر ئۆلۈپ كېتىش خەۋپى %19 يۇقۇرى بولىدىكەن. ئامېرىكىدىكى تەتقىقىاتچىلارنىڭ بايقىشىچە،  بۇنداق كىشىلەر كېيىنچە  ئاسانلا پاكىنسون كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالىدىكەن.
    مەنبە:شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى