• 2008-12-04

    ھەر قايسى يۇرت كىشىلىرىنىڭ ئالاھىدىلىگى - [تەرمىلەر]

    ئۈرۈمچى كىشىلىرىنىڭ ئالاھىدىلىگى K;uOtbdOK مىزاجى:مۇھىت،يىمەك-ئىچمەك،تۇرمۇش تەرتىپى تۈپەيلىدىن،ئۈرۈمچى كىشىلىرىنىڭ مىزاجى ھۈللۈككە مايىل كېلىدۇ،ھۈللۈك نەرسىلەرنى ئىستىمال قىلىشقا ئادەتلەنگەن. ajr);xd خىلىتى:ئۈرۈمچى كۈپ مەنبە مەدىنىيەتكە ئىگە كىشىلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان شەھەر،بۇ يەردە ھەر خىل خىلىتلىق كىشىلەر ياشايدۇ،يۇرت ئۆزگەرگەن،كىلىماتى،يېمەك-ئىچمەك ۋە ئىجدىمائى مۇھىت ئۆزگەرگەن شارائىتتا،بۇ يەرگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان كىشىلەردە مىزاج ئۆزگىرىشىنى ،ھەتتا كېيىنكى ئەۋلادلىرىدا خىلىت ئۈزگىرىشى يۈز بىرىشى مۇمكىن،شۇڭا ئۈرۈمچى كىشىلىرىنى كەلگەن ئورنىغا قاراپ مۈلچەرلەشتىن سىرت،مۇھىمى ئۈرۈمچى موھىىتىنى كۈزدە تۇتۇپ باھالاش ناھايىتى مۇھىم،شۇڭا ئۈرۈمچى كىشىلىرىنىڭ خىلىت تەرتىپى،بەلغەم،سەۋدا،سەپرا،قان. mBAI";L3 چىرايى:ئاق،تاتىراڭغۇ،سېرىق،قىزغۇچ،شەھەر تۇرمۇشىدىكى جىسمانى ھەركەتنىڭ نىسبەتەن ئازراق بولىشى ،مۇقىم ۋە سايىلىق ئورۇندا ئولتۇرۇپ ئەقلى خىزمەت قىلىدىغان نىسبەتنىڭ يوقىرىلىقى،ئۈرۈمچى موھىتىدىكى نەملىك،شۇنداقلا ئاپتىكا دورا ئىستىمالىنىڭ يۇقىرىلىقى،ئۈرۈمچى ئىستىمال سۈيىنىڭ سۈپىتىدىكى بەزى ئامىللار ،ئەنئەنىۋى تۇرمۇش ئۇسۇلىدىن بىخەۋەر كىشىلەر نىسبىتىنىڭ كۆپىيىپ كىتىشى قاتارلىق سەۋەبلەردىن ئۈرۈمچى كىشىلىرىنىڭ قېنىدىكى قىزىل قان دانچىلىرى مىقدارى ئەنئەنىۋى ئىنسانلارنىڭكىدىن تۈۋەن بولۇش،ئېھتىمالغا يىقىن.شۇڭا ئاق كىشىلەر ،تاتىراڭغۇ كىشىلەر نىسبەتەن كۈپ،ئاياللارنىڭ سەمرىپ،ئاقىرىپ كېتىشى يۇقىرىقى سەۋەپتىن كىلىپ چىققان،ئۈرۈمچى كىشىلىرى بەدىنىدە تۈت خىلىت موھىتىدا بەلغەم ماددىسى كۈپىيىپ،قان ۋە سەپرا ماددىسىنىڭ ئۇلغۇيىشىنى توسىدۇ،كىشىلەر گەرچە سەمرىگەندەك قىلسىمۇ،يۈرەك ۋە بۈرەكنىڭ بېسىمى ئېشىپ كىتىدۇ،لىكىن ئومۇمى سالامەتلىك كۈرسەتكۈچى باشقا ۋىلايەت ،ناھىيىلەرنىڭكىدىن ياخشى. |gV$ks\< مېڭىش -تۇرۇشى:ئۈرۈمچىلىكلەر ئادەتتە ئۆزىنى ئاسراپ،ئاۋايلاپ ماڭىدۇ،ناشقا يۇرتلارغا قارىغاندا ئۆزىنى ئەركىن،ئازادە تۇتىدۇ،بەك تېزمۇ ئەمەس،ئاستىمۇ ئەمەس،نۇرمال ماڭىدۇ. blVt:XS{,m كىيىنىشى:ئۈرۈمچى كىشىلىرى كىيىم ئىستىمالىغا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىدۇ،كىيىمنى رەتلىك،يېڭى،پاكىز كىيىشنى ئويلايدۇ،بولۇپمۇ كىيىم رەڭگىنىڭ ماسلىشىشى،يۇقىرى تۈۋەنلىكىنىڭ ماس كىلىشىگە دىققەت قىلىدۇ،خىزمەت،دەم ئېلىش،ئاممىۋى مۇناسىۋەتلەردە سورۇنغا قاراپ كىيىم تاللايدۇ،گالىستۇك تاقاش،كاستىيۇم-بۇرۇلكا كىيىش،خۇرۇم ۋە يوڭ يىپ كىيىملەرگە ئېتىبار بىلەن قاراش ئۈرۈمچى كىشىلىرىنىڭ كىيىم جەھەتتىكى قىممەت قارىشى. 'R-Ly^:Qd يىمەك-ئىچمىكى:ئۈرۈمچىنى ئۇيغۇر يىمەك -ئىچمەك مەدىنىيىتىنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە بىرلىككە كىلىشىنىڭ بۈشۈكى دىيىشكە بولىدۇ،كۆپ خىللىق دىگىنىمىزدە ،ھەر قايسى يۇرت كىشىلىرىنىڭ تاماق جەھەتتىكى ئۈز ئالاھىدىلىگى مەلۇم جەھەتتە ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ،بىرلىككە كىلىش دىگىنىمىزدە ،ئاساسەن ئۈرۈمچىلىكلەرگە ماسلىشىپ بولغان ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يىمەك ئىچمەك مەدىنىيىتىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان تاماق تۈرلىرىنى كۆرسىتىدۇ.مەسىلەن:پولۇ،لەغمەن،كاۋاپ،مانتا،سامسا،سۈت چاي.....قاتارلىقلار بۇ خىل تاماقلار ئائىلىلەردىلا تەييارلىنىپ قالماستىن ،بەلكى بازار شەكىلدە سېتىلىدۇ،كۆپىنچە تاماقلارغا ئەنئەنىۋى ئۇسۇل بويىچە دورا-دەرمان سېلىنىدۇ،ئۆزىنىڭ مىزاجىنى بىلگەن كىشىلەر ئۆزىگە مۇۋاپىق كىلىدىغان تاماق ۋە خۇرۇچلارنى ئىشلىتىدۇ. rd )_*{ قىممەت قارىشى:ئۈرۈمچىلىكلەر موھىت ۋە شەھەرلىشىشىنىڭ تەسىرىدە ئاقۇش،تاتىراڭغۇ ۋە ئەقلى بەدەن ھالىتى تىپىغا كىرىدۇ،جىسمانى كۈچتىن ئەقلى كۈچكە كۆپرەك ئەھمىيەت بىرىدۇ،ئىجدىمائى پائالىيەتلەرگە كۈپرەك قاتنىشىدۇ،ئۇچۇرغا ئەھمىيەت بېرىدۇ،كىتاپ ئوقۇش ۋە ئىلىم ئۆگىنىشكە قىزىقىدۇ،بۇ خىل قىممەت قارىشى كىشىلەرنىڭ پىسخىك ساغلانلىقىغا پايدىلىق. {M_*hR;lL كۈندىلىك موھىم پائالىيەت:خىزمەتكە بېرىش -كىلىش،بازار پائالىيىتىگە قاتنىشىش ،ئەقلى ۋە ئىجدىمائى ئادەم بولۇشقا ئىنتىلىش. x$SxGc~4gb ساغلاملىق كۈرسەتكۈچى:ئۈرۈمچىدە ھۈللۈككە مايىل كىشىلەر ياكى بەدىنىدە ھۆللۈك كۈپرەك ھاسىل بولۇپ قالىدىغان ۋاقىتلار كۆپ،جىسمانى جەھەتتە ھۆللۈكتىن كۈپرەك بولىدىغان كىسەللىكلەردىن ئۆپكە سۇلۇق ئىششىقى،زىققا،كانايچە ياللۇقى،رېماتىزىم،ھەزىم ناچارلىقى،قان كەملىك،كالتىسىي يىتىشمەسلىك،سۆڭەك ئۈسۈپ قىلىش....قاتارلىقلار نىسبەتەن كۈپ. 23(j< كۆپ ئىشلىتىدىغان سۈزلەر:ئېھتىمال،مۇمكىن،ئويلىشىپ باقايلى،ئۆيگە بىرىڭلار،تېلېفۇن قىل،قاچان ئولتۇرىمىز،ئۇنۋانىڭ ھەل بولدىمۇ،ماقالە يازمىساق بولمىدى،ئوھو،بالاڭزا،نەدە..... 0[ BPmO6 Y[R;UJE`5 خوتەن كىشىلىرىنىڭ ئالاھىدىلىگى G u4mP مىزاجى:خوتەننىڭ تۇپرىقى ۋە ھاۋاسىنىڭ نەملىك دەرىجىسى تۈۋەن بولغاچقا خوتەن كىشىلىرنىڭ مىزاجى قورغاقراق بولىدۇ. T?4I\SG خىلىتى:مىزاج ئۆزگىرىشى مەلۇم سانغا يەتكەندە بەدەندە سۈپەت ئۆزگىرىشى _خىلىت ئۆزگىرىشكە ئايلىنىدۇ،خوتەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ بەدەن ساپاسى،مىزاج _خۇلقى،بۇي_تۇرقى،پىكىر قىلىش ئۇسۇلىغا ئاساسلانغاندا ،خوتەنلىكلەرنىڭ خىلىت تەركىبى :سەۋدا،بەلغەم،سەپرا،قان. %7wNS چىراي_شەكلى:خوتەن ئۇيغۇرلىرى ئاق پىشماق،ھال تەنلىك بولۇپ،يۇمىلاق باش،ئوتتۇرا بوي،بۇرنى ئېنچىكە،لېكىن ئېگىز،يۈزى سوقۇچاقراق،چاچلىرى قارا ياكى قارامتۇل،دولقۇنسىمان،ساقال-بۇرۇتلىرى قويۇق،قوي كۆز،قاش -كىرپىكلىرى تولۇق،تەبەسسۇم چىراي كىلىدۇ. RG8Ek"D@ مېڭىش-تۇرۇشى:كۆپىنچە بىر نەرسە ئويلىغاچ يەرگە قاراپ ماڭىدۇ،كۆرۈشكەندە قولىنى كۆكسىگە ئۈلچەملىك ئېلىپ ،سىپايە ۋە رەسمى كۆرۈشىدۇ،ئۇزىغاندا يەنە شۇ تەرىزدە خوشلىشىدۇ،قاتناش ۋاستىلىرى كەلگەندە ئالاھىدە دىققەت قىلىدۇ،ئاستا ماڭىدۇ. `Ei:Z%@7C كىيىنىشى:خوتەن ئۇيغۇرلىرى ئىلگىرى كەڭرەك ۋە ئۇزۇنراق كىيىملەرنى كىيىشنى ياخشى كۆرگەن،مىللى كىيىملەردىن دوپپا(چىمەن دوپپا)،تامبال،ياقىلىق كۆڭلەك،ياقىسىز چاپان قاتارلىقلارنى كۆپرەك كىيىدۇ،گۈزەللىككە ئىنتىلىشى ئالاھىدە كۈچلۈك بولۇپ،ئەگەر شارائىتى يار بەرسە،ئېسىل كىيىملەرنى ماسلاشتۇرۇپ كىيىشكە ماھىر. &_o.:SL| يېمەك_ئىچمىكى:خوتەن ئۇيغۇرلىرى تەبىئى يىمەك ئىچمەكلەرگە ئەھمىيەت بېرىدۇ،تاماقنىڭ تەمى ،تەبىئىتى ۋە مەنپەئىتىنى مەخسەتلىك باھالاپ ،ھەر كىم مىزاجىغا ،ئەھۋالىغا قاراپ ،رىئال قاراش ئاساسىدا تەييارلايدۇ،بۇ سەۋدا خىلىتلىق كىشىلەرنىڭ يېمەك -ئىچمەككە بولغان تىپىك قارىشى،خۇتەننىڭ مىۋە- چىۋىسى ،يىمەك- ئىچمىكى ئەلۋەك،شۇڭا خوتەننىڭ تۇزى ئېغىر دىگەن تەمسىل پەيدا بولغان،خوتەندە بۇغداي،كۆنجۈت،قوناق،چامغۇر،سەۋزە قاتارلىق ئەنئەنىۋى زىرائەت ۋە كۆكتاتلار كۆپ يىتىشتۈرىلىدۇ،مېۋىلەردىن ئۈزۈم،ئۆرۈك،ئۈجمە،ئەينۇلا،شاپتۇل،ئالما،ياڭاق قاتارلىقلارنىڭ مەھسۇلات مىقدارىمۇ ئالاھىدە يۇقىرى،بولۇپمۇ «راك كىسەللىكىنىڭ شىپاسى»دەپ ئاتىلىدىغان ئۆرۈك قىقى ۋە «مىۋىلەرنىڭ شاھى»ئاتالغان ياڭاقنىڭ مەھسۇلاتى دۈنياغا مەشھۇر،قىزىلگۈل كۆپ يىتىشتۈرىلىدۇ. j&|>Aa${ ئاساسلىق يىمەك -ئىچمەكلىرىدىن غورا ئاش،لەغمەن،دۇڭلا،گۆشگىردە،سامسا،تاۋا كاۋاپ،پولو،تونۇر كاۋىپى،چامغۇر ئومىچى،زاغرا نان،ھەر خىل گۈلقەنىت،مۈسەللەس قاتارلىقلار بار،يىمەك ئىچمەكتە يۇقىرىقىدەك تەبىئى ئوزوقلۇقلار ئاساس قىلىنغان ھەمدە ھاۋا موھىتى نىسبەتەن ساپ بولغاچقا ،خوتەن ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا ئۇزۇن ئۆمۈر كۈرگۈچىلەر نىسبەتەن كۆپ،شۇڭا بىرلەشكەن دۈلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن «دۈنيادىكى ئۇزۇن ئۈمۈر كۈرگۈچىلەر رايۇنى»دەپ نام بېرىلگەن تۆت رايۇننىڭ بىرى دەل خوتەندۇر. $v\o14 v ئالاھىدىلىك ۋە قىممەت قارىشى:خوتەن ئۇيغۇرلىرى كىشىگە يېقىنلىق ۋە تىنىچلىق تۇيغۇسى بېرىدۇ،سەمىمى ياۋاش كېلىدۇ،ئۈزى قايىل بولغان ۋە ياقتۇرغان كىشىگە سادىق بولىدۇ،سىر ساقلايدۇ،لىكىن تونۇشمىغان كىشىدىن ئېھتىيات قىلىدۇ،ئۆز ئىشىغا پۇختا كىلىدۇ،رومانتىك بولغاچقا ،خوتەندە ئەزەلدىن موھەببەت داستانلىرى ،دىنى رىۋايەتلەر ،تەسىرلىك ۋەقەلەر كەڭ تارقالغان،كىشىلىرى سىرلىق ئىشلارغا قىزىقىدۇ ۋە ئەقىدە قىلىدۇ،ئۆزئىچىدە ئىتتىپاق ۋە مۇلايىم،كەمتەر ،تىرىشچان كىلىدۇ،ئۆتكەن ئىشلاردىن خاتىرە قالدۇرۇشقا ئادەتلەنگەن،ئۇقۇش،ئۆگىنىشكە ،چىدام بىلەن ئىشلەشكە ماھىر بولۇپ،ئۆزىنىڭ ئۆتكۈرلىكى بىلەن پەن-تىخنىكا ۋە سىياسى،ئىجدىمائى ساھەلەردە ئالاھىدە نەتىجە ياراتقان ۋە يارىتالايدۇ،ئاددى-ساددا ياشايدۇ،تىبابەت ئىلمىغا ئەھمىيەت بىرىدۇ،ئۆلىما ۋە ئالىملارنى قەدىرلەيدۇ،كىشىلىك مۇناسىۋەتتە ھەقنى ئېنىق ئايرىيدۇ. -VafN  كۆندىلىك پائالىيىتى:دېھقانچىلىق ئاساسى كەسپ،تىجارەت،خىزمەتتىن باشقا،پەننى ھۈنەر ياكى دىنى بىلىم ئۆگىنىش پائالىيەتلىرىمۇ گەۋدىلىك. grZ?F~P8 ساغلاملىق كۆرسەتكۈچى:خوتەندە تېز قوزغىلىپ ،ئاسان ساقىيىدىغان كىسەللىكلەر نىسبەتەن ئازراق كۈرىلىدۇ،لىكىن سەۋدا بەلغىمىنىڭ كۆيۈشىىدىن بولغان ئېغىر كېسەللىكلەردىن ئۆپكە تۇبۇركۇليۇزى،ئۆسمە،ئاياللار كىسەللىكلىرى كۆپرەك ئۇچرايدۇ. ;a9`z+ K تىل ئادىتى ۋە كۆپ ئىشلىتىلىدىغان سۈزلەر:خوتەن ئۇيغۇرلىرى «ر»ھەرىپىنى ئېغىر تەلەپپۇز قىلىدۇ،«ي»،«غ»ھەرىپىنى كۆپ ئىشلىتىدۇ،كۆپ ئىشلىتىدىغان سۈزلەردىن ئەدەسسىز(سان-ساناقسىز)،ھۆددەس(پەقەتلا)،مالىتىلىماق(ئاقتۇرماق)،بايىلى(بارايلى)،ھەي ياقەي،بېرىغلىخ،ئېتىگلىگ،گۇمان قىلدىم قاتارلىقلار،خوتەن ئۇيغۇرلىرى ناھايىتى ئوبرازلىق سۆزلەيدۇ،ۋەقە ۋە مەسىلىنى بايان قىلغاندا بىر ،ئىككى ئوخشىتىش سۆزى ئىشلىتىدۇ،سۆزلىگەندە قولىنى شىلتىپ ياكى قول ھەركىتى بىلەن سۆزلەشنى ياقتۇرمايدۇ. iZ; y( kNC]q,ljt5 قەشقەر كىشىلىرىنىڭ ئالاھىدىلىگى v[!ZRwk4w3 مىزاجى:قەشقەردە دەريا ۋە ئۆستەڭلەر خوتەننىڭكىدىن كۆپ،قۇرغاقچىلىق خوتەننىڭكىدىن نىسبەتەن تۆۋەن،زىرائەت مېۋە-چىۋە كۆكتاتلارنىڭ تۆت چوڭ ماددا ئىچىدىكى ئوت ۋە ھاۋانىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشى خوتەننىڭكىدىن نىسبەتەن يۇقىرى. M|9=B<6`7 كىشىلەرنىڭ مىزاج تەرتىپى:قۇرۇق ئىسسىق،ھۆل سوغۇق،ھۆل ئىسسىق،قۇرۇق سوغۇق،ئومۇمەن قەشقەر كىشىلىرىدە قۇرۇق ئىسسىق ۋە ھۆل ئىسسىق مىزاج كىشىلەردە بولىدىغان خۇسۇسىيەتلەر گەۋدىلىك. m-AW}1:\f خىلىتى:ئېستىمال خاھىشى،بەدەن سۈپىتى،روھىي ھالىتى ۋە سالامەتلىك ئەھۋالىغا ئاساسلانغاندا ،قەشقەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ خىلىت تەركىبى:سەپرا،قان،بەلغەم،سەۋدا. sV$Zf `X) چىراي-شەكلى:قەشقەر ئۇيغۇرلىرى بەستلىك،ساقال-بۇرۇتلۇق كىلىدۇ،بېشى يۇمىلاق،بۇغداي ئۆڭ،سوقىچاق يۈز،بۇرنى ئوتتۇرا ھال كەڭ،لېكىن ئىگىز،چاچلىرى قارا،قوي كۆزلۈك،ئايرىملىرى قارا كۆز،ئەگمە قاش،تېرىسى قىزغۇچ ۋە سىلىق بولۇپ،ئۇمۇمەن چىرايلىق كىلىدۇ،كۆزى چاقناپ تۇرىدۇ. ~7O.}RP0 مېڭىش -تۇرۇشى:قەشقەر كىشىلىرى ماڭغاندا سۈپىتىنى ساقلاپ ماڭىدۇ،ئەتراپقا نەزەر سالغاچ ماڭىدۇ،كۈرۈشكەندە قولىنى چىڭ سىقىپ كۈرىشىدۇ،ئاياللىرى يۈزىنى يۈزىگە تەككۈزۈپ كۈرۈشىدۇ. >>R,P Ow- كىيىنىشى:قەشقەر ئۇيغۇرلىرى كىيىمنىڭ ئۈز سالاھىيىتىنى ئىپادىلىشىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىدۇ،كىيىملىرىنىڭ زاپاس بولىشىنى تەكىتلەيدۇ،ئىلگىرى يەكتەك ۋە ئەتلەس كىيىم ئاساسى ئوروندا تۇراتتى،ھازىر يىڭى ۋە زامانىۋى كىيىملەر ئومۇملاشماقتا. 4fgYO] يېمەك-ئىچمىكى:يېمەك-ئىچمەك جەھەتتىن قەشقەر ئاساسى ئوروندا تۇرىدۇ دىيىشكە بولىدۇ،تاماق تۈرلىرى،مىۋە تۈرلىرى،كۆكتات خىللىرىدىن ھەممىسىنى دىگۈدەك تاپقىلى بولىدۇ،ئاساسى تاماقلاردىن پولۇ،كاۋاپ،قاتلىما،ئۈگرە،نارىن چۈپ،پەرمۇدە،ھورنان....قاتارلىقلار،كۆكتاتلاردىن سەۋزە،چامغور،تەرخەمەك،قىزىلمۇچ قاتارلىقلار كۆپ ئىشلىتىلىدۇ،مېۋىلەردىن ئەنجۈر،ئانار،ئەينولا،ئۈجمە،شاپتول،ئۈزۈم قاتارلىقلار،چاي ئىچىش قەشقەردە ئومۇملاشقان،ئەنئەنىۋى يىمەكلىكلەر كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئاساسى ئورۇندا تۇرىدۇ. D\ kd6 قىممەت قارىشى:قەشقەر ئۇيغۇرلىرى ئەمەلى قىممەتكە ئەھمىيەت بېرىدۇ،مەنپەئەت ۋە ھىساباتنى ھاياتلىق ئەندىزىسى دپ قارايدۇ،سەلتەنەت ۋە ئابروي چۈشەنچىسى چوڭقۇر،سالاپەتلىك يۈرۈشنى ياخشى كۈرىدۇ،گىرىمگە ئەھمىيەت بىرىدۇ،ئۆلىما ۋە ھۈنەرۋەن كىشىلەرگە ئامراق،بۆسۈپ چىقىشنى ياخشى كۈرىدۇ،قول ھۈنەرۋەنچىلىك،تىجارەت ئىشلىرىغا مايىل ،باشقا يۇرتقا بېرىپ پۇل تېپىپ ياخشى ياشىيالايدۇ،ئۈزىنى باشقىلاردىن ئەقىللىق ھىساپلايدۇ،جانلىق،پائالىيەتچان بولۇپ،سۆزدە ماھىر،ئەمەلى ھەركەتنى ئويلاپ ھىساپ قىلىدۇ،باشقىلارنى ئىشقا سېلىشقا ماھىر،باشقىلارنىڭ ئاجىز تەرىپىدىن پايدىلىنىشقا ماھىر،ئەدەبىيات-سەنئەت ئىشلىرىدا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ،ئەنئەنىۋى قىممەت قارىشىدا چىڭ تۇرىدۇ،لىكىن ھەشەمەت ۋە شۆھرەتپەرەسلىككە بېرىلىدۇ. ?8TIPz J كۆندىلىك پائالىيىتى:دىھقانچىلىق،تىجارەت،سودا-سانائەت،خىزمەتكە بېرىش-كىلىش،ئۈلپەتداشلىق. p8|u0/;k سالامەتلىك كۈرسەتكۈچى:ئەتىيازدا ھەر خىل جىسمانى كىسەللىكلەر ئاسان قوزغىلىدۇ،قان بېسىمى،بۆرەكتە تاش پەيدا بولۇش،تېرە كىسەللىكلىرى ۋە ھەزىم ئەزالىرىغا ئائىت كىسەللىكلەر نىسبەتەن كۈپ كۈرىلىدۇ. 1qN+AT كۆپ ئىشلىتىلىدىغان سۈزلەر:سۆزنى دانە-دانە ۋەزىنلىك قىلىدۇ،باشقىلارنى ئاسان قايىل قىلىدۇ،گەپكە ماھىر،سۈزى ئۆتكۈر ۋە ئوخشىتىش ۋاستىلىرىگە تولغان بولىدۇ،كۆپ ئىشلىتىدىغان سۈزلەردىن، تىژلىقمۇ،ئوبدانمۇ،سىلى،قايلاڭلا ،ھاجىم،قارىم،بەلەنمۇ يا،نىمە دەيلا،ماڭەۋە ئاداش،خۇدايىم بۇيرىسا. (GB*+@ ~=i كۈندىلىك موھىم پائالىيىتى:دېھقانچىلىق،سودا -سىتىق،ھۈنەرۋەنلىك ۋە باشقا پائالىيەتلەر. ^|ul3_'? ساغلاملىق كۆرسەتكۈچى:ئاقسۇ ئۇيغۇرلىرىدا پىسخىك توسالغۇ كۆپرەك ئۇچرايدۇ،ئۆپكە،يۈرەك،قو-پۇت ھەمدە تېرە كىسەللىكلىرى نىسبەتەن كۆپ ئۇچرايدۇ. Hl=M{)q@  تىل ئادىتى ۋە كۆپ ئىشلىتىدىغان سۆزلىرى:ھەر بىر سوئاللىق ئاياقلاشقان پېئىلنىڭ ئاخىرىغا «يا»قوشۇلىدۇ،بېرىپ،قىلىپ،ئېيتىپ .....قاتارلىق سۆزلەردە چۇقۇم «ي»ھەرپى پېئىلىنىڭ ئاخىرقى ھەرپىنىڭ ئالدىغا «يىرىم ھەرپ»شەكلىدە قوشۇلىدۇ،مەسىلەن:قىيلىپ(قىلىپ) قاتارلىقلار،بىر-بىرىنى سىلى،ئۆزلىرى دەپ ئاتىشىدۇ. s(cC ; كۆپ ئىشلىتىدىغان سۆزلىرى:قارى،بارسىلا(بېرىشسىلا)،كەتكىيلا(كىتىۋەرسىلا)...قاتارلىقلار. k`NXYf: Tno 0Q + كورلا كىشىلىرىنىڭ ئالاھىدىلىگى 8]&\FA8 مىزاجى:قۇرۇق سوغۇق،قۇرۇق ئىسسىق،ھۆل سوغۇق،ھۆل ئىسسىق دېگەن تەرتىپ بويىچە تىزىش مۇمكىن. /dwj:g0y خىلىتى:خىلىت ئېتىبارىدىن كورلا كىشىلىرىنى سەۋدا،سەپرا،بەلغەم،قان دىگەن تەرتىپ بۇيىچە تىزىشقا بولىدۇ. SY$%)(c8kL چىراي-شەكلى:سارغۇچ ئۆڭلۈك،بىشى يۇمىلاقراق،بويى ئوتتۇرا ھال،يۈزىنىڭ سۈڭىكى چوڭراق،بۇرنى قىلىنراق،يۈزى كەڭ،چاچلىرى تۈز ھەم قويۇق،كۆز قارىچۇقى قارا،قاپىقى تار ئەمما قىلىنراق،ساقال-بۇرۇتلىرى ئوتتۇرا ھال بولىدۇ. كۈندىلىك موھىم پائالىيىتى:دېھقانچىلىق،قول-ھۈنەر،ئۈزۈمچىلىك ،سودا-سىتىق،خىزمەت قاتارلىقلار. Y6m:d&p=} ساغلاملىق كۆرسەتكۈچى:جىسمانى كېسەللەردىن سۆڭەك،تېرە،چاچ،ئۈپكە،ئۈچەي كېسەللىكلىرى كۆپرەك،روھى ۋە پىسخىك توسالغۇدىن بولىدىغان كىسەللىكلەرمۇ ئاز ئۇچرايدۇ. +#9 4 X)* تىل ئادىتى ۋە كۆپ ئىشلىتىدىغان سۆزلىرى:تۇرپان شېۋىسىدە كونا تۈركي ئاتالغۇلار كۆپرەك،ئادەتتە «ر»تاۋۇشى ئىلىنىدۇ،بەزى سۈزلەردىكى «ۋ»تاۋۇشى «گ»غا ئۆزگىرىپ قالىدۇ،بوغوملار ئىمكانقەدەر ئازايتىلىدۇ،مەسىلەن:باردۇ(بارىدۇ)،يېت باغان(يېتىپ بارغان) قاتارلىقلار،كۆپ ئىشلىتىدىغان سۆزلەردىن نەۋارىسەن(نەگە بارىسەن)،دۇرۇس،كىلىش،كېپىش،ئاتا،ئايلا،داباي(ئاپاي)،دايەر(ئاۋۇ يەر)،دەنە(ئەنە)،مايناق(مۇشۇنداق)،قارىنا(قارىغىنە) قاتارلىقلار،تۇرپان ئۇيغۇرلىرى بىرەر ئىش-ۋەقەلەرنى بايان قىلغانداناھايىتى ئىخچاملاپ سۆزلەيدۇ،شۇڭا جۈملىنى ئىخچاملاش،سۆز يىغىش توغرا كەلسە،تۇرپان شىۋىسىدىن پايدىلىنىش مۇمكىن. قۇمۇل كىشىلىرىنىڭ ئالاھىدىلىگى مىزاجى:يېمەك-ئىچمەك ۋە موھىت تەسىرىدە بۇ يۇرت خەلقى ئارىسىدا قۇرۇق سوغۇق مىزاجلىق كىشىلەر كۆپرەك.خىلىتى:قۇمۇل خەلقىنىڭ تەن ۋە روھى ئالاھىدىلىگىگە ئاساسەن ئۇلارنىڭ خىلىت تەرتىپىنى مۇنداق تىزىش مۇمكىن:سەۋدا،بەلغەم،سەپرا،قان.  چىراي شەكلى:ئاقپىشماق،سەل-پەل بۇغداي ئۆڭلۈك ،ئوتتۇرا ئېگىز بوي،پېشانىسى تارراق،قوي كۆز،يۇقىرى قاپىقىنىڭقېتى چوڭ،بۇرنى ۋە ياڭاق سۆڭىكى كەڭرەك كېلىدۇ. مېڭىش-تۇرۇشى:سىلىق-سىپايە،ئوتتۇرا ھال ماڭىدۇ،ئۆز ئارا ئىززەت -ئېكرام بىلەن كۈرۈشىدۇ. كىيىنىشى:ئاددىي-ساددا ،سىپتا بولۇشنى تەكىتلەيدۇ،يىپ ۋە پاختىدا تىكىلگەن كىيىملەرنى ياقتۇرىدۇ،كۆپىنچە ئۆزلىرى تەييارلاپ كىيىشكە ئادەتلەنگەن. يېمەك -ئىچمىكى:زىرائەتلەردىن بۇغداي،قوناق،پاختا،دادۇر يېتىشتۈرۈلىدۇ، چامغۇر، تۇرۇپ، سەۋزە، يېسىۋىلەك كۆپ تېرىلىدۇ،جىگدە،چىلان ،ئۈجمە،قوغۇن،تاۋۇز،ئۈزۈم،ئۆرۈك ئۆستۈرىلىدۇ،يىمەك-ئىچمەكتە تەبىئى يىمەكلىكلەرنى ۋە قەدىمكى تاماقلارنى ئاساس قىلىدۇ،سۇيۇقئاش،ئۇماچ،يارما ئاش،ياپما،لەغمەن،مانتا،چۆچۈرە،ھورنان قاتارلىقلار قۇمۇل خەلقىنىڭ ئاساسلىق تامىقى ھېساپلىنىدۇ. قىممەت قارىشى:ئۇلار كەمتەر ،خۇش پېئىل،سىلىق-سىپايە،ئۆم-ئىناق،سەنئەتخۇمار كېلىدۇ،ئۆز ئىچىدە خۇددى تۇغقانلاردەك ئۆتىدۇ،ئۇرۇقداشلىق ۋە يۇقىرى-تۆۋەن،ياش-قېرىلىق تەرتىپىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ،تۈز ،ساددا ،كۆيۈمچان كىلىدۇ،ھەق-ناھەق قارىشى كۆچلۈك،تەرجىمە،پەن-تىخنىكا ۋە ھەربى ساھەلەردە ئالاھىدىلىگىنى ئىپادىلەيدۇ،سودا ئىشلىرىغا ئانچە بېرىلمەيدۇ. ساغلاملىق كۆرسەتكۈچى:تېرە ،سۆڭەك كىسەللىكلىرى نىسبەتەن كۆپ ،يەنە روھىي،پىسخىك ئامىللارغا مۇناسىۋەتلىك ئالامەتلەرمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ. كۆپ ئىشلىتىدىغان سۆزلىرى:ئۆزلىرى،نېمە قىيلا(نېمە قىلىۋاتىدىلا)،جىم تۇرسۇنا(جىم تۇرۇڭ)،بارايلىڭ(بارايلى)،يىنە(يەنە) قاتارلىقلار،ئۇلار سۆزنى تېزراق قىلىدۇ. ئىلى كىشىلىرىنىڭ ئالاھىدىلىگى مىزاجى:ئىلىلىقلارنىڭ مىزاجىنى ھۆل ئىسسىق،ھۆل سوغۇق،قۇرۇق ئىسسىق،قۇرۇق سوغۇق دەپ ئايرىش مۇمكىن. خىلىتى:ئۇلارنىڭ تەن ساپاسى،پىسخىك ئالاھىدىلىگى ۋە باشقا ئالاھىدىلىكلىرىگە ئاساسەن ئۇلارنىڭ بەدەن خىلىتىنى مۇنداق رەتكە تۇرغۇزۇش مومكىن،قان،بەلغەم،سەپرا،سەۋدا. چىراي-شەكلى:ئۇلارنىڭ تېرىسى بۇغداي ئۆڭ،قاڭشىرى قېلىن،كۆزلىرى نۇرلۇق كىلىدۇ،يىقىنقى 20 يىلدىن بېرىكى يىڭى ئىلىلىقلاردا قەشقەر،ئاتۇش،خوتەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ قىياپەت خارەكتىرى گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدۇ. مېڭىش-تۇرۇشى:سالماق،سۈپەتلىك مېڭىشنى ياخشى كۆرىدۇ،قىزغىن ۋە يۇمۇرلۇق كۆرۈشىدۇ،ھەركىتى قىزىقارلىق. كىيىنىشى:ئىلىلىقلار كاستىيۇم-بۇرۇلكا،پەلتۇ كىيىشنى ياخشى كۆرىدۇ،شەپكە ۋە شىلەپە قاتارلىق باش كىيىملىرى،دوپپا بىلەن بىللە ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ قىياپەت بەلگىسى بولۇپ قالغان كانىۋاي كۆڭلەكمۇ كۆپ ئومۇملاشقان،كەمزول،خۇرۇم بەلۋاغ،ئۆتۈك قاتارلىقلارمۇ ئومۇملاشقان. _ يېمەك-ئىچمىكى:بوغداي،شال قاتارلىق زىرائەتلار،ئالما،شاپتۇل،قوغۇن،تاۋۇز قاتارلىق مېۋە-چىۋىلەر،سەۋزە،تۇرۇپ،ئاق يىسىۋىلەك قاتارلىق كۆكتاتلار كۆپ ئۆستۈرىلىدۇ ۋە ئىستىمال قىلىنىدۇ،ئاساسى تاماقلىرى پولو،نارىن،لەغمەن،سۇيۇقئاش قاتارلىقلار بولۇپ،ئەتكەن چاي ئىچىشكە ئادەتلەنگەن. 841y قىممەت قارىشى :ئىلىنىڭ ھاۋاسى ساپ،يېمەك-ئىچمىكى نىسبەتەن يۇقىرى،سۈيى ئەلۋەك بولۇپ،كىشىلىرى تۇرمۇشتا رەتلىك ،تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىدۇ،مېۋە-چېۋىگە ئامراق،ئۇلار ئەمگەكچان ،باتۇر،روھلۇق،خۇشچاقچاق،يۇمۇرلۇق كېلىدۇ،تىجارەتكە ماھىر،چاققان،ئۇچۇرغا سەزگۈر،تەۋەككۈلچىلىك ئارزوسى كۈچلۈك،ناخشا-ساز،مەدەنىيەت ۋە ئىجدىمائى ئىشلارغا مايىل كېلىدۇ،ھەر بىر ئىش ھالقىسىنى ۋە پۈرسەتنى چىڭ تۇتىدۇ،ئۆزىگە يارىغان ئىشنى قىلىۋىرىدۇ. كۈندىلىك موھىم پائالىيىتى:دىھقانچىلىق،سودا-تىجارەت،قول ھۈنەرۋەنچىلىك قاتارلىقلار،ئىلىدا مەشرەپ،ئولتۇرۇش پائالىيەتلىرى بىر قەدەر كۆپ. ساغلاملىق كۆرسەتكۈچى:تېرە كىسەللىكلىرى گەۋدىلىك،ئۇنىڭدىن باشقا ئاياللار كىسەللىكلىرى،تاناسىل ئەزا كېسەللىكلىرى ھەمدە ئۆپكە كېسەللىكلىرى نىسبەتەن كۆپ يۈز بىرىدۇ. 9} تىل ئادىتى ۋە كۆپ ئىشلىتىدىغان سۆزلەر:ئىلىلىقلار كۆپىنچە سەنلەپ سۆزلەيدۇ،سوئال جۈملە ئاخىرىغا »ۋۇي«،سۆزنىڭ ئاخىرىغا »ئىنە،گىنە،سەن،غۇ«قاتارلىق قوشۇنچىسى قوشۇلىدۇ، «ئا» ھەرپى قاتتىق تەلەپپۇز قىلىنىدۇ،پېئىلنىڭ ئاخىرىغا «نى»قوشۇمچىسى قوشۇلىدۇ،كۆپ ئىشلىتىدىغان سۆزلەر ،تۇرغىنى(تۇرغىلى)،ئۇرغىنى(ئۇرغىلى)،تارتقىنى(تارتقىلى)،قەيەردىن سورايمىز سېنى،قانداق ئەھۋالىڭ ھوي،قىلارە،ئىتارە،گىدىككىنە،ۋاچچىدە،تولا،يېڭىياچى،مۇغەمبەر،بوممامسەن(بولمامسەن)...قاتارلىقلار.