• 2008-12-03

    داڭلىق بىلىيارد ماھىرىمىز -قاسىمجان تۇرسۇن

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم قېرىنداشلىرىم ، سالامەتمۇسىلەر.....مۇنبەرگە تېزىملىتىپ كىرگىلىمۇ نەچچە كۈن بۇلۇپ قاپتۇ، بۈگۈن تۇنجى تېمامدا كۆپچىلىككە تۇنۇشلۇق بۇلسۇن ۋە ياكى يات بۇلسۇن ، ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ ئىچىدىن چىققان تۇنجى بىلىيارد ماھىرى قاسىمجان ئاكىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتمەكچى . بۇ قېرىندىشىمىز كېىچىكىدىن بىلىياردقا ئېشتىياق باغلاپ ، ئاخىرغىچە بەرداشلىق بېرىپ ، مەملىكىتىمىزگە ، ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزغا چۇڭ كىچىك ئۇخشاش بۇلمىغان دەرىجىدە نەتىجىلەرنى يارىتىپ كەلدى ............ قاسىم تۇرسۇن : ئەر، ئۇيغۇر، بۇيىنىڭ ئېگىزلىكى 1.73، 1974-يىلى2-ئاينىڭ15-كۈنى شېنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ خۇتەن ۋىلايىتىنىڭ لۇپ ناھىيىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ بىلىيارد ھاياتى 1987-يىلى 13 يېشىدا باشلانغان. 1992-يىلى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن چۇڭ مۇكاپاتلىق بىلىيارد مۇسابىقىسىدە ئىككىنجى بۇلغان، شۇنىڭدىن كېيىن بىلىياردقا بۇلغان مۇھەببىتى كۈنسېىرى ئاشقان، سەۋىيىسىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش ئۈچۈن 1993-يىلى بېيجىڭغا كىلىپ، كەسپىي بىلىيارد تەنھەركەت ھاياتىنى باشلىۋەتكەن.1995-يىلى گۇاڭجۇغا كىلىپ بىر يىل ماھارەت ئۆگەنگەن ھەمدە بىلىيارد ‹جىڭيىڭ › مۇسابىقىسغا قاتىنىشپ ئىككىنجى بۇلغان. كېيىن بېيجىڭ ‹ شېڭۋىي › تەنتەربىيە بۇيۇملىرى مەسئۇلىيەت چەكلىك شېركىتىنىڭ ئېتىبارىغا ئېرىشىپ ، تۇختاملاشقان تەنھەرىكەتچى بۇلغان ‹ 1996-يىلى1-ئايدىن ــ1997-يىلى1-ئايغىچە › 1997-يىلى تۇختام ۋاقتى تۇشۇپ، كەينىدىن يەنە ئۈچ يىل تۇختام تۈزگەن. مەشىق جەريانىدا بىر كالتەك بىلەن 147 يەنى تۇلۇق نۇمۇرنى ئالغان. 1998-يىلى مۇسابىقىدە ئەڭ يۇقىرى نۇمۇر 136 نۇمۇر ئالغان. 1993-يىلىدىن ھازىرغىچە مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا نۇقتىلىق چۇڭ مۇسابىقىلەردە تۆۋەندىكى نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن: 1994-يىلى شەنشى تەييۈەندە ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەت شەھەرلەر تەكلىپ مۇسابىقىسىدە چىمپىيۇنلۇققا ئېرىشكەن. 1994-يىلى خېبىي شىجاجۇاڭدا ئۈتكۈزۈلگەن ‹رېچىڭ › لۇڭقىسى تەكلىپ مۇسابقىسىدە چېمپىيۇنلۇققا ئېرىشكەن. 1994-يىلى فۇجىيەن فۇجۇدا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك ‹جېڭيىڭ › مۇسابىقىسدە ئىككىنجى بۇلغان. 1995-يىلى گۇاڭدۇڭ گۇاڭجۇۋدا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك يېڭىدىن بايقانلغان مۇنەۋۋەر شەخىسلەر مۇسابىقىسدە چېمپىيۇن بۇلغان. 1995-يىلى گۇاڭدۇڭ گۇاڭجۇۋدا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك تەكلىپ مۇسابىقىسدە چېمپىيۇنلۇققا ئېرىشكەن . 1995-يىلى گۇاڭدۇڭ دۇڭگۇەندا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك جەڭ ئېلان قىلىش مۇسابىقىسىدە ئىككىنجى بۇلغان. 1995-يىلى گۇاڭدۇڭ گۇاڭجۇدا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك ‹مىيەن بىياۋ › مۇسابىقىسىدە ئىككىنجى بۇلغان. 1997-يىلى ئەرەب خەلىپىلىكى دۆبەيدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا ‹ مىيەن بىياۋ› مۇسابىقىسدە16 كۈچلۈكنىڭ ئارىسىغا كىرگەن. 1997-يىلى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك قالدۇق نۇمۇر مۇسابىقىسىدە بىر قېتىمدىلا ئەڭ يۇقىرى نۇمۇر 129 نۇمۇر ئالغان. 1997-يىلى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ‹ چۇاڭشىن › لۇڭقىسى خەلىقئارا ‹ جىڭيىڭ › بىلىيارد مۇسابىقىسىدە ئۈچىنجى بۇلغان. 1997-يىلى ۋۇخەندە ئۆتكۈزۈلگەن ‹ بىياۋلى › لۇڭقىسى قالدۇق نۇمۇر مۇسابىقىسىدا ئىككىنجى بۇلغان . 1997-يىلى گۇاڭجۇۋ لەيلى خەلىقئاراتەكلىپ مۇسابىقىسىدە بىر ئۇرۇشى بىلەن ئەڭ يۇقىرى 128 نۇمۇر ئالغان. 1997-يىلى شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك ئېنتىگرال مۇسابىقىسىدە چېمپىيۇن بۇلغان. 1997-يىلى خەينەن خەيكۇۋدا ئۆتكۈزۈلگەن ‹جېڭيىڭ › مۇسابىقىسىدە چېمپىيۇن بۇلغان. 1998-يىلى سەنشى شىئەندە ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك ‹جىڭيىڭ › مۇسابىقىسىدە ئىككىنجى بۇلغان. 1998-يىلى پاكىستان دۇنيا كەسپىي مۇسابىقىسى ئاسىيا رايۇنىنىڭ ئالدىنقى تۆتىنجىسى بۇلۇپ تاللانغان. 1998-يىلى ئەنگىلىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن كەسپىي بىلىيارد مۇسابىقىسىدە 96 كۈچلۈك قاتارىغا كىرگەن. 1996-يىلى مەملىكەتتىكى دەرىجىسى ئۈچىنجى . 1997-يىلى مەملىكەتلىك جىڭيىڭ مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيۇنى بۇلغان. 1998-يىلى مەملىكەتتىكى دەرىجىسى سەككىزىنجى. 1998 –يىلى شېنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق بىلياردچىلار جەمئىيىتىنىڭ كاتىپى ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك بىلىياردچىلا جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قاتالىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 2000-يىلى دۇنيا كەسپىي بىلىياردچىلارقىتئە ئارىلاش مۇسابىقىسىىدە ئىككىنجى بۇلغان.



    评论

  • ھەي بۇرادەر ، رەسىمىنى چىقارسىڭىز بولمامدۇ ؟