• 2008-11-28

    پاھىشە قىز ۋە ئوغرى يىگىت

    پاھىشە قىز ۋە ئوغرى يىگىت (تور پوۋىستى ) ئاپتۇرى : ئەزىز ئىمىر يانغىن ئادەم ھاياتىدا نۇرغۇن قىسمەتلەرگە ،پاجىئەلەرگە يۇلۇقۇپ تۇرىدىكەن ....ھاياتىدا بىر قەدەمنى خاتا ئېلىپلا قويىدىكەن ،پۇشايمان قىلىپمۇ ئورنىنى تولدۇرۇپ بۇلالمايدىكەن ... ھېلىمۇ ئىسىمدە ، مەرھۇم ئانام كۆز يېشى قىلىپ تۇرۇپ : __ ئوبدان ئوغلۇم ، ياخشى ئوقۇغىن ،يامان ئىشلاردىن ، يامان ئادەتلەردىن ئۆزەڭنى يىراق تۇتقىن ، مىنىڭ روھىم سىنى كۈرۈپ تۇرىدۇ ، ئەگەر مىنىڭ ئارزۇيىمدىكىدەك ياخشى ئۇقۇمايدىغان بولساڭ ....>_دەل شۇ گەپنى قىلىۋاتقاندا تۇيۇقسىز قاتتىق يۆتەل تۇتۇپ كىتىپ ،گىپىنىڭ ئاخىرىنىمۇ دىيەلمەستىن بىزدىن يەنى بىردىنبىر پەرزەنتى بولغان مەندىن مەڭگۈلۈك ئايرىلغان ئىدى . ئانامدىن ئايرىلىپ قالغان شۇ كۈنى بىر كېچە يىغلاپ چىققان ئىدىم ، ئۇلۇغ ئاللاھدىن بۇ ئىشلارنىڭ چۈشۈم بۇلۇپ قېلىشنى ،ئانامنى ماڭا قايتۇرۇپ بىرىشىنى ئۆتۈنگەن ئىدىم ، لىكىن ھەممە ئىشلارنى تىلەپ قايتۇرۇپ كەلگىلى ، ۋۇجۇتقا چىقارغىلى بولمايدىكەن . شۇنداق قىلىپ مىنىڭ بىردىنبىر يۆلەنچۈكۈم بولغان ، قىلىمەن دىگەن ئىشىمنى قىلىپ دادام يوقلىقىنى بىلدۈرمەسلىك ئۈچۈن(ئاپامنىڭ ئېيتىپ بىرىشىچە دادام مەن تۇغۇلۇپ بىر ياشقا كىرگەندە قاتناش ھادىسىسى تۈپەيلىدىن تۈگەپ كەتكەن ئىكەن ) ،مىنى ئەركە چوڭ قىلىپ قويغان مىھرىبان ئانامدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلدىم ... ئانامدىن ئايرىلىش ماڭا چوڭ زەربە بولدى .گەرچەگۈلزىرە ھەدەم ( ئاپامنىڭ سىڭلىسى )مىنى بېقىۋىلىپ ،كۈيۈنگەن بولسىمۇ يەنىلا ئانامدەك قىلىپ بۇلالمايتتى ،ھەم قىلالمايتتى . مەن ئۇقۇشتىن توختاپ قالدىم ، ھەم ئۇقۇغىنىمنىڭمۇ پايدىسى يوق ئىدى ، گۈلزىرە ھەدەم مىڭ قىلسىمۇ مىنى ئاخىرغىچە ئۇقۇتۇپ بۇلالمايتتى .ئۇنىڭ يەنە مەندىن باشقا ئىككى بالىسى بار ئىدى .مەن دەل شۇ ۋاقىتتا 14ياشقا كىرگەن ئىدىم ، دەل 14ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنۈم مىنى جەمئىيەتتىن ئىبارەت چوڭ مەكتەپ ئۆز قوينىغا ئالدى .ئالدىمدا نۇرغۇن قىسمەتلەر مىنى كۈتۈپ تۇرىۋاتاتتى .... ئۇزۇن ئۆتمەي جەمئىيەتتىكى بالىلار بىلەن تۇنۇشۇپمۇ قالدىم .ئۇلار باشتا ماڭا ناھايىتى ياخشى مۇئامىلە قىلدى .مەن بىلمەيدىغان نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگەتتى . ئۇلاردىن تۇنجى ئالغان تەربىيەم تاماكا چىكىش بولدى .كىيىن بارا _بارا ھاراق ئىچىشنىمۇ ئۆگىنىۋالدىم . ئەگەردە ھاراق ئىچىپ قالغان ۋاقىتلىرىم بولسا ئۆيگە قايتمايتتىم ، گۈلزىرە ھەدەمنى ناھايىتى ھۆرمەتلەيتىم ،ئۇنىڭ ماڭا ئۆچ بۇلۇپ كىتىشىدىن ، ماڭا قارىماسلىقىدىن قورقاتتىم . ھەي ! قورققان ئىش ئاخىرى يۈز بەردى .بىركۈنى بىرقانچە دوستلىرىم بىلەن ئولتۇرۇپ قېلىپ ،باشقىلارنىڭ زورلاشلىرى بىلەن ھاراقنى بەك كۆپ ئىچىپ ساپتىمەن .شۇ تۇرقۇم بىلەن ئۆيگە يىتىپ كىلىپ ئەمدى ياتاق ئۆيۈمگە كىرەي دەپ تۇرىشىمغا ،ئارقامدىن گۈلزىرە ھەدەم پەيدا بولدى . __مۇرات ، قېشىمغا كىلە ! >_مەن ئاستا قېشىغا باردىم . __ھۇي ئادەم بولمايدىغان ،كىچىككىنە تۇرۇپ ئىشەك سۈيدۈكى ئىچىپ ئۆيگە كەلگۈدەك بولدۇڭما ؟؟ ئىست ،ساڭا كۈيۈنۈپ قىلىپ كەتكەنلىرىم ، ئاناڭنىڭ ئەجرى !!! ئۆزەڭمۇ كىچىگىڭدىن شۇم پىشانە بالا ئىدىڭ ، سەن تۇغۇلۇپ بىر ياشقا كىرمەي داداڭ تۈگەپ كەتتى .مانا ئاناڭمۇ كىتىپ قالدى ،ھۇي ! ئادەم بولمايدىغان شۇم ...ئىست ،سەندەك شورپىشانە گۇينى باققىچە نەگە بارساڭ بار دەپ ھايدىۋەتكەن بولسامچۇ ؟؟ ۋاي ئىست ،ۋاي ئىسىت ... گۈلزىرە ھەدەم توختايدىغاندەك ئەمەس ئىدى ، ئۇنىڭ توختىماستىن شۇم ، شور پىشانە دەپ تىللاشلىرىغا بەرداشلىق بىرەلمىدىم ،ئاخىر قانداق ئاغزىمدىن چىقىپ كەتكەنلىكىنى بىلمەيمەن ، _ ئاغزىڭنى يۇم ! بۇندىن كىيىن بۇ سېسىق ئۆيۈڭدە ئىككىنچى تۇرمايمەن ، دەپ سالدىم . __نىمە ؟؟ تېخى ماڭا گەپ ياندۇرغىدەك بولدۇڭمۇ ؟؟ ھۇ ھايۋان ، كونىلار بىكار ئېيتماپتىكەن :<<ئادەم بالىسى باقساڭ ئاغزى -بۇرنىڭنى قان ئىتەر ، ھايۋان بالىسى باقساڭ ،ئاغزى -بۇرنىڭنى ياغ ئىتەر >>،دەپ ...ھۇي دوزىخى ! ...>_گۈلزىرە ھەدەم شۇ دىگىنچە تېخىمۇ ئەزۋەيلەپ ،قۇلىغا قانداق چىقىپ قالدىكىن ،يوغان توم كۆسەي بىلەن ئۇدۇل كەلگەن يەرلىرىمگە ئۇرۇشقا باشلىدى .... ئېسىمنى بىلىپ تا ھازىرغىچە ئانامنىڭ مىنى بىر تەستەك سالغىنى بىلمەيمەن ، گۈلزىرە ھەدەمنىڭ بۇ ئۇرۇشى ماڭا ناھايىتى ئېغىر كەلدى . ئاخىرى چىداپ بۇلالماي گۈلزىرە ھەدەمنىڭ قۇلىنى چىڭ تۇتىۋالدىم .ھەم : __ھۇي ،رەسۋا ! بۇندىن كىيىن ئىككىنچى ئۆيۈڭگە كەلمەيمەن ،دەپ يۈگۈرگىنىمچە قېچىپ ئۈزۈمنى سىرتقا ئاتتىم . يۈگۈرەتتىم ، توختىماستى يۈگۈرەتتىم ...ئۈزۈمنىڭ نەگە بېرىپ نەدە توختايدىغانلىقىمنىمۇ بىلمەيتىم ، ئانامنىڭ سىماسى كۆز ئالدىمدا پەيدا بۇلاتتى .كۆز ياشلىرىم ھېچ توختايدىغاندەك ئەمەس ئىدى ، ھاياتىمدىكى تۇنجى قەدىمنى بېسىش ئالدىدا تۇراتتىم ، ھازىر بولسا شۇ قىلغانلىرىمغا پۇشايمان قىلماقتىمەن ، شۇ بىر قەدەم مىنى ئۆزەممۇ ئويلاپ باقمىغان قىسمەتلەرگە دۇچار قىلدى ...... ***** شۇ يۈگۈرگىنىمچە ئانامنىڭ تۇپراق بېشىغا يىتىپ كەپتىمەن ... __جېنىم ئانا ! مىنى يالغۇز تاشلاپ قويغىچە مىنىمۇ بىرگە ئېلىپ كەتسىڭىز بولماسمىدى . مىنى نىمىشقىمۇ مۇشۇنداق شور پىشانە تۇغۇپ قويغان بولغىيتىڭىز ، مىنى تۇغمىغانلا بولسىڭىز بولماسمىدى .... ئانامنىڭ قەبرىسىنى چىڭ قۇچاقلاپ ئاۋازىمنى بۇلۇشىغىچە چىقىرىپ يىغلايتتىم ...ئۆزەمنىڭ بۇ دۇنياغا تۇغۇلۇپ قالغىنىمغا زارلىناتتىم .. قانچىلىك يىغلىغىنىمنى ، قەبرە ئالدىدا قانچىلىك ئولتۇرغىنىمنى بىلمەيمەن ، بىر چاغدا قارىسام پۈتۈن ئەتراپ قاپقارا لىباستىن تون كەيگەن بۇلۇپ بەكمۇ سۈرلۈك ئىدى ، خۇددى قاپقارا بىر قول ماڭا ئاستا _ئاستا يېقىنلاپ كەلگەندەك بۇلۇپ ،مىنى سۈر بېسىشقا ، قورقۇشقا باشلىدىم . ئۆزەممۇ بىلمەيمەن ، ئورنۇمدىن تۇردۇم _دە ، پۈتۈن كۈچۈم بىلەن يۈگۈرۈشكە باشلىدىم ، ئارقامدىن بىر نەرسە مىنى قوغلاۋاتقاندەك بىلىنەتتى ... __ھوي ،مۇراتقۇ سەن ، نىمە بۇنداق يۈگۈرەيسەن ؟ تۇيۇقسىز ئاڭلانغان ئاۋازدىن چۆچۈپ ئارقامغا قارىسام مەھەلىمىز دە خېلى يۈز ئابرۇيى بار ، ئىچكىردە سودىگەرچىلىك قىلىدىغان سەمەت لوبەن ئىكەن . __ھە ..ھە..ھېچ نىمە بولمىدى ، _ شۇنداق دەپلا ئۈزەمنى تۇتىۋالالماي ھۆكىرەپ يىغلىۋەتتىم . __ۋوي ما بالىنى ، چوپچوڭ تۇرۇپلا قىزبالىدەك يىغلاپ كەتكىنىنى ، نىمە گەپ بولسا قېنى دىمەمسەن ؟؟ بولدى يىغلىما ! سەمەت لوبەن شۇنداق دەپ مىنى بەزلەشكە باشلىدى .مەن يىغلاپ تۇرۇپ بۈگۈن بولغان بارلىق ئىشلارنى سۆزلەپ بەردىم . __ھە ، مۇشۇنچىلىك ئىشمىتى ، نىمە يىغلايسەن دەيمەن ، سىنى شۇنداق قىلىپ ئۆيدىن قوغلىۋەتتى -دە ! ئۆزىنىڭ ئۆز ھەدىسنىڭ بالىسىنى باقالماپتۇ دە! ئۇ مايماق ... بولدى ،كۆڭلىڭنى بۇزما ، بۇندىن كىيىن مەن ساڭا ئىگە بۇلاي ، ئۆزەمنىڭ بىرمۇ پەرزەنتىىم يوق ئىدى ، يېنىمدا تۇرساڭ ساڭا ئۆز بالامدەك كۈيۈنىمەن .... شۇنداق قىلىپ سەمەت لوبەننىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ قالدىم ، توۋا دەيمەن ...گۈلزىرە ھەدەم مىنىڭ سەمەت لوبەننىڭ قېشىدا تۇرۋاتقانلىقىمنى باشقىلاردىن ئاڭلاپ تۇرۇپمۇ ، بۇ يەرگە بىر قېتىممۇ كىلىپ قويمىدى ، ھەيران ئىدىم ، بۇ دۇنيانىڭ بۇنداق مۇرەككەپ ئىكەنلىگىنى بۇرۇن پەقەت ھىس قىلمىغان ئىكەنمەن ... مىنىڭ نەزىرىمدە سەمەت لوبەن ئاقكۆڭۈل ،مىھرىبان ئىدى ، بەزىدە ماڭا شۇنچىلا كۈيۈنۈشلىرىگە قاراپ ئۆزەمنىڭ تۇلىمۇ بەخىتلىك ئىكەنلىكىمدىن خۇشال ئىدىم ، پەخىرلىنەتتىم . سەمەت لوبەن بىر خىل سىرلىق ئىدى ، بەزىدە ئۆيگە ھەرخىل ناتۇنۇش كىشىلەر كىلىپ تۇراتتى ، بۇ ۋاقىتتا مىنى ۋە ئايالىنى سىرتقا چىقىرۋىتىپ خېلى ئۇزۇنلاردىن كىيىن چىقاتتى .ئۇلارنىڭ بۇ ئىشلىرىغا ھەيران ئىدىم ... ئۆينىڭ ئىچىدە نىمە سۆزلەرنىڭ بۇلىدىغانلىقىغا ناھايىتى قىزىقاتتىم .مەنمۇ كىيىن سەمەت لوبەندەك چوڭ ئادەم بولسام نەقەدەر ياخشى بۇلاتتى دەپمۇ ئويلاپ كىتەتتىم تېخى ! بىر كۈنى سەمەت لوبەن تۇيۇقسىز مەندىن سوراپ قالدى : __ مۇرات بالام ، مىنىڭ قېشىمدا تۇرۇپ بىرەر نەرسىدىن قىسىلىپ ، كۆڭلۈڭ يېرىم بۇلۇپ قالمىغانسەن ... __ياق !سەمەت دادا !( سەمەت لوبەننىڭ ئالدىدا شۇنداق دەپ ئادەتلەنگەن ئىدىم ) سىزدىن تۇلىمۇ خۇشالمەن ، مىنى بېقىۋالمىغان بولسىڭىز نەلەردە سەرسان _ سەرگەردان بۇلۇپ يۈرەر ئىدىم ...ئۇلۇغ ئاللاھ تىنىڭىزنى تېخىمۇ سالامەت ، ئابرۇيىڭىزنى تېخىمۇ ئۈستۈن قىلسۇن !...> شۇنداق دەپ سەمەت لوبەنگە بولغان مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈردۈم . __ياخشى ! مەنمۇ سەندەك ئوغۇلمنىڭ بولغىنىغا ناھايىتى خۇشالمەن .. > سەمەت لوبەن شۇنداق دەپ بېشىمنى سىلاپ قويدى . ھەي ! لىكىىن مۇشۇ يېقىندا ئىچكىرگە سودا ئىشى بىلەن چىقماقچىمەن ،ئەگەر ئىچكىرگە چىقىپ قالسام سەن نەلەردە يۈرەرسەن بالام ... ___نىمە ؟؟ بۇ گەپنى ئاڭلاپ بېشىمدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى . شۇ ۋاقىتلاردا سەمەت لوبەندىن ئايرىلىپ قالسام ئۈزۈمنى خۇددى ياشىيالمايدىغاندەكلا ھىس قىلاتتىم . __ ئەگەر خالىسىڭىز مىنىمۇ بىرگە ئېلىپ چىقىڭ بۇلامدۇ ؟؟ سىزدىن پەقەت ئايرىلغۇم يوق ، _شۇنداق دەپ يېلىنىشقا باشلىدىم . __مەن تېخى سىنىڭ مەن بىلەن چىقماسلىقىڭدىن ئەنسىرەپ يۈرۈپتىمەن . ئەگەر مەن بىلەن بىللە چىقىشنى خالىساڭ چۇقۇم سىنى بىرگە ئېلىپ چىقىمەن .... بەكمۇ خوش بۇلۇپ كەتتىم ، تېخى ئۈزۈمچە پۇزۇر كىيىنىپ ، چامدان -چامدان پۇللارنى كۆتۈرۈپ مىڭىۋاتقان ھالىتىمنى قىياس قىلىپ باقتىم .... شۇنداق قىلىپ ئىچكىرگە مىڭىشنىڭمۇ تەييارلىقى پۈتۈپ قالدى . ئاخىرقى قېتىم بولسىمۇ ئانامنىڭ تۇپراق بېشىغا بېرىپ كىلىشنى كۆڭلىمگە پۈكتۈم -دە ، قەبرە تەرەپكە قاراپ يول ئالدىم . بىر خىل سوغۇق شامال يۈزلىرىمنى سىيپاپ ئۈتەتتى . __جېنىم ئانا ! قانداق ئەھۋالىڭىز ؟ ياخشى تۇردىڭىز مۇ ؟؟ سىزنى شۇنداق سېغىنىپ كەتتىم، چۈشلىرىمدە سىزنى ئىزدەيمەن .ھەرقېتىم سىزنىڭ سىمايىڭىز كۆز ئالدىمدا پەيدا بولسا ئىختىيارسىز كۆزۈمگە ياش ئالىمەن .. سىزنى راستىنلا بەك سېغىندىم . سىزنىڭ دۇئايىڭىز ماڭا يىتىملىكنى بىلىندۈرمىدى ، ھازىر شۇنداق بەخىتلىك ياشاۋاتىمەن ،خۇدايىم ماڭا ياخشى دادىدىن بىرنى بەردى ... __جېنىم ئانا ! مەن ئەتە يىراق جايغا سەپەرگە چىقماقچى بۇلىۋاتىمەن . مەن چۇقۇم جىق - جىق پۇل تېپىپ كىلىپ يۇرتىمىزنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا كۈچ چىقىرىمەن .ماڭا ئوخشاش يىتىم بالىلارنى ئۇقۇتىدىغان مەكتەپ سېلىپ سىزنىڭ ئارزۇيىڭىزنى ئىشقا ئاشۇرىمەن ، مەندىن رازى بۇلۇڭ ... سىزنى مەڭگۈ سۈيىمەن !!... ئانامنىڭ قەبرىسى ئالدىدا ئولتۇرۇپ ئانامغا توختىماستىن سۆزلەيتىم .لىكىن ئانامدىن ھىچقانداق سادا كەلمەيتتى ، بۇنى كۈرۈپ كۆز ياشلىرىم ئىختىيارسىز مەڭزىلىرىمدىن سىرغىپ چۈشۈپ ، تۇپراق قوينىغا سىڭىپ كىتەتتى .... ئەتىسى مەن نەچچە كۈنلەردىن ئىنتىزار بولغان ، تۆت كۈزۈم بىلەن كۈتۈۋاتقان ئىچكىرگە مېڭىپ كەتتۇق ، تۇنجى قېتىم پويىزدا ئولتۇرۇشۇم بولغاچقىمۇ قىن _ قىنىمغا پاتمايتىم ،ناھايىتى خۇشال ئىدىم ...ئۈزۈمنىڭ بۇندىن كىيىنكى ئېچىنىشلىق ھاياتىمنى ئۇخلاپ چۈشۈمگىمۇ كىرگۈزمەيتتىم ... ئىككى كىچە _ كۈندۈزلۈك پويىز سەپىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ،كۆزلىگەن مەنزىلىمىز چىڭدۇغا يىتىپ كەلدۇق .بىز بارغان كۈنى يېرىم كىچىدىن ئاشقان مەزگىل ئىدى ، بىز چىڭدۇ ۋوگزالىدا پويىزدىن چۈشۈپلا تاكسىغا ئولتۇرۇپ بىر مېھمانخانىغا يېتىپ كەلدۇق .ماشىندىن چۈشۈشىمىزگە بوي -بەستى ئانچە ئىگىز ئەمەس ،قۇيۇق ئۆسكەن قارا چاچلىرىنى قىسقا قىرقىتىپ ،ئوغۇل بالىلارچە ياساتقان ،قاش كىرپىكلىرى قېنىق سۈرمىلەنگەن ،ئۇچىسىغا ياقىسى چوڭقۇر ئۇيۇلغان يەڭسىز ئاق كوپتا ،كۆك رەڭلىك قېلىن ، قىسقا يوپكا كەيگەن ، بىر قاراشقا قانچە ياشقا كىرگەنلىكىنى بىلىپ بولماق تەس بىر ئايال ۋە 3بالا ئالدىمىزغا چىقتى .ۋە ئۇدۇل سەمەت لوبەننىڭ قېشىغا كىلىپ : __ئەسسىلام سەمەت دادا ! تىنىچلىق كىلىۋالدىڭىزمۇ ؟ ،_دەپ ئامانلىق سوراشتى .ۋە ماڭا يالتتىدە بىرنى قاراپ قويۇپ سۇنغان قوللىرىمنىمۇ ئىلىك ئالماستىن قۇلۇمدىكى چامداننى ئېلىپ مېڭىپ كەتتى . __ھەنىم بولسىمۇ ساق _سالامەت كىلىۋاپسىز ، سىزدىن بەك ئەنسىرگەن ئىدۇق ،ئاڭلىساق شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتى بىر ئاز قالايمىقان ئىكەن ، بۇ يەردىمۇ دا جىيەنسا ( چوڭ تەكشۈرۈش )قىلىۋاتىدۇ ، ئالدىنقى ھەپتە بىر بالىمىزنى نەق سو ئالغان ۋاقتىدىلا سو بىلەن تۇتىۋىلىپ بىرمۇنچە پۇل خەجلەپ ئېلىپ چىقتۇق . ھازىرچە ماللارنى قانداق ... ھېلىقى ئايال سەمەت لوبەنگە توختىماستىن بىر نىمىلەرنى سۆزلەپ كەتتى ، سەمەت لوبەن مىنى كۆرمىدى دەپ قالغان چېغى ، مىنى ئىما قىلىپ كۆز ئىشارىسى قىلدى . شۇ ۋاقىتتا ئايال ماڭا بىرخىل مەنسىتمەسلىك نەزىرىدە قاراپ قويدى .... شۇنداق قىلىپ چىڭدۇدىكى ھاياتىممۇ باشلىنىپ قالدى .بۇ يەرگە كەلگىنىمگە ھەش -پەش دىگۈچە بىر ھەپتىمۇ بۇلۇپ قالدى .بۇ بىرھەپتە جەريانىدا سەمەت لوبەن ئۆمرىمدە يەپ باقمىغان ئىسىل يىمەكلىكلەرنى يىيدۈرۈپ ،تېلىۋۇزىرلاردا كۈرۈپ ئاغزىمنى ئېچىپ ھەيران قالىدىغان ئىسىل جايلارغا ئاپىرىپ ئويناتتى .... .ئۈزۈمنى ئاسماندا ئۇچىۋاتقاندەك ھىس قىلاتتىم . كۆككە تاقاشقان ئىگىز -ئىگىز بىنالار ، قەۋەت -قەۋەت يوللاردا كىتىپ بارغان ماشىنلارغا ، بۇ يەرنىڭ شۇنچىۋالا تەرەققى قىلغانلىقىغا قاراپ ئاغزىمنى ئېچىپ ھەيران بۇلۇپ قالاتتىم ... بۇ يەردىكى ھەممە نەرسە مەن ئۈچۈن ناتۇنۇش ، سىرداشسىز ئىدى ، ئادەملىرىمۇ بىرخىل سۆرۈن ئىدى ، بىزنى كۆرگەندە بىزدىن ئۈزىنى ئېلىپ قاچاتتى ، بىنى كۈرۈپ ئۆزەمچە سۇئال قۇيۇپ ھەيران قالاتتىم .... بىر كۈنى سەھەردە ئەمدىلا ئورنۇمدىن تۇرۇپ ، ساپ ھاۋادىن نەپەس ئالغاچ يىراققا قاراپ شەھەر مەنزىرسىدىن ھۇزۇر ئېلىۋاتسام ،سەمەت لوبەن چاقىرىپ قالدى . ___مۇرات ، بۇ ياققا كىلە ،بالام ! يۈگۈرۈپ دىگۈدەك قېشىغا كىلىپ ئولتۇردۇم . ___ بۇ يەرگە كەلگىنىمىزگىمۇ ھەپتە ئاشتى .يېتىپ ياتساڭ تاغمۇ توشىمايدۇ ،دىگەن گەپ بار . شۇڭا بۈگۈن سىنى بالىلارنىڭ قېشىغا ئاپىرىپ ئۇلارنى سەن بىلەن تۇنۇشتۇرۇپ قۇيىمەن ، ئۇلار بىلەن چىقىشىپ بۇندىن كىيىن ئۇلار بىلەن بىرگە ئوقەت قىلىسەن ! >_سەمەت لوبەن بىرخىل ۋەزنىلىك سۆزلەيتتى .بۇ گەپنى ئاڭلاپ بۇلىدۇ دىگەن مەنىدە بېشىمنى لىڭشىتتىم . ھەش -پەش دىگۈچە ياتاقتىكى نەرسىلەرنى يىغىشتۇرۇپ، تاكسىغا ئولتۇردۇق .تاكسى بىزنى بىر چەت ،شەھەرنىڭ گۈزەل مەنزىرلىرى بىلەن ئالاھىدە پەرىقلىنىپ تۇرىدىغان بىر جايغا ئېلىپ كەلدى . تاكسىدىن چۈشۈپ ئادەم بىلىپ بولمايدىغان بىر تار قاراڭغۇ كوچىلار بىلەن مېڭىپ ، بىر ئۆينىڭ ئالدىدا توختىدۇق . سەمەت لوبەن ئىشىكنى قاتتىق چىكىشكە باشلىدى ھەم ئارقىدىنلا بىر كىچىك بالىنىڭ كىمۇ ؟ دەپ ۋارقىرغان ئاۋازى ئاڭلاندى . __مەن . سەمەت داداڭ ، ئىشىكنى تېز ئاچ ! سەمەت لوبەن شۇنداق دەپ تۇرىشىغا ئىشىك ئېچىلىپ تۇنجى كەلگەن كۈنى ئالدىمىزغا چىققان ئايال چىقىپ كەلدى .بىر قۇر تىنچلىق -ئامانلىق سورىغاندىن كىيىن بىزنى ئۆيگە باشلىدى . بۇ بىر چوڭ قورۇلۇق ئۆي بۇلۇپ ، ھەر بىر ئۆي ئىچكىرى -تاشقىرى كىچىك _كىچك ئۆيلەردىن سېلىنغان ئىدى . ھەربىر ئىشىك ئالدىدا ناتۇنۇش كىشىلەر بىز گە قاراپ تۇراتتى ، تۇيۇقسىز 60 نەچچە ياشلار چامىسىدىكى بىر ئايالنى كۈرۈپ ، شۇئان ئانام ئىسىمگە كىلىپ كۆڭلۈم بۇزۇلدى . بۇ ئايال شۇ ۋاقىتتا ماڭا بەكمۇ يېقىملىق كۈرۈنگەن ئىدى . ھېلىقى ئايال بىزنى بىر ئۆيگە باشلىدى .قارىسام ئۆينىڭ ئىچىدە مەن بىلەن تەڭ دىمەتلىك ئالتە -يەتتە بالىلار ، ھەم مەندىن چوڭراق ئىككى ئوغۇل قەرت ئويناپ ئولتۇراتتى .ئۇلار بىزنى كۈرۈپ گۈررىدە ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ، بىز بىلەن كۈرۈشتى .سەمەت لوبەن ھەممەيلەنگە بىرخىل خۇش چىراي بىلەن قاراپ قۇيۇپ ، بىز شىنجاڭدىن ناھايىتى تەستە ئېلىپ كەلگەن پىچاقلارنى ئېلىپ ھەر بىرىگە بىردىن سوۋغا قىلىشتى . ئۇلار بۇنى كۈرۈپ ناھايىتى خۇشال بۇلۇپ كىتىشتى ....ئارقىدىن سەمەت لوبەن مىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ : ___ ھە ، بۇ بالىنىڭ ئىسمى مۇرات ، بۇندىن كىيىن سىلەر بىلەن بىللە تۇرىدۇ . ئىش ئۆگۈتۈپ ئۆز سېپىڭلارغا قۇشىۋىلىڭلار ! سەمەت لوبەن شۇنداق دىيىشىگە ،ھەممىسى تۈشمۇ تۇشتىن كىلىپ ،مەن بىلەن كۈرۈشۈپ كەتتى ھەم ئۆزلىرىنى تۇنۇشتۇرۇشقا باشلىدى . __مىنىڭ ئىسمىم تۇرسۇن . __مىنىڭ مەخمۇت ... __مىنىڭ ئادىل .... ئۇلار بىلەنمۇ تۇنۇشۇپ ،بىر نەچچە كۈنگە قارىماي يېقىن بۇلۇپ كەتتىم . سەمەت لوبەننىڭ چىڭدۇدا بىر ئاشخانىسى بار ئىدى ، قاچان قورسىقىمىز ئاچسا كىرىپ ،ھەقسىز تاماق يەيتۇق . لىكىن مىنى ناھايىتى قىزىقتۇردىغىنى ئۇلار ھەركۈنى سەھەردە چىقىپ كىتىپ كەچقۇرۇن قايتىپ كىلەتتى .بەزىدە تايسىن ( ئۇنىڭ ئىسمى رۇستەم بۇلۇپ ،سەمەت لوبەننىڭ ئەڭ يېقىن ئادىمى ئىدى ) بالىلارنى ئايرىم بىر ئۆيگە سولايتتى -دە ، ئارقىدىن ۋارقىراشلار ،يىغلاشلار ئاڭلىنىپ تۇراتتى . .. بىر كۈنى بالىلار تايسىننىڭ مىنى چاقىرغانلىقىنى ئېيتىشتى . قېشىغا كىرسەم ئۇ تېلىۋىزورغا تىكىلىپ ئولتۇراتتى .مىنىڭ كىرگەنلىكىمنى كۈرۈپ ،ئاستا ئورنىدىن تۇردى -دە ،مىنى قېشىدا ئولتۇرۇشقا ئىما قىلدى . __ئۇكام مۇرات ، ئەمدى ئۈزەڭمۇ سىنى نىمە سەۋەبتىن چاقىرغانلىقىمنى بەلكىم بىلگەنسەن ! نەچچە ۋاقىتتىن بېرى سەمەت ئاكامنىڭ يۈزىنى قىلىپ ئارتۇقچە گەپ قىلمىدىم ، تۈنۈگۈن سەمەت ئاكام يۈننەنگە مەلۇم ئىشلار بىلەن چىقىپ كەتتى ، قاچان كىلىدىغانلىقىنى بىلىپ بولمايدۇ ، ئەمدى سەنمۇ بىكار يېتىپ يۈرسەڭ بولمايدۇ ، بۇندىن كىيىن ھەر كۈنى كەچتە بالىلار يېنىپ كەلگەندە ئۇلاردىن ئوغۇرلۇقنى ، مۇنداقچە ئېيتقاندا بازار ئويناشنى ئۈگۈنۈپ سەنمۇ كىلەر ھەپتە بازارغا چىقىسەن ! __نىمە ؟؟ ئوغۇرلۇق ؟؟!! بۇ گەپنى ئاڭلاپ بېشىمدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى .ئەسلىدە ئۇلارنىڭ ئىچكىردە سودا قىلىمىز دىگىنى ئوغۇرلۇق قىلىش بۇلۇپ ،شۇ رەزىللىك بىلەن تاپقان پۇللار ئارقىلىق تۇرمۇش كەچۈردىكەن .بۇ ئىشنىڭ تېگى -تەكتىنى چۈشىنىپ يەتكىنىمدە ئۈزۈمنىڭ چوڭ بىر خاتالىقنى سادىر قىلغانلىقىمنى ،ئەمدى پۇشايمان قىلىپمۇ ئورنىغا كەلمەيدىغانلىقىنى ھىس قىلىپ يەتتىم .... مەرھۇم ئانامنىڭ روھى شۇ تاپتا مىنى كۈرۈپ مەندىن نەپرەتلىنىۋاتقان بۇلىشى ، مىنى تۇغغانلىقىغا ئىچىدە مىڭ لەنەت ئوقۇۋاتقان بۇلىشى مۇمكىن ... __ياق ! مەن ھەرگىز بۇ ئىشنى قىلمايمەن ! سەمەت دادام ماڭا بۇنداق دىمىگەن . مەن ئۆلسەممۇ بۇنداق قىلمايمەن . ...>_ دەپ ۋارقىردىم ئۈنلۈك ئاۋازدا . __نىمە ؟؟؟!!! قاتتىق تەككەن بىر شاپىلاقتىن سەنتۈلۈپ يىقىلدىم . ئۈزەڭنى كىم چاغلاۋاتىسەن ؟؟ سىنىڭچە سەمەت ئاكام سىنى بۇ يەرگە بىكار يېتىپ كۆڭۈل ئاچسۇن دەپ ئەكەپتۇ -دە! بۇ ئىشنى قىلمايمەن دىگىنىڭ ئۇخلاپ چۈشۈڭ . ئەگەر يەنە ئۆز بېشىمچىلىق قىلىدىغان بولساڭ كۆرگۈلۈگۈڭنى كۆرىسەن ، گىپىمگە كىرىپ بۇ ئىشنىڭ ئېپىنى بىلىۋالساڭ ياخشى كۈنگە ئېرىشىسەن ... بولدى ، چىقىپ كەت !!! ھەي ! نىمىسنى دەي ! شۇنداق قىلىپ ئۈزۈم ئەڭ يامان كۆرىدىغان ، مىھرىبان ،مەرھۇم ئانام مەڭگۈ كەچۈرمەيدىغان ئىشنىڭ تۇنجى قەدىمىنى بېسىش ئالدىدا تۇراتتىم . ھەر كۈنى كەچتە بالىلاردىن ئوغۇرلۇقنى ئۆگىنەتتىم ،ئۇلار ماڭا قانداق قىلىپ ھېچكىمگە سەزدۈرمەي سومكا ئېچىش ،قانداق قېچىش ...قاتارلىق ئۇسۇللارنى ئۆگەتتى . تېخى بىرسى سومكا ئېسىپ ئالدىمدا مېڭىپ بىرەتتى ، مەن ئۇلار ئۆگەتكەن ئۇسۇل بىلەن سومكىسىنى ئېچىپ مەشىق قىلاتتىم ،ئەگەردە چاندۇرۇپ قويغىدەك بولسام مىنى تىللاپ ،ئۇرۇپ كىتەتتى .كىيىن مەشىق قىلغانسىرى ھېچقانداق چاندۇرماي سومكىلارنى ئېچىپ ئىچىدىكى ھەممە نەرسىلەرنى ئالالايدىغان دەرىجىگە يەتتىم . بۇ كۈنى تۇنجى قېتىم بازارغا چىقىشىم ئىدى ،قورقاتتىم ،لىكىن ئامالىم يوق ئىدى ، ئەتىگەندە تايسىننىڭ :<<بۈگۈنكى ۋەزىپەڭ مىڭ يۈ ەن سودا قىلىش ، ئەگەر سودا قىلالمىساڭ كەچتە بۇ يەرگە خاتىرجەم كىلەلەيمەن .دەپ ئويلىغۇچى بولما >>دىگەن گەپلىرى ئەكىس ئىتەتتى . مەندىن چوڭ ئىككىسى مىنى كۆزىتىپ ئارقامدىن كىلىۋاتاتتى .ھېچ ئەپلەشتۈرەلمەيدىغاندەك ئىدىم ،ياتاقتا مەشىق قىلغاندا ھەممىسى مۇشۇ كەسىپنى قىلىدىغانلار ، مانا ئەمدىلىكتە بازاردا ئاز دىگەندە بىرەر يۈزچە كىشى ئۇيان -بۇيان ئۈتۈشۈپ تۇرسا قانداقمۇ قاملاشتۇرالارمەن ، دەپ ئەنسىرەيتتىم .كۈزۈمنى چىڭ يۇمىۋىلىپ .ھېچ نىمىنى ئويلىماي بىرەر مىنۇت جايىمدا قىمىر قىلماي تۇردۇم .... كۈزۈمنى ئېچىپ شۇنداق قارىسام ئالدىمدا ئىككى خەنزۇ قىز كىتىۋاتاتتى ، بىرسىنىڭ ئارقىغا ئېسىۋالغان سومكىسىغا كۈزۈم چۈشتى . شۇلارنى ئولجا نىشانى قىلىپ ،ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن ئەگەشتىم ... ئۇلار ئايلىنىپ ئادەم جىق جايغا كەلدى .مەن قەدىمىمنى تېخىمۇ ئىتتىكلەشتۈرۈپ ئۇلارغا يېقىنلاشتىم -دە ، ئىتتىك ھەركەتلەر بىلەن سومكىىنىڭ سىرتمىسىنى ئاچتىم ، قۇلۇمغا بىر يانغۇن ۋە پۇل قاپچۇقى ئۇرۇندى . شۇنداق نەپىس ھەركەتلەر بىلەن چاندۇرماي ئېلىۋالدىم . تۇنجى قېتىملىق سودامنىڭ ئۇڭۇشلۇق بولغانلىقىدىن ناھايىتى خۇشال بۇلۇپ ،شۇنداق ئارقامغا قارىسام پۇخراچە ياسانغان ئىككى ئىت ( بۇ يەردە ساقچىلارنى شۇنداق نام بىلەن چاقىراتتۇق ) مىنى تۇتىۋالدى . نىمە قىلارىمنى بىلمەي قالدىم .ئارقامدىن كىلىۋاتقان ئىككى شىرىكىم بۇنى كۈرۈپ ئالىقاياقلارغا غايىپ بولغان ئىدى . ساقچىلار مىنى ماشىنىغا چىقىرىپ شۇ يەردىكى بىر ساقچىخانىغا ئېلىپ كەلدى . ۋە بىرنىمىلەرنى دەپ مىنى سوراق قىلىشقا باشلىدى ، بۇرۇن تۈزۈكرەك مەكتەپتە ئۇقۇمىغاچقا ئۇلارنىڭ گىپىگە جاۋاپ بىرەلمىدىم .ئۇلار مىنىڭ خەنزۇچىنى بىلمەيدىغانلىقىمنى بىلدى بولغاي ، مىنى بىر قاراڭغۇ ئۆيگە سولاپ قۇيۇپ چىقىپ كەتتى .. بەك قورقۇپ كەتكەن ئىدىم ، ئۈزەمنى بۇندىن كىيىن مەڭگۈ بۇ يەردىن چىقالمايدىغاندەك ھىس قىلىپ كۆز ياشلىرىمنى توختىتالماي قالدىم .. بىر كەمدە ئىشىك ئېچىلىپ ئۇلار مىنى سۆرەشتۈرۈپ سوراقخانىغا ئېلىپ چىقتى . قارىسام مەن بىلەن تەڭ دىمەتلىك ،كۆزلىرىدىن نۇر يېغىپ تۇرىدىغان ئىككى ئۇغۇل ئولتۇراتتى . ئۇلارنى كۈرۈپ خىجىل بولغانلىقىمدىن بېشىمىنى كۆتۈرۈپمۇ قارىيالمىدىم . ئارىدىن بىرى ئېغىز ئاچتى . ___ ياخشىمۇسەن ، بىز ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ، بۇ يەرگە ساڭا تەرجىمانلىق قىلىپ بىرىشكە كەلدۇق . ساقچىلار ئاۋال ئۇلارغا بىر نىمىلەرنى دىگەندىن كىيىن ئۇلار ماڭا ساقچىلارنىڭ گىپىنى تەرجىمە قىلىپ بەردى . مەن ئۇلارغا بۇ يەرگە قانداق كىلىپ قالغانلىقىم ، ھەم بۇ يولغا قانداق كىرىپ قالغانلىقىمنى تەپسىلىي دەپ بىرىپ مىنى قۇتقۇزۇپ قېلىشىنى ئۆتۈندۈم . لىكىن مەن نەدىن بىلەي ، ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە ، مەن ساقچىلارغا مىڭ يالۋۇرغىنىم بىلەنمۇ بىكار ئىكەن . بۇ يەردە ساقچىلار لوبەنلەر بىلەن شىرىك بۇلۇپ ،ئۇلار ئوغۇرلارنى تۇتىۋالغاندىن كىيىن لوبەنلەرگە تېلغۇن قىلىپ ئۇلاردىن پۇل تەلەپ قىلىدكەن . شۇنىڭ بىلەن لوبەنلەر پۇل بەرگەندىن كىيىن قۇيىۋىتىدىكەن .... بۇ گەپنى ئاڭلاپ تېخىمۇ ھەيران قالدىم .بۇ دۇنيانىڭ بۇنچىۋالا ساختا ، رەزىل ئىكەنلىكىگە يەنە بىر رەت ئېغىر خۇرسىندىم .... دىگەندەك ساقچىلار تايسىنغا تېلفۇن قىلىپ ،مىنى ئېلىپ كىتىشىمنى ئېيتتى . بىر ھازادىن كىيىن تايسىىن يىتىپ كەلدى ھەم ئۇلاربىلەن بىر نىمىلەرنى دىيىشكەندىن كىيىن ساقچىلارغا بەشيۈز يۈ ەن بىرىپ مىنى ئېلىپ ماڭدى . ئۈزەمنىڭ قىممىتىمنىڭ بەشيۈز يۈ ەنگە توختىغانلىقىمنى بىلىپ ئۆز - ئۆزەمگە ناھايىتى ئېچىندىم ... ئىسىت ! تايسىن بىلەن تاكسىغا چىقىپ ياتاققا قاراپ ماڭدۇق .. تۇرۇپ _تۇرۇپ تايسىنغا قاراپ قۇياتتىم ، ئۇ بىر نۇقتىغا تىكىلگىنىچە بىر ئېغىزمۇ ئۈندىمەيتتى .بەلكىم ياتاققا بارغاندا تازا ئەدىبىڭنى بىرىمەن ، دەپ ئويلاۋاتسا كىرەك ...ئەلۋەتتە ،تۇنجى قېتىملا بازارغا چىقىپ ئىتلارغا تۇتۇلۇپ قالغانلىقىم ئۈچۈن جازا بار دە ! مەيلى ، بۇنىڭغىمۇ تەييارلىق قىلىپ قويدۇم ، كىم مىنى بۇنداق ئىبلىسلارنىڭ ئۇۋىسىغا خالاپ ،تېخى ئارزۇ قىلىپ كەلسۇن دەپتۇ ! تويە تازا ! ...دەيتتىم ئىچىمدە .مەيلى نىمە بولسام مەيلى ، ئۇرۇپ ئۆلتۈرۋەتمەيدىغۇ ؟ ... ياتاققا يىتىپ كەلدۇق ، باشقا ياتاقتىكىلەر دېرىزىدىن باشلىرىنى چىقىرىشىپ خۇددى قىزىق ئۇيۇن باشلىنىدىغاندەك قارىشاتتى . تايسىن مىنى باشلاپ جازا لاگىرىغا ( بۇ بىر قاراڭغۇ ئۆي بۇلۇپ ، كۈندىلىك ۋەزىپىسنى ئۇرۇندىيالمىغانلار ،قاچماقچى بۇلۇپ تۇتۇلۇپ قالغانلارنى جازالايدىغان ئۆي ئىدى ، ھەممىمىز بۇ يەرنى جازا لاگىرى دەپ ئاتىشاتتۇق ) باشلاپ كىردى _دە، ئىشىكنى قاتتىق ياپتى . __ۋايجان ! تۇيۇقسىز يۈزۈمگە تەككەن تەتۈر تەستەكتىن كۈزلىرىم ئوت بۇلۇپ يېنىپ كەتتى . __ما يەردە تۇرە ! ئۇ شۇنداق دىگىنچە قۇلۇمنى تارتىپ ،مىنى بىر ئىتتىرۋىدى ،تامغا چاپلىشىپلا قالدىم . __بۈگۈن تېخى ۋەزىپەڭنى ئۇرۇندىمىغاننىڭ ئۈستىگە يەنە پاكەنگە ئىشلەپ ئولتۇردۇڭغا ؟؟ نەچچە ۋاقىتتىن بېرى بۇ يەردە تاماق يىمەي ئىتنىڭ پوقىنى يەپ يۈرگەن ئوخشىمامسەن ؟؟ ،_ئۇ شۇنداق دىگىنىچە ئۇدۇل كەلگەن يەرلىرىمگە ئۇرۇشقا باشلىدى .ئاغرىققا چىدىماي ۋايجانلاپ يىغلايتتىم ... بولسا ئۇرۇپ ئۆلتۈۋەت ! دەپ ئويلايتتىم ئىچىمدە ! ئۇ خېلى ئۇزۇنغىچە مىنى ئۇرغاندىن كىيىن ھاردى بولغاي ئۇرۇشتىن توختاپ قالدى . __بۈگۈن ساڭا تاماق بىرىلمەيدۇ ! بۈگۈن كىچە مۇ شۇيەردە ئىتنىڭ كۈنىنى كۈرۈپ ياتىسەن ، قاچان توۋا قىلىپ خاتالىقىڭنى تۇنىغىنىڭدا سىنى قۇيۇپ بىرىمەن ! تايسىن شۇنداق دىگىنىچە ئىشىكنى قۇلۇپلاپ ،مىنى سولاپ قويدى .پۈتۈن ئەتراپ قاپقاراڭغۇ ئىدى .بۇ قاراڭغۇ زۇلمەت ئۆيدە ئۈزۈمنى خۇددى دوزاقلاردىكىدەك ھىس قىلماقتا ئىدىم . ئۈزۈمنىڭ بۇندىن بۇرۇنقى پۈتۈن ھاياتىمنى ئەسلەپ چىقتىم . نەقەدەر گۈزەل مىنۇتلار ، گۈزەل چاغلار ئىدى ھە! مەن دائىم ئاپامنىڭ قۇچىقىغا چىقىۋېلىپ ئۇ ئېيتىپ بەرگەن چۆچەكلەرنى ئاڭلايتتىم ، تېخى بەزىدە مەھەللىمىزدىكى بالىلار بىلەن مۆكۈ _مۆكىلەڭ ئوينىشاتتۇق ،مىنى ھېچكىم تاپالمايتتى ....شۇلارنى خىيال قىلىپ شىرىن ھىسلارغا چۈمۈپ بايا يىگەن تاياقنىمۇ ئۇنتۇپ قاپتىمەن . بىر چاغدا ئىشىك قاتتىق ئېچىلىپ تايسىن ھەم بۈگۈن بازارغا چىقىپ كەتكەن مەۋلان كىرىپ كەلدى . (بالىلار ئارىسىدا ئۇنىڭ بىلەن خېلى يېقىن ئىدىم ).تايسىن كىرىپلا مەۋلاننى ئۇرۇپ كەتتى ، بىچارە ! شۇنداق ئىچىم ئاغرىپ كەتتى ، لىكىن نىمىمۇ قىلالايتىم ، بىر بۇلۇڭدا تاماشا كۆرگەندەك تۈگۈلۈپ ئولتۇراتتىم . ئەسلىدە بۈگۈن مەۋلانمۇ بىر كۈنلۈك ۋەزىپىسنى ئۇرۇندىيالمىغان ئىكەن . تايسىن بىر كەمدە مەۋلاننى ئۇرۇپ _ئۇرۇپ چىقىپ كەتتى . مەۋلان گەپمۇ قىلماستىن جايىدا قىمىر قىلماي تۇراتتى .مەن ئاستا ئۇنىڭ قېشىغا باردىم ،قارىسام ئۇنىڭ يۈز _كۆزلىرى تاياق دەستىدىن ئىشىپ كۆرگۈسىز بۇلۇپ كەتكەن ئىكەن .ئۇ مىنى كۈرۈپلا ئېتىلىپ كىلىپ ،قۇچاقلاپ يىغلاپ كەتتى .بىز خېلى ئۇزۇنغىچە بىر -بىرىمىزگە ئېسىلىشىپ يىغلاپ كەتتۇق . __مەن ئىسىمنى بىلسەم دادام بىلەن ئاپام ئاجرىشىپ كەتكەن بۇلۇپ ، مەن ئاپامغا بۈلۈنگەن ئىكەنمەن .لىكىن ئاپام مىنى پەقەت ياخشى كۆرمەيتتى .مەيلى نىمە ئىشلا قىلاي ئۇنىڭ كۆزىگە سىغمايتتىم ، باشقىلارنىڭ ئانىسىنىڭ كۈيۈنۈپ قىلمىغانلىرى قالغانلىقىنى كۈرۈپ ئۈن -تىنسىز ياش تۈكەتتىم ،كىيىن بارا-بارا چوڭمۇ بۇلۇپ قالدىم ، ئاپام قايتا ياتلىق بۇلۇپ ،مىنى مومامنىڭ قېشىغا تاشلاپ قۇيۇپ كىتىپ قالدى . مومامنىڭ قېشىدا خېلى ئەركىن بۇلۇپ قالدىم ، ماڭا بەك كۈيۈنەتتى ،تېخى مىنى مەكتەپكىمۇ بەرگەن ئىدى . مەكتەپتە ياخشى ئۇقۇيتۇم .گۈزەل ئارزۇ -ئارمانلىرىممۇ بولغان . لىكىن ھەممە ئىش ئادەمنىڭ رايىغا باقمايدىكەن ، كىيىم مومام مىنى تاشلاپ كىتىپ قالدى ... مەۋلان بۇ يەرگە كەلگەندە بۇقۇلداپ يىغلىۋەتتى .... __مومامنىڭ مىنى تاشلاپ كىتىشى بىلەن ھاياتىىمدا ئالامشىمۇل ئۆزگىرىش يۈز بەردى .ئانام مىنى مەكتەپتىن ئاجرىتىۋىلىپ قېشىغا ئېلىپ كەتتى . ئۆگەي دادام بىر زاۋۇتنىڭ تېخنىك ئىشچىسى ئىكەن ، ئۇمۇ مىنى پەقەت ياخشى كۆرمەيتتى ، قىلغان ئىشىمدىن قۇسۇر تېپىپ مىنى ئۇراتتى . .. كىيىن بىزنىڭ ئۆيگە سەمەت لوبەن كەلدى ، ئانام مىنى سىرتقا چىقىرۋىتىپ ئۇنىڭ بىلەن خېلى ئۇزۇندىن كىيىن چىقتى . ھەم مىنى چاقىرتىپ : __ئۇماق ئوغلۇم ! بۇرۇن سىنى رەنجىتكەن يەرلىرىم بولسا مىنى كەچۈرگىن ! > _ئاپام بۇ گەپلەرنى قىلغاندا ئۆز قۇلىقىمغا ئىشەنمەي تەسىرلىنىپ ،كۆز يېشىمۇ قىلغان ئىدىم . >_ بۇندىن كىيىن سەمەتجان ئاكاڭ بىلەن بىرگە ئىچكىرگە چىقىپ ئاشخانىسىغا ياردەملىشىسەن .... ئانام بىرمۇنچە ياخشى گەپلەرنى قىلىپ مىنى سەمەت لوبەنگە قۇشۇپ قويدى .شۇنىڭ بىلەن سەمەت لوبەنگە ئەگىشىپ بۇ يەرگە كەلدىم . بۇ يەرگە كىلىشنىڭ ئالدىدا تېخى 12ياشقا كىرمىگەن ئىدىم ، مانا ھازىر 16ياشقىمۇ كىرىپ قاپتىمەن ، بۇ جەرياندا بۇنداق ئۇرۇشلارغا نۇرغۇن قېتىم ئۇچرىدىم ، ھازىر كۈنۈپمۇ كەتتىم ، تېخى بىر قېتىم قاچماقچى بولۇپ پويىز ئىستانىسىدا تۇتۇلۇپ قېلىپ ،ئۇلار مىنى ئۇرۇپ بىر پۇتۇمنى چېقىۋەتتى ....كىيىن سەمەت لوبەندىن بىلىشىمچە ،ئاپام مىنىڭ بىر يىلىقىمنى 5مىڭ يۈ ەندىن 10 يىلىقىمنى سەمەت لوبەنگە سېتىۋىتىپتۇ .... ئۇ سۆزلەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە ئېغىر خۇرسىنىپ قويدى .... مەنمۇ ئۇنىڭغا ئۆز كەچۈرمۈشلىرىمنى سۆزلەپ بەردىم ...ئىكىمىز بىر -بىرىمىزگە ئېسىلىپ خېلى ئۇزۇن يىغلاپتىمىز ... كاللامدا ۋىجدان ،غۇرۇرىنى يوقاتقان سەمەت لوبەن ، تايسىن ، ئۆز بالىسنى پۇل ئۈچۈن سېتىۋەتكەن ئانا... كىلىۋىلىپ ،خېلى ئۇزۇنغىچە ئۇخلىيالمىدىم ... بىركەمدە كۈزۈمنى ئاچسام ئاللىبۇرۇن تاڭ يۇرىغان بۇلۇپ ، بۇ زەي ،نەم ئۆيدىن بىرخىل سېسىق پۇراق چىقىپ تۇراتتى . مەۋلان تېخى ئويغانمىغان ئىدى . ئۇنى ئويغىتىش ئۈچۈن ئاستا يېنىغا باردىم ، ئۇنىڭ تۈگۈلۈپ يېتىشلىرى ، يۈزلىرىدىكى كۆكنى كۈرۈپ ئىچىم ئېچىشىپ كەتتى . مىنىڭمۇ بەدەنلىرىممۇ سىقىراپ قاتتىق ئاغرىۋاتاتتى . ئۇنى ئويغاتتىم، ئۇ ئاستا كۆزىنى ئېچىپ ماڭا قاراپ ئورنىدىن تۇرماقچى بولغان ئىدى ،لىكىن سەنتۈرلۈپ تامغا يۆلىنىپ قالدى . ئىچىم بىرخىل ئاچچىق ئازابقا تولدى ، سەمەت لوبەن ، تايسىنلارنى ئىچىمدە تازا قاغىدىم ... __مەۋلان ،ئۆلۈپ كىتىدىغان ئىش بولسىمۇ بۇ يەردىن قېچىپ كىتەيلى ،بۇ يەردە بىر مىنۇتمۇ تۇرغۇچىلىكىم يوق ! >_دېدىم مەۋلانغا ! ئۇ مىيىقىدا كۈلۈپ قويۇپ : سىنىڭچە بۇ يەردىن قېچىپ كىتىش ئاسان ئىشمۇ ؟؟ ئەگەر قېچىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ قەيەرگە بارىمىز ؟ نەلەردە سەرسان _سەرگەردان بۇلۇپ يۈرۈيمىز ؟نىمە ئىش قىلىپ جېنىمىزنى جان ئىتىمىز ؟ >_ دېدى . ئۇنىڭ سۆزلىرى ئۇرۇنلۇق ئىدى ، قېچىپ كىتىمىز دىگەن تەقدىردىمۇ يېنىمىزدا بىرەر پۇڭ پۇل بولمىسا ، تۇتۇلۇپ قالساقچۇ ؟؟ ئەگەر قېچىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ نەلەردە يۈرەرمىز ؟؟.... ھەي ئىسىت! ھەي ئىست ! نىمە پوق يەپ گۈلزىرە ھەدەمنى قاقشىتىپ شۇ كۈنى ئۆيدىن قېچىپ چىققاندىمەن .قوي تېرىسىگە ئورىنىۋالغان بۆرىگە ئىشنىپ تېخى ھۆرمەتلەپ دادا دەپ كىتىشلىرىمچۇ ؟؟ ھۇي ،ئىپلاس ! شۇ رەزىللىك بىلەن تاپقان پۇلۇڭ ئاخىرىدا جېنىڭغا چىقىپ قان قۇسۇپ ئۆلەرسەن !......كاللامدا تۈمەنمىڭ خىيال ھۈكۈم سۈرەتتى .... __ئەمىسە قانداق قىلىمىز ؟؟ سورىدىم مەۋلاندىن . __ئامال يوق ، بۇ يەردە تۇرۇپ ئۇلارغا قۇل بۇلۇپ ئىشلەپ پۇل تېپىپ بەرمەكتىن باشقا ئامال يوق ! بولدى ،جىق ئويلىما ! ئەڭ ياخشسى ئۇلارغا يالۋۇرۇپ بۇ قاراڭغۇ زىنداندىن چىقىۋالايلى ، ئاندىن بىر گەپ بۇلار ،_دىدى ئۇ كۈزۈمگە قاراپ تۇرۇپ . ئۇنىمۇ دەپ ،بۇنىمۇ دەپ ئاخىرى مەۋلاننىڭ پىكرى بۇيىچە ئىش قىلىدىغان بولدۇق ، قورساقلىرىمىزمۇ بەك ئېچىپ كەتكەن ئىدى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە 8_ئاينىڭ تۇمۇز ئىسىقىدا ئۇسسسۇزلۇققا بەرداشلىق بىرەلمىدۇق . __تايسىن ئاكا ! تايسىن ئاكا ! ئىشىكنى ئېچىڭلار ! ئىشىكىنى بار كۈچىمىز بىلەن ئۇردۇق ، لىكىن سىرتتىن ھېچقانداق شەپە يوق ئىدى ،خېلى بىركەمدىن كىيىن بىرسىنىڭ ئاياق تىۋىشى ئاڭلاندى ،ئارقىدىن تايسىننىڭ : __ھە ؟ نىمە گەپ ؟ گۇناھلىرىڭغا توۋا قىلىشقان ئوخشىمامسەن ؟ >_دىگەن ئاۋازى ئاڭلاندى . __تايسىن ئاكا ،ئىشىكنى ئېچىۋىتىڭ . بىز ئەمدى بۇندىن كىيىن گىپىڭىزگە كىرىپ ،دىگەن يېرىڭىزدىن چىقىمىز ،_دىدىم ئۈنلۈك ئاۋازدا ئۇنىڭغا قاراپ . __شۇنداقمۇ ؟ ئۇنداقتا ياخشى ! ...ئارقىدىن ئىشىك ئېچىلىپ تايسىن ۋە بىرقانچە بالىلار كىرىپ كەلدى . __بۇندىن كىيىن گىپىمگە كىرىپ ،كۈندىلىك ۋەزىپىنى ۋاقتىدا ئۇرۇنداپ ماڭساڭلار ھەرگىزمۇ زىيان تارتمايسىلەر ! شۇنداق قىلىپ يەنە بىر نەچچە كۈن ئۈتۈپ كەتتى ، بۇ بىر نەچچە كۈن جەريانىدا كۆپ ئويلاندىم ، ئۈزەمنىڭ بۇندىن كىيىنكى تۇرمۇشىمنىڭ مۇشۇنداق ئوغۇرلۇق بىلەن ئۈتۈپ كىتىدىغانلىقىغا ، .ئۆز ئەركىنلىكىمنى يوقىتىپ ھاياتىمنى قۇللارغا ئوخشاش ئۆتكۈزدىغانلىقىمغا ناھايىتى ئېچىناتتىم ... بۈگۈن يەنە بازارغا چىقتىم ، تەلىيىمگە يارىشا تۇنجى قېتىملىق ئولجام ئۇڭۇشلۇق بولدى ، بىر پورتمالنى قولغا چۈشۈردۈم ، ئارقامدىن كىلىۋاتقان بالىلارنىڭ كۆرمىگەن پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ پورتمالنىڭ ئىچىنى ئېچىپ قارىۋىدىم ،بىر پويىز بىلىتى ، بىر نەچچە كارتىلار ھەم ئىككى مىڭ يۈ ەن پۇل چىقتى . تېز ھەركەتلەر بىلەن پۇلنىڭ بىرقىسمىنى ئايرىۋىلىپ ئىشتىنىمنىڭ ئارقا يانچۇقىغا مەھكەم سېلىۋەتتىم ، ھەم ئارقامدىكى بالىلار بار تەرەپكە قاراپ يۈگۈردۈم ، ئۇلار پورتمالنى قۇلىغا ئالغاندىن كىيىن ئىتتىك قەدەملەر بىلەن تېز -تېز مىڭىپ بىر تاكسىنى توستى، مىنى تاكسىغا چىقىرىپ بۇ يەردىن كىتىپ قالدۇق ، ئۇلار پورتمالنى ئېچىپ بىر خىل مەمنۇنلۇق ھالدا ماڭا قاراپ كۈلۈپ قويغاندىن كىيىن ،پۇللارنى ساناشقا باشلىدى ، جەمئىي 1400 يۈ ەن پۇل چىقتى ، ئىچىمدە :<<يانچۇقىمغا سېلىۋالغىنىم 600 يۈ ەن ئىكەن .>>دىگەنلەرنى ئويلىدىم . بىز يەنە بىر بازاردا چۈشۈپ قالدۇق ... بۇ يەردە ئوغۇرلۇق قىلىدىغانلار ئولجىغا ئېرىشكەندىن كىيىن تاكسى تۇسۇپ باشقا جايلارغا ئالمىشىپ كىتەتتى . بۇ يەردىمۇ يامان ئەمەس تەلىيىم كەلدى ، بىر سائەتنىڭ ئىچىدىلا بىر يانغۇن ،ۋە نەچچە يۈز يۈ ەن سودىغا ئېرىشتىم . بىردەمدىلا قاراڭغۇ چۈشۈپ زىمىن قاراڭغۇ لىباستىن تون كەيدى .ئۇلار بۈگۈنكى بازار ئويناشنىڭ مۇشۇ يەردە ئاياقلىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى . تايسىن بۈگۈنكى ئىپادەمدىن خۇشال بولغان چېغى ،مىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ماختاپ كەتتى ھەم مىنىڭ ئارقامدىن چىققان ئىكىسىگە پۇل بىرىپ ،مىنى ئېلىپ تازا ئوينىتىپ كىلىشنى ئېيتتى ، ئۇلار بىلەن سىرتقا قاراپ ،ئەمدى دەرۋازىدىن چىقايلى دەپ تۇرساق ، بىزنىڭ يەنە ئىككى باللا يېنىپ كەلدى ،ئۇلارنىڭ كىچىك شوركىسى ( ماڭا ئوخشاش ئوغۇرلۇق قىلىدىغانلار نى شوركا دەپ ئاتايتى .)كۈرۈنمەيتتى .قارىغاندا ئىتلار تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ كەتكەن چېغى ! بىر خىل ئېغىر خۇرسىنىپ قويدۇم .... بىز يېقىن ئەتراپتىكى مەيخانىغا كىرىپ تازا ئىچىشىپ ،كۆڭۈل ئېچىپ قايتىپ كەلدۇق .... كۈنلىرىم شۇ تەرىقىدە ئۆتمەكتە ئىدى ، ھازىر كۈندىلىك ۋەزىپەمنى ئاشۇرۇپ ئۇرۇنداپ ،تايسىننىڭ ئامراق شوركىسىغا ئايلاندىم . ئۈزەممۇ يۇشۇرۇنچە خېلى پۇللارنى يىغىپ ،ياتاق ئۆينىڭ ئۆگزىسىدىكى بىركىشى دىققەت قىلمايدىغان جايغا يۇشۇرۇپ قويدۇم . كىيىن چىڭدۇدىكى ئوغۇرلار ئىچىدە خېلى نامىمىم چىقىپ ،باشقىلارمۇ مىنى ھۆرمەتلەيدىغان بۇلۇپ كىتىشتى .. ھەي ! باشقا جەھەتتە يۈز تاپمىغان بىلەنمۇ ،ئۇغۇرلۇق جەھەتتە خېلى يۈز تاپتىم . ئانامغا يۈز كىلەلمەسلىكىم ئېنىق ئىدى ، شۇ ۋاقىتلاردا ئۈزۈمنىڭ تەقدىرىمنى مۇشۇنداق ئىكەن ،دەپمۇ ئويلاپ قالدىم ،ئەمدى ماڭا بۇنىڭدىن باشقا چىقىش يۇلى يوقتەك ،ئوغۇرلۇققا كىرىشىپلا كەتتىم ... <<ۋاقىت ئاتقان ئوق >>دەپ بىكار ئېيتماپتىكەن كونىلار !كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بولغان ئارلىقتا بالىلىق مەزگىلىدىن ياشلىق مەزگىلىگە قەدەم باستىم .ئۈزەمنىڭ چىڭدۇدا تۆت يىللىىق ئۆمرۈمنىڭ ئوغۇرلۇق بىلەن ئۈتۈپ كەتكەنلىكىگە ئىشەنگۈم كەلمەيتتى .20 ياشقىمۇ كىرىپ قالدىم .بۇ تۆت يىل جەريانىدا كۆرمىگەننى كۈرۈپ ئىتلاردىن ، لوبەندىن يىمىگەن تاياقنى يەپ ئاخىرى خېلى نامى بار ئوغرىغا ئايلىنىپ قالدىم . بەزىدە ئولتۇرۇپ خىيالغا چۈمۈپ كىتەتتىم ،گۈزەل يۇرتۇم شىنجاڭنى سېغىپ كۆڭلۈم بۇزۇلۇپ يىغلاپ كىتەتتىم ،ئۆزەمنىڭ ئەقىلسىزلىك قىلىپ خاتا تاللىغان بۇ بيۇلۇمنىڭ مىنى بۇنداق كۈنگە قېلىشىمغا سەۋەپچى بولغانلىقىنى ئويلىغىنىمدا ئۆز _ئۆزەمگە قاتتىق ئۆكۈنەتتىم ،لىكىن نە چارە،تارىخ _ئۇ ئۆتمۈشنىڭ كۈنى ،ئۇنى قايتۇرۇپ بۇلغىلى بولمايتتى .ھەم قايتۇرۇپمۇ بۇلالمايتتىم . قانچە قېتىم ساقچىخانىغا كىرىپ قالغانلىقىمنى بىلمەيمەن ، لىكىن ئۇ ياقتىن كىرىپ بولغىچە ،تايسىن بۇ ياقتىن بىر ئاماللارنى قىلىپ قايتۇرۇپ چىقاتتى . ھازىر تاماكا چىكىشتىن تەرەققى قىلىپ نەشە چىكىشكە ئۆگۈنۈپ قالدىم ، نەشە چىكىش ، ھاراق ئىچىش كۈندىلىك ئادىتىمگە ئايلىنىپ قالدى . شوركىلىق دەرىجىسىدىن ئۆسۈپ ئارقىسىدىن ماڭىدىغان بولدۇم .قايسى بىر شورپىشانە ۋەزىپىسىنى ئۇرۇندىيالماي قالدىمۇ ، بولدى ،تاياق زەربىسىدىن ئىككى _ئۈچ كۈنگىچە ئەسلىگە كىلەلمەيتتى .،مەنمۇ مۇشۇنداق جازالارغا كۆپ ئۇچرىغان بولساممۇ ،لىكىن بارا _بارا چىداپ ،پۇت -قۇلۇمنىڭ چاققانلىقى ،ھەم ھۈنەردە پىشىپ يىتىلگەنلىكىمدىن سەمەت لوبەننىڭ ھەم تايسىننىڭ ئامراق ئادىمىگە ئايلاندىم . بەزىدە ئىسىل ھاراقلارنى ، ئىسىل تاماكىلارنى ئىچىپ -چىكىپ ،كۆڭۈل ئېچىش سۇرۇنلىرىدا خۇشال بۇلۇپ ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈرۈپ يۈرسەم ، بەزىدە قورسىقىمنىمۇ باقالماستىن قاراڭغۇ زەي ئۆيدە جازالىنىپ كۈن ئۆتكۈزەتتىم ، ھاياتىم مانا مۇشۇ تەرىقىدە بىر خىل رىتىمدا ئۆتمەكتە ئىدى . بۇ يەردە بىزدىن باشقا يەنە بىر قانچە لوبەننىڭ ئادەملىرى بار ئىدى ، ئۇلارنىڭ يۈرۈش -تۇرۇشلىرىغا قاراپ ئادەتتىكىدەك ئادەم ھىس قىلساقمۇ ، ئەمما ئارقا كۈرۈنىشى ناھايىتى مۇرەككەپ بولغان ئادەملەر ئىدى ، كىنو -تىلىۋىزورلاردىن ئاق چىكىش دىگەننى ئاڭلىغان بولساممۇ ،ھازىر ئۆز كۈزۈم بىلەن كۈرۈپ تېخى بەزىلىرىگە ياردەملىشىپ تۇمۇرىنىمۇ چىقىرىپ بىرىدىغان بۇلۇپ كەتتىم . مەن تۇنجى كەلگەن كۈنى كۈزۈمگە ئالاھىدە ئىسىق كۈرۈنگەن ئايال ئەسلىدە ئاق سودىسى قىلاتتى ، ھەيران ئىدىم ،يېشىمۇ خېلى بىر يەرگە بېرىپ قالغاندىن كىيىن گۇناھلىرىغا توۋا قىلىپ مۇشۇ ئىشتىن قول ئۈزسە بولمامدۇ ،دەپ ئويلايتتىم ،ھەي ! ئۈزىنىڭ نەۋرىسىدەك بالىلىرىغا ئاق سېتىپ ،ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا يېلىنىپ يالۋۇرۇشلىرىغا پەرۋا قىلماستىن تېخى پۇلنى ۋاقتىدا قايتۇرمىدىڭ ،دەپ ئۇرۇپ كىتىشلىرىنى ، ئادەمنىڭ كۈلگىسىنى كەلتۈرۈپ بەش ۋاخ ناماز ئۇقۇشلىرىنى كۆرسەم ،چايناپ پۈركۈۋەتكۈم كىلەتتى . ئانامدىن ،چوڭلاردىن ئاڭلىسام مۇسۇلمان مىللەتلەر ئۆز گۇناھلىرىغا توۋا قىلىپ ،يامان ئىشلاردىن قول ئۈزۈپ ئاخىرەتلىكى ئۈچۈن بەش ۋاخ ناماز ئۇقۇيدىكەن ، ئەمما بىر تەرەپتىن مۇشۇنداق ئاق سېتىپ ،يامان ئىش قىلىپ ،يەنە بىر تەرەپتىن ناماز ئوقۇغان كىشىلەرنىڭ ئاشۇ ئۇقۇغان نامىزى قۇبۇل بۇلارمۇ ؟؟...توۋا ! بۇ يەردە سۆزلەپ كەلسەم گەپ بەك جىق ، نۇرغۇن _نۇرغۇن ئىشلارغا ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدۇ ، ئۆز ۋىجدانى ۋە غۇرۇرىنى ،ئادىمىيلىك خىسلىتىنى تامامەن ئۇنتۇپ رەزىللىك بىلەن پۇل تېپىۋاتقانلار ،بىگۇناھ ،سەبىي گۈدەك بالىلار ،ئاق چىكىپ ئۈزىنىڭ ياشلىقىنى نابۇت قىلىشىۋاتقان مىللىتىمىزنىڭ نادان ،ئەخمەق ياش قىز -يىگىتلىرى .... بۇلارنى سۆزلەپ كەلسەم بىر داستان چىققۇدەك ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئېچىنىپ ،ئۇلارنى يامان يولدىن تۇسۇپ بولغىلى بولمايتتى ھەم مىنىڭ قۇربىممۇ يەتمەيتتى ، چۈنكى مەنمۇ ھازىر نامى چىققان ،خېلى ئۇچقۇر ئوغۇرلادىن دە ! ئۇلارنى شۇ ئىشتىن تۇسۇش ئۈچۈن ئاۋال ئۈزەم بۇ ئىشتىن قول ئۈزۈشىم كىرەك ، لىكىن بۇ مۇمكىنمۇ ؟؟ ياق ..ياق .. بۇ ھەرگىز مۇمكىن بولمايدىغان بىر ئىش ئىدى ! بۇ ئۆمرۈمنىڭ مۇشۇنداقلا ئۆتۈپ كىتىدىغانلىقىغانلىقىنى ئويلىسام كۆڭلۈم بۇزۇلاتتى . ھازىرقى ۋاقتىم بىر ئادەمنىڭ ئەڭ گۈزەل ،نەۋقىران ئۇنتۇلماس مىنۇتلىرى ئىدىغۇ ! نىمە ئۈچۈن ....زادى نىمە ئۈچۈن ........؟؟؟ ئۆز پىشانەمنىڭ تەتۈرلىكىدىن ،بىتەلەيلىكىمدىن ،تەقدىرىمدىن زارلىناتتىم . بۇ ئىشتىن قول ئۈزۈپ باشقا چىقىش يۇلى تېپىشى ئۈچۈن ئىزدىنەتتىم ... يېقىندىن بۇيان چىڭدۇنىڭ ۋەزىيتى بىر ئاز چىڭىيىپ قالدى ، بازارغا چىقىپ ئەمدى بىرەر سودىنى ئەپلەشتۈرەيلى دىيىشىمىزگە ، ئىتلار تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ قالاتتۇق .كۈنلۈك يىگەن -ئىچكەن ،چەككەن خىراجەتلىرىمىز ،ئىتلارغا تۆلىگەن پاكەن ...لوبەنگە ئېغىر كەلگەن چېغى ،بىزگە ئازراق ۋاقىت بازارغا چىقماسلىقنى ئېيتتى ،ئۇۋىمىزدا كۈندە بىكار يېتىپ تېلىۋىزور كۈرۈپ ،ئانچە -مۇنچە كورت ئويناپ ۋەزىيەتنى تىڭ _تىڭلاپ سىرتقا چىقمىدۇق . بۇ خېلى كۈنلەرگىچە داۋام قىلدى ، بىر كۈنى ياتاقتىكى چوڭ بالىلار بىلەن مەسلىھەتلىشىپ يېقىن ئەتراپتىكى تانسىخانىغا بېرىپ كۆڭۈل ئېچىپ ،ھاراق ئىچكەچ ئىش پۇشىقىمىزنى چىقىرىپ كەلمەكچى بولۇپ كىلىشتۇق .بۈگۈن بۇ يەرنىڭ سودىسى ناھايىتى قىزىپ كەتكەن ئىدى ، تانسىخانا ئىچى لىق ئادەملەر بىلەن تولغان بۇلۇپ ، ھەممە ئادەملەر جۈپ _جۈپ بۇلۇپ ئولتۇرشاتتى . بىزمۇ بىكار ئۇرۇنغا كىلىپ ،مۇلازىمنى چاقىرتتۇق ھەم ئىككى بۇتۇلكا ئاق ھاراق ،ئازراق ئۇششاق _چۈشەك يىمەكلىكلەرنى بۇيرۇتتۇق .بۇيرىتىلغان نەرسىلەر كەلتۈرلۈپ ئەمدى سورۇننى باشلايلى دەپ تۇرساق ،رىياسەتچى يىگىت ئوتتۇرغا چىقىپ خەنزۇچە بىرنىمىلەرنى دېدى ، شۇئان تانسىخانىدىكى ھەممە خەنزۇلار قىقاس _چۇقان سېلىشىپ چاۋاك چېلىشىپ كەتتى . سەن خەقتىن بىز قالامدۇق ،دىگەننى قىلىپ بىزمۇ ئەگىشىپ چاۋاك چېلىپ قويدۇق .ئارقىدىنلا كىندىكىنى ئۇچۇق قۇيۇپ ،يېرىم يالىڭاچ بىرقىز ئوتتۇرغا چىقىپ ،ناخشىغا ماسلاشتۇرۇپ ،بەدەنلىرىنى تولغىغىنىچە ئەرەپچە ئۇسۇلغا چۈشۈپ كەتتى .ھەممىمىزنىڭ كۆزى شۇ قىزدا ئىدى ،بۇ قىز بىر قارىماققا ئۇيغۇرغا ئوخشايتتى ،لىكىن بىزنىڭ ھايالىق ،ئىپپەتلىك ، پەزىلەتلىك ئۇيغۇر قىزلىرىمىز ھەرقانچە بولسىمۇ بۇ يەردە خەنزۇلارنىڭ ئالدىدا يۈزىنى تۈكۈپ يېرىم يالىڭاچ ئۇسسۇل ئويناپ يۈرمەس ،دەپ ئويلايتتىم . تۇرۇپ _تۇرۇپ قىز بىلەن كۈزىمىز ئۇچرىشىپ قالاتتى ، قىز شۇھامان كۆزىنى باشقا يەرگە ئېلىپ قاچاتتى . قىز ئۇسسۇلنى ھەقىقەتەن چىرايلىق ،خۇددى ھەقىقىي ئەرەپ قىزلىرىدەك نەپىس ئويناتتى ،لىكىن شۇ ... بىزمۇ ئۇسسۇلدىن ھۇزۇرلانغاچ سورۇننى باشلىۋەتتۇق ،بىردەمدە ماز ،سېرىق يۇمۇرلانى ئېيتىشىپ سۇرۇننى ئەۋجىگە چىقىرىۋەتتۇق . ناخشىمۇ ئاخىرلىشىپ قىز سەھنىدىن چۈشتى _دە ،كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بولغان دەقىقىنىڭ ئىچىدە ،ئاللىقاياقلاغا غايىپ بولدى .....ئالاھەزەل يېرىم سائەتلەردىن كىيىن قىز پەيدا بولدى ، بايىقى ئۇسسۇل كىيىملىرىنى سېلىۋىتىپ كىيىم يەڭگۈشلەپ باشقىچىلا بىر چىرايلىق ،ئۇماق تۈسكە كىرىپ قالغان ئىدى . ___قاراڭلار ! ئاۋۇ سەتەڭ بىز تەرەپكە قاراپ كىلىۋاتىدۇ . ___ئوخخو ! كاساپەتنىڭ شېنسەيلىرى (بەدەن قۇرۇلمىسى )ئالامەت پەيزىكەنغۇ . تازا يالىڭاچ قىلىپ تۇرۇپ خام يىگۈدەك ئىكەنغۇ ......ۋەت........! سورۇندا ئەبجەش كۈلكە ئەۋج ئالدى ، قىز دەرۋەقە بىز تەرەپكە قاراپ كىلىۋاتاتتى ، سۇرۇندىكى ھەممىمىز قىلىۋاتقان ئىشىمىزنى تاشلاپ قۇيۇپ قىزغا قاراپ ھاڭۋېقىپ قالدۇق . ___ئەسسىلام ! ياخشىمۇسىلەر !سىلەر ئۇيغۇرمۇ ؟ >_قىز يېنىمىزغا كىلىپ بىزدىن سورىدى . ___نىمە ؟ ئۇيغۇرمۇ ؟چىرايىمىزدىن ئۇيغۇرلۇقىمىز چىقىپ تۇرمامدىكەن ئاپپاق خان .يا بىزنى بايا ئوينىغان ئۇسۇلىڭىزدىكى ئەرەپلەرگە ئوخشىتىپ قالغانمىتىڭىز ؟ >_دېدى ئەركىن جاۋاپ بىرىپ . چىقىپ تۇرىشىغۇ چىقىپ تۇرىدىكەن ...شۇ ..شۇ ...>_قىز نىمە دىيىشنى بىلمەي تەمتىرەپ قالدى . ___بايا تېخى سىزنى قايسى





    评论

  • مانا كەتتى
  • قېنى ، ئۇيغۇرتېكىن بلوگىنى ئۇلىنىش قىلماپسىزغۇ ؟
  • http://www.blogspot.com
    دىن بىر ئادىرىس ئالغان ئىدىم قارىسم سىلە بۇنى ئۇيغۇرچىغا ئۆزگەرتىۋېپسىلە ،قانداق قىلغانلىقىڭلارنى بىلگۇم بارىدى..ياردەم قىلاسىزمۇ؟..e خەتتە جاۋابىڭىزنى كۇتىمەن./