• 2008-11-28

    QQ دىكى مۇھەببەت (ھېكايە) - [كومپيۇتېر بىلىملىرى]

     

    QQ دىكى مۇھەببەت

    (ھېكايە)

    ئەنۋەر جۇلا

    ئېسىمدە قېلىشىچە، شۇ كۈنى يىگىتىمنىڭ كىرلىرىنى يۇيىۋاتاتتىم، يىگىتىم كومپيوتىرىنى ئويناپ بولۇپ سىرتقا چىقىپ كەتكەن ئىدى. بەلكىم بىردەم شامالداپ كىرگۈسى ياكى ھاراق ئىچكۈسى كەلگەندۇ... تېلېفۇن جىرىڭشىدى، ئالسام ناتۇنۇش بىر ئايال مەندىن ئەھۋال سورىدى. مەنمۇ جاۋابەن ئۇنىڭدىن ئامانلىق سورىدىم. «تېچلىقمۇ، سالامەتمۇ ئۆزلىرى، ئۆي ئىچى بالا-ۋاقىلار تېچلىقمۇ » دەپ ئەھۋال سورىشىشلا تۈگىگەندىن مەن ئۇ ئايالنىڭ كىملىگىنى سورىدىم.
    _ سىز ئەڭ ياخشىسى مېنىڭ كىملىگىمنى سورىماڭ، سىز مېنىڭ سورىغان سۇئالىمغا جاۋاپ بەرسىڭىزلا بولدى، _ دېدى ئۇ ئايال مۇلايىم ئاۋاز بىلەن. ئاۋازىدىن 30- 35ياشلار چامىسىدىكى ئايال ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلدىم. بۇ گەپنى ئاڭلاپ سەل غەلىتە ھىس قىلدىم.
    _ ئۇنداقتا سىز مېنى تونۇمسىز؟_ ئاۋازىم غاراڭ-غۇرۇڭ چىقىپ كەتتى.
    _ تونۇمىسام سىزگە تېلېفۇن قىلارمىدىم سىڭلىم، تازا ئوبدان تونۇيمەن..._ دېدى ئۇ ئايال بايىقىدىن سەل باشقىچە تەلەپپۇزدا. ھاۋا تونۇردەك قىزىق بولغاچقا تەرلەپ تۇراتتىم. بۇ گەپنى ئاڭلاپ قىزىق چاينى ئوتلىغاندەك چېكەمدىن تەر قۇيۇلدى. كۆڭلۈمدە بۇ ئايالنى تېلېگراف شېركىتىنىڭ تېلېفۇن ھەققىنى سۈيلىگىچىسى خادىمى، باجگىر، ساقچى ئىشقىلىپ ھەر خىل ئوبرازدا تەسەۋۋۇر قىلىپ باقتىم. بەلكى ھەق ئېلىش تۈرىدىكى بىرەر مۇلازىمەتچى خادىم بولسا كېرەك، دەپ پەرەز قىلدىم.
    _ ئەجەپ ئىش سىز مېنى تونۇيدىكەنسىز، بىراق مەن سىزنى تونۇمايدىكەنمەن، _ دېدىم ئۇ ئايالغا.
    _ شۇنداق، _ دېدى ئۇ ئايال، _ سىز ھاياتىمدىكى ئەڭ مۇھىم بىر ئادەم، سىزنى كېچە-كۈندۈز خىيال قىلىمەن، نەپرەتلىنىمەن، يەنە بىر تۇرۇپ ئىچ ئاغرىتىمەن، _ دېدى ئۇ ئايال.
    بۇ گەپنى ئاڭلاپ مۇزلاپ كەتتىم. نورمال كېتىۋاتقان ئاپتوموبىل ئۆز كونتروللىقىنى يوقاتقاندەكلا ھودۇقۇپ كەتتىم.
    _ سىز ساقچىمۇ، نىمىشقا مېنى ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ مۇھىم ئادەم دەپ بىلىسىز، نىمىشقا كېچە-كۈندۈز مېنى خىيال قىلىسىز، نەپرەتلىنىسىز، ئىچ ئاغرىتىسىز؟_ لاغىلداپ تىترىگىنىمچە بۇ سۇئاللارنى سورىدىم.
    ئۇ ئايال ساراڭدەك قاقاھلاپ كۈلۈپ ئارقىدىن يىغلاپ كەتتى، ئاندىن:
    _ مەن باشتا دېدىمغۇ، سىز سالاھىيىتىمنى سورىماڭ، سالاھىيىتىمنى ھازىر ئۇقسىڭىز قاتتىق قورقۇپ كېتىسىز، ئازاپلىنىسىز، ئەڭ ياخشىسى سورىغان سۇئاللىرىمنىڭ ئۆزىگىلا جاۋاپ بېرىڭ، _ دېدى ئۇ ئايال.
    _ قانداقسىگە، نېمە ئۈچۈن؟ بۇ...بۇ...ساراڭ..._ تېلېفۇننى تاققىدە قويۇۋەتتىم. شۇ تاپتا كاللامدا چاقماق چېقىلىپ، گۈلدۈرماما گۈمبۈرلەيتتى. ناھىيىتى قالايمىقان پەرەزلەر چاقماق تېزلىكىدە خىيالىمدىن كېچەتتى.
    سەل تۇرۇپ تېلېفۇن يەنە جىرىڭشىدى. بىر ئالماي دەپ يەنە ئالدىم.
    _ جېنىم سىڭلىم، گېپىمنى سەۋر-تاقەتلىك بىلەن ئاڭلاڭ، مەن ئەسكى ئادەم ئەمەس، بەلكى سىزگە ھىسداشلىق قىلىدىغان بىر ئاقكۆڭۈل ئايال..._ دېدى ئۇ ئايال تېلېفۇننى ئېلىشىمغىلا مىشىلداپ.
    _ شۇ تاپنىڭ ئۆزىدە گاڭگىراپلا قالدىم ھەدە، بەك غەلىتە گەپ قىلىدىكەنسىز، ئادەمنى قورقۇتماي گەپنىڭ توچكىسىنىلا دەڭ، مەن بەك قورقۇنچاق قىز، _ دېدىم ئۆزەمنى ئىلاجى بار سالماق تۇتۇشقا تىرىشىپ. ئايالنىڭ «مەن ياخشى ئادەم،سىزگە ھىسداشلىق قىلىمەن» دېگەن سۆزىدىن سەل پەسكويغا چۈشۈپ قالغاندەكمۇ قىلاتتىم. لېكىن شۇملۇقنىڭ بىشارىتى بۇرنۇمغا پۇراپ تۇراتتى.
    _ قىز؟ ھا!ھا!ھا!... سىز ئۆزىڭىزنى بېسىۋېلىپ تۇرۇڭ، بەزىبىر گۇمانىڭىزنى ساقىت قىلىۋېتەي، سىزنى قانداق تونۇيدىغانلىقىمنى ئېيتىپ بېرەي، _ دېدى ئۇ ئايال.
    _ قۇلىقىم سىزدە..._ بۇ ئايال بىلەن سۆزلىشىشكە تاقىتىم قالمىغان بولسىمۇ لېكىن يەنە بىر قېتىم تېلېفۇننى قويۇۋېتىشكە زادى جۈرئەت قىلالمىدىم.
    _ ئىسمىڭىز پەرىدە، توغرىمۇ؟
    _ شۇنداق مەن پەرىدە.
    _ 26ياش.
    _ توغرا.
    _ شەھەرلىك 29- باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتقىچىلىق قىلىسىز، ئەدەبىيات دەرسى بېرىسىز.
    _ ئېيتىۋېرىڭ...
    _ شۇ تاپنىڭ ئۆزىدە بىر پارچە سۈرىتىڭىزگە قاراپ ئولتۇرۇپتىمەن، نۇر يېغىپ تۇرىدىغان ئاپئاق،يۇمران يۈز، يوغان،نۇرلۇق قارا كۆزلەر، ئۇزۇن، ئەگمەچ قاش،ئىلىپتەك قاڭشار، سەل قېلىن، لېكىن ئۆزىگە خوپ ياراشقان يېرىم يۇمۇق لەۋلەر ئارىسىدىن مارىلاپ قالغان سەدەپتەك ئاپئاق بىر نەچچە تال چىش، سۇس بۈدۈر قىلىنغان چاچلار ناۋاترەڭ ئۆزە ياقىلىق پوپايكىنىڭ مۈرىسىگە تاشلىنىپ تۇرىدۇ...
    _ بولدى ئېيتماڭ..._ دېدىم تېخىچە گاراڭ ھالەتتە.
    _ ئىشەنمىسىڭىز، كىملىك گۇۋاھنامىڭىزنىڭ كۇپىيە نۇسخىسىمۇ مەندە بار. ئۇنىمۇ دەپ بېرەيمۇ؟
    _ بولدى ھاجىتى يوق، سىز نىمىشقا مېنىڭ پېيىمگە چۈشىسىز، بۇنداق قىلىش نېمىگە ھاجەت بولۇپ قالدى؟ _ قوپاللا ئېيتتىم.
    _ دېمەك ئەمدى پاراڭلاشساق بولىدىكەن، _ دېدى ئۇ ئايال سۇئالىمغا جاۋاپ بەرمەي.
    _ نېمىنى پاراڭلىشىمىز، بىلمىدىم، سىزگە زادى نېمە كېرەك؟
    _ بۇنى كېيىن دېيىشىمىز، مەن سىزنى بۇنچىلىك ياخشى بىلگەن بىلەن ئەمما ئىككىمىزنىڭ ئارىلىق تولىمۇ يىراق، سىز ئۈرۈمچىدە، مەن بولسام قەشقەردە. ئىككىمىز ئۇرۇق-تۇققانمۇ ئەمەس، ھەم ئەشەددى رەقىپلەرمۇ ئەمەس، بەلكى ئورتاق زىيانلانغۇچىلار...
    _ نېمىدە ئورتاق زىيانلانغۇچىلارمىز؟
    _ ئەمدى دەيدىغان يېرىگە كەلدى، سىز ناھىيىتى سەمىمىلىك بىلەن جاۋاپ بېرىڭ، جۈرئەتنىڭ ھازىر قېشىڭىزدا يوقلىقىنى ئوبدان بىلىمەن. ئۇ مېنىڭ ئېرىم بولىدۇ، ئەستا! بۇ گەپنى ھازىرچە دېمەي تۇراي دەپ ئويلىغان ئىدىم، لېكىن سىز قىستاپ شۇ يەرگە ئاپاردىڭىز...
    بېشىمنىڭ ئۈستىدە يەنە بىر قېتىم چاقماق چېقىلدى. باياتىندىن بېرى بۇ خىل ئېھتىماللىقنى غىل-پاللا خىيالىمدىن ئۆتكۈزگەن ئىدىم. لېكىن جۈرئەتنىڭ ماڭا بولغان مۇھەببىتى، سەمىمىي ئىپادىسى، بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق ماڭا قالدۇرغان تەسىراتلىرى ھەرقانداق گۇماننى سىغدۇرمايتتى.
    ھېلىمۇ ئۇ ئايالنىڭ بۇ سۆزىگە ئىشەنمىدىم.
    _ سىز راستىنلا خاتالىشىپسىز، بۇ مۈمكىنمۇ؟ جۈرئەتنىڭ قانداقسىگە ئايالى بولسۇن، بولۇپمۇ قەشقەردىن، توۋا...
    _ سىز جۈرئەتنىڭ دەل مۇشۇ يېرىگە ئالدىنىپ كەتتىڭىز، ئۇ سىزگە دېگەندەك ئۈرۈمچىلىك ئەمەس ھەم ئۈرۈمچىدىكى ئۇ كاتتا شېركەتنىڭ مۇئاۋىن دېرىكتورىمۇ ئەمەس، مۇنداقچە ئېيتقاندا ئۇ بىر مەككار قويمىچى.
    _ نېمە؟ ھا!ھا!ھا!..._ قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتىم، بۇ «ئېغى بار، بېغى يوق» گەپ راستلا كۈلگۈمنى كەلتۈرىۋەتكەن ئىدى. يىگىتىمنى ئۆزەمنىڭ ئەينەك ئالدىدىكى چىرايىمدەك چۈشەنمىسەم كاشكى! ئۇنىڭ 120كۋادىرات مېتىرلىق ئۆيىدە نىكاھسىز ئەر-خوتۇن بولۇپ تۇرىۋاتقىلى 1يىل بولاي دېگەن تۇرسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە شەھەرنىڭ ئەڭ ئاۋات يېرىدىكى خىزمەت بىناسىنىڭ 12-قەۋىتىكى ئازادە ئىشخانىسىغىمۇ مېنى نەچچە قېتىم ئەكىرگەن، كىرىسلودا مېنى تىزىغا ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ سۆيۈۋاتقىنىدا كاتىپ قىزمۇ كىرىپ قالغان، يىگىتىمنىڭ بۇيرۇشى بىلەن شۇ شېركەتنىڭ نامىدىكى مائاش كارتىسىدا ئۆز قولۇم بىلەن بىر قانچە قېتىم مائاشىنى ئالغان تۇرسام... ئېنىقكى، بۇ بىر كولدۇرلىتىش، ئۇ ئايال چوقۇم مېنى كولدۇرلىتىۋاتىدۇ ياكى يامان غەرەزدە بىرەر نەرسە ئۈندۈرمەكچى بولسا كېرەك...جۈرئەت قانداقسىگە قەشقەرلىك بولسۇن،قەشقەردىن ئايالى بولسۇن، ئۇ ئايال دېگەندىكىدەك مەككار قويمىچى بولسۇن؟ مىڭ ئويلىساممۇ ئۇنىڭ شۇنداق بولۇش ئېھتىماللىقىنى جۈرئەتنىڭ مەن بىلىدىغان بارلىق ئىشلىرى لوگىكا جەھەتتىن ئۇنداق ئەمەس دەپ خۇلاسە چىقىراتتى.
    _ سىز كۈلمەڭ، مەن ئەستايىدىل گەپ قىلىۋاتىمەن، ئېرىم كومپيۇتېر زاپچاسلىرى سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر سودىگەر. ئۇنىڭ سىزگە مەن تېگىمدىن ئۈرۈمچىلىك دېگىنى پۈتۈنلەي يالغان، « باھادىر شېركىتى» دە ئىشلەيمەن دېگىنىمۇ قىپقىزىل ئالدامچىلىق، بىر ئايدىن بېرى پۇل بىلەن ئادەم ياللاپ ئېرىمغا پايلاقچىلىققا سالدىم، ئۇنىڭ ئاشۇ شېركەتتە قانداق سالاھىيەتكە ئىگە بولىۋالغىنىنى، كىمنىڭ ئۆيىنى بېقىپ ئولتۇرىۋاتقىنىنى، سىزنى قانداق ئىندەككە كەلتۈرگىنىنى، قانداق خوتۇن قىلىۋاتقىنىنى ھەممىسىنى بەش قولدەك بىلىپ بولدۇم. ھەتتا ئىككىڭلارنىڭ كارىۋاتتىكى سۈرىتىڭلارنىمۇ قولغا چۈشۈرۈپ بولدۇم. سىلەر تېخى مۇشۇ ئاينىڭ 19-كۈنى توي قىلىمىز دەۋاتىسىلەر. ئۇنىڭ خوتۇنى ۋە ئىككى بالىسى بار ئادەم تۇرسا بۇ مۈمكىنمۇ؟ مەن سىزگە سەمىمىي، خەيرخاھلىق بىلەن گەپ قىلىۋاتىمەن سىڭلىم، ۋاقتىدا ئەقلىڭىزنى تېپىۋېلىڭ. مەن سىزنىڭ داۋاملىق ياشلىق باھارىڭىز ۋە ئىستىقبالىڭىزنى نابۇت قىلىۋېرىشىڭىزگە چىداپ بولالمىدىم. ئېرىمنى ماڭا قايتۇرۇپ بېرىڭ، دېيىشىمنىڭمۇ ھاجىتى يوق، چۈنكى ئۇ مېنىڭ قانۇنلۇق ئېرىم، ئىككى بالامنىڭ دادىسى، بۇ رىئاللىقنى ئۆزگەرتمەي تۇرۇپ ئۇ سىز بىلەن ھەرگىز توي قىلالمايدۇ. ئەمدىغۇ گېپىمنى چۈشەنگەنسىز...مەن پەقەت سىزنى دەپلا مۇشۇنداق قىلىۋاتىمەن، مەنمۇ سىزگە ئوخشاش ئالى مەكتەپتە ئوقۇغان، تۈزۈك ئورۇندا خىزمىتى بار ئاڭلىق ئايال، بولمىسا سىزگە ۋە ئېرىمگە بولغان نەپرىتىمنى قىساس ئېلىش ئارقىلىق باسىدىغان رەزىل پىلانلارنىمۇ ئويلاپ قويغان ئىدىم. مەكتىپىڭىزگە، سوتقا ئەرىز قىلساملا ھەر ئىككىڭلار تۈرمىگە تاشلىناتتىڭلار، ھېچ بولمىدى دېگەندىمۇئەخلاقنىڭ قاتتىق ئەيىپلىشىگە ئۇچرايتتىڭلار، سىزمۇ خىزمىتىڭىزدىن ئايرىلىپ قالاتتىڭىز، لېكىن ھازىرغىچە مەن ئىگەللىگەن ئەھۋاللارغا قارىغاندا سىزدە گۇناھ يوقكەن، خىزمەت ۋە باشقا جەھەتتىكى ئىپادىڭىز ھەممە ئادەمنىڭ قايىللىقىنى كەلتۈرىدىكەن، شەھەر بويىچە مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى ئىكەنسىز، تونۇش-بىلىشلىرىڭىز ۋە خىزمەتداشلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى سىزگە بەك ياخشى قىز دەپ يۇقىرى باھا بېرىدىكەن....لېكىن سىڭلىم، مۇشۇ ئىشتا ئىنتايىن ئەقىلسىزلىق قالدىڭىز. قانداق دېگەن ئىشلىمىگەن كاللا، نىكاھ ئوقۇتماي تۇرۇپ بىر ئۆيگە كىرىۋالىدىغان ئىش نەدە بار؟ سىز ئۇيغۇرمۇ ياكى باشقا تائىپىدىنمۇ؟ شۇنداقمۇ ئەقىلسىزلىق قىلامسىز سىڭلىم...
    گەپ بۇ يەرگەندە ئۇ ئايال ھۈڭگۈرەپ يىغلاپ كەتتى، مەنمۇ ئۆپكەم تېشىغا ئۆرۈلۈپ ئۆزەمنى تۇتىۋالالماي يىغلاپ كەتتىم. « بۇ نېمە ئىش، ئوڭۇممۇ چۈشۈممۇ؟ ئەجابا شۇ قەدەر شىرىن، شۇ قەدەر بەختلىك، شۇ قەدەر رومانتىك، شۇ قەدەر گۈزەل كېتىۋاتقان بۇ تۇرمۇشىمىزغا تۇيۇقسىزلا رەھىمسىز توپان ھۇجۇم قىلسا...ئاھ خۇدا...»
    ئايال سەل تۇرۇپ گېپىنى يەنە داۋام قىلدى. سۆزلىرى قۇلىقىمدىن كاللامغا ئەمەس، ئۇدۇل يۈرىكىمگە كىسلاتادەك قۇيۇلماقتا ئىدى.
    _ ئاخىرى مەن سىز ۋە ئېرىمنى ۋەيران قىلىدىغان پىلانىمدىن ۋاز كەچتىم. بۇنداق قىلسام ئائىلەم، ئىككى بالام، سىز ۋە مەن ئوخشاشلا ۋەيرانچىلىققا دۇچار بولىدىكەنمىز، مەن ئۆزەمنىڭ مائاشى بىلەن ئىككى بالامنى گۈلدەك بېقىپ كېتەلەيمەن. لېكىن، بالىلىرىم چوڭ بولغاندا دادىسىنىڭ رەزىل ئۆتمۈشىدىن يىرگىنىشىنى، باشقىلار تەرىپىدىن ھەر نېمە گەپلەرنى ئاڭلاپ ھاقارەتكە ئۇچرىشىنى خالىمىدىم، ئەقلى بار ئادەمگە ۋىجدان ئازابى سېلىشتىنمۇ ئارتۇق تۈرمە بولمىسا كېرەك. بالىلىرىم ۋە ئائىلەمنىڭ شان-شەرىپى ئۈچۈن مەن جۈرئەتنى ئۆزەمگە قايتۇرۇپ كەلدىم. شۇنى سەمىڭىزگە سېلىپ قويايكى، سىزدە بار چىراي مەندىمۇ بار، ھەم ئېرىمنى بويسۇندۇرغىدەك ئىقتىدارمۇ مەندە بار. بىراق ئېرىمنىڭ تۇرقىغا قارىسام كۆڭلۈم ئېلىشىدۇ، بۇنىڭلىق بىلەن ئۇنىڭدىن ۋاز كەچمەيمەن، ئۆزەمنىڭ، ئائىلەمنىڭ ئار-نومۇسى ئۈچۈن بۇ خورلۇقنى كۆتۈرۈشكە مەن رازى. مەن، قېينئاتام ۋە قېينئاناملار بىلەن بۈگۈن ئۈرۈمچىگە چۈشتۇق. كېلىپلا جۈرئەتكە تېلېفۇن قىلدۇق. ئۇ ھازىر قېشىمىزدا، سىزگە تېلېفۇن قىلىۋاتقىنىمنىمۇ ئاڭلاپ ئولتۇرىدۇ. ئۇنىڭغا ھەممە ئەھۋالنى ئۇققانلىقىمىزنى ئېيتتۇق... بىزنىڭ گېپىمىزنى يۇۋاشلىق بىلەن ئاڭلاپ بىز بىلەن بىللە كېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇنىڭغا شۇنداق قىلماي نېمە ئامال؟ ئۇنداق قىلمايدىكەن ئۇنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقىنى ئېچىنىشلىق ئاقىۋەت...سىزمۇ بىر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى سىڭلىم، ئەڭ ياخشىسى ئېرىم ئۈستىدىن سوتقا ئەرز قىلماڭ، ئەرز قىلسىڭىزمۇ سىزگە ھېچقانداق پايدىسى يوق. جەمئىيەتتىكى يۈز- ئابرويىڭىز قاتتىق تۆكۈلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئىشنى ئۆزىڭىز خالاپ قىلدىڭىز، ئېرىم سىزنى مەجبۇرلىمىدى، ھەممىنى ئۆزىڭىزنىڭ شور پىشانىلىقىڭىزدىن كۆرۈڭ... ھە راست، سىز ھازىر ئولتۇرىۋاتقان بۇ ئۆيدىن دەرھال كۈدە-كۈپىڭىزنى يىغىشتۇرۇپ چىقىپ كېتىڭ. مەن ياللىغان تىڭتىڭچى ۋە جۈرئەتنىڭ ئېيتىشىچە بۇ ئۆي ئۇنىڭ ئىچكىرىدە تىجارەت قىلىۋاتقان بىر ئاغىينىسىنىڭ ئۆيىكەن. ئۇ ئاغىينىسى يېقىنداشاڭخەيدىن قايتىپ كەلمەكچى ئىكەن...
    بىردىنلا كاللامنىڭ ئىچىدە ياغاچ تىلىش ماشىنىسىنىڭ ئاۋازىدەك چىرقىراق بىر ئۈن غەليان كۆتۈردى. كۆز ئالدىم قاراڭغۇلۇققا تىقىلدى... كەچقۇرۇن بولغاندا ھۇشۇمغا كەلدىم. ئۆي ئىچى كۆزۈمگە مۇدھىش دوزاقتەك كۆرۈنەتتى. ئۆزەمگە تەئەللۇق بولغان گىرىم بۇيۇملىرى ۋە كىيىم- كېچەكلىرىمنى بىر چامىدانغا پۇرلاپ تىقتىم –دەؿماغدۇرسىؿپۇتلىرىمنى تەستە يۆتكەپ ئۆيدىن چىقىپ كەتتىم...
    (2)
    ئۇ ئىش يۈز بېرىپ ئارىدىن 4ئاي ۋاقىت ئۆتتى. ئۇ چاغ يازنىڭ تازا تومۇز ئىسسىق ۋاقتى بولسا ھازىر ھەممە يەر كۆك مۇز بىلەن قاپلانغان قارا قىش. كۈندا دېگۈدەك قار ياغىدۇ، قار يېڭى ياغقاندا شۇ قەدەر ئاق ۋە پاك. لېكىن سائەت ئۆتمەيلا ئۈرۈمچىنىڭ ئىس-تۈتەكلىرى ئاپئاق قارنى ئۆزىدەك قارا ۋە مەينەت قىلىۋېتىدۇ. قارنىڭ بۇ قىسمىتى بىلەن مېنىڭ قىسمىتىم نېمىدېگەن ئوخشاش-ھە! چوڭ كوچىدىكى كۆك مۇزلارنى تېيېلىپ كەتمەي دەپ ئاۋايلاپ دەسسەپ مېڭىپ مەن ئىجارىگە ئېلىپ ئولتۇرىۋاتقان ئىككى ئېغىز كۈتلەك ئۆيۈمگە قايتىش ئۈچۈن ئارقا كوچىغا قايرىلىپ ئوشۇققىچە كېلىدىغان قارنى دەسسەپ ماڭدىم. بۇ مېنىڭ « نېرۋا كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى» دىن ساقىيىپ چىققىنىمغا بىر ھەپتە بولغان ۋاقىت ئىدى. قار يېڭى ياغقاچقا ئاپئاق ۋە پاكىزە ئىدى. خۇددى مېنىڭ بىر يېرىم يىلدىكى ھالىتىمگە ئوخشاش. ئۇ چاغدا مەن خۇددى مۇشۇ ئايىقىم ئاستىدىكى غىچىلداۋاتقان قارغا ئوخشاش ئاپئاق ۋە پاك ئىدىم. لېكىن ھازىر مەن ئاپئاق ئەمەس، يۈزلىرىمنى تورغاينىڭ پوقىدەك قارا داغ بېسىپ كەتتى، بۇرۇنقى ئىپەكتەك يۇمشاق چاچلىرىم تولا يۇلىنىپ ھېچنىمىسى قالمىدى، ھازىر چىرايىم ئىلگىرىكىگە پەقەتلا ئوخشىمايدۇ، گىرىم قىلسام تېرەمگە گىرىم ئىچمەيدۇ. قارا داغ ئاستىدىكى يۈز تېرەم بىر خىل كۆك كۆرۈنىدۇ. خۇددى چوڭ يولدىكى مۇزغا ئوخشاش. كۆزلىرىمنىڭ قىزلارغا خاس پاك رەڭگى يوقۇلۇپ ئىشرەتخانىدىكى پاھىشە قىزلارنىڭ كۆزلىرىگە ئوخشاپ قالغان، ئەينەككە قارىسام ئۇنىڭدىن ئۆزەممۇ ئىشەنمەيدىغان بىر خىل غەلىتە، يېقىمسىز نۇر چاقناپ تۇرىدۇ. ئەينەككە كۆزۈمنى ھەر خىل قىلىپ قاراپ باقتىم. ھەر خىل سۈرمىلەرنى سۈركەپ باقتىم، مۇلايىم قاراپ باقتىم، كۈلۈپ قاراپ باقتىم، يىغلاپ قاراپ باقتىم، بەرىبىر ئوخشاش. ئۇنىڭدىكى پاك نۇر يوقالغىنى يوقالغان ئىدى. كوچىدا ماڭسام كۆزۈمنى باشقۇرالمايمەن. ئەرلەردىن شۇنچىلىك نەپرەتلىنىمەن، ھەممىسىنى تۇرپان ئويمانلىقىدەك كېلىدىغان ئازگالدىن بىرنى كولاپ يالقۇنتاغدەك كېلىدىغان توپا بىلەن كۆمۈۋەتكۈم كېلىدۇ. لېكىن كۆزلىرىم ئىختىيارسىز ئەرلەرنىڭ كۆزىنىڭ بالىخانىسى تەرەپكە تىكىلىپ قالىدۇ...ئىچ- ئىچىمدىن بىر ئۆرتىلىش يامراپ چىقتى. لېكىن دوختۇر مېنى كۆڭلىڭىزنى ئازادە تۇتۇڭ، ئوشۇق ئىشلارنى كاللىڭىزغا كىرگۈزىۋالماڭ، قاتتىق ئازاپلانسىڭىز كېسىلىڭىز يەنە قوزغىلىدۇ دېگەن ئىدى. شۇڭا بۇ خىل ئازاپلىق تۇيغۇدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن جايىمدا بىر دەم تۇرۇپ ئايىقىم ئاستىدىكى ئاپئاق قارغا زەن سېلىپ قارىدىم. ئايىقىمدا دەسسەلگەن قار يۇندىغا ئايلانغان ئىدى. لېكىن ئاياق تەگمىگەن قار شۇ قەدەر ئاق، شۇ قەدەر بىغۇبار ئىدى. ئاسمان يۇندىدەك مەينەت، كىشىلەر موكىدەك ئۆتۈشۈپ كېتىۋاتقان چوڭ يولدىكى قار- مۇزلارمۇ بەڭگىلەرنىڭ تۈكۈرىكىدەك مەينەت، لېكىن كىشىلەرنىڭ ئايىقى تەگمىگەن جاي شۇنچىلىك ئاپئاق ۋە پاكىزە ئىدى. مەن كۆزلىرىمنى ئىلاجى بار كىشىلەرنىڭ ئايىقى تەگمىگەن جايغا ئاپىرىشقا تىرىشتىم. ئاپئاق قار كۆڭلۈمگە بىرئاز تەسەللى بولدى. لېكىن ئاشۇ يۇندىدەك ئاسماننىڭ بىر تەرىپىدە سۇس چاقناپ تۇرغان قۇياشنىڭ زەئىپكىنە نۇرىدا سۇس جىمىرلاپ مېنى زاڭلىق قىلىۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى... خالتا كوچىنىڭ ئايىقىدا بىر توپ بالىلار پەيدا بولۇپ قارنى پوڭزەك قىلىشىپ بىر-بىرىگە ئېتىشىپ ئوينىغىلى تۇردى. ئۇلارنىڭ شۇ تۇرقى شۇ قەدەر سۆيۈملۈك، قەلبى گويا ئاپئاق قاردەك ئاق ۋە بىغۇبار. ئۇلارنىڭ چۇرقىراشلىرىغا قاراپ يەنە بىر دەملىك ئازاپتىن خالاس بولدۇم. ئاندىن ئۇلار تەرەپكە قاراپ ئاستا ماڭدىم. قارنى بۇلغىۋەتمەي دەپ قارغا بوش دەسسىدىم. بەرىبىر، ئاياق قويىشىم بىلەن قار غاچىلداپ ئاۋاز چىقىراتتى، ئاندىن دەسسەلگەن يەردىن يۇندىدەك سۇ ئاقاتتى. بىر كەمدە، ئالدىمدا بىر-بىرىنى قولتۇقلىشىپ كېلىۋاتقان 35ياشلار چامىسىدىكى سالاپەتلىك بىر ئەر بىلەن 25ياشلار چامىسىدىكى قۇمچاقتەك بىر قىز پەيدا بولدى. ئەر ئۇزۇن بېغىررەڭ پەلتۇ كىيگەن، بوينىغا چىرايلىق چاقماق گۈللۈك شارپا ئارتىۋالغان، چاچلىرى توزغۇپ تۇرغان كېلىشكەن يىگىت ئىكەن، قىزمۇ ئۇنىڭغا پار كەلگەن بولۇپ ئۈرۈمچىنىڭ يىگانە گۈزەللىرىدىن ئىدى. تىكىلىپ قارىمايمەن دەپ يەنە تىكىلىپ قاراپ قالدىم، بولۇپمۇ يىگىتكە. يىگىت باشتا ماڭا پەرۋا قىلمىدى، لېكىن يېنىمدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ قىز ھەمرايىغا چاندۇرماي كوچىغا ئوۋ ئوۋلىغىلى چىققان ئىشقىۋاز يىگىتتەك ئەپجانىمغا بىر قارىدى. كۆزۈمگە قاراپ بىر كۆزىنى شوخلۇق بىلەن قىسىپ قويۇپ ئۆتۈپ كەتتى. ئاندىن سەل نېرىسىغا بېرىپ ئاپئاق قارنىڭ ئۈستىگە شىرىتتىدە بىرنى تۈكۈردى. تۈكۈرۈك قارنىڭ ئۈستىگە ئەمەس، خۇددى مېنىڭ يۈزۈمگە چۈشكەندەك ئەندىكىپ كەتتىم. « نىمىشقىمۇ ئۇنىڭغا قارىغان بولغىيتتىم، بۇ كۆزۈمنى نىمىشقا باشقۇرالمايمەن، ئۇمۇ نىمىشقا بىر ئوبدان گۈلدەك ئايالى تۇرۇپ ماڭا پاھىشىۋازدەك قارايدۇ، يەنە سەل نېرىسىغا بېرىپ تۈكۈرىدۇ...ئاھ خۇدا، مەن قانداق ئادەمگە ئۆزگىرىپ قالدىم-ھە...» مېنى شۇ قەدەر يىغا تۇتۇپ كەتتىكى ھۆڭرەپ يىغلىۋېتىشتىن ئۆزەمنى ئارانلا تۇتىۋالدىم. دوختۇر ماڭا قاتتىق ھاياجانلىنىشتىن پەرز تۇتۇشنى ئېيتقان ئىدى. بولمىسا يەنە ساراڭ بولۇپ قالىمەن. نېرۋا كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىغا يەنە بىر قېتىم كىرىپ قالغۇم يوق...ئۆيگە قانداق كىردىم، ئەيتاۋۇر يۈگۈرۈپ كەلگەندىمەن. ماڭا ئۆگزىسىدىكى ئىككى ئېغىزلىق چالما ئۆيىنى ئايلىغىنى 150سومغا ئىجارىگە بەرگەن قاسساپنىڭ ھويلىسىغا كىرىپ مايماق شوتىغا يامىشىپ چىقىۋاتقىنىمدا قاتتىق ھاسىراپ كەتكىنىمنى ھىس قىلىپ ئدندىن بۇ يەرگە كەلگۈچە جان-جەھلىم بىلەن يۈگۈرگىنىمنى، يولدا بىر قېتىم تېيىلىپ يىقىلىپ چۈشۈپ پەلتۇيۇمنى پاتقاقتا بۇلغىۋالغىنىمنى ئېسىمگە ئالدىم. ياتاق ئۆيۈمگە كىرىپلا دوختۇر ئۈزمەي ئىچىشكە بۇيرىغان دورىدىن بىر تالنى ئاغزىمغا سالدىم-دە، كارىۋاتقا ئۆزەمنى دۈم تاشلاپ بۇقۇلداپ يىغلىۋەتتىم...كارىۋات مۇزدەك سوغۇق ئىدى. ئالتە تال قوغۇشۇن سۈمبە ئورنىتىلغان پار ئۆينى تۈزۈك ئىسسىتالمايتتى. بىر دەم يىغلاپ ئىچىم سەل بوشىغاندىن كېيىن كۆرپىنى سېلىپ، يوتقاننى تارتىپ يېپىندىم. ئۇخلىساملا ھەممە ئازاپنى ئۇنتۇپ كېتىشكە ئىشىنەتتىم. يوتقاننى بېشىمغا چۈمكەپ كۆزۈمنى چىڭ يۇمدۇم. ئاندىن بىردىن تارتىپ ساناق ساناشقا باشلىدىم...كۆزۈم ئۇيقۇغا باراي دېدىيۇ، مۈمكىنمۇ، ھېلىقى ئازاپلىق ئەسلىمىلەر يەنە كاللامغا كىرىۋالدى...
    (3)
    بۇندىن بىر يېرىم يىل بۇرۇن ئۈرۈمچىدە يېڭى ياغقان قاردەك ئاپئاق، بىغۇبار، گۈزەل، بەختىيار بىر قىز ئىدىم. شىنجاڭنىڭ ئەڭ چەت يېرىدىن ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئوقۇپ، ئۈرۈمچىنىڭ ئۆزىدە قېلىشنىڭ ئۆزىمۇ مەن ئۈچۈن يېتەرلىك بەخت ئىدى. يۇرتۇم شىمالدىكى ئەڭ چەت بىر ناھىيىدە ئىدى. مەن ئاتا-ئانامنىڭ ئىككىنچى ئارزۇلۇق قىزى ئىدىم. مەلۇم ئىنىستىتۇتنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئاتا-ئانام يېنىپ كەل دېسە ئۇنىماي، ئۈرۈمچىدە قېلىش ئۈچۈن ساۋاقداشلىرىمنىڭ ئۆيلىرىدە قېلىنلىق بىلەن يېتىپ قوپۇپ يۈرۈپ يېرىم يىلنى ئۆتكۈزگەن ئىدىم. شۇ قەدەر جاھىللىقىمقا گەپ يىگۈزەلمىگەن دادام ئاخىرى بىر كۈنى ئۆزى كېلىپ پۈتۈن ئۆمرىدە تاپقان-تەرگىنىنى سەرپ قىلىپ يۈرۈپ مېنى ھازىرقى خىزمەت ئورنۇمغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان ئىدى. شۇ چاغدا دادام:
    _ قىزىم، ئاپىڭىز بىلەن ئىككىمىزنىڭ پۈتۈن ئۆمرىمىزدە يىغقان ۋەجى سىزنى ئوقۇتۇش ۋە بۇ قېتىمقى خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشى بىلەن پاك-پاكىزە تۈگىدى. قېشىمىزغا يېنىپ كەلگەن بولسىڭىز ئىش يەنە باشقىچە بولاتتى. ئوبدان يەرگە ئورۇنلاشتۇراتتۇق، مۇشۇ ئورۇنسىز خەجلەپ كەتكەن پۇلغا كېيىنلىك تۇرمۇشىڭىزنى خاتىرجەم قىلىشقا خەجلەيتتۇق، بىر-بىرىمىزگە باغرىمىز قېنىشىپ ئۆتەتتى، يۇرتمۇ ئانچىۋالا ئەسكى ئەمەس، بىر يېرىڭىزنى تاتىلىۋالمايتتى...ھەي تاڭ؟! نېمىنى ئويلىدىڭىز قىزىم، قاراڭ بۇ ئۈرۈمچىگە، ئاشۇ ئاسمانپەلەك بىناسىدىن باشقا قارىغۇدەك نېمىسى بار بۇ يەرنىڭ؟ ئادەملىرى شۇ قەدەر سوغۇق،پەرۋاسىز. بىر ئادەم كوچىدا توڭلاپ ئۆلۈپ قالسىمۇ 3-4 كۈنگىچە ھېچكىمنىڭ كارى بولمايدىكەن. تېلېۋېزوردا ئېلان قىلىپ كەچلىك گېزىتكە باسقاندىن كېيىن ئاندىن ئىگىسى كېلىپ تونۇپ ئەكىتىدىكەن، بولمىسا يوق... يولىڭىزنى ماڭىمەن دەپ كىرمىگەن تۆشۈك، مارىلىمغان ئۆي قالمىدى، ئۆزىڭىزمۇ كۆردىڭىز، پۇلنىلا تونۇيدىكەن ئادەم تونۇمايدىكەن بۇ خەق...ھەي...بوپتۇ قىزىم، بىزنىڭ قېشىمىزغا قايتىپ بېرىشنى خالىمىدىڭىز، يەنە بىز ئاتا-ئانا پەرزەنتكە چىدىمايدىكەنمىز.ئەسلى- ۋەسلىمىزنى قۇرۇتۇپ يولۇڭىزنى ماڭدۇق. مانا بۇ ئۈرۈمچى قىزىم، پاقىڭىزغا قېنىۋېلىڭ..._ دەپ يىغلاپ كەتكەن ئىدى. يەنە قايتىدىغان چاغدا كۆزىگە ياش ئېلىپ تۇرۇپ:
    _ قىزىم، تەستە كەلگەن پۇرسەتنى قەدىرلەڭ، ئوبدان ئىشلەپ تۆھپە يارىتىڭ، قالغان گەپلەرنى ئاپىڭىز دېسۇن..._ دېگەن ئىدى.
    ئۇ چاغدا مەن 22 ياشقا كىرگەن، غايىگە بەك ئىشىنىدىغان، تىرىشچان، قىزغىن، جاھىل بىر قىز ئىدىم. خىيالىمدا ھەممە ئىش مېنىڭ ئويلىغىنىمدەكلا بولىدىغاندەك تۇيۇلاتتى. ئۈرۈمچىدە قېپ قالالىغىنىم ئۈچۈن چەكسىز خۇشاللىققا چۆمۈلگەن ئىدىم. دادامنىڭ ئازاپلانغان چىرايى ماڭا ئورۇنسىزدەك تۇيۇلدى. گەرچە دادامنى يىغلاپ تۇرۇپ ئۇزۇتۇپ قويغان بولساممۇ، لېكىن يۈرىكىم خۇشاللىقتىن تېپچەكلەيتتى.
    مەن ئەنە شۇ ئوتتەك قىزغىنلىقىم بىلەن ئەتىسىدىن باشلاپ دەرس مۇنبىرىگە چىقتىم. بۇ قىزغىنلىق ۋە تىرىشچانلىق ماڭا 3يىل ئىزچىل ھەمرا بولدى. كاللامغا خىزمەتتە نەتىجە يارىتىشتىن باشقا ئوي- خىياللار كىرىپمۇ چىقمايتتى. پۈتۈن ئوي خىيالىم قانداق قىلىپ ئوقۇغۇچىلىرىمغا ئەتىكى بىر نەچچە سائەتلىك دەرسنى ياخشى ئۆتۈش ئۈستىدىلا بولاتتى. بۇنىڭ ئۈچۈن كېچە-كېچىلەپ ماتىرىيال كۆرەتتىم، يېڭى ئوقۇتۇش مېتۇدى ئۈستىدە ئەتراپلىق ئىزدىنەتتىم، تەپەككۈر يۈرگۈزەتتىم. بۇ تىرىشچانلىقىم ئاخىرى مېۋە بەردى. شەھەر بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ساپا مائارىپى تەلىپى بويىچە دەرس ئۆتۈش مۇسابىقىسىدە ئۆز كەسپىم بويىچە بىرىنچىلىكنى ئالدىم. ئىش-ئىزلىرىم تېلېۋېزوردا ۋە «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»دە ئارقا-ئارقىدىن تەشۋىق قىلىندى. مۇتەخخەسىسلەر مېنىڭ ئۆزگىچە دەرس ئۆتۈش مېتۇدىنى دادىللىق بىلەن قوللانغىنىمغا ناھىيىتى يۇقىرى باھا بەردى ھەمدە بىر مەزگىلگىچە مېنىڭ تەجرىبىلىرىمنى باشقا مەكتەپلەرگىمۇ كېڭەيتىش ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىلارنى يىغىپ تەجرىبىلىرىمنى سۆزلەپ بېرىشكە ئويۇشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن مەكتەپنىڭ گۈلى بولۇپ قالدىم. تەشكىل تۇرمۇشۇمنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ بەردى. ھاياتىم بىر خىل رېتىمدا راۋان ئېقىۋاتقان ئېقىن سۇدەك كېتىۋاتاتتى. كېيىنلىك تۇرمۇش ئىشلىرىمنىمۇ غىل-پاللا ئويلىنىپ قالاتتىم. لېكىن خىزمەتكە بەك بېرىلىپ كەتكەن بولغاچقا ئۇنداق خىياللار مېنى ئاندا-ساندىلا پاراكەندە قىلىپ قوياتتى. بىراق، كېيىن مەكتىپىمىز يىراقتىن ئوقۇتۇش پروگرامىسىنى يولغا قويۇشقا باشلىدى. بۇرۇن مەكتەپتە 3لا كومپيۇتېر بار ئىدى، ئۇنى مەكتەپ مۇدىرى، خوجۇلۇق بۆلۈمى ۋە ئىلمىي بۆلۈملەر ئىشلىتەتتى. تېخى ئۇ چاغدا تورلاشتۇرۇلمىغان ئىدى. كېيىن كومپيۇتېر ئىشخانىلار بويىچە سەپلەپ بېرىلدى، تورلاشتۇرۇلۇپ يىراقتىن ئوقۇتۇش پروگراممىسى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلدى. شۇندىن باشلاپ ، ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى بويىچە كومپيوتېر ئۆگۈنۈشكە باشلىدۇق. مەن گەرچە ئالى مەكتەپتە كومپيۇتېر ئۆگەنگەن بولساممۇ، ئەمما ئالى مەكتەپتە ئۆگەنگىنىم بۇ يەردە ئىشلىمەچكە كومپيۇتېرنى باشتىن باشلاپ ئۆگۈنۈشكە كىرىشىپ كەتتىم. بىلمىگەنلىرىمنى سورىدىم، كەچلىرى ياتىقىمغا قايتماي خەت ئۇرۇش ۋە باشقا مەشغۇلات قىلىشنى تىرىشىپ مەشق قىلدىم. بارا-بارا كومپيۇتېرغا خۇمار بولۇپ قالدىم. توردىكى چەكسىز ئىمكانىيەتلەر، بىلىملەر مېنى ئۆزىگە لال قىلىۋالدى. قىسقىسى كومپيۇتېرغا ئەمەس، بىلىمگە خۇمار بولدۇم. كۈنلەر شۇ تەرىقىدە ئۆتۈۋەردى. بەزىدە قىزىقچىلىقتا ياتىقىمغا قايتماي تۈننى تاڭغا ئۇلىۋېتەتتىم. لېكىن ئەتىسى يەنىلا شۇ قەدەر روھلۇق ھالدا دەرسكە كىرىشىپ كېتەتتىم. كېيىن باشقىلارنىڭ ئۆگۈتىشى بىلەن كيۇ-كيۇ ئىلتىماس قىلدىم، بىر نەچچە دوستۇم ۋە يۇرتلۇقۇمنى دوست قاتارىغا قوشۇۋېلىپ سۆزلىشىشنى ئۆگەندىم. بۇ ئىش ماڭا يېڭى بىر شاتلىقنى ئاتا قىلدى. بىر-بىرىمىزنىڭ چىرايىنى كۆرۈپ تۇرۇپ سۆزلىشىش دېگەن نېمە دېگەن كۆڭۈللۈك، ھەقمۇ كەتمەيدۇ، قانچىلىك سۆزلەشسەك بولىۋېرىدۇ. لېكىن كيۇ-كيۇرىمغا قوشىۋېلىنغان دوسلىرىم ئاز بولغاچقا ھەمىشە سۆزلىىشىش پۇرسىتى چىقىۋەرمەيتتى. بەزىدە زېرىكىپ قالغىنىمدا دوستلۇققا قوشۇۋېلىش ئۇچۇرى ئەۋەتكەنلەرنى قوشۇۋېلىپ ئانچە-مۇنچە سۆزلىشىپ قوياتتىم. لېكىن، ئەھمىيەتسىز پاراڭلىشىدىغان كىشى بولۇپ چىقسا شۇ ھامان دوستلۇق قاتارىدىن چىقىرىۋېتىپ بولدى قىلاتتىم. كيۇ-كيۇدا ئۇزۇن پاراڭلىشىشنىمۇ خالاپ كەتمەيتتىم. چۈنكى خىزمەتكە تەسىر يەتكۈزمىگۈدەك ھالەتتە پاراڭلىشىپ قويساملا كۇپايە ئىدى. لېكىن، بىر يېرىم يىلنىڭ ئالدىدىكى بىر كەچقۇرۇنلىقى جۈرئەت بىلەن تۇنجى قېتىم كيۇ-كيۇدا سۆزلەشكەندىن كېيىن بۇ خىل ھالەت پۈتۈنلەي ئۆزگىرىپ كەتتى...
    (4)
    ئۇ ئاشۇ يازنىڭ بىر كۈنىدىكى چۈش ۋاقتى ئىدى. مەن مەكتەپنىڭ ئالدىدىكى ئاشخانىدىن چۈشلۈك تامىقىمنى ئالدىراپلا يېدىم-دە، ئىشخانامغا كىرىپ كومپيۇتېرىمنى ئاچتىم. كيۇ-كيۇنى ئەمدىلا ئېچىپ تۇرىشىمغا كيۇ-كيۇ قوڭغىرىقى « چىت-چىت» قىلىپ سايراپ كەتتى. قوڭغۇراقنى چەكتىم. چىققان تىزىملىكتىكى بۇ نامەلۇم كىشىنىڭ ئارخىۋىنى كۆرسەم ئارخىۋىنىڭ ئاستىدا ئاجايىپ مەنىلىك بىر ئابزاس سۆز بار ئىكەن. ئاشۇ سۆزنىڭ ھۆرمىتىنى دەپلا بۇ ئادەم بىلەن سۆزلىشىپ بېقىش نىيىتىگە كەلدىم-دە، ئۇنى دوستلۇق قاتارىغا قوشۇۋالدىم.
    _ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، چۈشلىكىڭىز خەيرلىك بولسۇن!_ دەپ سالام ئەۋەتتى،بۇنىڭغا جاۋابەن:
    _ ۋائەلەيكۇم سالام، سىزنىڭمۇ چۈشلىكىڭىز خەيرلىك بولسۇن،_ دەپ خەت يېزىپ يوللىۋەتتىم.
    _ ئالدىراش بولسىڭىز مالال قىلماي بولمىسا، بىلمىدىم، ئازراق ۋاقتىڭىز بارمىكىن،_ دېدى ئۇ ئادەم.
    كيۇ-كيۇدا سۆزنى بۇنداق ئەدەپ بىلەن باشلايدىغان ئادەمنى ناھىيىتى ئاز ئۇچرىتاتتىم ھەم بۇنداق كىشىلەر بىلەن ئازراق سۆزلىشىپ كۆرۈپ باقاتتىم. كۆپۈنچە كىشىلەر بۇنداق قىلمايتتى، ئەسسالامۇ ئەلەيكۇمنى چىرايلىق دەپ بولغاندىن كېيىن« سىز نەدە؟» دەپلا چۈشەتتى. بۇنداق كىشىلەرنى شۇ ھامانلا دوستلۇق قاتارىدىن چىقىرىۋېتەتتىم. يەنە بەزىدە مۇشۇنداق تەكەللۇپ سۆزلەر بىلەن گەپنى باشلاپ بىر يەرلەرگە كەلگەندە بىھايا گەپلەرنى قىلىپ پىستان چاقىدىغان ئادەملەرمۇ بار ئىدى. بۇلارنىمۇ شۇ ھامان چىقىرىۋېتەتتىم. كۆڭلۈمدە بۇ كىشىنىمۇ شۇ خىلدىكى كىشىلەردىن بولسا كېرەك دەپ ئويلىدىم. شۇڭا:
    _ ۋاقتىمغۇ بار، لېكىن تۈزۈت قىلماي ئېيتىۋېرەي، قۇرۇق پاراڭ سېلىشقا راستىنلا ۋاقتىم يوق، توغرا چۈشۈنۈڭ،_ دەپ خەت يېزىپ يوللىۋەتتىم.
    _شۇ تاپنىڭ ئۆزىدە كىچىككىنە ياردىمىڭزگە مۇھتاج بولۇپ تۇرۇپتىمەن، يېنىمدا لۇغەت يوق ئىدى، بىر خەتنى ئوقىيالماي قالدىم، مەن كومپيۇتېر مۇتەخخەسىسى، ئۇ خەتنىڭ مەنىسىنى دەرھال بىلمىسەم بولمايدىغان ئىش چىقىپ قالدى، باشقا تونۇشلار كيۇ-كيۇغا كىرمەپتۇ. شۇڭا سىزنى ياردەمگە چاقىرغان ئىدىم...
    _ ئۇنداقتا ئۇ خەتنى ماڭا كېسىپ ئەۋەتىپ بېرىڭ، مەندە لۇغەت بار، بۇ ئىشىڭىزغا خۇشاللىق بىلەن ياردەم قىلىمەن_ دېدىم بۇنىڭغا جاۋابەن. ئەلۋەتتە، دېمىسىمۇ باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى ئەھمىيەتلىك ۋە خۇشاللىق ئىش دەپ بىلەتتىم.
    _ رەخمەت، سەت بولدى، _ دېدى ئۇ ئادەم. ئاندىن خەتنى كېسىپ ئەۋەتتى.
    ئۇ مەن تونۇيدىغان كۆپ سىزىقلىق بىر خەت ئىكەن. شۇ ھامان مەنىسىنى يېزىپ يوللاپ بەردىم.
    _ بەك ياخشى بولدى، چوڭ بىر ئىشىمغا ياردەم قىلدىڭىز، رەخمەت...._ دېدى ئۇ.
    _ تۈزۈت قىلماڭ، ئەرزىمەيدۇ،_ دەپ خەت يېزىپ ئۇنىڭغا يوللىۋەتتىم.
    پارىڭىمىز ئەنە شۇ بىر نەچچە جۈملە گەپ بىلەنلا ئاياقلاشتى. سۆزلىشىپ بولغاندىن كېيىن بۇ ئادەمنى كيۇ-كيۇدىن چىقىرىۋېتىشنى ئويلىدىم. لېكىن بۇ ئادەم بىلەن شۇنداق نورمال پاراڭلاشتۇق، كەمتەر، كىچىك پىئېل ئادەم ئىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزىنى كومپيۇتېر مۇتەخخەسىسى دەپ تونۇشتۇردى. بۇ مەيلى راست بولسۇن، يالغان بولسۇن ئۆزىنى مۇتەخخەسىس دەپ تونۇشتۇرۇشقىمۇ جۈرئەت كېرەك. بولدىلا تۇرىۋەرسۇن، دەپ ئۇنى دوست قاتارىدىن چىقىرىۋەتمىدىم.
    ئېسىمدە قېلىشىچە، ئارىدىن بىر ھەپتە ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ ياردىمىگە مەن مۇھتاج بولۇپ قېلىپ ، ئۇنى چاقىردىم. سەۋەبى كومپيۇتېرىم ۋىرۇسلىنىپ قېلىپ تەستە قوزغىلىدىغان بولۇپ قالغان ئىدى. مەن توردىن ۋىرۇس ئۆلتۈرۈش يۇمشاق دېتالىنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتسە بولىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدىم. لېكىن مېنىڭ يۇمشاق دېتال چۈشۈرۈپ ئىشلىتىشتىن پەقەت خەۋىرىم يوق ئىدى. ئۆزەم ئىككى كۈنگىچە كۆپ ئىزدەپ يۇمشاق دېتالنىڭ چۈشۈرۈش ئادرېسىنى ئاخىرى تاپقان بولساممۇ، لېكىن ئۇنى قانداق چۈشۈرۈشنى زادىلا بىلەلمىدىم. باشقا خىزمەتداشلىرىمدىن سورىسام ئۇلارمۇ بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. چۈنكى مەكتەپتە تور مەشغۇلاتىنى ھەممىسىدىن بەكرەك بىلىدىغىنى مەن ئىدىم. بۇنى شۇنچە ھەپىلىشىپمۇ قاملاشتۇرالماي ئاخىرى ئۇ يادىمغا يەتتى-دە، كيۇ-كيۇسىغا كىرىپ ئۇنىڭدىن ياردەم تەلەپ قىلدىم. بىر قۇر ئەھۋال سورىشىشلاردىن كېيىن ئۇنىڭغا مەقسىدىمنى ئېيتسام ئۇ ماڭا ناھىيىتى ئەستايىدىلىق بىلەن چۈشەندۈردى. لېكىن مەن قاملاشتۇرالمىدىم. يۇمشاق دېتالنى چۈشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن قاچىلاشقا كەلگەندە تىزىملىكتە چىققان بىر نەچچە بەلگىنىڭ قايسى ئىكەنلىكىنى زادىلا ئۇقالمىدىم. قاملاشتۇرۇپ بولالمىغىنىمنى ئېيتسام ئۇ يەنە ئېرىنمەي چۈشەندۈردى. لېكىن كاللام ئىشلىمەي ئۇنىڭ دېگەنلىرىنى ئاڭقىرالمىدىم.
    _ مىكرافوننى ئېچىڭا مەن سىزگە ئاۋازلىق قوماندانلىق قىلاي، _ دېدى ئۇ. ئۇ ئەۋەتكەن كامېرالىق سۆزلىىشىش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلدىم.
    ئېكراندا ئۇنىڭ سۈرىتى كۆرۈندى، سەل قارامتۇل بولسىمۇ پاكىز چىراي، قارا قاش،ئىللىققىنە چوڭ سۈپەت بىر يىگىت ئىكەن. بىر قاراشتىلا ماڭا يېقىملىق تەسىرات بەردى.
    _ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئاۋازىمنى ئاڭلىدىڭىزمۇ، _ دېدى ئۇ. ئاۋازىنىڭ تېمبىرى بەك يېقىملىق ئىدى.
    _ ئاڭلىدىم،_ دېدىممەن.
    _ ئۇنداقتا مەن سىزگە قانداق قىلىدىغانلىقىڭىزنى بىرمۇ-بىر ئېيتىپ بېرەي، شۇ بويىچە مەشغۇلات قىلىڭ، _ دېدى ئۇ.
    شۇنىڭ بىلەن ئۇ «ئۇ يەرنى چېكىڭ، بۇ يەرنى چېكىڭ» دەپ قوماندانلىق قىلدى. مەن ئۇنىڭ دېگىنىدەك قىلىپ يۇمشاق دېتالنى قاچىلىدىم. لېكىن بىر يېرىگە كەلگەندە يەنە قاملاشتۇرالماي قالدىم، ئۇ يەنىلا ئېرىنمەي چۈشەندۈردى. لېكىن، شۇكۈنى نېمە بولدۇمكى، ئۇنىڭ سۆزلىرىنى پەقەت ئاڭقىرالمىدىم. ئاخىرى مەن ئۇنىڭغا بۇ ئىشنى قاملاشتۇرۇشقا زادىلا كۆزۈم يەتمىگەنلىكىنى ئېنىق ئېيتىپ ئۇنى ئاۋارە قىلغىنىمنى، شۇڭا خىجىل بولىۋاتقىنىمنى ئېيتتىم.
    _ بۇنىڭغا خىجىل بولماڭ، بولمىسا مۇنداق قىلايلى، مەن كومپيۇتېرىڭىزنى يىراقتىن كونترول قىلىپ قاچىلاپ بېرەي،_ دېدى ئۇ. بۇ ئىشنىمۇ ئۇ 3قېتىم چۈشەندۈرگەندىن كېيىن يىراقتىن ھەمكارلىشىش كونۇپكىسىنى تەستە تاپتىم-دە، ئۇنىڭغا ئەۋەتىپ بەردىم. كومپيۇتېرىمنى كونترول قىلىش ئۇنىڭ ئىلكىگە ئۆتتى. مائۇسنىڭ نۇر بەلگىسى ئۇنىڭ باشقۇرىشىدا كومپيۇتېرىمنىڭ ئېكران يۈزىدە ھەرىكەتلەندى. مائۇسنىڭ نۇر بەلگىسى بىر قانچە كونۇپكا بەلگىسىنى تېز- تېز باستى-دە، ئىشنى بىردەمدىلا پۈتتۈردى. لېكىن ئۇ باش ئېكرانغا چېكىنگەن ۋاقىتتا، ئېكراندىكى سۈرىتىمگە ھەۋەسلىنىپ قاراپ قالغان بولسا كېرەك، نۇر بەلگىسىنى بىر ھازاغىچە قىمىرلاتمىدى. مەن بۇ ئىشنى چۈشۈنۈپ مىيىقىمدا كۈلۈپ قويدۇم. ئۇ يۇمشاق دېتالنى قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن يىراقتىن كونترول قىلغۇچنى بىكار قىلىپ « ئەمدى كومپيۇتېرىڭىزنى قايتا قوزغۇتۇڭ، كومپيۇتېر پۈتۈنلەي قوزغىلىپ بولغاندىن كېيىن تورنى ئاچسىڭىز ئۆزى ئاپتۇماتىك ئىشلەيدۇ» دېدى. مەن ئۇنىڭغا رەخمەت ئېيتىپ ، ئۇنىڭ دېگىنىدەك قىلدىم. كومپيۇتېرىم قايتا قوزغالغاندىن كېيىن ئۇنىڭ كيۇ-كيۇسىغا كىرىپ يەنە بىر قېتىم رەخمەت ئېيتتىم. ئۇ چۈشۈنەلمىگەن تەرىپىم ۋە باشقا ياردىمىم كېرەك بولسا تارتىنماي ياردەم سورىشىمنى ئېيتتى. مەن قايتا-قايتا رەخمەت ئېيتتىم... ئارىدىن يەنە بىر نەچچە كۈن ئۆتۈپ ياخشىراق مۇزىكا ئاڭلىغۇم كەلدى-دە، ئۆزىچە ئۇنىڭ كيۇ-كيۇسىغا يەنە كىردىم. ئۇ يۇلتۇز ئوسمانىۋانىڭ ناخشىلىرىنى ئەۋەتىپ بەردى. ناخشىنى ئاڭلىسام ئاجايىپ مۇڭلۇق ئىكەن. ناخشىنىڭ ئوبدانلىقىنى دەپ ئۇنىڭغا رەخمەت ئېيتسام ئۇ، سىزگە يارىغان بولسا مەن يەنە بىر قانچە ناخشا ئەۋەتىپ بېرەي دەپ شۇ ۋاقىتلاردا ئەمدىلا بازارغا سېلىنغان ئابدۇللانىڭ يېڭى ناخشىلىرىنى ئەۋەتىپ بەردى. نىمىشقىدۇر ئۇنىڭغا ئامراق بولۇپ قېلىشقا باشلىدىم. ھەر قېتىم كيۇ-كيۇنى ئاچساملا ئۇنىڭ توردا بار-يوقلىقىغا سەپ سالىدىغان بولدۇم. لېكىن ئۇنىڭ كيۇ-كيۇسىغا كىرىشكە باھانە تاپالمىدىم. بىر كۈنى ئۇ ئۆزى مېنى چاقىردى. ئەھۋاللىشىپ بولغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ بىر تور بېتىنى لاھىيىلىگەنلىكىنى، لېكىن خەت نۇسخىسىنىڭ نورمال چىققان-چىقمىغانلىقىنى ئۇقالمىغانلىقىنى، شۇڭا مېنىڭ كۆرۈپ بېقىشىمنى ئېيتتى ۋە تور بېكىتىنىڭ ئادرېسىنى ماڭا يوللاپ بەردى. مەن ئادرېسنى ئېچىپ قارىسام شۇنداق كۆركەم لاھىيىلەنگەن تور بېكىتى ئىكەن. خەتلىرىنىمۇ نورمال ئوقۇيالىدىم.
    _ ئۆزىڭىز لاھىيىلىدىڭىزمۇ؟ نىمانداق چىرايلىق، بەك ئوبدانكەن،- دەپ خەت يېزىپ يوللىۋەتتىم.
    _ رەخمەت، سىزگە يارىغان بولسا بەك خوش بولدۇم، _ دېدى ئۇ.
    مەن بۇ تور بېكىتىنىڭ نېمىگە ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى ئۇنىڭدىن سورىدىم.
    _ بۇنى بىر ئۇنۋېرسال مۇنازىرە مۇنبىرى قىلىپ قۇرۇپ چىقىمەن،_ دېدى ئۇ، _ ئەدەبىيات، مۇزىكا، گۈزەل –سەنئەتؿكومپيۇتېؿبىلىملىرى، كىنو ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھازىر بىزدە مۇشۇنداق تور بېكەتلەر يوق دېيەرلىك. ھازىر ئۇيغۇر تور بېكەتلىرى نوقۇل چايخانىدا سۆزلىشىشكىلا مەركەزلىشىپ قېلىۋاتىدۇ. چايخانىلار ئاساسەن ئەھمىيەتسىز، تېتىقسىز پاراڭلار بىلەن توشۇپ كەتكەن. تېخىچە ھەقىقىي بىلىم-ئۇچۇر ئالىدىغان ھەقىقىي تور بېكىتىمىز يوق. مەن ھازىرغىچە ئاساسەن خەنزۇچە مۇنازىرە مۇنبەرلىرىنى كۆرۈپ كېلىۋاتىمەن. ئۇ تور بېكەتلىرىدە نۇرغۇن بىلىم ۋە ئۇچۇرلار ھەر كۈنى توننىلاپ يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ، كومپيۇتېر ساھەسىدىكى يېڭى- يېڭى بىلىملارمۇ ئېلان قىلىنىپ تۇرىدۇ. ئىشقىلىپ ئۆگۈنىدىغان نەرسىلەرنىڭ كۆپلىكىدىن كۆزلىرىم ئالىچەكمەن بولۇپ كېتىدۇ. مەن ئۇيغۇر كومپيۇتېر ساھەسىدىكى ئاشۇ بوشلۇقنى تولدۇراي دەيمەن، ئىشىنىمەنكى، كومپيوتېرنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئومۇملىشىغا ئەگىشىپ بىزدىمۇ خەنزۇلارنىڭكىدەك مۇنازىرە مۇنبەرلىرى پات كەلگۈسىدە پەيدا بولىدۇ. بۇنداقتا مىللىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىدىكى بىر بوشلۇق تولدۇرۇلغان بولاتتى.
    _ ناھىيىتى ياخشى گەپلەرنى قىلدىڭىز، روھىم كۆتۈرۈلۈپ قالدى، ئاللا تىلىگىڭىزگە تېزرەك يەتكۈزگەي،_ دېدىم ئۇنىڭغا.
    _ رەخمەت، سىز تۇنجى بولۇپ تىزىملىتىڭ، بۇنداقتا بىرىنچى قوللىغۇچىم سىز بولۇپ قالىسىز، _ دېدى ئۇ.
    _ بولىدۇ، مەن تىزىملىتاي،_ دېدىم ئۇنىڭغا.
    ئۇ ماڭا قانداق تىزىملىتىشنى بىرمۇ-بىر ئېيتىپ بەردى. تىزىملاپ كىرىپ بولغاندىن كېيىن باش ستوندا ئىككى پارچە ماقالىنىڭ ماۋزۇسى تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. ئۇنى ئاچسام ھەر ئىككىلىسى ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ ماقالىلىرى ئىكەن. مەن ھەر ئىككى ماقالىنى بىر قۇر قۇر كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن، ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈپ قويۇشى بىلەن ئىنكاس رامكىسىغا كىرىپ بۇ تور بېكىتى تارىخىدىكى تۇنجى ئىنكاسنى يازدىم. بىردەمدىن كېيىن ئۇ باش بېكەتكە چېكىنىپ ماقالە بار بەتكە قايتا كىرىشىمنى ئېيتتى. مەن دېگىنىمدەك قىلدىم. قارىسام مېنىڭ ئىنكاسىمنىڭ ئاستىدىكى رامكىغا « سۆيۈملۈك تورداش، مۇنازىرە مۇنبىرىمىزگە قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن قارشى ئالىمىز _ جۈرئەت» دەپ يېزىپ قويۇپتۇ. سۆيۈملۈكۈم دەپ يېزىلغان خەتنى كۆرۈپ يۈزۈم ياللىدە بولۇپ كەتتى. بىر تۇرۇپ ئاچچىقىم كەلدى. شۇنىڭ بىلەن كيۇ-كيۇغا كىرىپ « ئەدەپسىز، كىم سۆيۈملىكىڭىز ئىكەن» دېگەن خەتنى يېزىپ ئۇنىڭغا يوللىۋەتتىم. بىر ھازادىن كېيىن ئۇ: « باشقىچە چۈشۈنۈپ قالماڭ، مەن ئۇ سۆزنى ئاپتوماتىك چىقىدىغان قىلىپ تەڭشەپ قويغان» دەپ خەت ئەۋەتتى. مەن «ھە...» دەپ خەت يازدىم. شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن پارىڭىمىز قىزىپ قالدى. ئۇ مېنىڭ كەسپىمنى، قەيەردە ئىشلەيدىغانلىقىمنى سورىدى. مەن ئۇنىڭغا ئەدەبىيات ئوقۇتقىچىسى ئىكەنلىكىمنى ئېيتسام ئۇ خۇشال بولۇپ:
    _ ئۇنداقتا ماقالە يازالايدىكەنسىز-دە، بولسا بىر ماقالە يېزىپ بەرگەن بولسىڭىز، شىئېر بولسىمۇ مەيلى _ دېدى ئۇ.
    ئۆزەممۇ ئانچە-مۇنچە بىر نەرسە يېزىپ قويىدىغان بولغاچقا خۇشاللىق بىلەن ماقۇل بولدۇم. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ بىلەن خوشلاشتىم-دە، كېچىچە «بىر توپ ئاققۇ» سەرلەۋىلىك مۇنۇ ئىپىك شىئېرنى يېزىپ چىقتىم.
    «كەپتۇ بىر توپ ئاققۇلار،ئەتىيازدا جەنۇپقا.
    ماكان تۇتۇپ ساسلىقنى،ھاياتقا جۆر بولماققا.
    ئۇلار بىلمەس جەنۇپنىڭ،ئۆزگىرىشچان ھاۋاسى،
    كەلگەن بىلەن ياز بالدۇر،جۇدۇنى بار سوقماققا.
    توشقان قۇلاق بولغاندا،تېرەكلەرنىڭ ياپرىقى،
    تۇساتتىنلا قار يېغىپ،مۇز توڭلاپتۇ ئەتراپقا.
    ئاھ ،بىچارە جانۋارلار،مەڭدەپ قاپتۇ زەربىدىن،
    ئاتامانى ئىلاجسىز بۇيرۇق بەردى ئۇچماققا.
    سەپراس بولۇپ ئاققۇلار،كۆتىرىلدى ئاسمانغا،
    قانىتىدا ماغدۇر يوق،بارالمىدى يىراققا.
    چۈنكى ئۇلار ئاچ-زېرىن قالغانىدى نەچچە كۈن،
    ئوزۇق تېپىپ يىيەلمەي،مۇز توڭلىغان ساسلىقتا.
    موللاق ئاتتى نەچچىسى،توڭ چالمىدەك پوك چۈشۈپ،
    نىمە ئامال بار دەيسىز جان كەلگەندە تۇمشۇققا!
    ئەمدى ئۇزۇق يىمىسە،قىيىلاتتى كۆپلەپ جان،
    ئاقىلانە چارىدۇر قونۇش كېرەك مۇزلۇققا.
    ئۇلار قوندى ئىككىلىك مۇز تۇتقان كۆل ئۈستىگە،
    كۆزى چۈشتى ئەڭ ئاۋال مۇز ئاستىدىكى بېلىققا.
    شوخ ئوينايتتى بېلىقلار،مۇز ئاستىدا ئۈزۈشۈپ،
    ئاققۇلارغا نىجاتلىق بوپ تۇيۇلدى بۇ گويا.
    يىمەك بولۇپ بېلىقنى چوقۇلىدى ئالدىراپ،
    نەچچىسىنىڭ تۇمشۇقى سۇنۇپ كەتتى شۇ ئاندا.
    بۇ بىر قىيىن مەسىلە بوپ تۇيۇلدى ئۇلارغا،
    يىيىش ئۈچۈن بېلىقنى مۈمكىنمۇ مۇز يارماققا؟
    بىر ئاز قېلىن ئىدى مۇز ،بىگىز بىلەن تەشكۈدەك،
    ئاققۇلارنىڭ تۇمشۇقى ئاجىز ئىدى بۇ ئىشقا.
    ئەڭ ئاخىرقى ئۈمىدى—ئىدىغؿبؿبېلىقلار،
    بىر ۋاق قوساق توقلىماي يۈزلەنسۇنمۇ ماماتقا؟
    قاتتى ئەجەپ باشلىرى تاپالماي ھېچ بىر ئىلاج،
    ماڭدى ئۇياق-بۇياققا،چۈشۈپ ئۇلار «غاق-غاق»قا.
    تۇغۇلىۋىدى بىر ئۈمىد،تەس بولدىغۇ ئېرىشمەك،
    ئۆلدى يەنە نەچچىسى،سوغۇق بىلەن ئاچلىقتا.
    دەۋرەپ كەلدى تۆت ياقتىن ئۆلۈم ئاتلىق ۋەھىمە،
    تەقدىرىگە تەن بېرىپ شۈك بوپ قالدى ئاققۇلار.
    ئاھ،بۇ چاغدا مۆجىزە يۈز بەردىغۇ تۇساتتىن،
    ئاتامان قۇش بىر ئۇچۇپ كۆتىرىلدى ئاسمانغا.
    ئەڭ ئاداققى كۈچىنى ئىشقا سالدى ئۇ بەلكىم،
    بەك ئىگىزدە توختىدى،ئوخشاپ گويا راكېتاغا.
    پەستىكىلەر ئاڭقىرىپ بولغىچە ئىش سەۋەبىن،
    شۇئان پەسكە شۇڭغىدى كۈچەپ ئاتقان ئوق گويا.
    ھايات سۆيۈش ئۇ نىمە؟سۆيسەڭ ئۇمۇ سۆيەركەن
    پىداكارلىق ئۇلۇقلۇق بېرىدىكەن ھاياتقا.
    قارس قىلىپ تەگكەندە،ئاتامان قۇش تۇمشۇقى،
    مۇز يېرىلىپ بىر گەزچە ئايلىنىپتۇ كاچكۇلغا.
    ھەتتا ئۇنىڭ زور جىسمى كۆل تۈۋىگە پېتىپتۇ،
    قەھرىمانە بۇ روھى داستان بوپتۇ تىللاردا.
    قالغان بىر توپ ئاققۇلار،ھايات قاپتۇ بېلىق يەپ،
    ساق-سالامەت يېتىپتۇ،ئىللىققىنە ماكانغا.»

    ئەتىسى شىئېرنى قايتا تۈزۈتۈپ كومپيۇتوردا ئۇردۇم-دە، ئۇنى مۇنازىرە تورىنىڭ ئەسەر يوللاش رامكىسىغا كىرگۈزىۋەتتىم. بۇ ئاشۇ مۇنازىرە مۇنبىرىدىكى تۇنجى يوللانغان ئىجادىي ئەسەر سۈپىتىدە ئانچە ھايال قالمايلا باش بەتكە چىقتى. ئۇ چىقىپ بولغاندىن كېيىن 3ئادەم ئۇنىڭغا ياخشى باھا بېرىپ قىسقا ئوبزور يېزىپتۇ. شۇ قەدەر خوشال بولۇپ كەتتىم. بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم ئەسەر ئېلان قىلىشىم ئىدى.

     


    ئىنكاس تېمىسى : Re:{[ئەسلى]QQ دىكى مۇھەببەت (ھېكايە)   يوللىغۇچى : يۇلغۇنجان     يوللانغان ۋاقىت : 2006-1-28 2:56:21

    كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ « ماياك تورى»غا ئەزا بولغانلار ۋە بۇ تور بېكىتىنى زىيارەت قىلىدىغانلار كۈندىن-كۈنگە كۆپەيدى. ياش يازغۇچى ‿شائىرلار، ئەدەبىي تەرجىمانلار ئاشكارە مەتبۇئاتتا ئېلان قىلىشقا ئۈلگۈرمىگەن ياكى ئېلان قىلدۇرالمىغان يازمىلىرىنى بۇ يەرگە تۆكۈۋەتتى. كومپيۇتېر مۇتەخخەسىسلىرى، پروگراممىرلار ۋە ياش ھەۋەسكارلارمۇ كومپيۇتېر جەھەتتىكى بىلىملىرىنى ئۆز-ئارا ئالماشتۇراشاتتى. بەزىلەر MTV ناخشىلىرىنىمۇ ئارىلاپ يوللاپ قوياتتى. جۈرئەت دېگەندەك تۈرلۈك بىلىم-ئۇچۇرلار كۈندە يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان، ئۆزئارا پىكىر- ئىختىلاپ ئالماشتۇرۇشۇپ تۇرىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ تۇنجى مۇنازىرە مۇنبىرى ئاخىرى بارلىققا كەلدى. بەزىدە مۇنازىرىلەر شۇنچە بەك قىزىپ كېتەتتىكى، يازغۇچى- شائىرلار ئىككى قاش بولىۋېلىپ مۇنازىرىلىشىپ چىڭ يېرىگە كەلگەندە ئاغزىنى بۇزۇشۇپ تىللىشىپ كېتەتتى. مەن بۇرۇن جەمئىيەتنى ئانچە بەك چۈشەنمەيتتىم. لېكىن، «ماياك»تا بولىۋاتقان مۇنازىرىلەرنى كۆرۈپ ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى ئازراق چۈشەنگەندەك بولدۇم. چۈنكى، ھەر كىم نېمىنى ئويلىسا دادىل سۆزلىيەلەيدىغان شارائىت بۇ يەردە بولغاچقا بۇ بەئەينى جەمئىيەتنىڭ كىچىكلىتىلگەن كارتىنىسىدەك تۇيغۇ بېرەتتى. ھەممىدىنمۇ بەك شىئېرىيەت سەھىپىسىدىكى مۇنازىرە بەك قىزىيتتى. چۈنكى ئەدەبىيات ساھەسىدە ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن بۇيان مەيدانغا كەلگەن گۇڭگا ئېقىمىدىكىلەر بىلەن ئەنئەنىۋى ئېقىمدىكىلەرنىڭ مەتبۇئاتتا بېسىقىپ قالغان بەس- مۇنازىرىسىگە « ماياك مۇنبىرى» قايتىدىن بىر بوشلۇق ھازىرلاپ بەر