• 2008-11-28

    شىنجاڭ تارىخىدىكى چوڭ ئىشلار يىلنامىسى

     بۇنىڭدىن تەخمىنەن 6-7مىڭ يىللار ئىلگىرى : شىنجاڭ رايۇنىدا ئىنسانلار ياشىغان .

    2.مىلادىدىن ئىلگىرىكى 209-يىلى : ھونلار تەڭرىقۇتى مۆتې تەخىتكە چىققان .

    3.مىلادىدىن ئىلگىرىكى 176-يىلى : توخرىلار دۇنخۇاڭ . چىليەنشەن تېغى ئەتراپىدىكى غەربكە كۆچۈپ ئىلى دەرياسى ۋادىسىنى ئىگىلىگەن .

    4.مىلادىدىن ئىلگىرىكى161-يىلى : ئۈسۇنلار چوڭ توخرىلارنى مەغلۇپ قىلىپ ، ئىلى دەرياسى ۋادىسىنى ئىگىلىگەن .

    5.مىلادىدىن ئىلگىرىكى 138-يىلى : جاڭ چيەن غەربىي يۇرتقا تۇنجى قېتىم ئەلچىلىككە كەلگەن.

    6.مىلادىدىن ئىلگىرىكى 119-يىلى : جاڭ چىيەن غەربىي يۇرتقا ئىككىنچى قېتىم ئەلچىلىككە كەلگەن.

    7.مىلادىدىن ئىلگىرىكى 105يىلى : خەن سۇلالىسى مەلىكىسى شى جۈن ئۈسۇنلارنىڭ كۈنبېيى ئېلجاۋبىيغا ياتلىق بولغان .

    8.مىلادىدىن ئىلگىرىكى 101-يىلى : خەن سۇلالىسى بۈگۈر . چېدىردا بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈلگەن ، « يالۋاچ چېرىكچى » تەسىس قىلىپ باشقۇرغان.

    9.مىلادىدىن ئىلگىرىكى 92-يىلى :ھونلار غەربىي يۇرتتا « چاكارلار كاھبېگى » تەسىس قىلغان .

    10.مىلادىدىن ئىلگىرىكى 64-يىلى : خەن سۇلالىسى جېڭ جىنى « پىشامشاننىڭ غەربىي قوغدۇغۇچى ئەمەلدارى » قىلىپ تەيىنلەپ جەنۇبىي يولنى قوغدىغان .

    11. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 60-يىلى : خەن سۇلالىسى جېڭ جىنى « غەربىي يۇرت باش قۇرۇقچى بەگ » قىلىپ تەيىنلىگەن ، غەربىي يۇرت خەن سۇلالىسىنىڭ زېمىنى دائىرىسىگە تەۋە قىلىنغان .

    12. مىلادى 73-يىلى : بەن چاۋ غەربىي يۇرتقا ئەلچىلىككە بارغان .

    13. 74-يىلى شەرقىي خەن سۇلالىسى يېڭىباشتىن غەربىي يۇرت باش قورۇقچى بەگ تەسىس قىلىپ چېن مۇنى باش قورۇقچى بەگ قىلىپ تەيىنلىگەن .

    14. 91-يىلى شەرقىي خەن سۇلالىسى بەن چاۋنى غەربىي يۇرت باش قۇرۇقچى بەگ قىلىپ تەيىنلىگەن ، ئۇ كۈسەندە تۇرغان.

    15. 97 يىلى بەن چاۋ گەن يىڭنى داكچىن (رىم ئىمپىرىيىسى ) غا ئەلچى قىلىپ تەيىنلىگەن.

    16. 327-يىلى ئالدىنقى لياڭ ھاكىمىيىتى قۇچۇدا ۋىلايەت - ناھىيە تەسىس قىلغان .

    17. 460-يىلى جۇجانلار جۇرچى قەۋىمىنىڭ قۇچۇدىكى ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ، گەن بوجۇنى قۇچۇغا پادىشاھ قىلغان .

    18. 552-يىلى تۈرك خانلىقى قۇرۇلغان .

    19. 583-يىلى تۈرك خانلىقى شەرقىي تۈرك خانلىقى ۋە غەربىي تۈرك خانلىقى دەپ ئىككى قىسىمغا رەسمىي بۆلۈنۈپ كەتكەن .

    20. 609-يىلى سۇي سۇلالىسى غەربىي يۇرتتا پىشامشان ، چۇرچاندىن ئىبارەت ئىككى ۋىلايەت تەسىسى قىلغان سۇي سۇلالىسى قۇچۇ بېگى چۈبوياغا كېڭەش تۆرە قۇست ۋالىيسى دەپ مەرتېۋە نامى بەرگەن .

    21. 610-يىلى سۇي سۇلالىسى ئېۋىر غۇلدا ۋىلايەت تەسىس قىلغان .

    22. تاڭ سۇلالىسى شەرقى تۈرۈكنى تىنچىتقان تاڭ سۇلالىسى ئېۋىرغۇلدا غەربىي ئېۋىرغۇل ئايمىقىنى تەسىس قىلغان .

    23. 640 -يىلى تاڭ سۇلالىسى قۇچۇدىكى چۈ جەمەتى بەگلىكىنى ( پادىشاھلىقىنى ) تىنچىتقان ، چۇقۇدا غەربىي ئايماق ، قاغانبۇت شەھىرىدە بېشبالىق ئايمىقى تەسىس قىلغان . يارغول شەھىرىدە يەنە ئەنشى قۇرۇقچى بەگ مەھكىمىسى تەسىس قىلغان .

    24 . 646 -يىلى تۇمەت تۇنجى ئۇيغۇر ھاكىمىيىتى بەرپا قىلغان .

    25 . 648-يىلى تاڭ سۇلالىسى كۈسەن توپىلىڭىنى تىنچىتىپ ، تىيانشاننىڭ جەنۇبىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن .

    26. 649-يىلى تاڭ سۇلالسى كىنگىت كۈسەن ، ئۇدۇن ، سۇلى تۆت قورغاننى تەسىس قىلغان ، بۇ تارىختا « ئەنشەندىكى تۆت قورغان » دەپ ئاتالغان .

    27. 651 -يىلى ئاشنا قۇلى تاڭ سۇلالىسىدىن يۈز ئۆرىگەن.

    28. 657 -يىلى تاڭ سۇلالىسى ئاشنا قۇلىنىڭ توپىلىڭىنى تىنچىتىپ ، غەربىي تۈرك خانلىقىنى يۇقاتقان ، غەربىي تۈرۈكلەر رايۇنىدا ئىسسىقكۆل ۋە تىنىقنۇر قۇرۇقچى بەگ مەھكىمىسى تەسىس قىلىنىپ غەربىي يۇرتتا بىرلىككە كەلگەن ئەنشى قۇرۇقچى بەگ مەھكىمىسىنى باش قۇرۇقچى بەگ مەھكىمىسى قىلىپ ئۆستۈرگەن.

    29. 702-يىلى تاڭ سۇلالىسى ئالتۇنتاغ قۇرۇقچى بەگ مەھكىمىسى ئورنىغا بېشبالىق باش قۇرۇقچى بەگ مەھكىمىسى قىلىپ ئۆستۈرگەن.

    30. 744-يىلى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى قۇرۇلغان .

    31. 840-يىلى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى خاككاسلار تەرىپىدىن تارمار قىلىنىپ ، ئۇيغۇر قەبىلىللىرىنىڭ كۆپىنچىسى غەربىي يۇرتقا كۆچۈپ كىرگەن.

    32. 866-يىلى بۆگۈ تېكىن قۇچۇ ئۇيغۇر پادىشاھلىقىنى رەسمىي قۇرۇپ چىققان .

    33. 9-ئەسىرنىڭ كىيىنكى يېرىمدا قارخانىلار خانلىقى قۇرۇلغان .

    34. 1001-يىلى ئۇدۇن پادىشاھلىقى قارخانىلار خانلىقى تەرىپىدىن ئىشغان قىلىنغان ، ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولغان .

    35. 1124-يىلى يەللىغ تاشىن ئۆزىنى خان قىلىپ ، غەربىي لياۋ ( قاراقىتان ) سۇلالىسىنى قۇرغان .

    36. 1132-يىلى يەللىغ تاشىن كىرماندا ئۆزىنى پادىشاھ دەپ ئاتىغان .

    37. 1134 -يىلى غەربىي لياۋ قۇز ئوردۇنى پايتەخت قىلغان .

    38. 1209-يىلى قۇچۇ ئۇيغۇر ئىدىقۇتى - بارچۇق ئارتېكىن مۇڭغۇللارغا ئەل بولغان .

    39. 1218-يىلى مۇڭغۇللار غەربىي لياۋنى يۇقىتىپ ، غەربىي يۇرتنى بىرلىككى كەلتۈرگەن.

    40. 1251-يىلى مۆڭگۈز بېشبالىق ۋە ئامۇ دەرياسى ۋادىسى قاتارلىق جايلاردا ۋاقىتلىق دىۋانبىگى ۋازارىتىنى تەسىس قىلغان .

    41. 1275-يىلى يۈەن سۇلالىسى ئالمالىق ۋاقىتلىق دىۋانبېگى ۋازارىتىنى قۇرۇپ ، ئىلى رايۇنىنى بىر تۇتاش باشقۇرغۇرغان .

    42. 1281-يىلى يۈەن سۇلالىسى ئۇيغۇرلار پىچىمچى بەگ مەھكىمىسىنى بېشبالىق قۇرۇقچى بەگ مەھكىمىسىگە تۈزگەن.

    43. 1282-يىلى يۈەن سۇلالىسى ئالمالىق ئەمىر - لەشكەر مەھكىمىسىنى تەسىس قىلىپ ، تىيانشاننىڭ شىمالىي تەرىپىنى باشقۇرغان .

    44. 1283-يىلى يۈەن سۇلالىسى بېشبالىق ، قارا قۇچۇ ۋە ئۇدۇن ئايغاقچى مەھكىمىسىنى تەسىس قىلغان.

    45. 1286-يىلى يۈەن سۇلالىسى بېشبالىق ئەمىر -لەشكەر مەھكىمىسىنى قۇرۇپ ، تىيانشاننىڭ جەنۇبىي تەرىپىنى باشقۇرغان.

    46. يۈەن سۇلالىسى كۈسەن ، تارىم ۋە بېشبالىق ئەمىر -لەشكەر مەھكىمىسىنى قۇرۇپ ، تىيانشاننىڭ شىمالىي ۋە جەنۇبىي تەرىپىنى باشقۇرغان .

    47. 1348-يىلى شەرقىي چاغاتاي خانلىقى قۇرۇلغان .

    48. 1406-يىلى مىڭ سۇلالىسى قۇمۇل سەرۋازخانىسىنى تەسىس قىلغان .

    49. 1514-يىلى چاغاتاي ئەۋلادى سۇلتان سەئىدىخان يەكەن خانلىقىنى قۇرغان .

    50. 1630-يىلى تۇرغاتلار قەبىلىسى ۋولگا دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئىقىمىدىكى رايۇنغا كۆچۈپ بارغان .

    51. 1671-يىلى غالدان جۇڭغارلار قەبىلىسىنىڭ ھاكىمىيىتىنى چاڭگىلىغا ئېلىۋالغان.

    52. 1678-يىلى غالدان يەكەن خانلىقىنى يۇقىتىپ تىيانشاننىڭ جەنۇبىي تەرىپىنى ئۆزىگە قوشۇۋالغان.

    53. 1690-يىلى غالدان چىڭ سۇلالىسىگە قارشى ئۇرۇش قىلىپ ، ئۇلانباتۇندا چىڭ سۇلالىسى قۇشۇنى تەرىپىدىن قاتتىق مەغلۇپ قىلىنغان .

    54. 1696-يىلى غالدان قوشۇنى جۇمۇتۇدا بولغان جەڭدە ، چىڭ سۇلالىسى قوشۇنى تەرىپىدىن قاتتىق مەغلۇپ قىلىنغان .

    55. 1697-يىلى غالدان ئۇشتۇمتۇت كېسەل بولۇپ ئۆلگەن.

    56. 1755-يىلى چىڭ سۇلالىسى ئىلىنغان ئەسكەر چىقىرىپ ، داۋاچىنى مەغلۇپ قىلغان.

    57. 1757-يىلى ئامۇرسانا مەغلۇپ بولۇپ روسىيەگە قاچقان . چوڭ-كىچىك غۇجىلار توپىلاڭ كۆتۈرگەن.

    58. 1759-يىلى چىڭ سۇلالىسى چوڭ-كىچىك غۇجىلار توپىلىڭنى تىنجىتىپ ، شىنجاڭنى بىرلىككە كەلتۈرگەن.

    59. 1771-يىلى تۇرغۇت قەبىلىسى ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەن.

    60.جاھانگىر خوجا توپىلاڭ كۆتۈرگەن ۋە ئۇنىڭ توپىلىڭى تىنچىتقان.

    61. 1851-يىلى چىڭ سۇلالىسى ئوردىسى « جۇڭگو - روسىيە ئىلى ، تارباغاتاي سۇدا نىزامنامىسى » نى مەجبۇرى ئىمزالاتقان.

    62. 1854-يىلى چارروسىيە ئىلىمىزنىڭ شەرقىي جەنۇبىنى بېسىۋالغان .

    63. 1855-يىلى چۆچەك خەلقى چارروسىيەنى سودا چەمبىرىكىگە ئوت قويۇپ كۆيدۈرگەن .

    64. 1864-يىلى شىنجاڭدا دېھقانلار زور ئىنقىلابى بولغان .

    65. 1864-يىلى « جۇڭگو - روسىيە كىلىشىمى » ئىمزالانغان .

    66. 1865-يىلى قوقەنلىك ئوفىستىر ياقۇپ بەگ قەشقەرگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن.

    67. 1867-يىلى ياقۇپ بەگ « يەتتە شەھەر ھاكىمىيىتى » نى قۇرغان .

    68. 1871-يىلى چارروسىيە تاجاۋۇزچى قوشۇنى ئىلىنى بېسىۋالغان.

    69. 1872-يىلى چارروسىيە ياقۇپ بەگ بىلەن « روسىيە - قەشقەر شەرتنامىسى » نى ئىمزالىغان .

    70. 1875-يىلى چىڭ سۇلالىسى ئېلىدىن باشلقا جايلارنى قايتۇرۋالغان.

    71. 1877-يىلى ياقۇپ بەگ ئۇشتۇمتۇت ئۆلگەن شۇنداقلا مەغلۇپ بولغان.

    72. 1881-يىلى جۇڭگو روسىيە ئىلى شەرتنامىسى ئىمزالانغان.

    73. 1911-يىلى ئۈرۈمچىدە قوزغىلاڭ پارتىلغان .

    74. 1912-يىلى شىنجاڭ - ئىلى ئۇرۇشى پارتىلغان.

    75. 1912-يىلى قۇمۇلدا تۆمۈر خەلپە قوزغىلىڭى پارتىلغان.

    76. 1913-يىلى تۆمۈر خەلپە ، مۆھىدىن خەلپە ئۆلتىرىلگەن.

    77. 1934-يىلى شىنجاڭ خەلقىنىڭ جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش بىرلەشمىسى قۇرۇلغان.

    78. 1945-يىلى مىللىي ئارمىيە ئۈچ سەپ بويىچە ھۇجۇمغا ئاتلانغان .

    79. 1948-يىلى « شىنجاڭدا تىنىچلىق ، خەلقچىللىقىنى قوغداش ئىتىپاقى » غۇلجىدا قۇرۇلغان.

    80. 1949-يىلى شىنجاڭ ھەربىي رايونى بىلەن شىنجاڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكىمىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقى جاكارلاندى.

    81. تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشىنى مىلادىيە 712-716-يىللىرى ئارلىقىدا تۇنيۇقۇق ھايات ۋاقتىدا ئۆزى تەرپىدىن مەرمەر تاشقا ئويۇپ تەييارلانغان . 1897-يىلى ھازىرقى مۇڭغۇلىيە خەلىق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئولانباتور شەھىرىدىن 60 كېلومىتىر يىراقلىقتىكى بايىن چوكتۇ دېگەن جايدىن تېپىلغان .

    82.بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشى ﻣﯩﻼﺩﻯ 735 - ﻳﯩﻠﻰ ﻳﻮﻟﻠﯘﻍ ﺗﯧﻜﯩﻦ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﻮﺭﻧﯩﺘﯩﻠﻐﺎﻥ . بىلگە قاغان تاغىسىنى ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ 716 - ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ 734 - ﻳﯩﻠﯩﻐﯩﭽﻪ ﺗﻪﺧﺘﺘﻪ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻥ .

    1950-يىلى 30-يانۋار كۇنى قومۇل ۋىلايىتىنىڭ ئارا تۆرۇك ناھىيىسىدە ناسىر ۋە ئابدۇللا باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر قازاق توپىلاڭچىلىرى قىزىل ئارمىيىنىڭ ئالدىنى توسۇپ ھۇجۇم قىلدى،نۇرغۇن قىزىل ئارمىيە جەڭچىلىرى ئۆلتۇرۇلدى.بۇ توپىلاڭغا ئالتايدىكى ئوسمان باتۇر كۇچلىرى كېلىپ قوشۇلدى،توپىلاڭچىلارنىڭ سانى 15مىڭدىن ئېشىپ.شىنجاڭنىڭ ئازادلىقىغا چوڭ تەھدىت سالدى.
    2.ئوسمان باتۇر 1951-يىلى5-ئاينىڭ2-كۇنى ئۇرۇمچىدە قىزىل ئارمىيە تەرىپىدىن ئېتىپ ئولتۇرۇلدى.
    3.ئۇرۇمچىدە 1950-يىلى يانۋاردا 2000دىن ئارتۇق ئاتلىق توپىلاڭچى سىدەق زالىڭ،ئورازباي،ۋەلى رەھبەرلىكىدە قومۇلدىكى توپىلاڭچىلارغا ماسلىشىپ،
    قىزىل ئارمىيىگە ھۇجۇم قىلدى، مۇستەقىل دكلەت قۇرۇش پىروگىراممىسىنى ئېلان قىلىپ ،جاھىللىق بىلەن قارشىلىق كۆرسەتتى.دىكابىرغىچە قارشىلىق كۆرسىتىپ ،كۆپ قىسمى ئېتىپ ئۆلتۇرۇلدى،بىر قىسمى چەتئەللەرگە قېچىپ كەتتى.
    4.-1951-يىلى غۇلجا شەھرىگە توپلانغان 51نەپەر زىيالىي،«51چىلەر »قۇرۇلتىيىنى ئېچىپ،مەركىزىي مەركىزىي ھۆكۆمەتكە بايانات تاپشۇردى،يامان نىيەت بىلەن مۇستەقىل بولۇشنى تەلەپ قىلدىۋە مىللى ئارمىيىنى كۇشكۇرتۇپ،قۇراللىق توپىلاڭ قىلىشقا تەييارلىنىشنى تەلەپ قىلدى،ئارمىيىمىز بۇلارنىڭ سيقەستىنى ۋاقتىدا سېزىپ يىتىپ،بىتچىت قىلدى.
    5.-1951-يىلى 12-نويابىر كۇنى ئۇرۇمچى قاتارلىق قايلاردا ئابدۇل ئەزىز داموللام،قۇربان قۇداي،سېيىت ئەخمەت خوجا،ئابدۇللا سەمەدى،ھامۇت ھاجى،نۇربەك،پاشابەك،جانىمقان قاتارلىق 350 كىشىگە ئۇلۇم جازاسى بېرىلىپ،سوتسىيالىزىم دېكتاتورىسىنىڭ تەمى تېتىتىپ قويۇلدى.2000مىڭدىن ئارتۇق ئۇنسۇر تۇرمىگە تاشلاندى.غۇلجىدا پولكوۋنىك ئابدۇغوپۇر سابىر ھاجىيېۋ، پولكوۋنىك قۇربانجان،ئىلدىرىم مەسئۇت،ياقۇپ راخمانوۋ،سۇيدۇڭدە ئىدرىس،سېيىت ھاقى،قازىباي،بەكرى غازى،ھوشۇرمەت،شىخودىن نەسىردىن ھاكىم قاتارلىقلار،
    بولۇپ 20000دىن شېرىكى بىلەن ۋەتەننى پارچىلاش سۇيقەستىدە بولغانلىقى ئۇچۇن جەھەننەمگە ئۇزىتىلدى ۋە تۇرمىلەرگە ئۆزگەرتىش ئۇچۇن ئەۋەتىلدى.



    بىرقىسىم مەشھۇرلارنىڭ تۇغۇلغان ۋە ۋاپات بولغان ۋاقتى!




    ياڭزېڭشىن 1868-يىلى يۈننەننىڭ مېڭزى دىگەن يېرىدە توغۇلغان.1928-يىلى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى سىياسى ئۆزگىرىشتە ئۆلگەن. ( شىنجاڭدىكى جاللات)

    جىن شۇرېن 1879-يىلى گەنسۇ ئۆلكىسىدە توغۇلغان.1933-يىلى 7-ئاينىڭ 7-كۈنىدىكى سىياسى ئۆزگىرىشتە قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن. ( شىنجاڭدىكى جاللات )

    شېڭ شىسەي 1895-يىلى شەرقى شىمالدىكى لىياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ كەييۈەن ناھىيىسىدە توغۇلغان.بۇ جاللات 1970-يىلى 7-ئاينىڭ 13-كۈنى (تەيۋەننىڭ) تەيبېيدا ئۆلگەن.

    سادىر پالۋان 1798-يىلى غۇلجا ناھىيىسىنىڭ موللا توختىيۈزى يېزىسىدا نامرات دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن بۇ مەشھۇر خەلق پالۋانى 1871- يىلى ماي ئايلىرىدا ئۆز يېزىسىدا ۋاپات بولغان .

    غۇجىنىيتاز ھاجى 1889-يىلى تۇغۇلۇپ ، 1938-يىلى ۋاپات بولغان.

    ئىلىخان تۆرەم 1885 - يىلى 3 - ئاينىڭ 21 - كۇنى ھازىرقى قىرغىزىستاننىڭ تۇخماق رايۇنىدا ھاللىق دىھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن ، ئۇزبىك مىللىتىدىن .1976 - يىلى 91 يىشىدا تاشكەنتتە ئالەمدىن ئۇتىدۇ .

    غېنى باتۇر ( تۇغۇلغان ۋاقتى توغۇرلۇق ماتىريال تاپالمىدىم) 1981- يىلى قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدە ۋاپات بۇلغان .

    ئەخمەتجان قاسىمى، ئۇيغۇر، 1914-يىلى (يولۋاس يىلى) شىنجاڭ غۇلجىدا تۇغۇلغان .1949-يىلى 8-ئاينىڭ 27-كۈنى رەئىس ماۋزېدۇڭنىڭ تەكلىپى بىلەن مەملىكەتلىك سىياسى كىڭەشنىڭ 1-نۆۋەتلىك يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن شىنجاڭ ۋەكىللىرىنى باشلاپ بېيپىڭ (بېيجىڭ ئازادلىقتىن ئىلگىرى بېيپىڭ دەپ ئاتالغانلىقى ئۈچۈن بۇيەردىمۇ بېيپىڭ دەپ ئېلىندى) مېڭىپ ،
    سوۋېت ئىتتىپاقى ئىركۇتىسكى دىكى تاشقى بايقال كۆلى ئەتراپىدا ئايرۇپىلان تاغقا سوقۇلۇپ بەخىتسىزلەرچە قوربان بولغان.

    موللا بىلال بىن موللا يۈسۈپ نازىمىي 1825-يىلى تۇغۇلۇپ ، 1900-يىلى ۋاپات بولغان.( بەزى ماتىرىياللاردا 1822 - يىلى تۇغۇلۇپ 1899 - يىلى ۋاپات بولغان دىيىلىدۇ )

    ئاماننىساخان
    (1534 - 1567)ئۇيغۇر سەئىدىيە خاندانلىقى دەۋرىدىكى تالانتلىق شائىر ، مەرىپەتچى ، ئىستىداتلىق مۇزىكانىت . ئۇيغۇر 12 مۇقامىنى تۇنجى بولۇپ رەتكە سالغان ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرغان .

    مايمىخان

    (1812 - 1830)غۇلجىدا ياشىغان،ماھىر قوشاقچى ، ئەركىنلىك كۈيچىسى . كىچىكىدىنلا ھەققانىيەت تۇيغۇسى ، خەلىق سۆيەر روھى بىلەن چوڭ بولغان مايمىخان مۇستەبىت ھاكىميەت ۋە زۇلۇملارنى پاش قىلىپ قوشاق توقىغان ۋە شىئىر قىلىپ ئوقىغان . 1830 - يىلى ھەققانىيەت ۋە ئەركىنلىكتى ۋاز كەچمىگەن ئۇيغۇر قىزى مايمىخان 18 يىشىدا چىپىپ ئۆلتۈرۈلگەن .

    نۇزۇگۇم

    (1808 _ 1827) ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەرك سۆيەر نۇزۇگۇم ، 1826 - يىلى قەشقەردىكى مانجۇ زۇلىمىغا قارشى خەلىق قوزغىلىدا ئىلى جىياڭجۈنىگە سۈرگۈن قىلىنغان . مانجۇ ئەمەلدارىغا مەجبۇرىي خوتۇن بولۇشقا كۆنمەي ،توي كىچىسى ئۇنى ئۆلتۈرۈپ قىچىپ ، 6 ئاي قۇمۇشلۇقتا مۈكۈنۈپ يۈرۈپ ، 3 ئاي زىندانغا سولانغان .1827 - يىلى مانجۇ ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن قىلىچ بىلەن چىپىپ ئۆلتۈرۈلگەن .

    مايسىخان

    ئۇيغۇر قىزى مايسىخان چىڭ سۇلالىسى ھۆكىمىتىنىڭ زۇلىمىغا قارشى قوزغىلاڭنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ بىرسى.ئۈچتۇرپان ئاقتوقاي باغرىغا خەلقىمىز تەرىپىدىن ئابىدە قىلىنغان "يەتتە قىزلىرىم" مەقبەرىسى دەل مايسىخاننىڭ مەقبەرىسىدۇر .

    زۇلەيخان بىگىم

    17 - ئەسىردە قۇمۇلدا ياشىغان ئىستىداتلىق شائىرەدۇر .

    راھىلە خانىم
    ( 1860 - يىللىرى )ئۇيغۇر يىڭى مائارىپ تارىخىدىكى تۇنجى ئايال ئوقۇتقۇچى . " ھۈسەيىنيە " مەكتىپىدە تەكلىپ بىلەن ئىشلىگەن .

    ئايخان ئانا

    (1888 - يىللىرى ) ئەل سۆيەر مەرىپەتچى . يىقىنقى زامان ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدىكى تۆھپىكار شەخىسلەرنىڭ بىرى .1933 - 1934 - يىللىرى غولجىنىڭ قازانچى مەھەللىسىگە مەخسۇس يىتىم بالىلار ئۈچۈن مەكتەپ سالدۇرغان . خەلىق بۇ مەكتەپكە " ئايخان ئانا
    مەكتىپى " دەپ نام بەرگەن . ئايخان ئانا مۇستەبىت ھۆكىمەتنىڭ ئازابى بىلەن كىسەل سەۋەبى بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەن .

    شەپقەت ھەمشىرىسى رىزۋانگۈل

    ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەھرىمان قىزى ، شەپقات ھەمشىرىسى رىزۋانگۇل 1925 - يىلى قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا ئوبلاستىدا تىرە يۇڭ توقۇمچىلىق قىلىدىغان بىر ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن .1922 - يىلى رىزۋاگۈل 7 ياش ۋاقتىدا ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە كۆچۈپ
    كىلىپ ، 1940 - يىلىدىن 1943 - يىلىغىچە ئۈرۈمچى قىزلار ئوتتۇرا مەكتىپىدە بوغالتىرلىق كەسپىدە ئوقۇپ ، غولجىغا قايتىپ ، ۋىلايەتلىك پوچتا ئىدارىسىدە ئىشلەيدۇ .
    1943 - يىلى 1- ئاينىڭ 13 - كۈنى ھەرەمباغ لەڭشاڭ رايۇنىدىكى بىر جەڭدە شىددەتلىك ئۇچۇپ كىلىۋاتقان ئوقلار ئارىسىدا ، يارىدار جەڭچىلەرنى قۇتقۇزۇش يولىدا قۇربان بولىدۇ .

    ئايشەمخان

    1945 - يىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي جقەنۇبىي بۆلۈنۈش ئارمىيىسى ئاقسۇغا يۈرۈش قىلىش جەريانىدا ، باي ناھىيەسىدىن ئۆتكەندە، زۇلۇمغا قارشى ئۆزلىكىدىن ئارمىيەگە قاتناشقان . ئارمىيە ئاقسۇدىن چىكىنگەندە قولغا چۈشۈپ قالغان ، گومىنداڭچىلار ئايشەمخاننى خائىن بولۇشقا ئۈندىگەن ، بىراق ئايشەمخان قەتئىي رەت قىلغان . شۇنىڭ بىلەن ئايشەمخان ئۇيغۇر ئاسىيلار تەرىپىدىن پاجىئەلىك ھالدا چىپىپ ئۆلتۈرۈلگەن .

    ۋاپادارلىقنىڭ سىمۋولى رابىيە

    ئۇيغۇرلارنىڭ پارلاق ئەنئەنىسىدە ۋاپادارلىقنىڭ ئۈلگىسى سۈپتىدە رابىيە - سەئىدىن تىلغا ئىلىنىدۇ.ئۇلار 18 - ئەسىرلەردە ياشىغان رىئال شەخىسلەر . ھازىرمۇ رابىيە - سەئىدىن قەبرىسى « ئوشماق مازار » نامى بىلەن قەشقەر يېڭىشەھەر ناھيە يامانيار يېزىسى 14-كەنتىدە قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ .

    مۇھەممەد تاراغاي ئۇلۇغبەگ 1394-يىلى تۇغۇلۇپ ، 1449-يىلى ئوغلى تەرىپىدىن قەتلى قىلىنغان.

    ئەلشىر نەۋائى ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ مەشھۇر نامايەندىسى ،مۇتەپەككۇر شائىر نەۋائى 1441-يىل 2-ئايدا ھىرات شەھىرىدە تۇغۇلغان .1501-يىل 1-ئايدا ۋاپات بولغان .

    ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ خاقانلىرى :
    قۇتلۇق بىلگە كۆل قاغان. ھۆكۈم سۈرگەن ۋاقتى745-يىلىدىن 747-يىلىغىچە.

    بايانچۇرقاغان .747ھۆكۈم سۈرگەن ۋاقتى747-يىلىدىن 759-يىلىغىچە.

    بۆگۈ قاغان .ھۆكۈم سۈرگەن ۋاقتى759 -يىلىدىن 779-يىلىغىچە.

    4تۇنباغا تارقان.ھۆكۈم سۈرگەن ۋاقتى779-يىلىدىن 789-يىلىغىچە.

    قۇت بۇلىمىش كۈلۈگ بىلگە قاغان.ھۆكۈم سۈرگەن ۋاقتى 789-يىلىدىن 790-يىلىغىچە.

    قۇتلۇق بىلگە قاغان ھۆكۈم سۈرگەن ۋاقتى 790-يىلىدىن 795-يىلىغىچە.

    قۇتلۇق قاغان.ھۆكۈم سۈرگەن ۋاقتى 795-يىلىدىن 805-يىلىغىچە.

    قۇت بۇلىمىش كۈلۈگ بىلگە قاغان.ھۆكۈم سۈرگەن ۋاقتى805 -يىلىدىن 808-يىلىغىچە

    قۇت بۇلىمىش ئالىپ بىلگە قاغان.ھۆكۈم سۈرگەن ۋاقتى 808-يىلىدىن 821-يىلىغىچە

    ئۇلۇغ بۇلىمىش كۈچلۈك بىلگە قاغان .ھۆكۈم سۈرگەن ۋاقتى 821-يىلىدىن833-يىلىغىچە

    قۇت بۇلىمىش ئالىپ كۈلۈگ بىلگە قاغان.ھۆكۈم سۈرگەن ۋاقتى: 833-يىلىدىن 839-يىلىغىچە.

    ھېسا قاغان .ھۆكۈم سۈرگەن ۋاقتى 839-يىلىدىن 840-يىلىغىچە.

    مارگوف ئىسھاقوف، ئۇيغۇر ،شىنجاڭ ھەربى رايۇننىڭ مۇئاۋىىن(سەنمۇجاڭ) شىتاب باشلىقى بولغان،1955-يىلى مايور گېنرال(شاۋجىياڭ) ھەربى ئۈنىۋانىغا ئېرىشكەن،جۇڭگۇ - سوۋېت قوش دۆلەت تەۋەلىكىگە ئىگە،1962-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىپ كەتكەن(كىيىن تۈركىيەگە كۆچمەن بولۇپ چىقىپ كەتكەن).


    مەمەتئىمىن ئىمىنوف ، ئۇيغۇر ، شىنجاڭ غۇلجىلىق، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە ۋوزۋود كۇماندىرى(پەيجاڭ)،مىللى ئارمىيە قۇماندانلىق بۆلۈمىنىڭ باشلىقى،مۇئاۋىن شىتاب باشلىقى،ئاتلىق پولىكنىڭ باشلىقى بولغان.دۆلەت قۇرۇلغاندىن كىيىن ئازادلىق ئارمىيىدە دېۋىزىيە كۇماندىرى قۇشۇمچە جەنۇبى شىنجاڭ ھەربى رايۇنىنىڭ مۇئاۋىن قۇماندانى بولغان.1955-يىلى مايور گېنرال ھەربى ئۈنىۋانىغا ئېرىشكەن.


    زۇنۇن تېيىپ ،ئۇيغۇر ،ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە مىللى ئارمىيىنىڭ مۇئاۋىن با ش قۇماندانى بولغان ،شىنجاڭ ھەربى رايۇنىنىڭ مۇئاۋىن شىتاب باشلىقى بولغان،1955-يىلى مايور گېنرال ھەربى ئۈنىۋانىغا ئېرىشكەن،،جۇڭگۇ - سوۋېت قوش دۆلەت تەۋەلىكىگە ئىگە،1962-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىپ كەتكەن(كىيىن تۈركىيەگە كۆچمەن بولۇپ چىقىپ كەتكەن).

    مۇساباي
    19-ئەسىرنىڭ ئاخرىدا پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيا تەۋەسىدە زور شۆھرەت قازانغان كاتتا باي مۇساباي،1809-يىلى توغۇلغان.مۇساباي شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا ئۆتكەن مەشھۇر شەخىستۇر.
    ئۇ ئىلدا كۆن - خورۇم زاۋۇتى قورۇپ 200ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان ۋە قەشقەر خانلىق مەدىرىسىنى چوڭ كۆلەمدە رېمۇنت قىلغان .ئۇ باللىرىنىڭ پەننىي مەكتەپ ئېچىشىغا ئىلھام بەرگەن ھەم <پۇلنىڭ خۇجايىنى بولماي ، بىلىمنىڭ خۇجايىنى بولۇڭلار> دىگەن ۋەسىيەتنى قالدۇرۇپ 1895-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن.

    قۇددۇس غۇجامياروف

    <نوزۇگۇم><سادىر پالىۋان> ناملىق ئوپېرالارنىڭ،<چىن تۆمۈر باتۇر>< ئازادلىق ناخشىسى> قاتارلىق سىمفونىيەلەرنى ئىجاد قىلىپ ،سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئۇيغۇر كەسپى مۇزىكىسىغا ئاساس سالغۇچى س س س ر دۆلەتلىك مۇكاپاتىنىڭ لائورىيانتى قۇددۇس غۇجاميارۇف 1918-يىلى تۇغۇلغان.
    قۇددۇس غۇجامياروف مىللى تىياتىرنىڭ بەرپابولىشىغا ۋە بۈگۈنكى تەرەققىياتىغا غايەت زور ھەسسە قوشقانلىقى جىسمانى ۋە زېھنى كۈچىنى سەرىپ قىلغانلىقى بىلەن ئاجايىپ يۈكسەك ھۆرمەتكە ئېرىشكەن.

    ھۈسىين بەگ
    ئىقتىدارلىق جامائەت ئەربابى ۋە سىياسىون ھۈسىيىنبەگ ئۆز مەتبەئەسى بىلەن 1919-يىلى كۈزدە<ھۆر سۆز> گېزىتىنى چىقارغان .ئىلى سەنىمى> نىرەتلەپ ھازىرقى ھالغا كەلتۈرگەن.
    ھۈسىيىنبەگ 1899-يىلى تۇغۇلغان.ئۇ 1927-يىلى ئۆز خىراجىتى بىلەن <ھۈسەيىنىيە مەكتىپى>(ھازىرقى غۇلجا شەھەرلىك 2- ئوتتۇرا مەكتەپ )نى سالدۇرغان.
    ھۈسىين بەگ 1934-يىلى 35 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.
    بۇ مەرىپەتپەر ۋەر زات ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ يۈكسىلىشىدە ئوينىغان غايەت زور رولى بىلەن ئەۋلاتلار قەلبىدە چوڭقۇر يادلانماقتا.


    ئىلىخان ھەزىرىتم
    <ئۇيغۇر تىبابەت ئاناتومىيسى><ئالدىمىزدىن ئۆتكەن تەكرار كىسەللىكلەر دۇرىسى ><تىبابەتچىلىكنىڭ نەزەريىۋى ئاساسى> قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىپى،يېتىلگەن ئۇستاز تېۋىپ ئىلخان ھەزرىتىم 1887-يىلى تۇغۇلغان.
    ئىلىخان ھەزىرىتىم ئۆزىنىڭ پۈتۈن ھاياتىنى خەلىقىمىزنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن بېغىشلىغان بولۇپ ،ئوردو،پارىس، ئەرەب ، تۈرك تىللىرى ۋە يېزىقلىرىنى پۇختا ئىگەللەپ ،يۈكسەك بىلىم ئىگىسىگە ئايلانغان.ئىلىخان ھەزىرىتىم 1989-يىلى 102يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.

    ئەنۋەر ناسىرى
    شائىر ئەنۋەر ناسىرى ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىياتىدا ئوينىغان رولى بىلەن ئەدەبىياتىمىز تارىخىدا بەلگىلىك ئورۇن تۇتىدۇ.شائىر ئەنۋەر ناسىرى 1914-يىلى تۇغۇلغان.
    شائىرنىڭ ئەسەرلىرى گەرچە سان جەھەتتە كۆپ بولمىسىمۇ ،ئەمما ناھايىتى قىممەتلىك .ئۇ ئىلغار ئىدىيىلىك شائىر بولۇش سۈپىتى بىلەن لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ <مىنىڭ دەسكەپكى ئۇستازىم ئەنۋەر ناسىرى ئىدى دەپ تەرپلىشىگە ئېرىشكەن.ئۇ1946-يىلى 32 يېشىدا ۋاپات بولغان.

    ۋەتەنپەرۋەر ئالىم ،داڭلىق تارىخشۇناس،ئىلىم مەرىپەتنى خەلىقنى ئويغىتىش ۋە قوزغۇتۇشنىڭ ياخشى قۇرالى دەپ ھىساپلىغان دېموكراتىك زات قۇتلۇق ھاجى شەۋقى 1876-يىلى توغۇلغان.
    ئۇ ئۆز دەۋرىدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى مۆتىۋەرلىرىدىن بىرى ئىدى.ئۇ ئۆز ھاياتىدا خەلىقنى ئويغىتىش يولىدا پۈتۈن يۈرەك قېنىنى سەرىپ قىلىپ <ئەركىن ھايات> ناملىق گېزىتنى نەشر قىلىپ،جەڭگىۋار شېئىرلارنى ۋە <قەشقەر تارىخى> ناملىق يىرىك ئەسەرنى يېزىپ قالدۇرغان.
    ئالىمنىۇ دېموكراتىك پائالىيەتلىرىدىن سارەسىمگە چۈشكەن شىڭشىسەي 1938-يىلى پاجىئەلىك ھالدا ئۆلتۈرۋەتكەن.

    يۇرتىمىزنىڭ 19-ئەسىردىكى تارىخىنى يۇرۇتۇپ بىرىشتە كۆۋرۈكلۈك رولئوينايدىغان مەشھۇر ئەسەر <تارىخى ھەمىدىيە>< تارىخى ئەمىنيە> نىڭ مۇئەللىپ موللا مۇسايرامى 1826-يىلى (ئۈچتۇرپاندىغۇ دەيمەن)تۇغۇلغان.موللا مۇسايرامى ئۆز ھاياتىدا نورغۇنلىغان بىلىملەرنى ياخشى ئىگەللەپ، ئۆز دەۋرىنىڭ تۇنۇلغان يازغۇچىلىرىدىن بىرى بولۇپ خەلىقىمىزگە تونۇلغان،ئۇنىڭ يۇقىرقىلاردىن باشقا يەنە <تەزكىرەتۇل ئەۋلىيا>،<دەربايان ئەسھابۇل كەھف><دىۋانى مەسنىۋى ><سالامنامە> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.موللا مۇسا سايرامى 1917-يىلى 91 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.

    1.غېنى باتۇر 1902-يىلى تۇغۇلغان.
    2.ئۇچ ۋىلايەت مىللى ھۆكۇمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ،ھاكىمبەگ خوجا.1880-1957.
    3.مىللى ئارمىيە باش قوماندانى.گېنرال-لېيتنانىت ئىسھاقبېك مونونوۋ، 1902-1949.
    4.مىللى ھۆكۆمەتنىڭ باش كاتىۋى .ئابدۇرۇپ مەخسۇم.1914-2005
    5.مىللى ھۆكۆمەت ئەزاسى،سەھىيە نازارىتىنىڭ نازىرى.قاسىمجان قەمبىرى.1909-1956
    6.مىللى ھۆكۆمەت ئەزاسى،مىللى ئارمىيە سىياسى باشقارما باشلىقى.ئابدۇكېرىم ئابباسوف.1921-1949.
    7.مىللى ئارمىيە مۇئاۋىن باش قوماندانى.گېنرال-مايۇر،دەلىلقان سۇغۇربايېۋ،1906-1949.
    8.مىللى ئارمىيەنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى،زۇنۇن تېيىپ.1912-1984.
    9.مىللى ھۆكۆمەت ئەزاسى،ئىچكى ئىشلار نازارىتىنىڭ نازىرى.رەخىمجان سابىر ھاجىيوف.1906-1977.
    10.-6ئوغرىنىڭ بىرسى،خەلق قەھرىمانى پاتىخ مۇسلىموۋ.1906-1975.
    11.مۇھەممەت ئىمىن ئىمىنوف.1915-1970.
    12.ئەكبەر باتۇر.1917-1944.

    ھون خانىدانلىقىنىڭ خاقانلىرى
    3-جەنۇبىي ھۇن خانىدانلىقىنىڭ خاقانلىرى
    1-قوغشار تەڭرىقۇت
    قوغشار تەڭرىقۇتنىڭ ئەسلى ئىسمى باتىسقان بېي بولۇپ ، ئۇ ھۇن خانىدانلىقىنىڭ 14- خاقانى قوغشار تەڭرىقۇتنىڭ نەۋرىسى ، پۇجۇلجۇت تەڭرىقۇتنىڭ ئوغلى ، مىلادىيە 48-يىلىدىن 56-يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان . ئۇ مىلادىيە 48-يىلى ھونلارنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا تۇرۇشلۇق سەككىز قەبىلىنىڭ ئاقساقاللىرى بىلەن مەسلىھەتلىشلىپ ، ئۆزىنى بوۋىسىنىڭ نامى بىلەن <قوغشار تەڭرىقۇت> دەپ ئاتىغان ھەمدە پانۇ تەڭرىقۇتتىن رەسمىي ئايرىلغانلىقىنى جاكارلىغان . ئۇ شەرقىي خەن سۇلالىسىگە ئەلچى ئەۋەتىپ ، مەڭگۈ خەن سۇلالىسىنىڭ قالقىنى بولۇپ شىمالىي ھۇنلاردىن مۇداپىئە كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ، مىلادىيە 56-يىلى ۋاپات بولغان
    2-كىئۇفۇيۇتى تەڭرىقۇت
    قوغشار تەڭرىقۇتنىڭ ئىنىسى ، مىلادىيە 56-يىلىدىن 57-يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان . ئۇ ئاكىسىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ھۇن تەختىگە ۋارسلىق قىلغان ، لېكىن بىر يىلدىن كېيىنلا ۋاپات بولغان .
    3-ئىفايلۇت تەڭرىقۇت
    كىئۇفۇيۇتى تەڭرىقۇتنىڭ ئىنىسى ، مىلادىيە 57-يىلىدىن 59-يىلىغىچە تەختە ئولتۇرغان ، ئۇ تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە ، شىمالىي ھۇنلاردىن قۇيچۇ مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى باشلاپ كېلىپ جەنۇبىي ھۇنلارغا تەسلىم بولغان ، ئۇ مىلادىيە 59-يىلى ۋاپات بولغان .
    4-شىتۇڭشىجۇ قۇت تەڭرىقۇت
    شىتۇڭشىجۇ قۇت تەڭرىقۇت -- قوغشار تەڭرىقۇتنىڭ ئوغلى ، مىلادىيە 59-يىلىدىن 63-يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان ، ئۇ تەختكە چىقىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا شىمالىي ھۇنلار ئالتە -- يەتتە مىڭ كىشىلىك قوشۇن بىلەن مۇيۈ ەن قورۇلىغا تاجاۋۇز قىلىپ تاكى يۈ ەنياڭ ناھىيىسىگىچە بېسىپ كىرگەن . شىتۇڭشىجۇ تەڭرىقۇت شەرقىي خەن سۇلالىسى بىلەن ماسلىشىپ ئۇلارنى چېكىندۈرگەن .
    5-كىئۇچۇ گۇيلىنت تەڭرىقۇت
    كىئۇفۇيۇتى تەڭرىقۇتنىڭ ئوغلى ، مىلادىيە 63-يىلى تەختتە ئولتۇرغان ، ئۇ تارختا <سۇ > دىگەن نام بىلەنمۇ ئاتالغان ، تەختكە چىقىپ بىر نەچچە ئايدىن كېيىن ۋاپات بولغان .
    6-غۇيەشى سۇقۇتى تەڭرىقۇت
    غۇيەشى سۇقۇتى تەڭرىقۇت - شىتۇڭشىجۇ قۇت تەڭرىقۇتنىڭ ئىنىسى ، مىلادىيە 63-يىلىدىن 85-يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان ، ئۇ مىلادىيە 73-يىلى شەرقي خەن سۇلالىسى بىلەن بىرلىكتە خېشى رايونىغا بېسىپ كىرگەن شىمالىي ھۇنلارغا قايتارما ھۇجۇمغا ئۆتكەن ، ئۇرۇشتا شىمالىي ھونلار قاتتىق مەغلۇپ بولۇپ ، قۇملۇقتىن ئۆتۈپ قېچىپ كەتكەن ، بۇ ۋاقتتا شىمالىي ھونلار خېلىلا ھالسىرىغان بولۇپ ، ئالدى تەرەپتە جەنۇبىي ھۇنلارنىڭ ، ئارقا تەرەپتە تۇرالارنىڭ ، سول تەرەپتە سىيانپىيلارنىڭ ، ئوڭ تەرەپتە غەربي يۇرتنىڭ ھۇقۇمىغا ئۇچراپ ، خەلقى تېرقتەك چېچىلىپ كەتكەن . غۇيەسى سۇيۇتى تەڭرىقۇت مىلادىيە 85-يىلى كېسەپ سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان .
    7- ئىلىتونوغال تەڭرىقۇت
    ئىلىتونوغال تەڭرىقۇت -- ئىفايلۇت تەڭرىقۇت قاننىڭ ئوغلى ، دىلادىيە 85-يىلىدىن 88-يىلىغىچە چەختتە ئولتۇرغان . ئۇ تەختكە چىققاندىن كېيىن شىمالىي ھۇنلارغا قارشى ئۇرۇش قوزغاپ ئۇلارنىڭ نۇرغۇن ئادەملىرىنى ئۆلتۈرگەن ۋە بۇلىغان . مىلادىيە 87-يىلى سىيانپىيلار ھۇجۇم قوزغاپ شىمالىي ھۇن تەڭرىقۇتى ئۇلۇغ تەڭرىقۇتنى ئۆلتۈرگەن ، مىلادىيە 88-يىلى ئىلىتونوغال تەڭرىقۇت ۋاپات بولغان .
    8-شولان شىسۇقۇتى تەڭرىقۇت
    شولان شىسۇقۇتى تەڭرىقۇت -- غۇيەشى سۇقۇتى تەڭرىقۇتنىڭ چاننىڭ ئىنىسى ، مىلادىيە 88-يىلىدىن 93-يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان ، بۇ مەزگىلدە شىمالىي ھۇنلارنىڭ ئىچكى قىسمىدا چوڭ قالايمىقانچىلىق يۈز بېرىپ ، قەھەتچىلىك ۋە چىكەتكە ئاپىتى بولۇپ ، نۇرغۇن مال - چارۋا ۋە ئادەملەر قىرىلىپ كەتكەن ، بۇنىڭدىن تەشۋىشلەنگەن بىر قىسىم ئەمەلدار ئۆز قۇۋمىنى باشلاپ جەنۇبىي ھۇنلارغا قوشۇلۇپ كەتكەن ، شولان شىسۇقۇتى تەڭرىقۇت بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ شەرقىي خەن سۇلالىسى بىلەن بىرلىشىپ شىمالىي ھۇنلارغا ھۇجۇم قىلىپ ئۇلارنى قاتتىق تارمار قىلغان ، شىمالىي ھۇن تەڭرىقۇتى ئىز دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن ، مىلادىيە 93-يىلى شولان شىسۇقۇتى تەڭرىقۇت ۋاپات بولغان .
    9- ئەنگور تەڭرىقۇت
    ئەنگور تەڭرىقۇت -- ئىلىتوغال تەڭرىقۇتنىڭ ئىنىسى ، مىلادىيە 93-يىلىدىن 94-يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان . ئۇ بۇرۇنقى تەڭرىقۇتلار تەرىپىدىن ئەتىۋارلانغان سول قول قان شىرغا ھەسەتخورلۇق قىلىپ ئۇنى ئۆلتۇرمەكچى بولغان ، بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان سول قول قان شىرمۇ دائىم ھۇشيار تۇرغان ، كېيىن ئەنگور شىرغا ئالدى بىلەن ھۇجۇم قوزغىغان ، خەن سۇلالىسى بۇل ئىككىسىن ياراشتۇرۇپ قويۇشنى ئويلىغان بولسىمۇ ئەنگور بۇنى رەت قىلغان ، نەتىجىدە خەن سۇلالىسى ئىنگورغا جازا يۈرۈشى قىلىپ ئۇنى قوغلىغاندا ئۇ ئانا تەرەپ تاغىسى قۇتبەگ شىۋىر قاتارلىقلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن .
    10- تىيىندورىشۇتى تەڭرىقۇت
    تىيىندورىشۇتى تەڭرىقۇت -- شىتۇڭشىجۇ قۇت تەڭرىقۇتنىڭ ئوغلى ، مىلادىيە 94-يىلىدىن 98-يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان ، ئۇ تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە يېڭى ئەل بولغان شىمالىي ھۇنلارنىڭ 15قەبىلىسىدىن 200مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قوزغۇلۇپ ، مەرھۇم شولان شىسۇقۇتى تەڭرىقۇت تۇندۇقنىڭ ئوغلى ئۈكەن باتەسقان قىڭخۇنى ئۆزلىرىگە تەڭرىقۇت قىلىپ قۇملۇقنىڭ شىمالىغا كۆچۈپ كەتكەن ، تىيىندورىشۇتى تەڭرىقۇت شىمالىي ھۇنلارنىڭ قالدۇق ئاھالىلىرىنى ئۆزىگە قوشۇۋالغان ھەمدە شىمالىي تەڭرىقۇتنىڭ تەھدىتىدىن قۇتۇلۇپ ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىگەن ، مىلادىيە 98-يىلى كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان .