• 2008-11-27

    سۇنئىي دۇنيا – ئۇيغۇر تور مۇنبەرلىرىدە كىملىك كرىزىسى

    سۇنئىي دۇنيا – ئۇيغۇر تور مۇنبەرلىرىدە كىملىك كرىزىسى

    سۇنئىي دۇنيا – ئۇيغۇر تور مۇنبەرلىرىدە كىملىك كرىزىسى
    .F:f/E;b%[7Ma ئاپتور : زۇلپىقار بارات ئۆز باش
    #O4XtfC7i&g مەنبە : شىنجاڭ مەدەنىيىتى 2008 ـ يىلى 3- سان
    4x9LF6^8jX ئىنتېرنىت – دۇنيا بىر قۇتۇپلاشقاننىڭ نەتىجىسى .ئۇ ئەڭ دەسلەپتە – 1969 ـ يىلى ئامېرىكا بەشبۇرجەكلىك بىنادىكى ئىستراتېگىيىچىلەرنىڭ ئالاقىلىشىشىغا قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن يېڭىچە ئالاقە ئۇسۇلى ئېلخەتنى كەشىپ قىلغان ، توردىكى ھايات سۈنئىي بوشلۇقتا بولىدۇ.ئېلخەت ئەۋەتكەندىن باشقا چاغلاردا تور ئابونتلىرى كىملىككە ئېھتىياجلىق بولمايدۇ .توردا ھېچكىم ھېچكىمنىڭ چىرايى ،سالاھىيىتى ،تۇرغان يېرى ،جىنىسىنى بىلەلمەيدۇ . تورنىڭ بۇ خىل ئالاھىدىلىكى بىر داڭلىق ھەجىۋىي رەسىمدە ياخشى ئىپادە قىلىنغان . ئۇ ھەجىۋىي رەسىمدە كومپيۇتېر ئېكىرانى ئالدىدا ئولتۇرغان ئىت ئېكىرانغا مۇنۇ خەتلەرنى كىرگۇزىدۇ . « ئېنتېرنىت ھەققىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ بىرى شۇكى ، قارشى تەرەپ مېنىڭ ئىت ئىكەنلىكىمنى تەسەۋۋۇر قىلالمايدۇ . »
    4H1~n5aJ6}:i#]TE      ئىنتېرنىتنىڭ يۇقىرىقىدەك ئالاھىدىلىكى ئۇيغۇر تور مۇنبەرلىرىنى زىيارەت قىلىدىغان ،ئۇ يەردە ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنى كۆپەيتتى .سۈننىي بوشلۇقتا كىمىلىك تەلەپ قىلىنمىغاچقا ، تورغا كىرگەنلەر ئۆز قاراشلىرى ،روھىي دۇنياسىنى ئەركىن ھالدا ئىپادىلەش پۇرسىتىگە ئېرىشتى . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، قىسىلغان ئۆزلۇك، بېسىلغان ئارزۇ –ئىستەكلەر ۋە ئاۋامنىڭ روھىدىكى خۇنۈك تەرەپلەرمۇ تور بوشلىقىدا ئاشكارلىنىشقا باشلىدى.يۈز تۇرانە ئالاقىدە دېيىشكە بىئەپ بولىدىغان جىنسىيەت توغرىسىدىكى پاراڭ شەھەر ھاياتىنى ئۆتكۈزۈۋاتقان نۇرغۇن ياشنىڭ نەزىرىدە ئادەتتىكى تېمىغا ئايلىنىپ قالدى.مەتبۇئات ۋە تور مەنبلىرىدە بۇزۇقچىلىق ،ئەخلاقسىزلىق، جىنسىي ئەركىنلىكنى قامچىلايدىغان ماقالىلار ،يازمىلار پەيدا بولدىيۇ ، كۈتمىگەن ئاقىۋەت پەيدا قىلىپ ، مەخسۇس جىنسىيەت ،  بۇزۇقچىلىق مەزمۇنىدىكى تېمىلارنى كۆرۈشنى خالايدىغانلارنىڭ توردىكى سانىنى ئاۋۇتىۋەتتى .مۇنداقچە ئېيتقاندا ، ئەكسىي ئۈنۈم پەيدا قىلدى . جىنسىيەت ، جىنسىي تۇرمۇش ئەسلىدە ئۇيغۇر ئەنئەنىسىدە كىشلەر مۇھاكىمە قىلىشتىن قاچىدىغان تېما بولغان بولسا ، كىملىك مەخپىي  تۇتۇلىدىغان تور بوشلۇقى بۇنى ئوچۇق بىر تېمىغا ئايلاندۇرۋەتتى . بۇنىڭ بىلەن شەھەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ كىملىكى ھەققىدە « ئۇيغۇرلار مۇشۇنچىۋالا دەرىجىدە ئېچىلىپ كەتتىمۇ ؟» دېگەن سوئال پەيدا بولدى .5I Br,p9JY C"G lSEX
    « دىيارىم »،« شەبنەم »،« شىنجاڭ لىنىيسى » شەھەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تور ھاياتىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان تور بىكەتلىرى . 2007-يىلنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ بۇ تورلاردا ئېلان قىلىنغان جىنسىيەت ، بۇزۇقچىلىق ( قامچىلاش مەزمۇنىدىكى) تېمىسىدىكى ۋەكىللىك يازمىلاردىن بىر قانچىنى ئەنئەنە ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە مۇناسۋەتلىك يېتەكلەش خاراكتېرىدىكى يازمىلار بىلەن سېلىشتۇرۇپ ئوتىمىز .« باشلىق ،ئايالىڭىزغا چېقىلىپ قويدۇم »   (« شىنجاڭ لىنىيىسى» تورى، 2008-يىل 18-فېۋرالدىكى« قىزىق نۇقتا»سەھىپىسى ) ناملىق يازمىدا بىر ئىشقىۋازنىڭ باشلىقىنىڭ ئايالىنى كەلتۇرۋېلىش ئارقىلىق ئۇنىڭدىن قانداق ئۆچ ئالغانلىقى ، ئۇ ئايال بىلەن قانداق بۇزۇقچىلىق قىلغانلىقى زوق – شوق بىلەن تەسۋىرلەنسە ، « زىنا ئالدىدىكى قىز » ناملىق يازمىدا ( «دىيارىم » تور بېكىتىنىڭ 2007– يىل 22- دېكابىردىكى « نەسرىي ئەسەرلەر » سەھىپىسىگە بېرىلگەن ) بېيجىڭغا يېڭى بارغان سەھرالىق بىر ئۇيغۇر قىزىنىڭ بىر ئەرەب دىپلوماتنىڭ ئۆيىدە ئۆي خىزمەتچىسى بولۇش جەريانىدىكى سەرگۈزەشتىلىرى جىنىسىي ئاڭنى مەركەز قىلىپ تۇرۇپ  تەپسىلى بايان قىلىنىدۇ.« بىرازىلىيىنىڭ ئىچ كىيىم بايرىمى دەھشەتكەن » (« شىنجاڭ لىنىيىسى» تورىنىڭ  2008- يىللىق 23- فېۋرالدىكى « قىزىق نۇقتا » سەھىپىسىگە بېرىلگەن ) تېمىدا يالىڭاچ قىزلارنىڭ كوچىدا ماڭغاندىكى كۆرۇنۈشى تارتىلغان سۈرەتلەر بېرىلگەن .ماۋزۇدىنلا تېما يوللىغۇچىنىڭ بۇ سۈرەتلەردىن ھەيران قالغانلىقى ، زوقلانغانلىقى چىقىپ تۇرىدۇ . دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان بىر نۇقتا شۇكى ، ئۇيغۇر تورداشلار يۇقىرىقى تېمىلارنى « تەنقىدىي» يوسۇندا كۆرۇپ چىققانلىقى ، ئەخلاقنى مۇھىم دەپ قارايدىغانلىقىنى بايان قىلىشىدۇ؛ ئۇيغۇر مەۋجۇدلۇقى ھەققىدە يانداش مۇلاھىزىلەرنى قانات يايدۇرىدۇ . ئەمما ئەخلاق ، ئەنئەنىلەرگە شۇنداق كۆڭۇل بۆلىدىغان تورداشلار ۋەزنى بار،سەۋىيىلىك،ئەخلاق،مەدەنىيەت توغرىسىدىكى تېمىلارنى كۆپ ئوقۇمايدۇ .بۇ تېمىلارنىڭ چېكىلىش قېتىم سانى جىنسىيەتنى تېما قىلغان يازمىلاردىن جىق تۆۋەن تۇرىدۇ.« خۇشچىراي» ئىسىملىك تورداش « دىيارىم» (2007-يىل13-دىكابىر ) تورىغا يوللىغان« ئەخلاقنىڭ ۋاقتى ئۆتتمۇ؟»(ئاپتورى ئابدۇرېھىم دۆلەت،« شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ 2002-يىل3-سانىغا بېسىلغان) ناملىق ماقالە ۋە « توتېم»ناملىق تورداش ئاپتورلۇقىدا « دىيارىم»تورىغا ( 2007-يىل 18-نويابىر )ئەۋەتىلگەن « نىمشقا ئويلانمايمىز ؟»( ئاپتورى ئابدۇرېھىم دولەت ،شىنجاڭ مەدەنىيىتى ژۇرنىلى 2001-يىل 1-سانىغا بېسىلغان) ناملىق ماقالە « نادىر تېمىلار »سەھىپىسىگە قويۇلغان بولسىمۇ ، كۆرىدىغان ئادەم يۇقىرىقى ئۈچ تېمىنى كۆرگەندىكىدەك جىق بولمىغان .hp&`5Nu
    بىز مۇنداق سوئالنى قويۇشقا مەجبۇر بولىمىز . بۇ تېمىلارنى ئوقۇغان ئۇيغۇر ياشلىرى ئۇيغۇر ئەخلاقىنىڭ خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئىنكاسلارنى يازىدۇ؛ئەنئەنىۋى قىممەت قاراشلىرى ۋە ئەخلاقنى تەكىتلەشكە ئەھمىيەت بېرىدىغاندەك كۆرۈنىدۇ ؛ ئەمما نىمە ئۈچۈن ئەخلاق تېمىسىدىكى تېمىلار ئاز چېكىلىپ ، جىنسىي تۇيغۇ ئاشكارا ئىپادىلەنگەن يازمىلار شۇنچە جىق ئادەمنى جەلىپ قىلىدۇ ؟ ئەمەلىيەتتە بۇ قىسىلغان جىنسىي تۇيغۇنىڭ ئىنكاسى . ئۇلار رول ئالغۇچىلاردۇر . يۇز تۇرانە ئالاقىدە باشقىلارنىڭ نەزىرىدە جەلپكار ، ياخشى كىملىك تەسىراتى بېرىشكە ئورۇنغان بىلەن ، تور ئالاقىسىدە بۇنداق كىملىك ئېھتىياجىغا ھېچكىمنىڭ ھاجىتى چۇشمەيدۇ . بۇ خىل ئەۋزەللىك سۈنئىي بوشلۇقتا قىسىلغان ئۆزلۈكنى ئەركىن قويۇۋېتىدۇ-دە ، جىنسىي تۇيغۇ ئۇسۇلى ماھىيىتىنى ئاشكارىلايدۇ .
    Q#sM Pr6a7E تېگى – تەتىدىن ئېيتقاندا ، شەھەردىكى كىملىك كرىرىسىنىڭ ئەنئەنىۋى ئىپپەت ، جىنسىيەت تۇغانلىرىنىڭ بۇزۇلۇشىدا ئىپادە بولۇۋاتقانلىقى شەھەرلىكلەر ياشاۋاتقان جەمئىيەتىكى ھوقۇق ۋە ئجتىمائىي كونتروللۇق بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك . ئۆزىنىڭ كىملىكنى ئېتىراپ قىلدۇرۇش تىرىشچانلىقى مەغلۇپ بولغاندا ، ئادەم ئۆزىنى يېتىم ، تايانچىسىز ھېس قىلغاندا ئىچ پۇشۇقى روھىنىڭ بىر بۈرجىكلىرىدە بېسىلىپ ياتىدۇ . ۋاقتى كېلىپ غىدىقلاشقا دۇچ كەلگەندە ،قىسىلغان  ئۆزلۈك جىنسىي تۇيغۇ ھالىتىدە پارتىلايدۇ . فوكاۋ بۇنى ھوقۇق ۋە ئجتىمائىي كونتروللۇق بىلەن باغلاپ مۇنداق چۈشەندۈرىدۇ:« ياشلارنىڭ زېھنىي قۇۋۋىتىنى ئۆتكۈنچى ھەۋەسلەرگە باغلىۋېتىش ، ئاجىز ، نامرات ئاۋامنى كونترول قىلىشتا جىنسىي كونتروللۇق ئەڭ مۇھىم رول ئوينايدۇ.»
    7C,}x#pS6`+b |q فوكاۋ يەنە « ئىپپەت ئۈچۈن كۆرەش قىلايلى » ناملىق ماقالىسىدە مەشھۇر جىنسىيەتشۇناس كاسسىئاننىڭ « پىنھان تۇرمۇش رىسالىسى» ناملىق ماقالىسىدىن نەقىل ئېلىپ ، ھەمىشە جىنسىي غىدىقلاش ھالىتىدە تۇرۇشنىڭ زىيانلىق ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دەيدۇ: « قەلبىمىزنى مەككار شەيتان چىرمىغاندا ، بىزنىڭ ئايال كىشى ھەققىدىكى ئەسلىمىمىز ئويغىنىدۇ . بىر ئادەمنىڭ پاكلىقىنىڭ ئەڭ يۇقىرى چېكىگە يەتكەنلىكنىڭ بىر بەلگىسى ، ئۇنىڭ ئۆزىنى ئەركىن قويۇۋەتكەندە ، ئۇخلاۋاتقاندا ئېزىتقۇ تۇيغۇلارنىڭ دەخلىسىگە ئۇچرىماسلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ . بىز روھىي غىدىقلىنىشلارغا ، ئۆتكۈنچى تۇيغۇلارغا ۋاقىتىدا خاتىمە بېرىشىمىز كېرەك .بولمىسا ، ۋاقىتلىق قىرغىنچىلىق بىزنى ئەقلىمىزدىن ئايرىپ ، بىنورمال كەيپىيات ئىچىگە غەرق قىلىدۇ .» كاسسىئان يەنە مۇنداق دەيدۇ: « جىنسىي غىدىقلىنىشقا قەتئىي قارشى تۇرۇش كېرەك . سەۋەبى ، ئۇ بۇزۇقچىلىق پەيدا قىلىدۇ . شەھۋەت ياغدىغان پاراڭ ۋە كۆزلەردىن نېرى تۇرۇش كېرەك .چۇنكى ئۇ بۇزۇقچلىق پەيدا قىلىدۇ .» بىز ئىسلام ئەھكاملىرىدىن جىنسىي تۇيغۇنى كونترول قىلماسلىقنىڭ يامان ئاقىۋىتى توغرىلىق تولۇق دەلىللەرنى تاپالايمىز ؛ ئەمما ئىدىيىسى زەھەرلەنگەن ياشلارنىڭ ئارىسىدا غەربنىڭ جىنسىيەت قارىشىنى بۇرمىلاپ چۈشەندۇرىدىغانلار ،« جىنسىي تۇيغۇنى بېسىش ئەخلاقسىزلىق» دەپ قارايدىغانلار بار . بىز غەرب ئالىملىرىنىڭ قاراشلىرىدىن نەقىل ئېلىش ئارقىلىق جىنسىي تۇيغۇنى مەيلىگە قويۇۋېتىش ھەرگىزمۇ بەزىلەر خاتا چۈشىنىۋالغاندەك غەرب جىنسىيەت قارىشىنىڭ يادروسى ئەمەسلىكىنى ، غەرب جىنسىيەت ئۆلچەملىرىدە ھەرگىزمۇ جىنسىيەت ئەركىنلىكىنى ئاممىۋى ئالاقە دىئالوگ ، كۈندىلىك تۇرمۇشنىڭ يادروسىغا ئايلاندۇرۇۋالمىغانلىقىنى ئەسكەرتمەكچى