• 2008-11-10

    كۆزۈڭنى ئاچ ئەركەكلەر - [تەرمىلەر]

    http://fmn018.xnimg.cn/fmn018/pic001/20081109/08/47/large_s9a4_185p200063.jpg

    كۆزۇڭنى ئاچ ، ئۆزۇڭنى تاپ ئەركەكلەر (داۋامى )

    3-ھەر بىر كۇنۇڭ توي بولسۇن
      نىكاھ ئوقۇلۇپ ، قىز كۆچۇرلۇپ بولغاندىن كىيىن ، ئەرنىڭ ھۇدۇقۇش ۋە تەقەززارلىق ئارلاش كۇتۇدىغىنى ، يۇزلىنىدىغى توي ئاخشىمىدۇ . شۆھىبىسىزكى ، بۇ بىر ئەرنىڭ ھاياتىدا ئىنتايىن مۇھىم ، ئۇنتۇلغۇسىز كىچىدۇر . ئۇنى قانداق كۇتۇۋېلىېش ۋە قانداق ئۆتكۇزۇش بىر ئەر ئۇچۇن خىلى چوڭ سىناق . بەلكىم ھالالدىن بولمىغان يىقىنچىلىق مۇناسىۋىتى ئۆتكۇزۇپ باققانلار <<چەكلەنگەن مىۋە >>نى يەپ باققانلار (بۇنداق ئەرلەرگە چەكسىز لەنەت بولسۇن ) بۇ كىچىنى ئويۇن ئورنىدا كۆرۇشى ياكى بىسېقىپ تۇرغان ھايۋانىي نەپسىنى ئەركىن قاندۇردىغان توسقۇنسىز كىچە دەپلا قارشى مومكىن . بىز بولارنىڭ نىكاھ ئالدىدىكى تەنتەك ، شاللاقلىقىغا چوڭقۇر ئەپسۇسلىنىمىز . شەك - شۆبھىسىزكى ، بىر قىز بىر ئەر ئۈچۈن ئۆزنىڭ ئىززەت نەپسىنى ، شەرمىي - ھاياسىنى ئون نەچچە ،ھەتتا يىگىرمە نەچچە يىل ئاۋايلاپ ساقلايدۇ . ئۆزنى ياتىنىڭ كۆزدىن ، ھارام نىيتىدىن ئامالنىڭ بارىچە ئىلىپ قاچىدۇ . ئىپپەت ھايا خۇددى چىرايلىق قۇتىغا سىلىپ قويۇلغان ، بارچىنىڭ مەيلىنى تارتىدىغان ئەمما كۆرگىلى بولمايدىغان خۇش پۇراق بۇيۇمغا ئوخشايدۇ . ئبىن توفائلنىڭ <<ھەييەبىنى يەقزان ھەققىدە قىسسە >>ناملىق ئىسىل ئەسىردە يەقزاننىڭ ئادەمنىڭ جىىننى ئىزدەپ نۇرغۇن تەجىربىلەرنى ئىلىپ بارغانلىقى سۆزلىنىدۇ . يەقزان مال بوغۇزلانغاندا چىققان ئىسسىق ، بىلەر - نىلنمەس سۇس ھوردىن كىيىنلا مالنىڭ جىمىپ قالىدىغانلىقىنى كۆرىدۇ ۋە دەرھال مالنىڭ يۇركىنى ئىلىپ يىرىپ كۆرىدۇ . چۇغدەك ئىسسىق يۇرەكتىن ئۇنىڭدىنمۇ ئۆتە ئىسسىق ، بىلىنەر - بىلنمەس سۇس ھور كۆتۇرلۇپلا لىغىلداپ تۇرغان يۈرەك جىمىپ قالىدۇ . . مالدىكى ، يۇرەكتىكى ھارارەتمۇ ئاشۇ ئىسسىق ، سۇس ھور چىقىپ كەتكەندىن كىيىنلا سوۋۇشقا باشلايدۇ . يەقزان بۇنى <<جان >> دەپ ھىسابلايدۇ . شۇنىڭغا ئوخشاشلا بىر قىزنىڭ ئىپپىتى ئۇنىڭ قىزلىق قىممىتىنىڭ جېنىدۇر . ئۇ ھەممىنىڭ مەيلىنى تارتىدۇ ، ئەمما ئىپپەتنى كۆرگىلى بولمايدۇ ، ئۇ ئەتىراپقا خۇش پۇراق ھىد تارقاتمىغان بىلەن ھەممىنى مەس قىلىدۇ . قىزلارنى ئىسسىق ، ئىللىق ، قىممەتلىك قىلىدۇ . ھالال قىلىپ ئۆلتۇرۇلمىگەن مەكرۇھ بولغان مالنىڭ گۆشنى يىگىلى بولامدۇ ؟ ھارام بولغان قوينى كىم يەيدۇ ؟يىسەك گالدىن ئۆتىشىدە گەپ يوق . . ئەمما ساغلام ئەقىل - ئىتقاد بۇنى رەت قىلىدۇ .
      بىر كۇنى بىر بۇرادىرمىز قوي گۆشنىڭ ھالال ھارمى بارمۇ دېگەن گەپتە بىرسى بىلەن مۇنازىرلىشىپ قىلىپ مۇنداق دەپتۇ :
      --- قوينىڭ ئۆزى ھالال ، ئەمما ھارام يىيىش ئۇسۇلىدا مەۋجۇت : 1. بوغۇزلاشتا ؛ 2. پىشۇرۇشتا ؛ 3. يىيىشتە .
      يۇسۇپ خاس ھاجىپ مۇنداق دەيدۇ :<<خوتۇن ئەسلى بىر گۆشتۇر . گۆشنى ئوبدان ساقلىمىسا پۇراپ قالىدۇ >>> گۆشنى قانداق يىيىشنى بىلمىسە ھالالمۇ ھارامغا ئۆزگۇرۇپ قالىدىغان گەپ .
      شۇنىڭغا ئوخشاشلا بىر قىزنىڭ ئىپپتى ئەسلى پاك ، ھالال ۋە مۇقەددەس كىلىدۇ . ئىپپەتكە بولغان تونۇش ، ساداقەت دەرجىسىنىڭ ئوخشىماسلىقى قىزلارنى ، ئوغۇللارنى تۇرلۇك - تۇمەن يوللارغا سۆرەيدۇ . نىكاھتىن ئىلگىركى ھەر قانداق يىقىنچىلىق ھەر ئككى جىنىسقا ئازاپ -ئۆكۈنۈشتىن بۆلەك نەرسە ئېلىپ كەلمەيدۇ. ئۆزىنىڭ قىزلىق پاكلىقى ،شەرم -ھاياسنى پاكىز ساقلپ ،ئۆز نەپسى -لەۋزىنى تاپشۇرغان ئېرىگە يەتكۈزۈپ بېرەلىگەن قىزلر ئەڭ سۆيۈملۈك،بىباھادۇر.شۇنىڭغا ئوخشاشلا نىكاھقىچە يامان ئوي،شەھۋەت نىيىتىدە بولماي پاك پىتى ئۆزىنى تىزگىنلەپ كېلەلىگەن يىگتلەرمۇ ماختاش ،تەرىپلەش ،ئەزىزلەشكە ھەممىدىن بەكرەك لايىقتۇر .شائىر غوجىمۇھەممەد خەلىقىمىزنىڭ نىكاھتىن بۇرۇن ئپپىتىنى يوقاتقان قىزلارغا ئەيىپ قويۇشتەك ئېسىل ئەنئەنىسىگە يانداش ئاھاڭدا ئەرلەردىنمۇ ئپپەتسىز كىشىلەرنىڭ بولىدىغانلىقىنى ئىزاھلايدۇ،
    بۇرادەر ،سىز ئۆزىڭىزنى ھالا بۈگۈنگە،توي كۈنىگە قەدەر تىزگىنلەپ كېلەلىگەن بولسىڭىز ،سىزگە كۆپتىن-كۆپ رەھمەتلەر ياغقاي.
      توي ھارامنى ھالال قىلغۇچى بۇيۇك نىممەتتۇر . توي ئاخشىمى ئۇزاقتىن بېرى بىر - بىرنىڭ ئوتىدا كۆيۇپ ، مىھىر دەرياسىدا ئىقىپ ، ئاشىقلىق قوقاسلىرىدا پۇچۇلىنىپ كەلگەن ئىككى ياشنىڭ ئارىسىدىكى تام توساقلار كۆتۇرۋىتىلگەن ، رەھنەت ياققان ئاخشامدۇر . شۇڭا ئۇنى قەدىرلەڭ ۋە گۇزەل ، مەنىلىك ئۆتكۇزۇشكە تىرشىڭ . توي ئاخشىمى ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمىلەر قالمىغان تۇرمۇش خۇددى تۇزسىز تاماققا ئوخشاش كۆڭۇللەرنى غەش قىلىدۇ . شۇڭا يىنىكلىك ، قوپاللىق ، رەھىمسىزلىك ، ئالدىراڭغۇلۇقتىن ، شەخسىيەتچىلكتىن ئامالىنىڭ بارىچە نېرى تۇرۇڭ . توي كۇنى قىز كىلنچەك بەلىكىم بىر كۇن ئاچ قېلىشى ، ھىرىپ كىتىشى ۋە ياكى بەك جىدديلىشىشتىن تەمتىرەپ كىتىشى مومكىن . شۇڭا ئالدى بىلەن ئۇنڭدىن مۇلايىملىق بىلەن ئەھۋال سوراڭ ۋە كۆڭلىنى كۆتۇردىغان ، ھەر ئىككى تەرەپكە خوشياقىدىغان گەپلەرنى قىلىپ ، قارشى تەرەپنىڭ كەيپىياتىنى نۇرماللاشتۇرۇڭ . ھە دىسلا ئۇخلاش ، يېتىش ، بىرگە بولۇشنىڭ گىپىنى قىلماڭ . مۇنداق قىلىش قارشى تەرەپنى ئوڭايلا <<توي - جىنسىيەت ئۈچۈنلىمۇ >>دېگەن ئويغا ئەكىلىپ قويۇشى مومكىن . ھەتتا بەزى قىزلاردا قارشىلىشش كەيپىياتى شەكىللىنىپ قېلىشىمۇ مومكىن . قىزلارنىڭ ھالىغا يىتىش ، ئۇلارغا مىھرىبانلىق كۆرسۇتۇش ئارقىلىق قارشى تەرەپنىڭ سەمىمىي رازىلىقى ئاساسىدىكى ئىتائەتنى قولغا كەلتۇرگىلى بولىدۇ . سىز نۇختىغا ھەرگىز سەل قارىماڭ . توي ئاخشىمى - جىنسىيەت ئاخشىمىلا ئەمەس . سىز بەلكىم ، تىخى ۋاقىت ئۇزۇنغۇ ، باشقا گەپلەرنى كىيىن قىلساقمۇ كىچىكمەيمىز ، دەپ ئويلىشىڭىز مومكىن . ئەمما ئايال بىلەن سەمىمىي سىردىشىش، مومكىن بولسا بىر - بىرنىڭ مىجەزىنى ياقتۇردىغان - ياقتۇرمايدىغان ئىشلىرى ، قىزىقىشى ، ئەر ئايال بىر - بىردىن كۇتۇدىغانلىرنى بىر - بىرگە ئىزھار قىلىش كىرەك . بىر ئەر توي ئاخشىمى ئايالىنىڭ ھەر تەرەپلىمە قايللىقى ۋە ھۆرمىتىگە ئىرىشەلىسە ، بۇ ھال ئەر خوتۇن ئارىسىدىكى مۇھەببەتنى ۋە ھۆرمەتنى تىخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردۇ . ئايالىڭىز نىڭمۇ چىن سۆيگۇ ھىسياتىنى قوزغاشقا تىرشىڭ . ھەدىستە دىيىلگەندەك :<<بىر كىشى ئايالىغا مۇھەببەت بىلە قارىسا ۋە ئايالى ھەم ئۇنىڭغا شۇ كەيپىياتتا يۇزلەنسە ، ئاللاھ تائالا ھەر ئىككىلىسىگە رەخمەت نەزىر ى بىلەن قارايدۇ ۋە قوللىرنى قوللىرغا قويغاندا ھەر ئىككىلىسىنىڭ گۇناھلىرى بارماقلىرى ئارېسىدىن تۆكۇلۇپ كىتىدۇ >>. مەيلى ھەرقانداق ئىش قىلماڭ ئوڭ تەرەپتىن باشلاڭ . بىر بىرڭلارنىڭ ئۇياتلىق يەرلىرىگە ھەرگىز قارىماڭلار . يىقىنچىلىقتىن كىيىنلا پاكلىنىڭ ۋە رەپىقىڭىز بىلەن بۇندىن كىيىنكى تۇرمۇشىڭىز ھەققىدە پاراڭلىشىڭ . سىزمۇ ئايالىڭىزمۇ بېسىم ياكى ھاردۇق ئەمەس ، يەڭڭگىللىك ، ئازادىلىك ، راھەت ھىس قىلالىساڭلار ۋە يانمۇ يان يىتىپ ھاياتلىقتكى پاكلق ، ۋاپا ، چىن سۆيگۇ ئاساسىغا قۇرۇلىدىغان بۇ بۈيۈك نېئمەتنىڭ بەخىت بۇلاقلىرغا چۆمۇلسەڭلار بەخىت لەزەت دىگەن شۇ ئەمەسمۇ ؟...
      ئەمما ، بۇندىن كىيىنمۇ توي كىچىسىدىكىدەك قىزغىنلىق ، كۆيۇنۇشنى يوقىتىپ قويماڭ . ئايالىڭىزنىمۇ ، ئۆزىڭىزنىمۇ تاشلىۋەتمەڭ . بەخىت تۇيغۇسىغا ئارقىڭىزنى قىلۋالماڭ . مۇتەسسەۋۇپ جالالىدىن رۇمى ئوغلى ۋەلەدنىڭ تويىدا شۇنداق پىچىرلىغاندى . :<<بۇگۇن سىنىڭ نىكاھ ئايىمىڭدە ، كۆزۇم ۋە كۆڭلۇمنىڭ نۇرى بولغان پاتىمە - بانونى ياخشى كۆرگەيسەن ، دەپ ساڭا تاپشۇردۇم . چۇنىكى . بۇ سەن ئۈچۈن زور سىناشتۇر . ئۈمۈد شۇكى ، ئۇنىڭغا دائىم ئادالەت مۇقامىدا مۇئامىلە قىلغايسەن . ھىممەت - ھىمايتىڭىنى ئۇنىڭىدىن ئايمىغايسەن . ئاتاڭنىڭ يۈزى - ئۆز يۈزۇڭ ، پەرزەنتلىرىڭىنىڭ نامى - نۇمۇسى يورۇق ۋە ساپ بولسۇن دىسەڭ ، ئايالىق بىلەن ئۆتكەن ھەربىر كۇنۈڭ - توي ، ھەر بىر كېچەڭ - نىكاھ ئاخشىمى بولغاي >>. بۇ سىزنىڭمۇ ئېسىڭىزدە چىڭ ساقلىشىڭىزغا ئەرزىيدۇ .