• 2008-11-10

    ئىپپەتسىز شەھەر - [تور ئەدەبىياتى]

    ئىپپەتسىز شەھەر

    ئەركەكسۇ


    دوقمۇشتىكى رەڭگارەڭ چىراق،
    شۇ كوچىنىڭ ئىپپەت چىرىقى.
    پايخان قىلدى، چەيلىدى ئۇنى ــ
    بېسىپ ئۆتۈپ كەتتى نەچچە رەت ،
    شەھۋەتخورلۇق كۇرسلىرىنىڭ
    پراۋىسىز تاكسىي شوپۇرى.

    قىزلىق سەپلەش شىپاخانىسى،
    پىچىرلىدى ئىپپەتكە قاراپ.
    شەرمىي-ھايا يوقالغان قارچۇق
    ۋۇجۇدلاردىن مارىلاپ يوچۇق،
    ئىپپەتسىزلىك ئاراچلىرىغا
    سىڭىپ كەتتى ئەيدىزدەك تاراپ.

    چاچلىرىنى يۇلدى بىر ئانا
    قارغىغانچە تۇزكور قىزىنى.
    ئاخشام تويى بولغان يىگىتنىڭ
    خانىسىدىن قوغلانغان بىر قىز
    ئىزلەپ ماڭدى رەستە _ كوچىدىن
    ئىپپىتىنىڭ يۈتكەن ئىزىنى!

    ساقاللىرى يۇلۇنغان دادا،
    پىچىقىنى ئالدى قىنىدىن.
    كۆزلىرىدىن چاچراپ چىققان نۇر،
    يوقاپ كەتتى كۆكنىڭ قەھرىدىن.
    ئۆز رەڭگىنى يوقاتتى قۇياش
    نەرىسىدىن تىترىدى زىمىن!

    تۇمارىسنىڭ مەغرۇر كۆزلىرى،
    تۆكۈپ قويدى يامغۇر كەبىي ياش!
    مەختۇمسۇلا ئەشۇ شەھەردىن،
    تاپالمىدى ئۆزىگە قاياش.
    ئىپارخانمۇ كەتكەن يىراقلاپ،
    پاكلىقىنى ئەتكەنچە باغاش!

    ئىپپەت رەڭدە لايىققان دەريا،
    تولغىنىدۇ يېگەندەك زەھەر.
    غۇيۇلدايدۇ ئىپپەتسىز تاكسىي،
    كۆز قىسىدۇ ئىپپەتسىز چىراق،
    ئىپپەتسىزدەك كۆرۈنمەس ، ئەمما_
    بۇ ئىپپەتسىز ، بۇلغانغان شەھەر




    评论

  • http://www.photofunia.com/ رەسىم ياسيدىغان ئەپچىل تور بەت