شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
كارخانا باشقۇرۇشتىكى ئوۋچى، ئوۋ ئىتى ۋە توشقاننىڭ ھېكايىسى
-
كارخانا باشقۇرۇشتىكى ئوۋچى، ئوۋ ئىتى ۋە توشقاننىڭ ھېكايىسى
ۋاقتى: 2016-06-23 ئاۋاتلىقى: 8884 قېتىميانفوندا كۆرۈش
كارخانا باشقۇرۇشتىكى ئوۋچى ئىت بىلەن توشقانتەرجىمىدە: ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇتھېكايىمىز مۇنداق باشلانغان:
بىر ئوۋ ئىتى توشقاننى ئۇۋىسىدىن قوغلاپ چىقىرىپ، ئودا ئۇنى قوغلاپتۇ، ئەمما زادى ئۇنىڭغا يېتىشەلمەپتۇ. پادىچى بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ، ئوۋ ئىتىنى مەسخىرە قىلىپ: «ئىككىڭلاردىن كىچىكىڭلار تېز يۈگىرەيدىكەنسىلەر.» دەپتۇ. ئوۋ ئىتى بۇنىڭغا: «سەن بىزنىڭ يۈگىرىشىمىزنىڭ ماھىتىنىڭ تامامەن ئوخشىمايدىغانلىقىنى بىلمەيسەن. مەن پەقەت بىر ۋاق قورساق تويغۇزۇش ئۈچۈن يۈگىرەيمەن، ئەمما توشقان ھاياتى ئۈچۈن يۈگىرەيدۇ.» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.
نىشان
بۇ سۆزنى ئوۋچى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇ: «ھەي، بۇ راستقۇ، ئەگەر مەن تېخىمۇ كۆپ ئوۋغا ئىگە بولماقچى بولسام بۇنىڭغا ئامال تېپىشىم كېرەك.» دەپ ئويلاپتۇ-دە، شۇنىڭ بىلەن ئوۋچى بىر قانچە ئوۋ ئىتى سېتىۋېلىپتۇ. ئۇ ئوۋغا چىققاندا توشقان تۇتالىغانلا ئىتقا بىر پارچە سۆڭەك بېرىدىغان بوپتۇ. توشقان تۇتالمىغان ئىتقا ھېچنېمە بەرمەپتۇ. بۇ ئۇسۇل ھەقىقەتەن ئۈنۈمنى كۆرسىتىپتۇ. ئوۋ ئىتلىرى تېخىمۇ تىرىشىپ توشقان تۇتىدىان بولۇپتۇ. چۈنكى ھېچقايسىسى باشقىلارنىڭ سۆڭەك غاجاپ، ئۆزىنىڭ ھېچ نېمە يېيەلمەسلىكىنى خالىمايدۇ-دە.
مۇشۇنداق بىر مەزگىل ئۆتۈپتۇ، مەسىلە ئاستا-ئاستا چىقىشقا باشلاپتۇ. چوڭ توشقاننى تۇتۇش ناھايىتى تەس ئىكەن. ئەمما كىچىك توشقاننى تۇتۇش ناھايىتى ئاسان ئىكەن. ئەمما چوڭ توشقان تۇتقان ئىت بىلەن كىچىك توشقان تۇتقان ئىت ئوخشاش سۆڭەككە ئېرىشىپتۇ. ئوۋ ئىتلىرىمى كۆزىتىشكە ماھىر ئىكەن. ئۇلار بىر چارىنى ئويلاپ چىقىپتۇ-دە، مەخسۇس كىچىك توشقاننى تۇتۇپتۇ. ئاستا-ئاستا، ھەممە بۇ نۇقتىنى بايقاپتۇ. بۇ ۋاقىتتا ئوۋچى ئوۋ ئىتىغا: يېقىندىن بېرى تۇتقان توشقانلىرىڭلار بەك كىچىكلەپ كېتىۋاتىدۇ. بۇ نېمە ئۈچۈن؟ دەپ سوراپتۇ.
ئوۋ ئىتلىرى: ئىش قىلىپ چوڭنى تۇتساقمۇ، كىچىكنى تۇتساقمۇ ھېچقانداق پەرقى يوق تۇرسا، نېمە ئۈچۈن يەنە شۇنچە كۈچەپ چوڭ توشقاننى تۇتىدىكەنمىز؟ دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.
ئوۋچى ئويلانغاندىن كېيىن، ئىتقا بېرىلىدىغان سۆڭەكنىڭ سانىنى توشقان تۇتقان-تۇتمىغانلىقى بىلەن باغلىماي، ئەكسىچە مەلۇم مەزگىل ئۆتكەندە بىر قېتىم قەرەللىك ھالدا ئىتلارنىڭ ئوۋلىغان توشقانلىرىنىڭ ئومۇمىي ئېغىرلىقىنى ئىستاتىستىكىلاپ، تۇتۇلغان ئوۋنىڭ ئېغىرلىقىغا ئاساسەن ئىتنى باھالاپ، شۇ مەزگىللىك تەمىناتنى بەلگىلەيدىغان بولۇپتۇ. بۇنىڭ بىلەن ئوۋ ئىتلىرى تۇتقان توشقانلارنىڭ سانى ۋە ئېغىرلىقى تەڭ ئېشىپتۇ. بۇنىڭدىن ئوۋچى ناھايىتى خۇشال بولۇپتۇ. ئەمما بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئوۋچى ئوۋ ئىتلىرى تۇتقان توشقاننىڭ سانى ۋە ئېغىرلىقىنىڭ يەنە ئازلاپ كەتكەنلىكىنى بايقاپتۇ. شۇنداقلا، قانچە تەجرىبىلىك ئوۋ ئىتىنىڭ تۇتقان توشقانلىرىنىڭ سانى شۇنچە تېز ئازلاپ كېتىپتۇ. شۇڭا ئوۋچى يەنە ئوۋ ئىتلىرىدىن سەۋەبىنى سورىغاندا، ئوۋ ئىتلىرى بىز ئەڭ قىران ۋاقىتلىرىمىزنى ساڭا ئاتىدۇق، سەن ئىگىمىز بولۇش سۈپىتىڭ بىلەن، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ بىز بارغانچە قېرىپ كەتسەك، بىز قېرىپ توشقان تۇتالماس بولۇپ قالغاندا، سەن يەنە داۋاملىق بىزگە يېيىشكە سۆڭەك بېرەمسەن؟ دەپ سوراپتۇ.
ئۇزۇن مۇددەتلىك سۆڭەك
ئوۋچى تۆھپىسىگە ئاساسەن مۇكاپاتلاش تۈزۈمىنى قوللانماقچى بولۇپ، بارلىق ئوۋ ئىتلىرى تۇتقان توشقاننىڭ سانى ۋە ئېغىرلىقىنى ئانالىز قىلىپ، ئەگەر تۇتۇلغان توشقاننىڭ سانى بەلگىلىك ساندىن ئاشسا، توشقان تۇتالمىغان ئىت بولسىمۇ ھەممىسىگە بەلگىلىك مىقداردا يېيىشكە سۆڭەك بېرىپتۇ. بۇنىڭدىن ئوۋ ئىتلىرىنىڭ ھەممىسى ناھايىتى خۇشال بولۇپتۇ-دە، ھەممەيلەن ئوۋچى بەلگىلىگەن سانغا يەتكۈزۈشكە تىرىشىپتۇ.
بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، بىر قىسىم ئوۋ ئىتلىرى ئوۋچى بەلگىلىگەن سانغا يەتكۈزۈپتۇ. بۇ ۋاقىتتا، بىر ئوۋ ئىتى: بىز شۇنچە تىرىشساق، ئارانلا بىر قانچە پارچە سۆڭەككە ئېرىشىدىكەنمىز، ئەمما بىز تۇتقان توشقانلارنىڭ سانى بىز ئېرىشكەن سۆڭەكتىن نەچچە ھەسسە كۆپ. بىز نېمە ئۈچۈن ئۆزىمىز ئۈچۈن توشقان تۇتمايمىز؟ دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن، بىر قىسىم ئوۋ ئىتلىرى ئوۋچىدىن ئايرىلىپ، ئۆزى ئۈچۈن توشقان تۇتۇشقا باشلاپتۇ.
سۆڭەك بىلەن گۆشكە تەڭ ئىگە بولۇش
ئوۋچى ئوۋ ئىتلىرىنىڭ ئايرىلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ يېتىپتۇ. ئاشۇ ئايرىلىپ كەتكەن ئوۋ ئىتلىرى خۇددى ياۋا ئىتقا ئوخشاش ئۆزى ئۈچۈن توشقان ئوۋلاپتۇ. بۇنىڭ بىلەن ئەھۋال تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىپتۇ. ئوۋچى ئامالسىز بىر ياۋا ئىتنى چاقىرىپ كېلىپ، ئۇنىڭدىن ياۋا ئىت ئوۋ ئىتىدىن زادى قايسى جەھەتتە كۈچلۈك ئىكەنلىكنى سوراپتۇ.
ياۋ ئىت: ئوۋ ئىتى سۆڭەك يەپ، گۆش تەمىنلەيدۇ دەپتۇ ۋە ئارقىندىلا يەنە: ئەلۋەتتە، بارلىق ياۋا ئىتنىڭ ھەممىسى ھەر ۋاقلىقى ئۈچۈن گۆش يېيەلمەيدۇ. كۆپ قىسىم ياۋ ئىتلار ئەڭ ئاخىرى ھەتتا سۆڭەككىمۇ ئېرىشەلمەيدۇ. ئۇنداق بولمىغاندا ھەرگىزمۇ سەن ئۇلارنى ئۆزۈڭ ئۈچۈن ئىشلەتكۈزەلمىگەن بولاتتىڭ دەپتۇ.
شۇڭا ئوۋچى ئىسلاھات قىلىپ، ھەر بىر ئوۋ ئىتى پەقەت ئاساسىي مىقداردىكى سۆڭەككىلا ئېرىشىپ قالماي، يەنە ئۇ ئوۋلىغان توشقان گۆشىنىڭ ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %n غا ئېرىشىدىغان، ھەمدە ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، تۆھپىسى قانچە چوڭ بولسا، ئېرىشىدىغان نىسبىتى شۇنچە يۇقىرى بولىدىغان؛ ھەمدە ئوۋچى ئېرىشكەن ئومۇمىي توشقان گۆشىنىڭ %m گە ئېرىشىش ھوقۇقى بولىدىغانلىقىنى بېكىتىپتۇ. ئوۋ ئىتلىرى ئوۋچى بىلەن تەڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپتۇ. بۇنىڭ بىلەن ياۋا ئىتلار ئوزۇقلۇققا ئېرىشىشكە ئامالسىز قاپتۇ (رىقابەت كۈچىيىپ كېتىپتۇ.) شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئوۋچىنىڭ قوشۇنىغا قايتىپ كېلىشنى قاتتىق تەلەپ قىلىپتۇ.
ھېكايىمىز تېخى تۈگىمىدى.
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
لاياقەتلىك خىزمەتچى بولۇش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېر
2015-06-07 13:45:316687ۋىتۋىلاق ۋە بىز
2015-05-19 00:19:415829بىلوگ ئۆلەمدۇ؟
2016-06-05 17:48:031660سالوننى يېزىقچىلىقىڭىزنىڭ ئاساسىي ۋاسىتىسى قىلىۋ
2016-08-03 13:17:27375ئىلقۇتنىڭ كىتاب نەشر قىلىش چۈشى (2)
2015-06-24 10:08:4917728ئوقۇشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا ئىشلەش ھەققىدە تاققا-
2015-06-23 12:13:42676821-ئەسىرنىڭ بۈگۈنىدىكى بازار رىقابىتىنىڭ يۈزلىنى
2015-06-07 17:47:086528مىكرو بلوگ ۋە بىزدىكى مىكرو بلوگچىلىق
2015-05-19 00:09:385691
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-