ilqut.yanbilog.comئىلقۇت يازمىلىرى يانبىلوگى

  شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
ئىلقۇت مەۋجۇدىيىتى
شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

21-ئەسىرنىڭ بۈگۈنىدىكى بازار رىقابىتىنىڭ يۈزلىنىشى (1)

21-ئەسىرنىڭ بۈگۈنىدىكى بازار رىقابىتىنىڭ يۈزلىنىشى (1)

ۋاقتى: 2016-07-14 ئاۋاتلىقى: 6727 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

دۇنيا تەرەققى قىلىپ ئۇچۇر ئىگىلىكى، ئقتىساد ئىگىلىكى، بىلىم ئىگىلىكى، دەۋرىگە كەلگەندە، يەر شارىدىكى پۈتۈن تەرەققىيات، پائالىيەت ، ئىش ۋە تېخنىكىلارنىڭ سۈرئىتى، سىجىللىقى نەچچە ئون ھەسسە ھەتتا نەچچە مىليون ھەسسە تىزلىشىپ كەتتى.بۇ رېتىم،بۇ سۈرئەتلەرگە يىتىشەلمىسەك، شاللىنىپ، تاللىنىپ قېلىۋېرىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز بۈگۈنكى بازار رىقابىتى ئېقىمىغا يۈزلىنىشىىش ئىقتىدارىمىزنى كۈچەيتىشىمىز لازىم !.

« ئابرۇيۇڭ سۆلىتىڭ، ئەمگىكىڭ دۆلىتىڭ.»دېگەن گەپ بار.بازار ئىگىلىكىنىڭ بۈگۈنىدە بىز ھەرىكەت قىلساقلا، ئەمگەك قىلساقلا، تىرىشساقلا، ھەممە ئىش پۈتىۋەرمەيدۇ. بىز كاللا ئىشلىتىشىمىز كېرەك. كاللىدىن ئىبارەت بۇ بوز يەرنى ئەڭ چوڭ نىسبەتتە ئېچىشىمىز، قېزىشىمىز كېرەك. ئىلگىرىكى يەر، كان، ئادەم كۈچىگە تايىندىغان، تەبىئىي بايلىقلىرىمىزدىن پەخىرلىندىغان ھالەتنى تۈپتىن ئۆزگەرتىپ، ھازىرقى بازار تەرەققىياتىنڭ يۆلىنىشىنى توغرا مۆلچەرلىشىمىز كېرەك. ئىشنى كىشىلەر ئويلىمىغان، كىشىلەر قىلمىغان يەردىن باشلىشىمىز، ناھايىتى تىز سۈرئەتتە خېرىدارنىڭ ئېتىياجىنى، ئىزدەپ يۈرگەن سېزىمىنى بىلىش ھەم ئۇنى چەنلەش ئىقىتىدارىمىزنى ئويغىتىشىمىز لازىم. مەسىلەن خېرىدار سىزنىڭ مېلىڭىزغا قانچىلىك پۇل چىقىرىدۇ؟ خرىدارنىڭ چامىسى يىتىدىغان تەننەرخىنى بىلىش، مەھسۇلاتىڭىزغا خېرىدار دەل ۋاقتىدا ئېرشىۋاتامدۇ؟ سېتىشتا قانچىلىك قۇلايلىقلار يارىتىلدى؟ خېرىدار، شىركەت پايچىكلار ئوتتۇرىسىدا چۈشىنىش ھاسىل قىلىندىمۇ؟ بۇ مەسىلىلەردە ھەرگىز ئارىسالدى بولماسلىقىمىز كېرەك. بىز بازارنى توغرا مۆلچەرلەپ، بازاردا ئۇزاق ۋاقىت پۇت تىرەپ تۇرىشىمىز ھەم تەرەققىي قىلىشىمىز كېرەك. قىممەت ، ئۈنۈم يارىتىشىمىز كېرەك.شىركەتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز مال سېتىشىمىز ، توختىماستىن يېڭىلىق يارىتىشىمىز كېرەك.

تۆۋەندە بىز بىر-بىرلەپ كۆرۈپ باقايلى:

1. تاۋار رىقابىتى-مۇلازىمەت رىقابىتى

ئىلگىرىكى ھەرقانداق ماگىزىنغا كىرسەك ئېگىزدىن-ئېگىز سىمونت پوكەيلەر بار ئىدى،كېيىن بۇلار ئەينەك پوكەيلەرگە ئۆزگەردى، ئەمىلىيەتتە بۇ ئەينەك پوكەيلەرمۇ ئۇزاق تۇرالمىدى. خېرىدار مالنى بىۋاستە تۇتۇپ كۆرىدىغان، سودىگەر مېلىنى خېرىدارنىڭ ئالدىغا بىۋاستە ئاپىرىپ، قانائەتلەنگۈچە مۇلازىمەت قىلىپ ساتىدىغان ھالەت شەكىللىنىشتىن ، بازار ئېقىمىغا يۈزلىنىشكە قاراپ ماڭدى. بۈگۈنكى كۈندە بىرەر تۈر ،بىرەر تاۋارنىڭ مەيدانغا كېلىشى مۇھىم ئەمەس بولۇپ قالدى . ۋە ھالەنكى شۇ مەيدانغا كەلگەن تۈرنىڭ ياكى تاۋارنىڭ تىز سۈرئەتتە قولدىن چىقىشى، زور بىر تۈركۈم شۇ تاۋار ، تۈرنى ئستىمال قىلىدىغان خېرىدارلانىڭ بولىشى مۇھىم بولۇپ قالدى. شۇ تۈر ،شۇ تاۋارنى كەڭ ئستىمالچىلارغا ياقتۇرتۇپ ئىستىمال قىلدۇرۇشمۇ ھەممىدىن مۇھىم بولۇپ قالدى.كىمىكى ئۆزىنىڭ ئەلا مۇلازىمىتى ئارقىلىق ئۆز تاۋىرىنىڭ تىپىك تېخنىكىلىق تەركىبى ۋە مەدىنىيەت تەركىبىنى كەڭ خېرىدارلاغا چۈشەندۈرۈپ، ئىسىتىمالچىلارنىڭ ياقتۇرۇپ سېتىۋىلىشىنى قولغا كەلتۈرەلىگەندىلا پۇل تاپىدىغان ياخشى دەۋرنىڭ كەلگەنلىكنىڭ بىشارىتى دەپ چۈشەنسىڭىز بولىدۇ. بىز كەمدىن كەم ئۇچىرايدىغان، ئاسانلىقچە دورىغىلى، ئۆگىنۋالغىلى بولمايدىغان تاۋارلارنى تۇتۇشىمىز، بازاردا كەم بولسا بولمايدىغان، ئالماشتۇرۇشقا بولمايدىغان، ئۇزاق ۋاقىت پۇت تىرەپ تۇرىدىغان، تېخنىكىلىق، مەدەنىيەت تەركىبى يوقىرى تاۋارلارنى تۇتۇش بىلەن تۆۋەندىكى ئككى خىل چارىنى يولغا قويۇشىمىز كېرەك.

(1) مۇلازىمەتنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلىشقا ئەجىر سىڭدۈرىش كېرەك.

ئەڭ ئىلغار ئۈسكۈنىلەر سەپلەنگەن، كۆلەملەشكەن زاۋۇتلار ئىشلەپچىقىرىلغان، غايەت زور دۆۋىلىنىپ تۇرغان تاۋارلار تىزدىن قولدىن چىقىرىلىپ، تىز سۈرئەتتە ئستىمال قىلىنمىسا، بۇ خۇددى بىر بۆھرانغا ئوخشاپ قالىدۇ.ئوبوروت چىقارمىغاندەك بىر ئىش بولىدۇ. تاۋار، نەق پۇل ئوبروتى مال ماس قەدەمدە ئايلىنىپ تۇرغاندىلا كارخانا ھاياتىي كۈچكە تولىدۇ. بۇ پەقەت سېتىش مۇلازىمىتى ئارقىلقلا ئەمەلگە ئاشىدۇ. مۇلازىمەتتە باشقىلاردىن مۇتلەق ئېشىپ چۈشۈشكە غايەت ئەجىر سىڭدۈرۇشىمىز كېرەك. شىنجاڭنىڭ، جۇڭگونىڭ ھەم دۇنيا بازىرىنى ئويلىشىمىز كېرەك. ئەلا مۇلازىمەت قوشۇنىنى بەرپا قىلىش ..بۇنىڭ ئۈچۈن سېتىش ساھەسىدىكى ئەڭ چىۋەر، تالانتلىقلارنى جەلىپ قىلىش، ئۇلارنى تۇتۇپ تۇرۇش، تەربىىيلەشكە ئەجىر سىڭدۈرۈش كېرەك.

(2) مۇلازىمەتكە داۋاملىق، زور مىقداردا مەبلەغ سېلىش كېرەك.

بۇنىڭدىمۇ رىقابەتچىلەردىن ئشىىپ چۈشۈش كېرەك.بۇ يەردە شىركەت مال ساتقۇچىلارنى تاللاشقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.مال ساتقۇچىلارنىڭ ئەقىل –ئىدراكى، مىجەز- خاراكتىرى يوقىرى بولۇش، كەسپىي تېخنىكا سەۋىيسى بولۇش يەنىبىلىم قۇرۇلمىسى يوقىرى بولۇش، مالىيە كۈچى بولۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك، نامرات، ئەبكا ئادەملەرنى مال ساتقۇچى قىلىشتىن ھەزەر ئەيلەش كېرەك.يەنە بىر تەرەپتىن سىزنىڭ ئەلا تاۋىرىڭىزنىڭ خېرىدارنىڭ كۆزىگە كۆرۈنۇپ، پۇتىغا پۇتلىشىپ تۇرىدىغان تۆكمە ھالەتكە كېلىشى ئۈچۈن، قاتناش، ئۇچۇر،ئەۋزەل مۇھىتقا زور مىقداردا مەبلەغ سېلىشىڭىز كېرەك. يوقىرقى ئىككى تەرەپ بىرىنى بىرى ئىلگىرى سۈرىدۇ.مۇلازىمەتكە ئەجىر سىڭدۈرۈش بىلەن مۇلازىمەتكە داۋاملىق مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق ئەلا مۇلازىمەت قوشۇنىنى بەرپا قىلىپ، كەڭ خېرىدارلارنى قانائەتلەندۈرۈپلا قالماي ھەتتا كەسىپداشلىرىڭىزنىمۇ تەسىرلەندۈرۋىتىشىڭىز كېرەك.

مۇلازىمەتنىڭ تىل تۇمارى:

چىريىدا ئىللىق كۈلكە بولۇش.

ئاغىزىدا تاتلىق گەپ بولۇش.

بەل ئىگىلىپ تۇرۇش.

كىشىنى مەپتۇن قىلغۇدەك پوزۇر كىيىنىش.

قۇلاق يۇمشاق بولۇش

پۇت چاققان بولۇش.

ئەڭ سەرخىل مۇلازىمەت:

خېرىدارنى چۈشىنىش.

خېرىدارغا مەسئۇل بولۇش .

خېرىدارنىڭ بىر تىيىنىنىمۇ تىجەپ بېرىشكە تىرىشىش.

خېرىدارغا سېتىشتىن بۇرۇنقى ھەم سېتىشتىن كىيىنكى مۇلازىمەتنى ئايىماسلىق.

خېرىدارنىڭكىنى مەگگۈ توغرا قىلىش.

خېرىدارنى پەرىشتىدەك، خىزىردەك ئۇلۇغ بىلىش.

خېرىدارنى يوقىرى سۈپەتلىك، تۆۋەن باھالىق ، مىقدارى كۆپ تاۋار ۋە مۇلازىمىتىڭىزدىن بەھرىمان قىلىشنى ئويلاش.

خېرىدارنىڭ ئابرۇيىنى، ھۆرمىتىنى قىلىش.

يوقىرىقى مۇلازىمەتلەردىن خېرىدارغا ئۆز تاۋرىڭىزنى ياقتۇرۇپ ئستىمال قىلدۇرۇشنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى بىلىمىز. مۇلازىمەتنى شىركەتنىڭ يادرولۇق كۈچى دەپ ئاخىرىغىچە توختاتماسلىقىمىز كېرەك. ئۇنىڭغا ئېلان-سەنئەتكە مەبلەغ سالغاندەك مەبلەغنى ئايىماي سېلىشىمىز كېرەك.

2. كۈچ رىقابىتى- ئالاھىدىلىك رىقابىتى

شىركەتنىڭ چوڭ- كىچىكلىكى مۇھىم ئەمەس، ئۇنىڭ ھاياتىي كۈچى مۇھىم.ئۇنىڭ ھاياتىي كۈچىنى خاسلىقىغا قاراپ بىلىمىز. غايەت زور مەبلەغ ، ئەمەلىي كۈچ، يوقىرى پەن تېخنىكىدىنمۇ مۇھىمى ئالاھىدىلىك، ئايرىمىلىق، خاسلىق، پەرقنىڭ بولۇشى . بىزدە سېتىپ تۈگەتكۈسىز ، كۆز كۆز قىلىپ تۈگەتكۈسىز مەدىنىيەتلىرىمىز بار. بىز ھەرۋاقىت ئۆز مەدىنىيتىمىزنى ، ئۆز سورتلىرىمىزنى ، كان بايلىقلىرىمىزنى، ئۆز پەرقىمىزنى كۆتۈرۈپ چىقىدىكەنمىز ، ھەر قانداق قۇدرەتلىك كۈچكىمۇ تاقابىل تۇرۇپ، قايىل قىلىپ ، ئۆزىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرالايمىز. ئسلىھاتنىڭ دەسلىپىدە دېڭىز ياقىسىدىكى سودىگەرلەر ، ياپونىيە،ئامىرىكا سودىگەرلىرى ئۆزىنىڭ مەدەنىيتىنى، تاۋارلىرى، مۇلازىمەتلىرىنى، بىزگە ئېلىپ كەلگەن ئىدى. بىز ئۇلارنىڭ مەدەنىيتىنى، تاۋارلىرىنى، مۇلازىمىتىنى ئالاھىدە ياقتۇرۇپ ئستىمال قىلغانىدۇق.ھازىرچۇ؟ئۇلار بىزنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىمىزنى، ماددىي ۋە مەنىۋى مەسەنىيەتلىرىمىزنى تەشنالىق بىلەن ئستىمال قىلىۋاتىدۇ. ئەجدادلىرىمىز ياراتقان ئەلا دەرىجىلىك مىۋە سورتلىرى ، يىمەك-ئىچمەك مەدەنىيتى، قول –ھۈنەر سەنئىتى، تىبابىتى ھازىر دېڭىز ياقىسىدىكى تەرەققىي قىلغان شەھەرلەرنىڭ ياقتۇرۇپ ئستىمال قىلدىغان مەھسۇلاتىغا ئايلاندى. ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ ، رايونىمىزنىڭ كۆمۈر ،نېفىت، تەبئىي گازلىرىغا بولغان ئېھتىياجنىڭ كۈنسايىن ئېشىشىغا ئەگىشىپ تەبئىي بايلىقلىرىمىزنىڭ ئىقتىسادىي بايلىققا ئايلىنىشى تىزلەشتى.

بىز بۇ تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ، بىر مەيدان سودا جېڭى قىلشىمىز كېرەك. ھەرگىز بىر سىۋەتتە ساقلىماسلىق كېرەك، ئۇنى ئايرىم-ئايرىم ساقلاشنى بىلىش كېرەك. ھازىرقى دەۋرنىڭ ئېھتىياجى بويىچە، ئېنىرگىيە، يېشىل ئوغۇتقا، يېشىل يىمەكلىككە مەبلەغ سېلىشىمىز كېرەك. بۇ يەردە ئىنسانلارنىڭ يىمەكلىكىنى ئويلىشىمىز دەيدىكەنمىز، ئالدى بىلەن زىرائەت، ئۆسۈملۈك. مال-ۋارانلارنىڭ يىمەكلىكىنى ئويلىشىشىمىز لازىم. ئۇلارنى ساپ تەبئىي چىرىندا ئوغۇتلىرى بىلەن ئوغۇتلىشىمىز كېرەك. بۇ تۈرلەرگە ئايىماي مەبلەغ سېلىشىمىز شەرت. مانا بۇ ھەقىقىي رىقابەت.

تۆۋەندە ھازىرقى مەبلەغ سېلىشقا تېگىشلىك ئەڭ غايىۋى، يەرلىك تۈرلەرنى بىر- بىرلەپ كۆرۈپ باقايلى.

ھويلا- ئارام قۇرۇلۇشى ھەم بىزەكچىلىك سەنئىتى.

ئاياغچىلىق ، كۆنچىلىكىمىز.

ئۇيغۇر دورىگەرلىكى.

زەگەرچىلىق.

چارۋا-ماللارىنى كۆپەيتىش ، بورداقچىلىق.

گۆش پىشىشقلاپ ئىشلەش، (قېزىچىلىق).

كىيىم سەنئىتى(مۇقام كىيىملىرىنى دۇنياغا يۈزلەندۈرۈش).

مىېۋە سورتلىرى يېتىشتۈرۈش ۋە ھۆل مىۋىلەرنى يۆتكەش.

قاشتېشى سودىسى.

گىلەم ،ئەتلەس.

ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى ئشلەپچىقىرىش.

ئۇيغۇر تائاملىرى، تىز تاماقخانا بازىرى.

سەنئەت، ناخشا –مۇزىكا تىجارىتى.

گىرىم ، ئەڭلىك مەھسۇلاتلىرنى ئىشلەپچىقىرىش.

باش كىيىم مەدەنىيتى تىجارىتى.

مېھمانخانا تىجارىتىنى جانلاندۇرۇش .

مەدەنىيەت، روھىي بايلىق ، ئېغىز ئەدەبىياتىنى بازارغا يۈزلەندۈرۈش.

ھەرخىل تۈردىكى ئىچىملىك.

يەنە بۇ تىجارەتتىن جانلاندۇرۇشتا يەرنى بېقىش، ئورگانىك ئوغۇت، ئورگانىك دېھقانچىلىق دورا ساھەسىنى پۇختا ئىگىلەش، بۇلارنىڭ پايدىسى دەرھال كۆپ بولغانلىقى بىلەن ئۇزۇن مۇددەت جانغا ئەسقاتىدىغان ئىستىراتىگىيلىك تىجارەت يۇقىرىقى تۈرلەرنىڭمۇ ئۇلى بۇلۇپلا قالماستىن،بارلىق قاتناش، ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھە تىجارىتىنىڭمۇ ھاياتي كۈچىنىڭ مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ.

21-ئەسىرنىڭ بۈگۈنىدە يوقىرقى تۈرلەردىن باشقا ئەڭ مودا بولىۋاتقان تۈرلەردىن يىمەكلىك تۈرى، ئىچىملىك ئىشلەپچىقىرىش تۈرى، تۈرلۈك ماللارنى سېتىىش تۈرى، ئۇپا-ئەڭلىك ساھەسى، تىككۈچىلىك ساھەسى، ئويۇنچۇق تۈرى، تور ئويۇنى تۈرى، كۆپ مۇھىتلىق ئالاقە تۈرى، گېزىتچىلىك، نەشىرىياتچىلىق، توك يولى، تۇربا يولى، پار يولى، مۇھىت ئاسىراش، كۆكەرتىش قاتارلىق ئەنئەنىۋى تۈرلەرنىمۇ ياخشى ئويلىشىش كېرەك.

دىمەك، بىز ھەرۋاقىت ئۆزىمىزنىڭ ئايرىمىلىقىنى، پەرقىنى كۆتۈرۈپ چىققىنىمىزدىلا بازاردا ئۇزاق مۇددەت پۇت تىرەپ تۇرالايمىز.

داۋامى بار….

مەنبە: ئېقىن ژورنىلىدىن ئېلىندى

بايانات

مەزكۇر يانبىلوگقا قەلەم ساھىبى ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇتنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت، جەمئىيەت ھادىسىلىرى ھەققىدىكى تەپەككۇر يۇغۇرۇلمىلىرى يوللىنىدۇ، يازمىلىرىم تورداشلارغا ئازتولا مەنىۋىي ئوزۇق ئېلىپ كېلەلىسە مېنىڭ تارتقان جاپالىرىمنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلغان بولىمەن.
يازمىلىرىمنى قالايمىقان ئۆزئالدىڭىزغا ئۆزگەرتىپ، مەنبەنى ئەسكەرتمەي كۆچۈرۈشتىن ساقلىنىڭ، ئەگەر شۇ خىل ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بارلىق ئاقىۋەتكە شۇ ئادەم ئۆزى مەسئۇل!
ئىلقۇتجان ئۈندىدار سۇپىسى hezine غا ئەگىشىۋېلىپ تېخىمۇ نادىر يازمىلىرىمدىن ھەمبەھرلىنىڭ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى