ھاياتىمدا ئارمان كۆپ، ئەمما ھەمراھ يوق
-
ھاياتىمدا ئارمان كۆپ، ئەمما ھەمراھ يوق
ۋاقتى: 2016-08-06 ئاۋاتلىقى: 6595 قېتىميانفوندا كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار،
ئادەم بەزىدە مۇشۇ ناخشا-مۇزىكىلاردىنمۇ مۇۋاپىق ھوزۇرلىنىپ قويۇشنى ئۆگىنىۋالسا ياخشى ئوخشايدۇ. كۈن بويى «ئۇلۇغ» ئارمانلىرىمىز ئۈچۈن جان تىكىپ كۆرەش قىلىپ، كەلگۈسى ئىستىقبالىمىز ئۈچۈن جان پىدا قىلىۋاتقىنىمىزدا، ئازراق ئەتراپىمىزغا دىققەت قىلىپ، ھازىرقى تۇرمۇشنىڭمۇ قەدرىگە يېتىپ قويغىنىمىزنىڭ زىينى يوققۇ دەيمەن. ھە دېسىلا «ئالدىراش»لىق بىلەن بۈگۈننىڭ ھوزۇرىغا سەل قاراپ، كەلگۈسىدە ئۆتمۈشىگە ئۆكۈنىدىغان ئەھۋال يۈز بېرىشتىن ساقلانغان ئەڭ ئەۋزەل.
ئادەم ھەمىشە كەسكىن بولۇپ، تۇرمۇشقا سەل قارىسا، بۇ خىل ئادەم بەلكىم كەسىپتە ئۇتۇق قازىنىشى مۇمكىن، ئەمما بۇ خىل كەسىپتىلا ئۇتۇق قازانغانلارنى ھەقىقىي ئۇتۇق قازاندى دېگىلى بولمايدۇ. ئەگەر ئادەم تۇرمۇشقا سەل قارىسا ئۇ كەسىپتە قازانغان ئۇتۇقىنى تۇرمۇشتىكى مەغلۇبىيىتىگە يەم قىلىشى مۇمكىن (ئۆزۈمگە ئاگاھ).
بەزىلەر ئادەم ھەر ۋاقىت تىرىشىپ ئۆگىنىشى، تىرىشىپ خىزمەت قىلىشى كېرەك، ناخشا-مۇزىكىغا ھەۋەس قىلماسلىق كېرەك. بىز ناخشا-ئۇسۇل مىللىتى ئەمەس دېگەندەك بىر تەرەپلىمە قاراشلىرىنى نەشر ئەپكارلاردا ئېلان قىلىپ، قارىماققا جەمئىيەتتە خېلى غۇل-غۇلا قوزغىغاندەك قىلغان بىلەن، ئەمما شۇنىڭغا دىققەت قىلمايدۇكى، ئاشۇ بىر قىسىم بىر تەرەپلىمە ماقالىلەر سەۋەبلىك، نۇرغۇن ياشلار چۈشكۈنلۈك پارقىقىغا غەرب بولدى. ئاشۇ بىر تەرەپلىمە «ماقالە»لەرنىڭ ئاپتۇرلىرى گەرچە ئۇنداق ئەدەبىي-سەنئەتنى سۆكۈپ، ئۆزىنىڭ «يۇقىرى قىممەت»كە ئىگە «ماقالە»لىرىنى يېزىپ چىققان بىلەن، ئەمما ياشلاردىكى چۈشكۈنلۈكنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلاپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلمىسا كېرەك. (مېنىڭ ئۇزۇندىن بىرى مۇشۇ ھەقتە ئاز-تولا بىر نەرسە يېزىش خىيالىم بار ئىدى. ئەمما ئەكىن-ئازادە ئولتۇرۇپ قەلەم تەۋرەتكۈدەك پۇرسەت بولمايۋاتىدۇ.) بۈگۈنكى مەقسەت بۇ ھەقتە چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈپ، بۇ نۇقتىنى يۇرۇتۇپ چىقىش ئەمەس. شۇڭا بۇ ھەقتىكى «دەبدەبىلىك»سۆزلىرىمىزنى يىغىشتۇرۇپ، يەنىلا تۇرمۇشتىن ھوزۇرلىنىش تىپىدىكى يىنىڭ پاراڭلارنى قىلىپ ئۆتەيلى.
ھازىرقىدەك تۇرمۇش رېتىمى زىيادە تېز بولىۋاتقان دەۋردە، تىرىشىپ ئىشلەپ، ئىزدىنىپ كەسىپتە ئۇتۇق قازىنىشقا ئەھمىيەت بېرىش بىلەن بىرگە يەنە ئۆزىمىزنىڭ ئاز تولا ئەدەبىي-سەنئەتتىن ھوزۇر ئالالايدىغان، تۇرمۇشتىن ھوزۇر ئالالايدىغان ھۈجەيرىلىرىمىزنى تەرەققى قىلدۇرۇشقىمۇ ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك. ئەڭ مۇھىمى تۇرمۇشنىڭ ھەر بىر قاتلىمىدىن ھوزۇر ئېلىپ، ھاياتىمىزنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىشىمىز، ئۆتۈپ كەتكەن ئۆتمۈش ئۈچۈن ئۆكۈنىدىغان ئەھۋاللارنىڭ بىزنىڭ ھاياتىمىزدا يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز كېرەك.
ھەقىقىي ئۇتۇق قازانغۇچى ھەم كەسىپتە ھەم تۇرمۇشتا تەڭ ئۇتۇق قازانغانلاردۇر.
ئېنىقسىز مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، تۆۋەندىكى ناخشىنى ئىزدىنىش مۇنبىرىدىكى توردىشىمىز ئۇيغۇربالىغ توپتوغرا سەككىز كۈن ئاڭلاپتىمىش (لېكىن مەن بۇ يۇمۇرغا ئانچە ئىشەنمىدىم. مېنىڭچە بۇ دۇنياۋى قىزىق يومۇر مۇكاپاتىغا نامزات بولىدىغان يۇمۇر بوپتۇ، چىشىنى چىقىرىپ كۈلگەن چىراي ئىپادىسى)، شۇڭا مەنمۇ قىزىقىپ ئاڭلاپ باقتىم، گەرچە مەن ئۇيغۇربالىغدەك توپتوغرا سەككىز كۈن ئاڭلىمىغان بولساممۇ، لېكىن بۇ ناخشىنىڭ كىرىشتۈرمە سىن ھۆججىتىنى كۆرۈپ قەلبىمدە بىر خىل نىدا ئۆز ئەكسىنى تاپتى، ئۇ بولسىمۇ: «مۇشۇ ناخشىغا كىرىشتۈرۈلگەن ۋەقەلىك كەلگۈسىدە بىزنىڭ تۇرمۇش كارتىنىمىزغا ئايلىنىپ قالمىغىيدى.» دېگەندىن ئىبارەت. ئاللاھ بۇ جەھەتتە بىزدەك ئاجىز بەندىسىنى ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي!
تولا گەپنى قويۇپ تۇرايلى، قېنى دىققىتىڭىز تۆۋەندىكى «قەلبىمدە ئارمان كۆپ، ئەمما ھەمراھ يوق (تېمىنى ئۆزۈم قويدۇم، ھى ھى ھى)» ناملىق ناخشىدا بولسۇن!
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
كىتاب ۋە ھايات
2015-06-07 14:45:477863نېمە ئۈچۈن خىزمەت تاپالمايسىز؟ سىزدە يىتەرلىك ئى
2015-06-23 13:22:377617كىتاب−مۇۋەپپەقىيەت ئاچقۇچى
2015-05-19 00:56:026622غەمخورلۇق، ئىرادە، ئۆزلۈك تېڭىرقېشى ۋە مەۋجۇتلۇق
2015-06-24 10:14:1217359ئاتا-ئانىلارغا خەت: پەرزەنت تەربىيەسى ھەققىدە
2015-06-07 14:33:217010ھايات چاقچىقى(2)
2015-06-23 12:20:487308مىللىتىمىز ئىچ ئاغرىتىش دەرىجىسىگە باردىمۇ؟
2015-06-07 15:05:256753[كۆچۈرۈلمە] ئەدەبىي تەرجىمە توغرىسىدا
2015-05-19 00:51:386235
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-