«سەپەردىكى مۇھەببەت» فىلىمىنى كۆرۈپ…
-
«سەپەردىكى مۇھەببەت» فىلىمىنى كۆرۈپ…
ۋاقتى: 2016-10-19 ئاۋاتلىقى: 6934 قېتىميانفوندا كۆرۈش
«سەپەردىكى مۇھەببەت» فىلىمىنى كۆرۈپ…
ياسىنجان مۇھەممەدروزى ئىلقۇت«سەپەردىكى مۇھەببەت» ياكى «مۇھەببەت سەپىرىدە» ناملىق بۇ فىلىم دىيارىمىزدا ئىشلەنگەن، ئۇيغۇر ئارتىسلار رولنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئالغان نادىر ئەسەر بولۇپ، ئەسەر ۋەقەلىكىدىكى ھەقىقىيلىق ۋە تەسىرلىكلىك فىلىمنى تولۇق كۆرۈپ چىققان ھەر قانداق بىر ئىنساننى (پەقەت قەلبىدە مۇھەببەت ئۇچقۇنى بولسىلا) بىلىپ-بىلمەي ئۆزىنى تۇتىۋالالماي ياش تۆككۈزىدۇ.
.
مەزكۇر فىلىمنىڭ تۇنجى قېتىم قويۇش مۇراسىمى 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەندىلا ئاخبارات خەۋەرلىرى كۆرگەندىن كېيىن بۇ فىلىمنى قويۇلغاندا چوقۇم كۆرۈپ چىقىمەن دەپ ئويلىغان ئىدىم. بۈگۈن يېقىندىن بىرىقى جىددىيچىلىك سەۋەبىدىن سەل چارچاپ قالغان نېرۋىلىرىمنى ئارام تاپقۇزغاچ بۇ فىلىمنى كۆرۈپ چىقتىم. ئادەتتە ساختىلىقنىڭ بۇلىقى بولغان ھەر خىل كىنولارنى كۆرۈشتىن ئۆزۈمنى تارتىپ، كىنو دېسە بىر خىل خالىماسلىق خاھىشى قەلبىمگە پاسىبان بولىدىغان مەن بۈگۈن بۇ فىلىمنى كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن نېرۋىلىرىم قەلبىمنىڭ چوڭقۇر بىر جايلىرىدىن مەۋج ئۇرۇپ چىققان ئۆزۈممۇ بىلمەيدىغان بىر خىل مۇرەككەپ تۇيغۇ -ھېسلارنىڭ چىرماشلىرىدا قالدى. بۇ مۇرەككەپ ھېس-تۇيغۇ شۇنداق بىر تۇيغۇكى: ئادەملەر بىلەن ئادەملەر ئوتتۇرىسىدىكى مېھرى-مۇھەببەت ۋە پايدا-مەنپەئەت دوقمۇشىدا قايمۇقۇش، ئېزىش، تېڭىرقاش ۋە خۇدىنى يوقىتىش، رەزىللىك، قاششاقلىق … قاتارلىقلارنىڭ يۇغۇرۇلمىسىدىن شەكىللەنگەن، بۇ ھاياتلىق سەپىرىدىكى گاھ ئادەمنى يىرگەندۈرسە، گاھ ئادەمنى شادلىق سەيلىگاھلىرىغا باشلايدىغان ئاچچىق كەچمىش، ھايات ئەنسىزلىكى، گۈزەل ئارزۇ ئىنتىلىشلىرىنىڭ ھاسىلاتىدىن شەكىللەنگەن چىرماش، مۇرەككەپ تۇيغۇدۇر.
بۇ فىلىمنى كۆرگەن ھەر بىر ئادەمنىڭ كۆز چاناقلىرىدا ئازدۇر-كۆپتۇر ھارارەتلىك بىر سېزىمنىڭ پەيدا بولغانلىقىغا شەكسىز ئىشىنىمەن. بۇ ھارارەتلىك سېزىم بەلكىم قەلبخانىڭىزنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن ئۇرغۇپ چىققان تەسىرلىك كۆز يېشى ياكى يىرگىنىشلىك ئوتلۇق ياش بولۇشى مۇمكىن.
مەزكۇر فىلىمنىڭ ئىشلىنىش جەريانى، سۈپىتى، ئارتىسلارنىڭ رول ئېلىشتىكى ھەقىقىيلىقى دىيارىمىز كىنوچىلىقىدا يېڭى بىر بالداق سۆسۈش ھاسىل قىلغان بولۇپ، كىنودىكى ياشىنىپ قالغان بوۋاي (يالقۇن ساقچىنىڭ دادىسى)نىڭ ئىش-ھەرىكىتىدىكى ھەقىقىيلىق، ئېلىشىپ قالغان ئانا (ئوغلىنى يوقىتىپ قويۇپ نېرۋىسىدىن كېتىپ قالغان ئانا)نىڭ يالقۇن ساقچىنى سۈپۈرگە بىلەن ئۇرۇشلىرىدىكى ھەقىقىيلىق، مۇراتنى شامالدۇرغۇچقا ئېسىپ ئۇرىۋاتقان كۆرۈنۈشلەر، مۇراتنىڭ ھەر بىر كۆرۈنۈشتىكى ھەقىقىيلىققا تولغان ئىش-ھەرىكەتلىرى… ھەممىسىدە ئالاھىدە يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان بولۇپ، بىر مەزگىللىك ئۈزۈكچىلىكتە قالغان ئۇيغۇر فىلىملىرىگە يېڭىچە قان بېرىپ، ئۇيغۇر دىيارىدىمۇ نادىر فىلىملەرنى ئىشلەپ چىققىلى بولىدىغانلىقىدا ئۈمىد بارلىقىدىن دېرەك بەرگەن.
راست گەپنى قىلغاندا، ھازىرقى ھېسسىياتىمنى قانداق ئىپادىلەشنى زادىلا بىلەلمەيۋاتىمەن، ئاخىرىدا پەقەت بىر ئېغىز سۆزۈم: ئەگەر پۇرسەت بولسا ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ بۇ فىلىمنى چوقۇم كۆرۈپ چىقىڭ، شۇندىلا نېمە ئۈچۈن مېنىڭ بۇ ئاجىز تىلىمنىڭ ئۆز قەلبىمنى ئىپادىلەپ بېرەلمەيۋاتقانلىقىنى ئازتولا بولسىمۇ چۈشىنىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن.تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
لاياقەتلىك خىزمەتچى بولۇش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېر
2015-06-07 17:05:387715سىز، مەن چوقۇم ئۇلارنى چۈشىنىشىمىز كېرەكمۇ؟ بۇ ق
2015-08-01 20:13:2819295ئىنتېرنېت دەۋرىدە رىقابەتچىڭىزدىن تېز سۈرئەتتە ھ
2016-10-30 12:38:4242621-ئەسىرنىڭ بۈگۈنىدىكى بازار رىقابىتىنىڭ يۈزلىنى
2015-06-07 17:49:317618گېرمانلار روھى: (1) پادىشاھ بىلەن تۈگمەنچى
2015-08-22 12:16:0910626ئوبامانىڭ قوشنىسىنىڭ ئۆي سېتىش ھېكايىسى
2015-10-31 14:58:4212837مو تىيەن: ھوقۇقنىڭ كېشەنى (قەپىسى) قانداق بولۇشى
2015-07-05 19:09:3411198ئۇيغۇر خەلق چۆچىكى«ئۇر توقماق»ۋە دۆلەت ئىستىراتى
2015-06-07 14:58:308191
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-