تەرجىمە گۈزەللىكى ۋە ئانا تىلنىڭ ئىپادىلەش سېھرى كۈچى ھەققىدە يۈزەكى ئويلىنىش
-
تەرجىمە گۈزەللىكى ۋە ئانا تىلنىڭ ئىپادىلەش سېھرى كۈچى ھەققىدە يۈزەكى ئويلىنىش
ۋاقتى: 2016-11-06 ئاۋاتلىقى: 9611 قېتىميانفوندا كۆرۈش
ھەرقانداق بىر تىلنىڭ گۈزەللىكى، ئىپادىلەش سېھرى كۈچى شۇ تىل ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن باشقا تىلدىكى مەزمۇنلارنىڭ جانلىق، راۋان، چۈشىنىشلىك بولۇشىدا بولسا كېرەك. باشقا تىللاردىكى مەزمۇنلارنى ئانا تىلدا چۈشىنىشلىك، راۋان، جانلىق ئىپادىلەش ئومۇمەن تەرجىمە ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ.
ئۇيغۇرچە تەرجىمە ئىشلىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققان ھەم گۈللەنگەن مەزگىلى خەنزۇچە داڭلىق ئەسەرلەردىن «قىزىل راۋاقتىكى چۈش»، «ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە»، «سۇ بويىدا» قاتارلىق نادىر ئەسەرلەرنى بىمالال ھالدا ئۇيغۇر تىلىغا راۋان، جانلىق تەرجىمە قىلىپ چىققان مەزگىللەر بولسا كېرەك.
ئۇشبۇ نادىر كىلاسسىك ئەسەرلەرنى قولغا ئالغىنىمىزدا ئۇنىڭدىكى تەرجىمىنىڭ پاساھىتىدىن دىللار شۇنچە سۆيۈنىدۇكى، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىپادىلەش كۈچىنىڭ كۈچلۈكلۈكى، سۆز بايلىقىغا موللۇقى بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بىر قىسىم تىلىمىزنىڭ گۈزەللىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلالماي، ئەكسىچە ئۇيغۇر تىلىنى قالاق تىل، ئىسلاھ قىلىش كېرەك دەپ كاكىراۋاتقانلارنىڭ ھالىغا ئېچىنماي تۇرالمايمىز.
ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، ئەينى ۋاقىتتا يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان دۇنياغا داڭلىق نادىر كىلاسسىك ئەسەرلەر ئانا تىلىمىزغا راۋان، جانلىق، پاساھەتلىك تەرجىمە قىلىپ چىقىلغاندىن كېيىن، مەلۇم بىر خەنزۇ ئەدىب تەرجىمانلاردىن «مۇشۇنداق زور ھەجىمدىكى تىلى مۇرەككەپ ئەسەرنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ چىقىشقا تىل بايلىقىڭلار قانداق يەتتى؟» دەپ سورىغاندا، بىزنىڭ ئاشۇ تەرجىمانلىرىمىز «تىلىمىزدىكى سۆزلەر بۇ ئەسەرنى راۋان، جانلىق تەرجىمە قىلىپ چىقىشقا يېتىشىپلا قالماي، بەلكى يەنە تاغارلاپ ئېشىپ قالدى.» دەپ جاۋاب بەرگەن ئىكەن.
بىز ھەر قانچە سۆزلىسەكمۇ، ھەقىقەتنى كۆرمەي تۇرۇپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىپادىلەش كۈچىنى ھەقىقىي ھېس قىلىپ يەتكىلى بولمىسا كېرەك. تۆۋەندە داڭلىق كىلاسسىك ئەسەر «قىزىل راۋاقتىكى چۈش»تىن ئېلىنغان بىر نەچچە كۇبلىت ئارىيەنىڭ ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە تەرجىمىسىنى كۆرۈپ چىقايلى:«قىزىل راۋاقتىكى چۈش»تىكى نادىر شېئىرنىڭ خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە سېلىشتۇرمىسى
ئۆز ۋاقتىدا بەگ – غوجاملار تولغان ساراي،
غۇربەت بېسىپ، قۇرۇق سۆلەت دالان بولدى؛
بىر چاغلاردا بەزمە، مەشرەپ قاينىغان جاي،
گۈللەر توزۇپ، دەل - دەرەخلەر خازان بولدى.陋室空堂
当年笏满床
衰草枯杨
曾为歌舞场
زەر تورۇسقا ئۆمۈچۈكلەر باغلىدى تور،
گۈل پەنجىرلەر ئوت - گىياغا ئاشيان بولدى.
ئۇپا – ئەڭلىك، خۇشپۇراقنىڭ نە ھاجىتى؟
قىراۋ قوندى، چاچقا قېرىلىق ئايان بولدى.
蛛丝儿结满雕梁绿纱今又糊在蓬窗上说什么脂正浓,粉正香如何两鬓又成霜كېچە تۇپراق ئارا كىرسە مۇردا، بۈگۈن __
ئاشىق – مەشۇق ھۇجرا ئارا پىنھان بولدى.
ساندۇق – ساندۇق ئالتۇن – كۈمۈش ساقلىغانلار،
كۆز ئاچقىچە گادايلىشىپ ۋەيران بولدى.
昨日黄土陇头送白骨今宵红灯帐底卧鸳鸯金满箱,银满箱
展眼乞丐人皆谤
ئۆمرى قىسقا دەپ ئۆزگىدىن ئاھ ئۇرغانلار،
كېلىپ ئۆزى ئۇ ئالەمگە راۋان بولدى.
ئاتىسىدىن قاتتىق تەنبىھ ئالغان زاتلار،
ئېھتىمالىم قىلمىشلىرى ئەسيان بولدى.
正叹他人命不长
那知自己归来丧
训有方
保不定日后作强梁
بايۋەتچىدىن ئۆزىگە جور ئىزدىگەنلەر،
تاپقان جايى خۈنۈك چالا مەيدان بولدى.
تاجىسىنى كىچىك كۆرۈپ كەيمىگەنلەر،
كىيىپ قوۋۇق ياتقان يېرى زىندان بولدى.
择膏粱
谁承望流落在烟花巷
因嫌纱帽小
致使锁枷杠
ئاخشام تېخى جۇل – جۇل توندىن غىڭشىغانغا،
بۈگۈن بەگلىك چاپىنىمۇ يامان بولدى.
بىرى تەختتىن چۈشسە يەنە بىرى چىقتى،
ئاقىۋەتتە ماڭا يات يۇرت ماكان بولدى.
昨怜破袄寒
今嫌紫蟒长
乱烘烘你方唱罢我登场反认他乡是故乡قويغىنە بۇ ئەپسانىنى، ھەننىۋاسى __
باشقىلارغا ئاخىر تويلۇق چاپان بولدى.
甚荒唐到头来都是为他人作嫁衣裳
يۇقىرىدىكى بۇ تەرجىمە سېلىشتۇرمىسىنى كۆرگەندىن كېيىن سىز ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىپادىلەش جەھەتتىكى سېھرى كۈچىنىڭ قانچىلىك يۇقىرى ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر تىلىنىڭ سۆز بايلىقىنىڭ قانچىلىك موللۇقىنى ھېس قىلىپ يېتەلىدىڭىزمۇ؟
ئۇيغۇر تىلىنى قالاق تىل، ئىسلاھ قىلىش كېرەك دېگەنلەرگە شۇنى دېگۈم كېلىدۇكى، سىز ئۇيغۇر تىل بايلىقىنى قېزىپ چىقماي تۇرۇپ، بۇ جەھەتتە ئىزدەنمەي تۇرۇپ بۇ تىلنى قالاق دېيىشكە نېمە ئاساسىڭىز بار؟ بىزدە ئىزدەنمىگەن (بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ باقمىغان)نىڭ سۆزلەش ھوقۇقى يوق دېگەن گەپ. شۇڭا ھەر قانداق مەسىلىگە باھا بەرگەندە، پىكىر بايان قىلغاندا ئەڭ ياخشىسى ئەمەلىي ئىزدىنىپ، باشتىن كەچۈرۈپ بېقىپ ئاندىن پىكىر بايان قىلغىنىمىز ياخشى، ئەگەر ئىزدىنىپ كۆرمىگەن بولساق، باشتىن كەچۈرۈپ باقمىغان بولساق، ئەڭ ياخشىسى پىكىر بايان قىلىشتىن ئۆزىمىزنى تارتقىنىمىز تۈزۈك، ئۇنداق بولمايدىكى پىكىردە چولتىلىق كۆرۈلۈپ، باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئۆزىمىزنىڭ ئاجىزلىقىنى ئاشكارىلاپ قويۇشىمىز مۇمكىن.
تۆۋەندە ئالدىنقى قېتىم مەلۇم بىر پارچە ماتېرىيالنى تەرجىمە قىلىۋېتىپ يولۇقۇپ قالغان بىر كۇبلىت تەرجىمەمنى كۆپچىلىك بىلەن ھەمبەھرلەندىم، كۆپچىلىكنىڭ بۇ ھەقتە ئىلمىي كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ بېقىشىنى، تەرجىمىگە قارىتا قىممەتلىك پىكىر-تەكلىپلەرنى بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
يېرىپ قورام تاشلار ئارا باغاچلىغاچ تاغلارنى،
تۇرار قارىغاي قەد كۆتۈرۈپ ئىگىلمەس ئەسلا ھەريان.
بولغاچ ئۇنىڭدا چىدام، مۇستەھكەملىك ھەم ئاڭا،
بوران-چاپقۇن، قار-شىۋىرغان قىلالماس ئۇنى ۋەيران.
----تەرجىمىدە ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇت
咬定青山不放松
立根原在破岩中
千磨万击还坚劲
任尔东西南北风
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
يانكىتابنىڭ قۇرغۇچىسى-ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇت
2016-07-31 16:15:142800ئاتا-ئانىلارغا خەت: ئۆزىگە ئىشىنىدىغان ئاكتىپ پە
2015-06-07 14:27:407380كىتاب ۋە ھايات
2015-06-07 14:45:478751ھايات چاقچىقى(1)
2015-06-23 12:19:238209باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تور مەخپىي نومۇرى: 6142243
2016-10-11 12:16:42723مىللىي كارخانىلاردا ساقلانغان مەسىلىلەر ھەققىدە
2015-06-07 13:39:157528مو تىيەن: ھوقۇقنىڭ كېشەنى (قەپىسى) قانداق بولۇشى
2015-07-05 19:09:3411210كەسىپتە بىرگە ئىشلەشكە بولمايدىغان 10 خىل كىشىلە
2015-06-07 14:40:016603
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-