ilqut.yanbilog.comئىلقۇت يازمىلىرى يانبىلوگى

  شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
ئىلقۇت مەۋجۇدىيىتى
شامال مەۋجۇت، لېكىن ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛ ھېسسىيات مەۋجۇت، ئوخشاشلا ھېچكىم ئۇنى كۆرەلىگەن ئەمەس؛
تۇيغۇ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىغا بۆسۈپ كىرگەن ئىكەن، ئۇشبۇ قۇرلار ھايات باياۋانلىرىدا مۇساپىر بولىدۇ.
ھايات مەناغا مۇھتاج؛ ئادەم قىسقىغىنە ھاياتلىقىدا ئىز قالدۇرماق مۇھىم، ئەمما ئىزنى قانداق قالدۇرۇش بۇ ھەر بىر تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى، دۇنيا قارىشى تەرىپىدىن جاۋابلىنىدۇ.
ئىلقۇت دېمەك ئەلنىڭ بەختى دېمەكتۇر!
ئىلقۇت ئىلقۇت بولماق ئۈچۈن بۇ ھايات جەڭگاھىدا ھەر ۋاقىت دوئىل ئوينايدۇ!
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

كەسىپتە بىرگە ئىشلەشكە بولمايدىغان 10 خىل كىشىلەر

كەسىپتە بىرگە ئىشلەشكە بولمايدىغان 10 خىل كىشىلەر

ۋاقتى: 2016-09-13 ئاۋاتلىقى: 6604 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

كونىلارنىڭ «ئايال كىشى ئەرنى خاتا تاللاپ قېلىشتىن، ئەر كىشى كەسىپنى خاتا تاللاپ قېلىشتىن قورقىدۇ.» دېگەن گېپى بار. شۇنىڭدەك بىر ئادەم كەسپى ساھەگە قەدەم قويغاندىن كېيىن ئۆزى بىلەن قىلچىلىك ماسلىشىشچانلىقى يوق بىر قىسىم كوللېكتىپ ئەزالىرىغا ئۇچراپ قېلىشتىن ئەڭ قورقىدۇ. چۈنكى بۇخىل ئەھۋال ئۆزىنىڭ كەسىپتە ئىلگىرىلىشىگە، تىرىشىپ كۈرەش قىلىش نەتىجىسىدە ئېرىشكەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە ھەمدە ئۆز خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ئەگەر كەسىپداشلىرىمىزنىڭ ئارىسىدا ئىچى قوتۇر، پەسكەش كىشىلەر بولۇپ قالسا، گەرچە بىز ئۆز خىزمىتىمىزنى ناھايىتى تىرىشچانلىق بىلەن ياخشى ئىشلىگەن بولساقمۇ، بىراق كۆپ ھاللاردا بىزنىڭ خىزمىتىمىز كۆڭۈلدىكىدەك ياخشى بولۇۋەرمەيدۇ. چۈنكى بىزنىڭ ئەتراپىمىزدىكى كەسىپداشلىرىمىزنىڭ ئىچى قۇتۇر، پەسكەش بولغاچقا، ئۇلار بىزنىڭ قىلغانلىرىمىزنى كۆرەلمەيدۇ-دە، بىز ھەر ۋاقىت مۇشۇ خىل پەسكەش كىشىلەر تەرىپىدىن قۇرۇلغان توزاققا دەسسەپ، ئۇلارنىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئوينىشىمىز، ھەتتا پۈتۈن ئۆمرىمىز مۇشۇ كىشىلەرنىڭ بىر قوللۇق پىلانلىشىدا نابۇت بولۇپ كېتىشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن، كەسپى ساھەگە كىرگەندە، تۆۋەندىكى 10 خىل پەسكەش ئادەمدىن ھەر ۋاقىت ھەزەر ئەيلەشكە توغرا كېلىدۇ.

.

..

.

1. مەسئۇلىيەتچانلىق روھى كەمچىل ھۇرۇن كىشىلەر
كوللېكتىپ قوشۇنىدا مەسئۇلىيەتچانلىق روھى كەمچىل ياكى ئىش قىلغاندا قەتئىي مەسئۇل بولمايدىغان ئادەمدىن ئەڭ ئەنسىرەش كېرەك. بۇخىل كىشىلەر ئۆزىنىڭ خىزمەت دائىرىسىدىكى ئىشنى ئەسلا بېرىلىپ ئىشلىمەيدۇ ھەمدە ناھايىتى ھۇرۇن بولىدۇ. باشقىلار كۆڭۈل قويۇپ خىزمەت قىلىۋاتقاندا، بۇلارنىڭ خىيالى توقسۇندا پالاس قېقىپ يۈرگەن بولىدۇ. ناۋادا مەسىلە كۆرۈلسە، بۇخىل كىشىلەر ئۆزى قىلمىغانلىقىنى ياكى بىۋاسىتە ئىش بىجىرىشكە قاتناشمىغانلىقىنى باھانە قىلىپ، مەسئۇلىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ، ھەتتا بىر قانچە ئادەم تېپىپ، بۇ ئىشنىڭ ئۆزىنىڭ خاتالىقى ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاشقا تىرىشىدۇ.

2. ھەممىلا ئىشتا پاسسىپلىقنى ياقىلايدىغان كىشىلەر
كوللېكتىپ جەڭ قىلىشتا ئەڭ ئەھمىيەت بېرىلىدىغىنى «غەيرىتىنى قىلچە بوشاشتۇرۇپ قويماسلىق» بولۇپ، ئەگەر كوللېكتىپ ئىچىدە مەسىلىلەرگە قاراشتا پاسسىپلىق كەيپىياتى بىر قەدەر ئېغىر كىشىلەر بولسا، ھەممە ئىشلاردا نەتىجىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولماسلىقىدىن ئەنسىرەپ ياكى بىرەر ئىشنى باشلىماي تۇرۇپلا، كۈن بويى تەشۋىشلىنىپ، شۇ ئىشنى قول سېلىپ ئىشلەش قىيىنغا توختايدۇ-دە، بۇخىل كىشىلەر بىلەن ئۇزۇن مۇددەت بىر كوللېكتىپ ئىچىدە خىزمەت قىلغاندا، ئۆزلىرىمۇ سەزمەستىن ئۇلاردىكى پاسسىپ كەيپىياتتىن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى كېلىپ چىقىشى ھەتتا ئەقەللىيسى جەڭگىۋارلىق روھىنىمۇ يوقىتىپ قويۇشى مۇمكىن.

3. ھىيلە-مىكىرى كۆپ كىشىلەر
كوللېكتىپ خىزمەت قىلىشتا كۆپىنچە مۇستەھكەم، پىلانلىق ئىش قىلىدىغان، ئەقىل-پاراسەتلىك كىشىلەرگە ئېھتىياج چۈشىدۇ. بىراق كوللېكتىپ يەڭ ئىچىدە پىلان سوقىدىغان ياكى يېنىدىكى كەسىپداشلىرىنى ھىيلە-نەيرەڭ ئىشلىتىپ قەستلەش كويىدا يۈرۈيدىغان، بولۇپمۇ ئازراق شەخسى پايدا-مەنپەئەتنى دەپ ئۆزىنىڭ كىشىلىك قەدىر-قىممىتىنى، ئەخلاق-پەزىلىتىنى ۋە دوستلىرىنى سېتىشتىن تانمايدىغان رەزىل ئادەملەرنى ھەرگىز قارشى ئالمايدۇ. ئەگەر سىز ئىشلەۋاتقان كوللېكتىپ ئىچىدە مۇشۇنداق كىشىلەر بولسا ئەڭ ياخشىسى دەرھال باشقا چىقىش يولى تاللاشنى ئويلىشىپ كۆرۈڭ، بولمىسا چوقۇم ئاچچىق يۈتۈۋالىسىز.

4. پىتنە-ئېغۋا تارقىتىپ، ئىش تېرىيدىغان كىشىلەر
كوللېكتىپ ئەڭ بىزار بولىدىغىنى دەل ئاشۇنداق ئېغۋا توقۇپ، تارقىتىپ ياكى ئىشىنىپ كىشىلەر ئارىسىغا سوغۇقچىلىق سالىدىغان كىشىلەر. بۇخىل كىشىلەر ئاڭلىغانلىرىنى ھەقىقىي ئەھۋال بىلەن سېلىشتۇرماي، باشقىلارنىڭ ئاقنى قارا قىلغان يالغان-ياۋىداق سۆزلىرىگە ئاسانلا ئىشىنىپ كېتىدۇ ياكى يوشۇرۇن بىر مەقسەتلەر تۈپەيلى قەستەنلىك بىلەن پىتنە-ئېغۋا تارقىتىدۇ. بولۇپمۇ ئۆزىدىن كۈچلۈكرەك رەقىبكە ئۇچراپ قالغاندا دائىم قەستەن قۇسۇر چىقىرىپ، پاكىتنى بۇرمىلاپ، ئۆسەك سۆزلەرنى تارقىتىش ئۇسۇلى بىلەن چاتاق چىقىرىدۇ ياكى رىقابەتچىسىنى تۈگەشتۈرىۋېتىدۇ. بۇنداق ئادەملەر پۈتكۈل كوللېكتىپنىڭ ئويۇشۇشچانلكىقىغا ئېغىر دەرىجىدە توسقۇنلۇق ئېلىپ كېلىدۇ.

5. بايلىق ۋە مەرتىۋىگە قاراپ مۇئامىلە قىلىدىغان كىشىلەر
كەسىپتە دەريادىن ئۆتۈۋېلىپلا كۆۋرۈكنى بۇزۇشقا ماھىر، باشقىلارنىڭ ياردىمىگە موھتاج بولغاندا كىشى رەت قىلغۇسى كەلمەيدىغان دەرىجىدە سىيلىق ھەم مۇلايىملىشىپ كېتىدىغان، بارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ سىزگە ئۆزىنىڭ ئاغىينىدارچىلىقىنى ئىپادىلەيدىغان بىر قىسىم كىشىلەر بار. بۇلار ئىش تامام-ۋەسسالام بولغاندىن كېيىن ياكى ئامال قىلىپ سىزنىڭ ياردىمىڭىزگە ئېرىشىۋالغاندىن كېيىن، تۇيۇقسىزلا «ئۇنتۇغاقلىق كېسىلى» بولىۋېلىپ، سىزنىڭ تۆھپىڭىزنى پاك-پاكىز ئۇنتۇپ كېتىدۇ. ئادەمنىڭ تېخىمۇ ئوغىسىنى قاينىتىدىغان ئىش شۇكى، سىزنىڭ ئۇنىڭغا قىلغان شاپائىتىڭىزگە پەرۋا قىلماستىن، دەريادىن ئۆتۈۋېلىپلا كۆۋرۈكنى بۇزۇپ تاشلاپ، بۇرۇنقى ئۈلپەتچىلىك، ئاغىينىدارچىلىق مۇناسىۋىتىنى پاك-پاكىز يوققا چىقىرىدۇ.

6. ئاجىز قىياپەتكە كىرىۋېلىشنى ياقتۇرىدىغان كىشىلەر
كوللېكتىپ ئىچىدىكى دائىم ئاجىز، بىچارە قىياپەتكە كىرىۋالغۇچىلار باشقىلارنىڭ ھېسداشلىقىغا ئېرىشىپ، كوللېكتىپتا ساندا بار ساپادا يوق ھالدا كۈن ئۆتكۈزۈش مەقسىتىدە شۇنداق قىلىدۇ. ئۇلار مۇشۇ ھالەتتە خىزمەتداشلىرىنىڭ ھېسىداشلىقىنى قوزغاپ، ئۆزىنىڭ ئورۇنسىز تەلەپلىرىگە ماقۇل كەلتۈرىۋالىدۇ. كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ھەممىمىز ھېسىداشلىق سەۋەبىدىن كۆڭلىمىز يۇمشاپ، ئۇلارنىڭ كۆڭۈل قويۇپ پىلانلىغان توزاقلىرىغا ئاسانلا دەسسىۋالىمىز.
ئەسكەرتىشكە تېگىشلىك مۇھىم بىر ئىش شۇكى، بىچارە ئادەملەرنىڭ رەزىل تەرىپىمۇ بولىدۇ، دېھقان بىلەن يىلاننىڭ ھېكايىسىنى ھەرگىز ئېسىڭىزدىن چىقارماڭ!

7. ئىككى يۈزلىمىچىلىككە ماھىر كىشىلەر
ئىككى يۈزلىمىچى كىشىلەرنىڭ ھەممىسىدە ئايرىمىچىلىق خاراكتېرى بار بولۇپ، ئۇلار دائىم سۆز-ھەرىكەتتە بىردەك بولمايدۇ. باشلىقنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتىش ئۈچۈن، ھە دېسىلا مەيدىسىنى قېقىپ ئۆزىنىڭ ئىقتىدارى بارلىقىنى ئىپادىلەيدۇ، باشلىقىنىڭ ئالدىدا ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي مەڭگۈلۈك ئەھدىلەرنى بېرىشىدۇ، ئەمەلىيەتتە بولسا ئۇلارنىڭ ئەمەلىي مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى پەقەتلا يوق.

8. ئادەمنى پاتقاققا سۆرەيدىغان كىشىلەر
بەزى كىشىلەر كوللېكتىپتىن يوشۇرۇن ھالدا ئاستىرتتىن پايدىغا ئېرىشىدۇ، ھەتتا قانۇنسىز ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، جامائەت مەنپەئىتىنى ئىگىلىۋالىدۇ. ناۋادا سۈيقەستى ئاشكارلىنىپ قالسا، بىر نەچچە ئارقا تېرەك (يۆلەنچۈك) تېپىۋالىدۇ-دە، ئۆزى بىلەن بىر كوللېكتىپتىكى كىشىلەرنى پاتقىقىغا سۆرەپ كىرىپ، ئۇلارغا بىھۇدە زىيانكەشلىك قىلىدۇ. شۇڭلاشقا ھەممىمىز كەسىپتە كىشىگە ھەرگىز زىيان يەتكۈزىدىغان ئىشلارنى قىلماسلىقىمىز، شۇنداقلا باشقىلارنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ئامال بار ساقلىنىش، بولۇپمۇ مۇشۇنداق ئادەمنى قاپقانغا دەسسىتىشنى ئويلايدىغان كىشىلەردىن يىراق تۇرۇشىمىز كېرەك.

9. پايدىنىلا كۆزلەيدىغان ئاچكۆز كىشىلەر
بەزى كىشىلەردە ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىشنىلا ئويلايدىغان، شەخسىي مەنپەئەتنى ئەلا بىلىپ، كوللېكتىپنىڭ مەنپەئەتى بىلەن قىلچە ھېساپلاشمايدىغان كېسەل بار بولۇپ، بۇ خىل جاپا تارتماي ئېرىشكەن مەنپەئەت ئۇلارنى خۇددى ماگىنىتتەك جەلپ قىلىۋالغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ بۇ كېسىلى ئاسانلىقچە شىپا تاپمايدۇ. بۇخىل ئادەملەر بەلكىم سىزنىڭ ئەڭ يېقىن دوستىڭىز ياكى سىزنىڭ ئەڭ ئىشىنىدىغان ئادىمىڭىز بولۇشى مۇمكىن، ئۇلار سىزنىڭ ئىشەنچىڭىزدىن پايدىلىنىپ، ئاسانلا ئۆزىنىڭ مەقسىتىگە يېتىدىغان پۇرسەت ئىزدەيدۇ، پايدا ئۈچۈن ۋاسىتە تاللىماي ھەتتا سىزگە زىيانكەشلىك قىلىدۇ. بۇنداق ئادەملەرنىڭ نەزىرىدە پەقەت پۇللا بولىدۇ.

10. ئۇرۇشتىن كېيىن قەھرىمان بولۇشنى ئويلايدىغان كىشىلەر
خىزمەت جەريانىدا مەيدىسىنى كېرىپ ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالىدىغان ئادەمدىن بىرنىمۇ ئۇچرىتالمايسىز، لېكىن نەتىجە خۇلاسىلەيدىغان ۋاقىتتا بولسا ئەتراپىڭىزدا پەرۋانە بولۇپ يۈرگەن بىر قانچە كىشىنىڭ قەيەردىن پەيدا بولۇپ قالغانلىقىنىمۇ سەزمەي قالىسىز. بۇ ئادەملەر بەلكى سىز كۆڭلىنى رەنجىتىشكە بولمايدىغان باشلىقىڭىز بولۇشى ياكى يۈزىنى قىلمىسىڭىز بولمايدىغان يېقىن دوستىڭىز بولۇشى مۇمكىن. ئەمما قاقتى-سوقتى قىلىشقا ئېپى بار بۇخىل ئادەم كىشىگە زىيان سېلىپ، ئۆزىگە پايدا ئېلىپ كېلىدىغان ھەر قانداق ئىشنى قىلىشتىن يانمايدۇ.
شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، ئەگەر سىز جەمئىيەت رېئاللىقىنى ياكى ئويۇن قائىدىسىنى ئۆزگەرتەلمىسىڭىز، ئۇنداقتا قائىدە-رەسمىيەتلەرگە ئۆزلىشىشىڭىز ياكى ئويۇن قائىدىسىگە بويسۇنۇشىڭىز كېرەك. سىز كەسىپنى توغرا تاللىيالمىغان بولسىڭىز، سىز قوشۇلماقچى بولغان كوللېكتىپنى توغرا تاللاڭ. كەسىپنى ھەم كوللېكتىپنى توغرا تاللىيالىسىڭىز، باشقىلارغا ياردەم بەرگەن ئاساستا ئۆزىڭىزنىمۇ كۈچەيتەلەيسىز، كەسىپتىمۇ مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايسىز.

بايانات

مەزكۇر يانبىلوگقا قەلەم ساھىبى ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇتنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت، جەمئىيەت ھادىسىلىرى ھەققىدىكى تەپەككۇر يۇغۇرۇلمىلىرى يوللىنىدۇ، يازمىلىرىم تورداشلارغا ئازتولا مەنىۋىي ئوزۇق ئېلىپ كېلەلىسە مېنىڭ تارتقان جاپالىرىمنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلغان بولىمەن.
يازمىلىرىمنى قالايمىقان ئۆز ئالدىڭىزغا ئۆزگەرتىپ، مەنبەنى ئەسكەرتمەي كۆچۈرۈشتىن ساقلىنىڭ، ئەگەر شۇ خىل ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بارلىق ئاقىۋەتكە شۇ ئادەم ئۆزى مەسئۇل!
ئىلقۇتجان ئۈندىدار سۇپىسى hezine غا ئەگىشىۋېلىپ تېخىمۇ نادىر يازمىلىرىمدىن ھەمبەھرلىنىڭ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى