3d
ئاددىي تۇرمۇش ساۋاتلىرى
8 F. l' F; s/ h
5 G# f0 v0 s6 R# {
ئاپئاق پايپاق سارغىيىپ قالسا، ئىلىمان سۇغا سوپۇن پاراشوكى سېلىپ، پايپاقنى 30 مىنۇت چىلاپ قويغاندىن كېيىن يۇيسا، پايپاق ئاقىرىدۇ. تاماق تۇزلۇق بولۇپ قالسا، قازانغا ئىككى پارچە دۇفۇ سېلىۋەتسە تاماقنىڭ تۇزى تەڭشىلىدۇ. قاچا يۇغان سۇغا لىمون ياكى ئاپېلسىن شۆپۈكى سېلىۋەتسە ياكى بىر نەچچە تېمىم ئاچچىقسۇ تېمىتىۋەتسە، قاچىدىكى غەيرىي پۇراق يوقىلىپلا قالماي، قاچا پارقىرايدۇ. تاسما بېلىقنى ئازراق تۇز سۈيىگە چىلاپ قويۇپ، ئاندىن يۇسا، پۇراق يوقايدۇ، تازىلاشمۇ ئاسان بولىدۇ. نەشپۈتنى دائىم ئىستېمال قىلىپ بەرسە، تېرىنىڭ ئېلاستىكلىقى ئېشىپ، يۈزگە ئاسان قورۇق چۈشمەيدۇ. قازانغا ياغ تۇتۇۋېلىپ، چىقىرىش تەس بولغاندا، يېڭى نەشپۈتنىڭ شۆپۈكىنى قازانغا سېلىپ بىردەم قاينىتىۋەتسە، ياغ داغلىرى ئاسانلا چىقىپ كېتىدۇ.شاپتۇلنى يېيىشتىن بۇرۇن تۇز سۈيىگە ئىككى - ئۈچ مىنۇت چىلاپ قويسا، شاپتۇلنىڭ تۈكى پاكپاكىز چۈشۈپ كېتىدۇ. چىشنى قارا شېكەر بىلەن ياكى تۇز سۈيى بىلەن كۈندە ئىككى قېتىم چوتكىلاپ بەرسە، چىشتىكى تاماكا دېغى يوقايدۇ. زەخىملىنىپ قان چىققان ئورۇنغا ئازراق شېكەر سۈرۈپ قويسا، قان توختاپ، يارا ئېغىزى يۇقۇملىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.لوڭقىدىكى گۈل چىلايدىغان سۇغا بىر نەچچە تېمىم قاچا يۇيۇش سۇيۇقلۇقى تېمىتىۋەتسە، گۈل ئۇزۇنغىچە سولاشمايدۇ.
: q6 }+ K" G; A4 V$ C* h, wمەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورىدىتال
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |