ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 873 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 1414|ئىنكاس: 1

ناخشا لوقمان ھېكىم ھېكمەتلىرىتەييارلىق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

95

تېما

116

يازما

2603

جۇغلانما

باشقۇرغۇچى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
735 سەر
تۆھپە
472 سەر
تىللا
545 دانە
جەۋھەر
0 دانە

ئاكتىپ يىڭى ئەزائاۋانگارت ئوردېنى

ۋاقتى: 2011-11-30 08:32:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
يانفۇن                                                                                                      لوقمان ھېكىم ھېكمەتلىرى! l) l5 Y1 z1 n

/ u. Z. I+ {7 f  n  F$ u  A1 f3 }لوقمان ھېكىم ئوغلىغا مۇنداق 99نەسىھەت قىلدى: 6 h7 |# n2 ]& S0 c
1.ھەي پەرزەنتىم،ئۇلۇغ قۇدرەتلىك ياراتقۇچىنى تونۇ. 2.كىمگە پەند-نەسىھەت قىلساڭ،ئاۋۋال ئۇنىڭغا ئۆزۈڭ ئەمەل قىل. 3.سۆزنى ئۆز قەدرىڭگە لايىق سۆزلە. 4.ئادەملەرنىڭ قەدرىنى بىل. 5.ھەممىنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى چۈشەن. 6.سىرىڭنى مەخپىي تۇت. 7.دوستۇڭنى قىيىن كۈندە سىنا. 8.دوستۇڭدىن پايدا-زىياندا ئىمتىھان ئال. 9.ئەخمەق ۋە نادان ئادەملەردىن قاچ. 10.داند ۋە زېرەك دوستنى دوست تۇت. 11.ياخشى ئىشقا مەھكەم كىرىش. 12.ئايال كىشىگە ھەددىدىن زىيادە ئىشەنمە. 13.ساپ دىل ۋە دانا كىشىلەر بىلەن مەسلىھەت قىل. 14.سۆزنى ئىسپاتىڭ بىلەن سۆزلە. 15.ياشلىقنى غەنىيمەت بىل. 16.ياشلىقتا ئىككى دۇنيا ئىشلىرىنى قىلىۋال. 17.دوست-يارلىرىڭنى ئەزىز بىل. 18.دوست-دۈشمىنىڭگە يۈزۈڭنى ئوچۇق تۇت. 19.ئاتا-ئانىنى غەنىيمەت بىل. 20.ئۇستازنى ئاتىدىن ئەزىز بىل. 21.خەجنى كىرىمگە قاراپ قىل. 22.ھەممە ئىشتا ئوتتۇرا يول تۇت. 23.مېھماننىڭ خىزمىتىنى قائىدىدەك قىل. 24.ئالىيجانابلىقنى ئۆزۈڭگە شوئار قىل. 25.بىراۋنىڭ ئۆيىگە كىرگىنىڭدە كۆز ۋە تىلىڭغا ئېھتىيات قىل. 26.كىيىم-كېچەك ۋە بەدىنىڭنى پاكىز تۇت. 27.جامائەت بىلەن بىللە بول. 28.پەرزەنتىڭگە ئىلىم ۋە ئەدەب ئۆگەت. 29.ئىلاج بولسا پەرزەنتىڭگە چەۋەندازلىق ۋە مەرگەنلىكنى ئۆگەت. 30.ئۆتۈك ۋە كەش كىيىشنى ئوڭ پۇتۇڭدىن،سېلىشنى سول پۇتۇڭدىن باشلا. 31.بىراۋ بىلەن ئىش قىلساڭ شۇ ئادەمگە لايىق ئىش قىل. 32.كېچىدە سۆزلىسەڭ ئاستا مۇلايڭم سۆزلە؛كۈندۈزى سۆزلىسەڭ ئەتراپىڭغا بېقىپ سۆزلە. 33.ئاز يېيىش ۋە سۆزلەشنى ئاز ئادت قىل. 34.ئۆزۈڭگە باقمىغان ئىشنى ئۆزگىگە زورلىما. 35.ھەر ئشنى ئاۋايلاپ چارە-تەدبىر بىلەن قىل. 36.ئۇقماي ئۇستازلىق قىلما. 37.خوتۇن ۋە بالىغا سىر ئېيتما. 38.باشقىلارنىڭ ياخشىلىقىنى تەمە قىلما. 39.پەسكەشتىن ۋاپا كۈتمە. 40.ھەرقانداق ئىشنى كەم-كۈتىسىز دېمە. 41.قىلمىغان ئىشنى ھېسابقا ئالما. 42.بۈگۈنكى ئىشنى ئەتىگە قويما. 43.ئۆزۈڭدىن چوڭغا چاقچاق قىلما. 44.كىشىلەرگە يامان كۆرۈنمەسلىككە تىرىش. 45.ھاجەتمەن كىشىلەرنى نائۈمىد قايتۇرما. 46.ئۆتكەن جاڭجالنى ئەسلىمە. 47.باشقىلارنىڭ ياخشىلىقىنى ئۆز ياخشىلىقىڭ بىلەن ئارىلاشتۇرما. 48.بايلىقىڭنىڭ مىقدارىنى دوست-دۈشمەنگە بىلدۈرمە. 49.قېرىنداشنى قېرىنداشتىن ئايرىما. 50.ياخشى ئادەمنىڭ غەيۋىتىنى قىلما. 51.پەقەت ئۆزۈڭنىلا ئويلىما. 52.كۆپچىلىك قوزغالسا سەنمۇ ئۇلارغا ئەگەش. 53.بارماقلىرىڭنى ئېغىز ۋە بۇرنۇڭغا تەگكۈزمە. 54.ئادەملەرنىڭ ئالدىدا چىش كولىما. 55.تۈكۈرۈك ۋو بۇرنۇڭنى يۇقىرق ئاۋازدا تاشلىما. 56.ئەسنىسەڭ ئاغزىڭنى قولۇڭ بىلەن توس. 57.ئۆزۈڭدىن چوڭغا ئارتۇق سۆزلىمە. 58.ئادەملەرگە قاراپ كېرىلمە. 59.جىددىي سۆزنى چاقچاققا ئارىلاشتۇرما. 60.بىراۋنى بىراۋ ئالدىدا خىجىل قىلما. 61.قاش-كۆزۈڭ بىلەن ئملاپ چېقىمچىلىق قىلما. 62.ئېيتقان سۆزۈڭنى تەكرارلىما. 63.بىراۋنى مەنىسىز كۈلدۈرۈشتىن ساقلان. 64.ئۆزۈڭنى ۋە يېقىن كىشىلىرىڭنى باشقىلار ئالدىدا ماختىما. 65.ئۆزۈڭنى ئاياللاردەك پەردازلىما. 66.بالىلىرىڭ نېمە دېسە شۇنى قىلىپ بېرىۋەرمە. 67.تىلىڭنى ئايا. 68.سۆزلەۋاتقاندا قولۇڭنى سىلكىمە. 69.ھەممە ئادەمنى ھۆرمەتلەشنى ئۇنتۇما. 70.ئىغۋاگەر ئادەم بىلەن ھەمسۆھبەت بولما. 71.ئۆلگەن ئادەمنى يامانلاپ تىلغا ئالما. 72.ئىلاجىڭ بار ئۇرۇشما ۋە خۇسۇمەت ساقلىما. 73.بىراۋنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى سىناپ يۈرمە. 74.چوڭلارنىڭ ساۋاقلىرىنى ياخشىلىق بىلەن يادىڭدا تۇت،گۇمانخور بولما. 75.ئۆز نېنىڭنى باشقىلارنىڭ داستىخىنىدا يېمە. 76.ئىشتا ئالدىراقسانلىققا يول قويما. 77.مال-دۇنيا تاپىمەن دەپ ئۆزۈڭنى قىينىما. 78.بىراۋ ئۆزىنى بىلمىسە.سەن ئۇنى بىل. 79.غەزىپىڭ كەلگەندە سۆزنى تاللاپ سۆزلە. 80.ئېتىكىڭ بىلەن بۇرنۇڭنى سۈرتمە. 81.قۇياش چىققۇچە ئۇخلاپ ياتما. 82.باشقىلارنىڭ ئالدىدا نەرسە-كېرەك يېمە. 83.چوڭلارنىڭ ئالدىدا ماڭما. 84.باشقىلار سۆزلىگەندە،سۆزىگە قوشۇق سالما. 85.بېشىڭنى ساڭگىلىتىپ ئولتۇرما. 86.كوچىدا ئوڭ-سولغا قاراۋەرمە،ئالدىڭغا قاراپ ماڭ. 87.ئىمكان بار ياۋىداق ئۇلاغقا مىنمە. 88.مېھماننىڭ ئالدىدا بىراۋغا غەزىپىڭنى چاچما. 89.مېھماننى ئىشقا بۇيرۇما. 90.دىۋانە ۋە مەست بىلەن سۆزلەشمە. 91.كوچىلاردا بىكارچى ۋە گەپ ئاڭلىمايدىغانلار بىلەن بىللە ئولتۇرما. 92.پايدا-زىيانغا ئۆزۈڭنى ئۇرۇپ ئابرويىڭنى تۆكمە. 93.مەمەدان ۋە تەكەببۇر بولما. 94.باشقىلارنىڭ ساڭا خۇسۇمەت قىلىشىدىن قاچ. 95.جېدەل ۋە پىتنىدىن قاچ. 96.پىچاقسىز،ئۈزۈكسىز ۋە پۇلسىز يۈرمە. 97.ئۆزۈڭنى خارلىماسلىققا ئىنتىل. 98.ئاددىي-ساددا،كەمتەر بول. 99.ئاللاھدىن قورقۇش،خەلققە ئىنساپ قىلىش،شەپقەت قىلىش،كىچىكلەرگە شەپقەت قىلىش،دەرۋىشلەرگە ساخاۋەت قىلىش،دوست- يارەنلەرگە نەسىھەت قىلىش،دۈشمەنگىمۇ سىلىق مۇئامىلە قىلىش،جاھىللارغا سۈكۈت قىلىش،ئالىملارغا ھۆرمەت قىلىش بىلەن ياشا.بى- راۋنىڭ مېلىغا تەمە كۆزى بىلەن قارىما.
2 L2 T' d. w4 F
* x. v2 E4 h, kمەنبە :مىسرانىم تورى چۈشۈرۈش

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ئاپتورنىڭ نادىر تېمىلىرى
  • تېخىچە نادىر تېما يازمىغان ئوخشايدۇ ...

0

تېما

2

يازما

32

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

Rank: 4

قىزغىنلىق
4 سەر
تۆھپە
2 سەر
تىللا
21 دانە
جەۋھەر
0 دانە
ۋاقتى: 2013-7-26 08:47:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېخمۇ تىرىشىڭ!  
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗