3d
6 P7 M$ ^+ a& J- L& N, |ئىشەك ئىلگىرى ناخشىچى بولغانىكەن ، ئەمما ئاۋازى يېقىمسىز بولغاچقا ئاڭلىغۇچىلارغا ياقماپتۇ ھەم ھېچكىم ئۇنى ناخشائېيتىشقا تەكلىپ قىلماپتۇ . كۆپچىلىك ئۇنىڭغا : « سەندىن ئۆتۈنۈپ قالايلى ، ناخشا ئېيتمىغىن ، بىزنى ئارامىمىزدا قوي ! » دەپتۇ . قىزىق يېرى شۇكى ، بۇ ئىش ئىشەكنىڭ داڭقىنى تېخىمۇ چىقىرىپتۇ . تۈلكە : « ئىشەكنىڭ پايدىلىنىش قىممىتى بار ، ئىشىم ئوڭغا تارتسا ، كۆپ پۇل تاپالايمەن دەپ ئويلاپ ، بىر پىلاستىنكا شىركىتى قۇرۇپ ئىشەكنى ناخشىچىلىققا تەكلىپ قىپتۇ . ئىشەك بۇ ئىشتىن ئىنتايىن سۈيۈنۈپتۇ .
1 Q- f* v/ V. |تۈلكە كۆپ پۇل خەجلەپ ھايۋانات دۇنياسىدىكى ئۇزاق يىللىق ناخشىچى قاغىنى ئىشەكنىڭ ناخشىسىغا باھا بېرىشكە تەكلىپ قىپتۇ . قاغا : « ئىشەكنىڭ ناخشىسى خەلق سەنىتىگە تەۋە ئاممىباب ئۇسلۇپقا ئىگە ئىكەن ، ئاۋازىمۇ 7 Q! y) ` t( [
تەبىئىي ئىكەن ، ئۇنىڭ ناخشىسىنى ئاڭلىسا ، كۆڭۈل شادلىققا تولۇپ ئىستىتىك زوق ئالغىلى مۇھىمى ساقلىقىنى
7 T M; s0 B* G8 Eساقلاپ ئۆمۈرنى ئۇزارتقىلى بولىدۇ » دەپ باھا بېرىپتۇ . قاغىنىڭ ئىشەكنىڭ ناخشىسىغا بەرگەن باھاسى ھايۋانات ( B U: v* v l) B5 {5 E; N# _/ d
دۇنياسىدا زور تەسىر قوزغاپتۇ ، ھايۋانلار ھەرخىل پىسخىك ھالەتتە ئىشەكنىڭ ناخشىسىنى ئاڭلاپتۇ . 5 y& \+ b( F- N3 P9 g
ئىشەك گۈللۈك كىيىم كىيگەن ، تاقىر باش ھالەتتە مەيدانغا چىقىپتۇ . ئۇ ھېلى ئۇيانغا ھېلى بۇيانغا مېڭىپتۇ ، بەزىدە پۇتلىرىنى شىلتىپ قويۇپتۇ . توز ، تىيىن ، پىنگىۋىنلار ئۇنىڭ ناخشىسىغا جۆر بولۇپ ئۇسۇلغا چۈشۈپتۇ ، ئىشەكمۇ يېڭى قىياپەت بىلەن ناخشىسىنى باشلاپتۇ . تۈلكە ئىشەكنىڭ ناخشا كىچىلىكى باشلىنىشتىن ئىلگىرى چاشقان بىلەن قارا ئېيىقنى كەيپىياتنى كۆتۈرۈشكە ياللىۋالغانىكەن ، شۇڭا ئىشەك ناخشىسىنى باشلىشىغىلا ، ئۇلار : «يارايسەن ياشاپ كەت !!! » دەپ ئالقىش ياڭرىتىپتۇ . ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلمەيدىغان بەزى ھايۋانلارمۇ ئۇلارغا ئەگىشىپ چاۋاك چاپتۇ . ئىشەكنىڭ ناخشا كىچىلىكىنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك بولغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر ھەممە يەرگە پۇر كېتىپتۇ . تۈلكە يەنە گېزىت ، ژورنال مۇخبىرلىرىنى ئىشەكنىڭ ناخشا كىچىلىكىنى ماختاپ ماقالە يېزىشقا تەكلىپ قىپتۇ ھەمدە مۇكاپاتلاش چارىسى تۈزۈپ ، ئىشەكنىڭ ناخشا كىچىلىكىنى ماختاپ ماقالە يازغان مۇخبىرلارغا نۇرغۇن كۈمۈش تەڭگە بېرىشكە ۋەدە قىپتۇ . نەتىجىدە كۆپلىگەن مۇخبىر ئەتىدىن - كەچكىچە ئىشەكنىڭ كەينىدىن چىقماي ماقالە يېزىشقا باشلاپتۇ ، ھەتتا ئىشەكنى كۈندە نەچچە قېتىم تېزەكلىگەنلىكىنىمۇ تەپسىلى خەۋەر قىلىنىپتۇ . ئاخىرىدا ئىشەك داڭلىق ناخشىچىغا ئايلىنىپتۇ . تۈلكە بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ نۇرغۇن پايدا ئاپتۇ ھەندە داڭلىق پىلاستنكىچى ، رېژىسسور بولۇپ قاپتۇ .
7 C0 D6 K$ B5 m# O( W0 r2 ^شۇنىڭدىن كىيىن ھايۋانات دۇنياسىدا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ياردىمىگە تايىنىپ چولپانلارنى يېتىشتۈرۈش * ?+ {* Y5 o1 i& b0 q5 W' I
دولقۇنى كۆتۈرۈلۈپتۇ . بۇ « چولپان » لارنىڭ ئورۇنلاش ماھارىتى ، مەدەنىيەت ساپاسىنىڭ ئەسلى قانداقلىقى بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى بولماپتۇ .5 q. X! B- u, ~
مەنبەسى:قانۇنچىلىق گىزىتى
! V& `- E0 d% N9 e0 R2 O3 B$ a0 w8 a$ [) L- N
$ Q$ @$ q9 z ]4 `6 k1 E# y
3 Z5 Y5 z, A m2 `1 Qئىزدە
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |