ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 873 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 1919|ئىنكاس: 1

سېرىق خوتەندە كېپەن ئوغرىلىرى قولغا چۈشتىيانفون

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

95

تېما

116

يازما

2603

جۇغلانما

باشقۇرغۇچى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
735 سەر
تۆھپە
472 سەر
تىللا
545 دانە
جەۋھەر
0 دانە

ئاكتىپ يىڭى ئەزائاۋانگارت ئوردېنى

ۋاقتى: 2011-11-27 17:02:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
خەۋەر                                                                      خوتەندە كېپەن ئوغرىلىرى قولغا چۈشتى- S9 {6 d2 a) w  n" l; {3 k. w
- L( l5 X* O5 f# C* Z% Q
) g( E2 g! e3 S4 H5 l. x, t

! n# q$ l; ~0 [" O9 [; f; t9 g( [# ~" {  j4 t1 [- ?: @
شىنخۇا تورى خەۋىرى : تەكلىماكان قۇملۇقى بىلەن كوئىنلون تېغى ئارىسىدا، كىشىلەرنىڭ ئايىغى تەگمەيدىغان بىر چۆل بولۇپ ، ئۇنىڭ ئىسمى دامىكۇ . 2000-يىل بىر پادىچى بالا بىلمەيلا يەردىن لايدىن ياسالغان بۇدساتۋانىڭ ھەيكىلىنى تېپىۋالغان . شۇنىڭدىن كېيىن ، ئارخېئولوگلار تەكلىماكاننى چۆرىدىگەن رايوندا كۆلىمى ئەڭ چوڭ ، سانى ئەڭ كۆپ بولغان بۇددا دىنى خارابىسىنى بايقىغان .7 |# }6 c2 z. f8 ~# @
    2010-يىلى دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسىنىڭ باشچىلىقىدا ، دامىكۇ دۆلەتلىك مەدەنىي يادىكارلىق خارابە باغچىسىنى قۇرۇش خىزمىتى باشلانغان . شۇ يىلى ، بۇ ئارخېئولوگىيەلىك خەۋەرنىڭ تارقىلىشى بىلەن ، كېپەن ئوغرىلىرىمۇ بۇ جايغا تراكتور ، قېزش ماشىنىلىرىنى ھەيدەپ كىرگەن . بەش ئايغا سوزۇلغان تەكشۈرۈشتىن كېيىن ، خوتەن ج خ تارماقلىرى ئون نەچچە جىنايەت گۇماندارىنى قولغا ئېلىپ ، 3600 دىن ئارتۇق مەدەنىي يادىكارلىقنى قايتۇرۇۋالغان ، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت دەرىجىلىك مەدەنىي يادىكارلىقتىن 14 ى بار ئىكەن .. b! J; M! T4 B/ l/ d: q
ئون نەچچە مو كۆلەمدىكى بۇددا دىنى خارابىسى ئوغرىلاندى7 }2 `$ ^4 M5 G8 s7 Z7 T
    خوتەن ۋىلايىتىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى «دامىكۇ» نىڭ ئەجداتلاردىن قالغان ئىسىم ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، ئارخېلوگلارنىڭ تەكشۈرۈپ ئىسپاتلىشىچە ، دامىكۇ سانسكرىت تىلى بىلەن قەدىمىي خوتەندىكى ساك تىلىنىڭ بىرلەشمىسى بولۇپ ، «بۇددا ئەقىدىسى» دېگەن سۆزنىڭ فونېتىكىلىق ئۆزگىرىشى ئىكەن ، بۇ سۆز ئېنىق تەرجىمە قىلىنغاندا « بۇددانىڭ ئىلاھى كۈچى يىغىلغان جاي» دېگەنلىك بولىدىكەن .
# P5 P1 u' n( d/ r8 G& H7 b    دامىكو خارابىسىنىڭ ئارخېئولوگىيەلىك قېزىشىغا مەسئۇل بولغان جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيەسى شىنجاڭ ئارخېلوگلار ئەترىتىدىكى دوكتۇر ۋۇ شىنخۇانىڭ قارىشىچە ، بۇ شىنجاڭ ، جۈملىدىن پۈتۈن مەملىكەت تەۋەسىدە قەدىمقى بۇتخانىلار خارابىسىنىڭ سانى ئەڭ كۆپ ، كۆلىمى ئەڭ چوڭ ، ساقلىنىشى ئەڭ ياخشى بولغان جاي ھېسابلىنىدىكەن .
: v; }9 O5 M- E& q) v6 w6 C4 y    ئويلىمىغان يەردىن ، ئارخېلوگلار يېڭى بايقاشتىن ئىچ-ئىچىدىن خۇشال بولىۋاتقاندا، جىنايەتچىلەرنىڭ ئىبلىس چاڭگىلى قىممەتلىك مەدەنىي يادىكارلىقلارغا سوزۇلغان .& [. A/ V* Z% h+ S8 Z
    چىرا ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جياڭ شېڭلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، جىنايەتچىلەر تراكتورنى قېزىش ماشىنىسى قىلىپ ئۆزگەرتىپ ياساپ ، خارابىنى چوڭ كۆلەمدە بىر ئاختۇرۇپ چىققان ، ياخشى نەرسىلەر بولسا ئېلىپ كەتكەن ، قىممىتى يوق نەرسىلەرنى شۇ يەردىلا چېقىپ بۇزۇۋەتكەن ، ئون نەچچە مو تەۋەلىكتىكى خارابەنىڭ ھەممىسى ۋەيران بولغان ، بۇنىڭ زىيىنىنى مۆلچەرلەپ بولۇشمۇ قېيىن ئىكەن .9 H; A5 v2 |  @, T5 {+ L
چىرا ناھىيەلىك سولاقخانىدا مۇخبىر جىنايەت گۇماندارى ئا XX نى كۆرگەن . ئۇ: بىز كەنىتتىكىلەردىن قۇملۇقتا گۆھەر بارلىقىنى ئاڭلاپ ، ئاغىنىلىرىم ، ئاكا-ئىنىلىرىم بىلەن تراكتورنى ھەيدەپ شۇ يەرگە باردۇق . رەسىم سىزىلغان پۇچۇق تامنى بايقاپ ، ھەرىدەپ توققۇز پارچە قىلىپ كېسىۋېلىپ پېنسىيەگە چىققان مەي XX كە 18 مىڭ يۈنگە سېتىپ بەردىم ، دېگەن .
9 |# |6 i9 ^1 m5 c+ F    مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە ، ج خ خادىملىرى مەي XX نىڭ يەر ئاستى ئۆيىدىن بىر قېتىمدىلا توققۇز پارچە تام رەسىمى ، 1328 تال قول زەنجىرى ھەمدە 2494 دانە قەدىمقى تىللانى قولغا چۈشۈرگەن .( }* `4 J, d. S
  3600 دىن ئارتۇق ئوغۇرلانغان مەدەنىي يادىكارلىقلار قايتۇرۇپ كېلىندى6 {* A. N& U0 K& X
    چىرا ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنھەرىكەت ئىدارىسىنىڭ ئىسكىلاتىدا ، مۇخبىر ج خ تارماقلىرى قولغا چۈشۈرگەن 3657 مەدەنىي يادىكارلىقنى كۆرگەن . بۇنىڭ ئىچىدە توققۇز دانە ئىنتايىن كەم ئۇچرايدىغان قىممەتلىك تام رەسىمى بار ئىكەن ، تام رەسىملىرىنىڭ گىرۋەكلىرىدە كېسىلگەن ئىزلار بولۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ تام رەسىمنىڭ گىرۋىكىدە 20 سانتېمىتىر چوڭقۇرلۇقتىكى ھەرە ئىزى بار ئىكەن .% m  H1 y  g: x- Q$ _7 t' E
   ج خ خادىملىرى بۇ قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قەشقەر ، تۇمشۇق ، ئاقسۇ ، ئۈرۈمچى ھەتتا بېيجىڭ ، شىنجىن قاتارلىق جايلاردىن قايتۇرۇپ كەلگەن .8 h# r) F& r: g+ G; j8 L
% b# L, _/ I4 ]' I5 O: W* J: Q
* @! I  G" w& E, t9 t5 h# o

6 S) T( H9 I' c# y
) X4 T& O4 q& d9 X+ K( }$ \  F- o% T( H
6 `- q5 D+ J! E7 N

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ئاپتورنىڭ نادىر تېمىلىرى
  • تېخىچە نادىر تېما يازمىغان ئوخشايدۇ ...
مۇناسىۋەتلىك نادىر تېمىلار

0

تېما

4

يازما

76

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

Rank: 4

قىزغىنلىق
11 سەر
تۆھپە
7 سەر
تىللا
44 دانە
جەۋھەر
0 دانە
ۋاقتى: 2013-11-18 18:47:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗