ئۇيغۇر
ئىنتىرنىت تورىنىڭ پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا خەلق تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىرىشى بىلەن ھەر قايسى دۆلەت ۋە مىللەتلەرنىڭ تىللىرىدا يىڭىدىن سۆزلۈكلەر بارلىققا كىلىشكە باشلىدى، ھەم بۇ يىڭى ئىجات قىلىنغان سۆزلۈكلەر ئىنتىرنىت تىلى دەپ قارىلىپ بەزىلىرى تىزلا ئومۇملىشىپ ھەممە ئىتىراپ قىلغان ۋە بىلگەن يىڭى سۆزلۈكلىگە ئايلاندى. ئۇيغۇر تورچىلىغىنىڭ يوقتىن بار بولۇپ ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىشى بىلەن بىزنىڭ تىلىمىزدىمۇ تورغا مۇناسىۋەتلىك خىلى كۆپ يىڭى سۆزلەر پەيدا بولۇپ قاپتۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ دىققىتىمىزنى تارتقان ھەم تالاش تارتىش مەنبەلىرى بولۇپ كىلىۋاتقان سۆزلۈكلەرنىڭ بىرى مەنچە تور موللىسى دىگەن سۆزلۈك. تو رموللىسى دىگەن بۇ سۆزنى مەن 5 يىللار بۇرۇن بىر كونا مۇنبەردە كۆرگىنىم ئىسىمدە، شۇ چاغدا ماڭا بەك غەلىتە، ھەجۋى تۇيۇلغانتى، تاپمايدىغان گىپى يوقتە دەپ قالغانتىم . شۇنىڭدىن كىيىن بۇ سۆز بەكلا تىز ئومۇملىشىپ كەتكەن بولدى. ھازىرغىچە تور موللىسى دىگەن بۇ سۆزنىڭ مەنە دايىرىسى، سەلبى ياكى ئىجابىلىگى ئوتتۇرىغا قويۇلماپتۇ. لىكىن ئەپسۇس تور موللىسى دىگەن بۇ سۆز بىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمىشىمىزدىكى مۇھىم ئالاقە ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇش سورىنىمىز بولۇپ قالغان ئىنتىرنىت دۇنياسىدا كۆپرەك ئەھۋالدا كونىلىقنى تەرغىپ قىلىدىغان، مەسىلىلەرگە ئۆزىنىڭ مەيدانى ۋە قىمممەت قارىشى بىلەنلا ئالدىراپ ھۆكۈم چىقىرىدىغان بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ياكى جەمىيەتكە دەۋىرگە ، كۆپچىلىك ئاۋام خەلقنىڭ پىكرىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان پىكىر ئىدىيەلەرنىڭ سىموۋولى بولۇپ قاپتۇ.
& S R8 d6 @8 g2 }موللا ئەسلى دىنى بىلىم ۋە جەمىيەت بىلىمى، قايىدە يوسۇنلاردا پىشىپ يىتىلگەن، مەلۇم كىشىلەر توپىغا نىسبەتەن ئىجدىمايى سورۇن ۋە پائالىيەتلەردە باشچىلىق قىلىش، يول كۆرسۈتۈش، تەلىم تەربىيە بىرىش مەسئۇلىيىتىنى ئۇستىگە ئالغان تەسىرى بار نوپۇزلۇق كىشىلەرنى كۆرسىتەتتى، ھەتتا نوپۇزلۇقراق، تەسىر كۈچى زورراقلىرىنى داموللا دەپ ھۆرمەتلەيتۇق. موللا ھىچ بولمىسا ئاتا ئانىمىزنىڭ نىكايىنى ئوقۇغان.قىسمەن ئاز ساندىكى لاياقەتلىك بولمىغان موللىلارمۇ بار ئەلۋەتتە، بۇنى موللىنىڭ دىگىنىنى قىل قىلغىنىنى قىلما دىگەن تەمسىللىدىن ھىس قىلالايمىز دىمەككى موللا بىز ئۈچۈن ئىجابى بولغان ئىجدىمايى شەخىس. بۇنىڭ ئەكسىچە تور دۇنياسىدا موللا دىگەن بۇ ئۇقۇم بىر خىل كەمسىتىش مەنىسىدىكى سەلبى قالپاق بولۇپ قالدى. بولۇپمۇ يىڭى يىتىلىپ جەمىيەتكە قىلىتىلىۋاتقان، ھەتتا موللىنىڭ قانداق كىشى ئىكەنلىگىنى ئاڭلاپمۇ باقمىغان ياشلىرىمىز ئۆسمۇرلىرىمىز موللا دىسە توردىن تور موللىسى توغرىسىدىكى ئۆچمەنلىك كەمسىتىش پۇراپ تۇرىدىغان باھا، پىكىر ۋە ئىنكاسلىدىن موللا دىگەن مۇشۇنداق ئادەمنى بىزار قىلىدىغان سەلبى تىپكەن دەپ ئويلاپ قىلىشى تامامەن مۈمكىن. يەنە بىر پاكىت شۇكى تور موللىلىرى ئاتالغانلارنىڭ ئىچىدىمۇ توردىن ئىبارەت بۇ سەھنىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ مول بىلىمى ۋە توغرا ئىلمى دۇنيا قارىشى ۋە بىر پۇقرادا بولۇشقا تىگىشلىك ئىجدىمايى بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن بىزلەرنى ياخشى ئەمەل ۋە ئادەتلەرگە، ئىجىل ئىناق ئىتتىپاق تىجەشلىك سەمىمى بولۇش دىگەندەك پەزىلەتلەرگە باشلاۋاتقانلارمۇ ئاز ئەمەس. بۇلاردىن بىز سۆيۈنىمىز قوللايمىز ، كەڭ تورداشلارنىڭمۇ شاكىلىنى تاشلاپ مىغىزىنى ئىلىش پىرىنسىپى بىلەن ئىجابى تەرەپلىرىنى قوبۇل قىلىپ تۇرىدىغانلىغىغا ئىشىنىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاز ساندىكى تەرەپدارلارنىڭ تور سۇپىسىدا پىكىر قاتناشتۇرغاندا ئومۇملۇقنى كۆزدە تۇتۇپ سوغۇققان ئىلمى پىكىر بايان قىلىشىنى، ھە دىسىلا جىددىچىلىك، بىسىم ۋە تەھدىت ئاھانەت ئالاش ئىبارىلەر بىلەن ئۆزىنىڭ سوبىكتىپ ئىدىيىسىنى زورلاپ تىڭىشقا تىرىشماسلىغىنى ئۈمۈت قىلىمىز.
{2 q: t* Y8 T) s V# t9 p% Gتور دۇنياسى بىر بىرىمىزنى بىلىشمەيدىغان مەۋھۇم دۇنيا، شۇنىڭدىمۇ بۇ چەكلىمىگە ئۇچرىمايدىغان چەكسىز ئەركىن دۇنيا دىگەنلىك ئەمەس. تور دۇنياسىمۇ كۈندىلىك تۇرمۇشتا سالمىغى بارغانسىرى ئىشىۋاتقان ئىجدىمايى ئەخلاق سورۇنى. مەسىلەن مىسرانىم مۇنبىرىمۇ ئەزا سانى 100 مىڭغا يىتىپ قالغان ، جوڭگو ئاز سانلىق مىللەت تورچىلىغىدىكى ئەڭ چوڭ تور بىكەتلىرىنىڭ بىرى. بولۇپمۇ مۇنبەرنىڭ ئاۋام پۇقرانى ئىجدىمايى ئەخلاق قۇرۇلىشى ۋە ساپا مەدىنىيىتىدە يىتەكلەش رولى ئىنتايىن زور بولۇۋاتىدۇ، بۇنىڭغا ئەگىشىپ تور ئابونتلىرىنىڭ، شۇنداقلا مىسرانىم ئەزالىرىنىڭ نەزەر دائىرىسى ۋە ساپاسىمۇ كۈندىن كۈنگە ئىشىپ بارماقتا. ھەم بۇ ئاساستا كەڭ تورداشلارنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنمۇ داۋاملىق ئاكتىپ ھالدا توردىن ئىبارەت بۇ 3- دەرىسخانىدىن تىخىمۇ ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشىنى، شەخسى غەرەز، چەكتىن ئاشقان سوبىكتىپ ئىدىيە ۋە شەخىسنىڭ ئىناۋىتىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان سۆز ئىبارىلەردىن ساقلىنىشىنى، بىرىنى تور موللىسى دەپ يەنە بىرىنى تور زىيالىسى دەپ ئاق تاغلىق، قارا تاغلىق بولۇپ تىل ئۇرۇشى قىلىپ پاكىزە ئازادە تور مۇھىتىغا نۇقسان يەتكۈزىشىدىن ساقلىنىشىنى، ئۆز ئارا چۈشۈنۈش ھاسىل قىلىشىش ئاساسىدا ئىلمى مۇنازىرىلەرنى كۆپرەك ئىلىپ بىرىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن. شۇنداقلا بولىدىكەن تور موللىسىدىن ئىبارەت بۇ سەلبى سۆزلۈكنىڭ ئۇزۇنغا قالماي ئىجابى ئىبارىگە ئۆزگىرىدىغانلىغىغا ئىشىنىمەن. مەنبە: توشىبا ماركىلىق كومپۇتىرىمنىڭ كۇنۇپكا تاختىلىرى.
9 a9 v/ h3 d! W1 L; N) h. p مەنبە:http://bbs.misranim.com/read.php?tid=64738 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا قاشتېشى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-11-27 07:18
7 W* W% q( T7 q, z5 q% q8 U* n& k: y' T$ ~
دىتال
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |