مائارىپ
نېمە ئۈچۈن ئىنسانلارلا گەپ قىلىپ، ئىنسانلارغا ئەڭ يېقىن بولغان قارا ئورانگۇتان گەپ قىلالمايدۇ؟ ئامېرىكىلىق تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە، بۇنىڭدىكى سەۋەب دەل گېن foxp2دا بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. ئىنسانلار بىلەن قارا ئورانگۇتاننىڭ بۇنداق گېنىدا پەقەت كىچىككىنە ئىككى ئوخشاشماسلىق بولسىمۇ، بىراق شۇ سەۋەبتىن ئىنسانلارغا ئۆزگىچە تىل ئىقتىدارى ئاتا قىلىنغان ئىكەن. foxp2 گېنى ئىنسانلارنىڭ تىل ئىقتىدارى شەكىللىنىش جەريانىدا يادرولۇق رول ئوينايدىكەن. بۇ گېن بىر خىل ئالاھىدە ئاقسىلنىڭ سېنتىزلىنىشىغا يېتەكچىلىك قىلىدىكەن. بۇنداق ئاقسىل يەنە dna(ئوكسىگېنسىزلانغان رىبو يادرو كىسلاتاسى) بىلەن بىرىكىپ، باشقا گېنلارنىڭ ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدىكەن. بۇنداق تەسىرگە ئۇچرىغان گېنلارنىڭ بەزىلىرى چوڭ مېڭىنىڭ يېتىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، foxp2 گېنى ئۇلار ئارقىلىق چوڭ مېڭىدىكى تىل ئىقتىدارى رايونى ۋە نېرۋا تورىغا تەسىر كۆرسىتىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، تەسىرگە ئۇچرىغان بەزى گېنلار كېكىردەك قىسمىدىكى يۇمشاق توقۇلمىلارنىڭ يېتىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، foxp2 گېنى ئۇلار ئارقىلىق تىل ئىقتىدارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئەزالارنىڭ قۇرۇلمىسىغا تەسىر كۆرسىتىدىكەن.
5 l; d6 V6 ^0 s% @9 u. ]9 lمەنبە:http://misranim.com/html/art/komputer/misranim_1120.html بۇ يازمىنى ئاخىرىدا قاشتېشى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-11-27 07:15 % G) f" D$ q. {: k) k, m$ d1 d
& Q" ]) y9 ?/ r# ~3 [" F" u& t8 v! i
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |