维吾尔教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: دەرىسلىك لاھىيسى
جەمئىي مىكروبلوگ 704 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 1953|ئىنكاس: 0

كىنوجۇڭگو مائارىپى ئەڭ ئەخلەت مائارىپيانفون

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

152

تېما

6

ئەگەشكۈچى

4015

جۇغلانما

تەجىربىلىك ئەزا

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

تۆھپە
749
تىللا
607
قىزغىنلىق
1199
تېما
152
يازما
232
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-26 23:21:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەۋەرجۇڭگو مائارىپى ئەڭ ئەخلەت مائارىپ
, |5 A# T% Z7 j9 mنۆۋەتتە ئالىي مەكتەپ سەبىي، پاك -غۇبارسىز، گۈزەل ياشلىق باھارنى خاراب قىلىپ، روھىي ئېنېرگىيەنى خورىتىپ، قان چىقارماي جان ئالىدىغان مەنىۋىي قاپقانغا ئايلانغان. ئىلىم خۇسۇسىي ھايات تەقدىرىنى ئۆزگەرتىشكە قادىر بولالمىغان، ئالىي مەكتەپ ئەمەلدارلىق سورۇنىغا، بازارغا، ئىشقىي-مۇھەببەت، نام - مەنپەئەت سورۇنىغا ئايلىنىپ قالغان. جۇڭگولۇقلارنىڭ مەنىۋىي ھايات تۇپرىقىنى پەرۋىش قىلىدىغان ئورۇن تۈرلۈك ساختىلىقلارنىڭ تەسىرىدە قورقۇنچلۇق بىر ئورۇنغان ئايلىنىپ قالغان.8 q6 n0 U+ O) a( E
   مۇدىر ئەمەلدارلاشقان، مەمۇرىي خادىملار دوسىت تارتىشقان، باھالاش ماغزاپلاشقان، قۇرۇلۇشلار مۇبالىغىلەشكەن، كىشىلىك مۇناسىۋەت قارىداپ كەتكەن ، نام - ئاتاق دەرىجىلەر چىرىكلەشكەن، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بازارلاشقان، كېڭەيتىش قارىغۇلارچە ئېلىپ بېرىلغان، دىپلوم پاخاللاشقان، مالىيە چىرىكلەشكەن ، نازارەت ئۈنۈمسىزلەشكەن، دەرس ئۆتۈش شەكىللەشكەن، ئىلىم دوگمىلاشقان، ئىلىم تەتقىقاتى بىرتەرەپلىمىلەشكەن، ساختىلاشقان، مەنىۋىيەت پۈچەكلەشكەن، ئەركەكلىك سۇسلاشقان، مەدەنىيەت رىياكارلاشقان، ئېتىقاد زەئىپلەشكەن، پىلان قېلىپلاشقان، دەرسلىك تەسىس قىلىش يۈزەكى، ئوقۇتۇش ئويۇن - تاماشىغا، ئىلىمگەر زاھىتقا، ئوقۇتقۇچى سېھرىگەرگە ئايلىنىپ ئوقۇغۇچىلار چۈشكۈنلىشىپ، مەكتەپ مۇھىتى بازارلىشىپ، كۆچۈرمىكەشلىك ئادەتلىشىپ، مۇھەببەت ئويۇنچۇقلىشىپ، پارتلاش دائىملىشىپ، پىسخىكا كىرىزىسلىشىپ …! P6 S5 J$ w1 P
   ئومۇمەن يىغىنچاقلىغاندا جامائەتنىڭ نەزەرىدىكى ئالىي مەكتەپنىڭ 30 خىل ئىللىتىنى يەكۈنلەشكە بولىدۇ.1 m# h0 P8 |/ l
   سەنشى ئۆلكىسى لىنشيەن ناھىيەسىدە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەزگىلىدە تورخانىلار مەجبۇرىي تاقالغان، تورخانىلار قېچىشقا جاي تاپالمىغان. خاڭجوۋدىكى بىر ئانا ئوغلىنىڭ ياخشى ئوقۇشى ئۈچۈن مىڭ يۈئەن ئىش ھەققى بەلگىلىگەن، ئوخشاشلا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىللىرى ئۈچۈن چىقىرىلىدىغان ھەپتىلىك زھۇرنالدا «ياخشى ئوقۇش مېنىڭ بېيىش يولۇم» ناملىق ئوبزور ئېلان قىلىنغان .* y! D( q0 O- ]; [4 p0 E( x
   «ئالىي مەكتەپكە كىرىش نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، ھاللىق - باياشات تۇرمۇشقا ئېرىشىشتىكى بىردىن-بىر چىقىش يولى » … دېگەندەك لوزۇنكىلار كىچىك شەھەرلەردىكى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتۇش بىنالىرىغا چاپلانغان .5 O% {9 R) d. P' \; Q& r
   خۇددى جەمئىيەت سىز ئۈچۈن قۇرۇلغان قىمارخانىدەك .
. z% \3 Q7 Q) U% Y2 H   سىز خۇشاللىقىڭىزنى، ئەركىنلىكىڭىزنى، ئارزۇ- غايىلىرىڭىزنى، ساپ - ھالال تەرىڭىزنى سەرپ قىلغان تەقدىردىمۇ ئېرىشىدىغىنىڭىز بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كۇرسى چۈشۈپ، چوشقا گۆشى سېتىشىدەك ئېچىنىشلىق يەكۈنىدۇر .+ s. ?6 I- T3 B+ `. g
   جۇڭگودىكى ئالىي مەكتەپلەردە مۇنداق بىر قارا يۇمۇر تارقالغان :, n) w, C1 H2 o
   كىشىلىك ھاياتتىكى ئەگرى-توقايلىقلاردا ئادەم چىدامچان بولغانسېرى ھاياتنىڭ قىممىتى ئاشىدۇ، ئەگرى-توقايلىقلار بىلىنگەنسېرى ئۇنىڭدا ماڭىدىغانلار كۆپىيىدۇ، سىز بۇ ئەگرى-توقايلىقلارنىڭ خەتىرىنى چۈشەنگەنسېرى تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ كىرىسىز .
4 o: F# l6 K" @   ھەممە بىردەك بۇ ئەگرى-توقايلىقلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرغۇچىسى، قاتناشقۇچىسى، زىيانلانغۇچىسى بولغاچقا «ھەر كاللىغا بىر خىيال » دەپ ئېيتىلغان .5 s) z! J6 Z9 w1 ]
   ئالىي مەكتەپ نام-مەنپەئەت، شان-شۆھرەت ئۇۋىسىغا ئايلانغان، چۈنكى بىز ھەممە ئارزۇ-ئۈمىدلىرىمىزنى ئۇنىڭغا باغلىغان .; @7 O$ T; V" M+ Q' R1 s4 W! P/ W
   نېمىشقا ئالىي مەكتەپ تەقدىرىمىزنى ئۆزگەرتەلمىدى ؟
7 T! t5 J2 [1 r1 z! ~- C8 s   «ھەممەيلەن ئىلىم – بىلىم تەقدىرنى ئۆزگەرتىدۇ دەيمىز؛ مەن كۆپ ئوقۇغان، ئەمما تەقدىرىم ھېچبىر ئۆزگەرمىدى».
. V! V" E% f) G0 l  r: N7 q4 Sبۇ سۆزنى 2009-يىل شاڭخەي دېڭىز ئىشلىرى ئۇنىۋېرستېتى قانۇن فاكۇلتېتىنىڭ ئاسپىرانتى يۈئەن يۈئەن ئۆلۈۋېلىش ئالدىدا ئېيتقان.% m! T/ x: c7 _; M: c4 [, N; ~- p2 R! }
«يېيل تەقدىرىمنى ئۆزگەرتتى »
7 ^+ X3 D1 n' V' K: i) t$ \" c$ X   بۇ سۆزنى 2009- يىلى يېيلنى پۈتتۈرگەن جۇڭگولۇق جاڭ لېينىڭ ئوچۇق – ئاشكارە ئېيتقان. ئۇ يېيلغا 8 مىليون 888 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ئىئانە قىلماقچى بولغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئۇ يېيل ئۇنىۋېرسىتېتى باشقۇرۇش ئىنستۇتىغا ئەڭ كۆپ پۇل ئىئانە قىلغان كىشى ئىكەن.1 a8 d0 h) l8 w/ G' ]! z
   ئومۇمەن: يۇقىرىقى ئىككى ئىش بىر خىل تەقدىر-قىسمەت .. n) }8 \) e; @6 U! a" J
   يۈئەن يۈئەننىڭ سۆزى ئاممىنىڭ دىققىتىنى مائارىپقا بۇرىدى. جاڭ لېي نېمىشقا جۇڭگودىكى ئانا مەكتىپىگە پۇل ئىنانە قىلمايدۇ؟ بىر تورداش ئۇنىڭ ئورنىدا بۇ مەسىلىنى مۇنداق چۈشەندۈردى : يېيلغا ئىئانە بېرىش مۇئەييەنلەشتۈرگىلى بولىدىغان بىرخىل قىممەتنى گەۋدىلەندۈرىدۇ، ئەمما دۆلەت ئىچىدە ئىئانە بېرىش مۇئەييەنلەشتۈرىلىدىغان بىرخىل مەنىسىز قىممەتنى گەۋدىلەندۈرىدۇ .4 u, j* c$ t* i/ }5 a
   2009- يىلى چوڭچىڭدا بىرمۇنچە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىللىرى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىشنى رەت قىلغان .
5 U2 ~7 p- U) K7 I0 [   خۇبېي ئۆلكىسىدە 26 مىڭ نەپەر ئوقۇغۇچى ئىمتىھان بېرىشتىن ۋاز كەچكەن .
/ k* \( ]3 i0 ^" n1 @   2010- يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتقانلار 2009 - يىلىدىكىگە قارىغاندا 65 مىڭ نەپەر ئازلىغان .+ `$ S7 S) z4 l( v$ o
   يېڭىچە «ئوقۇغاننىڭ پايدىسى يوق نەزىرىيىسى » باش كۆتۈرۈۋاتقان پەيتتە جۇڭگو ياشلىرى گېزىتىدە بىر كىچىك ھېكايە ئېلان قىلىندى ." `" Z7 W' Q5 H  l" H# h' W
   ھېكايىدە بىر نەۋرە ئاكا – ئۇكىلار تىلغا ئېلىنغان، ئۇكىسى رېمونىتچىلىق قىلىپ ئېيىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 2500 يۈئەن كىرىم قىلغان، ئاكىسى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگىلى بىر يىل بولغان بولسىمۇ تېخىچە خىزمەت تاپالمىغان. رېمونتچى ئىنىسىغا بۇ ئىش بەكمۇ ھار كېلىپ «ئالىي مەكتەپتە ئوقۇپ قالمىغىنىمغا يۈزمىڭ شۈكرى» دېگەن. نېمىشقا ئالىي مەكتەپ تەقدىرىمىزنى ئۆزگەرتەلمىدى ؟ ئېھتىمال، بىز بىلەن ئالىي مەكتەپ ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكتىن بولسا كېرەك .  D  d+ \; ], H' i6 Y6 S' @
   قەدىمقى زاماندا ئارىدىكىسى ئائىلىۋىي مۇناسىۋەت بولۇپ، «بېقىپ تەربىيەلىمىسە ئاتىدىن، تەربىيەلىيەلمىسە ئۇستازدىن» ئىدى .1 I0 _& W9 c, `
   1919 - يىلدىن كېيىن، سەييۈئەن مەدرىسلەرنى ئۆزگەرتىپ ھازىرقى زامانغا لايىق ئۇنىۋېرسىتېتقا ئايلاندۇرغاندا، مەكتەپ ئىختىيارى باشقۇرۇلاتتى ، ئوقۇغۇچىلار ئەركىن – ئازادە بولۇپ، ئارىدىكىسى دوستلۇق مۇناسىۋەت ئىدى .
2 E$ ~7 Q5 @$ g6 `& W   1952-يىلدىن كېيىن جۇڭگودىكى ئالىي مەكتەپلەر سىتالىن ئەندىزىسى بويىچە يول تۇتتى، بۇ مەكتەپلەر ئەمەلىيەتتە كەسپىي تېخنىكا مەكتەپلىرى بولۇپ ، جەمئىيەتكە مۇلازىمەت قىلىدىغان ۋېنتىنى شەكىللەندۈردى، ئارىدىكىسى خىزمەتداشلىق مۇناسىۋىتى ئىدى .! e2 X! q! `% f! _% C
   1977-يىلى تاقالقىنىغا 11 يىل بولغان ئالىي مەكتەپ دەرۋازىسى قايتىدىن ئېچىلدى، ئالىي مەكتەپلەر ئەڭ غايىلىك ئىخلاسمەنلەرگە ئېرىشتى، ئارىدىكىسى مېھر-مۇھەببەت مۇناسىۋىتى ئىدى .$ Q: d% g$ v. M* y2 H: U' ]) \
   2010- يىلىغا كەلگەندە ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا گدپ ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، مەكتەپ ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشلىرى تەرەققىي قىلدۇرۇلدى، ئارىدا ئاللىبۇرۇن سودا مۇناسىۋىتى شەكىللىنىپ بولغان ئىدى .
4 ?' q" E  A& p! t! ]   نۆۋەتتە بىز بىلەن ئالىي مەكتەپ ئارىسىدىكى ئاتا - بالىلارچە يېقىن مەنىۋىيەت چەمبىرىكى يوقالغان بولۇپ، ئارىدىكىسى قىسقا مەزگىللىك ئېھتىياجنى قاندۇرۇش مۇناسىۋىتى ئىدى .1 Y& o/ C9 r* C
   جياڭسۇ ئۆلكىسى ئون يىلدا ئالىي مەكتەپ ئىمتھان لايىھەسىنى بەش قېتىم ئالماشتۇردى، 500 مىڭ ئوقۇغۇچىنىڭ تەقدىرى بەش قېتىم سىناققا دۇچ كەلدى .* d& Z' Q$ ]; o! i- a
   «2010 - يىللىق ئىشقا ئورۇنلىشىش» ناملىق كۆك تاشلىق كىتابتا كۆرسىتىلىشىچە، 2-3 يىل ئىلگىرى قىزىق نۇقتا بولۇپ قالغان كەسىپلەر كۆزنى يۇمۇپ - ئاچقىچە ئىشسىزلىق قىزىق نۇقتىسىغا ئايلىنىپ قالغان، بولۇپمۇ قانۇن، كومپيۇتېر، ئىنگلىز تىلى، خەلقئارا سودا، سودا-سانائەتنى باشقۇرۇش قاتارلىق كەسىپلەر 2007- يىلدىن 2009-يىلغىچە ئۇدا ئۈچ قېتىم ئىشسىزلار سانى ئەڭ كۆپ كەسىپلەر بولۇپ قالغان. بەلكىم بۇ پۈتۈنلەي مەملىكىتىمىزدىكى «مۇستەقىل پىكىر قىلالايدىغان زىيالىلار قاتلىمى»نىڭ ناھايىتى كەمچىللىكىدىن بولسا كېرەك .- O1 i# m# y- l% V% p
   بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، چىڭخۇئا ئۇنىۋېرسىتېتلىرى ئاسىيادىكى ئون داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېت قاتارىغا كىرەلمىدى، سىتانفورد ئۇنىۋېرسىتېتى مەكتەپ مۇدىرىنىڭ قارىشىچە، جۇڭگونىڭ دۇنياۋىي ئىلغار سەۋىيەدىكى ئۇنىۋېرسىتېت قۇرۇپ چىقىشى ئۈچۈن ئەڭ تېز بولغاندىمۇ 20 يىل ۋاقىت كېتىدىكەن، بۇ تېخى سەل تەكەللۇپ بىلەن ئېيتىلغان گەپ.
2 [# j, c" k% m0 t0 U. R, v0 \- O   يېيل ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى شېمت يېيل ئۇنىۋېرسىتېتى گېزىتىدە جۇڭگودىكى ئالىي مەكتەپلەرنى ئاشكارە تەنقىد قىلىپ، «ئۇلارنىڭ نەزەرىدە جەمئىيەت ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغىنى پەقەتلا دەرسلىك كۆپ بولۇش، ئوقۇتقۇچى كۆپ بولۇش، ئوقۇغۇچى كۆپ بولۇش، ياتاق كۆپ بولۇش ئىكەن» دەپ يازغان. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئالىي مەكتەپ ئەسلىدە «ئەركىن پىكىر - تەپەككۇر قىلىدىغان، شۇنداقلا ئۇنى ئاخىرىغىچە ئىپادىلەيدىغان غايىلىكلەرنى ئاپىرىدە قىلىشى كېرەك ئىدى، ئەڭ يامان بولغىنى جۇڭگودا غايە قىلىنغىنى - ئارزۇ قىلىنغىنى ئەنە شۇنداق ماكان»." y  m# U, h* Q4 s0 Y4 c( k
   نۆۋەتتە ئالىي مەكتەپتە غايە - ئېتىقاد، مۇستەقىل روھ يوقالغان، پىداكارلىق روھىنى يېتىلدۈرۈش ئىقتىدارىمۇ يوقالغان بولۇپ، بېيجىڭدا ئەسەبىيلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى 100 مىڭدىن ئاز ئەمەس، ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، چۈشكۈنلىشىپ، ئۆيدە بىكار ئولتۇرۇپ، ئاتا - ئانىغا تېخى يۈز كېلەلمەي …  n0 S7 p3 g) T+ Z
   «جۇڭگو ياشلىرى گېزىتى»نىڭ ئون مىڭ كىشى قاتناشقان بىر قېتىملىق تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، 34% كىشى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغانغا پۇشايمان قىلغان، 51% كىشى «ئالىي مەكتەپتە پايدىلانغىدەك نەرسىدىن ھېچنېمىنى ئۆگىنەلمىدىم» دەپ قارىغان .
" }; v. H8 ?, {- y& ~" t# P7 c8 _   ئېھتىمال، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى سۇ يۈزىدىكى ماغزاپتەك بىر خىل مەھسۇلات بولۇشى مۇمكىن، ھاياتنىڭ ئەڭ گۈزەل پەسلىدە ئۇلار ئالىي مەكتەپكە كىردى، ئىمتىھان بېرىشنى ئۆگەندى، ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، خىزمەت تېپىش ئۈچۈن دىپلوم كۆتۈرۈپ قاتراپ يۈردى …
; {: r2 J! s1 |& @2 P: D+ h   ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر بىلەن ئالىي مەكتەپلەر ھەمكارلىشىپ بىرخىل ئاقما قورالنى بەرپا قىلدى، ئەڭ ئاخىرىدا بۇ قورال ئۆزىنىڭ 18 يىل ۋاقتىنى سەرپ قىلىپ پۈتۈنلەي كېرەكسىز نەرسىلەرنى ئۆگەنگەنلىكىنى بايقىدى .% p3 k, D$ }9 q0 d% `& r/ i& G
   نۆۋەتتە ئالىي مەكتەپ ئىختىساسلىقلار مائارىپىنى سىفىرلاشتۇرغان، تەقدىرنى ئۆزگەرتىشتەك سېھرىي كۈچىنى يوقاتقان —- بىلىم ئىقتىدارنى نومۇرلاشتۇرۇپ، كىشىلىك سالاھىيەتنىمۇ، ئەخلاقنىمۇ گۇۋاھنامىلەشتۈرگەن .; C# O- j2 H  m/ P0 E
   شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەرگە كەسپىي نەتىجە تىزىملىكى، ئىقتىدار گۇۋاھنامىسى، لاياقەتلىك گۇۋاھنامىسى قاتارلىق ئۈچ خىل گۇۋاھنامە تارقاتقان.  ئىزدە

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

你可以通过手机识别二维码访问本帖
   مەزكۈر ئەسەرنى يۇقىرقى كود ئارقىلىق ئۈندىدارغاقۇشىۋېلىڭ[教程]
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



يانفۇندا كۈرۈڭ

كودنى يانفۇنىڭىزدا سىكانىرلاپ چۈشۈرۈڭ