ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 873 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 2910|ئىنكاس: 2

دەرىس ئوقۇتقۇچى بالىڭىزنى ئۇرۇپتۇمۇ؟mp3

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

448

تېما

478

يازما

8606

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
2629 سەر
تۆھپە
1626 سەر
تىللا
1229 دانە
جەۋھەر
3 دانە
ئۇيغۇر
0 o# x4 S) S+ l8 d/ F% ]ئوقۇتقۇچى بالىڭىزنى ئۇرۇپتۇمۇ؟

; r5 |  _) f5 Y, pئوقۇتقۇچى بالىڭىزنى ئۇرۇپتىمۇ؟ ئۇنداقتا سىز ئوقۇتقۇچىغا قانداق مۇئامىلىدە بولدىڭىز؟ بالىڭىز يىغلاپ كېلىپ ئەھۋالنى دىگەندىن كېيىن ئاچچىغىڭىزغا ھاي بېرەلمەي، مەكتەپكە بېرىپ، ھېلىقى ئوقۇتقۇچىنى تېپىپ، ياقىلىرىنى يىرتىپ، كىتاپ-ماتىرياللىرىنى چېچىپ تامغا نەچچىنى ئۈستۈرۈپ ئۆچىڭىزنى راسا ئالغانسىز ھەقاچان. بىچارە ئوقۇتقۇچى قول ياندۇرۇش تۈگۈل بوكۇسچىنىڭ سامان تىققان تاغىرىدەك تۇرۇپ بەرگەندۇ؟ نىمە سىزئۇنداق قىلمىدىڭىزما؟
/ a3 ^0 B* M( q; l# h6 T0 o7 Jھەقاچان سىلەرنىڭ ئۇ يۇرۇتلار تەرەققى قىلغان، ئادەملىرى ئاڭلىق يۇرت بولغاچقا ئۇ يەرلەردە ئۇنداق ئىش يوق ئوخشايدۇ. بىزنىڭ بۇ يەردە بولسا ئوقۇغۇچىنى ئۇرۇپ قويغان مۇئەللىمنى ئوقۇغۇچىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر قوغلاپ يۈرۈپ ئۇرغانلىقىنى قەدەمدە ئاڭلاپ تۇرىمىز. ھەم مۇئەللىم بالىمىزنى ئۇرۇش تۈگۈل، قاتتىقراق گەپ قىلىپ قويسىمۇ جەددى جەمەتىمىز بويىچە يىغىلىپ بېرىپ بالىمىزغا قاتتىق گەپ قىلغان مۇئەللىمنى تازائۇرۇپ ئىچ پۇشۇقىمىزنى چىقىرىدىغان ئىشلار مودا بولۇپ كەتتى.
) ]  y$ a7 t& Yئەگەر سىزبالىڭىزنى ئۇرغان ھېلىقى مۇئەللىمنى مەكتەپكە ئىزدەپ بارماي، بالىڭىزغا ئوقۇتقۇچىنىڭ سۆزلىرىنى ياخشى ئاڭلاش لازىملىقى توغرىسىدا تەربىيە ئىشلىگەن بولسىڭىز، ياخشى قىلىپسىز. سىزنىڭ ھەقىقەتەن ئەقلىڭىز بار ئىكەن. سىزگە بارىكاللا!
7 d5 ?; h3 t+ R$ ~  ~/ T4 Cبىزئاتا-ئانىلارنىڭ مەكتەپكە بېرىپ بالىسى توغرىلىق ئوقۇتقۇچىلار بىلەن جىدەللەشكەنلىكىنى دائىم ئاڭلاپ تۇرىمىز. گېزىت ژورناللاردىنمۇ كۆرىمىز. بۇ ھەقتە ئەلكۈيى تورىدىمۇ Esir دىگەن تورداشنىڭ « ئوقۇتقۇچىنىڭ ھامىيسى كىم»دىگەن يازمىسى ئېلان قىلىنىپ، كۆپ غۇل-غۇلا قوزغىدى.
/ o# g5 ]$ T" k3 T$ eئاتا-ئانىلارنىڭ بالىسىنى ئۇرغان، قوپال مۇئامىلىدە بولغان ئوقۇتقۇچىلار بىلەن جىدەل قىلىشى قارىماققا توغرىدەك، ئۆز بالىسىغا كۆيۈنگەندەك تەسىر بەرسىمۇ لېكىن بۇنداق پۇزۇتسىيە تۈپتىن خاتا پۇزۇتسىيە بولۇپ، بالىغا نىسپەتەن ئورنىنى تولدۇرىۋالغۇسىز زىيانلارنى ئېلىپ كېلىدۇ.
" {3 `' e* b( U. lچۈنكى، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا تەن جازاسى بېرىشى خاتا، مەركەز ۋە ئاپتونۇم رايۇنمۇ بۇ نۇقتىنى تەكىتلەۋاتىدۇ. ئەمما ھىچقاچان بىر ئوقۇتقۇچى بىر ئوقۇغۇچىنى سەۋەپسىز ئۇرمايدۇ. ئۇرمىسىمۇ بولىدىغان، پەقەت تەربىيە ئارقىلىق ياخشىلىنىپ كېتىدىغان مەسىلىلەردە ئوقۇغۇچىغا تەن جازاسى بېرىدىغان ناچار ئۇسۇلنى قوللانمايدۇ. تەن جازاسى بەرگەندە ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىنى ھىچقاچان دۇشمەنلىك، زەھەرخەندىلىك نەزىرى بىلەن ئۇرمايدۇ. پەقەت ئوقۇغۇچىغا نىسپەتەن ياخشى بولسۇن، ئىبرەت ئالسۇن، بۇندىن كېيىن بۇنداق ئىشلارنى قىلمىسۇن دىگەن نەزەردە ئۇرىدۇ. مەخسىتى تامامەن جازا بېرىلگەن ئوقۇغۇچىنى يامان يولدىن قايتۇرىۋېلىش بولۇپ، تىگى- تەكتىدىن ئالغاندا ئەقۇغۇچىغا كۆيۈنۈپ شۇنداق قىلىدۇ. پەقەت ئۇسۇل جەھەتتە تەن جازاسىدىن ئىبارەت قوپال ئۇسۇلنى قوللۇنىدۇ. خاتالىق دىسە مانا مۇشۇ تەن جازاسى بېرىش ئۇسۇلىنى خاتالىق دىسەبولىدۇ. لېكىن، بۇ ئىشتا ئوقۇتقۇچىنىڭ خاتالىقىدىن كۆيۈنىشى موھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.بەلكىم ئۇ ئوقۇغۇچىغا بىرنەچچە قېتىم چىرايلىق تەربىيە ئىشلەپ، ئاڭلىمىسا يەنە قايتا-قايتا تەربىيە ئىشلەپمۇ ئاڭلىتالماي، ئاندىن ئوقۇغۇچىغا تەن جازاسى بېرىشكە مەجبۇربولغان بولۇشى مۈمكىن. ئوبدان ئويلاپ بېقىڭ. ئوقۇتقۇچى بالىڭىزنى ياخشى ئادەم بولسۇن دەپ ئۇرسا، بالىڭىزنىڭ يىغلاپ تۇرۇپ مۇئەللىم ئۇردى دىگەن بىر مۇنچە يالغان ياۋىداق گەپلىرىگە ئىشەنسىڭىز، ئەھۋالنىڭ نەدىن نەگىچە ئىكەنلىكىنى ئاڭقارمايلا مۇئەللىم بىلەن جىدەل قىلسىڭىز، بۇ يەردىكى خاتالىق كىمدە بولىدۇ؟ بالىڭىزنىڭ يامان يولدا داۋاملىق مېڭىۋېرىشىنى قوللىغان بولۇپ قالمامسىز؟ سىز «بالامنى ئۇرغۇچە چىرايلىق تەربىيە بەرسە بولمامدۇ؟» دەيسىز، بالىڭىزغا نەچچە مىڭ قېتىم، قانچە-قانچىلاپ، زىرىكمەي –تىرىكمەي تەربىيە بەرگەندە سىز بارمىتىڭىز؟ ياكى بالىڭىزنىڭ بىرەر ساۋاقدىشىدىن مۇئەللىمنىڭ نىمە ئۈچۈن ئۇرغانلىقىنى سوغۇق قانلىق بىلەن ئەستايىدىل سوراپ باقتىڭىزمۇ؟ سىزنىڭ ئاچچىقىڭىز يامانكەن، ناھاقچىلىققا زادىلاچىداپ تۇرالمايدىكەنسىز، خوپ. مۇئەللىم بىلەن ئۇرۇشتۇڭىز، ھەتتا ئۇردىڭىز، بىچارە مۇئەللىم سىزگە قول ياندۇرمىدى. سىز غالىپ ھىسسىيات بىلەن ئۆيگە قايتىپ كېلىپ تازا پۇخادىن چىقتىڭىز. ئەمما ئەتىسى بالىڭىز يەنە مەكتەپكە بارار؟ نىمە قىلالايىتتى دەمسىز؟ مەن سىزگە دەپ بېرەي. مۇئەللىم بالىڭىزنى ھىچنىمە قىلمايدۇ. ياخشى ئادەم بولۇڭ دىمەيدۇ. كېچىكتىڭ دىمەيدۇ. ئىنتىزام بۇزدۇڭ دىمەيدۇ. تاپشۇرۇق ئىشلىمىدىڭ دىمەيدۇ. بالىلار بىلەن ئۇرۇشماڭ، ئىتتىپاق ئۆتۈڭ دىمەيدۇ. قىسقىسى بالىڭىز بىلەن كارى بولمايدۇ. خوش، قېنى قايسىسىغا تۇرىسىز؟ مۇئەللىمنىڭ بالىڭىزنى ئۇرۇشىغىمۇ ياكى بالىڭىزنى ئۇرغان مۇئەللىم بىلەن ئۇرۇشۇشقىمۇ؟ بالىڭىز مەكتەپ پۇتتۈرگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ياخشى ئادەم بولمىغانلىقىنى بايقىسىڭىز، ياخشىراق مۇئەللىمنى تېپىپ قايتا تەربىيەلەمسىز-يا؟ بىلىۋېلىڭ. جاھاندا ئىككىنچى قېتىم قايتا ئېلىپ بارغىلى بولمايدىغان بىر ئىش بار. ئۇ بولسىمۇ – بالا تەربىيەسى!
& ]  A, Y1 H) d" `) S% n: [) H: I: e9 V5 J+ I
شۇڭا، ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىسىنى ئۇرغان، قوپال مۇئامىلىدە بولغان ئوقۇتقۇچىلار بىلەن جىدەل قىلىشىدىن ئىبارەت بۇنداق ساختا كۆيۇمچانلىق تۈپتىن خاتا بولۇپ، ئۆز بالىسىغا ئۆزى زىيانكەشلىك قىلىش خارەكتىرىدىكى4 q, [6 q/ L4 o) x$ L1 @8 e! E  I
تەتۈرلۈك بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.
$ `* M/ [; u) M; Q: [

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

658

تېما

1153

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
9198 سەر
تۆھپە
2742 سەر
تىللا
6072 دانە
جەۋھەر
17 دانە
ۋاقتى: 2011-9-26 16:35:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈزىڭىز يازغانمۇ
ۋەكىلىنى تاللاش ھوقۇقى بولمىغان مىللەتنىڭ ۋەكىللەردىن ئۈمىد كۈتىشى بىمەنىلىكتۇر

42

تېما

104

يازما

3048

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
1014 سەر
تۆھپە
515 سەر
تىللا
386 دانە
جەۋھەر
3 دانە

ئاكتىپ يىڭى ئەزائاۋانگارت ئوردېنىقىزغىن ئەزا كىڭەيتىش ماھىرىنامسىز ئوردېنىتەشۋىقات ماھىرى

ۋاقتى: 2011-10-18 10:48:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنغۇ ئوقوغۇچى ئۇرۇپ سىلىشتىن قورقىمەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗