ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 873 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 2246|ئىنكاس: 2

80-يىللاردىن باشلانغان چەرچەن ناھيىسى تەۋەس ...mp3

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

448

تېما

478

يازما

8606

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
2629 سەر
تۆھپە
1626 سەر
تىللا
1229 دانە
جەۋھەر
3 دانە
مائارىپ adfaa153c0138a3caac5ba7a5e0f9c8d.jpg ) c# |0 {* B! K9 ?/ U+ }- H5 L

. n, ]+ q0 q; v1 w& P80-يىللاردىن باشلانغان چەرچەن ناھيىسى تەۋەسىدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىق نۇقتىلىرىنى قايتىدىن بېكىتىش ئارخېئولوگىيىلىك چارلاپ تەكشۈرۈش-قېزىش ئىشلىرىدا بىر قىسىم نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، قەدىمقى چەرچەننىڭ قۇم ئاستىدا كۆمۈلۈپ ياتقان قەدىمقى مەدەنىيىتى قىسمەن بولسىمۇ خەلقى ئالەمگە ئاشكارا بولدى.) @( C* k+ P) y& `, ~- {, M' R2 l" {
زاغۇنلۇق قەدىمقى قەبرىستانلىقى-ناھىيىمىزنىڭ توغراقلىق يېزىسىدىكى زاغۇنلۇق كەنتىنىڭ ئىككى كىلومېتىر غەربىگە، يەنى بوستانلىقنىڭ ياقىسىدىكى قۇملۇققا جايلاشقان. ئورنى چەرچەن ناھىيە بازىرىغا ئالتە كىلومېتىر، چەرچەن دەرياسىدىن غەربكە ئون كىلومېتىر كېلىدىغان تۈپۈلۈككە جايلاشقان. قەبرىستانلىقنىڭ شەرقى قەدىمىي دەريا ئېقىنىغا يېقىن بولغاچقا ئەتراپتىكى يەر يۈزىدىن بىر قەدەر ئېگىز، چەرچەنلىكلەر بۇ جاينى «تۇزلۇققاش» دەپ ئاتايدۇ. قەبرىلەر تۆپۈلۈكنىڭ ئۈستىگە جايلاشقان بولۇپ، شالاڭ، زىچلىقى تەكشى ئەمەس. كۆلىمى تەخمىنەن 35 مىڭ كۋادرات مېتىر كېلىدۇ.
$ C) L) @/ k+ n/ r$ ?بىر قىسىم مەلۇماتلاردىن قارىغاندا ئىلگىرى زاغۇنلۇق كەنتى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى قەبرىلەر توپىنى بەزى ئادەملەرنىڭ ئىزچىل تۈردە ئوغۇرلۇقچە قېزىش ئەھۋاللىرى داۋاملىق يۈز بېرىپ كەلگەن. قەبرىلەر توپى داۋاملىق ئوغرىلىنىشقا دۇچ كەلگەچكە ناھايىتى ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان. تارىخىي مەلۇماتلار ۋە بىر قىسىم ئېكىسپىدىتچىلەرنىڭ ئۇچۇرلىرىغا ئاساسلانغاندا ھازىرقى زاغۇنلۇق دېيىلىۋاتقان بۇ جايدىن تەخمىنەن بىر كىلومېتىر كېلىدىغان جايدىكى «لەلىلىك» (لەمپىلىك دەپمۇ ئاتىلىدۇ) دەپ ئاتىلىۋاتقان جايدا روشەن ھالدا قەدىمقى ئولتۇراق ئۆي، مۇنار، شەھەر سېپىللىرى بار بولۇپ، كۆجۈم شەھەر مەنزىرىسىنى قىياس قىلىشقا بولىدىكەندۇق. ئەپسۇسكى، ئۇزاق تارىخقا ئىگە بۇ قەدىمى شەھەر ئورنى نامەلۇم «بايلىق قازغۇچىلار» نىڭ زور كۆلەملىك قالايمىقان قېزىشى، تەبىئىي ئاپەت يەنى قۇم بوران ئاپىتى تۈپەيلىدىن يىلمۇ-يىل بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراش خەۋىپىگە دۇچ كەلگەن. يەرلىك ئاھالىلارنىڭ ئېيتىشىچە: زاغۇنلۇق قەدىمقى قەبرىستانلىقى ۋە لەلىلىك خارابىسىدا ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق ئەڭ زور بولغان بۇزغۇنچىلىق خاراكتىردىكى قەدىمقى قەبرە ۋە ئۆي-ئىمارەتلەرنى بۇزۇپ ئېسىل بويۇملارنى ئوغۇرلاش قىلمىشى 1947-يىللىرى يۈز بەرگەن بولۇپ، بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ «بايلىق ئىزدەش» تەتۈر تەشۋىقاتى تۈپەيلىدىن پۈتۈن ناھىيە خەلقى قوزغىلىپ، زاغۇنلۇق قەبرىستانلىققا كۆچۈپ چىقىپ، ئىزچىل تۈردە قەبرە قېزىش، بۇزۇش، كولاش ئىشلىرىنى ئېلىپ بارغان. بۇ قېتىملىق بالايى ئاپەتلىك بۇزغۇنچىلىق ھەركىتىدە نەچچە مىڭ يىللاردىن بېرى بېجىرىم ساقلانغان پۈتكۈل قەبرىلەر ئاساسى جەھەتتىن ئېچىۋېتىلىگەن، جەسەتلەر پارچە-پارچە قىلىۋىتىلگەن، قىممەتلىك ساپال قاچىلار چېقىۋىتىلگەن، باشقا قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىق بويۇملىرى قالايمىقان بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنغان. بۇزۇش، كولاش ئىشلىرى ئەۋجىگە كۆتۈرۈلگەن. بۇ قېتىمقى زور كۆلەملىك بۇزغۇنچىلىق ھەرىكىتى 3-4 ئاي داۋاملاشقان. ئۇندىن باشقا يەرلىك ئاھالىلارنىڭ داۋاملىق تۈردە بۇ رايوندىكى خارابىلار ۋە قەبرىلەرنىڭ ئۇستىدىكى يۇلغۇنلارنى چېپىش، تۇز كولاش. قەدىمقى ئولتۇراق ئۆي ئورونلىرىنى قالايمىقان كولاش، تاملىرىنى يىقىتىش، قەبرىلەرگە يېپىلغان ياغاچلارنى ئوغۇرلاش، قەبرە ئۈستىگە ياپقان قۇمۇش-يىكەنلەرنى ئېلىپ كېتىپ ئوغۇت ئورنىدا ئىشلىتىش، قەبرىلەرنىڭ ئاغزىنى ئېچىپ جەسەتلەرنى پارچىلاش، ھەر خىل ساپال قاچىلارنى ئۇرۇپ چېقىش، ئېسىل مەدەنىيەت بۇيۇملىرىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلش قاتارلىق ئىشلىرى ئىزچىل داۋاملاشقان، قەبرىلەر بۇزۇپ تاشلانغان. 1985-يىلدىن بۇيانقى ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش مەلۇماتىدىن قارىغاندا، بۇ رايوندىكى قەبرىلەرنىڭ %95 دىن ئارتۇقراقى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان.( i- O& x& T; Q% w
1985-يىلدىن 1996-يىلغىچە بۇ رايوندىكى ئارخېئولوگىيىلىك چارلاپ تەكشۈرۈش-قۇتقۇزۇش خارەكتىرلىك قېزىش جەريانىدا ئىلگىرى كىشىلەر تەرىپىدىن زور دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقان بولسىمۇ، قەبرە شەكلى دەپ پەرەز قىلىنغان 169 قەبرە قېزىلىپ، ئۇنىڭدىكى ساقلىنىپ قالغان ئاز بىر قىسىم ھەمدەپنە بۇيۇملار قۇتقۇزىۋېلىندى.
: W3 V1 T2 Z8 P2 m6 z9 D! ~% F1 K
دىتال

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

42

تېما

104

يازما

3048

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
1014 سەر
تۆھپە
515 سەر
تىللا
386 دانە
جەۋھەر
3 دانە

ئاكتىپ يىڭى ئەزائاۋانگارت ئوردېنىقىزغىن ئەزا كىڭەيتىش ماھىرىنامسىز ئوردېنىتەشۋىقات ماھىرى

ۋاقتى: 2011-9-26 16:51:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يوللاپسىز بىراق،قەيەردىن ئەكەلگىنىڭىزنى ،ئاپتۇر،كىلىش مەنبىئى ،تىما قاتارلىقلارنى يىزىشنى ئۇنتۇپ قاپسىزدە؟

658

تېما

1153

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
9198 سەر
تۆھپە
2742 سەر
تىللا
6072 دانە
جەۋھەر
17 دانە
ۋاقتى: 2011-9-26 18:19:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راس دەپتۇ دىققەت قىلسىڭىز بولغۇدەك....{:soso_e143:}
ۋەكىلىنى تاللاش ھوقۇقى بولمىغان مىللەتنىڭ ۋەكىللەردىن ئۈمىد كۈتىشى بىمەنىلىكتۇر
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗