ئۇيغۇر
سەيشەنبە كۈنى (1-ئاينىڭ 27-كۈنى) ئەتىگەنلىك ئاسىيا بازىرىدا خەلقىئارالىق نەخ ئالتۇن باھاسى 1276 ئامىرىكا دوللىرى ئەتراپىدا تەۋرەندى. تۈنۈگۈن ئالتۇن باھاسى گرىتسىيە چوڭ سايلىمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ئازراق پەس كويغا چۈشتى. بۇنىڭدىن باشقا ئامرىكا زاپاس پۇل كومتىتىنىڭ قارارى ئىلان قىلىنىشتىن بۇرۇن ئالتۇن ھايانكەشلىرىنىڭ ئىھتىياتچانلىق كەيپىياتى كۈنسىرى يۇقىرلاپ، ئۇلارنىڭ پايدىغا ئىرىشىش بىسىمىمۇ ئارتىپ كەتتى. يىقىنقى مەزگىللەردە ئالتۇن باھاسى ئارقا ئارقىدىن نىفىت باھاسى، پايچەك بازىرى ۋە ھەر قايسى دۆلەت مەركىزى بانكىلىرىنىڭ ئىلان قىلغان قارارلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى. ئەمما تۈنۈگۈنكى مۇھىم ئۇچۇرلار ھەر ھالدا ئالتۇنغا نىسبەتەن پايدىلىق بولدى. - F2 l# n4 w9 w, j
Money changer شىركىتىنىڭ ئىستىراتىگىيىچىسى مۇنداق دىدى: يىقىندىن بۇيان بىز داۋاملىق ئاگاھلاندۇرۇپ كىلىۋاتقان ئالتۇن كۆمۈش باھاسىنىڭ پەسىيىش ۋاقتى يىتىپ كەلدى. بۇ قىتىملىق چۈشۈش دائىرىسى بەلكىم كىچىك بولماسلىقى مۇمكىن، ئىھتىمال ھەر ئۇنسىيە ئالتۇن باھاسى 1255.60 ئامرىكا دوللىرى ئەتراپىدا تەۋرىنىپ ئاخىرقى ھىساپتا ھەتتا 200 كۈنلۈك ئوتتۇرچە نىسبەت گىرافىك سىزىقىغا تىگىشى مۇمكىن. بۇ خىل ئەھۋال ئالدى كەينى بولۇپ، بىر ھەپتىدىن كۆپرەك داۋاملىشىشى مۇمكىن.* M2 x0 Q5 B3 V( m
دولقۇن نەزىرىيىسىنىڭ ئانالىزچىسى مۇنداق دەپ قارىدى: ئالتۇن باھاسىنىڭ بۇ قىتىملىق پەسىيىشى ئاساسلىقى 1240 ئامرىكا دوللىرىلىق ئورۇننىڭ ئەتراپىنى نىشان قىلغان. تۆۋەندىكى رەسىمدىن شۇنى كۆرىۋىلىشقا بولۇدۇكى ئالتۇن باھاسىنىڭ يىقىنقى مەزگىلدىكى ئۆسۈش يۆنىلىشى ئالدى كەينى بولۇپ، ھەرقايسى دەرىجىدىكى بەش دولقۇننى تاماملىغان. شۇ سەۋەپتىن ئانالىزچىلار بازارنى ئالدى بىلەن چۈشۈپ 1265 ئەتراپىغا كىلىدۇ. ئاندىن قاڭقىپ 1290 غا تىگىدۇ، ئاخىرىدا يەنە چۈشۈش يۆنىلىشى بويىچە مىڭىپ، 1240 ئامرىكا دوللىرىلىق ئورۇنغا كىلىدۇ دەپ تەھلىل قىلدى.
6 P+ x2 b0 Y3 G6 r$ }# o2 D' ]- F ]/ b8 p& {- |
مەزكۇر ئەسەر ئەجداد خەلقئارالىق سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ ئقتىساد مۇنبىرىدىن ئىلىندى http://xjabs.com/show/?id=2335
# W- U% n1 |% rتوردىكى ئالتۇن-كۈمۈش سودىسىغا قىزىقسىڭىز ۋە ياكى بۇ ھەقتە مەسلىھەت سورىماقچى بولسىڭىز 18699850319 بىلەن ئالاقىلىشىڭ ./ w7 M! J0 s. g6 O" `: Y7 J
( تەرجىمىدە دىلنۇر )/ ?- N2 M/ s3 }# J
ئىزدە
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |