- تۆھپە
- 1927
- تىللا
- 5269
- قىزغىنلىق
- 7254
- توردا
- 1164 سائەت
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-9-30
- تىزىملاتقان
- 2011-9-21
- ئالبوم
- 4
- بلوگ
- 0
- خاتىرە
- 65
- دوست
- 27
- يازما
- 882
- تېما
- 567
- ھوقۇقى
- 200
- جۇغلانما
- 22661
- نادىر
- 15
- ھەمبەھر
- 5
- UID
- 1
  
- تۆھپە
- 1927
- تىللا
- 5269
- قىزغىنلىق
- 7254
- تېما
- 567
- يازما
- 882
|
مائارىپ
خوتەن قەغىزى ۋارىسى توختى باقى بوۋاينى زىيارەت
3 Q9 l$ X' p. K, x w
9 d# n9 w% _9 `/ }2 K. {
/ g) W; N1 P2 I$ w$ M5 f+ [; M
بۇ يىل يەنى 2011- يىلى 10- ئاينىڭ 1- 2- كۈنى ئالىي مەكتەپتىكى ساۋاقداشلار خوتەن دىيارىدا ئىككى كۈنلۈك كوللېكتىپ زىيارەتتە بولدۇق، خوتەنلىك ساۋاقداشلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن « ياڭاق پادىشاھى»،« ئەنجۈر پادىشاھى»، «مىڭ يىللىق چىنار»، « ياڭاق يېتىشتۈرۈش بازىسى» ، « يىپەكچىلىك قول- ھۈنەرۋەنچىلىك كارخانىسى»، « مىخ دەرىخى»، « سوپۇن دەرىخى» قاتارلىقلارنى زىيارەت قىلدۇق.
& Q: |2 B8 d. D, Z; {7 h6 Q
2 o# q: d5 T) A. x, j9 [% [7 a* Xبۇ جەرياندا بىز نامىنى كۆپ ئاڭلىغان بىباھا مەدەنىي مىراسىمىزنىڭ ئىزى ساقلانغان، خوتەن شەھرىدىن 22 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى قاراقاش ناھىيەسىدىكى « خوتەن قەغىزى» مەھەللىسىدىكى
( [. M8 |0 g% j" X
@; r$ j9 {7 D9 A! ?" {" \6 h
4 `" y- d$ n) }3 j8 J; Mخوتەن قەغىزىنىڭ ۋارىس خوتەن قەغىزى ياساش تېخنىكىسىنىڭ بىردىن بىر ۋارىسى —قاراقاش ناھىيە پۇرچاقچى يېزىسىدىكى 95 ياشلىق توختىباقى تۇردى ئاكىمىزنىڭ قورۇسىنى زىيارەت قىلىش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولدۇق.0 a% p u/ K) g/ Y
% b) V, _, V) [
راستىمنى ئېيتسام بۇنداق پۇرسەتكە نائىل بولۇشۇمنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن. ھەرھالدا قولۇمدا رەقەملىك سۈرەت ئاپاراتى باركەن. شۇنىڭدىن پايدىلىنىپ بۇ زىيارەتنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى سىنلىۋالدىم. تۆۋەندە بۇ سىننى تورداشلارغا سۇنۇشتىن ئاۋۋال « خوتەن قەغىزى » ھەققىدە توردىن توپلىغان ئازغىنا ئۇچۇرنى تورداشلارغا سۇنىمەن.2 M! p" O+ d; Z5 h7 l% v+ y% A
$ d4 w" q( X# \2 S0 _
5 }8 F' [2 T, f y" Y
# o! q7 k. ^+ W
ئۇيغۇر خوتەن قەغەزچىلىقى
: K( c, F* H' e+ n* z& M. Q; C4 fئىستانبۇلدا 13 – سېنتەبىردىن 13 – ئۆكتەبىرگىچە بىر ئاي داۋام قىلماقچى بولغان مىللەتلەر قول ھۈنەرۋەنچىلىك ، مەدەنىيەت يەرمەنكىسىدە ئۇيغۇر مەدەنىيەت مىراسلىرى ھەم قول ھۈنەرۋەنچىلىك ، گۈزەل سەنئەت بويۇملىرى ۋە ئىككى مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە ئۇيغۇر خوتەن قەغىزىگىمۇ ئورۇن بېرىلگەن.; ]& i" j: b0 g9 b
ئىستانبۇلدا داۋام قىلىۋاتقان مەزكۇر خەلقئارالىق يەرمەنكىدە ئۇيغۇر مەدەنىيەت بويۇملىرىنىڭ تونۇلۇشى ئۈچۈن ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان ، تۈركىيىدىكى داڭلىق ئەينەك سەنئەتچىسى ۋە ئۇيغۇر قەغەزچىلىك مەدەنىيىتى تەتقىقاتچىسى ئوغۇزخان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر يەرمەنكىدە ھەم باشقا مەدەنىيەت ساھەسىدە خوتەن قەغىزى بارغانچە ئېتىبارغا ئېرىشىشكە باشلىغان.; ]1 q8 a7 j/ h
“خوتەن قەغىزى” ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككى مىڭ يىلدىنمۇ ئارتۇق تارىخقا ئىگە مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ بىرى، ئەمما دەۋرىمىزدە خوتەن قەغىزى ياساشتىن ئىبارەت قەدىمىي ھۈنەرنى بىلىدىغانلار ساناقلىقلا قالدى. خوتەن ۋىلايىتى قارىقاش ناھىيىنىڭ پۇرچاقچى يېزىسى بۇددا كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق 80 ياشتىن ھالقىغان توختى باقى ، ئەنە شۇ تەۋەرۈك ئاتا كەسپىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن 10 – ئەۋلاد خوتەن قەغىزى ئۇستىسى ھېسابلىنىدۇ.4 W% {, {4 q: r. u6 n |
بەزىلەر بۇ كىشىنى خوتەن قەغىزىنى ياسىيالايدىغان ئەڭ ئاخىرقى ئەۋلاد بولۇپ قېلىشى مۇمكىن دېگەن ئەندىشىلەرنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. ئەجىبا بۇ بوۋايدىن كېيىن خوتەن قەغىزى ياسىيالايدىغان كىشى تېپىلماسمۇ ؟ بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلار خوتەن قەغىزىدىن ئىبارەت نەچچە مىڭ يىللار ساقلىنىپ كەلگەن بۇ قىممەتلىك مەدەنىيەت مىراسىدىن ئايرىلىپ قالارمۇ؟
; s5 t7 p3 E/ a1 I( J
+ y0 c; L; j2 E! M$ oئۇيغۇر مىراسى-خوتەن قەغىزى Uyghur mirasi-xoten qeghizi
5 l2 X' `1 a( E" N1 Q( O* r. X1 F! W0 h# C
قىممەتلىك مىراس – خوتەن قەغىزى
3 |) U& F e- a5 M: r; ?
' ~2 w! \4 x6 C2 C! Z( 2009- يىلدىكى تور ئۇچۇرىدىن)' v9 }/ N: ~# p1 B
: a, m$ x" r- a+ Sئۈژمە قوۋزاقلىرى قاتارلىق پۈتۈنلەي تەبئىي خام ئەشيالارنى ئاساسلىق ماتېرىيال9 I7 F! ~& u2 j# H
قىلىپ قەدىمىي ئۇسۇلدا ياسىلىدىغان خوتەن قەغىزى،ئۇيغۇر قول ھۆنەرۋەنچىلىكىنىڭ ئېسىل نەمۇنىسى، خوتەن قەغىزى ئاسانلىقچە يىرتىلمايدۇ ، چىرىمايدۇ ، ئەۋرىشىملىككە ئىگە، قاتلىشىپ كەتسىمۇ تۈزلەپ ئىشلىتىشكە ئەپلىك ،كۈن نۇرى ياكى نەملىكتىن ئۆزگەرمەيدۇ، رەڭگى ئاق سۈپەتلىك بولۇپ قاش تېشى سۈركەپ پاتلانغاندىن كېيىن يۈزى سىلىقلىشىدۇ، ئۇنىڭغا ھەر قانداق قەلەم بىلەن خەت ياكى رەسىم سىزغاندا رەڭ يېيىلمايدىغان ، ئۇزاق يىللارغىچە رەڭگى ئۆڭمەيدىغان ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە.5 M6 V* n, b) F" ^
ئۇيغۇرلار ئۇزاق تارىخىي مەدەنىيىتىدە خوتەن قەغىزىنى ،خەت -چەك، دىنىي ۋە ئەدەبىي خاتىرىلەرنى يېزىش، ۋەسىقىلەرنى يېزىشقا ئوخشاش مەتبەدە ئىشلەتكەندىن سىرت ، كىيىم كېچەك، دوپپا تىكىشتە قاتۇرما قىلىش ھەم مىللىي تىبابەت دورىلىرىنى ،قەن- ناۋات ، تاتلىق گېزەكلەرنى ئوراش، ئىشىك ، دېرىزە كۈزنەكلىرىنىڭ يېرىقلىرىغا چاپلاپ توپا - چاڭدىن ساقلىنىش …قاتارلىق ھەر ساھەلەردە كەڭ قوللانغان.
: e- G( J% K: c/ ^* C, v3 p7 ]شۇ ۋەجىدىن خوتەن قەغىزى يىپەك يولى سودىسىدا يۇقىرى تاۋار قىممىتىگە ئىگە ، مەشھۇر بولغان قول ھۈنەرۋەنچىلىك مەھسۇلاتى ،گەرچە ئۇزاق تارىختىن بۇيان ئۇيغۇر مەدەنىي ھاياتىدا ھەم كۈندىلىك تۇرمۇشتىمۇ كەڭ قوللىنىلغان قەغەز بولسىمۇ ، بىراق ھازىرقى زامان سانائىتىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچراپ كەڭ كۆلەمدە ئىشلەپچىقىرىلىشتىن توختىغان ھەمدە بارغانچە تار دائىرىدە قوللىنىلىدىغان بىر خىل يەرلىك خاراكتېرىگە ئىگە بويۇم بولۇپ خوتەننى مەركەز قىلىپ ئۇششاق قول ھۈنەرۋەنچىلىك شەكلى بىلەن ساقلىنىپ قالغان.' s, J: P* j( Z6 {( O, J1 s5 r# O
9 S) r E! D& i# ?+ \
يىراق يېزىدىكى داڭلىق ھۈنەرۋەن0 S- q W/ Q8 @% m1 P
2002 – يىلى ئامېرىكا سىمىتسونىيون مۇزىيىنىڭ ۋاشىنگتوندا ئويۇشتۇرغان يىپەك يولىدىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت بايرىمىدا ،خوتەننىڭ يىراق يېزىسىدىن كەلگەن بېشىغا چىرايلىق گۈللۈك دوپپا كىيگەن 80 ياشلاردىكى بىر بوۋاينىڭ ياشىنىپ قالغىنىغا قارىماي چاققانلىق بىلەن شاخ - شۇمبا ، قەدىمىي ، ئىپتىدائىي ئەسۋابلار بىلەن بىر دەمدىلا ئۆزگىچە قەغەز ۋاراقچىلىرىنى ياساپ ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمىي قەغەزچىلىك ھۈنىرىنى كۆرسىتىشى كىشىلەرنىڭ ئەقلىنى لال قىلدى. مانا بۇ خوتەننىڭ قاراقاش ناھىيىسى پۇرچاقچى يېزا بۇددا كەنتىدە ياشاپ ،خوتەن قەغىزى ياساشتىن ئىبارەت ئاتا كەسپىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئونىنچى ئەۋلاد ، خوتەن قەغىزى ئۇستىسى توختى باقى ئاكا ئىدى., M# a3 [- f3 y0 Y$ i
خوتەن قەغىزى – ئېلىمىشنىڭ دۇنيا مەدەنىيەت تارىخىدىكى تۆت چوڭ كەشپىياتىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ئۇزاق تارىختىن بۇيان مىللىي قول سانائىتىمىزدە مۇھىم ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن. دەرۋەقە، بۈگۈنكى زاماننىڭ يېڭىچە سانائىتى گەرچە ئۇنى بازار ئىگىلىكى ۋە تاۋار قىممىتىدىن سىقىپ چىقارغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ تارىخىي قىممىتى ھامان سىزنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ يېزىق تارىخىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان نۇرغۇنلىغان تارىخىي ۋەسىقىلەر، ئەدەبىي ئەسەرلەر، ھەرخىل ئىلىم – پەن ھۈججەتلىرى ئەنە شۇ خوتەن قەغىزىگە پۈتۈلگەن بولۇپ، قىممەتلىك مەدەنىي مىراس سۈپىتىدە دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن. قەدىمكى«يىپەك يولى» سودىسىدا يۇقىرى تاۋار قىممىتىگە ئىگە بولۇپ، «خوتەن قەغىزى»نامى بىلەن ئەتراپقا داڭقى يېيىلغان. چۈنكى «خوتەن قەغىزى» ئاسانلىقچە يىرتىلمايدىغان ۋە چىرىمەيدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە، ئۇ ئەۋرىشىمچان بولغاچقا، خەت يېزىشتىن باشقا يەنە دورا – دەرمانلارنى ئوراش، كىيىم – كېچەكلەرگە قاتۇرما قىلىش، ھەرخىل گۈزەل – سەنئەت بۇيۇملىرىنى ياساش قاتارلىق ساھەلەردىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.' n( P5 y8 w9 V
خوتەن قەغىزىنى ئىشلەش خوتەننى مەركەز قىلغان ھالدا، يەكەن ۋە قەشقەرلەرگىچە كەڭ ئومۇملاشقان. شۇنىڭ ئۈچۈن، خوتەن شەھىرى (ئىلچى) دىكى بىر قانچە مەھەللىلەر ھازىرغىچە «قەغەز مەھەللىسى» دېگەن نامى بىلەن ئاتىلىپ كەلمەكتە., J7 b. ]9 b7 I1 w: V
ياسىلىش ئۇسۇلى: خوتەن قەغىزىنىڭ ئاساسلىق خام ئەشياسى «سامان قەغىزى» نىڭ خام ماتېرىياللىرىغا ئوخشاشمايدىغان ھالدا، توغراق ۋە ئۈجمە دەرىخىنىڭ قوۋزىقىدىن ئىبارەت. دەسلەپ توغراق ياكى ئۈجمە قوۋزىقىنى يىغىپ ئۇنى سۇغا چىلاپ قويىدۇ. قوۋزاق بىرئاز يۇمشىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ سىرتقى قوپال قاتلىمىنى سويۇپ ئېلىۋېتىپ، ئىچىدىكى بىر قەۋەت نېپىز ئاپئاق قەۋىتى ئايرىۋېلىنىدۇ. مانا شۇ خوتەن قەغىزىنىڭ ئاساسىي خام ماتېرىيالى ھېسابلىنىدۇ. بۇ قەۋەتنى قازاندا ئىككى سائەتچە قاينىتىپ بوتقا (لاتقا) قىلىنىدۇ. بۇ قوۋزاق بوتقىسىنى ياغاچ توقماق بىلەن سوقۇپ ئەزگەندىن كېيىن، مەخسۇس ياغاچ تۇڭغا سېلىپ، ئۈستىگە مەلۇم مىقداردا سۇ قۇيىدۇ ۋە ئۇنى توختىماي قوچۇپ ئۇماچقا ئايلاندۇرۇلىدۇ.
: Z7 w7 ]( \/ H& I; G* ]' \$ z$ sئىككىنچى باسقۇچتا، بۇ قوۋزاق ئۇمىچىنى مەخسۇس ياسالغان چۆمۈچ (يېچكوك دېيىلىدۇ) ئارقىلىق ئۆلچەملىك ياغاچ قېلىپقا تەكشى قۇيۇپ، سۇ كۆلچىكىدە سۈزۈلىدۇ. قېلىپنىڭ يۈزى تەكشىلەنگەندىن كېيىن، شۇ پېتى كۈن نۇرىغا قاقلاپ قويۇلىدۇ. قەغەز بوتقىسى قۇرۇغاندىن كېيىن، قەغەزنى قېلىپتىن سويۇۋالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن دەسلەپكى قەغەز تاختىسى پۈتىدۇ. بۇنداق قەغەزنىڭ بىر تاختىسى ياسىلىپ چىقىش ئۈچۈن، تەخمىنەن سەككىز – ئون چېلەك سۇ سەرپ قىلىنىدۇ. ئەگەر ماتېرىيال تەييار بولسا، بىر قەغەزچى ئۇستا بىر كۈندە بۇنداق قەغەزدىن ئۈچ يۈز تاختا ياساپ چىقالايدۇ. بۇنداق قەغەزنى قېلىپتىن ئالغاندىن كېيىن ئىشلىتىشكە بولىدۇ. ئەگەر ئۇنى تېخىمۇ سىپتا ۋە پارقىراق قىلىپ پىششىقلاپ ئىشلەشكە ھاجەت تۇغۇلسا، گۈرۈچنى ئېزىلگۈچە قاينىتىپ ئەلگەكتنى ئۆتكۈزۈپ، ھېلىقى قەغەز يۈزىنى تەكشى پاتلاپ، قاشتېشى بىلەن سۈركەپ سىلىقلايدۇ. قەدىمكى مۇھىم تارىخىي ھۈججەتلەر پۈتۈلگەن قەغەزلەر مانا شۇ سىلىقلانغان خوتەن قەغىزىدۇر.6 X. e# V5 w* _9 _+ f4 n. H
قولغا تايىنىپ خوتەن قەغىزىنى ياساش بۈگۈنكى كۈندە بارغانسېرى قوقىلىشقا يۈزلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ بىر خىل ئەنئەنىۋى قول ھۈنەر – سەنئىتى سۈپىتىدە تارىختىن ئۆچكىنى يوق. ھازىرمۇ دوپپىچىلار ۋە دورىپۇرۇشلار بۇ قەغەزنى ئىشلىتىپ كەلمەكتە. Y7 r$ j/ r/ V
8 a9 [! q" k" Y$ ?خوتەن قەغىزى& O7 j5 Z v: v: c" R
ئىمىنجان كېرىم ئاقشەھىرى( T6 D0 x# v) d7 B- t7 F+ m2 w
- V" w0 d/ R. ?ئىپتىخارىم، شۆھرىتىم، پەخرىم خوتەن قەغىزى،
9 t/ k9 f4 F+ c/ V, t# W: O. L% Yشەربەت تۆكەر سۆزلىسەم تىلىم، خوتەن قەغىزى،1 q; S3 z8 h" s) g O3 i+ D
8 U# ]! P0 @4 J; H% J1 Sساڭا كەلكۈن مۇھەببەت – مېھرىم خوتەن قەغىزى،; C& q9 m5 D5 F
شان – شەرەپتىن يايرىدى دىلىم خوتەن قەغىزى،
8 z+ G& P0 V* s
. ?! \1 g; Q1 F( _ھېكمىتىڭدۇر ھۆرمىتىم، دىتىم خوتەن قەغىزى،( L9 C& d0 h! ~# L: r1 T6 j- i# W5 u# h
ئىجاد – مېھنەت تۆرىدە تەختىم خوتەن قەغىزى.
# `7 p G/ h8 Y4 g+ Q" ?7 q. X6 E+ _9 o; d: k q
سەندە ئايان خەلقىمنىڭ ئەسىر – ئىرا، يىللىرى،' F% R: O; z) Z+ B% m( L( Y
بىلدى قىممەت – تۇتىيا سېنى يۈسۈپ، قەشقەرى،+ `) B$ s/ a4 N+ ~/ H3 S
: E: Z4 C0 z/ L( s. N o/ Jئۇل يۈكنەكى، فارابىي، رابغۇزى ۋە زەلىلى،8 P0 x3 A1 j) f) q) p
نازىم، گۇمنام، ناۋائىي، ئاتايى ھەم نىزارى،
/ O+ J4 K- ]% U" H
/ J) W, |4 x0 d! L9 Dكۆككە تەڭداش شۆھرەتلىك پۈتتى قامۇس ھەربىرى،
! @" G: Y8 ?* c# F, }) U% y4 mساڭا چوڭقۇر سۆيگۈ يار بەختىم خوتەن قەغىزى., }0 `- S! j/ a. y& u
2 R2 m, }( I4 c6 [پاراسەتكە يول ئاچار زېھنىم ھەر چاغ سەن بىلەن،
+ ?# {8 v( D$ t# d2 X& J7 m3 T6 n& V1 ~, s: K1 t
تولۇپ بارار كۈنسېرى ئەقلىم ھەرچاغ سەن بىلەن،
* h1 G' J+ L6 X( D2 U* M, d, a M" g, k
پەرۋاز قىلار يىراققا پىكرىم ھەرچاغ سەن بىلەن،
/ V& v+ q. w( t7 x, bدەريا كەبى دولقۇنلار قېنىم ھەرچاغ سەن بىلەن،
8 w- i7 t6 d) g9 A5 p8 C% Q7 C: ]; m$ Y* A2 E+ ]; S9 p: [
شادلىنىدۇ، ياشنايدۇ جېنىم ھەر چاغ سەن بىلەن،+ ~9 _% w: O! H! o$ S2 ]$ \
ئوچۇق – يورۇق مەڭگۈگە چېھرىم خوتەن قەغىزى.
8 z" f- Q( X1 l6 {- D( _- Q L5 i! X; \
( g% w$ J- [' J
2 N2 V, a5 T8 t( ~8 G6 nمەنبە : ئىنتىل تورى
+ |* ^( X. _5 Y! ?
, v, f2 y# q; B+ ]% cئىزدە
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |
 مەزكۈر ئەسەرنى يۇقىرقى كود ئارقىلىق ئۈندىدارغاقۇشىۋېلىڭ[ 教程]
|