مائارىپ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا dilnur1214 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-22 13:21
- J4 _3 O( E: m! j/ h* H6 a( f" }6 Z7 D5 T0 W
(Bretton Woods system) برېتون ئورمانلىقى سېستىمىسى بولسا 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى مەھسۇلات، 1944-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى، ب د ت پۇل مۇئامىلە يىغىنى برېتون ئورمانلىقىدا ئېچىلغان، 44 دۆلەتنىڭ ھۆكۈمەت ۋەكىلى يىغىنغا قاتناشقان. مۆھلىتى 20 كۈنلۈك يىغىندا، ۋەكىللەر خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى، خەلقئارا گۈللىنىش بانكىسىنىڭ تەسىس قىلىنىشى ۋە باشقا خەلقئارا پۇل مۇئامىلە ھەمكارلىقى قاتارلىق ئىشلارنى مۇنازىرە قىلىپ، ئۇلار بىر يېڭى خەلقئارا پۇل تۈزۈمى ئورنىتىشقا قوشۇلغان، ئامېرىكا دوللىرىنى مەركەز قىلغان مۇقىم پىرۋوت نىسبەت تۈزۈلمە سېستىمىسى ئورناتقان. 1945-يىلى 12-ئايدا، «Bretton Woods Agreements»«برېتون ئورمانلىقى كېلىشىمى » كۈچكە ئىگە بولغان، ئەينى ۋاقىتتىكى قالايمىقان خەلقئارا پۇل تەرتىپىنى ئاخىرلاشتۇرۇش، خەلقئارا سودا ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق شارائىت يارىتىش ئۈچۈن، ئۇ ئامېرىكا دوللىرى بىلەن ئالتۇننىڭ مۇناسىۋىتىنى باغلىغان، ئەزا دۆلەت پۇلى ۋە ئامېرىكا دوللىرى مۇناسىۋىتىنى باغلىغان، تەڭشىگىلى بولىدىغان پىرۋوت تۈزۈمىنى يولغا قويغان.
?& U: F% T! u- d) m4 [# ]1971-يىلى 8-ئايدا، ئامېرىكا نېكسون ھۆكۈمىتى « ئالتۇن بىرلىكى تۈزۈمى» دىن ۋاز كەچكەنلىكىنى ئېلان قىلىپ، ئالتۇن بىلەن دوللارنىڭ سېلىشتۇرما باھاسىنىڭ ئەركىن تۇراقسىزلىقىنى يولغا قويغاندىن كېيىن، برېتون ئورمانلىقى سېستىمىسى رەسمىي پارچىلاندى. ئەمما ھەرقېتىم دۇنيا ئىقتىسادى كىرزىسقا دۇچ كەلگەندە خەلقئارا پۇل يېڭى تەرتىپىنى قايتا قۇرۇپ چىقىش مۇراجىتى پەيدا بولىدۇ.2 X/ V9 z. b q2 N6 g
(Benn Steil) بېن ستېيىل « برېتون ئورمانلىقى پۇل ئۇرۇشى- ئامېرىكا دوللىرى دۇنيانى قانداق كونترول قىلىۋاتىدۇ» ناملىق كىتابنى يېزىپ، برېتون ئورمانلىقى سېستىمىسىنىڭ قۇرۇلۇش جەريانىنى تەپسىلىي چۈشەندۈرگەن، گەرچە تارىخشۇناس بولمىسىمۇ، ئەمما كىتابتا كۆپلىگەن يىغىن ھالقىلىرىنى ئاشكارلىغان.1 f6 F8 t: |" G: l; I
1971-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى، 44 دۆلەتنىڭ يۈزلىگەن سىياسىيونلىرى ئامېرىكىنىڭ يېڭى ھامپىشىر شىتاتىدىكى «ۋاشىنگىتون تېغى تاماقخانىسى» نى يوقلاپ بارغان، تاماقخانىنى ھاپىلا-شاپىلا يېڭىلىدى، ئەسلىھە ۋە مۇلازىمەتچىلەر يىتىشمىدى، ئەمما ئەتىراپتىكى برېتون ئورمانلىقىنىڭ ھەشەمەتلىك مەنزىرىسى بۇ كەمچىلىكنى تولۇقلىدى. برېتون ئورمانلىقى يىغىنى 2-دۇنيا ئۇرۇشى ئاياقلىشىدىغان ۋاقىتتا ئېچىلغان، بىر قانچە يىللىق ئۇرۇشتىن كېيىن كىشلەر 2-دۇنيا ئۇرۇشى ئاياقلىشىدىغان ۋاقىتتا ئامېرىكىنىڭ بۇ قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىدىكى ئەڭ چوڭ غەلبە قىلغۇچى ئىكەنلىكىنى بايقىدى. ئىقتىسادتا، ئامېرىكا ئىگە بولغان ئالتۇن ئەينى ۋاقىتتىكى ھەرقايسى دۆلەت ئالتۇن زاپىسىنىڭ 75% تىدىن ئېشىپ، خۇددى پۈتۈن دۇنيانىڭ ئالتۇنى ئۇرۇش ئارقىلىق بۇ تۈزۈلمىدە ئامېرىكىغا ئېىپ كەتتى. ئەنگىلىيە بولسا ئۇرۇشتىكى ئەڭ چوڭ غەلبە قىلغۇچى دۆلەت، ئەمما بۇ دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچىرىدى.8 E$ E# t: x/ L$ `2 O9 B2 p3 ~
ئەنگىلىيە، ئامېرىكا ئىككى دۆلەت ئۆز دۆلىتىنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىپ، ئۇرۇشتىن كېيىنكى خەلقئارا پۇل سېستىمىسىنى لاھىيەلەپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا «ۋايىت پىلانى» ۋە «كاينىس پىلانى» ئوتتۇرىغا قويدى. ۋايىت ئەينى ۋاقىتتا ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىكىنىڭ ياردەمچى باشلىقى ئىدى، ئۇرۇشتىن كېيىنكى ئامېرىكىنىڭ دۇنيانىڭ 3\\2 ئالتۇن زاپىسى ۋە كۈچلۈك ھەربىي ئىشلار ئەمەلىي كۈچىگە ئىگە بولغان چوڭ دۆلەتلىك ئورنىدىن پايدىلىنىپ، ئۇنىڭ ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئورنىنى كۈچەيتىش تەشەببۇسى ئەنگىلىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى، ئىقتىسادشۇناس كاينىسنى مەغلۇپ قىلىپ، «ۋايىت پىلانى» برېتون ئورمانلىقى يىغىنىدىكى ئەڭ ئاخىرىدا ماقۇللارنغان قارار كۆك تاشلىق كىتابقا ئايلاندى. بۇ ھەم ئامېرىكىنىڭ رەسمىي ھالدا ئەنگىلىيەنىڭ دۇنيا ئىقتىسادى خوجىدارلىق ئورنىنى ئېلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. O: e+ w/ Y! D/ C! C3 L( Z
برېتون ئورمانلىقى سېستىمىسى بولسا «ئالتۇن بىرلىكى تۈزۈمى» يىمىرىلگەندىن كېيىنكى بىر يېڭى خەلقئارا پۇل سېستىمىسى بولۇپ، بۇ سېستىما ئالتۇننى ئاساس قىلغان، ئامېرىكا دوللىرىنى ئەڭ مۇھىم خەلقئارالىق زاپاس پۇل قىلغان. ئامېرىكا دوللىرى بىۋاستە ھالدا ئالتۇن بىلەن باغلانغان، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ پۇلىنى ئامېرىكا دوللىرى بىلەن باغلىغان، شۇ سەۋەبتىن، بۇ سېستىما ھەم ئامېرىكا دوللىرى-ئالتۇن تۈزۈمى سېستىمىسى دېيىلىدۇ. برېتون ئورمانلىقى سېستىمىسىنىڭ قۇرۇلىشى، ئۇرۇشتىن كېيىنكى ئۇزۇن بىر مەزگىلدە، خەلقئارا سودا بوشلۇقى تەرەققىياتى ۋە پۈتۈن دۇنيا ئىقتىسادىغا بارغانسىرى ئۆزئارا بېقىندىلىق دەۋر ئېلىپ كەلدى.9 Y( z# e! K8 H J
; m$ H" X4 V7 @/ X, I" r, L- T5 E
" S4 p0 g; V: a" P0 vنۇر تورىدىن ئىلىندى
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |